Home  /  Quran  /  Surah
Loading...
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ

Surah Al-Ahqaf

Surah Al-Ahqaf (The Wind-Curved Sandhills) is Surah 46 of the Holy Quran, a Meccan Surah with 35 verses, available here in Uyghur.

Surah 46 Meccan 35 verses Uyghur

Verse 46:1

حٰمٓ ۟ۚ

Ḥaa-Meeem.

ھا، مىم.

Verse 46:2

تَنْزِیْلُ الْكِتٰبِ مِنَ اللّٰهِ الْعَزِیْزِ الْحَكِیْمِ ۟

Tañzeelul Kitaabi minal laahil ʻAzeezil Ḥakeem.

(بۇ قۇرئان) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

Verse 46:3

مَا خَلَقْنَا السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضَ وَمَا بَیْنَهُمَاۤ اِلَّا بِالْحَقِّ وَاَجَلٍ مُّسَمًّی ؕ وَالَّذِیْنَ كَفَرُوْا عَمَّاۤ اُنْذِرُوْا مُعْرِضُوْنَ ۟

Maa- khalaq̣nas samaawaati wal-ʹarḍa wa-maa baynahumaaa ʹillaa bilḥaq̣q̣i wa-ʹajalim musammaa: wallaẓeena kafaroo ʻammaaa ʹuñẓiroo muʻriḍoon.

ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق ئاساستا مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە قالىدىغان) قىلىپ ياراتتۇق. كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر.

Verse 46:4

قُلْ اَرَءَیْتُمْ مَّا تَدْعُوْنَ مِنْ دُوْنِ اللّٰهِ اَرُوْنِیْ مَاذَا خَلَقُوْا مِنَ الْاَرْضِ اَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِی السَّمٰوٰتِ ؕ اِیْتُوْنِیْ بِكِتٰبٍ مِّنْ قَبْلِ هٰذَاۤ اَوْ اَثٰرَةٍ مِّنْ عِلْمٍ اِنْ كُنْتُمْ صٰدِقِیْنَ ۟

Q̣ul ʹaraʹaytum maa tadʻoona miñ doonil laahi ʹaroonee maaẓaa khalaq̣oo minal ʹarḍi ʹam lahum shirkuñ fis samaawaat? ʹEetoonee bi-Kitaabim miñ q̣abli haaẓaaa ʹaw ʹas̤aaratim min ʻilmin ʹiñ kuñtum ṣaadiq̣een!

(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارنىڭ (ئەھۋالىنى) ئېيتىپ بېرىڭلار، ئۇلار زېمىننىڭ قايسى قىسمىنى ياراتقانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىڭلار، ياكى ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئۇلارنىڭ ئاللاھ بىلەن ئورتاقچىلىقى بارمۇ؟ بۇ (قۇرئان) دىن ئىلگىرى (سىلەرگە نازىل قىلىنغان) كىتاب ياكى (ئىلگىرىكىلەردىن) قالغان ئىلىم بولسا ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار».

Verse 46:5

وَمَنْ اَضَلُّ مِمَّنْ یَّدْعُوْا مِنْ دُوْنِ اللّٰهِ مَنْ لَّا یَسْتَجِیْبُ لَهٗۤ اِلٰی یَوْمِ الْقِیٰمَةِ وَهُمْ عَنْ دُعَآىِٕهِمْ غٰفِلُوْنَ ۟

Wa-man ʹaḍallu mimmañy yadʻoo miñ doonil laahi mal laa yastajeebu lahooo ʹilaa Yawmil Q̣iyaamati wa-hum ʻañ duʻaaaʹihim g̣aafiloon?

ئاللاھنى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئانى ئىجابەت قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ بۇتلار ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن غاپىلدۇر.

Verse 46:6

وَاِذَا حُشِرَ النَّاسُ كَانُوْا لَهُمْ اَعْدَآءً وَّكَانُوْا بِعِبَادَتِهِمْ كٰفِرِیْنَ ۟

Wa-ʹiẓaa ḥushiran naasu kaanoo lahum ʹaʻdaaaʹañw Wakaanoo biʻibaadatihim kaafireen!

(قىيامەت كۈنى) ئىنسانلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توپلانغان چاغدا، بۇتلار ئۇلارغا (يەنى بۇتپەرەسلەرگە) دۈشمەن بولىدۇ، ئۇلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.

Verse 46:7

وَاِذَا تُتْلٰی عَلَیْهِمْ اٰیٰتُنَا بَیِّنٰتٍ قَالَ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا لِلْحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمْ ۙ هٰذَا سِحْرٌ مُّبِیْنٌ ۟ؕ

Wa-ʹiẓaa tutlaa ʻalayhim ʹAayaatunaa Bayyinaatiñ q̣aalal laẓeena kafaroo lil-Ḥaq̣q̣i lammaa jaaaʹahum haaẓaa siḥrum mubeen!

ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، كاپىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى قۇرئاننى) باھالاپ: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دەيدۇ.

Verse 46:8

اَمْ یَقُوْلُوْنَ افْتَرٰىهُ ؕ قُلْ اِنِ افْتَرَیْتُهٗ فَلَا تَمْلِكُوْنَ لِیْ مِنَ اللّٰهِ شَیْـًٔا ؕ هُوَ اَعْلَمُ بِمَا تُفِیْضُوْنَ فِیْهِ ؕ كَفٰی بِهٖ شَهِیْدًا بَیْنِیْ وَبَیْنَكُمْ ؕ وَهُوَ الْغَفُوْرُ الرَّحِیْمُ ۟

ʹAm yaq̣ooloonaf taraah? Q̣ul ʹinif taraytuhoo falaa tamlikoona lee minal laahi shayʹaa. Huwa ʹaʻlamu bimaa tufeeḍoona feeh! Kafaa bihee Shaheedam baynee wa-baynakum! Wa-Huwal G̣afoorur Raḥeem.

ياكى ئۇلار قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆزى توقۇغان دىېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام، سىلەر مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايسىلەر، سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى مېنىڭ راستچىللىقىمغا ۋە سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلارغا گۇۋاھ بولىدۇ)، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر».

Verse 46:9

قُلْ مَا كُنْتُ بِدْعًا مِّنَ الرُّسُلِ وَمَاۤ اَدْرِیْ مَا یُفْعَلُ بِیْ وَلَا بِكُمْ ؕ اِنْ اَتَّبِعُ اِلَّا مَا یُوْحٰۤی اِلَیَّ وَمَاۤ اَنَا اِلَّا نَذِیْرٌ مُّبِیْنٌ ۟

Q̣ul maa- kuñtu bidʻam minar rusuli wa-maaa ʹadree maa- yufʻalu bee wa-laa bikum. ʹIn ʹattabiʻu ʹillaa maa- yooḥaaa ʹilayya wa-maaa ʹana ʹillaa Naẓeerum mubeen.

ئېيتقىنكى، «مەن (ئاللاھ ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسمەن، (مەندىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ۋەھىي بىلەن كەلدىم، نېمىشقا مېنى ئىنكار قىلىسىلەر؟) ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن (چۈنكى ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى ئالدىن ئۇققىلى بولمايدۇ)، مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».

Verse 46:10

قُلْ اَرَءَیْتُمْ اِنْ كَانَ مِنْ عِنْدِ اللّٰهِ وَكَفَرْتُمْ بِهٖ وَشَهِدَ شَاهِدٌ مِّنْ بَنِیْۤ اِسْرَآءِیْلَ عَلٰی مِثْلِهٖ فَاٰمَنَ وَاسْتَكْبَرْتُمْ ؕ اِنَّ اللّٰهَ لَا یَهْدِی الْقَوْمَ الظّٰلِمِیْنَ ۟۠

Q̣ul ʹaraaytum ʹiñ kaana min ʻiñdil laahi wa-kafartum̃ bihee wa-shahida shaahidum mim Baneee ʹIsraaaʹeela ʻalaa mis̤lihee faʹaamana wastakbartum? ʹInnal laaha laa- yahdil q̣awmaz̤̣ z̤̣aalimeen.

(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن سالام) قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرسە، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتساڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ».

Verse 46:11

وَقَالَ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا لِلَّذِیْنَ اٰمَنُوْا لَوْ كَانَ خَیْرًا مَّا سَبَقُوْنَاۤ اِلَیْهِ ؕ وَاِذْ لَمْ یَهْتَدُوْا بِهٖ فَسَیَقُوْلُوْنَ هٰذَاۤ اِفْكٌ قَدِیْمٌ ۟

Wa-q̣aalal laẓeena kafaroo lillaẓeena ʹaamanoo law kaana khayram maa sabaq̣oonaaa ʹilayh! Wa-ʹiẓ lam yahtadoo bihee fasayaq̣ooloona haaẓaaa ʹifkuñ q̣adeem!

كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «ئەگەر (قۇرئان بىلەن ئىسلام دىنى) ياخشى بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇلار (يەنى ئاجىز مۇسۇلمانلار) ئۇنىڭغا بىزدىن بۇرۇن ئىشەنمىگەن بولاتتى» دېدى، ئۇلار قۇرئان بىلەن ھىدايەت تاپمىغانلىقلىرى ئۈچۈن، «بۇ قەدىمقى ئويدۇرمىدۇر» دەيدۇ.

Verse 46:12

وَمِنْ قَبْلِهٖ كِتٰبُ مُوْسٰۤی اِمَامًا وَّرَحْمَةً ؕ وَهٰذَا كِتٰبٌ مُّصَدِّقٌ لِّسَانًا عَرَبِیًّا لِّیُنْذِرَ الَّذِیْنَ ظَلَمُوْا ۖۗ وَبُشْرٰی لِلْمُحْسِنِیْنَ ۟ۚ

Wa-miñ q̣ablihee Kitaabu Moosaaa ʹimaamañw Waraḥmah: wa-haaẓaa Kitaabum muṣaddiq̣ul lisaanan ʻArabiyyal liyuñẓiral laẓeena z̤̣alamoo wa-Bushraa lil-Muḥsineen.

قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى (يەنى تەۋرات) ئەھلى جاھانغا پېشۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى كىتابتۇر، (ئىلگىرىكى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھ ئۇنى) زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلغۇچى مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى.

Verse 46:13

اِنَّ الَّذِیْنَ قَالُوْا رَبُّنَا اللّٰهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوْا فَلَا خَوْفٌ عَلَیْهِمْ وَلَا هُمْ یَحْزَنُوْنَ ۟ۚ

ʹInnal laẓeena q̣aaloo Rabbunal laahu s̤ummas taq̣aamoo falaa khawfun ʻalayhim wa-laa hum yaḥzanoon.

«پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر.

Verse 46:14

اُولٰٓىِٕكَ اَصْحٰبُ الْجَنَّةِ خٰلِدِیْنَ فِیْهَا ۚ جَزَآءً بِمَا كَانُوْا یَعْمَلُوْنَ ۟

ʹUlaaaʹika ʹAṣḥaabul Jannati khaalideena feehaa: jazaaaʹam bimaa kaanoo yaʻmaloon.

ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، (بۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.

Verse 46:15

وَوَصَّیْنَا الْاِنْسَانَ بِوَالِدَیْهِ اِحْسٰنًا ؕ حَمَلَتْهُ اُمُّهٗ كُرْهًا وَّوَضَعَتْهُ كُرْهًا ؕ وَحَمْلُهٗ وَفِصٰلُهٗ ثَلٰثُوْنَ شَهْرًا ؕ حَتّٰۤی اِذَا بَلَغَ اَشُدَّهٗ وَبَلَغَ اَرْبَعِیْنَ سَنَةً ۙ قَالَ رَبِّ اَوْزِعْنِیْۤ اَنْ اَشْكُرَ نِعْمَتَكَ الَّتِیْۤ اَنْعَمْتَ عَلَیَّ وَعَلٰی وَالِدَیَّ وَاَنْ اَعْمَلَ صَالِحًا تَرْضٰىهُ وَاَصْلِحْ لِیْ فِیْ ذُرِّیَّتِیْ ؕۚ اِنِّیْ تُبْتُ اِلَیْكَ وَاِنِّیْ مِنَ الْمُسْلِمِیْنَ ۟

Wa-waṣṣaynal ʹiñsaana biwaalidayhi ʹiḥsaanaa: ḥamalathu ʹummuhoo kurhañw wawaḍaʻathu kurhaa. Wa-ḥamluhoo wa-fiṣaaluhoo s̤alaas̤oona shahraa. Ḥattaaa ʹiẓaa balag̣a ʹashuddahoo wa-balag̣a ʹarbaʻeena sanatañ q̣aala Rabbi ʹawziʻneee ʹan ʹashkura niʻmatakal lateee ʹanʻamta ʻalayya wa-ʻalaa waalidayya wa-ʹan ʹaʻmala ṣaaliḥañ tarḍaahu wa-ʹaṣliḥ lee fee ẓurriyyatee. ʹInnee tubtu ʹilayka wa-ʹinnee minal Muslimeen.

بىز ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ.

Verse 46:16

اُولٰٓىِٕكَ الَّذِیْنَ نَتَقَبَّلُ عَنْهُمْ اَحْسَنَ مَا عَمِلُوْا وَنَتَجَاوَزُ عَنْ سَیِّاٰتِهِمْ فِیْۤ اَصْحٰبِ الْجَنَّةِ ؕ وَعْدَ الصِّدْقِ الَّذِیْ كَانُوْا یُوْعَدُوْنَ ۟

ʹUlaaaʹikal laẓeena nataq̣abbalu ʻanhum ʹaḥsana maa- ʻamiloo wa-natajaawazu ʻañ sayyiʹaatihim feee ʹaṣḥaabil Jannah: waʻdaṣ ṣidq̣il laẓee kaanoo yooʻadoon.

ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار (ئاللاھ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ، (بۇ) ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر.

Verse 46:17

وَالَّذِیْ قَالَ لِوَالِدَیْهِ اُفٍّ لَّكُمَاۤ اَتَعِدٰنِنِیْۤ اَنْ اُخْرَجَ وَقَدْ خَلَتِ الْقُرُوْنُ مِنْ قَبْلِیْ ۚ وَهُمَا یَسْتَغِیْثٰنِ اللّٰهَ وَیْلَكَ اٰمِنْ ۖۗ اِنَّ وَعْدَ اللّٰهِ حَقٌّ ۖۚ فَیَقُوْلُ مَا هٰذَاۤ اِلَّاۤ اَسَاطِیْرُ الْاَوَّلِیْنَ ۟

Wallaẓee q̣aala liwaalidayhi ʹuffil lakumaaa ʹataʻidaanineee ʹan ʹukhraja wa-q̣ad khalatil q̣uroonu miñ q̣ablee? Wa-humaa yastag̣ees̤aanil laaha waylaka ʹaamin! ʹInna waʻdal laahi ḥaq̣q̣. Fayaq̣oolu maa- haaẓaaa ʹillaaa ʹasaaṭeerul ʹawwaleen!

بەزى ئادەم (يەنى ئاتا ـ ئانىسى ئىمانغا دەۋەت قىلغان فاجىر بالا): «ۋاي ـ ۋۇي! سىلەر مېنى قايتا تىرىلىشتىن قورقۇتۇۋاتامسىلەر، (مەندىن ئىلگىرى) نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتتى (ئۇلاردىن ھېچ ئادەم تىرىلدۈرۈلگىنى يوق)» دەيدۇ، ئۇ ئىككىسى ئاللاھقا پەرياد قىلىپ: «ۋاي ساڭا! ئىمان ئېيتقىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر» دەيدۇ. ئۇ: «بۇ پەقەت ئاۋالقىلاردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر» دەيدۇ.

Verse 46:18

اُولٰٓىِٕكَ الَّذِیْنَ حَقَّ عَلَیْهِمُ الْقَوْلُ فِیْۤ اُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمْ مِّنَ الْجِنِّ وَالْاِنْسِ ؕ اِنَّهُمْ كَانُوْا خٰسِرِیْنَ ۟

ʹUlaaaʹikal laẓeena ḥaq̣q̣a ʻalayhimul Q̣awlu feee ʹumamiñ q̣ad khalat miñ q̣ablihim minal jinni wal-ʹiñs: ʹinnahum kaanoo khaasireen.

ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە (ئاللاھنىڭ ئازاب قىلىش) سۆزى ھەقلىق بولدى، ئۇلار بولسا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئۈممەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچى بولدى.

Verse 46:19

وَلِكُلٍّ دَرَجٰتٌ مِّمَّا عَمِلُوْا ۚ وَلِیُوَفِّیَهُمْ اَعْمَالَهُمْ وَهُمْ لَا یُظْلَمُوْنَ ۟

Wa-likulliñ darajaatum mimmaa ʻamiloo, wa-liyuwaf-fiyahum ʹaʻmaalahum Wahum laa- yuz̤̣lamoon.

(مۆمىنلەرنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ) ھەممىسىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى ۋە جازاسى (كەم ـ زىيادە قىلىنماي) تولۇق بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.

Verse 46:20

وَیَوْمَ یُعْرَضُ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا عَلَی النَّارِ ؕ اَذْهَبْتُمْ طَیِّبٰتِكُمْ فِیْ حَیَاتِكُمُ الدُّنْیَا وَاسْتَمْتَعْتُمْ بِهَا ۚ فَالْیَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُوْنِ بِمَا كُنْتُمْ تَسْتَكْبِرُوْنَ فِی الْاَرْضِ بِغَیْرِ الْحَقِّ وَبِمَا كُنْتُمْ تَفْسُقُوْنَ ۟۠

Wa-Yawma yuʻraḍul laẓeena kafaroo ʻalan Naar. ʹAẓhabtum ṭayyibaatikum fee ḥayaatikumud dunyaa wastamtaʻtum̃ bihaa: fal-Yawma tujzawna ʻaẓaabal hooni bimaa kuñtum tastakbiroona fil ʹarḍi big̣ayril ḥaq̣q̣i wa-bimaa kuñtum tafsuq̣oon.

كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدۇ): «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر».

Verse 46:21

وَاذْكُرْ اَخَا عَادٍ ؕ اِذْ اَنْذَرَ قَوْمَهٗ بِالْاَحْقَافِ وَقَدْ خَلَتِ النُّذُرُ مِنْ بَیْنِ یَدَیْهِ وَمِنْ خَلْفِهٖۤ اَلَّا تَعْبُدُوْۤا اِلَّا اللّٰهَ ؕ اِنِّیْۤ اَخَافُ عَلَیْكُمْ عَذَابَ یَوْمٍ عَظِیْمٍ ۟

Waẓkur ʹAkhaa ʻAad: ʹIẓ ʹañẓara q̣awmahoo bil-ʹAḤQ̣AAFI wa-q̣ad khalatin nuẓuru mim bayni yadayhi wa-min khalfiheee ʹallaa taʻbudooo ʹillal laah: ʹinneee ʹakhaafu ʻalaykum ʻaẓaaba Yawmin ʻaz̤̣eem.

(ئى مۇھەممەد!) ئادنىڭ قېرىندىشى (يەنى ھۇد ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان قىسسەسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف (دېگەن يەر) دىكى قەۋمىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردى، ئۇنىڭدىن (يەنى ھۇدتىن) ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. ئۇ (يەنى ھۇد) (قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ) ئېيتتى: «سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ (ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلساڭلار) بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن».

Verse 46:22

قَالُوْۤا اَجِئْتَنَا لِتَاْفِكَنَا عَنْ اٰلِهَتِنَا ۚ فَاْتِنَا بِمَا تَعِدُنَاۤ اِنْ كُنْتَ مِنَ الصّٰدِقِیْنَ ۟

Q̣aalooo ʹajiʹtanaa litaʹfikanaa ʻan ʹaalihatinaa? Faʹtinaa bimaa taʻidunaaa ʹiñ kuñta minaṣ ṣaadiq̣een!

ئۇلار: «(ئى ھۇد!) سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر سەن (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرگىن» دېدى.

Verse 46:23

قَالَ اِنَّمَا الْعِلْمُ عِنْدَ اللّٰهِ ۖؗ وَاُبَلِّغُكُمْ مَّاۤ اُرْسِلْتُ بِهٖ وَلٰكِنِّیْۤ اَرٰىكُمْ قَوْمًا تَجْهَلُوْنَ ۟

Q̣aala ʹinnamal ʻilmu ʻiñdal laah: wa-ʹuballig̣ukum maaa ʹursiltu bihee wa-laakinneee ʹaraakum q̣awmañ tajhaloon!

ئۇ: «(سىلەرگە ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى) پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ۋەلېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرىمەن» دېدى.

Verse 46:24

فَلَمَّا رَاَوْهُ عَارِضًا مُّسْتَقْبِلَ اَوْدِیَتِهِمْ ۙ قَالُوْا هٰذَا عَارِضٌ مُّمْطِرُنَا ؕ بَلْ هُوَ مَا اسْتَعْجَلْتُمْ بِهٖ ؕ رِیْحٌ فِیْهَا عَذَابٌ اَلِیْمٌ ۟ۙ

falammaa raʹawhu ʻaariḍam mustaq̣bila ʹawdiyatihim q̣aaloo haaẓaa ʻaariḍum mumṭirunaa! Bal huwa mas taʻjaltum̃ bih! reeḥuñ feehaa ʻAẓaabun ʹaleem!

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى) «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار.

Verse 46:25

تُدَمِّرُ كُلَّ شَیْءٍ بِاَمْرِ رَبِّهَا فَاَصْبَحُوْا لَا یُرٰۤی اِلَّا مَسٰكِنُهُمْ ؕ كَذٰلِكَ نَجْزِی الْقَوْمَ الْمُجْرِمِیْنَ ۟

Tudammiru kulla shayʹim biʹamri Rabbihaa faʹaṣbaḥoo laa- yuraaa ʹillaa masaakinuhum! Kaẓaalika najzil q̣awmal mujrimeen!

ئۇ پەرۋردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ» (يەنى بوران كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرىنىڭ (يەنى تۇرغان ماكانلىرىنىڭ ئىزىدىن) باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز.

Verse 46:26

وَلَقَدْ مَكَّنّٰهُمْ فِیْمَاۤ اِنْ مَّكَّنّٰكُمْ فِیْهِ وَجَعَلْنَا لَهُمْ سَمْعًا وَّاَبْصَارًا وَّاَفْـِٕدَةً ۖؗ فَمَاۤ اَغْنٰی عَنْهُمْ سَمْعُهُمْ وَلَاۤ اَبْصَارُهُمْ وَلَاۤ اَفْـِٕدَتُهُمْ مِّنْ شَیْءٍ اِذْ كَانُوْا یَجْحَدُوْنَ ۙ بِاٰیٰتِ اللّٰهِ وَحَاقَ بِهِمْ مَّا كَانُوْا بِهٖ یَسْتَهْزِءُوْنَ ۟۠

Wa-laq̣ad makkannaahum feemaaa ʹim makkannaakum feehi wa-jaʻalnaa lahum samʻañw waʹabṣaarañw waʹafʹidah: famaaa ʹag̣naa ʻanhum samʻuhum wa-laaa ʹabṣaaruhum wa-laaa ʹafʹidatuhum miñ shayʹin ʹiẓ kaanoo yajḥadoona biʹAayaatil laahi wa-ḥaaq̣a bihim maa kaanoo bihee yastahziʹoon!

بىز ئۇلارنى (يەنى ئاد قەۋمىنى) (پۇل ـ مال، كۈچ ـ قۇۋۋەت جەھەتتە) سىلەرنى قادىر قىلمىغان نەرسىلەرگە قادىر قىلدۇق. (ئۇلارنىڭ شۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىپ، بۇ ئارقىلىق نېمەتلەرنى بەرگۈچى ئاللاھنى تونۇشى ئۈچۈن) ئۇلارغا قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى بەردۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى، دىللىرى ئۇلاردىن (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلمىدى، ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارغا نازىل بولدى.

Verse 46:27

وَلَقَدْ اَهْلَكْنَا مَا حَوْلَكُمْ مِّنَ الْقُرٰی وَصَرَّفْنَا الْاٰیٰتِ لَعَلَّهُمْ یَرْجِعُوْنَ ۟

Wa-laq̣ad ʹahlaknaa maa- ḥawlakum minal q̣uraa wa-ṣarrafnal ʹAayaati laʻallahum yarjiʻoon.

(ئى مەككە ئاھالىسى!) بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كۇفرىدىن) يانسۇن دەپ ئايەتلەرنى تەكرار بايان قىلدۇق.

Verse 46:28

فَلَوْلَا نَصَرَهُمُ الَّذِیْنَ اتَّخَذُوْا مِنْ دُوْنِ اللّٰهِ قُرْبَانًا اٰلِهَةً ؕ بَلْ ضَلُّوْا عَنْهُمْ ۚ وَذٰلِكَ اِفْكُهُمْ وَمَا كَانُوْا یَفْتَرُوْنَ ۟

Falawlaa naṣarahumul laẓeenat takhaẓoo miñ doonil laahi q̣urbaanan ʹaalihah? Bal ḍalloo ʻanhum: wa-ẓaalika ʹifkuhum wa-maa kaanoo yaftaroon.

(ئۇلارغا ئازاب كەلگەندە) ئۇلارنىڭ خۇداغا يېقىن قىلىدۇ، دەپ ئاللاھتىن باشقا تۇتقان مەبۇدلىرى ئۇلارغا نېمىشقا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى غايىب بولدى، بۇ (يەنى بۇتلار بىزنى خۇداغا يېقىن قىلىدۇ دېگەن سۆزى) ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسىدۇر ۋە (ئاللاھقا) چاپلىغان بوھتانلىرىدۇر.

Verse 46:29

وَاِذْ صَرَفْنَاۤ اِلَیْكَ نَفَرًا مِّنَ الْجِنِّ یَسْتَمِعُوْنَ الْقُرْاٰنَ ۚ فَلَمَّا حَضَرُوْهُ قَالُوْۤا اَنْصِتُوْا ۚ فَلَمَّا قُضِیَ وَلَّوْا اِلٰی قَوْمِهِمْ مُّنْذِرِیْنَ ۟

Wa-ʹiẓ ṣarafnaaa ʹilayka nafaram minal Jinni yastamiʻoonal Q̣urʹaan. Falammaa ḥaḍaroohu q̣aalooo ʹañṣitoo! Falammaa q̣uḍiya wallaw ʹilaa q̣awmihim muñẓireen.

(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر ـ بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى.

Verse 46:30

قَالُوْا یٰقَوْمَنَاۤ اِنَّا سَمِعْنَا كِتٰبًا اُنْزِلَ مِنْ بَعْدِ مُوْسٰی مُصَدِّقًا لِّمَا بَیْنَ یَدَیْهِ یَهْدِیْۤ اِلَی الْحَقِّ وَاِلٰی طَرِیْقٍ مُّسْتَقِیْمٍ ۟

Q̣aaloo yaa-q̣awmanaaa ʹinnaa samiʻnaa Kitaaban ʹuñzila mim baʻdi Moosaa muṣaddiq̣al limaa bayna yadayhi yahdeee ʹilal Ḥaq̣q̣i wa-ʹilaa Ṭareeq̣im Mustaq̣eem.

ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق».

Verse 46:31

یٰقَوْمَنَاۤ اَجِیْبُوْا دَاعِیَ اللّٰهِ وَاٰمِنُوْا بِهٖ یَغْفِرْ لَكُمْ مِّنْ ذُنُوْبِكُمْ وَیُجِرْكُمْ مِّنْ عَذَابٍ اَلِیْمٍ ۟

Yaa-q̣awmanaaa ʹajeeboo Daaʻiyal laahi wa-ʹaaminoo bihee yag̣fir lakum miñ ẓunoobikum wa-yujirkum min ʻAẓaabin ʹaleem.

«ئى قەۋمىمىز! ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ».

Verse 46:32

وَمَنْ لَّا یُجِبْ دَاعِیَ اللّٰهِ فَلَیْسَ بِمُعْجِزٍ فِی الْاَرْضِ وَلَیْسَ لَهٗ مِنْ دُوْنِهٖۤ اَوْلِیَآءُ ؕ اُولٰٓىِٕكَ فِیْ ضَلٰلٍ مُّبِیْنٍ ۟

Wa-mal laa yujib Daaʻiyal laahi falaysa bimuʻjiziñ fil ʹarḍi wa-laysa lahoo miñ dooniheee ʹawliyaaaʹ: ʹulaaaʹika fee ḍalaalim mubeen.

كىمكى ئاللاھقا (ئىمان ئېيتىشقا) دەۋەت قىلغۇچىنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ) دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا (ئۇنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئۇلار (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار) ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر.

Verse 46:33

اَوَلَمْ یَرَوْا اَنَّ اللّٰهَ الَّذِیْ خَلَقَ السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضَ وَلَمْ یَعْیَ بِخَلْقِهِنَّ بِقٰدِرٍ عَلٰۤی اَنْ یُّحْیِ الْمَوْتٰی ؕ بَلٰۤی اِنَّهٗ عَلٰی كُلِّ شَیْءٍ قَدِیْرٌ ۟

ʹAwalam yaraw ʹannal laahal laẓee khalaq̣as samaawaati wal-ʹarḍa wa-lam yaʻya bikhalq̣ihinna biq̣aadirin ʻalaaa ʹañy yuḥyiyal mawtaa? Balaaa ʹinnahoo ʻalaa kulli shayʹiñ Q̣adeer.

ئۇلار (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كۇففارلار) بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ دۇرۇس، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

Verse 46:34

وَیَوْمَ یُعْرَضُ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا عَلَی النَّارِ ؕ اَلَیْسَ هٰذَا بِالْحَقِّ ؕ قَالُوْا بَلٰی وَرَبِّنَا ؕ قَالَ فَذُوْقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُوْنَ ۟

Wa-Yawma yuʻraḍul laẓeena kafaroo ʻalan Naar; ʹalaysa haaẓaa bil-Ḥaq̣q̣? Q̣aaloo balaa wa-Rabbinaa! Q̣aala faẓooq̣ul ʻaẓaaba bimaa kuñtum takfuroon!

كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا): «بۇ (يەنى سىلەر تېتىۋاتقان ئازاب) راست ئەمەسمۇ؟ » (دېيىلىدۇ) ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە راستتۇر» دەيدۇ، ئاللاھ (ئۇلارغا): «كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ.

Verse 46:35

فَاصْبِرْ كَمَا صَبَرَ اُولُوا الْعَزْمِ مِنَ الرُّسُلِ وَلَا تَسْتَعْجِلْ لَّهُمْ ؕ كَاَنَّهُمْ یَوْمَ یَرَوْنَ مَا یُوْعَدُوْنَ ۙ لَمْ یَلْبَثُوْۤا اِلَّا سَاعَةً مِّنْ نَّهَارٍ ؕ بَلٰغٌ ۚ فَهَلْ یُهْلَكُ اِلَّا الْقَوْمُ الْفٰسِقُوْنَ ۟۠

Faṣbir kamaa ṣabara ʹulul ʻazmi minar rusuli wa-laa tastaʻjil lahum. Kaʹannahum Yawma yarawna maa- yooʻadoona lam yalbas̤ooo ʹillaa saaʻatam min nahaar. Balaag̣uñ fahal yuhlaku ʹillal q̣awmul faasiq̣oon.

(ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلارغا بولىدىغان ئازابقا ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە، (ئۇلار دۇنيادا) گويا كۈندۈزدە بىر دەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، (بۇ قۇرئان سىلەرگە) تەبلىغدۇر، پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ.