Surah An-Naml
Surah An-Naml (The Ant) is Surah 27 of the Holy Quran, a Meccan Surah with 93 verses, available here in Uyghur.
Verse 27:1
طٰسٓ ۫ تِلْكَ اٰیٰتُ الْقُرْاٰنِ وَكِتَابٍ مُّبِیْنٍ ۟ۙ
Ṭaa-Seeen. Tilka ʹAayaatul Q̣ur-ʹaani wa-kitaabim mubeen;
تا، سىن. بۇ، قۇرئاننىڭ ۋە روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.
Verse 27:2
هُدًی وَّبُشْرٰی لِلْمُؤْمِنِیْنَ ۟ۙ
Hudañw Wa-Bushraa lil-Muʹmineen,
مۆمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە خۇشخەۋەردۇر.
Verse 27:3
الَّذِیْنَ یُقِیْمُوْنَ الصَّلٰوةَ وَیُؤْتُوْنَ الزَّكٰوةَ وَهُمْ بِالْاٰخِرَةِ هُمْ یُوْقِنُوْنَ ۟
ʹAllaẓeena yuq̣eemoonaṣ Ṣalaata wa-yuʹtoonaz Zakaata wa-hum̃ bil-ʹAakhirati hum yooq̣inoon.
(شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ.
Verse 27:4
اِنَّ الَّذِیْنَ لَا یُؤْمِنُوْنَ بِالْاٰخِرَةِ زَیَّنَّا لَهُمْ اَعْمَالَهُمْ فَهُمْ یَعْمَهُوْنَ ۟ؕ
ʹInnal laẓeena laa- yuʹminoona bil-ʹAakhirati Zayyannaa lahum ʹaʻmaalahum fahum yaʻmahoon.
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھەقىقەتەن چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئۇلار (گۇمراھلىقلىرىدا) تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
Verse 27:5
اُولٰٓىِٕكَ الَّذِیْنَ لَهُمْ سُوْٓءُ الْعَذَابِ وَهُمْ فِی الْاٰخِرَةِ هُمُ الْاَخْسَرُوْنَ ۟
ʹUlaaaʹikal laẓeena lahum soooʹul ʻaẓaabi wa-hum fil ʹAakhirati humul ʹakhsaroon.
ئۇلار (دۇنيادا) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاخىرەتتە ئۇلار ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
Verse 27:6
وَاِنَّكَ لَتُلَقَّی الْقُرْاٰنَ مِنْ لَّدُنْ حَكِیْمٍ عَلِیْمٍ ۟
Wa-ʹinnaka latulaq̣q̣al Q̣ur-ʹaana mil ladun Ḥakeemin ʻAleem.
ساڭا قۇرئان ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدۇ.
Verse 27:7
اِذْ قَالَ مُوْسٰی لِاَهْلِهٖۤ اِنِّیْۤ اٰنَسْتُ نَارًا ؕ سَاٰتِیْكُمْ مِّنْهَا بِخَبَرٍ اَوْ اٰتِیْكُمْ بِشِهَابٍ قَبَسٍ لَّعَلَّكُمْ تَصْطَلُوْنَ ۟
ʹIẓ q̣aala Moosaa liʹahliheee ʹinneee ʹaanastu naaraa; saʹaateekum minhaa bikhabarin ʹaw ʹaateekum̃ bishihaabiñ q̣abasil laʻallakum taṣṭaloon.
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەھلىسىگە: «مەن ھەقىقەتەن ئوت كۆردۈم، مەن ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ (يول توغرۇلۇق) بىرەر خەۋەر ئۇقۇپ كېلەي ياكى سىلەرنىڭ ئىسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى.
Verse 27:8
فَلَمَّا جَآءَهَا نُوْدِیَ اَنْ بُوْرِكَ مَنْ فِی النَّارِ وَمَنْ حَوْلَهَا ؕ وَسُبْحٰنَ اللّٰهِ رَبِّ الْعٰلَمِیْنَ ۟
Falammaa jaaaʹahaa noodiya ʹam boorika mañ fin Naari wa-man ḥawlahaa: wa-Subḥaanal laahi Rabbil ʻAalameen.
مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە (مۇنداق) نىدا ئاڭلاندى: «ئاللاھ ئوتنىڭ يېنىدىكى كىشىنى ۋە ئوتنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى مۇبارەك قىلدى. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ پاكتۇر.
Verse 27:9
یٰمُوْسٰۤی اِنَّهٗۤ اَنَا اللّٰهُ الْعَزِیْزُ الْحَكِیْمُ ۟ۙ
Yaa-Moosaaa ʹinnahooo ʹAnal laahul ʻAzeezul Ḥakeem!
ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھتۇرمەن.
Verse 27:10
وَاَلْقِ عَصَاكَ ؕ فَلَمَّا رَاٰهَا تَهْتَزُّ كَاَنَّهَا جَآنٌّ وَّلّٰی مُدْبِرًا وَّلَمْ یُعَقِّبْ ؕ یٰمُوْسٰی لَا تَخَفْ ۫ اِنِّیْ لَا یَخَافُ لَدَیَّ الْمُرْسَلُوْنَ ۟ۗۖ
Wa-ʹalq̣i ʻaṣaak! falammaa raʹaahaa tahtazzu kaʹannahaa jaaannuñw wallaa mudbirañw walam yuʻaq̣q̣ib yaa-Moosaa laa- takhaf: ʹinnee laa- yakhaafu ladayyal mursaloon,
ھاساڭنى تاشلىغىن!» مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، كەينىگە (يەنى قورققىنىدىن ئەجدىھاغا) قارىيالمىدى. (ئاللاھ ئېيتتى) «ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە قورقمايدۇ.
Verse 27:11
اِلَّا مَنْ ظَلَمَ ثُمَّ بَدَّلَ حُسْنًا بَعْدَ سُوْٓءٍ فَاِنِّیْ غَفُوْرٌ رَّحِیْمٌ ۟
ʹIllaa mañ z̤̣alama s̤umma baddala ḥusnam baʻda soooʹiñ faʹinnee G̣afoorur Raḥeem.
لېكىن كىمكى (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلسا، ئاندىن يامان ئەمەللىرىنى ياخشى ئەمەلگە ئۆزگەرتسە، مەن (ئۇنىڭغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرمەن، ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن.
Verse 27:12
وَاَدْخِلْ یَدَكَ فِیْ جَیْبِكَ تَخْرُجْ بَیْضَآءَ مِنْ غَیْرِ سُوْٓءٍ ۫ فِیْ تِسْعِ اٰیٰتٍ اِلٰی فِرْعَوْنَ وَقَوْمِهٖ ؕ اِنَّهُمْ كَانُوْا قَوْمًا فٰسِقِیْنَ ۟
Wa-ʹadkhil yadaka fee jaybika takhruj bayḍaaaʹa min g̣ayri soooʹ: fee tisʻi ʹAayaatin ʹilaa Firʻawna wa-q̣awmih: ʹinnahum kaanoo q̣awmañ faasiq̣een.
قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، (بۇ) مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى ».
Verse 27:13
فَلَمَّا جَآءَتْهُمْ اٰیٰتُنَا مُبْصِرَةً قَالُوْا هٰذَا سِحْرٌ مُّبِیْنٌ ۟ۚ
Falammaa jaaaʹathum ʹAayaatunaa mubṣiratañ q̣aaloo haaẓaa siḥrum mubeen!
ئۇلارغا بىزنىڭ نۇرغۇن روشەن ئايەتلىرىمىز نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دېدى.
Verse 27:14
وَجَحَدُوْا بِهَا وَاسْتَیْقَنَتْهَاۤ اَنْفُسُهُمْ ظُلْمًا وَّعُلُوًّا ؕ فَانْظُرْ كَیْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِیْنَ ۟۠
Wa-jaḥadoo bihaa wastayq̣anathaaa ʹañfusuhum z̤̣ulmañw waʻuluwwaa; fañz̤̣ur kayfa kaana ʻaaq̣ibatul mufsideen!
ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن.
Verse 27:15
وَلَقَدْ اٰتَیْنَا دَاوٗدَ وَسُلَیْمٰنَ عِلْمًا ۚ وَقَالَا الْحَمْدُ لِلّٰهِ الَّذِیْ فَضَّلَنَا عَلٰی كَثِیْرٍ مِّنْ عِبَادِهِ الْمُؤْمِنِیْنَ ۟
Wa-laq̣ad ʹaataynaa Daawooda wa-Sulaymaana ʻilmaa: Wa-q̣aalal Ḥamdu lil-laahil laẓee faḍḍalnaa ʻalaa kas̤eerim min ʻibaadihil Muʹmineen!
بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا (دۇنيا ۋە دىن ئىلىملىرىدىن كەڭ) ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان ئاللاھقا خاستۇر!».
Verse 27:16
وَوَرِثَ سُلَیْمٰنُ دَاوٗدَ وَقَالَ یٰۤاَیُّهَا النَّاسُ عُلِّمْنَا مَنْطِقَ الطَّیْرِ وَاُوْتِیْنَا مِنْ كُلِّ شَیْءٍ ؕ اِنَّ هٰذَا لَهُوَ الْفَضْلُ الْمُبِیْنُ ۟
Wa-waris̤a Sulaymaanu Daawooda wa-q̣aala yaaaʹayyuhan naasu ʻullimnaa Mañṭiq̣aṭ Ṭayri wa-ʹooteenaa miñ kulli shayʹ: ʹinna haaẓaa lahuwal Faḍlul mubeen.
سۇلايمان (پەيغەمبەرلىكتە، ئىلىمدە، پادىشاھلىقتا ئاتىسى) داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى تەلىم بېرىلدى. (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ھەممە نەرسە ئاتا قىلىندى، بۇ ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ) روشەن ئېھسانىدۇر» دېدى.
Verse 27:17
وَحُشِرَ لِسُلَیْمٰنَ جُنُوْدُهٗ مِنَ الْجِنِّ وَالْاِنْسِ وَالطَّیْرِ فَهُمْ یُوْزَعُوْنَ ۟
Wa-ḥushira li-Sulaymaana junooduhoo minal jinni wal-ʹiñsi waṭṭayri fahum yoozaʹoon;
سۇلايماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى (سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەبدەبە بىلەن ماڭاتتى). ئۇلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
Verse 27:18
حَتّٰۤی اِذَاۤ اَتَوْا عَلٰی وَادِ النَّمْلِ ۙ قَالَتْ نَمْلَةٌ یّٰۤاَیُّهَا النَّمْلُ ادْخُلُوْا مَسٰكِنَكُمْ ۚ لَا یَحْطِمَنَّكُمْ سُلَیْمٰنُ وَجُنُوْدُهٗ ۙ وَهُمْ لَا یَشْعُرُوْنَ ۟
Ḥattaaa ʹiẓaaa ʹataw ʻalaa Waadin namli q̣aalat namlatuñy yaaaʹayyuhan namlud khuloo masaakinakum, laa- yaḥṭimannakum Sulaymaanu wa-junooduhoo wahum laa- yashʻuroon.
ئۇلار (شامدىكى بىر) چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر (چىشى) چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن».
Verse 27:19
فَتَبَسَّمَ ضَاحِكًا مِّنْ قَوْلِهَا وَقَالَ رَبِّ اَوْزِعْنِیْۤ اَنْ اَشْكُرَ نِعْمَتَكَ الَّتِیْۤ اَنْعَمْتَ عَلَیَّ وَعَلٰی وَالِدَیَّ وَاَنْ اَعْمَلَ صَالِحًا تَرْضٰىهُ وَاَدْخِلْنِیْ بِرَحْمَتِكَ فِیْ عِبَادِكَ الصّٰلِحِیْنَ ۟
Fatabassama ḍaaḥikam miñ q̣awlihaa wa-q̣aala Rabbi ʹawziʻneee ʹan ʹashkura niʻmatakal lateee ʹanʻamta ʻalayya wa-ʻalaa waalidayya wa-ʹan ʹaʻmala ṣaaliḥañ tarḍaahu wa-ʹadkhilnee bi-Raḥmatika fee ʻibaadikaṣ ṣaaliḥeen.
سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن».
Verse 27:20
وَتَفَقَّدَ الطَّیْرَ فَقَالَ مَا لِیَ لَاۤ اَرَی الْهُدْهُدَ ۖؗ اَمْ كَانَ مِنَ الْغَآىِٕبِیْنَ ۟
Wa-tafaq̣q̣adaṭ Ṭayra faq̣aala maa- liya laaa ʹar al-Hudhuda ʹam kaana minal g̣aaaʹibeen?
ئۇ قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۆپنى كۆرمەيمەنغۇ! ياكى ئۇ يوقاپ كەتتىمۇ.
Verse 27:21
لَاُعَذِّبَنَّهٗ عَذَابًا شَدِیْدًا اَوْ لَاَاَذْبَحَنَّهٗۤ اَوْ لَیَاْتِیَنِّیْ بِسُلْطٰنٍ مُّبِیْنٍ ۟
Laʹuʻaẓẓibannahoo ʻaẓaabañ shadeedan ʹaw laʹaẓbaḥannahooo ʹaw layaʹtiyannee bisulṭaanim mubeen.
ئۇنى چوقۇم قاتتىق جازالايمەن، يا ئۇنى چوقۇم بوغۇزلايمەن، يا چوقۇم (يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاقلايدىغان) بىر روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ».
Verse 27:22
فَمَكَثَ غَیْرَ بَعِیْدٍ فَقَالَ اَحَطْتُّ بِمَا لَمْ تُحِطْ بِهٖ وَجِئْتُكَ مِنْ سَبَاٍۭ بِنَبَاٍ یَّقِیْنٍ ۟
Famakas̤a g̣ayra baʻeediñ faq̣aala ʹaḥatu bimaa lam tuḥiṭ bihee wa-jiʹtuka miñ Sabaʹim binabaʹiñy yaq̣een.
ئۇزاق ئۆتمەي ھۆپۈپ كەلدى، ئۇ ئېيتتى: «مەن سەن بىلمىگەن ئىشنى بىلىپ (كەلدىم)، ساڭا مەن سەبەدىن (يەنى يەمەندىكى سەبە شەھرىدىن) مۇھىم بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم.
Verse 27:23
اِنِّیْ وَجَدْتُّ امْرَاَةً تَمْلِكُهُمْ وَاُوْتِیَتْ مِنْ كُلِّ شَیْءٍ وَّلَهَا عَرْشٌ عَظِیْمٌ ۟
ʹInnee wa-jattum raʹatañ tamlikuhum wa-ʹootiyat miñ kulli shayʹiñw walahaa ʻarshun ʻaz̤̣eem.
مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا (يەنى سەبە ئاھالىسىگە) بىر ئايالنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) پادىشاھلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا (ئۆزىگە ۋە سەلتەنەتىگە كېرەكلىك) ھەممە نەرسە بېرىلگەن ئىكەن، ئۇ چوڭ تەختكە ئىگە ئىكەن.
Verse 27:24
وَجَدْتُّهَا وَقَوْمَهَا یَسْجُدُوْنَ لِلشَّمْسِ مِنْ دُوْنِ اللّٰهِ وَزَیَّنَ لَهُمُ الشَّیْطٰنُ اَعْمَالَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ السَّبِیْلِ فَهُمْ لَا یَهْتَدُوْنَ ۟ۙ
Wa-jattuhaa wa-q̣awmahaa yasjudoona lishshamsi miñ doonil laahi wa-zayyana lahumush Shayṭaanu ʹaʻmaalahum faṣaddahum ʻanis Sabeeli fahum laa- yahtadoon;
ئۇنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ ئاللاھنى قويۇپ قۇياشقا چوقۇنىدىغانلىقىنى بايقىدىم، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى (يەنى ئاللاھنى قويۇپ، قۇياشقا چوقۇنغانلىقلىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ھىدايەت تاپمايدۇ.
Verse 27:25
اَلَّا یَسْجُدُوْا لِلّٰهِ الَّذِیْ یُخْرِجُ الْخَبْءَ فِی السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضِ وَیَعْلَمُ مَا تُخْفُوْنَ وَمَا تُعْلِنُوْنَ ۟
ʹAllaa yasjudoo lillaahil laẓee yukhrijul khabʹa fis samaawaati wal-ʹarḍi wayaʻlamu maa- tukhfoona wa-maa tuʻlinoon.
ئۇلار ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھقا سەجدە قىلمايدۇ.
Verse 27:26
اَللّٰهُ لَاۤ اِلٰهَ اِلَّا هُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِیْمِ ۟
ʹAllaahu laaa ʹilaaha ʹillaa Huwa Rabbul ʻArshil ʻAz̤̣eem!
ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر».
Verse 27:27
قَالَ سَنَنْظُرُ اَصَدَقْتَ اَمْ كُنْتَ مِنَ الْكٰذِبِیْنَ ۟
Q̣aala sanañz̤̣uru ʹaṣadaq̣ta ʹam kuñta minal kaaẓibeen!
سۇلايمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، يا يالغانمۇ؟ قارايمىز.
Verse 27:28
اِذْهَبْ بِّكِتٰبِیْ هٰذَا فَاَلْقِهْ اِلَیْهِمْ ثُمَّ تَوَلَّ عَنْهُمْ فَانْظُرْ مَاذَا یَرْجِعُوْنَ ۟
ʹIẓhab bi-Kitaabee haaẓaa faʹalq̣ih ʹilayhim s̤umma tawalla ʻanhum fañz̤̣ur maaẓaa yarjiʻoon.
بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن نېرىراق (جايدا يوشۇرۇنۇپ) تۇر، ئۇلارنىڭ قانداق جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىغا قارىغىن».
Verse 27:29
قَالَتْ یٰۤاَیُّهَا الْمَلَؤُا اِنِّیْۤ اُلْقِیَ اِلَیَّ كِتٰبٌ كَرِیْمٌ ۟
Q̣aalat yaaʹayyuhal malaʹu ʹinneee ʹulq̣iya ʹilayya kitaabuñ kareem.
ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى.
Verse 27:30
اِنَّهٗ مِنْ سُلَیْمٰنَ وَاِنَّهٗ بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِیْمِ ۟ۙ
ʹInnahoo miñ Sulaymaana wa-ʹinnahoo ˹Bismil laahir Raḥmaanir Raḥeem:˺
(ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[ـ30].
Verse 27:31
اَلَّا تَعْلُوْا عَلَیَّ وَاْتُوْنِیْ مُسْلِمِیْنَ ۟۠
ʹAllaa taʻloo ʻalayya waʹ-toonee Muslimeen.
سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار».
Verse 27:32
قَالَتْ یٰۤاَیُّهَا الْمَلَؤُا اَفْتُوْنِیْ فِیْۤ اَمْرِیْ ۚ مَا كُنْتُ قَاطِعَةً اَمْرًا حَتّٰی تَشْهَدُوْنِ ۟
Q̣aalat yaaaʹayyuhal malaʹu aftoonee feee ʹamree: maa- kuñtu q̣aaṭiʻatan ʹamran ḥattaa tashhadoon.
ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! مېنىڭ (بۇ) ئىشىمدا مەسلىھەت بېرىڭلار، سىلەرنى ئۈستىدە قويماي تۇرۇپ ھېچ ئىشنى بېكىتكىنىم يوق».
Verse 27:33
قَالُوْا نَحْنُ اُولُوْا قُوَّةٍ وَّاُولُوْا بَاْسٍ شَدِیْدٍ ۙ۬ وَّالْاَمْرُ اِلَیْكِ فَانْظُرِیْ مَاذَا تَاْمُرِیْنَ ۟
Q̣aaloo naḥnu ʹuloo q̣uwwatiñw waʹuloo baʹsiñ shadeed: wal-ʹamru ʹilayki fañz̤̣uree maaẓaa taʹmureen.
ئۇلار ئېيتتى: «بىز كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋارمىز، ئىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدىدۇر، (بىزنى) نېمىگە بۇيرۇيدىغانلىقىڭنى (ئويلاپ) كۆرگىن».
Verse 27:34
قَالَتْ اِنَّ الْمُلُوْكَ اِذَا دَخَلُوْا قَرْیَةً اَفْسَدُوْهَا وَجَعَلُوْۤا اَعِزَّةَ اَهْلِهَاۤ اَذِلَّةً ۚ وَكَذٰلِكَ یَفْعَلُوْنَ ۟
Q̣aalat ʹinnal mulooka ʹiẓaa dakhaloo q̣aryatan ʹafsadoohaa wa-jaʻalooo ʹaʻizzata ʹahlihaaa ʹaẓillah: wa-kaẓaalika yafʻaloon.
ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار بىرەر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، ئۇنى خاراب قىلىدۇ، شەھەرنىڭ مۆتىۋەر ئادەملىرىنى (ئۆلتۈرۈش، ئەسىرگە ئېلىش ۋە سۈرگۈن قىلىش بىلەن) خار قىلىدۇ، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ.
Verse 27:35
وَاِنِّیْ مُرْسِلَةٌ اِلَیْهِمْ بِهَدِیَّةٍ فَنٰظِرَةٌ بِمَ یَرْجِعُ الْمُرْسَلُوْنَ ۟
Wa-ʹinnee mursilatun ʹilayhim bihadiyyatiñ fanaaz̤̣iratum bima yarjiʻul mursaloon.
مەن چوقۇم ئۇلارغا سوۋغا ئەۋەتىمەن، ئەلچىلەرنىڭ نېمە خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قارايمەن».
Verse 27:36
فَلَمَّا جَآءَ سُلَیْمٰنَ قَالَ اَتُمِدُّوْنَنِ بِمَالٍ ؗ فَمَاۤ اٰتٰىنِ اللّٰهُ خَیْرٌ مِّمَّاۤ اٰتٰىكُمْ ۚ بَلْ اَنْتُمْ بِهَدِیَّتِكُمْ تَفْرَحُوْنَ ۟
Falammaa jaaaʹa Sulaymaana q̣aala ʹatumiddoonani bimaal? Famaaa ʹaataaniyal laahu khayrum mimmaaa ʹaataakum! Bal ʹañtum̃ bihadiyyatikum tafraḥoon!
ئەلچى سۇلايماننىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، سۇلايمان ئېيتتى: «سىلەر ماڭا مال بىلەن ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى سىلەرنىڭ بەرگەنلىرىڭلاردىن ياخشىدۇر، بەلكى سىلەر سوۋغاڭلار بىلەن كۆرەڭلەپ كېتىسىلەر.
Verse 27:37
اِرْجِعْ اِلَیْهِمْ فَلَنَاْتِیَنَّهُمْ بِجُنُوْدٍ لَّا قِبَلَ لَهُمْ بِهَا وَلَنُخْرِجَنَّهُمْ مِّنْهَاۤ اَذِلَّةً وَّهُمْ صٰغِرُوْنَ ۟
ʹIrjiʻ ʹilayhim falanaʹtiyannahum̃ bijunoodil laa q̣ibala lahum̃ bihaa wa-lanukhrijannahum minhaaa ʹaẓillatañw Wahum ṣaag̣iroon.
سەن قايتىپ كەتكىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان بىر قوشۇن بىلەن چوقۇم بارىمىز، ئۇلارنى يۇرتىدىن خار، كەمسىتىلگەن ھالدا چوقۇم چىقىرىۋېتىمىز».
Verse 27:38
قَالَ یٰۤاَیُّهَا الْمَلَؤُا اَیُّكُمْ یَاْتِیْنِیْ بِعَرْشِهَا قَبْلَ اَنْ یَّاْتُوْنِیْ مُسْلِمِیْنَ ۟
Q̣aala yaaaʹayyuhal malaʹu ʹayyukum yaʹteenee biʻarshihaa q̣abla ʹañy yaʹtoonee muslimeen?
سۇلايمان ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا مۇسۇلمان بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، (سىلەردىن) كىم ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىدۇ».
Verse 27:39
قَالَ عِفْرِیْتٌ مِّنَ الْجِنِّ اَنَا اٰتِیْكَ بِهٖ قَبْلَ اَنْ تَقُوْمَ مِنْ مَّقَامِكَ ۚ وَاِنِّیْ عَلَیْهِ لَقَوِیٌّ اَمِیْنٌ ۟
Q̣aala ʻIfreetum minal jinni ʹana ʹaateeka bihee q̣abla ʹañ taq̣ooma mim maq̣aamik: wa-ʹinnee ʻalayhi laq̣awiyyun ʹameen.
جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن».
Verse 27:40
قَالَ الَّذِیْ عِنْدَهٗ عِلْمٌ مِّنَ الْكِتٰبِ اَنَا اٰتِیْكَ بِهٖ قَبْلَ اَنْ یَّرْتَدَّ اِلَیْكَ طَرْفُكَ ؕ فَلَمَّا رَاٰهُ مُسْتَقِرًّا عِنْدَهٗ قَالَ هٰذَا مِنْ فَضْلِ رَبِّیْ ۖ۫ لِیَبْلُوَنِیْۤ ءَاَشْكُرُ اَمْ اَكْفُرُ ؕ وَمَنْ شَكَرَ فَاِنَّمَا یَشْكُرُ لِنَفْسِهٖ ۚ وَمَنْ كَفَرَ فَاِنَّ رَبِّیْ غَنِیٌّ كَرِیْمٌ ۟
Q̣aalal laẓee ʻiñdahoo ʻilmum minal Kitaabi ʹana ʹaateeka bihee q̣abla ʹañy yartadda ʹilayka ṭarfuk! Falammaa raʹaahu mustaq̣irran ʻiñdahoo q̣aala haaẓaa miñ faḍli Rabbee liyabluwaneee ʹaʹashkuru ʹam ʹakfur! Wa-mañ shakara faʹinnamaa yashkuru linafsih; wa-mañ kafara faʹinna Rabbee G̣aniyyuñ Kareem!...
(نازىل بولغان) كىتابنى چوڭقۇر بىلىدىغان زات (يەنى ئاسەف ئىبن بۇرخىيا): «ئۇنى مەن ساڭا كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى (ئۇ دۇئا قىلىۋېدى، تەخت دەرھال ئالدىدا ھازىر بولدى). سۇلايمان تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ (ماڭا قىلغان) ئېھسانىدۇر، ئۇ شۈكۈر قىلامدىم، يا تۇزكورلۇق قىلامدىم، بۇنىڭ بىلەن مېنى سىنىدى، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، (بىلىش كېرەككى) ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم (ئۇنىڭ شۈكۈر قىلىشىدىن بىھاجەتتۇر)، (ئاللاھنىڭ) كەرىمى كەڭدۇر» دېدى.
Verse 27:41
قَالَ نَكِّرُوْا لَهَا عَرْشَهَا نَنْظُرْ اَتَهْتَدِیْۤ اَمْ تَكُوْنُ مِنَ الَّذِیْنَ لَا یَهْتَدُوْنَ ۟
Q̣aala nakkiroo lahaa ʻarshahaa nañz̤̣ur ʹatahtadeee ʹam takoonu minal laẓeena laa- yahtadoon.
سۇلايمان (بىلقىسنىڭ يېتىپ كېلىشى يېقىنلاشقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەقلىنى سىناش يۈزىسىدىن) ئېيتتى: «ئۇنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) تەختىنىڭ (شەكلىنى) ئۆزگەرتىڭلار، ئۇ تەختىنى تونۇمدۇ، تونىمامدۇ؟ قارايمىز».
Verse 27:42
فَلَمَّا جَآءَتْ قِیْلَ اَهٰكَذَا عَرْشُكِ ؕ قَالَتْ كَاَنَّهٗ هُوَ ۚ وَاُوْتِیْنَا الْعِلْمَ مِنْ قَبْلِهَا وَكُنَّا مُسْلِمِیْنَ ۟
Falammaa jaaaʹat q̣eela ʹahaakaẓaa ʻarshuk? Q̣aalat kaʹannahoo hoo; wa-ʹooteenal ʻilma miñ q̣ablihaa wa-kunnaa Muslimeen.
بىلقىس كەلگەندە (ئۇنىڭغا): «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟» دېيىلدى. ئۇ: «شۇدەك تۇرىدۇ» دېدى. (سۇلايمان ئاللاھنىڭ نېمىتىنى سۆزلەش يۈزىسىدىن ئېيتتى.) ئۇنىڭدىن (يەنى بىلقىستىن) بۇرۇن بىزگە (ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بىلدۈرىدىغان) ئىلىم بېرىلدى، بىز مۇسۇلمان بولدۇق.
Verse 27:43
وَصَدَّهَا مَا كَانَتْ تَّعْبُدُ مِنْ دُوْنِ اللّٰهِ ؕ اِنَّهَا كَانَتْ مِنْ قَوْمٍ كٰفِرِیْنَ ۟
Waṣaddahaa maa- kaanat taʻbudu miñ doonil laah: ʹinnahaa kaanat miñ q̣awmiñ kaafireen.
ئۇنى ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) توستى. چۈنكى ئۇ كاپىر قەۋمدىن ئىدى.
Verse 27:44
قِیْلَ لَهَا ادْخُلِی الصَّرْحَ ۚ فَلَمَّا رَاَتْهُ حَسِبَتْهُ لُجَّةً وَّكَشَفَتْ عَنْ سَاقَیْهَا ؕ قَالَ اِنَّهٗ صَرْحٌ مُّمَرَّدٌ مِّنْ قَوَارِیْرَ ؕ۬ قَالَتْ رَبِّ اِنِّیْ ظَلَمْتُ نَفْسِیْ وَاَسْلَمْتُ مَعَ سُلَیْمٰنَ لِلّٰهِ رَبِّ الْعٰلَمِیْنَ ۟۠
Q̣eela lahad khuliṣ ṣarḥ: falammaaنَ raʹathu ḥasibathu lujjatañw wakashafat ʻañ saaq̣ayhaa. Q̣aala ʹinnahoo ṣarḥum mumarradum miñ q̣awaareer. Q̣aalat Rabbi ʹinnee z̤̣alamtu nafsee wa-ʹaslamtu maʻa Sulaymaana lillaahi Rabbil ʻAalameen.
ئۇنىڭغا (يەنى بىلقىسقا): «سارايغا كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ (يەنى بىلقىس) ساراينى چوڭ سۇ دەپ گۇمانلىنىپ (كىيىمىنى كۆتۈرۈپ) ئىككى پاچىقىنى ئاچتى، سۇلايمان ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ ئەينەكتىن ياسالغان سارايدۇر». ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم، مەن ھەقىقەتەن (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ، قۇياشقا چوقۇنۇش بىلەن) ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، سۇلايمان بىلەن بىللە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بويسۇندۇم (يەنى سۇلايماننىڭ دىنىغا ئەگىشىپ ئىسلامغا كىردىم)».
Verse 27:45
وَلَقَدْ اَرْسَلْنَاۤ اِلٰی ثَمُوْدَ اَخَاهُمْ صٰلِحًا اَنِ اعْبُدُوا اللّٰهَ فَاِذَا هُمْ فَرِیْقٰنِ یَخْتَصِمُوْنَ ۟
Wa-laq̣ad ʹarsalnaaa ʹilaa S̤amooda ʹakhaahum Ṣaaliḥan ʹaniʻ budul laaha faʹiẓaa hum fareeq̣aani yakhtaṣimoon.
بىز ھەقىقەتەن سەمۇدقا (يەنى سەمۇد قەبىلىسىگە نەسەب جەھەتتىن) قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (سالىھ) «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار» (دېدى)، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار جېدەللىشىدىغان (يەنى دىن بارىسىدا جىدەللىشىدىغان مۆمىنلەر ۋە كاپىرلاردىن ئىبارەت) ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى.
Verse 27:46
قَالَ یٰقَوْمِ لِمَ تَسْتَعْجِلُوْنَ بِالسَّیِّئَةِ قَبْلَ الْحَسَنَةِ ۚ لَوْلَا تَسْتَغْفِرُوْنَ اللّٰهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُوْنَ ۟
Q̣aala yaa-q̣awmi lima tastaʻjiloona bissayyiʹati q̣ablal ḥasanah? Law-laa tas-tag̣firoonal laaha laʻallakum turḥamoon.
سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمايسىلەر؟»
Verse 27:47
قَالُوا اطَّیَّرْنَا بِكَ وَبِمَنْ مَّعَكَ ؕ قَالَ طٰٓىِٕرُكُمْ عِنْدَ اللّٰهِ بَلْ اَنْتُمْ قَوْمٌ تُفْتَنُوْنَ ۟
Q̣aaluṭ ṭayyarnaa bika wa-bimam maʻak. Q̣aala ṭaaaʹirukum ʻiñdal laahi bal ʹañtum q̣awmuñ tuftanoon.
ئۇلار ئېيتتى: «(بىزگە كەلگەن قەھەتچىلىك) سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغان كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى». سالىھ ئېيتتى: «سىلەرگە كېلىدىغان ياخشى -يامانلىق ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ، بەلكى سىلەرنى ئاللاھ سىنايدۇ».
Verse 27:48
وَكَانَ فِی الْمَدِیْنَةِ تِسْعَةُ رَهْطٍ یُّفْسِدُوْنَ فِی الْاَرْضِ وَلَا یُصْلِحُوْنَ ۟
Wa-kaana fil madeenati tisʻatu rahṭiñy yufsidoona fil ʹarḍi wa-laa yuṣliḥoon.
شەھەردە (يەنى ھىجرىدە) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان توققۇز نەپەر كىشى بار ئىدى.
Verse 27:49
قَالُوْا تَقَاسَمُوْا بِاللّٰهِ لَنُبَیِّتَنَّهٗ وَاَهْلَهٗ ثُمَّ لَنَقُوْلَنَّ لِوَلِیِّهٖ مَا شَهِدْنَا مَهْلِكَ اَهْلِهٖ وَاِنَّا لَصٰدِقُوْنَ ۟
Q̣aaloo taq̣aasamoo billaahi lanubayyitannahoo wa-ʹahlahoo s̤umma lanaq̣oolanna liwaliyyihee maa- shahidnaa mahlika ʹahlihee wa-ʹinnaa laṣaadiq̣oon.
ئۇلار: «ئۆز ئارا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىڭلار» دېدى. ئۇلار ئېيتتى: «بىر كېچىدە سالىھنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوقۇم ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن چوقۇم ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنىڭ) ئىگىسىگە، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا بىز ئۈستىدە ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن راستچىلمىز، دەيلى».
Verse 27:50
وَمَكَرُوْا مَكْرًا وَّمَكَرْنَا مَكْرًا وَّهُمْ لَا یَشْعُرُوْنَ ۟
Wa-makaroo makrañw wamakarnaa makrañw wahum laa- yashʻuroon.
ئۇلار (سالىھقا قارشى) سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن)سۇيىقەستى ئۈچۈن تۇيۇقسىز جازالىدۇق.
Verse 27:51
فَانْظُرْ كَیْفَ كَانَ عَاقِبَةُ مَكْرِهِمْ ۙ اَنَّا دَمَّرْنٰهُمْ وَقَوْمَهُمْ اَجْمَعِیْنَ ۟
Fañz̤̣ur kayfa kaana ʻaaq̣ibatu makrihim ʹannaa dammarnaahum wa-q̣awmahum ʹajmaʻeen.
ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق.
Verse 27:52
فَتِلْكَ بُیُوْتُهُمْ خَاوِیَةً بِمَا ظَلَمُوْا ؕ اِنَّ فِیْ ذٰلِكَ لَاٰیَةً لِّقَوْمٍ یَّعْلَمُوْنَ ۟
Fatilka buyootuhum khaawiyatam bimaa z̤̣alamoo. ʹInna fee ẓaalika laʹAayatal liq̣awmiñy yaʻlamoon.
ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى (ئادەمزاتتىن) خالىي بولۇپ قالدى. ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا (چوڭ) ئىبرەت بار.
Verse 27:53
وَاَنْجَیْنَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا وَكَانُوْا یَتَّقُوْنَ ۟
Wa-ʹañjaynal laẓeena ʹaamanoo wa-kaanoo yattaq̣oon.
(سالىھ بىلەن) ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق.
Verse 27:54
وَلُوْطًا اِذْ قَالَ لِقَوْمِهٖۤ اَتَاْتُوْنَ الْفَاحِشَةَ وَاَنْتُمْ تُبْصِرُوْنَ ۟
Wa-Looṭan ʹiẓ q̣aala liq̣awmiheee ʹataʹtoonal faa-ḥishata wa-ʹañtum tubṣiroon?
(لۇتنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن) ئەينى زاماندا لۇت ئۆزىنىڭ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشلارنى قىلامسىلەر؟
Verse 27:55
اَىِٕنَّكُمْ لَتَاْتُوْنَ الرِّجَالَ شَهْوَةً مِّنْ دُوْنِ النِّسَآءِ ؕ بَلْ اَنْتُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُوْنَ ۟
ʹAʹinnakum lataʹtoonar rijaala shahwatam miñ doonin nisaaaʹ? Bal ʹañtum q̣awmuñ tajhaloon!
سىلەر ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىۋىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ بەلكى سىلەر نادان قەۋمسىلەر».
Verse 27:56
فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهٖۤ اِلَّاۤ اَنْ قَالُوْۤا اَخْرِجُوْۤا اٰلَ لُوْطٍ مِّنْ قَرْیَتِكُمْ ۚ اِنَّهُمْ اُنَاسٌ یَّتَطَهَّرُوْنَ ۟
Famaa kaana jawaaba q̣awmiheee ʹillaaa ʹañ q̣aalooo ʹakhrijooo ʹaala Looṭim miñ q̣aryatikum: ʹinnahum ʹunaasuñy yataṭahharoon!
ئۇلارنىڭ بىردىن بىر جاۋابى: «لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى شەھرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىڭلار، ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى.
Verse 27:57
فَاَنْجَیْنٰهُ وَاَهْلَهٗۤ اِلَّا امْرَاَتَهٗ ؗ قَدَّرْنٰهَا مِنَ الْغٰبِرِیْنَ ۟
Faʹañjaynaahu wa-ʹahlahooo ʹillam raʹatah: q̣addarnaahaa minal g̣aabireen.
بىز ئۇنى ۋە خوتۇنىدىن باشقا تەۋەلىرىنى قۇتقۇزدۇق، تەقدىرىمىز بىلەن ئۇنى (يەنى سالىھنىڭ خوتۇنىنى ئازابقا) قالغۇچىلاردىن قىلدۇق.
Verse 27:58
وَاَمْطَرْنَا عَلَیْهِمْ مَّطَرًا ۚ فَسَآءَ مَطَرُ الْمُنْذَرِیْنَ ۟۠
Wa-ʹamṭarnaa ʻalayhim maṭaraa: fasaaaʹa maṭarul muñẓareen!
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!.
Verse 27:59
قُلِ الْحَمْدُ لِلّٰهِ وَسَلٰمٌ عَلٰی عِبَادِهِ الَّذِیْنَ اصْطَفٰی ؕ ءٰٓاللّٰهُ خَیْرٌ اَمَّا یُشْرِكُوْنَ ۟
Q̣ulil Ḥamdu lillaahi wa-Salaamun ʻalaa ʻibaadihil laẓeenaṣ ṭafaa. ʹAaallaahu khayrun ʻammaa yushrikoon?
«جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغان بەندىلىرىگە ئامانلىق تىلەيمەن!» دېگىن. ئاللاھ ياخشىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ياخشىمۇ؟.
Verse 27:60
اَمَّنْ خَلَقَ السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضَ وَاَنْزَلَ لَكُمْ مِّنَ السَّمَآءِ مَآءً ۚ فَاَنْۢبَتْنَا بِهٖ حَدَآىِٕقَ ذَاتَ بَهْجَةٍ ۚ مَا كَانَ لَكُمْ اَنْ تُنْۢبِتُوْا شَجَرَهَا ؕ ءَاِلٰهٌ مَّعَ اللّٰهِ ؕ بَلْ هُمْ قَوْمٌ یَّعْدِلُوْنَ ۟ؕ
ʹAmman khalaq̣as samaawaati wal-ʹarḍa wa-ʹañzala lakum minas samaaaʹi maaaʹaa? Faʹambatnaa bihee ḥadaaaʹiq̣a ẓaata bahjah: maa- kaana lakum ʹañ tumbitoo shajarahaa. ʹA-ʹilaahum maʻal laah? Bal hum q̣awmuñy yaʻdiloon.
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇلار (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر.
Verse 27:61
اَمَّنْ جَعَلَ الْاَرْضَ قَرَارًا وَّجَعَلَ خِلٰلَهَاۤ اَنْهٰرًا وَّجَعَلَ لَهَا رَوَاسِیَ وَجَعَلَ بَیْنَ الْبَحْرَیْنِ حَاجِزًا ؕ ءَاِلٰهٌ مَّعَ اللّٰهِ ؕ بَلْ اَكْثَرُهُمْ لَا یَعْلَمُوْنَ ۟ؕ
ʹAmmañ jaʻalal ʹarḍa q̣araarañw wajaʻala khilaalahaaa ʹanhaarañw Wajaʻala lahaa rawaasiya wa-jaʻala baynal baḥrayni ḥaajizaa? ʹA-ʹilaahum ma ʻallaah? Bal ʹaks̤aruhum laa- yaʻlamoon.
زېمىننى (ئىنسانلارغا ۋە ھايۋانلارغا) تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە (تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا (يەنى تاتلىق سۇ بىلەن شورلۇق سۇ ئارىسىدا ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) توساقلارنى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (باشقا ئىلاھ يوق) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
Verse 27:62
اَمَّنْ یُّجِیْبُ الْمُضْطَرَّ اِذَا دَعَاهُ وَیَكْشِفُ السُّوْٓءَ وَیَجْعَلُكُمْ خُلَفَآءَ الْاَرْضِ ؕ ءَاِلٰهٌ مَّعَ اللّٰهِ ؕ قَلِیْلًا مَّا تَذَكَّرُوْنَ ۟ؕ
ʹAmmañy yujeebul muḍ-ṭarra ʹiẓaa daʻaahu wa-yakshifus soooʹa wa-yajʻalukum khulafaaa ʹalʹarḍ? ʹA-ʹilaahum maʻal laah? Q̣aleelam maa taẓakkaroon!
بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر.
Verse 27:63
اَمَّنْ یَّهْدِیْكُمْ فِیْ ظُلُمٰتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَمَنْ یُّرْسِلُ الرِّیٰحَ بُشْرًاۢ بَیْنَ یَدَیْ رَحْمَتِهٖ ؕ ءَاِلٰهٌ مَّعَ اللّٰهِ ؕ تَعٰلَی اللّٰهُ عَمَّا یُشْرِكُوْنَ ۟ؕ
ʹAmmañy yahdeekum fee z̤̣ulumaatil barri wal-baḥri wa-mañy yursilur riyaaḥa bushram bayna yaday Raḥmatih? ʹAʹilaahum maʻal laah? Taʻaalal laahu ʻammaa yushrikoon!
قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، رەھمىتىدىن (يەنى يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشتىن) ئىلگىرى شاماللارنى بېشارەت قىلىپ ئەۋەتىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر.
Verse 27:64
اَمَّنْ یَّبْدَؤُا الْخَلْقَ ثُمَّ یُعِیْدُهٗ وَمَنْ یَّرْزُقُكُمْ مِّنَ السَّمَآءِ وَالْاَرْضِ ؕ ءَاِلٰهٌ مَّعَ اللّٰهِ ؕ قُلْ هَاتُوْا بُرْهَانَكُمْ اِنْ كُنْتُمْ صٰدِقِیْنَ ۟
ʹAmmañy yabdaʹul khalq̣a s̤umma yuʻeeduhoo wa-mañy yarzuq̣ukum minas samaaaʹi wal ʹarḍ? ʹA-ʹilaahum maʻallaah? Q̣ul haatoo burhaanakum ʹiñ kuñtum ṣaadiq̣een!
(ئىنساننى) دەسلەپتە خەلق ئەتكەن، ئاندىن ئۇنى تىرىلدۈرىدىغان كىم؟ سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، دەلىللىرىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار».
Verse 27:65
قُلْ لَّا یَعْلَمُ مَنْ فِی السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضِ الْغَیْبَ اِلَّا اللّٰهُ ؕ وَمَا یَشْعُرُوْنَ اَیَّانَ یُبْعَثُوْنَ ۟
Q̣ul laa yaʻlamu mañ fis samaawaati wal-ʹarḍil g̣ayba ʹillal laah: wa-maa yashʻuroona ʹayyaana yubʻas̤oon.
ئاللاھتىن بۆلەك ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ.
Verse 27:66
بَلِ ادّٰرَكَ عِلْمُهُمْ فِی الْاٰخِرَةِ ۫ بَلْ هُمْ فِیْ شَكٍّ مِّنْهَا ۫ؗ بَلْ هُمْ مِّنْهَا عَمُوْنَ ۟۠
Balid daaraka ʻilmuhum fil ʹAakhirah: bal hum fee shakkim minhaa; bal hum minhaa ʻamoon!
ئۇلارنىڭ ئاخىرەت توغرىسىدىكى ئىلمى پىشىپ يېتىلدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق گۇماندىدۇر، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق كوردۇر.
Verse 27:67
وَقَالَ الَّذِیْنَ كَفَرُوْۤا ءَاِذَا كُنَّا تُرٰبًا وَّاٰبَآؤُنَاۤ اَىِٕنَّا لَمُخْرَجُوْنَ ۟
Wa-q̣aalal laẓeena kafarooo ʹa-ʹiẓaa kunnaa turaabañw waʹaabaaaʹunaaa ʹaʹinnaa lamukhrajoon?
كاپىرلار (يەنى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى مەككە مۇشرىكلىرى) ئېيتتى: «بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (قەبرىمىزدىن تىرىلىپ) چوقۇم چىقىرىلامدۇق؟
Verse 27:68
لَقَدْ وُعِدْنَا هٰذَا نَحْنُ وَاٰبَآؤُنَا مِنْ قَبْلُ ۙ اِنْ هٰذَاۤ اِلَّاۤ اَسَاطِیْرُ الْاَوَّلِیْنَ ۟
Laq̣ad wuʻidnaa haaẓaa naḥnu wa-ʹaabaaaʹunaa miñ q̣ablu ʹin haaẓaaa ʹillaaa ʹasaaṭeerul ʹawwaleen.
ھەقىقەتەن بىزگە ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزغا ئىلگىرى (قايتا تىرىلىش) ۋەدە قىلىنغان ئىدى. بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ قىسسەلىرىدۇر».
Verse 27:69
قُلْ سِیْرُوْا فِی الْاَرْضِ فَانْظُرُوْا كَیْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُجْرِمِیْنَ ۟
Q̣ul seeroo fil ʹarḍi fañz̤̣uroo kayfa kaana ʻaaq̣ibatul mujrimeen.
سەن (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىن: «زېمىندا سەير قىلىڭلار، گۇناھكارلار (يەنى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغۇچىلار) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار» (ئۇلارنى ئاللاھ ھالاك قىلمىدىمۇ؟ ئىلگىرىكى كۇففارلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن كېيىنكى كۇففارلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ).
Verse 27:70
وَلَا تَحْزَنْ عَلَیْهِمْ وَلَا تَكُنْ فِیْ ضَیْقٍ مِّمَّا یَمْكُرُوْنَ ۟
Wa-laa taḥzan ʻalayhim wa-laa takuñ fee ḍayq̣im mimmaa yamkuroon.
(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىدىن ئىچىڭ پۇشمىسۇن (ئاللاھ سېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ).
Verse 27:71
وَیَقُوْلُوْنَ مَتٰی هٰذَا الْوَعْدُ اِنْ كُنْتُمْ صٰدِقِیْنَ ۟
Wa-yaq̣ooloona mataa haaẓal waʻdu ʹiñ kuñtum ṣaadiq̣een?
ئۇلار: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (سىلەر بىزگە ۋەدە قىلغان) ئازاب قاچان چۈشىدۇ؟» دېيىشىدۇ.
Verse 27:72
قُلْ عَسٰۤی اَنْ یَّكُوْنَ رَدِفَ لَكُمْ بَعْضُ الَّذِیْ تَسْتَعْجِلُوْنَ ۟
Q̣ul ʻasaaa ʹañy yakoona radifa lakum baʻḍul laẓee tastaʻjiloon!
«سىلەر ئالدىراپ كەتكەن ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن» دېگىن .
Verse 27:73
وَاِنَّ رَبَّكَ لَذُوْ فَضْلٍ عَلَی النَّاسِ وَلٰكِنَّ اَكْثَرَهُمْ لَا یَشْكُرُوْنَ ۟
Wa-ʹinna Rabbaka la-Ẓoo faḍlin ʻalan naasi wa-laakinna ʹaks̤arahum laa- yashkuroon.
ەرۋەردىگارىڭ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (پەرۋەردىگارىغا) شۈكۈر قىلمايدۇ.
Verse 27:74
وَاِنَّ رَبَّكَ لَیَعْلَمُ مَا تُكِنُّ صُدُوْرُهُمْ وَمَا یُعْلِنُوْنَ ۟
Wa-ʹinna Rabbaka layaʻlamu maa- tukinnu ṣudooruhum wa-maa yuʻlinoon.
پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىتا ئاداۋىتىنى ۋە سۇيىقەستىنى) شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇ.
Verse 27:75
وَمَا مِنْ غَآىِٕبَةٍ فِی السَّمَآءِ وَالْاَرْضِ اِلَّا فِیْ كِتٰبٍ مُّبِیْنٍ ۟
Wa-maa min g̣aaaʹibatiñ fis samaaaʹi wal-ʹarḍi ʹillaa fee kitaabim mubeen.
ئاسمان - زېمىندا لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلمىغان ھېچبىر سىر يوق.
Verse 27:76
اِنَّ هٰذَا الْقُرْاٰنَ یَقُصُّ عَلٰی بَنِیْۤ اِسْرَآءِیْلَ اَكْثَرَ الَّذِیْ هُمْ فِیْهِ یَخْتَلِفُوْنَ ۟
ʹInna haaẓal Q̣ur-ʹaana yaq̣uṣṣu ʻalaa Baneee ʹIsraaaʹeela ʹaks̤aral laẓee hum feehi yakhtalifoon.
(پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان) بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىنىڭ كۆپىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
Verse 27:77
وَاِنَّهٗ لَهُدًی وَّرَحْمَةٌ لِّلْمُؤْمِنِیْنَ ۟
Wa-ʹinnahoo la-Hudañw wa-Raḥmatul lil-Muʹmineen.
قۇرئان مۆمىنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر.
Verse 27:78
اِنَّ رَبَّكَ یَقْضِیْ بَیْنَهُمْ بِحُكْمِهٖ ۚ وَهُوَ الْعَزِیْزُ الْعَلِیْمُ ۟ۙۚ
ʹInna Rabbaka yaq̣ḍee baynahum̃ bi-Ḥukmih: wa-Huwal ʻAzeezul ʻAleem.
شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) نىڭ ئارىسىدا (قىيامەت كۈنى) ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى) بىلگۈچىدۇر.
Verse 27:79
فَتَوَكَّلْ عَلَی اللّٰهِ ؕ اِنَّكَ عَلَی الْحَقِّ الْمُبِیْنِ ۟
Fatawakkal ʻalal laah: ʹinnaka ʻalal Ḥaq̣q̣il mubeen.
ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ئىشىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن، ھەممە ئىشىڭدا ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئاللاھ ساڭا مەدەتكاردۇر)، (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، سەن روشەن ھەق (دىن) ئۈستىدەدۇرسەن.
Verse 27:80
اِنَّكَ لَا تُسْمِعُ الْمَوْتٰی وَلَا تُسْمِعُ الصُّمَّ الدُّعَآءَ اِذَا وَلَّوْا مُدْبِرِیْنَ ۟
ʹInnaka laa- tusmiʻul mawtaa wa-laa tusmiʻuṣ ṣummad duʻaaaʹa ʹiẓaa wallaw mudbireen.
سەن ئۆلۈكلەرگە ۋە يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغا (يەنى دىللىرىنىڭ ئۆلۈكلىكىدە ئۆلۈكلەرگە ۋە ھەقنى ئاڭلىماسلىقتا گاسلارغا ئوخشايدىغان كۇففارلارغا) دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن.
Verse 27:81
وَمَاۤ اَنْتَ بِهٰدِی الْعُمْیِ عَنْ ضَلٰلَتِهِمْ ؕ اِنْ تُسْمِعُ اِلَّا مَنْ یُّؤْمِنُ بِاٰیٰتِنَا فَهُمْ مُّسْلِمُوْنَ ۟
Wa-maaa ʹañta bihaadil ʻumyi ʻañ ḍalaalatihim: ʹiñ tusmiʻu ʹillaa mañy yuʹminu biʹAayaatinaa fahum Muslimoon.
سەن (دىلى) كورلارنى گۇمراھلىقتىن ئايرىپ، ھىدايەت قىلالمايسەن، سەن (دەۋىتىڭنى) پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن.
Verse 27:82
وَاِذَا وَقَعَ الْقَوْلُ عَلَیْهِمْ اَخْرَجْنَا لَهُمْ دَآبَّةً مِّنَ الْاَرْضِ تُكَلِّمُهُمْ ۙ اَنَّ النَّاسَ كَانُوْا بِاٰیٰتِنَا لَا یُوْقِنُوْنَ ۟۠
Wa-ʹiẓaa waq̣aʻal Q̣awlu ʻalayhim ʹakhrajnaa lahum Daaabbatam minal ʹarḍi tukal-limuhum ʹannan naasa kaanoo biʹAayaatinaa laa- yooq̣inoon.
ئۇلار (يەنى كۇففارلار) غا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاپ ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.
Verse 27:83
وَیَوْمَ نَحْشُرُ مِنْ كُلِّ اُمَّةٍ فَوْجًا مِّمَّنْ یُّكَذِّبُ بِاٰیٰتِنَا فَهُمْ یُوْزَعُوْنَ ۟
Wa-Yawma naḥshuru miñ kulli ʹummatiñ fawjam mimmañy yukaẓẓibu biʹAayaatinaa fahum yoozaʻoon,
ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلاردىن بىر توپ ئادەمنى (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) يىغىمىز (ئالدى ـ كەينى يىغىلغىچە) ئۇلار توختىتىپ تۇرۇلىدۇ.
Verse 27:84
حَتّٰۤی اِذَا جَآءُوْ قَالَ اَكَذَّبْتُمْ بِاٰیٰتِیْ وَلَمْ تُحِیْطُوْا بِهَا عِلْمًا اَمَّاذَا كُنْتُمْ تَعْمَلُوْنَ ۟
Ḥattaaa ʹiẓaa jaaaʹoo q̣aala ʹakaẓẓabtum̃ biʹAayaatee wa-lam tuḥeeṭoo bihaa ʻilman ʹammaaẓaa kuñtum taʻmaloon?
ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا) كەلگەن چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر تولۇق بىلمەي تۇرۇپ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر (ئەمرى قىلىنغان نەرسىلەردىن) زادى نېمىلەرنى قىلدىڭلار؟ » دەيدۇ[84
Verse 27:85
وَوَقَعَ الْقَوْلُ عَلَیْهِمْ بِمَا ظَلَمُوْا فَهُمْ لَا یَنْطِقُوْنَ ۟
Wa-waq̣aʻal Q̣awlu ʻalayhim̃ bimaa z̤̣alamoo fahum laa- yañṭiq̣oon.
ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئازاب ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئۆزرىلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) سۆز قىلالمايدۇ.
Verse 27:86
اَلَمْ یَرَوْا اَنَّا جَعَلْنَا الَّیْلَ لِیَسْكُنُوْا فِیْهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا ؕ اِنَّ فِیْ ذٰلِكَ لَاٰیٰتٍ لِّقَوْمٍ یُّؤْمِنُوْنَ ۟
ʹAlam yaraw ʹannaa jaʻalnal Layla liyaskunoo feehi wan-Nahaara mubṣiraa? ʹInna fee ẓaalika laʹAayaatil liq̣awmiñy yuʹminoon!
ئۇلارغا كېچىنى ئارام ئالىدىغان (ۋاقىت) قىلغانلىقىمىزنى، كۈندۈزنى (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىش ئۈچۈن) يورۇق قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.
Verse 27:87
وَیَوْمَ یُنْفَخُ فِی الصُّوْرِ فَفَزِعَ مَنْ فِی السَّمٰوٰتِ وَمَنْ فِی الْاَرْضِ اِلَّا مَنْ شَآءَ اللّٰهُ ؕ وَكُلٌّ اَتَوْهُ دٰخِرِیْنَ ۟
Wa-Yawma yuñfakhu fiṣ Ṣoori fafaziʻa mañ fis samaawaati wa-mañ fil ʹarḍi ʹillaa mañ shaaaʹal laah: wa-kullun ʹatawhu daakhireen.
ئۇ كۈندە سۇر چېلىنىدۇ، ئاللاھ خالىغانلاردىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغان ھالدا كېلىدۇ.
Verse 27:88
وَتَرَی الْجِبَالَ تَحْسَبُهَا جَامِدَةً وَّهِیَ تَمُرُّ مَرَّ السَّحَابِ ؕ صُنْعَ اللّٰهِ الَّذِیْۤ اَتْقَنَ كُلَّ شَیْءٍ ؕ اِنَّهٗ خَبِیْرٌ بِمَا تَفْعَلُوْنَ ۟
Wa-taral jibaala taḥsabuhaa jaamidatañw wahiya tamurru marras saḥaab: ṣunʻal laahil laẓeee ʹatq̣ana kulla shayʹ: innahoo khabeerum bimaa tafʻaloon.
تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆگىلەپ تۇرىدۇ، (بۇ) ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان ئاللاھنىڭ ھۈنىرىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
Verse 27:89
مَنْ جَآءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهٗ خَیْرٌ مِّنْهَا ۚ وَهُمْ مِّنْ فَزَعٍ یَّوْمَىِٕذٍ اٰمِنُوْنَ ۟
Mañ jaaaʹa bil-ḥasanati falahoo khayrum minhaa; wa-hum miñ fazaʻiñy Yawmaʹiẓin ʹaaminoon.
ياخشى ئىش قىلغانلار قىلغان ياخشىلىقىدىن ئوبدانراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە قورقۇنچتىن ئەمىن بولىدۇ.
Verse 27:90
وَمَنْ جَآءَ بِالسَّیِّئَةِ فَكُبَّتْ وُجُوْهُهُمْ فِی النَّارِ ؕ هَلْ تُجْزَوْنَ اِلَّا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُوْنَ ۟
Wa-mañ jaaaʹa bissayyiʹati fakubbat wujoohuhum fin Naar: hal tujzawna ʹillaa maa- kuñtum taʻmaloon?
يامان ئىش قىلغانلار دوزاخقا يۈزى بىلەن تاشلىنىدۇ، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر ياكى مۇكاپاتلىنىسىلەر.
Verse 27:91
اِنَّمَاۤ اُمِرْتُ اَنْ اَعْبُدَ رَبَّ هٰذِهِ الْبَلْدَةِ الَّذِیْ حَرَّمَهَا وَلَهٗ كُلُّ شَیْءٍ ؗ وَّاُمِرْتُ اَنْ اَكُوْنَ مِنَ الْمُسْلِمِیْنَ ۟ۙ
ʹInnamaaa ʹumirtu ʹan ʹaʻbuda Rabba haaẓihil Baldatill aẓee ḥarramahaa wa-lahoo kullu shayʹiñw waʹumirtu ʹan ʹakoona minal Muslimeen,
(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن (ئۇنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ). سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن»[91- 92].
Verse 27:92
وَاَنْ اَتْلُوَا الْقُرْاٰنَ ۚ فَمَنِ اهْتَدٰی فَاِنَّمَا یَهْتَدِیْ لِنَفْسِهٖ ۚ وَمَنْ ضَلَّ فَقُلْ اِنَّمَاۤ اَنَا مِنَ الْمُنْذِرِیْنَ ۟
Wa-ʹan ʹatluwal Q̣ur-ʹaan: famanih tadaa faʹinnamaa yahtadee linafsih: wa-mañ ḍalla faq̣ul ʹinnamaaa ʹana minal muñẓireen.
(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن (ئۇنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ). سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن»[91- 92].
Verse 27:93
وَقُلِ الْحَمْدُ لِلّٰهِ سَیُرِیْكُمْ اٰیٰتِهٖ فَتَعْرِفُوْنَهَا ؕ وَمَا رَبُّكَ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُوْنَ ۟۠
Wa-q̣ulil Ḥamdu lillaahi sayureekum ʹAayaatihee fataʻrifoonahaa; wa-maa Rabbuka big̣aafilin ʻamaa taʻmaloon.
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئۇلارنى (تونۇش پايدا بەرمەيدىغان چاغدا) تونۇيسىلەر، پەرۋەردىگارىڭ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر.