Surah Al-FatihahBegins here at 1:1
-
1:1
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
Bismil lahir Raḥmaanir Ra-ḥeem
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
-
1:2
ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
Al-Ḥamdu Lillaahi Rabbil ʻAalameen;
جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
-
1:3
ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ʹAr-Raḥmaanir Raḥeem;
ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر.
-
1:4
مَـٰلِكِ يَوْمِ ٱلدِّينِ
Maaliki Yawmid Deen!
قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر.
-
1:5
إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ
ʹIyyaaka naʻbudu wa-ʹiyyaaka nastaʻeen.
(رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز.
-
1:6
ٱهْدِنَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلْمُسْتَقِيمَ
ʹIhdinaṣ Ṣiraaṭal Mustaq̣eem.
بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن.
-
1:7
صِرَٰطَ ٱلَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ ٱلْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا ٱلضَّآلِّينَ
Ṣiraaṭal laẓeena ʹanʻamta ʻalayhim G̣ayril mag̣ḍoobi ʻalayhim wa-laḍ ḍaaalleen.
غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن).
Surah Al-BaqarahBegins here at 2:1
-
2:1
الٓمٓ
ʹAlif-laaam-meeem.
ئەلىف، لام، مىم.
-
2:2
ذَٰلِكَ ٱلْكِتَـٰبُ لَا رَيْبَ ۛ فِيهِ ۛ هُدًى لِّلْمُتَّقِينَ
Ẓaalikal Kitaabu laa - rayba feeh. Hudal lil-Muttaq̣een;
بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر.
-
2:3
ٱلَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِٱلْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَمِمَّا رَزَقْنَـٰهُمْ يُنفِقُونَ
ʹAllaẓeena yuʹminoona bil-G̣aybi wa-yuq̣eemoonaṣ Ṣalaata wa-mimmaa razaq̣naahum yuñfiq̣oon;
ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىغا) سەرپ قىلىدۇ.
-
2:4
وَٱلَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيْكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبْلِكَ وَبِٱلْـَٔاخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ
Wallaẓeena yuʹminoona bimaaa ʹuñzila ʹilayka wa-maaa ʹuñzila miñ q̣ablik, wa-bilʹAakhirati hum yooq̣inoon.
ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا، سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ.
-
2:5
أُو۟لَـٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدًى مِّن رَّبِّهِمْ ۖ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ
ʹUlaaaʹika ʻalaa Hudam mir Rabbihim, wa-ʹulaaaʹika humul Mufliḥoon.
ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.
-
2:6
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ سَوَآءٌ عَلَيْهِمْ ءَأَنذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
ʹInnal laẓeena Kafaroo sawaaaʹun ʻalayhim ʹaʹañẓartahum ʹam lam tuñẓirhum laa yuʹminoon.
شۈبھىسىزكى، كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، بەرىبىر، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
-
2:7
خَتَمَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَعَلَىٰ سَمْعِهِمْ ۖ وَعَلَىٰٓ أَبْصَـٰرِهِمْ غِشَـٰوَةٌ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
Khatamal laahu ʻalaa q̣uloobihim wa-ʻalaa samʻihim, wa-ʻalaaa ʹabṣaarihim g̣ishaawah; wa-lahum ʻaẓaabun ʻaz̤̣eem.
ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن (ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ)، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن (ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ)، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
-
2:8
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَبِٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ وَمَا هُم بِمُؤْمِنِينَ
Wa-minan naasi mañy yaq̣oolu ʹaamannaa billaahi wa-bil-Yawmil ʹAakhiri wa-maa hum̃ bimuʹmineen.
كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ (يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن، كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ).
-
2:9
يُخَـٰدِعُونَ ٱللَّهَ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
Yukhaadiʻoonal laaha wallaẓeena ʹaamanoo: wa-maa Yakhdaʻoona ʹillaaa ʹañfusahum wa-maa yashʻuroon.
ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.
-
2:10
فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ فَزَادَهُمُ ٱللَّهُ مَرَضًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌۢ بِمَا كَانُوا۟ يَكْذِبُونَ
Fee q̣uloobihim maraḍuñ fazaadahumul laahu Maraḍaa. Wa-lahum ʻaẓaabun ʹaleemum̃ bimaa Kaanoo Yakẓiboon.
ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
-
2:11
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا تُفْسِدُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ قَالُوٓا۟ إِنَّمَا نَحْنُ مُصْلِحُونَ
Wa-ʹiẓaa q̣eela lahum laa- tufsidoo fil ʹarḍi q̣aalooo ʹinnamaa naḥnu muṣliḥoon.
ئۇلارغا: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ.
-
2:12
أَلَآ إِنَّهُمْ هُمُ ٱلْمُفْسِدُونَ وَلَـٰكِن لَّا يَشْعُرُونَ
ʹAlaaa ʹinnahum humul mufsidoona wa-laakil laa yashʻuroon.
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ.
-
2:13
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ ءَامِنُوا۟ كَمَآ ءَامَنَ ٱلنَّاسُ قَالُوٓا۟ أَنُؤْمِنُ كَمَآ ءَامَنَ ٱلسُّفَهَآءُ ۗ أَلَآ إِنَّهُمْ هُمُ ٱلسُّفَهَآءُ وَلَـٰكِن لَّا يَعْلَمُونَ
Wa-ʹiẓaa q̣eela lahum ʹaaminoo kamaaa ʹaamanan naasu q̣aalooo ʹanuʹminu kamaaa ʹaamanas sufahaaaʹ? ʹAlaaa ʹinnahum humus sufahaaaʹu wa-laakil laa yaʻlamoon.
ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا): «ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك (چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن) ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر، لېكىن (بۇنى) ئۇلار تۇيمايدۇ.
-
2:14
وَإِذَا لَقُوا۟ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَوْا۟ إِلَىٰ شَيَـٰطِينِهِمْ قَالُوٓا۟ إِنَّا مَعَكُمْ إِنَّمَا نَحْنُ مُسْتَهْزِءُونَ
Wa-ʹiẓaa laq̣ul laẓeena ʹaamanoo q̣aalooo ʹaamannaa, wa-ʹiẓaa Khalaw ʹilaa Shayaaṭeenihim q̣aalooo ʹinnaa maʻakum ʹinnamaa naḥnu mustahziʹoon.
ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ، شاياتۇنلىرى (يەنى مۇناپىق كاتتىباشلىرى) بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز، پەقەت (تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ) مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز» دەيدۇ.
-
2:15
ٱللَّهُ يَسْتَهْزِئُ بِهِمْ وَيَمُدُّهُمْ فِى طُغْيَـٰنِهِمْ يَعْمَهُونَ
ʹAllaahu yastahziʹu bihim wa-yamudduhum fee ṭug̣yaanihim yaʻmahoon.
مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ.
-
2:16
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشْتَرَوُا۟ ٱلضَّلَـٰلَةَ بِٱلْهُدَىٰ فَمَا رَبِحَت تِّجَـٰرَتُهُمْ وَمَا كَانُوا۟ مُهْتَدِينَ
ʹUlaaaʹikal laẓeenash tarawuḍ ḍalaalata bilhudaa: famaa Rabiḥat tijaaratuhum wa-maa Kaanoo Muhtadeen.
ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ، گۇمراھلىقنى ئالدى. شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى.
-
2:17
مَثَلُهُمْ كَمَثَلِ ٱلَّذِى ٱسْتَوْقَدَ نَارًا فَلَمَّآ أَضَآءَتْ مَا حَوْلَهُۥ ذَهَبَ ٱللَّهُ بِنُورِهِمْ وَتَرَكَهُمْ فِى ظُلُمَـٰتٍ لَّا يُبْصِرُونَ
Mas̤aluhum Kamas̤alil laẓis tawq̣ada Naaraa; falammaaa ʹaḍaaaʹat maa- ḥawlahoo ẓahabal laahu binoorihim wa-tarakahum fee z̤̣ulumaatil laa Yubṣiroon.
ئۇلار گوياكى (كېچىدە ئىسسىنىش ۋە يورۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن) ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئوتىنىڭ) يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئۇلارنى (ئەتراپىدىكى ھېچ نەرسىنى) كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى.
-
2:18
صُمٌّۢ بُكْمٌ عُمْىٌ فَهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
Ṣummum bukmun ʻumyuñ fahum laa- yarjiʻoon.
ئۇلار گاستۇر (يەنى گاس ئاڭلىمىغاندەك، ياخشىلىقنى ئاڭلىمايدۇ)، گاچىدۇر (يەنى گاچا سۆزلىيەلمىگەندەك، ياخشى ئىشنى سۆزلىيەلمەيدۇ)، كوردۇر (يەنى كور بولۇپ قالغاندەك، توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار (گۇمراھلىقتىن) قايتمايدۇ.
-
2:19
أَوْ كَصَيِّبٍ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ فِيهِ ظُلُمَـٰتٌ وَرَعْدٌ وَبَرْقٌ يَجْعَلُونَ أَصَـٰبِعَهُمْ فِىٓ ءَاذَانِهِم مِّنَ ٱلصَّوَٰعِقِ حَذَرَ ٱلْمَوْتِ ۚ وَٱللَّهُ مُحِيطٌۢ بِٱلْكَـٰفِرِينَ
ʹAw kaṣayyibim minas samaaaʹi feehi z̤̣ulumaatuñw wa-raʻduñw wa-barq̣: yajʻaloona ʹaṣaabiʻahum feee ʹaaẓaanihim minaṣ ṣawaaʻiq̣i ḥaẓaral mawt. Wallaaḥu Muḥeeṭum bilkaafireen.
ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
-
2:20
يَكَادُ ٱلْبَرْقُ يَخْطَفُ أَبْصَـٰرَهُمْ ۖ كُلَّمَآ أَضَآءَ لَهُم مَّشَوْا۟ فِيهِ وَإِذَآ أَظْلَمَ عَلَيْهِمْ قَامُوا۟ ۚ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ لَذَهَبَ بِسَمْعِهِمْ وَأَبْصَـٰرِهِمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
Yakaadul barq̣u yakhṭafu ʹabṣaarahum: kullamaaa ʹaḍaaaʹa lahum mashaw feehi wa-ʹiẓaaa ʹaz̤̣lama ʻalayhim q̣aamoo. Wa-law shaaaʹal laahu laẓahaba bisamʻihim wa-ʹabṣaarihim; ʹinnal laaha ʻalaa kulli shayʹiñ Q̣adeer.
چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ، ئۇلار چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ؛ قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا تۇرۇپ قالىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم قىلاتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
-
2:21
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱعْبُدُوا۟ رَبَّكُمُ ٱلَّذِى خَلَقَكُمْ وَٱلَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
Yaaaʹayyuhan naasuʻ budoo. Rabbakumul laẓee khalaq̣akum wallazeena miñ q̣ablikum laʻallakum tattaq̣oon.
ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر)نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار.
-
2:22
ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ فِرَٰشًا وَٱلسَّمَآءَ بِنَآءً وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَأَخْرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزْقًا لَّكُمْ ۖ فَلَا تَجْعَلُوا۟ لِلَّهِ أَندَادًا وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ
Allaẓee jaʻala lakumul ʹarḍa firaashañw was-samaaaʹa binaaaʹaa: wa-ʹañzala minas samaaaʹi maaaañ faʹakhraja bihee minas̤ s̤amaraati rizq̣al lakum: falaa tajʻaloo lillaahi ʹañdaadañw wa-ʹañtum taʻlamoon.
ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا (يەنى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش) قىلىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. شۇڭا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى، سىلەر (ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر.
-
2:23
وَإِن كُنتُمْ فِى رَيْبٍ مِّمَّا نَزَّلْنَا عَلَىٰ عَبْدِنَا فَأْتُوا۟ بِسُورَةٍ مِّن مِّثْلِهِۦ وَٱدْعُوا۟ شُهَدَآءَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
Wa-iñ kuñtum fee raybim mimmaa nazzalnaa ʻalaa ʻAbdinaa faʹtoo bi-Sooratim mim mis̤lih; wadʻoo shuhadaaaʹakum miñ doonil laahi ʹiñ kuñtum ṣaadiq̣een.
بەندىمىز (مۇھەممەد) گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار (قۇرئانغا قارشى تۇرۇشتا) ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى (ياردەمگە) چاقىرىڭلار، (قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار.
-
2:24
فَإِن لَّمْ تَفْعَلُوا۟ وَلَن تَفْعَلُوا۟ فَٱتَّقُوا۟ ٱلنَّارَ ٱلَّتِى وَقُودُهَا ٱلنَّاسُ وَٱلْحِجَارَةُ ۖ أُعِدَّتْ لِلْكَـٰفِرِينَ
faʹil lam tafʻaloo wa-lañ tafʻaloo fattaq̣un Naaral latee wa-q̣ooduhan naasu walḥijaaratu ʹuʻiddat lil-Kaafireen.
ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار - ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر - كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار.
-
2:25
وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ أَنَّ لَهُمْ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ ۖ كُلَّمَا رُزِقُوا۟ مِنْهَا مِن ثَمَرَةٍ رِّزْقًا ۙ قَالُوا۟ هَـٰذَا ٱلَّذِى رُزِقْنَا مِن قَبْلُ ۖ وَأُتُوا۟ بِهِۦ مُتَشَـٰبِهًا ۖ وَلَهُمْ فِيهَآ أَزْوَٰجٌ مُّطَهَّرَةٌ ۖ وَهُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
Wa-bashshiril laẓeena ʹaamanoo wa-ʻamiluṣ Ṣaaliḥaati ʹanna lahum jannaatiñ tajree miñ taḥtihal ʹanhaar. Kullamaa ruziq̣oo minhaa miñ s̤amaratir rizq̣añ q̣aaloo haaẓal laẓee ruziq̣naa miñ q̣abl. wa-ʹutoo bihee mutashaabihaa. Wa-lahum feehaaa ʹazwaajum muṭahharah; wahum feehaa khaalidoon.
(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ.
-
2:26
۞ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَسْتَحْىِۦٓ أَن يَضْرِبَ مَثَلًا مَّا بَعُوضَةً فَمَا فَوْقَهَا ۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ فَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّهِمْ ۖ وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَيَقُولُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَـٰذَا مَثَلًا ۘ يُضِلُّ بِهِۦ كَثِيرًا وَيَهْدِى بِهِۦ كَثِيرًا ۚ وَمَا يُضِلُّ بِهِۦٓ إِلَّا ٱلْفَـٰسِقِينَ
ʹInnal laaha laa yastaḥyeee ʹañy yaḍriba mas̤alam maa baʻooḍatañ famaa fawq̣ahaa. Faʹammal laẓeena ʹaamanoo fayaʻlamoona ʹannahul Ḥaq̣q̣u mir Rabbihim: wa-ʹammal laẓeena kafaroo fayaq̣ooloona maaẓaaa ʹaraadal laahu bihaaẓaa mas̤alaa? Yuḍillu bihee kas̤eerañw wa-yahdee bihee kas̤eeraa: wa-maa yuḍillu biheee ʹillal Faasiq̣een;
ئاللاھ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، مۆمىنلەر ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كاپىرلار بولسا: «ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن) ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى تەستىقلىغانلىقتىن) ھىدايەت قىلىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ.
-
2:27
ٱلَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهْدَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعْدِ مِيثَـٰقِهِۦ وَيَقْطَعُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِى ٱلْأَرْضِ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ
ʹAllaẓeena yañq̣uḍoona ʻAhdal laahi mim baʻdi mees̤aaq̣ihee, wa-yaq̣ṭaʻoona maaa ʹamaral laahu biheee ʹañy yooṣala wa-yufsidoona fil ʹarḍ: ʹulaaaʹika humul khaasiroon.
پاسىقلار ئاللاھ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ. ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان شەيئىنى ئۈزۈپ قويىدۇ (يەنى سىلە ـ رەھىم قىلمايدۇ)، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
-
2:28
كَيْفَ تَكْفُرُونَ بِٱللَّهِ وَكُنتُمْ أَمْوَٰتًا فَأَحْيَـٰكُمْ ۖ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
Kayfa takfuroona billaahi wa-kuñtum ʹamwaatañ faʹaḥyaakum; s̤umma yumeetukum s̤umma yuḥyeekum s̤umma ʹilayhi turjaʻoon.
ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى، جانسىز ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە جان بەردى (يەنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ئابىمەنىي ئىدىڭلار)، كېيىن (ئەجىلىڭلار توشقاندا) ئاللاھ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتۇرۇلىسىلەر.
-
2:29
هُوَ ٱلَّذِى خَلَقَ لَكُم مَّا فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًا ثُمَّ ٱسْتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَسَوَّىٰهُنَّ سَبْعَ سَمَـٰوَٰتٍ ۚ وَهُوَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌ
Huwal laẓee khalaq̣a lakum maa fil ʹarḍi jameeʻaa; s̤ummas tawaaa ʹilas Samaaaʹi fasaw-waahunna sabʻa samaawaat; wa-Huwa bikulli shayʹin ʻaleem.
ئاللاھ يەر زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ (پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. ئاللاھ ھەرنەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
-
2:30
وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ إِنِّى جَاعِلٌ فِى ٱلْأَرْضِ خَلِيفَةً ۖ قَالُوٓا۟ أَتَجْعَلُ فِيهَا مَن يُفْسِدُ فِيهَا وَيَسْفِكُ ٱلدِّمَآءَ وَنَحْنُ نُسَبِّحُ بِحَمْدِكَ وَنُقَدِّسُ لَكَ ۖ قَالَ إِنِّىٓ أَعْلَمُ مَا لَا تَعْلَمُونَ
Wa-ʹiẓ q̣aala Rabbuka lil-Malaaaʹikati ʹInnee jaaʻiluñ fil ʹarḍi Khaleefah˹. Q̣aalooo ʹatajʻalu feehaa mañy yufsidu feehaa wa-yasfikud dimaaaʹ? wa-naḥnu nusabbiḥu bi-Ḥamdika wa-nuq̣addisu lak. Q̣aala ˹ʹInneee ʹaʻlamu maa laa- taʻlamoon.˺
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيەلەيمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى.
-
2:31
وَعَلَّمَ ءَادَمَ ٱلْأَسْمَآءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمْ عَلَى ٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ فَقَالَ أَنۢبِـُٔونِى بِأَسْمَآءِ هَـٰٓؤُلَآءِ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
Wa-ʻallama ʹAadamal ʹasmaaaʹa kullahaa s̤umma ʻaraḍahum ʻalal malaaaʹikati faq̣aala ʹambiʹoonee biʹasmaaaʹi haaaʹulaaaʹi ʹiñ kuñtum ṣaadiq̣een.
ئاللاھ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ: «(خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارىشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى.
-
2:32
قَالُوا۟ سُبْحَـٰنَكَ لَا عِلْمَ لَنَآ إِلَّا مَا عَلَّمْتَنَآ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَلِيمُ ٱلْحَكِيمُ
Q̣aaloo ˹Subḥaanaka laa ʻilma lanaaa ʹillaa maa- ʻallamtanaa: ʹInnaka ʹañtal ʻAleemul Ḥakeem.˺
پەرىشتىلەر: «سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى.
-
2:33
قَالَ يَـٰٓـَٔادَمُ أَنۢبِئْهُم بِأَسْمَآئِهِمْ ۖ فَلَمَّآ أَنۢبَأَهُم بِأَسْمَآئِهِمْ قَالَ أَلَمْ أَقُل لَّكُمْ إِنِّىٓ أَعْلَمُ غَيْبَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَأَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا كُنتُمْ تَكْتُمُونَ
Q̣aala ˹YaaaʹAadamu ʹambiʹhum̃ biʹasmaaaʹihim.˺ Falammaaa ʹambaʹahum̃ biʹasmaaaʹihim q̣aala ʹalam ʹaq̣ul lakum ʹInneee ʹaʻlamu g̣aybas samaawaati wal-ʹarḍi wa-ʹaʻlamu maa tubdoona wa-maa kuñtum taktumoon.
ئاللاھ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى.
-
2:34
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ ٱسْجُدُوا۟ لِـَٔادَمَ فَسَجَدُوٓا۟ إِلَّآ إِبْلِيسَ أَبَىٰ وَٱسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلْكَـٰفِرِينَ
Wa-ʹiẓ q̣ulnaa lilmalaaaʹikatis judoo liʹAadama fasajadooo ʹillaaa ʹIblees: ʹabaa wastakbara wa-kaana minal Kaafireen.
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى.
-
2:35
وَقُلْنَا يَـٰٓـَٔادَمُ ٱسْكُنْ أَنتَ وَزَوْجُكَ ٱلْجَنَّةَ وَكُلَا مِنْهَا رَغَدًا حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَـٰذِهِ ٱلشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
Wa-q̣ulnaa yaaaʹAadamus kun ʹañta wa-zawjukal jannata wa-kulaa Minhaa rag̣adan ḥays̤u shiʹtumaa; wa-laa taq̣rabaa haaẓihish shajarata fatakoonaa minaz̤̣ z̤̣aalimeen.
بىز ئادەمگە: «ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ ـ ئىچىڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار (يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار)، بولمىسا (ئۆزۈڭلارغا) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدۇق.
-
2:36
فَأَزَلَّهُمَا ٱلشَّيْطَـٰنُ عَنْهَا فَأَخْرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِ ۖ وَقُلْنَا ٱهْبِطُوا۟ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِى ٱلْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَـٰعٌ إِلَىٰ حِينٍ
Faʹazallahumash Shaytaanu ʻanhaa faʹakhrajahumaa mimmaa kaanaa feeh. Wa-q̣ulnah biṭoo baʻḍukum libaʻḍin ʻaduww. Wa-lakum fil ʹarḍi mustaq̣arruñw wa-mataaʻun ʹilaa ḥeen.
شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى (يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ خاتالاشتۇردى)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى. (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا) «بىر ـ بىرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق (ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە (نېمەتلەردىن) بەھرىمەن بولۇڭلار» دېدۇق.
-
2:37
فَتَلَقَّىٰٓ ءَادَمُ مِن رَّبِّهِۦ كَلِمَـٰتٍ فَتَابَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
Fatalaq̣q̣aaa ʹAadamu mir Rabbihee Kalimaatiñ fataaba ʻalayh: ʹinnahoo Huwat Tawwaabur Raḥeem.
ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە سۆز تەلىم ئالدى (يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر.
-
2:38
قُلْنَا ٱهْبِطُوا۟ مِنْهَا جَمِيعًا ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُم مِّنِّى هُدًى فَمَن تَبِعَ هُدَاىَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
Q̣ulnah biṭoo minhaa jameeʻaa; faʹimmaa yaʹtiyannakum minnee Hudañ famañ tabiʻa Hudaaya falaa khawfun ʻalayhim wa-laa hum yaḥzanoon.
(ئۇلارغا) «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى (يەنى پەيغەمبەر) كېلىدۇ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ» دېدۇق.
-
2:39
وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَآ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
Wallaẓeena Kafaroo wa-kaẓẓaboo biʹAayaatinaaa ʹulaaaʹika ʹAṣḥaabun Naar; hum feehaa Khaalidoon.
كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
-
2:40
يَـٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتِىَ ٱلَّتِىٓ أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَوْفُوا۟ بِعَهْدِىٓ أُوفِ بِعَهْدِكُمْ وَإِيَّـٰىَ فَٱرْهَبُونِ
Yaa-Baneee ʹIsraaaʹeelaẓ kuroo niʻmatiyal lateee ʹanʻamtu ʻalaykum wa-ʹawfoo biʻAhdeee ʹoofi biʻAhdikum wa-ʹiyyaaya Farhaboon.
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار، ماڭا بەرگەن (ئىمان ئېيتىش ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلىش ھەققىدىكى) ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان (ساۋاب بېرىش ھەققىدىكى) ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار.
-
2:41
وَءَامِنُوا۟ بِمَآ أَنزَلْتُ مُصَدِّقًا لِّمَا مَعَكُمْ وَلَا تَكُونُوٓا۟ أَوَّلَ كَافِرٍۭ بِهِۦ ۖ وَلَا تَشْتَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِى ثَمَنًا قَلِيلًا وَإِيَّـٰىَ فَٱتَّقُونِ
Wa-ʹaaminoo Bimaaa ʹañzaltu muṣaddiq̣al limaa maʻakum wa-laa takoonooo ʹawwala Kaafirim̃ bih. Wa-laa tashtaroo biʹAayaatee s̤amanañ q̣aleelaa; wa-ʹiyyaaya Fattaq̣oon.
مەن نازىل قىلغان تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچى بولماڭلار، ئايەتلىرىمنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەڭلار، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.
-
2:42
وَلَا تَلْبِسُوا۟ ٱلْحَقَّ بِٱلْبَـٰطِلِ وَتَكْتُمُوا۟ ٱلْحَقَّ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ
Wa-laa Talbisul Ḥaq̣q̣a bilbaaṭili wa-taktumul Ḥaq̣q̣a wa-ʹañtum taʻlamoon.
ھەقنى باتىلغا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان ھەقىقەتنى ئۆزەڭلار ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىگە) ئارىلاشتۇرماڭلار ، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار.
-
2:43
وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱرْكَعُوا۟ مَعَ ٱلرَّٰكِعِينَ
Wa-ʹaq̣eemuṣ Ṣalaata wa-ʹaatuz Zakaata Warkaʻoo maʻar raakiʻeen.
نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار.
-
2:44
۞ أَتَأْمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلْبِرِّ وَتَنسَوْنَ أَنفُسَكُمْ وَأَنتُمْ تَتْلُونَ ٱلْكِتَـٰبَ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
ʹAtaʹmuroonan naasa bilbirri wa-tañsawna ʹañfusakum wa-ʹañtum tatloonal Kitaab? ʹAfalaa taʻq̣iloon?
كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزەڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتاب (يەنى تەۋرات) نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر؟.
-
2:45
وَٱسْتَعِينُوا۟ بِٱلصَّبْرِ وَٱلصَّلَوٰةِ ۚ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى ٱلْخَـٰشِعِينَ
Wastaʻeenoo biṣ-Ṣabri waṣ-Ṣalaah: wa-ʹinnahaa lakabeeratun ʹillaa ʻalal Khaashiʻeen,
سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلار (كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر.
-
2:46
ٱلَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلَـٰقُوا۟ رَبِّهِمْ وَأَنَّهُمْ إِلَيْهِ رَٰجِعُونَ
ʹAllaẓeena Yaz̤̣unnoona ʹannahum mulaaq̣oo Rabbihim wa-ʹannahum ʹilayhi raajiʻoon.
ئاللاھتىن قورققۇچىلار پەرۋەردىگارىغا چوقۇم مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا چوقۇم قايتىپ بارىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىدۇ.
-
2:47
يَـٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتِىَ ٱلَّتِىٓ أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّى فَضَّلْتُكُمْ عَلَى ٱلْعَـٰلَمِينَ
Yaa-Baneee ʹIsraaaʹeelaẓ kuroo niʻmatiyal lateee ʹanʻamtu ʻalaykum wa-ʹannee faḍḍaltukum ʻalal ʻaalameen.
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى (بىر زامانلاردا) تامام جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار.
-
2:48
وَٱتَّقُوا۟ يَوْمًا لَّا تَجْزِى نَفْسٌ عَن نَّفْسٍ شَيْـًٔا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا شَفَـٰعَةٌ وَلَا يُؤْخَذُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ
Wattaq̣oo Yawmal laa tajzee nafsun ʻan nafsiñ shayʹañw wa-laa yuq̣balu minhaa shafaaʻatuñw wa-laa yuʹkhaẓu minhaa ʻadluñw wa-laa hum yuñṣaroon.
كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىدىيە ئېلىنمايدىغان، ئۇلار (كاپىرلار ۋە گۇناھكار بەندىلەر) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار.
-
2:49
وَإِذْ نَجَّيْنَـٰكُم مِّنْ ءَالِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوٓءَ ٱلْعَذَابِ يُذَبِّحُونَ أَبْنَآءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَآءَكُمْ ۚ وَفِى ذَٰلِكُم بَلَآءٌ مِّن رَّبِّكُمْ عَظِيمٌ
Wa-ʹiẓ najjaynaakum min ʹAali Firʻawna yasoomoonakum soooʹal ʻaẓaabi yuẓabbiḥoona ʹabnaaaʹakum wa-yastaḥyoona nisaaaʹakum; wa-fee ẓaalikum̃ balaaaʹum mir Rabbikum ʻaz̤̣eem.
ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى (پايدىلىنىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدۇق. بۇ، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ (ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى ئايرىيدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى.
-
2:50
وَإِذْ فَرَقْنَا بِكُمُ ٱلْبَحْرَ فَأَنجَيْنَـٰكُمْ وَأَغْرَقْنَآ ءَالَ فِرْعَوْنَ وَأَنتُمْ تَنظُرُونَ
Wa-ʹiẓ Faraq̣naa bikumul baḥra faʹañjaynaakum wa-ʹag̣raq̣naaa ʹAala Firʻawna wa-ʹañtum tañz̤̣uroon.
ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزدۇق (يەنى دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ، قۇرۇق يول ھاسىل قىلىپ، شۇ يەردىن سىلەرنى سالامەت ئۆتكۈزدۇق) ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلدۇق.
-
2:51
وَإِذْ وَٰعَدْنَا مُوسَىٰٓ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ثُمَّ ٱتَّخَذْتُمُ ٱلْعِجْلَ مِنۢ بَعْدِهِۦ وَأَنتُمْ ظَـٰلِمُونَ
Wa-ʹiz waaʻadnaa Moosaaa ʹarbaʻeena laylatañ s̤ummat takhaẓtumul ʻijla mim baʻdihee wa-añtum z̤̣aalimoon.
ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا 40 كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىشنى) ۋەدە قىلدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزەڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار.
-
2:52
ثُمَّ عَفَوْنَا عَنكُم مِّنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
S̤umma ʻafawnaa ʻañkum mim baʻdi ẓaalika laʻallakum tashkuroon.
شۇنىڭدىن كېيىن، شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق.
-
2:53
وَإِذْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْفُرْقَانَ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
Wa-ʹiẓ ʹaataynaa Moosal Kitaaba wal-Furq̣uaana laʻallakum Tahtadoon.
ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن، دەپ مۇساغا ھەقنى، كىتابنى ۋە فۇرقاننى بەردۇق.
-
2:54
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِۦ يَـٰقَوْمِ إِنَّكُمْ ظَلَمْتُمْ أَنفُسَكُم بِٱتِّخَاذِكُمُ ٱلْعِجْلَ فَتُوبُوٓا۟ إِلَىٰ بَارِئِكُمْ فَٱقْتُلُوٓا۟ أَنفُسَكُمْ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ عِندَ بَارِئِكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
Wa-ʹiẓ q̣aala Moosaa li-Q̣awmihee yaa-q̣awmi ʹinnakum z̤̣alamtum ʹanfusakum̃ bitti-khaa-ẓikumul ʻijla fatoobooo ʹilaa Baariʹikum faq̣tulooo ʹañfusakum; ẓaalikum khayrul lakum ʻiñda Baariʹikum. Fataaba ʻalaykum: ʹinnahoo Huwat Tawwaabur Raḥeem.
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىپ، ھەقىقەتەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار، ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار، موزايغا چوقۇنمىغانلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرسۇن» دېدى. مۇنداق قىلىش ياراتقۇچىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ تەۋبىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
-
2:55
وَإِذْ قُلْتُمْ يَـٰمُوسَىٰ لَن نُّؤْمِنَ لَكَ حَتَّىٰ نَرَى ٱللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْكُمُ ٱلصَّـٰعِقَةُ وَأَنتُمْ تَنظُرُونَ
Wa-ʹIẓ q̣ultum yaa-Moosaa lan nuʹmina laka ḥattaa naral laaha Jahratañ faʹakhaẓat-kumuṣ ṣaaʻiq̣atu wa-ʹañtum tañz̤̣uroon.
ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار ـ دە، (سىلەرگە نازىل بولغان ئازابنى) كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردا سىلەرنى چاقماق سوقتى.
-
2:56
ثُمَّ بَعَثْنَـٰكُم مِّنۢ بَعْدِ مَوْتِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
S̤umma baʻas̤naakum mim baʻdi Mawtikum laʻallakum tashkuroon.
ئاندىن كېيىن، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن، دەپ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈردۇق.
-
2:57
وَظَلَّلْنَا عَلَيْكُمُ ٱلْغَمَامَ وَأَنزَلْنَا عَلَيْكُمُ ٱلْمَنَّ وَٱلسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا۟ مِن طَيِّبَـٰتِ مَا رَزَقْنَـٰكُمْ ۖ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَـٰكِن كَانُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
Wa-Z̤̣allalnaa ʻalaykumul g̣amaama wa-ʹañzalnaa ʻalaykumul Manna was-Salwaaa: Kuloo miñ ṭayyibaati maa razaq̣naakum wa-maa z̤̣alamoonaa wa-laakiñ kaanooo ʹañfusahum yaz̤̣limoon.
سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (بىز سىلەرگە) «رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەپ ـ ئىچىڭلار» (دېدۇق). ئۇلار (نېمەتلىرىمىزگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە ئەمەس، پەقەت ئۆزلىرىگىلا زۇلۇم قىلدى.
-
2:58
وَإِذْ قُلْنَا ٱدْخُلُوا۟ هَـٰذِهِ ٱلْقَرْيَةَ فَكُلُوا۟ مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ رَغَدًا وَٱدْخُلُوا۟ ٱلْبَابَ سُجَّدًا وَقُولُوا۟ حِطَّةٌ نَّغْفِرْ لَكُمْ خَطَـٰيَـٰكُمْ ۚ وَسَنَزِيدُ ٱلْمُحْسِنِينَ
Wa-ʹiẓ q̣ulnad khuloo haaẓihil q̣aryata fakuloo minhaa ḥays̤u shiʹtum rag̣adañw wadkhulul baaba Sujjadañw wa-q̣ooloo ḥittatun nag̣fir lakum Khaṭaayaakum: wa-sanazeedul Muḥsineen.
ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ ـ ئىچىڭلار، (بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار ۋە: (پەرۋەردىگارىمىز) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز» دېدۇق.
-
2:59
فَبَدَّلَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ قَوْلًا غَيْرَ ٱلَّذِى قِيلَ لَهُمْ فَأَنزَلْنَا عَلَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ رِجْزًا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُوا۟ يَفْسُقُونَ
Fabaddalal laẓeena z̤̣alamoo q̣awlan g̣ayral laẓee q̣eela lahum faʹañzalnaa ʻalal laẓeena z̤̣alamoo rijzam minas samaaaʹi bimaa Kaanoo yafsuq̣oon.
زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى، زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقلىرى (يەنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق.
-
2:60
۞ وَإِذِ ٱسْتَسْقَىٰ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِۦ فَقُلْنَا ٱضْرِب بِّعَصَاكَ ٱلْحَجَرَ ۖ فَٱنفَجَرَتْ مِنْهُ ٱثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَّشْرَبَهُمْ ۖ كُلُوا۟ وَٱشْرَبُوا۟ مِن رِّزْقِ ٱللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا۟ فِى ٱلْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
Wa-ʹiẓis tasq̣aa Moosaa liq̣awmihee faq̣ulnaḍ rib biʻAṣaakal ḥajar. Fañfajarat minhus̤ nataa ʻashrata ʻaynaa. Q̣ad ʻalima Kullu ʻunaasim mashrabahum. Kuloo washraboo mir rizq̣il laahi walaa taʻs̤aw fil ʹarḍi mufsideen.
ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە ئادەم (يەنى ھەر بىر قەبىلە) ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق).
-
2:61
وَإِذْ قُلْتُمْ يَـٰمُوسَىٰ لَن نَّصْبِرَ عَلَىٰ طَعَامٍ وَٰحِدٍ فَٱدْعُ لَنَا رَبَّكَ يُخْرِجْ لَنَا مِمَّا تُنۢبِتُ ٱلْأَرْضُ مِنۢ بَقْلِهَا وَقِثَّآئِهَا وَفُومِهَا وَعَدَسِهَا وَبَصَلِهَا ۖ قَالَ أَتَسْتَبْدِلُونَ ٱلَّذِى هُوَ أَدْنَىٰ بِٱلَّذِى هُوَ خَيْرٌ ۚ ٱهْبِطُوا۟ مِصْرًا فَإِنَّ لَكُم مَّا سَأَلْتُمْ ۗ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ ٱلذِّلَّةُ وَٱلْمَسْكَنَةُ وَبَآءُو بِغَضَبٍ مِّنَ ٱللَّهِ ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا۟ يَكْفُرُونَ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ وَيَقْتُلُونَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ ۗ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوا۟ وَّكَانُوا۟ يَعْتَدُونَ
Waʹiẓ q̣ultum yaa-Moosaa lan naṣbira ʻalaa ṭaʻaamiñw waaḥidiñ fadʻu lanaa Rabbaka yukhrij lanaa mimmaa tumbitul ʹarḍu mim baq̣lihaa Wa-q̣is̤s̤aaaʹihaa Wa-foomihaa wa-ʻadasihaa wa-baṣalihaa. Q̣aala ʹatastabdiloonal laẓee huwa ʹadnaa billaẓee huwa Khayr? ʹIhbiṭoo miṣrañ faʹinna lakum maa saʹaltum. Waḍuribat ʻalayhimuẓ ẓillatu walmaskanah; wa-baaaʹoo big̣aḍabim minal laah. Ẓaalika biʹannahum kaanoo yakfuroona biʹaayaatil laahi wa-yaq̣tuloonan nabiyyeena big̣ayril ḥaq̣q̣. Ẓaalika bimaa ʻaṣaw Wa-kaanoo yaʻtadoon.
ئۆز ۋاقتىدا (سىنا چۆلىدە تەرەنجىبىن ۋە بۆدۈنە بىلەنلا ئوزۇقلىنىۋاتقىنىڭلاردا) سىلەر: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل يېمەكلىككە چىداپ تۇرالمايمىز، بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن» دېدىڭلار، مۇسا: «سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟ (يەنى پىياز، سامساق، كۆكتاتنى تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىدىن ئارتۇق كۆرەمسىلەر؟) بىرەر شەھەرگە كىرىڭلار، (شۇ يەردە) تىلىگىنىڭلار بار» دېدى. ئۇلار خارلىقتا، موھتاجلىقتا قالدى. ئاللاھنىڭ غەزىپىگە تېگىشلىك بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولدى.
-
2:62
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَٱلَّذِينَ هَادُوا۟ وَٱلنَّصَـٰرَىٰ وَٱلصَّـٰبِـِٔينَ مَنْ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ وَعَمِلَ صَـٰلِحًا فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ʹInnal laẓeena ʹaamanoo Wallaẓeena haadoo wan-Naṣaaraa waṣ-Ṣaabiʹeena man ʹaamana billaahi wal-Yawmil ʹAakhiri waʻamila ṣaaliḥañ falahum ʹajruhum ʻiñda Rabbihim: Walaa khawfun ʻalayhim walaa hum yaḥzanoon.
شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، ناسارالار (ئارىسىدىن) ۋە پەرىشتىلەرگە، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىن ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىدا ئۆز ئەجرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ.
-
2:63
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَـٰقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ ٱلطُّورَ خُذُوا۟ مَآ ءَاتَيْنَـٰكُم بِقُوَّةٍ وَٱذْكُرُوا۟ مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
Wa-ʹiẓ ʹakhaẓnaa Mees̤aaq̣akum Wa-rafaʻnaa fawq̣akumuṭ Ṭoor: Khuẓoo maaa aataynaakum̃ biq̣uwwatiñw waẓkuroo maa feehi laʻallakum tattaq̣oon.
ئۆز ۋاقتىدا، بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويغان، سىلەرگە: «(دۇنيادا ھالاك بولۇشتىن، ئاخىرەتتە ئازابقا قېلىشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار (يەنى تەۋراتقا ئەمەل قىلىڭلار)، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار» (دېگەن ئىدۇق).
-
2:64
ثُمَّ تَوَلَّيْتُم مِّنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ ۖ فَلَوْلَا فَضْلُ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُۥ لَكُنتُم مِّنَ ٱلْخَـٰسِرِينَ
S̤umma tawallaytum mim̃ baʻdi ẓaalik: Falawlaa faḍlul lahi ʻalaykum wa-raḥmatuhoo lakuñtum minal khaasireen.
شۇنىڭدىن كېيىن (بەرگەن ۋەدەڭلاردىن) يۈز ئۆرۈدۈڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ـ مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار.
-
2:65
وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ ٱلَّذِينَ ٱعْتَدَوْا۟ مِنكُمْ فِى ٱلسَّبْتِ فَقُلْنَا لَهُمْ كُونُوا۟ قِرَدَةً خَـٰسِـِٔينَ
Wa-laq̣ad ʻalimtumul laẓeenaʻ tadaw miñkum fis Sabti faq̣ulnaa lahum koonoo q̣iradatan khaasiʹeen!
ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى (قانداق قىلغانلىقىمىزنى)، ئەلۋەتتە بىلىسىلەر، بىز ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق.
-
2:66
فَجَعَلْنَـٰهَا نَكَـٰلًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهَا وَمَا خَلْفَهَا وَمَوْعِظَةً لِّلْمُتَّقِينَ
Fajaʻalnaahaa nakaalal limaa bayna yadayhaa wa-maa khalfahaa wa-mawʻiz̤̣atal lil-Muttaq̣een.
ئۇنى (يەنى ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ جازانى) زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلدۇق.
-
2:67
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِۦٓ إِنَّ ٱللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَن تَذْبَحُوا۟ بَقَرَةً ۖ قَالُوٓا۟ أَتَتَّخِذُنَا هُزُوًا ۖ قَالَ أَعُوذُ بِٱللَّهِ أَنْ أَكُونَ مِنَ ٱلْجَـٰهِلِينَ
Wa-ʹiẓ q̣aala Moosaa liq̣awmiheee ʹinnal laaha yaʹmurukum ʹañ taẓbaḥoo Baq̣arah. Q̣aalooo ʹatattakhiẓunaa huzuwaa? Q̣aala ʹaʻooẓu billaahi ʹan ʹakoona minal jaahileen!
ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن (يەنى مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن) بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى.
-
2:68
قَالُوا۟ ٱدْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا هِىَ ۚ قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَّا فَارِضٌ وَلَا بِكْرٌ عَوَانٌۢ بَيْنَ ذَٰلِكَ ۖ فَٱفْعَلُوا۟ مَا تُؤْمَرُونَ
Q̣aalud ʻu lanaa Rabbaka yubayyil lanaa maa- hee! Q̣aala ʹinnahoo yaq̣oolu ʹinnahaa baq̣aratul laa faariḍuñw walaa bikr; ʻawaanum bayna ẓaalik: fafʻaloo maa- tuʹmaroon.
ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە قانداق كالا ئىكەنلىكىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن، دەپ ئېيتتى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى.
-
2:69
قَالُوا۟ ٱدْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا لَوْنُهَا ۚ قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ صَفْرَآءُ فَاقِعٌ لَّوْنُهَا تَسُرُّ ٱلنَّـٰظِرِينَ
Q̣aalud ʻu lanaa Rabbaka yubayyil lanaa maa- lawnuhaa. Q̣aala ʹinnahoo yaq̣oolu ʹinnahaa baq̣aratuñ ṣafraaaʹu faaq̣iʻul lawnuhaa tasurrun naaz̤̣ireen.
ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى».
-
2:70
قَالُوا۟ ٱدْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا هِىَ إِنَّ ٱلْبَقَرَ تَشَـٰبَهَ عَلَيْنَا وَإِنَّآ إِن شَآءَ ٱللَّهُ لَمُهْتَدُونَ
Q̣aalud ʻu lanaa Rabbaka yubayyil lanaa maa- hiya ʹinnal baq̣ara tashaabaha ʻalaynaa: wa-ʹinnaaa ʹiñ shaaaʹal laahu lamuhtadoon.
ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلسۇن، (يەنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلگەن كالىمۇ، ياكى سەمرىتىش ئۈچۈن بېقىلغان كالىمۇ؟) بۇ بىزگە مۈجمەل بولۇپ قالدى (بۇ ئېنىق بولىدىغان بولسا) خۇدا خالىسا (ئۇنى) بىز چوقۇم تاپىمىز» دېدى.
-
2:71
قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَّا ذَلُولٌ تُثِيرُ ٱلْأَرْضَ وَلَا تَسْقِى ٱلْحَرْثَ مُسَلَّمَةٌ لَّا شِيَةَ فِيهَا ۚ قَالُوا۟ ٱلْـَٔـٰنَ جِئْتَ بِٱلْحَقِّ ۚ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُوا۟ يَفْعَلُونَ
Q̣aala ʹinnahoo yaq̣oolu ʹinnahaa baq̣aratul laa ẓalooluñ tus̤eerul ʹarḍa wa-laa tasq̣il hars̤; musallamatul laa shiyata feehaa. Q̣aalul ʹaana jiʹta bilḥaq̣q̣. Faẓabaḥoohaa wa-maa kaadoo yafʻaloon.
مۇسا: «ئاللاھ ئۇنىڭ يەر ھەيدەپ، ئېكىن سۇغىرىپ كۆندۈرۈلگەن بولماسلىقىنى، بېجىرىم، ئالىسى يوق (يەنى رەڭگىدە سېرىقلىقتىن باشقا رەڭ يوق) بولۇشىنى ئېيتتى» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار (كالىنى) تېپىپ كېلىپ بوغۇزلىدى، (ئۇلار سوئال سوراۋەرگەنلىكتىن) بۇنى ئورۇنلىيالمىغىلى تاس قالدى.
-
2:72
وَإِذْ قَتَلْتُمْ نَفْسًا فَٱدَّٰرَْٰٔتُمْ فِيهَا ۖ وَٱللَّهُ مُخْرِجٌ مَّا كُنتُمْ تَكْتُمُونَ
Wa-ʹiẓ q̣ataltum nafsañ faddaaraʹtum feehaa: wallaahu mukhrijum maa kuñtum taktumoon.
ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە (قاتىلنىڭ كىملىكى) توغرىسىدا دەتالاش قىلىشقان ئىدىڭلار. سىلەر يوشۇرماقچى بولغان نەرسىنى (يەنى قاتىلنىڭ ئىشىنى) ئاللاھ ئاشكارىلىغۇچىدۇر.
-
2:73
فَقُلْنَا ٱضْرِبُوهُ بِبَعْضِهَا ۚ كَذَٰلِكَ يُحْىِ ٱللَّهُ ٱلْمَوْتَىٰ وَيُرِيكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
Faq̣ulnaḍ riboohu bibaʻḍihaa. Kaẓaalika yuḥyil laa-hul mawtaa wa-yureekum ʹAayaatihee laʻallakum taʻq̣iloon.
(سىلەرگە مۇسا ئارقىلىق) دېدۇقكى، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار (ئۇ تىرىلىپ قاتىلنى ئېيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق (يەنى كۆز ئالدىڭلاردا بۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەندەك) تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە كۆرسىتىدۇ.
-
2:74
ثُمَّ قَسَتْ قُلُوبُكُم مِّنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ فَهِىَ كَٱلْحِجَارَةِ أَوْ أَشَدُّ قَسْوَةً ۚ وَإِنَّ مِنَ ٱلْحِجَارَةِ لَمَا يَتَفَجَّرُ مِنْهُ ٱلْأَنْهَـٰرُ ۚ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَشَّقَّقُ فَيَخْرُجُ مِنْهُ ٱلْمَآءُ ۚ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَهْبِطُ مِنْ خَشْيَةِ ٱللَّهِ ۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
S̤umma q̣asat q̣uloobukum mim baʻdi ẓaalika fahiya kalḥijaarati ʹaw ʹashaddu q̣aswah. Wa-ʹinna minal ḥijaarati lamaa yatafajjaru minhul ʹanhaar; wa-ʹinna minhaa lamaa yash-shaq̣q̣aq̣u fayakhruju minhul maaaʹ. Wa-ʹinna minhaa lamaa yahbiṭu min khashyatil laah. Wa-mal laahu big̣aafilin ʻammaa taʻmaloon,
(ئى يەھۇدىيلار جامائەسى!) شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى شانلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن) دىلىڭلار قېتىپ كەتتى، تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ قاتتىق قېتىپ كەتتى. تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن (سۇ ئېتىلىپ چىقىپ) ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار؛ ئاللاھتىن قورقۇپ (تاغ چوققىلىرىدىن) دومىلاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار (دېمەك، تاش يۇمشايدۇ، سىلەرنىڭ دىلىڭلار بولسا يۇمشىمايدۇ ۋە تەسىرلەنمەيدۇ)، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر.
-
2:75
۞ أَفَتَطْمَعُونَ أَن يُؤْمِنُوا۟ لَكُمْ وَقَدْ كَانَ فَرِيقٌ مِّنْهُمْ يَسْمَعُونَ كَلَـٰمَ ٱللَّهِ ثُمَّ يُحَرِّفُونَهُۥ مِنۢ بَعْدِ مَا عَقَلُوهُ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
ʹAfataṭmaʻoona ʹañy yuʹminoo lakum wa-q̣ad kaana fareeq̣um minhum yasmaʻoona Kalaamal laahi s̤umma yuḥarri-foonahoo mim baʻdi maa- ʻaq̣aloohu wa-hum yaʻlamoon?
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى! دەۋىتىڭلار ئارقىلىق) يەھۇدىيلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ (قەستەن) ئۆزگەرتىۋەتتى.
-
2:76
وَإِذَا لَقُوا۟ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَا بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ قَالُوٓا۟ أَتُحَدِّثُونَهُم بِمَا فَتَحَ ٱللَّهُ عَلَيْكُمْ لِيُحَآجُّوكُم بِهِۦ عِندَ رَبِّكُمْ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
wa-ʹiẓaa laq̣ul laẓeena ʹaamanoo q̣aalooo ʹaamannaa: wa-ʹiẓaa khalaa baʻḍuhum ʹilaa baʻḍiñ q̣aal ooo ʹatuḥaddis̤oonahum bimaa fataḥal laahu ʻalaykum liyuḥaaajjookum̃ bihee ʻiñda Rabbikum? ʹAfalaa taʻq̣iloon?
ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقانلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيتتى. بىر ـ بىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقانلىرىدا: «پەرۋەردىگارىڭلار قېشىدا مۆمىنلەر سىلەرگە قارشى پاكىت كۆرسەتسۇن دەپ ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگەن ۋەھىينى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىنى) ئۇلارغا سۆزلەپ بېرەمسىلەر؟ (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر!» دەيتتى.
-
2:77
أَوَلَا يَعْلَمُونَ أَنَّ ٱللَّهَ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ
ʹAwalaa yaʻlamoona ʹannal laaha yaʻlamu maa- yusirroona wa-maa yuʻlinoon?
يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟
-
2:78
وَمِنْهُمْ أُمِّيُّونَ لَا يَعْلَمُونَ ٱلْكِتَـٰبَ إِلَّآ أَمَانِىَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ
Wa-minhum ʹUmmiyyoona laa- yaʻlamoonal Kitaaba ʹillaaa ʹamaaniyya wa-ʹin hum ʹillaa yaz̤̣unnoon.
ئۇلارنىڭ ساۋاتسىزلىرى كىتابنى (تەۋراتنى) بىلمەيدۇ، (ئەھبارلىرى ئويدۇرۇپ چىققان) ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدۇ، گۇمان بىلەنلا ئىش قىلىدۇ.
-
2:79
فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ يَكْتُبُونَ ٱلْكِتَـٰبَ بِأَيْدِيهِمْ ثُمَّ يَقُولُونَ هَـٰذَا مِنْ عِندِ ٱللَّهِ لِيَشْتَرُوا۟ بِهِۦ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَوَيْلٌ لَّهُم مِّمَّا كَتَبَتْ أَيْدِيهِمْ وَوَيْلٌ لَّهُم مِّمَّا يَكْسِبُونَ
Fawaylul lillaẓeena yaktuboonal Kitaaba biʹaydeehim s̤umma yaq̣ooloona haaẓaa min ʻiñdil laahi liyashtaroo bihee s̤amanañ q̣aleelaa! Fawaylul lahum mimmaa katabat ʹaydeehim wa-waylul lahum mimmaa yaksiboon!
كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ ئۇنى ئاز پۇلغا سېتىش (دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئىتى) ئۈچۈن، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرگە ۋاي! قولى بىلەن يازغانلىرى (يەنى تەۋراتنى ئۆزگەرتكەنلىكلىرى) ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي! (بۇنىڭ بىلەن) ئېرىشكەن (ھارام) نەرسىلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي!
-
2:80
وَقَالُوا۟ لَن تَمَسَّنَا ٱلنَّارُ إِلَّآ أَيَّامًا مَّعْدُودَةً ۚ قُلْ أَتَّخَذْتُمْ عِندَ ٱللَّهِ عَهْدًا فَلَن يُخْلِفَ ٱللَّهُ عَهْدَهُۥٓ ۖ أَمْ تَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
Wa-q̣aaloo lañ tamassanan Naaru ʹillaaa ʹayyaamam maʻdoodah. Q̣ul ʹattakhaẓtum ʻiñdal laahi ʻahdañ falañy yukhlifal laahu ʻahdahooo ʹam taq̣ooloona ʻalal laahi maa laa- taʻlamoon?
ئۇلار: «بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ» دەيدۇ. (ئۇلارغا) «سىلەرگە ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ، (ۋەدە بەرگەن بولسا) ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ، ياكى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغاننى ئاللاھ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن.
-
2:81
بَلَىٰ مَن كَسَبَ سَيِّئَةً وَأَحَـٰطَتْ بِهِۦ خَطِيٓـَٔتُهُۥ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
Balaa mañ kasaba sayyiʹatañw waʹaḥaṭat bihee khaṭeeeʹatuhoo faʹulaaaʹika ʹAṣḥaabun Naar: hum feehaa khaalidoon.
ئۇنداق ئەمەس (سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ)، گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
-
2:82
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلْجَنَّةِ ۖ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
Wallaẓeena ʹaamanoo wa-ʻamiluṣ ṣaaliḥaati ʹulaaaʹika ʹAṣḥaabul Jannah: hum feehaa khaalidoon.
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئەھلى جەننەتتۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ.
-
2:83
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَـٰقَ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا ٱللَّهَ وَبِٱلْوَٰلِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِى ٱلْقُرْبَىٰ وَٱلْيَتَـٰمَىٰ وَٱلْمَسَـٰكِينِ وَقُولُوا۟ لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِّنكُمْ وَأَنتُم مُّعْرِضُونَ
Wa-ʹiẓ ʹakhaẓnaa Mees̤aaq̣a Baneee ʹIsraaaʹeela laa- taʻbudoona ʹillal laaha wa-bilwaalidayni ʹiḥsaanañw waẓil q̣urbaa walyataamaa walmasaakeeni wa-q̣ooloo linnasi ḥusnañw waʹaq̣eemuṣ Ṣalaata wa-ʹaatuz Zakaah. Ṣumma tawallaytum ʹillaa q̣aleelam miñkum wa-ʹañtum muʻriḍoon.
ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا ـ ئانىغا، خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، ناماز ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق. ئاندىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (ئەھدەڭلاردىن) يېنىۋالىسىلەر.
-
2:84
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَـٰقَكُمْ لَا تَسْفِكُونَ دِمَآءَكُمْ وَلَا تُخْرِجُونَ أَنفُسَكُم مِّن دِيَـٰرِكُمْ ثُمَّ أَقْرَرْتُمْ وَأَنتُمْ تَشْهَدُونَ
Wa-ʹiẓ ʹakhaẓnaa Mees̤aa-q̣akum laa- tasfikoona dimaaaʹakum wa-laa tukhrijoona ʹañfusakum miñ diyaarikum s̤umma ʹaq̣rartum wa-ʹañtum tashhadoon.
ئۆز ۋاقتىدا بىر ـ بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر ـ بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھسىلەر.
-
2:85
ثُمَّ أَنتُمْ هَـٰٓؤُلَآءِ تَقْتُلُونَ أَنفُسَكُمْ وَتُخْرِجُونَ فَرِيقًا مِّنكُم مِّن دِيَـٰرِهِمْ تَظَـٰهَرُونَ عَلَيْهِم بِٱلْإِثْمِ وَٱلْعُدْوَٰنِ وَإِن يَأْتُوكُمْ أُسَـٰرَىٰ تُفَـٰدُوهُمْ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيْكُمْ إِخْرَاجُهُمْ ۚ أَفَتُؤْمِنُونَ بِبَعْضِ ٱلْكِتَـٰبِ وَتَكْفُرُونَ بِبَعْضٍ ۚ فَمَا جَزَآءُ مَن يَفْعَلُ ذَٰلِكَ مِنكُمْ إِلَّا خِزْىٌ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۖ وَيَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ يُرَدُّونَ إِلَىٰٓ أَشَدِّ ٱلْعَذَابِ ۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
S̤umma ʹañtum haaaʹulaaaʹi taq̣tuloona ʹañfusakum wa-tukhrijoona fareeq̣am miñkum miñ diyaarihim; taz̤̣aaharoona ʻalayhim̃ bil-ʹis̤mi walʻudwaan; wa-ʹiñy yaʹtookum ʹusaaraa tufaadoohum wa-huwa muḥarramun ʻalaykum ʹikhraajuhum. ʹAfatuʹminoona bibaʻḍil Kitaabi wa-takfuroona bibaʻḍ? Famaa jazaaaʹu mañy yafʻalu ẓaalika miñkum ʹillaa khizyuñ fil ḥayaatid dunyaa? Wa-Yawmal Q̣iyaamati yuraddoona ʹilaaa ʹashaddil ʻaẓaab. Wa-mal laahu big̣aafilin ʻammaa taʻmaloon.
كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە، فىدىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر؛ ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرۈسىلەرۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خارلىققا قېلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر.
-
2:86
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشْتَرَوُا۟ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا بِٱلْـَٔاخِرَةِ ۖ فَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ ٱلْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ
ʹUlaaaʹikal laẓeenash tarawul ḥayaatad Dunyaa bil-ʹAakhirati falaa yukhaffafu ʻanhumul ʻaẓaabu wa-laa hum yuñṣaroon.
ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى بېرىپ، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ.
-
2:87
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ وَقَفَّيْنَا مِنۢ بَعْدِهِۦ بِٱلرُّسُلِ ۖ وَءَاتَيْنَا عِيسَى ٱبْنَ مَرْيَمَ ٱلْبَيِّنَـٰتِ وَأَيَّدْنَـٰهُ بِرُوحِ ٱلْقُدُسِ ۗ أَفَكُلَّمَا جَآءَكُمْ رَسُولٌۢ بِمَا لَا تَهْوَىٰٓ أَنفُسُكُمُ ٱسْتَكْبَرْتُمْ فَفَرِيقًا كَذَّبْتُمْ وَفَرِيقًا تَقْتُلُونَ
Wa-laq̣ad ʹaataynaa Moosal Kitaaba wa-q̣affaynaa mim baʻdihee bir-rusuli wa-ʹaataynaa ʻeesab na Maryamal Bayyinaati wa-ʹayyadnaahu bi-rooḥil q̣udus. ʹAfakullamaa jaaaʹakum Rasoolum̃ bimaa laa- tahwaaa ʹañfusukumus takbartum? Fafareeq̣añ kaẓẓabtum wa-fareeq̣añ taq̣tuloon?
شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇئارقا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەر بەردۇق، ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇددۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن يۆلىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار.
-
2:88
وَقَالُوا۟ قُلُوبُنَا غُلْفٌۢ ۚ بَل لَّعَنَهُمُ ٱللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَقَلِيلًا مَّا يُؤْمِنُونَ
Wa-q̣aloo q̣uloobunaa g̣ulf; bal laʻanahumul laahu bikufrihim faq̣aleelam maa yuʹminoon.
ئۇلار: «دىللىرىمىز پەردىلەنگەن» دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز.
-
2:89
وَلَمَّا جَآءَهُمْ كِتَـٰبٌ مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٌ لِّمَا مَعَهُمْ وَكَانُوا۟ مِن قَبْلُ يَسْتَفْتِحُونَ عَلَى ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَلَمَّا جَآءَهُم مَّا عَرَفُوا۟ كَفَرُوا۟ بِهِۦ ۚ فَلَعْنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلْكَـٰفِرِينَ
Wa-lammaa jaaaʹahum Kitaabum min ʻiñdil laahi muṣaddiq̣ul limaa maʻahum wa-kaanoo miñ q̣ablu yastaftiḥoona ʻalal laẓeena kafaroo, falammaa jaaaʹahum maa ʻarafoo kafaroo bihee falaʻnatul laahi ʻalal Kaafireen.
ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب (تەۋرات) نى تەستىقلايدىغان كىتاب (قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا (ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى). ئىلگىرى ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ) كاپىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار بىلىدىغان (تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان) پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ كاپىرلارغا (پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىنى ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلارغا) لەنەت قىلدى.
-
2:90
بِئْسَمَا ٱشْتَرَوْا۟ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمْ أَن يَكْفُرُوا۟ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بَغْيًا أَن يُنَزِّلَ ٱللَّهُ مِن فَضْلِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ ۖ فَبَآءُو بِغَضَبٍ عَلَىٰ غَضَبٍ ۚ وَلِلْكَـٰفِرِينَ عَذَابٌ مُّهِينٌ
Biʹsamash taraw biheee ʹañfusahum ʹañy yakfuroo bimaaa ʹañzalal laahu bag̣yan ʹañy yunazzilal laahu miñ faz̤̣lihee ʻalaa mañy yashaaaʹu min ʻibaadih. Fabaaaʹoo big̣aḍabin ʻalaa g̣aḍab. Wa-lil-Kaafireena ʻaẓaabum muheen.
يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلىنى (پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى (ئىمانىنى) كۇفرىغا سېتىشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى ـ ئۈستىگە غەزەپكە تېگىشلىك بولدى. كاپىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
-
2:91
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ ءَامِنُوا۟ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُوا۟ نُؤْمِنُ بِمَآ أُنزِلَ عَلَيْنَا وَيَكْفُرُونَ بِمَا وَرَآءَهُۥ وَهُوَ ٱلْحَقُّ مُصَدِّقًا لِّمَا مَعَهُمْ ۗ قُلْ فَلِمَ تَقْتُلُونَ أَنۢبِيَآءَ ٱللَّهِ مِن قَبْلُ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
Wa-ʹiẓaa q̣eela lahum ʹaaminoo bimaaa ʹañzalal laahu q̣aaloo nuʹminu bimaaa ʹuñzila ʻalaynaa wa-yakfuroona bimaa waraaaʹahoo wa-huwal Ḥaq̣q̣u muṣaddiq̣al limaa maʻahum. Q̣ul falima taq̣tuloona ʹambiyaaaʹal laahi miñ q̣ablu ʹiñ kuñtum muʹmineen?
ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا (قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا) ئىمان كەلتۈرىمىز» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابقا (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى تەستىق قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارغا) «سىلەر (تەۋراتقا) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟» دېگىن.
-
2:92
۞ وَلَقَدْ جَآءَكُم مُّوسَىٰ بِٱلْبَيِّنَـٰتِ ثُمَّ ٱتَّخَذْتُمُ ٱلْعِجْلَ مِنۢ بَعْدِهِۦ وَأَنتُمْ ظَـٰلِمُونَ
Wa-laq̣ad jaaaʹakum Moosaa bil-Bayyinaati s̤ummat takhaẓtumul ʻijla mim baʻdihee wa-ʹañtum z̤̣aalimoon.
مۇسا سىلەرگە ھەقىقەتەن ئېنىق مۆجىزىلەرنى كەلتۈردى، مۇسا (تۇر تېغىغا كەتكەن) دىن كېيىن، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار.
-
2:93
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَـٰقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ ٱلطُّورَ خُذُوا۟ مَآ ءَاتَيْنَـٰكُم بِقُوَّةٍ وَٱسْمَعُوا۟ ۖ قَالُوا۟ سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَأُشْرِبُوا۟ فِى قُلُوبِهِمُ ٱلْعِجْلَ بِكُفْرِهِمْ ۚ قُلْ بِئْسَمَا يَأْمُرُكُم بِهِۦٓ إِيمَـٰنُكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
Wa-ʹiẓ ʹakhaẓnaa Mees̤aaq̣akum wa-rafaʻnaa fawq̣akumuṭ Ṭoor: khuẓoo maaa ʹaataynaakum̃ biq̣uwwatiñw wasmaʻoo. Q̣aaloo samiʻnaa wa-ʻaṣaynaa: wa-ʹushriboo fee q̣uloobihimul ʻijla bikufrihim. Q̣ul biʹsamaa yaʹmurukum̃ biheee ʹeemaanukum ʹiñ kuñtum muʹmineen.
ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن (تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا) چىن ۋەدە ئالغان ئىدۇق، سىلەرگە: «مەن نازىل قىلغان كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار (بولمىسا ئۈستۈڭلارغا تاغنى تاشلايمىز)» دەپ تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلىدۇق ۋە (تەۋراتقا) قۇلاق سېلىڭلار (دېدۇق). ئۇلار: «سۆزۈڭگە قۇلاق سالدۇق، ئەمرىڭگە ئاسىيلىق قىلدۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كەتتى. ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا؟ (سىلەر مۆمىن ئەمەس، چۈنكى ئىمان موزايغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇمايدۇ)» دېگىن.
-
2:94
قُلْ إِن كَانَتْ لَكُمُ ٱلدَّارُ ٱلْـَٔاخِرَةُ عِندَ ٱللَّهِ خَالِصَةً مِّن دُونِ ٱلنَّاسِ فَتَمَنَّوُا۟ ٱلْمَوْتَ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
Q̣ul ʹiñ kaanat lakumud Daarul ʹAakhiratu ʻiñdal laahi khaaliṣatam min doonin naasi fatamannawul mawta ʹiñ kuñtum ṣaadiq̣een.
ئۇلارغا: «ئەگەر ئاخىرەت يۇرتى (جەننەت) ئاللاھنىڭ قېشىدا (سىلەر گۇمان قىلغاندەك) باشقىلارغا ئەمەس، يالغۇز سىلەرگىلا خاس بولسا، (سىلەرنى جەننەتكە ئۇلاشتۇرىدىغان) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار! (جەننەت بىزگىلا خاس دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار» دېگىن.
-
2:95
وَلَن يَتَمَنَّوْهُ أَبَدًۢا بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌۢ بِٱلظَّـٰلِمِينَ
Wa-lañy yatamannawhu ʹabadam bimaa q̣addamat ʹaydeehim. Wallaahu ʻAleemum̃ biz̤̣z̤̣aalimeen.
ئۇلار قىلغان يامان ئەمەللىرى سەۋەبلىك، ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
-
2:96
وَلَتَجِدَنَّهُمْ أَحْرَصَ ٱلنَّاسِ عَلَىٰ حَيَوٰةٍ وَمِنَ ٱلَّذِينَ أَشْرَكُوا۟ ۚ يَوَدُّ أَحَدُهُمْ لَوْ يُعَمَّرُ أَلْفَ سَنَةٍ وَمَا هُوَ بِمُزَحْزِحِهِۦ مِنَ ٱلْعَذَابِ أَن يُعَمَّرَ ۗ وَٱللَّهُ بَصِيرٌۢ بِمَا يَعْمَلُونَ
Wa-latajidannahum ʹaḥraṣan naasi ʻalaa ḥayaah. Wa-minal laẓeena ʹashrakoo yawaddu ʹaḥaduhum law yuʻammaru ʹalfa sanah: wa-maa huwa bi-muzaḥziḥihee minal ʻaẓaabi ʹañy yuʻammar. Wallaahu Baseerum bimaa yaʻmaloon.
شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى ھاياتقا ھەممە كىشىدىن، ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ ھېرىس كۆرۈسەن؛ ھەر بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋەھالەنكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
-
2:97
قُلْ مَن كَانَ عَدُوًّا لِّجِبْرِيلَ فَإِنَّهُۥ نَزَّلَهُۥ عَلَىٰ قَلْبِكَ بِإِذْنِ ٱللَّهِ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَهُدًى وَبُشْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ
Q̣ul mañ kaana ʻaduwwal li-Jibreela faʹinnahoo nazzalahoo ʻalaa q̣albika biʹiẓnil laahi muṣaddiq̣al limaa bayna yadayhi wa-hudañw wa- bushraa lil-Muʹmineen,
ئېيتقىنكى، «جىبرىئىلغا دۈشمەن بولغان ئادەم (ئاللاھقا دۈشمەندۇر)، چۈنكى ئۇ (جىبرىئىل) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكىنى (ساماۋى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچى، توغرا يول كۆرسەتكۈچى، مۆمىنلەرگە بېشارەت بەرگۈچى قۇرئاننى سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلدى.
-
2:98
مَن كَانَ عَدُوًّا لِّلَّهِ وَمَلَـٰٓئِكَتِهِۦ وَرُسُلِهِۦ وَجِبْرِيلَ وَمِيكَىٰلَ فَإِنَّ ٱللَّهَ عَدُوٌّ لِّلْكَـٰفِرِينَ
Mañ kaana ʻaduwwal lillaahi wa-malaaaʹikatihee wa-rusulihi wa-Jibreela wa-Meekaala faʹinnal laaha ʻaduwwul lilkaafireen.
كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى، جىبرىئىلنى، مىكائىلنى دۈشمەن تۇتىدىكەن (ئاللاھنى دۈشمەن تۇتقان بولىدۇ)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ».
-
2:99
وَلَقَدْ أَنزَلْنَآ إِلَيْكَ ءَايَـٰتٍۭ بَيِّنَـٰتٍ ۖ وَمَا يَكْفُرُ بِهَآ إِلَّا ٱلْفَـٰسِقُونَ
Wa-laq̣ad ʹañzalnaaa ʹilayka ʹAayaatim bayyinaat; wa-maa yakfuru bihaaa ʹillal faasiq̣oon.
شەك ـ شۈبھىسىزكى، ساڭا بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئۇلارنى پەقەت توغرا يولدىن چىققانلارلا ئىنكار قىلىدۇ.
-
2:100
أَوَكُلَّمَا عَـٰهَدُوا۟ عَهْدًا نَّبَذَهُۥ فَرِيقٌ مِّنْهُم ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
ʹAwa-kullamaa ʻaahadoo ʻahdan nabaẓahoo fareeq̣um minhum? Bal ʹaks̤aruhum laa- yuʹminoon.
ھەر قاچان ئۇلار بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ) تولىسى (تەۋراتقا) ئىمان ئېيتمايدۇ.
-
2:101
وَلَمَّا جَآءَهُمْ رَسُولٌ مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٌ لِّمَا مَعَهُمْ نَبَذَ فَرِيقٌ مِّنَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ كِتَـٰبَ ٱللَّهِ وَرَآءَ ظُهُورِهِمْ كَأَنَّهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
Wa-lammaa jaaaʹahum Rasoolum min ʻiñdil laahi muṣaddiq̣ul limaa maʻahum nabaẓa fareeq̣um minal laẓeena ʹootul Kitaaba Kitaabal laahi waraaaʹa z̤̣uhoorihim kaʹannahum laa- yaʻlamoon!
ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ بىر تۈركۈمى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنى) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ كىتابىنى (تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى (يەنى تەۋراتنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمىدى).
-
2:102
وَٱتَّبَعُوا۟ مَا تَتْلُوا۟ ٱلشَّيَـٰطِينُ عَلَىٰ مُلْكِ سُلَيْمَـٰنَ ۖ وَمَا كَفَرَ سُلَيْمَـٰنُ وَلَـٰكِنَّ ٱلشَّيَـٰطِينَ كَفَرُوا۟ يُعَلِّمُونَ ٱلنَّاسَ ٱلسِّحْرَ وَمَآ أُنزِلَ عَلَى ٱلْمَلَكَيْنِ بِبَابِلَ هَـٰرُوتَ وَمَـٰرُوتَ ۚ وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنْ أَحَدٍ حَتَّىٰ يَقُولَآ إِنَّمَا نَحْنُ فِتْنَةٌ فَلَا تَكْفُرْ ۖ فَيَتَعَلَّمُونَ مِنْهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِۦ بَيْنَ ٱلْمَرْءِ وَزَوْجِهِۦ ۚ وَمَا هُم بِضَآرِّينَ بِهِۦ مِنْ أَحَدٍ إِلَّا بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۚ وَيَتَعَلَّمُونَ مَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنفَعُهُمْ ۚ وَلَقَدْ عَلِمُوا۟ لَمَنِ ٱشْتَرَىٰهُ مَا لَهُۥ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ مِنْ خَلَـٰقٍ ۚ وَلَبِئْسَ مَا شَرَوْا۟ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمْ ۚ لَوْ كَانُوا۟ يَعْلَمُونَ
Wattabaʻoo maa- tatlush shayaaṭeenu ʻalaa mulki Sulaymaan. Wa-maa kafara Sulaymaanu wa-laakinnash shayaaṭeena kafaroo yuʻal-limoonan naasas siḥr, wa-maaa ʹuñzila ʻalal malakayni bi-Baabila Haaroota wa-Maaroot. Wa-maa yuʻallimaani min ʹaḥadin ḥattaa yaq̣oolaaa ʹinnamaa naḥnu fitnatuñ falaa takfur. Fayataʻal-lamoona minhumaa - maa yufarriq̣oona Bihee baynal marʹi wa-zawjih. Wa-maa hum̃ biḍaaarreena bihee min ʹaḥadin ʹillaa biʹiẓnil laah. Wa-yataʻallamoona maa- yaẓurruhum wa-laa yañfaʻuhum. Wa-laq̣ad ʻalimoo lamanish taraahu maa- lahoo fil ʹAakhirati min khalaaq̣. Wa-labiʹsa maa- sharaw biheee ʹañfusahum, law kaanoo yaʻlamoon.
ئۇلار سۇلايماننىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ (سېھىرگەرلىكىگە ئائىت) سۆزلىرىگە ئەگەشتى. سۇلايمان (سېھرىگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن) كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى. ئۇلار بابىلدىكى ھارۇت ـ مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان سېھىرنى ئۆگىتەتتى. (بۇ ئىككى پەرىشتە) بىز كىشىلەرنى سىنايمىز، كاپىر بولمىغىن، دېمىگۈچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر ـ خوتۇننى بىر ـ بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى (يەنى سېھىرگەرلىكنى) ئۆگىنەتتى، ئۇلار (سېھىر ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار (تەۋراتنى تاشلاپ) سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن) ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ (يەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن سېھىر ئۆگىنىشنى تاللىشىنىڭ) ئەجەبمۇ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى.
-
2:103
وَلَوْ أَنَّهُمْ ءَامَنُوا۟ وَٱتَّقَوْا۟ لَمَثُوبَةٌ مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ خَيْرٌ ۖ لَّوْ كَانُوا۟ يَعْلَمُونَ
Wa-law ʹannahum ʹaamanoo wattaq̣aw lamas̤oobatum min ʻiñdil laahi khayr: law kaanoo yaʻlamoon.
ئەگەر ئۇلار ئىمان كەلتۈرسە (سېھىرنى تاشلاپ) ئاللاھتىن قورقسا، (ئۇلار ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، كاشكى ئۇلار بۇنى بىلسە ئىدى.
-
2:104
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَقُولُوا۟ رَٰعِنَا وَقُولُوا۟ ٱنظُرْنَا وَٱسْمَعُوا۟ ۗ وَلِلْكَـٰفِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ
Yaaaʹayyuhal lazeena ʹaamanoo laa- taq̣ooloo raaʻinaa wa-q̣ooluñ z̤̣urnaa wasmaʻoo. Wa-lil-Kaafireena ʻaẓaabun ʹaleem.
ئى مۆمىنلەر! (پەيغەمبەرگە) رائىنا دەپ خىتاب قىلماي، ئۇنزۇرنا دەپ خىتاب قىلىڭلار، (سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
-
2:105
مَّا يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنْ أَهْلِ ٱلْكِتَـٰبِ وَلَا ٱلْمُشْرِكِينَ أَن يُنَزَّلَ عَلَيْكُم مِّنْ خَيْرٍ مِّن رَّبِّكُمْ ۗ وَٱللَّهُ يَخْتَصُّ بِرَحْمَتِهِۦ مَن يَشَآءُ ۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلْفَضْلِ ٱلْعَظِيمِ
Maa- yawaddul laẓeena kafaroo min ʹAhlil Kitaabi wa-lal Mushrikeena ʹañy yunazzala ʻalaykum min khayrim mir Rabbikum. Wallaahu yakhtaṣṣu biraḥmatihee mañy yashaaaʹ: Wallaahu Ẓul Faḍlil ʹaz̤̣eem.
ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە پەيغەمبەرلىكنى خاس قىلىدۇ، ئاللاھ چوڭ پەزل ئىگىسىدۇر.
-
2:106
۞ مَا نَنسَخْ مِنْ ءَايَةٍ أَوْ نُنسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِّنْهَآ أَوْ مِثْلِهَآ ۗ أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
Maa- nañsakh min ʹaayatin ʹaw nuñsihaa naʹti bikhayrim minhaaa ʹaw mis̤lihaa: ʹalam taʻlam ʹannal laaha ʻalaa kulli shayʹiñ Q̣adeer?
قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، (ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟
-
2:107
أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ ٱللَّهَ لَهُۥ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۗ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِىٍّ وَلَا نَصِيرٍ
ʹAlam taʻlam ʹannal laaha lahoo mulkus samaawaati wal-ʹarḍ? Wa-maa lakum miñ doonil laahi miñw waliyyiñw walaa naṣeer.
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە مەدەتكار يوقتۇر.
-
2:108
أَمْ تُرِيدُونَ أَن تَسْـَٔلُوا۟ رَسُولَكُمْ كَمَا سُئِلَ مُوسَىٰ مِن قَبْلُ ۗ وَمَن يَتَبَدَّلِ ٱلْكُفْرَ بِٱلْإِيمَـٰنِ فَقَدْ ضَلَّ سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ
ʹAm tureedoona ʹañ tasʹaloo Rasoolakum kamaa suʹila Moosaa miñ q̣abl? Wa-mañy yatabaddalil kufra bil-ʹeemaani faq̣ad ḍalla sawaaaʹas sabeel.
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئىلگىرى مۇسادىن سوئال سورىغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلاردىن سوئال سورىماقچى بولامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرىغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ.
-
2:109
وَدَّ كَثِيرٌ مِّنْ أَهْلِ ٱلْكِتَـٰبِ لَوْ يَرُدُّونَكُم مِّنۢ بَعْدِ إِيمَـٰنِكُمْ كُفَّارًا حَسَدًا مِّنْ عِندِ أَنفُسِهِم مِّنۢ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ ٱلْحَقُّ ۖ فَٱعْفُوا۟ وَٱصْفَحُوا۟ حَتَّىٰ يَأْتِىَ ٱللَّهُ بِأَمْرِهِۦٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
Wadda kas̤eerum min ʹAhlil Kitaabi law yaruddoonakum mim baʻdi ʹeemaanikum kuffaaran, ḥasadam min ʻiñdi añfusihim mim baʻdi maa- tabayyana lahumul Ḥaq̣q̣. Faʻfoo waṣfaḥoo ḥattaa yaʹ-tiyal laahu biʹamrih: ʹinnal laaha ʻalaa kulli shayʹiñ Q̣adeer.
ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر (يەنى ئاللاھ سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغىچە) ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
-
2:110
وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا۟ لِأَنفُسِكُم مِّنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِندَ ٱللَّهِ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
Wa-ʹaq̣eemuṣ Ṣalaata wa-ʹaatuz Zakaah: wa-maa tuq̣addimoo liʹañfusikum min khayriñ tajidoohu ʻiñdal lah: ʹinnal laaha bimaa taʻmaloona Baṣeer.
نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
-
2:111
وَقَالُوا۟ لَن يَدْخُلَ ٱلْجَنَّةَ إِلَّا مَن كَانَ هُودًا أَوْ نَصَـٰرَىٰ ۗ تِلْكَ أَمَانِيُّهُمْ ۗ قُلْ هَاتُوا۟ بُرْهَـٰنَكُمْ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
Wa-q̣aaloo lañy yadkhulal Jannata ʹillaa mañ kaana Hoodan ʹaw Naṣaaraa. Tilka ʹamaaniyyuhum. Q̣ul haatoo burhaanakum ʹiñ kuñtum ṣaadiq̣een.
ئۇلار: «يەھۇدىي ياكى ناسارا بولمىغان ئادەم (يەنى يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىغان ئادەم، ناسارالار ناسارا بولمىغان ئادەم) ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېيىشتى. بۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دېگىن.
-
2:112
بَلَىٰ مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُۥ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُۥٓ أَجْرُهُۥ عِندَ رَبِّهِۦ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
Balaa, man ʹaslama wajhahoo lillaahi wa-huwa muḥsinuñ falahooo ʹajruhoo ʻiñda Rabbih; wa-laa khawfun ʻalayhim wa-laa hum yaḥzanoon.
ئۇنداق ئەمەس، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدىكەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىدىكەن)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ.
-
2:113
وَقَالَتِ ٱلْيَهُودُ لَيْسَتِ ٱلنَّصَـٰرَىٰ عَلَىٰ شَىْءٍ وَقَالَتِ ٱلنَّصَـٰرَىٰ لَيْسَتِ ٱلْيَهُودُ عَلَىٰ شَىْءٍ وَهُمْ يَتْلُونَ ٱلْكِتَـٰبَ ۗ كَذَٰلِكَ قَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ مِثْلَ قَوْلِهِمْ ۚ فَٱللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ فِيمَا كَانُوا۟ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
Wa-q̣aalatil Yahoodu laysatin Naṣaaraa ʻalaa shayʹ; wa-q̣aalatin Naṣaaraa laysatil Yahoodu ʻalaa shayʹiñw wa- hum yatloonal Kitaab. Kaẓaalika q̣aalal laẓeena laa- yaʻlamoona mis̤la q̣awlihim. Fallaahu Yaḥkumu baynahum Yawmal Q̣iyaamati feemaa kaanoo feehi yakhtalifoon.
يەھۇدىيلار: «ناسارالارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار كىتابنى (يەنى يەھۇدىيلار تەۋراتنى، ناسارالار ئىنجىلنى) ئوقۇيدۇ، بىلىمسىز ئادەملەر (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرى) مۇ ئۇلار دېگەندەك دېدى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
-
2:114
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن مَّنَعَ مَسَـٰجِدَ ٱللَّهِ أَن يُذْكَرَ فِيهَا ٱسْمُهُۥ وَسَعَىٰ فِى خَرَابِهَآ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ مَا كَانَ لَهُمْ أَن يَدْخُلُوهَآ إِلَّا خَآئِفِينَ ۚ لَهُمْ فِى ٱلدُّنْيَا خِزْىٌ وَلَهُمْ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
Wa-man ʹaz̤̣lamu mimmam manaʻa masaajidal lahi ʹañy yuẓkara feehas muhoo wa-saʻaa fee kharaabihaa? ʹUlaaaʹika maa- kaana lahum ʹany yadkhuloohaaa ʹillaa khaaaʹifeen. Lahum fid dunyaa khizyuñw wa-lahum fil ʹAakhirati ʻaẓaabun ʻaz̤̣eem.
ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلارنىڭ پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى. ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) دۇچار بولىدۇ.
-
2:115
وَلِلَّهِ ٱلْمَشْرِقُ وَٱلْمَغْرِبُ ۚ فَأَيْنَمَا تُوَلُّوا۟ فَثَمَّ وَجْهُ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ
Wa-lillaahil Mashriq̣u wal-Mag̣rib: Faʹaynamaa tuwalloo fas̤amma Wajhul laah. ʹInnal laaha Waasiʻun ʻAleem.
مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ (يەنى پۈتۈن يەر يۈزى) ئاللاھنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپى (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسى) دۇر. ئاللاھ (نىڭ مەغپىرىتى) ھەقىقەتەن كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
-
2:116
وَقَالُوا۟ ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ وَلَدًا ۗ سُبْحَـٰنَهُۥ ۖ بَل لَّهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ كُلٌّ لَّهُۥ قَـٰنِتُونَ
Wa-q̣aalut takhaẓal laahu waladañ Subḥaanah! Bal lahoo maa- fis samaawaati wal-ʹarḍ: kullul lahoo q̣aanitoon.
ئۇلار (يەھۇدىيلار، ناسارالار، مۇشرىكلار): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغان نەرسىسىدىن) پاكتۇر. ئۇنداق ئەمەس، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ھەممىسى ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر.
-
2:117
بَدِيعُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ وَإِذَا قَضَىٰٓ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
Badeeʻus samaawaati wal-ʹarḍ: wa-ʹiẓaa q̣aḍaaa ʹamrañ faʹinnamaa yaq̣oolu lahoo ˹Kuñ˺ fayakoon.
ئاللاھ ئاسمانلار ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
-
2:118
وَقَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ لَوْلَا يُكَلِّمُنَا ٱللَّهُ أَوْ تَأْتِينَآ ءَايَةٌ ۗ كَذَٰلِكَ قَالَ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِم مِّثْلَ قَوْلِهِمْ ۘ تَشَـٰبَهَتْ قُلُوبُهُمْ ۗ قَدْ بَيَّنَّا ٱلْـَٔايَـٰتِ لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
Waq̣aalal laẓeena laa- yaʻlamoona law-laa yukallimunal laahu ʹaw taʹteenaaa ʹAayah? Kaẓaalika q̣aalal laẓeena miñ q̣ablihim mis̤la q̣awlihim. Tashaabahat q̣uloobuhum. Q̣ad bayyannal ʹaayaati liq̣awmiñy yooq̣inoon.
بىلمەيدىغانلار (قۇرەيش كاپىرلىرى): «ئاللاھ نېمە ئۈچۈن بىز بىلەن سۆزلەشمەيدۇ؟ ياكى نېمە ئۈچۈن بىزگە (راست پەيغەمبەرلىكنىڭ دەلىلى سۈپتىدە) بىرەر مۆجىزە كەلمەيدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) شۇنداق سۆزنى قىلغان ئىدى؛ ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر ـ بىرىگە ئوخشايدۇ. ھەقىقەتەن بىز ئايەتلىرىمىزنى جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بايان قىلدۇق.
-
2:119
إِنَّآ أَرْسَلْنَـٰكَ بِٱلْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا ۖ وَلَا تُسْـَٔلُ عَنْ أَصْحَـٰبِ ٱلْجَحِيمِ
ʹInnaaa ʹarsalnaaka bilḥaq̣q̣i basheerañw wanaẓeera wa-laa tusʹalu ʻan ʹAṣḥaabil Jaḥeem.
بىز سېنى ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى دوزاخ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق (دىن) بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ (يەنى كاپىرلاردىن ئىمان ئېيتمىغانلار) توغرىسىدا جاۋابكار ئەمەسسەن.
-
2:120
وَلَن تَرْضَىٰ عَنكَ ٱلْيَهُودُ وَلَا ٱلنَّصَـٰرَىٰ حَتَّىٰ تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمْ ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى ٱللَّهِ هُوَ ٱلْهُدَىٰ ۗ وَلَئِنِ ٱتَّبَعْتَ أَهْوَآءَهُم بَعْدَ ٱلَّذِى جَآءَكَ مِنَ ٱلْعِلْمِ ۙ مَا لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن وَلِىٍّ وَلَا نَصِيرٍ
Wa-lañ tarḍaa ʻañkal Yahoodu wa-lan Naṣaaraa ḥattaa tattabiʻa millatahum. Q̣ul ʹinna Hudal laahi huwal Hudaa. Wa-laʹinit tabaʻta ʹahwaaaʹahum baʻdal laẓee jaaaʹaka minal ʻilmi maa- laka minal laahi miñw waliyyiñw walaa naṣeer.
سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگۈچە ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭ يولىدۇر». ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى پاكىتلىق ھەقىقەت ساڭا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن)، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، (سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ.
-
2:121
ٱلَّذِينَ ءَاتَيْنَـٰهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ يَتْلُونَهُۥ حَقَّ تِلَاوَتِهِۦٓ أُو۟لَـٰٓئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِۦ ۗ وَمَن يَكْفُرْ بِهِۦ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ
ʹAllaẓeena ʹaataynaahumul Kitaaba yatloonahoo ḥaq̣q̣a tilaawatih: ʹUlaaaʹika yuʹminoona bih. Wa-mañy yakfur bihee faʹulaaaʹika humul khaasiroon.
بىز ئاتا قىلغان كىتابنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئوقۇيدىغانلار بار، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. كىملەركى كىتابنى (قۇرئاننى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
-
2:122
يَـٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتِىَ ٱلَّتِىٓ أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّى فَضَّلْتُكُمْ عَلَى ٱلْعَـٰلَمِينَ
Yaa-Baneee ʹIsraaaʹeelaẓ kuroo niʻmatiyal lateee ʹanʻamtu ʻalaykum wa-ʹannee faḍḍaltukum ʻalal ʻaalameen.
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى (بىر زامانلاردا) ھەممە جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار.
-
2:123
وَٱتَّقُوا۟ يَوْمًا لَّا تَجْزِى نَفْسٌ عَن نَّفْسٍ شَيْـًٔا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا تَنفَعُهَا شَفَـٰعَةٌ وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ
Wattaq̣oo Yawmal laa tajzee nafsun ʻan nafsiñ shayʹañw walaa yuq̣balu minhaa ʻadluñw Walaa tañfaʻuhaa shafaaʻatunw walaa hum yuñṣaroon.
بىراۋغا بىراۋ قىلچىلىك ياردەم قىلالمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ فىدىيىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى پايدا قىلمايدىغان، ئۇلارغا (يەنى كاپىرلار ۋە گۇناھكارلارغا) ياردەم قىلىنمايدىغان كۈندىن قورقۇڭلار.
-
2:124
۞ وَإِذِ ٱبْتَلَىٰٓ إِبْرَٰهِـۧمَ رَبُّهُۥ بِكَلِمَـٰتٍ فَأَتَمَّهُنَّ ۖ قَالَ إِنِّى جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَامًا ۖ قَالَ وَمِن ذُرِّيَّتِى ۖ قَالَ لَا يَنَالُ عَهْدِى ٱلظَّـٰلِمِينَ
Wa-ʹiẓib talaaa ʹIbraaheema Rabbuhoo bi-Kalimaatiñ faʹatammahunna: q̣aala ʹInnee jaaʻiluka linnaasi ʹImaamaa. Q̣aala wa-miñ ẓurriyyatee! Q̣aala laa- yanaalu ʻahdiz̤̣ z̤̣aalimeen.
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى پەرۋەردىگارى بىر قانچە ئەمىرلەر (شەرىئەت تەكلىپلىرى) بىلەن سىنىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى بەجا كەلتۈردى. ئاللاھ (ئۇنىڭغا): «سېنى چوقۇم كىشىلەرگە (دىندا) پېشۋا قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «مېنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىمنىمۇ پېشۋا قىلساڭ» دېدى. ئاللاھ: «مېنىڭ (پېشۋا قىلىش) ئەھدەمگە زالىملار (يەنى كاپىرلار) ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.
-
2:125
وَإِذْ جَعَلْنَا ٱلْبَيْتَ مَثَابَةً لِّلنَّاسِ وَأَمْنًا وَٱتَّخِذُوا۟ مِن مَّقَامِ إِبْرَٰهِـۧمَ مُصَلًّى ۖ وَعَهِدْنَآ إِلَىٰٓ إِبْرَٰهِـۧمَ وَإِسْمَـٰعِيلَ أَن طَهِّرَا بَيْتِىَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلْعَـٰكِفِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ
Wa-ʹiẓ jaʻalnal Bayta mas̤aabatal linnaasi wa-ʹamnaa; wattakhiẓoo mim Maq̣aami ʹIbraaheema muṣallaa: wa-ʻahidnaaa ʹilaaa ʹIbraaheema wa-ʹIsmaaʻeela ʹañ ṭahhiraa Baytiya liṭṭaaaʹifeena walʻaakifeena warrukkaʻis sujood.
ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان ۋە تىنچ جاي قىلىپ بەردۇق. (كىشىلەرگە) ماقامى ئىبراھىمنى نامازگاھ قىلىڭلار (يەنى شۇ يەردە ناماز ئوقۇڭلار دېدۇق). ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (يەنى كەبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق.
-
2:126
وَإِذْ قَالَ إِبْرَٰهِـۧمُ رَبِّ ٱجْعَلْ هَـٰذَا بَلَدًا ءَامِنًا وَٱرْزُقْ أَهْلَهُۥ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ مَنْ ءَامَنَ مِنْهُم بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ ۖ قَالَ وَمَن كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُۥ قَلِيلًا ثُمَّ أَضْطَرُّهُۥٓ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلنَّارِ ۖ وَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ
Wa-ʹiẓ q̣aala ʹIbraaheemu Rabbij ʻal haaẓaa Baladan ʹAaminañw warzuq̣ ʹahlahoo minas̤ s̤amaraati man ʹaamana minhum̃ billaahi wal-Yawmil ʹAakhir. Q̣aala wa-mañ kafara faʹumattiʻuhoo q̣aleelañ s̤umma ʹaḍṭarruhoo ʹilaa ʻaẓaabin Naar, wa-biʹsal maṣeer!
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! بۇ يەرنى (مەككىنى) تېنىچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېدى. ئاللاھ: «كاپىر بولغان ئادەمنىمۇ (رىزىقتىن) ئازغىنا مۇددەت (ھاياتلىقىدا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) دوزاخقا ھەيدەيمەن» دېدى. (بۇ) نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت!
-
2:127
وَإِذْ يَرْفَعُ إِبْرَٰهِـۧمُ ٱلْقَوَاعِدَ مِنَ ٱلْبَيْتِ وَإِسْمَـٰعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلْ مِنَّآ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
Wa-ʹiẓ yarfaʻu ʹIbraaheemul q̣awaaʻida minal Bayti wa-ʹIsmaaʻeel: Rabbanaa taq̣abbal minnaa: ʹinnaka ʹAñtas Sameeʻul ʻAleem.
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن.
-
2:128
رَبَّنَا وَٱجْعَلْنَا مُسْلِمَيْنِ لَكَ وَمِن ذُرِّيَّتِنَآ أُمَّةً مُّسْلِمَةً لَّكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبْ عَلَيْنَآ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
Rabbanaa wajʻalnaa Muslimayni laka wa-miñ ẓurriyyatinaaa ʹUmmatam Muslimatal lak; wa-ʹarinaa manaasikanaa wa-tub ʻalaynaa; ʹinnaka ʹAntat Tawwaabur Raḥeem.
پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن.
-
2:129
رَبَّنَا وَٱبْعَثْ فِيهِمْ رَسُولًا مِّنْهُمْ يَتْلُوا۟ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَيُزَكِّيهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
Rabbanaa wabʻas̤ feehim Rasoolam minhum yatloo ʻalayhim ʹAayaatika wa-yuʻallimuhumul Kitaaba wal-Ḥikmata wa-yuzakkeehim: ʹinnaka ʹAñtal ʻAzeezul Ḥakeem.
پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى (قۇرئاننى)، ھېكمەتنى (يەنى سەھىھ سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن...) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى.
-
2:130
وَمَن يَرْغَبُ عَن مِّلَّةِ إِبْرَٰهِـۧمَ إِلَّا مَن سَفِهَ نَفْسَهُۥ ۚ وَلَقَدِ ٱصْطَفَيْنَـٰهُ فِى ٱلدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُۥ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ لَمِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
Wa-mañy yarg̣abu ʻam Millati ʹIbraaheema ʹillaa mañ safiha nafsah? Wa-laq̣adiṣ ṭafaynaahu fid dunyaa: wa-ʹinnahoo fil ʹAakhirati laminaṣ Ṣaaliḥeen.
ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ.
-
2:131
إِذْ قَالَ لَهُۥ رَبُّهُۥٓ أَسْلِمْ ۖ قَالَ أَسْلَمْتُ لِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
ʹIẓ q̣aala lahoo Rabbuhooo ʹaslim q̣aala ʹaslamtu li-Rabbil ʻaalameen.
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى.
-
2:132
وَوَصَّىٰ بِهَآ إِبْرَٰهِـۧمُ بَنِيهِ وَيَعْقُوبُ يَـٰبَنِىَّ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصْطَفَىٰ لَكُمُ ٱلدِّينَ فَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ
Wa-waṣṣaa bihaaa ʹIbraaheemu baneehi wa-Yaʻq̣oob: yaa-baniyya ʹinnal laahaṣ ṭafaa lakumud Deena falaa tamootunna ʹillaa wa-ʹañtum Muslimoon.
ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» دېدى.
-
2:133
أَمْ كُنتُمْ شُهَدَآءَ إِذْ حَضَرَ يَعْقُوبَ ٱلْمَوْتُ إِذْ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعْبُدُونَ مِنۢ بَعْدِى قَالُوا۟ نَعْبُدُ إِلَـٰهَكَ وَإِلَـٰهَ ءَابَآئِكَ إِبْرَٰهِـۧمَ وَإِسْمَـٰعِيلَ وَإِسْحَـٰقَ إِلَـٰهًا وَٰحِدًا وَنَحْنُ لَهُۥ مُسْلِمُونَ
ʹAm kuñtum shuhadaaaʹa ʹiẓ ḥaḍara Yaʻq̣oobal mawtu ʹiẓ q̣aala libaneehi maa- taʻbudoona mim baʻdee? Q̣aaloo naʻbudu ʹIlaahaka wa-ʹIlaaha ʹaabaaaʹika ʹIbraaheema wa-ʹIsmaaʻeela wa-ʹIsḥaaq̣a ʹIlaahañw Waaḥidaa: wa-naḥnu lahoo Muslimoon.
يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى.
-
2:134
تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ ۖ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُم مَّا كَسَبْتُمْ ۖ وَلَا تُسْـَٔلُونَ عَمَّا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
Tilka ʹummatuñ q̣ad khalat. Lahaa maa- kasabat wa-lakum maa kasabtum. Wa-laa tusʹaloona ʻammaa kaanoo yaʻmaloon.
ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس.
-
2:135
وَقَالُوا۟ كُونُوا۟ هُودًا أَوْ نَصَـٰرَىٰ تَهْتَدُوا۟ ۗ قُلْ بَلْ مِلَّةَ إِبْرَٰهِـۧمَ حَنِيفًا ۖ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلْمُشْرِكِينَ
Wa-q̣aaloo koonoo Hoodan ʹaw Naṣaaraa tahtadoo. Q̣ul bal Millata ʹIbraaheema Ḥaneefaa, wa-maa kaana minal mushrikeen.
ئۇلار: «يەھۇدىي ياكى ناسارا بولۇڭلار، توغرا يول تاپىسىلەر» دەيدۇ. «ئۇنداق ئەمەس، بىز ئىبراھىمنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېگىن.
-
2:136
قُولُوٓا۟ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْنَا وَمَآ أُنزِلَ إِلَىٰٓ إِبْرَٰهِـۧمَ وَإِسْمَـٰعِيلَ وَإِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ وَٱلْأَسْبَاطِ وَمَآ أُوتِىَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَآ أُوتِىَ ٱلنَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُۥ مُسْلِمُونَ
Q̣oolooo ʹaamannaa billaahi wa-maaa ʹuñzila ʹilaynaa wa-maaa ʹuñzila ʹilaaa ʹIbraaheema wa-ʹIsmaaʻeela wa-ʹIsḥaaq̣a wa-Yaʻq̣ooba wal-ʹasbaaṭi wa-maaa ʹootiya Moosaa wa-ʻEesaa wa-maaa ʹootiyan nabiyyoona mir Rabbihim. Laa- nufarriq̣u bayna ʹaḥadim minhum, wa-naḥnu lahoo Muslimoon.
ئېيتىڭلاركى، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز».
-
2:137
فَإِنْ ءَامَنُوا۟ بِمِثْلِ مَآ ءَامَنتُم بِهِۦ فَقَدِ ٱهْتَدَوا۟ ۖ وَّإِن تَوَلَّوْا۟ فَإِنَّمَا هُمْ فِى شِقَاقٍ ۖ فَسَيَكْفِيكَهُمُ ٱللَّهُ ۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
Faʹin ʹaamanoo bimis̤li maaa ʹaamañtum̃ bihee faq̣adih tadaw. Wa-ʹiñ tawallaw faʹinnamaa hum fee shiq̣aaq̣: fasayakfeekahumul laah, wa-Huwas Sameeʻul ʻAleem.
ئەگەر ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (سەن بىلەن) ئاداۋەتتە بولغان بولىدۇ، ئۇلارغا قارشى ئاللاھ ساڭا كۇپايىدۇر. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھىيلە ـ مىكرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
-
2:138
صِبْغَةَ ٱللَّهِ ۖ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ ٱللَّهِ صِبْغَةً ۖ وَنَحْنُ لَهُۥ عَـٰبِدُونَ
Ṣibg̣atal laah: wa-man ʹaḥsanu minal laahi ṣibg̣ah? Wa-naḥnu lahoo ʻaabidoon.
ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدىن ياخشى كىمنىڭ دىنى بار؟ بىز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز.
-
2:139
قُلْ أَتُحَآجُّونَنَا فِى ٱللَّهِ وَهُوَ رَبُّنَا وَرَبُّكُمْ وَلَنَآ أَعْمَـٰلُنَا وَلَكُمْ أَعْمَـٰلُكُمْ وَنَحْنُ لَهُۥ مُخْلِصُونَ
Q̣ul ʹatuḥaaajjoonanaa fil laahi wa-Huwa Rabbunaa wa-Rabbukum; wa-lanaa ʹaʻmaalunaa wa-lakum ʹaʻmaalukum; wa-naḥnu lahoo mukhliṣoon.
«بىز بىلەن ئاللاھ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ ھەم بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، ھەم سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز ئاللاھقىلا سادىقمىز» دېگىن.
-
2:140
أَمْ تَقُولُونَ إِنَّ إِبْرَٰهِـۧمَ وَإِسْمَـٰعِيلَ وَإِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ وَٱلْأَسْبَاطَ كَانُوا۟ هُودًا أَوْ نَصَـٰرَىٰ ۗ قُلْ ءَأَنتُمْ أَعْلَمُ أَمِ ٱللَّهُ ۗ وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن كَتَمَ شَهَـٰدَةً عِندَهُۥ مِنَ ٱللَّهِ ۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
ʹAm taq̣ooloona ʹinna ʹIbraaheema wa-ʹIsmaaʻeela wa-ʹIsḥaaq̣a wa-Yaʻq̣ooba wal-ʹAsbaaṭa kaanoo Hoodan ʹaw Naṣaaraa? Q̣ul ʹaʹañtum ʹaʻlamu ʹamil laah? Wa-man ʹaz̤̣lamu mimmañ Katama shahaadatan ʻiñdahoo minal laah? Wa-mal laahu big̣aafilin ʻammaa taʻmaloon.
«ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئېيتقىنكى، «(ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى) سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىن زالىم كىم بار؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر».
-
2:141
تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ ۖ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُم مَّا كَسَبْتُمْ ۖ وَلَا تُسْـَٔلُونَ عَمَّا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
Tilka ʹUmmatuñ q̣ad khalat. Lahaa maa- kasabat wa-lakum maa kasabtum. Wa-laa tusʹaloona ʻammaa kaanoo yaʻmaloon.
ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس.