Surah Muhammad
Surah Muhammad (Muhammad) is Surah 47 of the Holy Quran, a Medinan Surah with 38 verses, available here in Uyghur.
Verse 47:1
اَلَّذِیْنَ كَفَرُوْا وَصَدُّوْا عَنْ سَبِیْلِ اللّٰهِ اَضَلَّ اَعْمَالَهُمْ ۟
ʹAllaẓeena kafaroo wa-ṣaddoo ʻañ Sabeelil laahi ʹaḍalla ʹaʻmaalahum.
كاپىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋېتىدۇ.
Verse 47:2
وَالَّذِیْنَ اٰمَنُوْا وَعَمِلُوا الصّٰلِحٰتِ وَاٰمَنُوْا بِمَا نُزِّلَ عَلٰی مُحَمَّدٍ وَّهُوَ الْحَقُّ مِنْ رَّبِّهِمْ ۙ كَفَّرَ عَنْهُمْ سَیِّاٰتِهِمْ وَاَصْلَحَ بَالَهُمْ ۟
Wallaẓeena ʹaamanoo wa-ʻamiluṣ ṣaaliḥaati wa-ʹaamanoo bimaa nuzzila ʻalaa MUḤAMMADIÑ-W Wahuwal Ḥaq̣q̣u mir Rabbihim kaffara ʻanhum sayyiʹaatihim wa-ʹaṣlaḥa baalahum.
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ، مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ـ قۇرئان ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر – ئىمان ئېيتقانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھ قىلمايدۇ).
Verse 47:3
ذٰلِكَ بِاَنَّ الَّذِیْنَ كَفَرُوا اتَّبَعُوا الْبَاطِلَ وَاَنَّ الَّذِیْنَ اٰمَنُوا اتَّبَعُوا الْحَقَّ مِنْ رَّبِّهِمْ ؕ كَذٰلِكَ یَضْرِبُ اللّٰهُ لِلنَّاسِ اَمْثَالَهُمْ ۟
Ẓaalika biʹannal laẓeena kafarut tabaʻul baaṭila wa-ʹannal laẓeena ʹaamanut tabaʻul Ḥaq̣q̣a mir Rabbihim: kaẓaalika yaḍribul laahu linnaasi ʹams̤aalahum.
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، كاپىرلار باتىلغا (يەنى شەيتانغا) ئەگەشتى، مۆمىنلەر بولسا، پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئانغا) ئەگەشتى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى شۇنداق بايان قىلىدۇ.
Verse 47:4
فَاِذَا لَقِیْتُمُ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا فَضَرْبَ الرِّقَابِ ؕ حَتّٰۤی اِذَاۤ اَثْخَنْتُمُوْهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ ۙۗ فَاِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَاِمَّا فِدَآءً حَتّٰی تَضَعَ الْحَرْبُ اَوْزَارَهَا ذٰؔلِكَ ۛؕ وَلَوْ یَشَآءُ اللّٰهُ لَانْتَصَرَ مِنْهُمْ ۙ وَلٰكِنْ لِّیَبْلُوَاۡ بَعْضَكُمْ بِبَعْضٍ ؕ وَالَّذِیْنَ قُتِلُوْا فِیْ سَبِیْلِ اللّٰهِ فَلَنْ یُّضِلَّ اَعْمَالَهُمْ ۟
Faʹiẓaa laq̣eetumul laẓeena kafaroo faḍarbar riq̣aab; ḥattaaa ʹiẓaaa ʹas̤khañtumoohum fashuddul was̤aaq̣a faʹimmaa mannam baʻdu wa-ʹimmaa fidaaaʹan ḥattaa taḍaʻal ḥarbu ʹawzaarahaa. Ẓaalika wa-law yashaaaʹul laahu lañtaṣara minhum wa-laakil liyabluwa baʻḍakum̃ bibaʻḍ. Wallaẓeena q̣utiloo fee Sabeelil laahi falañy yuḍilla ʹaʻmaalahum.
سىلەر كۇففارلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ (مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغان چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ)، ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر (يەنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر) ئىش مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە (سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمر قىلدى)، ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شېھىتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.
Verse 47:5
سَیَهْدِیْهِمْ وَیُصْلِحُ بَالَهُمْ ۟ۚ
Sayahdeehim wa-yuṣliḥu baalahum,―
ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ.
Verse 47:6
وَیُدْخِلُهُمُ الْجَنَّةَ عَرَّفَهَا لَهُمْ ۟
Wayudkhiluhumul Jannata ʻarrafahaa lahum.
ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارغا تونۇتتى (يەنى جەننەتكە كىرگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى جايىنى ئىلگىرى كۆرگەندەكلا بىلىدۇ).
Verse 47:7
یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوْۤا اِنْ تَنْصُرُوا اللّٰهَ یَنْصُرْكُمْ وَیُثَبِّتْ اَقْدَامَكُمْ ۟
Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanooo ʹiñ tañṣurul laaha yañṣurkum wa-yus̤abbit ʹaq̣daamakum.
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ.
Verse 47:8
وَالَّذِیْنَ كَفَرُوْا فَتَعْسًا لَّهُمْ وَاَضَلَّ اَعْمَالَهُمْ ۟
Wallaẓeena kafaroo fataʻsal lahum wa-ʹaḍalla ʹaʻmaalahum.
كاپىرلارنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ.
Verse 47:9
ذٰلِكَ بِاَنَّهُمْ كَرِهُوْا مَاۤ اَنْزَلَ اللّٰهُ فَاَحْبَطَ اَعْمَالَهُمْ ۟
Ẓaalika biʹannahum karihoo maaa ʹañzalal laahu faʹaḥbaṭa ʹaʻmaalahum.
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) يامان كۆرۈش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى.
Verse 47:10
اَفَلَمْ یَسِیْرُوْا فِی الْاَرْضِ فَیَنْظُرُوْا كَیْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِیْنَ مِنْ قَبْلِهِمْ ؕ دَمَّرَ اللّٰهُ عَلَیْهِمْ ؗ وَلِلْكٰفِرِیْنَ اَمْثَالُهَا ۟
ʹAfalam yaseeroo fil ʹarḍi fayañz̤̣uroo kayfa kaana ʻAaq̣ibatul laẓeena miñ q̣ablihim? Dammaral laahu ʻalayhim, wa-lilkaafireena ʹams̤aaluhaa.
ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. كاپىرلىرىمۇ شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ.
Verse 47:11
ذٰلِكَ بِاَنَّ اللّٰهَ مَوْلَی الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا وَاَنَّ الْكٰفِرِیْنَ لَا مَوْلٰی لَهُمْ ۟۠
Ẓaalika biʹannal laaha Mawlal laẓeena ʹaamanoo waʹannal kaafireena laa- mawlaa lahum.
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر، كاپىرلارغا مەدەتكار يوقتۇر.
Verse 47:12
اِنَّ اللّٰهَ یُدْخِلُ الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا وَعَمِلُوا الصّٰلِحٰتِ جَنّٰتٍ تَجْرِیْ مِنْ تَحْتِهَا الْاَنْهٰرُ ؕ وَالَّذِیْنَ كَفَرُوْا یَتَمَتَّعُوْنَ وَیَاْكُلُوْنَ كَمَا تَاْكُلُ الْاَنْعَامُ وَالنَّارُ مَثْوًی لَّهُمْ ۟
ʹInnal laaha yudkhilul laẓeena ʹaamanoo wa-ʻamiluṣ ṣaaliḥaati Jannaatiñ tajree miñ taḥtihal ʹanhaar; wallaẓeena kafaroo yatamattaʻoona wa-yaʹkuloona kamaa taʹkulul ʹanʻaamu wan-Naaru mas̤wal lahum.
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كاپىرلار (ھاياتى دۇنيادا ئۇنىڭ لەززەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولىدۇ ۋە چاھارپايلاردەك يەپ ـ ئىچىدۇ، (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ.
Verse 47:13
وَكَاَیِّنْ مِّنْ قَرْیَةٍ هِیَ اَشَدُّ قُوَّةً مِّنْ قَرْیَتِكَ الَّتِیْۤ اَخْرَجَتْكَ ۚ اَهْلَكْنٰهُمْ فَلَا نَاصِرَ لَهُمْ ۟
Wa-kaʹayyim miñ q̣aryatin hiya ʹashaddu q̣uwwatam miñ q̣aryatikal lateee ʹakhrajatka: ʹAhlaknaahum falaa naaṣira lahum.
سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەرنىڭ (يەنى مەككىنىڭ) ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى.
Verse 47:14
اَفَمَنْ كَانَ عَلٰی بَیِّنَةٍ مِّنْ رَّبِّهٖ كَمَنْ زُیِّنَ لَهٗ سُوْٓءُ عَمَلِهٖ وَاتَّبَعُوْۤا اَهْوَآءَهُمْ ۟
ʹAfamañ kaana ʻalaa Bayyinatim mir Rabbihee kamañ zuyyina lahoo soooʹu ʻamalihee wattabaʻooo ʹahwaaaʹahum?
پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۆمىن) ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەمگە (يەنى كاپىرغا) ئوخشامدۇ؟.
Verse 47:15
مَثَلُ الْجَنَّةِ الَّتِیْ وُعِدَ الْمُتَّقُوْنَ ؕ فِیْهَاۤ اَنْهٰرٌ مِّنْ مَّآءٍ غَیْرِ اٰسِنٍ ۚ وَاَنْهٰرٌ مِّنْ لَّبَنٍ لَّمْ یَتَغَیَّرْ طَعْمُهٗ ۚ وَاَنْهٰرٌ مِّنْ خَمْرٍ لَّذَّةٍ لِّلشّٰرِبِیْنَ ۚ۬ وَاَنْهٰرٌ مِّنْ عَسَلٍ مُّصَفًّی ؕ وَلَهُمْ فِیْهَا مِنْ كُلِّ الثَّمَرٰتِ وَمَغْفِرَةٌ مِّنْ رَّبِّهِمْ ؕ كَمَنْ هُوَ خَالِدٌ فِی النَّارِ وَسُقُوْا مَآءً حَمِیْمًا فَقَطَّعَ اَمْعَآءَهُمْ ۟
Mas̤alul Jannatil latee wuʻidal Muttaq̣oon: feehaaa ʹanhaarum mim maaaʹin g̣ayri ʹaasin; wa-ʹanhaarum mil labanil lam yatag̣ayyar ṭaʻmuh; wa-ʹanhaarum min khamril laẓẓatil lishshaaribeen; wa-ʹanhaarum min ʻasalim muṣaffaa. Wa-lahum feehaa miñ kullis̤ s̤amaraati wa-mag̣firatum mir Rabbihim: Kaman huwa khaaliduñ fin Naari wa-suq̣oo maaaʹan ḥameemañ faq̣aṭṭaʹa ʹamʻaaaʹahum?
تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە ـ پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟.
Verse 47:16
وَمِنْهُمْ مَّنْ یَّسْتَمِعُ اِلَیْكَ ۚ حَتّٰۤی اِذَا خَرَجُوْا مِنْ عِنْدِكَ قَالُوْا لِلَّذِیْنَ اُوْتُوا الْعِلْمَ مَاذَا قَالَ اٰنِفًا ۫ اُولٰٓىِٕكَ الَّذِیْنَ طَبَعَ اللّٰهُ عَلٰی قُلُوْبِهِمْ وَاتَّبَعُوْۤا اَهْوَآءَهُمْ ۟
Wa-minhum mañy yastamiʻu ʹilayka ḥattaaa ʹiẓaa kharajoo min ʻiñdika q̣aaloo lil-laẓeena ʹootul ʻIlma maaẓaa q̣aala ʹaanifaa? ʹUlaaaʹikal laẓeena ṭabaʻal laahu ʻalaa q̣uloobihim wattabaʻooo ʹahwaaaʹahum.
ئۇلاردىن (يەنى مۇناپىقلاردىن) بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (يەنى ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرىغا مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بايا ئۇ (يەنى مۇھەممەد) نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر.
Verse 47:17
وَالَّذِیْنَ اهْتَدَوْا زَادَهُمْ هُدًی وَّاٰتٰىهُمْ تَقْوٰىهُمْ ۟
Wallaẓeenah tadaw zaadahum hudañw waʹataahum taq̣waahum.
ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ.
Verse 47:18
فَهَلْ یَنْظُرُوْنَ اِلَّا السَّاعَةَ اَنْ تَاْتِیَهُمْ بَغْتَةً ۚ فَقَدْ جَآءَ اَشْرَاطُهَا ۚ فَاَنّٰی لَهُمْ اِذَا جَآءَتْهُمْ ذِكْرٰىهُمْ ۟
Fahal yañz̤̣uroona ʹillas Saaʻata ʹañ taʹtiyahum̃ bag̣tah? Faq̣ad jaaaʹa ʹashraaṭuhaa. Faʹannaa lahum ʹiẓaa jaaaʹathum ẓikraahum?
ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ (يەنى بۇ چاغدا ۋەز ـ نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ).
Verse 47:19
فَاعْلَمْ اَنَّهٗ لَاۤ اِلٰهَ اِلَّا اللّٰهُ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنْۢبِكَ وَلِلْمُؤْمِنِیْنَ وَالْمُؤْمِنٰتِ ؕ وَاللّٰهُ یَعْلَمُ مُتَقَلَّبَكُمْ وَمَثْوٰىكُمْ ۟۠
Faʻlam ʹannahoo Laaa ʹilaaha ʹillal laahu wastag̣fir liẓambika wa-lil-Muʹmineena wal-Muʹminaat: wallaahu yaʻlamu mutaq̣allabakum wa-mas̤waakum.
بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ (بۇ دۇنيادىكى) ھەرىكىتىڭلارنى ۋە (ئاخىرەتتىكى) جايىڭلارنى بىلىدۇ (شۇڭا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار).
Verse 47:20
وَیَقُوْلُ الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا لَوْلَا نُزِّلَتْ سُوْرَةٌ ۚ فَاِذَاۤ اُنْزِلَتْ سُوْرَةٌ مُّحْكَمَةٌ وَّذُكِرَ فِیْهَا الْقِتَالُ ۙ رَاَیْتَ الَّذِیْنَ فِیْ قُلُوْبِهِمْ مَّرَضٌ یَّنْظُرُوْنَ اِلَیْكَ نَظَرَ الْمَغْشِیِّ عَلَیْهِ مِنَ الْمَوْتِ ؕ فَاَوْلٰى لَهُمْ ۟ۚ
Wa-yaq̣oolul laẓeena ʹaamanoo Law-laa nuzzilat Soorah? Faʹiẓaaa ʹuñzilat Sooratum Muḥkamatuñw Waẓukira feehal q̣itaalu raʹaytal laẓeena fee q̣uloobihim maraḍuñy yañz̤̣uroona ʹilayka naz̤̣aral mag̣shiyyi ʻalayhi minal mawt. Faʹawlaa lahum!
مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى[20 ـ 21].
Verse 47:21
طَاعَةٌ وَّقَوْلٌ مَّعْرُوْفٌ ۫ فَاِذَا عَزَمَ الْاَمْرُ ۫ فَلَوْ صَدَقُوا اللّٰهَ لَكَانَ خَیْرًا لَّهُمْ ۟ۚ
Ṭaaʻatuñw Waq̣awlum maʻroof. Faʹiẓaa ʻazamal ʹamr. Falaw ṣadaq̣ul laaha lakaana khayral lahum.
مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى[20 ـ 21].
Verse 47:22
فَهَلْ عَسَیْتُمْ اِنْ تَوَلَّیْتُمْ اَنْ تُفْسِدُوْا فِی الْاَرْضِ وَتُقَطِّعُوْۤا اَرْحَامَكُمْ ۟
Fahal ʻasaytum ʹiñ tawallaytum ʹañ tufsidoo fil ʹarḍi wa-tuq̣aṭṭiʻooo ʹarḥaamakum?
سىلەر (ئىسلام) دىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟.
Verse 47:23
اُولٰٓىِٕكَ الَّذِیْنَ لَعَنَهُمُ اللّٰهُ فَاَصَمَّهُمْ وَاَعْمٰۤی اَبْصَارَهُمْ ۟
ʹUlaaaʹikal laẓeena laʻanahumul laahu faʹaṣammahum wa-ʹaʻmaaa ʹabṣaarahum.
ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى.
Verse 47:24
اَفَلَا یَتَدَبَّرُوْنَ الْقُرْاٰنَ اَمْ عَلٰی قُلُوْبٍ اَقْفَالُهَا ۟
ʹAfalaa yatadabbaroonal Q̣ur-ʹaana ʹam ʻalaa q̣uloobin ʹaq̣faaluhaa?
ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ).
Verse 47:25
اِنَّ الَّذِیْنَ ارْتَدُّوْا عَلٰۤی اَدْبَارِهِمْ مِّنْ بَعْدِ مَا تَبَیَّنَ لَهُمُ الْهُدَی ۙ الشَّیْطٰنُ سَوَّلَ لَهُمْ ؕ وَاَمْلٰی لَهُمْ ۟
ʹInnal laẓeenar taddoo ʻalaaa ʹadbaarihim mim baʻdi maa- tabayyana lahumul Hudash Shayṭaanu sawwala lahum, wa-ʹamlaa lahum.
توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا قايتىۋالغانلار (يەنى ئىماندىن كۇفرىغا قايتقانلار)غا (ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى) شەيتان چىرايلىق كۆرسەتتى، (شەيتان ئارزۇ ۋە ئەجەلنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن) ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى.
Verse 47:26
ذٰلِكَ بِاَنَّهُمْ قَالُوْا لِلَّذِیْنَ كَرِهُوْا مَا نَزَّلَ اللّٰهُ سَنُطِیْعُكُمْ فِیْ بَعْضِ الْاَمْرِ ۖۚ وَاللّٰهُ یَعْلَمُ اِسْرَارَهُمْ ۟
Ẓaalika biʹannahum q̣aaloo lillaẓeena karihoo maa- nazzalal laahu sanuṭeeʻukum fee baʻḍil ʹamr; wallaahu yaʻlamu ʹisraarahum.
بۇ (يەنى شەيتاننىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى يامان كۆرگەن كاپىرلارغا: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ.
Verse 47:27
فَكَیْفَ اِذَا تَوَفَّتْهُمُ الْمَلٰٓىِٕكَةُ یَضْرِبُوْنَ وُجُوْهَهُمْ وَاَدْبَارَهُمْ ۟
Fakayfa ʹizaa tawaffathumul malaaaʹikatu yaḍriboona wujoohahum wa-ʹadbaa-rahum?
(ئازاب) پەرىشتىلىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟.
Verse 47:28
ذٰلِكَ بِاَنَّهُمُ اتَّبَعُوْا مَاۤ اَسْخَطَ اللّٰهَ وَكَرِهُوْا رِضْوَانَهٗ فَاَحْبَطَ اَعْمَالَهُمْ ۟۠
Ẓaalika biʹannahumut tabaʻoo maaa ʹaskhaṭal laaha wa-karihoo riḍwaanahoo faʹaḥbaṭa ʹaʻmaalahum.
بۇ (ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنى دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى (يەنى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى) ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى.
Verse 47:29
اَمْ حَسِبَ الَّذِیْنَ فِیْ قُلُوْبِهِمْ مَّرَضٌ اَنْ لَّنْ یُّخْرِجَ اللّٰهُ اَضْغَانَهُمْ ۟
ʹAm ḥasibal laẓeena fee q̣uloobihim maraḍun ʹal lañy yukhrijal laahu ʹaḍg̣aanahum?
دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ (ئىسلامغا بولغان) دۈشمەنلىكىنى ئاشكارىلىمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
Verse 47:30
وَلَوْ نَشَآءُ لَاَرَیْنٰكَهُمْ فَلَعَرَفْتَهُمْ بِسِیْمٰهُمْ ؕ وَلَتَعْرِفَنَّهُمْ فِیْ لَحْنِ الْقَوْلِ ؕ وَاللّٰهُ یَعْلَمُ اَعْمَالَكُمْ ۟
Wa-law nashaaaʹu laʹaraynaakahum falaʻaraftahum̃ biseemaahum: wa-lataʻrifan-nahum fee laḥnil q̣awl! Wallaahu yaʻlamu ʹaʻmaalakum.
ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق، چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيتتۇڭ، سەن ئەلۋەتتە سۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
Verse 47:31
وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ حَتّٰی نَعْلَمَ الْمُجٰهِدِیْنَ مِنْكُمْ وَالصّٰبِرِیْنَ ۙ وَنَبْلُوَاۡ اَخْبَارَكُمْ ۟
Wa-lanabluwannakum ḥattaa naʻlamal mujaahideena miñkum waṣṣaabireena wa-nabluwa ʹakhbaarakum.
بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە (جىھادقا ئەمر قىلىش ۋە مۇشەققەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن) سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن (ئاللاھنىڭ يولىدا) جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر.
Verse 47:32
اِنَّ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا وَصَدُّوْا عَنْ سَبِیْلِ اللّٰهِ وَشَآقُّوا الرَّسُوْلَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَیَّنَ لَهُمُ الْهُدٰی ۙ لَنْ یَّضُرُّوا اللّٰهَ شَیْـًٔا ؕ وَسَیُحْبِطُ اَعْمَالَهُمْ ۟
ʹInnal laẓeena kafaroo wa-ṣaddoo ʻañ Sabeelil laahi wa-shaaaq̣q̣ur Rasoola mim baʻdi maa- tabayyana lahumul Hudaa lañy yaḍurrul laaha shayʹaa: wa-sa-yuḥbiṭu ʹaʻmaalahum.
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، توغرا يول (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكى) ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (سەدىقە بەرگەنگە ئوخشاش) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلمەيدۇ).
Verse 47:33
یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوْۤا اَطِیْعُوا اللّٰهَ وَاَطِیْعُوا الرَّسُوْلَ وَلَا تُبْطِلُوْۤا اَعْمَالَكُمْ ۟
Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanooo ʹaṭeeʻul laaha wa-ʹaṭeeʻur Rasoola wa-laa tubṭilooo ʹaʻmaalakum!
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار.
Verse 47:34
اِنَّ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا وَصَدُّوْا عَنْ سَبِیْلِ اللّٰهِ ثُمَّ مَاتُوْا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَنْ یَّغْفِرَ اللّٰهُ لَهُمْ ۟
ʹInnal laẓeena kafaroo wa-ṣaddoo ʻañ Sabeelil laahi s̤umma maatoo wa-hum kuffaaruñ falañy yag̣firal laahu lahum.
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، ئاندىن كاپىر پىتى ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ.
Verse 47:35
فَلَا تَهِنُوْا وَتَدْعُوْۤا اِلَی السَّلْمِ ۖۗ وَاَنْتُمُ الْاَعْلَوْنَ ۖۗ وَاللّٰهُ مَعَكُمْ وَلَنْ یَّتِرَكُمْ اَعْمَالَكُمْ ۟
Falaa tahinoo wa-tadʻooo ʹilas salmi wa-ʹañtumul ʹaʻlawna wallaahu maʻakum wa-lañy yatirakum ʹaʻmaalakum.
(كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلغان چېغىڭلاردا) بوشاپ قالماڭلار، (كاپىرلارنى) سۈلھكە چاقىرماڭلار، ھالبۇكى، سىلەر غالىپتۇرسىلەر، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگىدۇر، ئاللاھ ھەرگىز ئەمەلىڭلارنىڭ (ساۋابىنى) كېمەيتىۋەتمەيدۇ.
Verse 47:36
اِنَّمَا الْحَیٰوةُ الدُّنْیَا لَعِبٌ وَّلَهْوٌ ؕ وَاِنْ تُؤْمِنُوْا وَتَتَّقُوْا یُؤْتِكُمْ اُجُوْرَكُمْ وَلَا یَسْـَٔلْكُمْ اَمْوَالَكُمْ ۟
ʹInnamal ḥayaatud dunyaa laʻibuñw walahw: wa-ʹiñ tuʹminoo wa-tattaq̣oo yuʹtikum ʹujoorakum wa-laa yasʹalkum ʹamwaalakum.
دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ۋە تاماشادىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار (ئاللاھ) سىلەرگە ئەجرىڭلارنى بېرىدۇ، مال ـ مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى (بېرىشنى) سورىمايدۇ (پەقەت زاكاتنى بېرىشىڭلارنى سورايدۇ).
Verse 47:37
اِنْ یَّسْـَٔلْكُمُوْهَا فَیُحْفِكُمْ تَبْخَلُوْا وَیُخْرِجْ اَضْغَانَكُمْ ۟
ʹIñy yasʹalkumoohaa fayuḥfikum tabkhaloo wa-yukhrij ʹaḍg̣aanakum.
ئەگەر ئۇ سىلەردىن مال ـ مۈلكۈڭلارنى جىددى سورىسا، بېخىللىق قىلىسىلەر، بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ (ئىسلامغا بولغان) ئاداۋىتىڭلارنى ئاشكارىلايدۇ.
Verse 47:38
هٰۤاَنْتُمْ هٰۤؤُلَآءِ تُدْعَوْنَ لِتُنْفِقُوْا فِیْ سَبِیْلِ اللّٰهِ ۚ فَمِنْكُمْ مَّنْ یَّبْخَلُ ۚ وَمَنْ یَّبْخَلْ فَاِنَّمَا یَبْخَلُ عَنْ نَّفْسِهٖ ؕ وَاللّٰهُ الْغَنِیُّ وَاَنْتُمُ الْفُقَرَآءُ ۚ وَاِنْ تَتَوَلَّوْا یَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَیْرَكُمْ ۙ ثُمَّ لَا یَكُوْنُوْۤا اَمْثَالَكُمْ ۟۠
Haaaʹañtum haaaʹulaaaʹi tudʻawna lituñfiq̣oo fee Sabeelil laah: famiñkum mañy yabkhal Wa-mañy yabkhal faʹinnamaa yabkhalu ʻan nafsih. Wallaahul G̣aniyyu wa-ʹañtumul Fuq̣araaaʹ. Wa-ʹiñ tatawallaw yastabdil q̣awman g̣ayrakum s̤umma laa- yakoonooo ʹams̤aalakum!
سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، ئاللاھ (سىلەرنىڭ مال ـ مۈلكۈڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، سىلەر بولساڭلار (ئاللاھقا) موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر (ئاللاھنىڭ تائىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ (بەلكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ).