Surah Al-Qasas
Surah Al-Qasas (The Stories) is Surah 28 of the Holy Quran, a Meccan Surah with 88 verses, available here in Uyghur.
Verse 28:1
طٰسٓمّٓ ۟
Ṭaa-seeen-Meeem.
تاسن، مىم.
Verse 28:2
تِلْكَ اٰیٰتُ الْكِتٰبِ الْمُبِیْنِ ۟
Tilka ʹAayaatul Kitaabil mubeen.
بۇ، روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر.
Verse 28:3
نَتْلُوْا عَلَیْكَ مِنْ نَّبَاِ مُوْسٰی وَفِرْعَوْنَ بِالْحَقِّ لِقَوْمٍ یُّؤْمِنُوْنَ ۟
Natloo ʻalayka min nabaʹi Moosaa wa-Firʻawna bil-Ḥaq̣q̣i liq̣awmiñy yuʹminoon.
ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋن قىسسەسىنى ھەقلىق ئاساستا ئوقۇپ بېرىمىز.
Verse 28:4
اِنَّ فِرْعَوْنَ عَلَا فِی الْاَرْضِ وَجَعَلَ اَهْلَهَا شِیَعًا یَّسْتَضْعِفُ طَآىِٕفَةً مِّنْهُمْ یُذَبِّحُ اَبْنَآءَهُمْ وَیَسْتَحْیٖ نِسَآءَهُمْ ؕ اِنَّهٗ كَانَ مِنَ الْمُفْسِدِیْنَ ۟
ʹInna firʻawna ʻalaa fil ʹarḍi wa-jaʻala ʹahlahaa shiyaʻañy yastaḍʻifu ṭaaaʹifatam minhum yuẓabbiḥu ʹabnaaaʹahum wa-yastaḥyee nisaaaʹahum: ʹinnahoo kaana minal mufsideen.
شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا (زومىگەرلىكتە) ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى بوزەك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى.
Verse 28:5
وَنُرِیْدُ اَنْ نَّمُنَّ عَلَی الَّذِیْنَ اسْتُضْعِفُوْا فِی الْاَرْضِ وَنَجْعَلَهُمْ اَىِٕمَّةً وَّنَجْعَلَهُمُ الْوٰرِثِیْنَ ۟ۙ
Wa-nureedu ʹan namunna ʻalal laẓeenas tuḍʻifoo fil ʹarḍi wa-najʻalahum ʹaʹimmatañw Wanajʻalahumul waaris̤een,
بىز (مىسىر) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز، ئۇلارنى يولباشچىلاردىن قىلىشنى، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ (مۈلكىگە) ۋارىس قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز.
Verse 28:6
وَنُمَكِّنَ لَهُمْ فِی الْاَرْضِ وَنُرِیَ فِرْعَوْنَ وَهَامٰنَ وَجُنُوْدَهُمَا مِنْهُمْ مَّا كَانُوْا یَحْذَرُوْنَ ۟
Wa-numakkina lahum fil ʹarḍi wa-nuriya Firʻawna wa-Haamaana wa-junoodahumaa minhum maa kaanoo yaḥẓaroon.
ئۇلارنى زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگە قىلماقچىمىز، بىز پىرئەۋنگە، (ۋەزىرى) ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا ئۇلار (يەنى بوزەك قىلىنغانلار) دىن قورقىدىغان نەرسىنى كۆرسىتىمىز.
Verse 28:7
وَاَوْحَیْنَاۤ اِلٰۤی اُمِّ مُوْسٰۤی اَنْ اَرْضِعِیْهِ ۚ فَاِذَا خِفْتِ عَلَیْهِ فَاَلْقِیْهِ فِی الْیَمِّ وَلَا تَخَافِیْ وَلَا تَحْزَنِیْ ۚ اِنَّا رَآدُّوْهُ اِلَیْكِ وَجَاعِلُوْهُ مِنَ الْمُرْسَلِیْنَ ۟
Wa-ʹawḥaynaaa ʹilaaa ʹummi Moosaaa ʹan ʹarḍiʻeeh: faʹiẓaa khifti ʻalayhi faʹalq̣eehi fil yammi wa-laa takhaafee walaa taḥzanee: ʹinnaa raaaddoohu ʹilayki wa-jaaʻiloohu milnal mursaleen.
مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن، (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز».
Verse 28:8
فَالْتَقَطَهٗۤ اٰلُ فِرْعَوْنَ لِیَكُوْنَ لَهُمْ عَدُوًّا وَّحَزَنًا ؕ اِنَّ فِرْعَوْنَ وَهَامٰنَ وَجُنُوْدَهُمَا كَانُوْا خٰطِـِٕیْنَ ۟
Faltaq̣aṭahooo ʹaalu Firʻawna liyakoona lahum ʻaduwwañw Waḥazanaa: ʹInna Firʻawna wa-Haamaana wa-junooda-humaa kaanoo khaaṭiʹeen.
پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. ئاقىۋەت (مۇسا) ئۇلارغا دۈشمەن ۋە خاپىلىق بولدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى.
Verse 28:9
وَقَالَتِ امْرَاَتُ فِرْعَوْنَ قُرَّتُ عَیْنٍ لِّیْ وَلَكَ ؕ لَا تَقْتُلُوْهُ ۖۗ عَسٰۤی اَنْ یَّنْفَعَنَاۤ اَوْ نَتَّخِذَهٗ وَلَدًا وَّهُمْ لَا یَشْعُرُوْنَ ۟
Wa-q̣aalatim raʹatu Firʻawna q̣urratu ʻaynil lee wa-lak: laa- taq̣tuloohu ʻasaaa ʹañy yañfaʻanaaa ʹaw nattakhiẓahoo waladañw wahum laa- yashʻuroon!
پىرئەۋننىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆز نۇرى (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (پىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى.
Verse 28:10
وَاَصْبَحَ فُؤَادُ اُمِّ مُوْسٰی فٰرِغًا ؕ اِنْ كَادَتْ لَتُبْدِیْ بِهٖ لَوْلَاۤ اَنْ رَّبَطْنَا عَلٰی قَلْبِهَا لِتَكُوْنَ مِنَ الْمُؤْمِنِیْنَ ۟
Wa-ʹaṣbaḥa fuʹaadu ʹummi Moosaa faarig̣aa: ʹiñ kaadat latubdee bihee law laaa ʹarrabaṭnaa ʻalaa q̣albihaa litakoona minal Muʹmineen.
مۇسانىڭ ئانىسى (مۇسانىڭ پىرئەۋننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ) ئەس ـ ھوشىنى يوقاتتى، (ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بالىنى قايتۇرۇش ۋەدىسىگە) ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى.
Verse 28:11
وَقَالَتْ لِاُخْتِهٖ قُصِّیْهِ ؗ فَبَصُرَتْ بِهٖ عَنْ جُنُبٍ وَّهُمْ لَا یَشْعُرُوْنَ ۟ۙ
Wa-q̣aalat liʹukhtihee q̣uṣṣeeh. Fabaṣurat bihee ʻañ junubiñw wahum laa- yashʻuroon.
ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە: «(خەۋەرنى ئۇقۇش ئۈچۈن) مۇساغا ئەگەشكىن» دېدى. ھەمشىرىسى مۇسانى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى. ھالبۇكى، ئۇلار (ئۇنى) تۇيمايتتى.
Verse 28:12
وَحَرَّمْنَا عَلَیْهِ الْمَرَاضِعَ مِنْ قَبْلُ فَقَالَتْ هَلْ اَدُلُّكُمْ عَلٰۤی اَهْلِ بَیْتٍ یَّكْفُلُوْنَهٗ لَكُمْ وَهُمْ لَهٗ نٰصِحُوْنَ ۟
wa-ḥarramnaa ʻalayhil maraaḍiʻa miñ q̣ablu faq̣aalat hal ʹadullukum ʻalaaa ʹahli baytiñy yakfuloonahoo lakum wa-hum lahoo naaṣiḥoon?...
(ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنىڭ ئېمىتىشىدىن توستۇق، مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: «سىلەرگە مۇسانى ئوبدان باقىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ» دېدى[12
Verse 28:13
فَرَدَدْنٰهُ اِلٰۤی اُمِّهٖ كَیْ تَقَرَّ عَیْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ وَلِتَعْلَمَ اَنَّ وَعْدَ اللّٰهِ حَقٌّ وَّلٰكِنَّ اَكْثَرَهُمْ لَا یَعْلَمُوْنَ ۟۠
Faradadnaahu ʹilaaa ʹummihee kay taq̣arra ʻaynuhaa wa-laa taḥzana wa-litaʻlama ʹanna waʻdal laahi ḥaq̣q̣uñw walaakinna ʹaks̤arahum laa- yaʻlamoon.
ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ.
Verse 28:14
وَلَمَّا بَلَغَ اَشُدَّهٗ وَاسْتَوٰۤی اٰتَیْنٰهُ حُكْمًا وَّعِلْمًا ؕ وَكَذٰلِكَ نَجْزِی الْمُحْسِنِیْنَ ۟
Wa-lammaa balag̣a ʹashuddahoo wastawaaa ʹaataynaahu ḥukmañw waʻilmaa: wa-kaẓaalika najzil Muḥsineen.
مۇسا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئەقلى توشقاندا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، بىز ياخشىلارغا مۇشۇنداق مۇكاپات بېرىمىز.
Verse 28:15
وَدَخَلَ الْمَدِیْنَةَ عَلٰی حِیْنِ غَفْلَةٍ مِّنْ اَهْلِهَا فَوَجَدَ فِیْهَا رَجُلَیْنِ یَقْتَتِلٰنِ ؗۗ هٰذَا مِنْ شِیْعَتِهٖ وَهٰذَا مِنْ عَدُوِّهٖ ۚ فَاسْتَغَاثَهُ الَّذِیْ مِنْ شِیْعَتِهٖ عَلَی الَّذِیْ مِنْ عَدُوِّهٖ ۙ فَوَكَزَهٗ مُوْسٰی فَقَضٰی عَلَیْهِ ؗۗ قَالَ هٰذَا مِنْ عَمَلِ الشَّیْطٰنِ ؕ اِنَّهٗ عَدُوٌّ مُّضِلٌّ مُّبِیْنٌ ۟
Wa-dakhalal Madeenata ʻalaa ḥeeni g̣aflatim min ʹahlihaa fawajada feeha rajulayni yaq̣tatilaani haaẓaa miñ sheeʻatihee wa-haaẓaa min ʻaduwwih. Fastag̣aas̤ahul laẓee miñ sheeʻatihee ʻalal laẓee min ʻaduwwihee fawakazahoo Moosaa faq̣aḍaa ʻalayh. Q̣aala haaẓaa min ʻamalish shayṭaan: ʹinnahoo ʻaduwwum muḍillum mubeen!
مۇسا شەھەر ئاھالىسىدىن ھېچ كىشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا (يەنى چۈشلۈك ئۇيقۇدىكى چاغدا) شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. (ئۇرۇشۇۋاتقانلاردىن) بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر».
Verse 28:16
قَالَ رَبِّ اِنِّیْ ظَلَمْتُ نَفْسِیْ فَاغْفِرْ لِیْ فَغَفَرَ لَهٗ ؕ اِنَّهٗ هُوَ الْغَفُوْرُ الرَّحِیْمُ ۟
Q̣aala Rabbi ʹinnee z̤̣alamtu nafsee fag̣fir lee fag̣afara lah: innahoo Huwal G̣afoorur Raḥeem.
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن». ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
Verse 28:17
قَالَ رَبِّ بِمَاۤ اَنْعَمْتَ عَلَیَّ فَلَنْ اَكُوْنَ ظَهِیْرًا لِّلْمُجْرِمِیْنَ ۟
Q̣aala Rabbi bimaaa ʹanʻamta ʻalayya falan ʹakoona z̤̣aheeral lilmujrimeen.
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا (مەغپىرەت قىلغانلىق) نېمىتىڭ سەۋەبى بىلەن مەن ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن».
Verse 28:18
فَاَصْبَحَ فِی الْمَدِیْنَةِ خَآىِٕفًا یَّتَرَقَّبُ فَاِذَا الَّذِی اسْتَنْصَرَهٗ بِالْاَمْسِ یَسْتَصْرِخُهٗ ؕ قَالَ لَهٗ مُوْسٰۤی اِنَّكَ لَغَوِیٌّ مُّبِیْنٌ ۟
Faʹaṣbaḥa fil Madeenati khaaaʹifañy yataraq̣q̣abu faʹiẓal laẓis tañṣarahoo bil-ʹamsi yastaṣrikhuh. Q̣aala lahoo Moosaaa ʹinnaka lag̣awiyyum mubeen!
مۇسا ئەتىسى ئەتىگەندە قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپىغا قاراپ شەھەر ئارىلاپ يۈرەتتى. توساتتىن تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەن ئادەم (بىر قىبتى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان ھالدا) مۇسادىن يەنە ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «سەن ھەقىقەتەن ئاشكارا گۇمراھ ئىكەنسەن» دېدى.
Verse 28:19
فَلَمَّاۤ اَنْ اَرَادَ اَنْ یَّبْطِشَ بِالَّذِیْ هُوَ عَدُوٌّ لَّهُمَا ۙ قَالَ یٰمُوْسٰۤی اَتُرِیْدُ اَنْ تَقْتُلَنِیْ كَمَا قَتَلْتَ نَفْسًا بِالْاَمْسِ ۖۗ اِنْ تُرِیْدُ اِلَّاۤ اَنْ تَكُوْنَ جَبَّارًا فِی الْاَرْضِ وَمَا تُرِیْدُ اَنْ تَكُوْنَ مِنَ الْمُصْلِحِیْنَ ۟
Falammaaa ʹan ʹaraada ʹañy yabṭisha billaẓee huwa ʻaduwwul lahumaa q̣aala yaa-Moosaaa ʹatureedu ʹañ taq̣tulanee kamaa q̣atalta nafsam bil-ʹams? ʹIñ tureedu ʹillaaa ʹañ takoona jabbaarañ fil ʹarḍi wa-maa tureedu ʹañ takoona minal Muṣliḥeen!
مۇسا ئىككىسىنىڭ (ئورتاق) دۈشمىنى بولغان ئادەم (يەنى قىبتى) گە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ياردەم تىلىگەن ئادەم: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنى ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ سەن زېمىندا ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايسەن» دېدى.
Verse 28:20
وَجَآءَ رَجُلٌ مِّنْ اَقْصَا الْمَدِیْنَةِ یَسْعٰی ؗ قَالَ یٰمُوْسٰۤی اِنَّ الْمَلَاَ یَاْتَمِرُوْنَ بِكَ لِیَقْتُلُوْكَ فَاخْرُجْ اِنِّیْ لَكَ مِنَ النّٰصِحِیْنَ ۟
Wa-jaaaʹa rajulum min ʹaq̣ṣal Madeenati yasʻaa. Q̣aala yaa-Moosaaa ʹinnal malaʹa yaʹ-tamiroona bika liyaq̣tulooka fakhruj ʹinnee laka minan naaṣiḥeen.
بىر ئادەم شەھەرنىڭ يىراق يېرىدىن ئالدىراپ كېلىپ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، كاتتىلار سېنى ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەت قىلىشىۋاتىدۇ، (شەھەردىن دەرھال) چىقىپ كەتكىن، مەن ئەلۋەتتە ساڭا سادىق كىشىلەردىنمەن» دېدى.
Verse 28:21
فَخَرَجَ مِنْهَا خَآىِٕفًا یَّتَرَقَّبُ ؗ قَالَ رَبِّ نَجِّنِیْ مِنَ الْقَوْمِ الظّٰلِمِیْنَ ۟۠
Fakharaja minhaa khaaaʹifañy yataraq̣q̣ab: Q̣aala Rabbi najjinee minal q̣awmiz̤̣ z̤̣aalimeen.
مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقتى، ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى.
Verse 28:22
وَلَمَّا تَوَجَّهَ تِلْقَآءَ مَدْیَنَ قَالَ عَسٰی رَبِّیْۤ اَنْ یَّهْدِیَنِیْ سَوَآءَ السَّبِیْلِ ۟
Wa-lammaa tawajjaha tilq̣aaaʹa Madyana q̣aala ʻasaa Rabbeee ʹañy yahdiyanee sawaaaʹas sabeel.
ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن» دېدى.
Verse 28:23
وَلَمَّا وَرَدَ مَآءَ مَدْیَنَ وَجَدَ عَلَیْهِ اُمَّةً مِّنَ النَّاسِ یَسْقُوْنَ ؗ۬ وَوَجَدَ مِنْ دُوْنِهِمُ امْرَاَتَیْنِ تَذُوْدٰنِ ۚ قَالَ مَا خَطْبُكُمَا ؕ قَالَتَا لَا نَسْقِیْ حَتّٰی یُصْدِرَ الرِّعَآءُ ٚ وَاَبُوْنَا شَیْخٌ كَبِیْرٌ ۟
Wa-lammaa warada maaaʹa Madyana wajada ʻalayhi ʹummatam minan naasi yasq̣oona wa-wajada miñ doonihimum raʹatayni taẓoodaan. Q̣aala maa- khaṭbukumaa? Q̣aalataa laa- nasq̣ee ḥattaa yuṣdirar riʻaaaʹu wa-ʹaboonaa shaykhuñ kabeer.
مۇسا مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە (ماللىرىنى) سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنى كۆردى. ئۇلاردىن باشقا يەنە (قويلىرىنى سۇدىن) توسۇپ تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆردى. مۇسا ئۇلارغا: «سىلەرگە نېمە بولدى؟ (يەنى قويلىرىڭلارنى سۇدىن توسۇپ تۇرۇپ تۇرۇپسىلەرغۇ؟)» دېدى، ئۇلار: «پادىچىلار قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بىز سۇغىرىمىز، ئاتىمىز بولسا ياشىنىپ قالغان بوۋايدۇر» دېدى.
Verse 28:24
فَسَقٰی لَهُمَا ثُمَّ تَوَلّٰۤی اِلَی الظِّلِّ فَقَالَ رَبِّ اِنِّیْ لِمَاۤ اَنْزَلْتَ اِلَیَّ مِنْ خَیْرٍ فَقِیْرٌ ۟
Fasaq̣aa lahumaa s̤umma tawallaaa ʹilaz̤̣ z̤̣illi faq̣aala Rabbi ʹinnee limaaa añzalta ʹilayya min khayriñ faq̣eer!..
مۇسا ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ (بىر دەرەخنىڭ) سايىسىگە بېرىپ (ئولتۇرۇپ): «پەرۋەردىگارىم! ماڭا رىزىقتىن نېمىنىلا بەرسەڭ، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا موھتاج» دېدى.
Verse 28:25
فَجَآءَتْهُ اِحْدٰىهُمَا تَمْشِیْ عَلَی اسْتِحْیَآءٍ ؗ قَالَتْ اِنَّ اَبِیْ یَدْعُوْكَ لِیَجْزِیَكَ اَجْرَ مَا سَقَیْتَ لَنَا ؕ فَلَمَّا جَآءَهٗ وَقَصَّ عَلَیْهِ الْقَصَصَ ۙ قَالَ لَا تَخَفْ ۫ۥ نَجَوْتَ مِنَ الْقَوْمِ الظّٰلِمِیْنَ ۟
Fajaaaʹathu ʹiḥdaahumaa tamshee ʻalas tiḥyaaaʹ, Q̣aalat ʹinna ʹabee yadʻooka liyajziyaka ʹajra maa- saq̣ayta lanaa. Falammaa jaaaʹahoo wa-q̣aṣṣa ʻalayhil q̣aṣaṣa q̣aala laa- takhaf: najawta minal q̣awmiz̤̣ z̤̣aalimeen.
ئۇلارنىڭ (يەنى ئۇ ئىككى ئايالنىڭ) بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن مېڭىپ كېلىپ: «(قويلىرىمىزنى) سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن ئاتام سېنى راستلا چاقىرىدۇ» دېدى. مۇسا ئۇنىڭ (يەنى شۇئەيبنىڭ) قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ھېكايە قىلىپ بەردى، شۇئەيب: « قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى.
Verse 28:26
قَالَتْ اِحْدٰىهُمَا یٰۤاَبَتِ اسْتَاْجِرْهُ ؗ اِنَّ خَیْرَ مَنِ اسْتَاْجَرْتَ الْقَوِیُّ الْاَمِیْنُ ۟
Q̣aalat ʹiḥdaahumaa yaaaʹabatis taʹjirh; ʹinna khayra manis taʹjartal q̣awiyyul ʹameen.
ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللارنىڭ) بىرى ئېيتتى: «ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك، ئىشەنچلىكتۇر».
Verse 28:27
قَالَ اِنِّیْۤ اُرِیْدُ اَنْ اُنْكِحَكَ اِحْدَی ابْنَتَیَّ هٰتَیْنِ عَلٰۤی اَنْ تَاْجُرَنِیْ ثَمٰنِیَ حِجَجٍ ۚ فَاِنْ اَتْمَمْتَ عَشْرًا فَمِنْ عِنْدِكَ ۚ وَمَاۤ اُرِیْدُ اَنْ اَشُقَّ عَلَیْكَ ؕ سَتَجِدُنِیْۤ اِنْ شَآءَ اللّٰهُ مِنَ الصّٰلِحِیْنَ ۟
Q̣aala ʹinneee ʹureedu ʹan ʹuñkiḥaka ʹiḥdab natayya haatayni ʻalaaa ʹañ taʹjuranee s̤amaaniya ḥijaj; faʹin ʹatmamta ʻashrañ famin ʻiñdik. Wa-maaa ʹureedu ʹan ʹashuq̣q̣a ʻalayk: satajiduneee ʹiñ shaaaʹal laahu minaṣ Ṣaaliḥeen.
ئۇ (يەنى شۇئەيب) ئېيتتى: «ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە ساڭا بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى بېرىشنى خالايمەن، ئەگەر ئون يىلنى توشقۇزۇۋەتسەڭ (ئۇمۇ) ئىختىيارىڭ، (ئون يىلنى شەرت قىلىپ) سېنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويۇشنى خالىمايمەن، خۇدا خالىسا، مېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمنى بايقايسەن».
Verse 28:28
قَالَ ذٰلِكَ بَیْنِیْ وَبَیْنَكَ ؕ اَیَّمَا الْاَجَلَیْنِ قَضَیْتُ فَلَا عُدْوَانَ عَلَیَّ ؕ وَاللّٰهُ عَلٰی مَا نَقُوْلُ وَكِیْلٌ ۟۠
Q̣aala ẓaalika baynee wa-baynak: ʹayyamal ʹajalayni q̣aḍaytu falaa ʻudwaana ʻalayy. Wallaahu ʻalaa maa- naq̣oolu Wakeel.
مۇسا ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەت (يەنى سەككىز يىل بىلەن ئون يىل) نىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام توشقۇزاي، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر».
Verse 28:29
فَلَمَّا قَضٰی مُوْسَی الْاَجَلَ وَسَارَ بِاَهْلِهٖۤ اٰنَسَ مِنْ جَانِبِ الطُّوْرِ نَارًا ۚ قَالَ لِاَهْلِهِ امْكُثُوْۤا اِنِّیْۤ اٰنَسْتُ نَارًا لَّعَلِّیْۤ اٰتِیْكُمْ مِّنْهَا بِخَبَرٍ اَوْ جَذْوَةٍ مِّنَ النَّارِ لَعَلَّكُمْ تَصْطَلُوْنَ ۟
Falammaa q̣aḍaa Moosal ʹajala wa-saara biʹahliheee ʹaanasa miñ jaanibiṭ Ṭoori naaraa. Q̣aala liʹahlihim kus̤ooo ʹinneee ʹaanastu naaral laʻalleee ʹaateekum minhaa bikhabarin ʹaw jaẓwatim minan naari laʻallakum taṣṭaloon.
مۇسا (ئۆز ئارا كېلىشكەن) مۇددەتنى (يەنى كېلىشكەن مۇددەتنىڭ تولۇقراقى بولغان ئون يىلنى) توشقۇزغاندىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ (مىسىرغا قاراپ) يولغا چىقتى، ئۇ تۇر تېغى تەرىپىدە ئوت كۆردى، ئۇ ئايالىغا: «شۈبھىسىزكى، مەن (يىراقتىن) ئوت كۆردۈم، ئۇ يەردىن مەن سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كېلەي، يا سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى (مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئوت ئەمەس نۇر ئىكەنلىكىنى بىلدى).
Verse 28:30
فَلَمَّاۤ اَتٰىهَا نُوْدِیَ مِنْ شَاطِئِ الْوَادِ الْاَیْمَنِ فِی الْبُقْعَةِ الْمُبٰرَكَةِ مِنَ الشَّجَرَةِ اَنْ یّٰمُوْسٰۤی اِنِّیْۤ اَنَا اللّٰهُ رَبُّ الْعٰلَمِیْنَ ۟ۙ
Falammaaa ʹataahaa noodiya miñ shaaṭiʹil waadil ʹaymani fil buq̣ʻatil mubaarakati minash shajarati ʹañy yaa-Moosaaa ʹinneee ʹAnal laahu Rabbul ʻAalameen.
مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە ۋادىنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ گىرۋىكىگە توغرا كېلىدىغان مۇبارەك جايدىكى دەرەخ تەرەپتىن (مۇنداق) نىدا ئاڭلاندى: «ئى مۇسا، (ساڭا سۆز قىلىۋاتقان) مەن، ھەقىقەتەن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتۇرمەن.
Verse 28:31
وَاَنْ اَلْقِ عَصَاكَ ؕ فَلَمَّا رَاٰهَا تَهْتَزُّ كَاَنَّهَا جَآنٌّ وَّلّٰی مُدْبِرًا وَّلَمْ یُعَقِّبْ ؕ یٰمُوْسٰۤی اَقْبِلْ وَلَا تَخَفْ ۫ اِنَّكَ مِنَ الْاٰمِنِیْنَ ۟
Wa-ʹan ʹalq̣i ʻaṣaak! Falammaa raʹaahaa tahtazzu kaʹannahaa jaaannuñw wallaa mudbirañw walam yuʻaq̣q̣ib: Yaa-Moosaaa ʹaq̣bil wa-laa takhaf: ʹinnaka minal ʹaamineen.
سەن ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىمىدى، (نىدا قىلىندىكى) «ئى مۇسا! ئالدىڭغا ماڭغىن، قورقمىغىن، سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچتىن) ئەمىن بولغۇچىلاردىنسەن.
Verse 28:32
اُسْلُكْ یَدَكَ فِیْ جَیْبِكَ تَخْرُجْ بَیْضَآءَ مِنْ غَیْرِ سُوْٓءٍ ؗ وَّاضْمُمْ اِلَیْكَ جَنَاحَكَ مِنَ الرَّهْبِ فَذٰنِكَ بُرْهَانٰنِ مِنْ رَّبِّكَ اِلٰی فِرْعَوْنَ وَمَلَاۡىِٕهٖ ؕ اِنَّهُمْ كَانُوْا قَوْمًا فٰسِقِیْنَ ۟
ʹUsluk yadaka fee jaybika takhruj bayḍaaaʹa min g̣ayri soooʹ: waḍmum ʹilayka janaaḥaka minar rahbi fazaanika burhaanaani mir Rabbika ʹilaa Firʻawna wa-malaʹih: ʹinnahum kaanoo q̣awmañ faasiq̣een.
قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز (بىر پارچە ئايدەك پارلاپ) ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن (يەنى قوينۇڭغا سېلىۋالغىن)، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە (ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ) چوڭلىرىغا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن (بىزنىڭ ئىتائىتىمىزدىن چىققۇچى) پاسىق قەۋم ئىدى».
Verse 28:33
قَالَ رَبِّ اِنِّیْ قَتَلْتُ مِنْهُمْ نَفْسًا فَاَخَافُ اَنْ یَّقْتُلُوْنِ ۟
Q̣aala Rabbi ʹinnee q̣ataltu minhum nafsañ faʹakhaafu ʹañy yaq̣tuloon.
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلاردىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن.
Verse 28:34
وَاَخِیْ هٰرُوْنُ هُوَ اَفْصَحُ مِنِّیْ لِسَانًا فَاَرْسِلْهُ مَعِیَ رِدْاً یُّصَدِّقُنِیْۤ ؗ اِنِّیْۤ اَخَافُ اَنْ یُّكَذِّبُوْنِ ۟
Wa-ʹakhee Haaroonu huwa ʹafṣaḥu minnee lisaanañ faʹarsilhu maʻiya rid-ʹañy yuṣaddiq̣unee; ʹinneee ʹakhaafu ʹañy yukaẓẓiboon.
قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭدىن راۋاندۇر، ئۇنى مەن بىلەن (پەيغەمبەرلىكىمنى) تەستىقلايدىغان ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن».
Verse 28:35
قَالَ سَنَشُدُّ عَضُدَكَ بِاَخِیْكَ وَنَجْعَلُ لَكُمَا سُلْطٰنًا فَلَا یَصِلُوْنَ اِلَیْكُمَا ۛۚ بِاٰیٰتِنَاۤ ۛۚ اَنْتُمَا وَمَنِ اتَّبَعَكُمَا الْغٰلِبُوْنَ ۟
Q̣aala sanashuddu ʻaḍudaka biʹakheeka wa-najʻalu lakumaa sulṭaanañ falaa yaṣiloona ʹilaykumaa: biʹAayaatinaaa ʹañtumaa wa-manit tabaʻakumal g̣aaliboon.
ئاللاھ ئېيتتى: «قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز، ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئارقىلىق غەلىبە قىلىسىلەر».
Verse 28:36
فَلَمَّا جَآءَهُمْ مُّوْسٰی بِاٰیٰتِنَا بَیِّنٰتٍ قَالُوْا مَا هٰذَاۤ اِلَّا سِحْرٌ مُّفْتَرًی وَّمَا سَمِعْنَا بِهٰذَا فِیْۤ اٰبَآىِٕنَا الْاَوَّلِیْنَ ۟
Falammaa jaaaʹahum Moosaa biʹAayaatinaa bayyinaatiñ q̣aaloo maa- haaẓaaa ʹillaa siḥrum muftarañw wamaa samiʻnaa bihaaẓaa feee ʹaabaaaʹinal ʹawwaleen!
مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردۇر، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ (زامانىدا) بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق» دېدى.
Verse 28:37
وَقَالَ مُوْسٰی رَبِّیْۤ اَعْلَمُ بِمَنْ جَآءَ بِالْهُدٰی مِنْ عِنْدِهٖ وَمَنْ تَكُوْنُ لَهٗ عَاقِبَةُ الدَّارِ ؕ اِنَّهٗ لَا یُفْلِحُ الظّٰلِمُوْنَ ۟
Wa-q̣aala Moosaa Rabbeee ʹaʻlamu bimañ jaaaʹa bil-Hudaa min ʻiñdihee wa-mañ takoonu lahoo ʻAaq̣ibatud daar: ʹinnahoo laa- yufliḥuz̤̣ z̤̣aalimoon.
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم ئۆزىنىڭ دەرگاھىدىن كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىگە كىمنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، زالىملار (يەنى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغۇچى فاجىرلار) چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ».
Verse 28:38
وَقَالَ فِرْعَوْنُ یٰۤاَیُّهَا الْمَلَاُ مَا عَلِمْتُ لَكُمْ مِّنْ اِلٰهٍ غَیْرِیْ ۚ فَاَوْقِدْ لِیْ یٰهَامٰنُ عَلَی الطِّیْنِ فَاجْعَلْ لِّیْ صَرْحًا لَّعَلِّیْۤ اَطَّلِعُ اِلٰۤی اِلٰهِ مُوْسٰی ۙ وَاِنِّیْ لَاَظُنُّهٗ مِنَ الْكٰذِبِیْنَ ۟
Wa-q̣aala Firʻawnu yaaaʹayyuhal malaʹu maa- ʻalimtu lakum min ʹilaahin g̣ayree: faʹawq̣id lee yaa-Haamaanu ʻalaṭ ṭeeni fajʻal lee ṣarḥal laʻalleee ʹaṭṭaliʻu ʹilaaa ʹilaahi Moosaa wa-ʹinnee laʹaz̤̣unnuhoo minal kaaẓibeen!
ۋن ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان، مېنىڭ ئۈچۈن پىششىق خىش پىشۇرۇپ ئېگىز بىر بىنا سالغىن، مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى (ئاسماندا بىر پەرۋەردىگار بار دېگەن دەۋاسىدا) يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمەن».
Verse 28:39
وَاسْتَكْبَرَ هُوَ وَجُنُوْدُهٗ فِی الْاَرْضِ بِغَیْرِ الْحَقِّ وَظَنُّوْۤا اَنَّهُمْ اِلَیْنَا لَا یُرْجَعُوْنَ ۟
Wastakbara huwa wa-junooduhoo fil ʹarḍi big̣ayril ḥaq̣q̣i waz̤̣annooo ʹannahum ʹilaynaa laa- yurjaʻoon!
پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى (مىسىر) زېمىنىدا زۇلۇم قىلىپ (ئىمان ئېيتىشقا) بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى بىز تەرەپكە قايتۇرۇلمايمىز (يەنى قىيامەت ۋە قايتا تىرىلىش يوق، ھېساب ئېلىنىشمۇ، جازاغا تارتىلىشمۇ يوق) دەپ گۇمان قىلدى.
Verse 28:40
فَاَخَذْنٰهُ وَجُنُوْدَهٗ فَنَبَذْنٰهُمْ فِی الْیَمِّ ۚ فَانْظُرْ كَیْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الظّٰلِمِیْنَ ۟
Faʹakhaẓnaahu wa-junoo-dahoo fanabaẓnaahum fil yamm: fañz̤̣ur kayfa kaana ʻAaq̣ibatuz̤̣ z̤̣aalimeen!
بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتۇق (يەنى ئۇلارنى دېڭىزدا غەرق قىلىۋەتتۇق، ئۇلاردىن بىر ئادەممۇ ساق قالغىنى يوق). (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىغىن.
Verse 28:41
وَجَعَلْنٰهُمْ اَىِٕمَّةً یَّدْعُوْنَ اِلَی النَّارِ ۚ وَیَوْمَ الْقِیٰمَةِ لَا یُنْصَرُوْنَ ۟
Wa-jaʻalnaahum ʹaʹimmatañy yadʻoona ʹilan Naar; Wa-Yawmal Q̣iyaamati laa- yuñṣaroon.
ئۇلارنى بىز دوزاخقا ئۈندەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق (يەنى ئۇلارنى بىز دۇنيادا گۇمراھلار ئەگىشىدىغان كۇفرىنىڭ باشلىقلىرى قىلدۇق)، قىيامەت كۈنى ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ (يەنى قىيامەت كۈنى ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىدىغان مەدەتكار بولمايدۇ).
Verse 28:42
وَاَتْبَعْنٰهُمْ فِیْ هٰذِهِ الدُّنْیَا لَعْنَةً ۚ وَیَوْمَ الْقِیٰمَةِ هُمْ مِّنَ الْمَقْبُوْحِیْنَ ۟۠
Wa-ʹatbaʻnaahum fee haaẓihid dunyaa Laʻnah; wa-Yawmal Q̣iyaamati hum minal maq̣booḥeen.
ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەتنى ئەگەشتۈردۇق (يەنى ئۇلارغا بۇ دۇنيادا ئاللاھ، پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر لەنەت ئوقۇيدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلاردۇر.
Verse 28:43
وَلَقَدْ اٰتَیْنَا مُوْسَی الْكِتٰبَ مِنْ بَعْدِ مَاۤ اَهْلَكْنَا الْقُرُوْنَ الْاُوْلٰی بَصَآىِٕرَ لِلنَّاسِ وَهُدًی وَّرَحْمَةً لَّعَلَّهُمْ یَتَذَكَّرُوْنَ ۟
Wa-laq̣ad ʹaataynaa Moosal Kitaaba mim baʻdi maaa ʹahlaknal q̣uroonal ʹoolaa Baṣaaaʹira linnaasi wa-Hudañw wa-Raḥmatal laʻallahum yataẓakkaroon.
شۈبھىسىزكى، بىز (نۇھنىڭ قەۋمى ئاد، سەمۇد ۋە لۇتنىڭ قەۋمى قاتارلىق) ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) نىڭ دىللىرىغا (ھەقىقەتنى كۆرىدىغان) نۇر بېرىپ، ئۇلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق، ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق.
Verse 28:44
وَمَا كُنْتَ بِجَانِبِ الْغَرْبِیِّ اِذْ قَضَیْنَاۤ اِلٰی مُوْسَی الْاَمْرَ وَمَا كُنْتَ مِنَ الشّٰهِدِیْنَ ۟ۙ
Wa-maa kuñta bijaanibil G̣arbiyyi ʹiẓ q̣aḍaynaaa ʹilaa Moosal ʹAmra wa-maa kuñta minash shaahideen.
(ئى مۇھەممەد!) بىز غەربىي تاغنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا ۋەھىي نازىل قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، (بۇنى) ئۆز كۆزۈڭ بىلەنمۇ كۆرمىگەن ئىدىڭ.
Verse 28:45
وَلٰكِنَّاۤ اَنْشَاْنَا قُرُوْنًا فَتَطَاوَلَ عَلَیْهِمُ الْعُمُرُ ۚ وَمَا كُنْتَ ثَاوِیًا فِیْۤ اَهْلِ مَدْیَنَ تَتْلُوْا عَلَیْهِمْ اٰیٰتِنَا ۙ وَلٰكِنَّا كُنَّا مُرْسِلِیْنَ ۟
Wa-laakinnaaa ʹañshaʹnaa q̣uroonañ fataṭaawala ʻalayhimul ʻumur; wa-maa kuñta s̤aawiyañ feee ʹahli Madyana tatloo ʻalayhim ʹAayaatinaa wa-laakinnaa kunnaa mursileen.
لېكىن بىز نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز (سېنى ئۇلاردىن باشقا بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق.
Verse 28:46
وَمَا كُنْتَ بِجَانِبِ الطُّوْرِ اِذْ نَادَیْنَا وَلٰكِنْ رَّحْمَةً مِّنْ رَّبِّكَ لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَّاۤ اَتٰىهُمْ مِّنْ نَّذِیْرٍ مِّنْ قَبْلِكَ لَعَلَّهُمْ یَتَذَكَّرُوْنَ ۟
Wa-maa kuñta bijaanibiṭ Ṭoori ʹiẓ naadaynaa wa-laakir Raḥmatam mir Rabbika lituñẓira q̣awmam maaa ʹataahum min naẓeerim miñ q̣ablika laʻallahum yataẓakkaroon.
بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە (مۇساغا) سۆز قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، لېكىن بۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەھمەتتۇر.
Verse 28:47
وَلَوْلَاۤ اَنْ تُصِیْبَهُمْ مُّصِیْبَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ اَیْدِیْهِمْ فَیَقُوْلُوْا رَبَّنَا لَوْلَاۤ اَرْسَلْتَ اِلَیْنَا رَسُوْلًا فَنَتَّبِعَ اٰیٰتِكَ وَنَكُوْنَ مِنَ الْمُؤْمِنِیْنَ ۟
Wa-lawlaaa ʹañ tuṣeebahum muṣeebatum bimaa q̣addamat ʹaydeehim fayaq̣ooloo Rabbanaa Law-laaa ʹarsalta ʹilaynaa rasoolañ fanattabiʻa ʹAayaatika wa-nakoona minal Muʹmineen!
ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى (يەنى كۇفرى ۋە گۇناھلىرى) تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر ئازاب كەلسە، «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ ئىدىڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن (سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق).
Verse 28:48
فَلَمَّا جَآءَهُمُ الْحَقُّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوْا لَوْلَاۤ اُوْتِیَ مِثْلَ مَاۤ اُوْتِیَ مُوْسٰی ؕ اَوَلَمْ یَكْفُرُوْا بِمَاۤ اُوْتِیَ مُوْسٰی مِنْ قَبْلُ ۚ قَالُوْا سِحْرٰنِ تَظٰهَرَا ۥ۫ وَقَالُوْۤا اِنَّا بِكُلٍّ كٰفِرُوْنَ ۟
Falammaa jaaaʹahumul Ḥaq̣q̣u min ʻiñdinaa q̣aaloo law-laaa ʹootiya mis̤la maaa ʹootiya Moosaa? ʹAwalam yakfuroo bimaaa ʹootiya Moosaa miñ q̣abl? Q̣aaloo siḥraani taz̤̣aaharaa! Wa-q̣aalooo ʹinnaa bikulliñ kaafiroon!
ئۇلارغا بىز ۋەھىي قىلغان ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «(تەۋرات بىلەن قۇرئان) بىر ـ بىرىنى تەستىق قىلىدىغان سېھىردۇر» دېدى. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن (ئىككى كىتابنىڭ) ھەربىرىنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېدى.
Verse 28:49
قُلْ فَاْتُوْا بِكِتٰبٍ مِّنْ عِنْدِ اللّٰهِ هُوَ اَهْدٰی مِنْهُمَاۤ اَتَّبِعْهُ اِنْ كُنْتُمْ صٰدِقِیْنَ ۟
Q̣ul faʹtoo bi-Kitaabim min ʻiñdil laahi huwa ʹahdaa minhumaaa ʹattabiʻhu ʹiñ kuñtum ṣaadiq̣een!
ئېيتقىنكى، «ئەگەر (ئۇ ئىككى كىتاب سېھىردۇر دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، ئۇ ئىككى كىتابقا قارىغاندا، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تېخىمۇ توغرا بىر كىتاب كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشەي».
Verse 28:50
فَاِنْ لَّمْ یَسْتَجِیْبُوْا لَكَ فَاعْلَمْ اَنَّمَا یَتَّبِعُوْنَ اَهْوَآءَهُمْ ؕ وَمَنْ اَضَلُّ مِمَّنِ اتَّبَعَ هَوٰىهُ بِغَیْرِ هُدًی مِّنَ اللّٰهِ ؕ اِنَّ اللّٰهَ لَا یَهْدِی الْقَوْمَ الظّٰلِمِیْنَ ۟۠
Faʹil lam yastajeeboo laka faʻlam ʹannamaa yattabiʻoona ʹahwaaaʹahum: wa-man ʹaḍallu mimmanit tabaʻa hawaahu big̣ayri hudam minal laah? ʹInnal laaha laa- yahdil q̣awmaz̤̣ z̤̣aalimeen.
ئەگەر ئۇلار ساڭا جاۋاپ بەرمىسە، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ. ئاللاھ ۋەھىي قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
Verse 28:51
وَلَقَدْ وَصَّلْنَا لَهُمُ الْقَوْلَ لَعَلَّهُمْ یَتَذَكَّرُوْنَ ۟ؕ
Wa-laq̣ad waṣṣalnaa lahumul Q̣awla laʻallahum yataẓakkaroon.
ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا قۇرئاننى ئۈزۈلدۈرمەي چۈشۈردۇق.
Verse 28:52
اَلَّذِیْنَ اٰتَیْنٰهُمُ الْكِتٰبَ مِنْ قَبْلِهٖ هُمْ بِهٖ یُؤْمِنُوْنَ ۟
ʹAllaẓeena ʹaataynaahumul Kitaaba miñ q̣ablihee hum̃ bihee yuʹminoon;
قۇرئاندىن ئىلگىرى بىز كىتاب (يەنى ئىنجىل، تەۋرات) نازىل قىلغانلار (يەنى ناسارا ۋە يەھۇدىيلارنىڭ مۆمىنلىرى) قۇرئانغا ئىشىنىدۇ.
Verse 28:53
وَاِذَا یُتْلٰی عَلَیْهِمْ قَالُوْۤا اٰمَنَّا بِهٖۤ اِنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَّبِّنَاۤ اِنَّا كُنَّا مِنْ قَبْلِهٖ مُسْلِمِیْنَ ۟
Wa-ʹiẓaa yutlaa ʻalayhim q̣aalooo ʹaamannaa biheee ʹinnahul Ḥaq̣q̣u mir Rabbinaaa ʹinnaa kunnaa miñ q̣ablihee Muslimeen.
ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: «بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر. بىز ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق» دەيدۇ.
Verse 28:54
اُولٰٓىِٕكَ یُؤْتَوْنَ اَجْرَهُمْ مَّرَّتَیْنِ بِمَا صَبَرُوْا وَیَدْرَءُوْنَ بِالْحَسَنَةِ السَّیِّئَةَ وَمِمَّا رَزَقْنٰهُمْ یُنْفِقُوْنَ ۟
ʹUlaaaʹika yuʹtawna ʹajrahum marratayni bimaa ṣabaroo wa-yadraʹoona bil-ḥasanatis sayyiʹata wa-mimmaa razaq̣naahum yuñfiq̣oon.
ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋر ـ تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ.
Verse 28:55
وَاِذَا سَمِعُوا اللَّغْوَ اَعْرَضُوْا عَنْهُ وَقَالُوْا لَنَاۤ اَعْمَالُنَا وَلَكُمْ اَعْمَالُكُمْ ؗ سَلٰمٌ عَلَیْكُمْ ؗ لَا نَبْتَغِی الْجٰهِلِیْنَ ۟
Wa-ʹiẓaa samiʻul lag̣wa ʹaʻraḍoo ʻanhu wa-q̣aaloo lanaaa ʹaʻmaalunaa wa-lakum ʹaʻmaalukum; Salaamun ʻalaykum: laa- nabtag̣il jaahileen.
ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ (يەنى قۇلاق سالماي): «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز» دەيدۇ.
Verse 28:56
اِنَّكَ لَا تَهْدِیْ مَنْ اَحْبَبْتَ وَلٰكِنَّ اللّٰهَ یَهْدِیْ مَنْ یَّشَآءُ ۚ وَهُوَ اَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِیْنَ ۟
ʹInnaka laa- tahdee man ʹaḥbabta wa-laakinnal laaha yahdee mañy yashaaaʹ: wa-Huwa ʹaʻlamu bil-muhtadeen.
شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
Verse 28:57
وَقَالُوْۤا اِنْ نَّتَّبِعِ الْهُدٰی مَعَكَ نُتَخَطَّفْ مِنْ اَرْضِنَا ؕ اَوَلَمْ نُمَكِّنْ لَّهُمْ حَرَمًا اٰمِنًا یُّجْبٰۤی اِلَیْهِ ثَمَرٰتُ كُلِّ شَیْءٍ رِّزْقًا مِّنْ لَّدُنَّا وَلٰكِنَّ اَكْثَرَهُمْ لَا یَعْلَمُوْنَ ۟
Wa-q̣aalooo ʹin nattabiʻil hudaa maʻaka nutakhaṭṭaf min ʹarḍinaa. ʹAwalam numakkil lahum Ḥaraman ʹaaminañy yujbaaa ʹilayhi s̤amaraatu kulli shayʹir rizq̣am mil ladunnaa wa-laakinna ʹaks̤arahum laa- yaʻlamoon.
ئۇلار: «ئەگەر بىز سەن بىلەن توغرا يولغا ئەگىشىدىغان بولساق، زېمىنىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلىمىز» دېدى. ئۇلارنى بىز تىنچ ھەرەمگە يەرلەشتۈرمىدۇقمۇ؟ ھەرەمگە تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈلىدۇ، (بۇ) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن رىزىقتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
Verse 28:58
وَكَمْ اَهْلَكْنَا مِنْ قَرْیَةٍ بَطِرَتْ مَعِیْشَتَهَا ۚ فَتِلْكَ مَسٰكِنُهُمْ لَمْ تُسْكَنْ مِّنْ بَعْدِهِمْ اِلَّا قَلِیْلًا ؕ وَكُنَّا نَحْنُ الْوٰرِثِیْنَ ۟
Wa-kam ʹahlaknaa miñ q̣aryatim baṭirat maʻeeshatahaa! Fatilka masaakinuhum lam tuskam mim baʻdihim ʹillaa q̣aleelaa! Wa-kunnaa Naḥnul waaris̤een!
بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ ـ ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن (ئۇ جايلاردا) ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلار (نىڭ مال ـ مۈلكى ۋە يۇرتىغا) بىز ۋارىسلىق قىلدۇق.
Verse 28:59
وَمَا كَانَ رَبُّكَ مُهْلِكَ الْقُرٰی حَتّٰی یَبْعَثَ فِیْۤ اُمِّهَا رَسُوْلًا یَّتْلُوْا عَلَیْهِمْ اٰیٰتِنَا ۚ وَمَا كُنَّا مُهْلِكِی الْقُرٰۤی اِلَّا وَاَهْلُهَا ظٰلِمُوْنَ ۟
Wa-maa kaana Rabbuka muhlikal q̣uraa ḥattaa yabʻas̤a feee ʹummihaa rasoolañy yatloo ʻalayhim ʹAayaatinaa; wa-maa kunnaa muhlikil q̣uraaa ʹillaa wa-ʹahluhaa z̤̣aalimoon.
پەرۋەردىگارىڭ شەھەرلەرنىڭ مەركىزىگە، ئۇلارنىڭ ئاھالىسىگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتمىگۈچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچى بولمىدۇق، شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى زالىم بولمىغىچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچىمۇ بولمىدۇق.
Verse 28:60
وَمَاۤ اُوْتِیْتُمْ مِّنْ شَیْءٍ فَمَتَاعُ الْحَیٰوةِ الدُّنْیَا وَزِیْنَتُهَا ۚ وَمَا عِنْدَ اللّٰهِ خَیْرٌ وَّاَبْقٰی ؕ اَفَلَا تَعْقِلُوْنَ ۟۠
Wa-maaa ʹooteetum miñ shayʹiñ famataaʻul ḥayaatid dunyaa wa-zeenatuhaa; wa-maa ʻiñdal laahi khayruñw waʹabq̣aa: ʹafalaa taʻq̣iloon?
سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلمىسۇن، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ باقىيدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟
Verse 28:61
اَفَمَنْ وَّعَدْنٰهُ وَعْدًا حَسَنًا فَهُوَ لَاقِیْهِ كَمَنْ مَّتَّعْنٰهُ مَتَاعَ الْحَیٰوةِ الدُّنْیَا ثُمَّ هُوَ یَوْمَ الْقِیٰمَةِ مِنَ الْمُحْضَرِیْنَ ۟
ʹAfamañw waʻadnaahu waʻdan ḥasanañ fahuwa laaq̣eehi kamam mattaʻnaahu mataaʻal ḥayaatid dunyaa s̤umma huwa Yawmal Q̣iyaamati minal muḥḍareen?
بىز ياخشى ۋەدىنى قىلغان (يەنى جەننەتنى ۋەدە قىلغان) ئادەم ئۇنى تاپىدۇ، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر بىلەن بىز پايدىلاندۇرغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار بولغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟
Verse 28:62
وَیَوْمَ یُنَادِیْهِمْ فَیَقُوْلُ اَیْنَ شُرَكَآءِیَ الَّذِیْنَ كُنْتُمْ تَزْعُمُوْنَ ۟
Wa-Yawma yunaadeehim fayaq̣oolu ʹayna shurakaaaʹiyal laẓeena kuñtum tazʻumoon?
شۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟ » دەپ نىدا قىلىدۇ.
Verse 28:63
قَالَ الَّذِیْنَ حَقَّ عَلَیْهِمُ الْقَوْلُ رَبَّنَا هٰۤؤُلَآءِ الَّذِیْنَ اَغْوَیْنَا ۚ اَغْوَیْنٰهُمْ كَمَا غَوَیْنَا ۚ تَبَرَّاْنَاۤ اِلَیْكَ ؗ مَا كَانُوْۤا اِیَّانَا یَعْبُدُوْنَ ۟
Q̣aalal laẓeena ḥaq̣q̣a ʻalayhimul q̣awlu Rabbanaa haaaʹulaaaʹil laẓeena ʹag̣waynaa: ʹag̣waynaahum kamaa g̣awaynaa: tabarraʹnaaa ʹilayka maa- kaanooo ʹiyyaanaa yaʻbudoon.
ئۆزلىرىگە ئازاب تېگىشلىك بولغانلار (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرى): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز (سېنىڭ يولۇڭدىن) ئازدۇرغانلارنى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرىمىزنى) ئۆزىمىز ئازغاندەك ئازدۇردۇق. (پەرۋەردىگارىمىز!) ئۇلاردىن يىراقلىشىپ ساڭا يېقىنلاشتۇق، ئۇلار بىزگە ئىبادەت قىلمايتتى (پەقەت نەپسى خاھىشلىرىغا ئىبادەت قىلاتتى)» دېيىشىدۇ.
Verse 28:64
وَقِیْلَ ادْعُوْا شُرَكَآءَكُمْ فَدَعَوْهُمْ فَلَمْ یَسْتَجِیْبُوْا لَهُمْ وَرَاَوُا الْعَذَابَ ۚ لَوْ اَنَّهُمْ كَانُوْا یَهْتَدُوْنَ ۟
Wa-q̣eelad ʻoo shurakaaaʹakum fadaʻawhum falam yastajeeboo lahum wa-raʹawul ʻaẓaaba law ʹannahum kaanoo yahtadoon!
ئۇلارغا: «شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار» دېيىلگەن ھامان، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنى چاقىرىدۇ، ئۇلاردىن جاۋاب كەلمەيدۇ، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، (كاپىر بولغانلىقلىرىغا نادامەت قىلىپ) (دۇنيادىكى ۋاقتىدا) ھىدايەت تاپقان بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
Verse 28:65
وَیَوْمَ یُنَادِیْهِمْ فَیَقُوْلُ مَاذَاۤ اَجَبْتُمُ الْمُرْسَلِیْنَ ۟
Wa-Yawma yunaadeehim fayaq̣oolu maa-ẓaaa ʹajabtumul mursaleen?
ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەرلەرگە نېمە بىلەن جاۋاپ بەردىڭلار؟».
Verse 28:66
فَعَمِیَتْ عَلَیْهِمُ الْاَنْۢبَآءُ یَوْمَىِٕذٍ فَهُمْ لَا یَتَسَآءَلُوْنَ ۟
Faʻamiyat ʻalayhimul ʹambaaaʹu Yawmaʹiẓiñ fahum laa- yatasaaaʹaloon!
ئۇ كۈندە ئۇلارغا بارلىق خەۋەرلەر قاراڭغۇ بولىدۇ، ئۇلار ئۆز ئارا سوراشمايدۇ.
Verse 28:67
فَاَمَّا مَنْ تَابَ وَاٰمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَعَسٰۤی اَنْ یَّكُوْنَ مِنَ الْمُفْلِحِیْنَ ۟
Faʹammaa mañ taaba wa-ʹaamana wa-ʻamila ṣaaliḥañ faʻasaaa ʹañy yakoona minal Mufliḥeen.
تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر.
Verse 28:68
وَرَبُّكَ یَخْلُقُ مَا یَشَآءُ وَیَخْتَارُ ؕ مَا كَانَ لَهُمُ الْخِیَرَةُ ؕ سُبْحٰنَ اللّٰهِ وَتَعٰلٰی عَمَّا یُشْرِكُوْنَ ۟
Wa-Rabbuka yakhluq̣u maa- yashaaaʹu wayakhtaar: maa- kaana lahumul khiyarah: Subḥaanal laahi wa-taʻaalaa ʻammaa yushrikoon!
ئاللاھ (مەخلۇقاتىدىن) خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، تاللاش ھوقۇقى ئۇلاردا ئەمەس. ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر.
Verse 28:69
وَرَبُّكَ یَعْلَمُ مَا تُكِنُّ صُدُوْرُهُمْ وَمَا یُعْلِنُوْنَ ۟
Wa-Rabbuka yaʻlamu maa- tukinnu ṣudooruhum wa-maa yuʻlinoon.
پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرۇن تۇتقانلىرىنى ۋە (ئېغىزلىرىدا) دېگەنلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ.
Verse 28:70
وَهُوَ اللّٰهُ لَاۤ اِلٰهَ اِلَّا هُوَ ؕ لَهُ الْحَمْدُ فِی الْاُوْلٰی وَالْاٰخِرَةِ ؗ وَلَهُ الْحُكْمُ وَاِلَیْهِ تُرْجَعُوْنَ ۟
Wa-Huwal laahu laaa ʹilaaha ʹillaa Hoo. Lahul Ḥamdu fil ʹoolaa wal-ʹaakhirah: wa-lahul Ḥukmu wa-ʹilayhi turjaʻoon.
ئۇ ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
Verse 28:71
قُلْ اَرَءَیْتُمْ اِنْ جَعَلَ اللّٰهُ عَلَیْكُمُ الَّیْلَ سَرْمَدًا اِلٰی یَوْمِ الْقِیٰمَةِ مَنْ اِلٰهٌ غَیْرُ اللّٰهِ یَاْتِیْكُمْ بِضِیَآءٍ ؕ اَفَلَا تَسْمَعُوْنَ ۟
Q̣ul ʹaraʹaytum ʹiñ jaʻalal laahu ʻalaykumul Layla sarmadan ʹilaa Yawmil Q̣iyaamati man ʹilaahun g̣ayrul laahi yaʹ-teekum̃ biḍiyaaaʹ? ʹAfalaa tasmaʻoon?
«ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگۈچە سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر ئاڭلىمامسىلەر؟» دېگىن.
Verse 28:72
قُلْ اَرَءَیْتُمْ اِنْ جَعَلَ اللّٰهُ عَلَیْكُمُ النَّهَارَ سَرْمَدًا اِلٰی یَوْمِ الْقِیٰمَةِ مَنْ اِلٰهٌ غَیْرُ اللّٰهِ یَاْتِیْكُمْ بِلَیْلٍ تَسْكُنُوْنَ فِیْهِ ؕ اَفَلَا تُبْصِرُوْنَ ۟
Q̣ul ʹaraʹaytum ʹiñ jaʻalal laahu ʻalaykumun Nahaara sarmadan ʹilaa Yawmil Q̣iyaamati man ʹilaahun g̣ayrul laahi yaʹteekum̃ bi-Layliñ taskunoona feeh? ʹAfalaa tubṣiroon?
«ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر ئاللاھ كۈندۈزنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگۈچە سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر كۆرمەمسىلەر؟» دېگىن.
Verse 28:73
وَمِنْ رَّحْمَتِهٖ جَعَلَ لَكُمُ الَّیْلَ وَالنَّهَارَ لِتَسْكُنُوْا فِیْهِ وَلِتَبْتَغُوْا مِنْ فَضْلِهٖ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُوْنَ ۟
Wa-mir Raḥmatihee jaʻala lakumul Layla wan-Nahaara litaskunoo feehi wa-litabtag̣oo miñ Faḍlihee wa-laʻallakum tashkuroon.
سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىپ) ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى يارىتىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىندۇر.
Verse 28:74
وَیَوْمَ یُنَادِیْهِمْ فَیَقُوْلُ اَیْنَ شُرَكَآءِیَ الَّذِیْنَ كُنْتُمْ تَزْعُمُوْنَ ۟
Wa-Yawma yunaadeehim fayaq̣oolu ʹayna shurakaaaʹiyal laẓeena kuñtum tazʻumoon?
ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەيدۇ.
Verse 28:75
وَنَزَعْنَا مِنْ كُلِّ اُمَّةٍ شَهِیْدًا فَقُلْنَا هَاتُوْا بُرْهَانَكُمْ فَعَلِمُوْۤا اَنَّ الْحَقَّ لِلّٰهِ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَّا كَانُوْا یَفْتَرُوْنَ ۟۠
Wa-nazaʻnaa miñ kulli ʹummatiñ shaheedañ faq̣ulnaa haatoo burhaanakum faʻalimooo ʹannal Ḥaq̣q̣a lillaahi wa-ḍalla ʻanhum maa kaanoo yaftaroon.
بىز ھەر ئۈممەتتىن (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر گۇۋاھچى (يەنى پەيغەمبەر) نى چىقىرىمىز، پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار دەيمىز. ئاندىن ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلىرى (يەنى مەبۇدلىرى) ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن چەتكە ئالىدۇ.
Verse 28:76
اِنَّ قَارُوْنَ كَانَ مِنْ قَوْمِ مُوْسٰی فَبَغٰی عَلَیْهِمْ ۪ وَاٰتَیْنٰهُ مِنَ الْكُنُوْزِ مَاۤ اِنَّ مَفَاتِحَهٗ لَتَنُوْٓاُ بِالْعُصْبَةِ اُولِی الْقُوَّةِ ۗ اِذْ قَالَ لَهٗ قَوْمُهٗ لَا تَفْرَحْ اِنَّ اللّٰهَ لَا یُحِبُّ الْفَرِحِیْنَ ۟
ʹInna Q̣aaroona kaana miñ q̣awmi Moosaa fabag̣aa ʻalayhim: wa-ʹaataynaahu minal kunoozi maaa ʹinna mafaatiḥahoo latanoooʹu bilʻuṣbati ʹulil q̣uwwah. ʹIẓ q̣aala lahoo q̣awmuhoo laa- tafraḥ ʹinnal laah laa- yuḥibbul fariḥeen.
قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. قارۇن ئۇلارغا يوغانلىق قىلدى، قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر كۆپ بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى (كۆتۈرۈش) كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قەۋمى ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ.
Verse 28:77
وَابْتَغِ فِیْمَاۤ اٰتٰىكَ اللّٰهُ الدَّارَ الْاٰخِرَةَ وَلَا تَنْسَ نَصِیْبَكَ مِنَ الدُّنْیَا وَاَحْسِنْ كَمَاۤ اَحْسَنَ اللّٰهُ اِلَیْكَ وَلَا تَبْغِ الْفَسَادَ فِی الْاَرْضِ ؕ اِنَّ اللّٰهَ لَا یُحِبُّ الْمُفْسِدِیْنَ ۟
Wabtag̣i feemaaa ʹaataakal laahud Daaral ʹAakhirata wa-laa tañsa naṣeebaka minad dunyaa wa-ʹaḥsin kamaaa ʹaḥsanal laahu ʹilayka wa-laa tabg̣il fasaada fil ʹarḍ: ʹinnal laaha laa- yuḥibbul mufsideen.
ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ».
Verse 28:78
قَالَ اِنَّمَاۤ اُوْتِیْتُهٗ عَلٰی عِلْمٍ عِنْدِیْ ؕ اَوَلَمْ یَعْلَمْ اَنَّ اللّٰهَ قَدْ اَهْلَكَ مِنْ قَبْلِهٖ مِنَ الْقُرُوْنِ مَنْ هُوَ اَشَدُّ مِنْهُ قُوَّةً وَّاَكْثَرُ جَمْعًا ؕ وَلَا یُسْـَٔلُ عَنْ ذُنُوْبِهِمُ الْمُجْرِمُوْنَ ۟
Q̣aala ʹinnamaaa ʹooteetuhoo ʻalaa ʻilmin ʻiñdee. ʹAwalam yaʻlam ʹannal laaha q̣ad ʹahlaka miñ q̣ablihee minal q̣urooni man huwa ʹashaddu minhu q̣uwwatañw waʹaks̤aru jamʻaa? Wa-laa yusʹalu ʻañ ẓunoobihimul mujrimoon.
قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان (مېلى) تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ سورىلىشى (ئاللاھ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن) ھاجەتسىزدۇر.
Verse 28:79
فَخَرَجَ عَلٰی قَوْمِهٖ فِیْ زِیْنَتِهٖ ؕ قَالَ الَّذِیْنَ یُرِیْدُوْنَ الْحَیٰوةَ الدُّنْیَا یٰلَیْتَ لَنَا مِثْلَ مَاۤ اُوْتِیَ قَارُوْنُ ۙ اِنَّهٗ لَذُوْ حَظٍّ عَظِیْمٍ ۟
Fakharaja ʻalaa q̣awmihee fee zeenatih. Q̣aalal laẓeena yureedoonal Ḥayaatad Dunyaa yaalayta lanaa miṣla maaa ʹootiya Q̣aaroonu ʹinnahoo ḥaz̤̣z̤̣in laẓoo ʻaz̤̣eem!
قارۇن ئۆز قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ھالدا چىقتى. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار: «كاشكى بىزگە قارۇنغا بېرىلگەندەك بايلىق بېرىلسىچۇ! ئۇ ھەقىقەتەن (دۇنيالىقتىن) چوڭ نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن» دېدى.
Verse 28:80
وَقَالَ الَّذِیْنَ اُوْتُوا الْعِلْمَ وَیْلَكُمْ ثَوَابُ اللّٰهِ خَیْرٌ لِّمَنْ اٰمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا ۚ وَلَا یُلَقّٰىهَاۤ اِلَّا الصّٰبِرُوْنَ ۟
Wa-q̣aalal laẓeena ʹootul ʻilma waylakum s̤awaabul laahi khayrul liman ʹaamana wa-ʻamila ṣaaliḥaa: wa-laa yulaq̣q̣aahaaa ʹillaṣ Ṣaabiroon.
ئىلىملىك كىشىلەر: «ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ساۋابى ياخشىدۇر. ئۇ ساۋاب پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغىلا بېرىلىدۇ» دېدى.
Verse 28:81
فَخَسَفْنَا بِهٖ وَبِدَارِهِ الْاَرْضَ ۫ فَمَا كَانَ لَهٗ مِنْ فِئَةٍ یَّنْصُرُوْنَهٗ مِنْ دُوْنِ اللّٰهِ ۗ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُنْتَصِرِیْنَ ۟
Fakhasafnaa bihee wa-bidaarihil ʹarḍ; famaa kaana lahoo miñ fiʹatiñy yañṣuroonahoo miñ doonil laahi wa-maa kaana minal muñtaṣireen.
قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى.
Verse 28:82
وَاَصْبَحَ الَّذِیْنَ تَمَنَّوْا مَكَانَهٗ بِالْاَمْسِ یَقُوْلُوْنَ وَیْكَاَنَّ اللّٰهَ یَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ یَّشَآءُ مِنْ عِبَادِهٖ وَیَقْدِرُ ۚ لَوْلَاۤ اَنْ مَّنَّ اللّٰهُ عَلَیْنَا لَخَسَفَ بِنَا ؕ وَیْكَاَنَّهٗ لَا یُفْلِحُ الْكٰفِرُوْنَ ۟۠
Wa-ʹaṣbaḥal laẓeena tamannaw makaanahoo bil-ʹamsi yaq̣ooloona waykaʹannal laaha yabsuṭur rizq̣a limañy yashaaaʹu min ʻibaadihee wa-yaq̣dir! Law-laaa ʹam mannal laahu ʻalaynaa lakhasafa binaa! Waykaʹannahoo laa- yufliḥul kaafiroon!
تۈنۈگۈن تېخى قارۇننىڭ دەرىجىسىنى ئارزۇ قىلغانلار دېيىشتىكى، «پاھ، كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدىكەن، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدىكەن، ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلمىغان (يەنى ئارزۇ قىلغىنىمىزنى بەرگەن) بولسا ئىدى، بىزنى ئەلۋەتتە يەر يۇتاتتى، ۋاي كۆردۈڭمۇ؟ كاپىرلار نىجات تاپمايدۇ».
Verse 28:83
تِلْكَ الدَّارُ الْاٰخِرَةُ نَجْعَلُهَا لِلَّذِیْنَ لَا یُرِیْدُوْنَ عُلُوًّا فِی الْاَرْضِ وَلَا فَسَادًا ؕ وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِیْنَ ۟
Tilkad Daarul ʹAakhiratu najʻaluhaa lillaẓeena laa- yureedoona ʻuluwwañ fil ʹarḍi wa-laa fasaadaa: wal-ʻaaq̣ibatu lil-Muttaq̣een.
ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق، (ياخشى) ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر.
Verse 28:84
مَنْ جَآءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهٗ خَیْرٌ مِّنْهَا ۚ وَمَنْ جَآءَ بِالسَّیِّئَةِ فَلَا یُجْزَی الَّذِیْنَ عَمِلُوا السَّیِّاٰتِ اِلَّا مَا كَانُوْا یَعْمَلُوْنَ ۟
Mañ jaaaʹa bilḥasanati falahoo khayrum minhaa; wa-mañ jaaaʹa bissayyiʹati falaa yujzal laẓeena ʻamilus sayyiʹaati ʹillaa maa- kaanoo yaʻmaloon.
كىمكى ياخشى ئىش قىلغان ئىكەن، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدىنمۇ ياخشى مۇكاپاتقا (يەنى قىلغان ياخشىلىقىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا) ئېرىشىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، يامان ئىش قىلغانلارغا پەقەت قىلغان ئىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ.
Verse 28:85
اِنَّ الَّذِیْ فَرَضَ عَلَیْكَ الْقُرْاٰنَ لَرَآدُّكَ اِلٰی مَعَادٍ ؕ قُلْ رَّبِّیْۤ اَعْلَمُ مَنْ جَآءَ بِالْهُدٰی وَمَنْ هُوَ فِیْ ضَلٰلٍ مُّبِیْنٍ ۟
ʹInnal laẓee faraḍa ʻalaykal Q̣ur-ʹaana laraaadduka ʹilaa Maʻaad. Q̣ur Rabbeee ʹaʻlamu mañ jaaaʹa bil-hudaa wa-man huwa fee ḍalaalim mubeen.
ساڭا قۇرئاننى (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكامىغا ئەمەل قىلىشنى) پەرز قىلغان زات سېنى ئەلۋەتتە قايتىدىغان يەرگە (يەنى مەككىگە) قايتۇرىدۇ، ئېيتقىنكى، «كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، كىمنىڭ ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى پەرۋەردىگارىم ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ».
Verse 28:86
وَمَا كُنْتَ تَرْجُوْۤا اَنْ یُّلْقٰۤی اِلَیْكَ الْكِتٰبُ اِلَّا رَحْمَةً مِّنْ رَّبِّكَ فَلَا تَكُوْنَنَّ ظَهِیْرًا لِّلْكٰفِرِیْنَ ۟ؗ
Wa-maa kuñta tarjooo ʹañy yulq̣aaa ʹilaykal Kitaabu ʹillaa Raḥmatam mir Rabbika falaa takoonanna z̤̣aheeral lil-kaafireen.
سەن (پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىغان ئىدىڭ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭ رەھمەت قىلىپ (ساڭا ئۇنى نازىل قىلدى)، كاپىرلارغا ياردەمچى بولمىغىن.
Verse 28:87
وَلَا یَصُدُّنَّكَ عَنْ اٰیٰتِ اللّٰهِ بَعْدَ اِذْ اُنْزِلَتْ اِلَیْكَ وَادْعُ اِلٰی رَبِّكَ وَلَا تَكُوْنَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِیْنَ ۟ۚ
Wa-laa yaṣuddunnaka ʻan ʹAayaatil laahi baʻda ʹiẓ ʹuñzilat ʹilayk: wadʻu ʹilaa Rabbika wa-laa takoonanna minal mushrikeen.
ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئايەتلەرگە (ئەمەل قىلىش) تىن كاپىرلار سېنى توسمىسۇن، پەرۋەردىگارىڭغا (يەنى ئۇنى بىردەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا) دەۋەت قىلغىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن (يەنى ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ماسلاشمىغىن).
Verse 28:88
وَلَا تَدْعُ مَعَ اللّٰهِ اِلٰهًا اٰخَرَ ۘ لَاۤ اِلٰهَ اِلَّا هُوَ ۫ كُلُّ شَیْءٍ هَالِكٌ اِلَّا وَجْهَهٗ ؕ لَهُ الْحُكْمُ وَاِلَیْهِ تُرْجَعُوْنَ ۟۠
Wa-laa tadʻu maʻal laahi ʹilaahan ʹaakhar. Laaa ʹilaaha ʹillaa Hoo. Kullu shayʹin haalikun ʹillaa Wajhah. Lahul Ḥukmu wa-ʹilayhi turjaʻoon.
ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلما، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسە يوقىلىدۇ، (مەخلۇقاتتا ئىجرا بولىدىغان) ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.