-
1
قَدْ أَفْلَحَ ٱلْمُؤْمِنُونَ
Q̣ad ʹaflaḥal muʹminoon,
مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى.
-
2
ٱلَّذِينَ هُمْ فِى صَلَاتِهِمْ خَـٰشِعُونَ
ʹAllaẓeena hum fee Ṣalaatihim khaashiʻoon;
(شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر.
-
3
وَٱلَّذِينَ هُمْ عَنِ ٱللَّغْوِ مُعْرِضُونَ
Wallaẓeena hum ʻanil lag̣wi muʻriḍoon;
ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر.
-
4
وَٱلَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَوٰةِ فَـٰعِلُونَ
Wallaẓeena hum liz-Zakaati faaʻiloon;
ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر.
-
5
وَٱلَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَـٰفِظُونَ
Wallaẓeena hum lifuroojihim ḥaafiz̤̣oon,
ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر.
-
6
إِلَّا عَلَىٰٓ أَزْوَٰجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَـٰنُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ
ʹIllaa ʻalaaa ʹazwaajihim ʹaw maa- malakat ʹaymaanuhum faʹinnahum g̣ayru maloomeen.
(يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ).
-
7
فَمَنِ ٱبْتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْعَادُونَ
Famanib tag̣aa waraaaʹa ẓaalika faʹulaaaʹika humul ʻaadoon;
بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.
-
8
وَٱلَّذِينَ هُمْ لِأَمَـٰنَـٰتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَٰعُونَ
Wallaẓeena hum liʹamaanaatihim wa-ʻahdihim raaʻoon;
ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.
-
9
وَٱلَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَوَٰتِهِمْ يُحَافِظُونَ
wallaẓeena hum ʻalaa Ṣalawaatihim yuḥaafiz̤̣oon.
ئۇلار نامازلىرىنى (ۋاقتىدا، تەئدىل ئەركان بىلەن) ئادا قىلغۇچىلاردۇر.
-
10
أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْوَٰرِثُونَ
ʹUlaaaʹika humul waaris̤oon,
ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە مۆمىنلەر نازۇ- نېمەتلىك جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر.
-
11
ٱلَّذِينَ يَرِثُونَ ٱلْفِرْدَوْسَ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
ʹAllaẓeena yaris̤oonal Firdaws: hum feehaa khaalidoon.
ئۇلار (يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ.
-
12
وَلَقَدْ خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ مِن سُلَـٰلَةٍ مِّن طِينٍ
Wa-laq̣ad khalaq̣nal ʹiñsaana miñ sulaalatim miñ ṭeen;
بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق.
-
13
ثُمَّ جَعَلْنَـٰهُ نُطْفَةً فِى قَرَارٍ مَّكِينٍ
S̤umma jaʻalnaahu nuṭfatañ fee q̣araarim makeen;
ئاندىن ئۇنى بىر پۇختا قارارگاھ (يەنى بەچچىدان) دا (جايلاشقان) ئابىمەنىي قىلدۇق.
-
14
ثُمَّ خَلَقْنَا ٱلنُّطْفَةَ عَلَقَةً فَخَلَقْنَا ٱلْعَلَقَةَ مُضْغَةً فَخَلَقْنَا ٱلْمُضْغَةَ عِظَـٰمًا فَكَسَوْنَا ٱلْعِظَـٰمَ لَحْمًا ثُمَّ أَنشَأْنَـٰهُ خَلْقًا ءَاخَرَ ۚ فَتَبَارَكَ ٱللَّهُ أَحْسَنُ ٱلْخَـٰلِقِينَ
S̤umma khalaq̣nan nuṭfata ʻalaq̣atañ fakhalaq̣nal ʻalaq̣ata muḍg̣atañ fakhalaq̣nal muḍg̣ata ʻiz̤̣aamañ fakasawnal ʻiz̤̣aama laḥmaa; s̤umma ʹañshaʹnaahu khalq̣an ʹaakhar. Fatabaarakal laahu ʹAḥsanul khaaliq̣een!
ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ) باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ (ھېكمەت ۋە قۇدرەت جەھەتتىن) ئۇلۇغدۇر.
-
15
ثُمَّ إِنَّكُم بَعْدَ ذَٰلِكَ لَمَيِّتُونَ
S̤umma ʹinnakum baʻda ẓaalika lamayyitoon.
ئاندىن سىلەر چوقۇم ئۆلۈسىلەر.
-
16
ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ تُبْعَثُونَ
S̤umma ʹinnakum Yawmal Q̣iyaamati tubʻas̤oon.
ئاندىن سىلەر ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى (قەبرەڭلاردىن) تۇرغۇزۇلىسىلەر.
-
17
وَلَقَدْ خَلَقْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعَ طَرَآئِقَ وَمَا كُنَّا عَنِ ٱلْخَلْقِ غَـٰفِلِينَ
Wa-laq̣ad khalaq̣naa fawq̣akum sabʻa ṭaraaaʹiq̣a wa-maa kunnaa ʻanil khalq̣i g̣aafileen.
بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قەۋەت ئاسماننى ياراتتۇق، بىز مەخلۇقاتتىن غاپىل ئەمەسمىز.
-
18
وَأَنزَلْنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءًۢ بِقَدَرٍ فَأَسْكَنَّـٰهُ فِى ٱلْأَرْضِ ۖ وَإِنَّا عَلَىٰ ذَهَابٍۭ بِهِۦ لَقَـٰدِرُونَ
Wa-ʹañzalnaa minas samaaaʹi maaaʹam biq̣adariñ faʹaskannaahu fil ʹarḍi wa-ʹInnaa ʻalaa ẓahaabim bihee la-Q̣aadiroon.
بىز بۇلۇتتىن ھاجەتكە قاراپ يامغۇر ياغدۇردۇق، ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز.
-
19
فَأَنشَأْنَا لَكُم بِهِۦ جَنَّـٰتٍ مِّن نَّخِيلٍ وَأَعْنَـٰبٍ لَّكُمْ فِيهَا فَوَٰكِهُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
Faʹañshaʹnaa lakum̃ bihee jannaatim min nakheeliñw waʹaʻnaab. Lakum feehaa fawaakihu kas̤eeratuñw waminhaa taʹkuloon,
شۇ يامغۇر بىلەن سىلەرگە خورما باغچىلىرى ۋە ئۈزۈم باغچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق، سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلاردا نۇرغۇن مېۋىلەر بار، ئۇلاردىن يەيسىلەر.
-
20
وَشَجَرَةً تَخْرُجُ مِن طُورِ سَيْنَآءَ تَنۢبُتُ بِٱلدُّهْنِ وَصِبْغٍ لِّلْـَٔاكِلِينَ
Wa-shajaratañ takhruju miñ Ṭoori Saynaaaʹa tambutu bidduhni waṣibg̣illil ʹaa-kileen.
شۇ يامغۇر بىلەن تۇرسىنادىن چىقىدىغان (زەيتۇن) دەرىخىنى (ئۆستۈرۈپ بەردۇق)، ئۇنىڭدىن ماي چىقىدۇ، يېگۈچىلەر (نانلىرىنى شۇ ماي بىلەن) مايلايدۇ.
-
21
وَإِنَّ لَكُمْ فِى ٱلْأَنْعَـٰمِ لَعِبْرَةً ۖ نُّسْقِيكُم مِّمَّا فِى بُطُونِهَا وَلَكُمْ فِيهَا مَنَـٰفِعُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
Wa-ʹinna lakum fil ʹanʻaami laʻibrah: nusq̣eekum mimmaa fee buṭoonihaa wa-lakum feehaa manaafiʻu kas̤eeratuñw waminhaa taʹkuloon;
چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسىلەر (يەنى سۈتلەر) بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمىز، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر.
-
22
وَعَلَيْهَا وَعَلَى ٱلْفُلْكِ تُحْمَلُونَ
Wa-ʻalayhaa wa-ʻalal fulki tuḥmaloon.
ئۇلار (يەنى تۆگە ۋە ئۆكۈزلەر) بىلەن (قۇرۇقلۇقتا)، كېمە بىلەن (دېڭىزدا) يۈك توشۇيسىلەر.
-
23
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِۦ فَقَالَ يَـٰقَوْمِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَـٰهٍ غَيْرُهُۥٓ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ
Wa-laq̣ad. ʹarsalnaa Nooḥan ʹilaa q̣awmihee faq̣aala yaa q̣awmiʻbudul laaha maa- lakum min ʹilaahin g̣ayruh. ʹAfalaa tattaq̣oon?
بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! (يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»
-
24
فَقَالَ ٱلْمَلَؤُا۟ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِن قَوْمِهِۦ مَا هَـٰذَآ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ يُرِيدُ أَن يَتَفَضَّلَ عَلَيْكُمْ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ لَأَنزَلَ مَلَـٰٓئِكَةً مَّا سَمِعْنَا بِهَـٰذَا فِىٓ ءَابَآئِنَا ٱلْأَوَّلِينَ
Faq̣aalal malaʹul laẓeena kafaroo miñ q̣awmihee maa- haaẓaaa ʹillaa basharum mis̤lukum yureedu ʹañy yatafaḍḍala ʻalaykum: wa-law shaaaʹal laahu laʹañzala malaaaʹikah: maa- samiʻnaa bihaaẓaa feee ʹaabaaaʹinal ʹawwaleen.
ئۇنىڭ قەۋمىدىكى ئىمانسىز كاتتىلار ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر ئاللاھ (پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى ئەۋەتەتتى، بۇنداق سۆزنى بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز.
-
25
إِنْ هُوَ إِلَّا رَجُلٌۢ بِهِۦ جِنَّةٌ فَتَرَبَّصُوا۟ بِهِۦ حَتَّىٰ حِينٍ
ʹIn huwa ʹillaa rajulum bihee jinnatuñ fatarabbaṣoo bihee ḥattaa ḥeen.
ئۇ پەقەت بىر مەجنۇندۇر، سىلەر ئۇنى بىر مەزگىل كۈتۈڭلار».
-
26
قَالَ رَبِّ ٱنصُرْنِى بِمَا كَذَّبُونِ
Q̣aala Rabbiñ ṣurnee bimaa kaẓẓaboon!
نۇھ (ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن): «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.
-
27
فَأَوْحَيْنَآ إِلَيْهِ أَنِ ٱصْنَعِ ٱلْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا فَإِذَا جَآءَ أَمْرُنَا وَفَارَ ٱلتَّنُّورُ ۙ فَٱسْلُكْ فِيهَا مِن كُلٍّ زَوْجَيْنِ ٱثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَن سَبَقَ عَلَيْهِ ٱلْقَوْلُ مِنْهُمْ ۖ وَلَا تُخَـٰطِبْنِى فِى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓا۟ ۖ إِنَّهُم مُّغْرَقُونَ
Faʹawḥaynaaa ʹilayhi ʹaniṣ naʻil Fulka biʹaʻyuninaa wa-waḥyinaa faʹiẓaa jaaaʹa ʹAmrunaa wa-faarat tannooru fasluk feehaa miñ kulliñ zawjaynis̤ nayni wa-ʹahlaka ʹillaa mañ sabaq̣a ʻalayhil Q̣awlu minhum: wa-laa tukhaaṭibnee fil laẓeena z̤̣alamoo; ʹinnahum mug̣raq̣oon.
بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھىيمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن (ئەركەك ـ چىشى بولۇپ) بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن (يەنى ئۇلارغا شاپائەت قىلمىغىن)، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
-
28
فَإِذَا ٱسْتَوَيْتَ أَنتَ وَمَن مَّعَكَ عَلَى ٱلْفُلْكِ فَقُلِ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِى نَجَّىٰنَا مِنَ ٱلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ
Faʹiẓas tawayta ʹañta wa-mam maʻaka ʻalal Fulki faq̣ulil Ḥamdu lillaahil laẓee najjaanaa minal q̣awmiz̤̣ z̤̣aalimeen.
سەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا خاستۇر» دېگىن.
-
29
وَقُل رَّبِّ أَنزِلْنِى مُنزَلًا مُّبَارَكًا وَأَنتَ خَيْرُ ٱلْمُنزِلِينَ
Wa-q̣ur Rabbi ʹañzilnee muñzalam mubaarakañw waʹAñta Khayrul Muñzileen.
ھەمدە: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن (دوستلىرىڭنى) ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن» دېگىن.
-
30
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ وَإِن كُنَّا لَمُبْتَلِينَ
ʹInna fee ẓaalika laʹAayaatiñw waʹiñ kunnaa lamubtaleen.
ھەقىقەتەن بۇنىڭدا (يەنى نۇھنىڭ ئۈممىتىنىڭ ئىشلىرىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار، بىز بەندىلەرنى (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش بىلەن) ئەلۋەتتە سىنايمىز.
-
31
ثُمَّ أَنشَأْنَا مِنۢ بَعْدِهِمْ قَرْنًا ءَاخَرِينَ
S̤umma ʹañshaʹnaa mim baʻdihim q̣arnan ʹaakhareen.
ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا بىر قەۋم پەيدا قىلدۇق.
-
32
فَأَرْسَلْنَا فِيهِمْ رَسُولًا مِّنْهُمْ أَنِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَـٰهٍ غَيْرُهُۥٓ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ
Faʹarsalnaa feehim rasoolam minhum ʹaniʻ budul laaha maa- lakum min ʹilaahin g̣ayruh. ʹAfalaa tattaq̣oon?
بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى ھۇدنى) ئەۋەتتۇق. (ئۇ ئېيتتى): «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»
-
33
وَقَالَ ٱلْمَلَأُ مِن قَوْمِهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَكَذَّبُوا۟ بِلِقَآءِ ٱلْـَٔاخِرَةِ وَأَتْرَفْنَـٰهُمْ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا مَا هَـٰذَآ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ يَأْكُلُ مِمَّا تَأْكُلُونَ مِنْهُ وَيَشْرَبُ مِمَّا تَشْرَبُونَ
Wa-q̣aalal malaʹu miñ q̣awmihil laẓeena kafaroo wa-kaẓẓaboo bi-Liq̣aaaʹil ʹAakhirati wa-ʹatrafnaahum fil ḥayaatid dunyaa maa- haaẓaaa ʹillaa basharum mis̤lukum yaʹkulu mimmaa taʹkuloona minhu wa-yashrabu mimmaa tashraboon.
ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر بولغان، ئاخىرەت مۇلاقاتىنى يالغانغا چىقارغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز تەرەپتىن باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىنغان كاتتىلىرى ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ..
-
34
وَلَئِنْ أَطَعْتُم بَشَرًا مِّثْلَكُمْ إِنَّكُمْ إِذًا لَّخَـٰسِرُونَ
Wa-laʹin ʹaṭaʻtum̃ basharam mis̤lakum ʹinnakum ʹiẓal lakhaasiroon.
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلارسىلەر.
-
35
أَيَعِدُكُمْ أَنَّكُمْ إِذَا مِتُّمْ وَكُنتُمْ تُرَابًا وَعِظَـٰمًا أَنَّكُم مُّخْرَجُونَ
ʹA-yaʻidukum ʹannakum ʹiẓaa mittum wa-kuñtum turaabañw waʻiz̤̣aaman ʹannakum mukhrajoon?
ئۇ سىلەرنى، سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغاندىن كېيىن تىرىلىسىلەر، دەپ ئاگاھلاندۇرامدۇ؟.
-
36
۞ هَيْهَاتَ هَيْهَاتَ لِمَا تُوعَدُونَ
Hayhaata hayhaata limaa tooʻadoon!
سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش تولىمۇ يىراقتۇر.
-
37
إِنْ هِىَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا نَحْنُ بِمَبْعُوثِينَ
ʹIn hiya ʹillaa ḥayaatunad dunyaa namootu wa-naḥyaa wa-maa naḥnoo bimabʻoos̤een!
بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، بىز ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ تۇرىمىز)، بىز قايتا تىرىلمەيمىز.
-
38
إِنْ هُوَ إِلَّا رَجُلٌ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا وَمَا نَحْنُ لَهُۥ بِمُؤْمِنِينَ
ʹIn huwa ʹillaa rajulunif taraa ʻalal laahi kaẓibañw wamaa naḥnu lahoo bimuʹmineen!
ئۇ پەقەت ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز».
-
39
قَالَ رَبِّ ٱنصُرْنِى بِمَا كَذَّبُونِ
Q̣aala Rabbiñ ṣurnee bimaa kaẓẓaboon.
ھۇد ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن».
-
40
قَالَ عَمَّا قَلِيلٍ لَّيُصْبِحُنَّ نَـٰدِمِينَ
Q̣aala ʻammaa q̣aleelil layuṣbiḥunna naadimeen!
ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي (كاپىر بولغانلىقلىرىغا) نادامەت چېكىدۇ».
-
41
فَأَخَذَتْهُمُ ٱلصَّيْحَةُ بِٱلْحَقِّ فَجَعَلْنَـٰهُمْ غُثَآءً ۚ فَبُعْدًا لِّلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ
Faʹakhaẓathumuṣ Ṣayḥatu bilḥaq̣q̣i fajaʻalnaahum g̣us̤aaaʹaa! Fabuʻdal lilq̣awmiz̤̣ z̤̣aalimeen!
ئۇلار ھەقلىق رەۋىشتە قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك بولدى. ئۇلارنى بىز لۆجە قىلىۋەتتۇق، زالىم قەۋم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن.
-
42
ثُمَّ أَنشَأْنَا مِنۢ بَعْدِهِمْ قُرُونًا ءَاخَرِينَ
S̤umma ʹañshaʹnaa mim baʻdihim q̣uroonan ʹaakhareen.
ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، باشقا بىر قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق.
-
43
مَا تَسْبِقُ مِنْ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسْتَـْٔخِرُونَ
Maa- tasbiq̣u min ʹummatin ʹajalahaa wa-maa yastaʹkhiroon.
ھەر قانداق ئۈممەت ھالاك بولۇش ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ھالاك بولمايدۇ، ھالاك بولۇش ۋاقتىدىن ئۆتۈپمۇ كەتمەيدۇ.
-
44
ثُمَّ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا تَتْرَا ۖ كُلَّ مَا جَآءَ أُمَّةً رَّسُولُهَا كَذَّبُوهُ ۚ فَأَتْبَعْنَا بَعْضَهُم بَعْضًا وَجَعَلْنَـٰهُمْ أَحَادِيثَ ۚ فَبُعْدًا لِّقَوْمٍ لَّا يُؤْمِنُونَ
S̤umma ʹarsalnaa rusulanaa tatraa. Kulla maa jaaaʹa ʹummatar rasooluhaa kaẓẓaboohu faʹatbaʻnaa baʻḍahum baʻḍañw wajaʹalnaahum ʹaḥaadees̤: fabuʻdal liq̣awmil laa yuʹminoon!
ئاندىن بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇ ئارقا ئەۋەتتۇق، ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كىشىلەرگە) ھېكايە قىلىپ قالدۇردۇق، ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن.
-
45
ثُمَّ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ وَأَخَاهُ هَـٰرُونَ بِـَٔايَـٰتِنَا وَسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ
S̤umma ʹarsalnaa Moosaa wa-ʹakhaahu Haaroona biʹAayaatinaa wa-sulṭaanim mubeen.
ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى[45ـ46].
-
46
إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَإِي۟هِۦ فَٱسْتَكْبَرُوا۟ وَكَانُوا۟ قَوْمًا عَالِينَ
ʹIlaa Firʻawna wa-malaʹihee fastakbaroo wa-kaanoo q̣awman ʻaaleen.
ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى[45ـ46].
-
47
فَقَالُوٓا۟ أَنُؤْمِنُ لِبَشَرَيْنِ مِثْلِنَا وَقَوْمُهُمَا لَنَا عَـٰبِدُونَ
Faq̣aalooo ʹanuʹminu libasharayni mis̤linaa wa-q̣awmuhumaa lanaa ʻaabidoon?
ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ (قۇلغا ئوخشاش) خىزمەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشتى.
-
48
فَكَذَّبُوهُمَا فَكَانُوا۟ مِنَ ٱلْمُهْلَكِينَ
Fakaẓẓaboohumaa fakaanoo minal muhlakeen.
ئۇلار بۇ ئىككىسىنى (يەنى مۇسا بىلەن ھارۇننى) ئىنكار قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولدى.
-
49
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
Wa-laq̣ad ʹaataynaa Moosal Kitaaba laʻallahum yahtadoon.
ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق.
-
50
وَجَعَلْنَا ٱبْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُۥٓ ءَايَةً وَءَاوَيْنَـٰهُمَآ إِلَىٰ رَبْوَةٍ ذَاتِ قَرَارٍ وَمَعِينٍ
Wa-jaʻalnab na Maryama wa-ʹummahooo ʹAayatañw Waʹaawaynaahumaaa ʹilaa rabwatiñ ẓaati q̣araariñw wamaʻeen.
بىز مەريەمنىڭ ئوغلىنى (يەنى ئىيسانى) ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) (كامالى قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلدۇق، ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق.
-
51
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلرُّسُلُ كُلُوا۟ مِنَ ٱلطَّيِّبَـٰتِ وَٱعْمَلُوا۟ صَـٰلِحًا ۖ إِنِّى بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ
Yaaaʹayyuhar rusulu kuloo minaṭ ṭayyibaati waʻmaloo ṣaaliḥaa: ʹinnee bimaa taʻmaloona ʻAleem.
ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن.
-
52
وَإِنَّ هَـٰذِهِۦٓ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَٰحِدَةً وَأَنَا۠ رَبُّكُمْ فَٱتَّقُونِ
Wa-ʹinna haaẓiheee ʹummatukum ʹummatañw Waaḥidatañw WaʹAna Rabbukum fattaq̣oon.
(ئى پەيغەمبەرلەر جامائەسى!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، (مېنىڭ ئازابىمدىن) قورقۇڭلار.
-
53
فَتَقَطَّعُوٓا۟ أَمْرَهُم بَيْنَهُمْ زُبُرًا ۖ كُلُّ حِزْبٍۭ بِمَا لَدَيْهِمْ فَرِحُونَ
Fataq̣aṭṭaʻooo ʹamrahum̃ baynahum zuburaa: kullu ḥizbim bimaa ladayhim fariḥoon.
ئۇلار (يەنى ئۈممەتلەر) دىنىي جەھەتتە نۇرغۇن پىرقىلەرگە بۆلۈندى، ھەر پىرقە ئۆز دىنى بىلەن خۇشالدۇر.
-
54
فَذَرْهُمْ فِى غَمْرَتِهِمْ حَتَّىٰ حِينٍ
Faẓarhum fee g̣amratihim ḥattaa ḥeen.
ئۇلارنى ئۆلگەنلىرىگە قەدەر گۇمراھلىقتا تەرك ئەتكىن.
-
55
أَيَحْسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُم بِهِۦ مِن مَّالٍ وَبَنِينَ
ʹA-yaḥsaboona ʹannamaa numidduhum̃ bihee mim maaliñw wabaneen,
(ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ[ -56- 55
-
56
نُسَارِعُ لَهُمْ فِى ٱلْخَيْرَٰتِ ۚ بَل لَّا يَشْعُرُونَ
Nusaariʻu lahum fil khayraat? Bal laa yashʻuroon.
(ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ[ -56- 55
-
57
إِنَّ ٱلَّذِينَ هُم مِّنْ خَشْيَةِ رَبِّهِم مُّشْفِقُونَ
ʹInnal laẓeena hum min khashyati Rabbihim mushfiq̣oon;
ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققۇچى كىشىلەر،
-
58
وَٱلَّذِينَ هُم بِـَٔايَـٰتِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ
Wallaẓeena hum̃ biʹAayaati Rabbihim yuʹminoon;
پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەر،
-
59
وَٱلَّذِينَ هُم بِرَبِّهِمْ لَا يُشْرِكُونَ
Wallaẓeena hum̃ bi-Rabbihim laa- yushrikoon;
پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەر،
-
60
وَٱلَّذِينَ يُؤْتُونَ مَآ ءَاتَوا۟ وَّقُلُوبُهُمْ وَجِلَةٌ أَنَّهُمْ إِلَىٰ رَبِّهِمْ رَٰجِعُونَ
Wallaẓeena yuʹtoona maaa ʹaataw Waq̣uloobuhum wajilatun ʹannahum ʹilaa Rabbihim raajiʻoon;
سەدىقە بېرىدىغان ئەمما پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دىللىرى قورقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر.
-
61
أُو۟لَـٰٓئِكَ يُسَـٰرِعُونَ فِى ٱلْخَيْرَٰتِ وَهُمْ لَهَا سَـٰبِقُونَ
ʹUlaaaʹika yusaariʻoona fil khayraati wa-hum lahaa saabiq̣oon.
ئەنە شۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىلاردۇر، ياخشى ئىشلارنى (باشقىلارنىڭ) ئالدىدا قىلىشقا تىرىشقۇچىلاردۇر.
-
62
وَلَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۖ وَلَدَيْنَا كِتَـٰبٌ يَنطِقُ بِٱلْحَقِّ ۚ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
Wa-laa nukallifu nafsan ʹillaa wusʻahaa wa-ladaynaa Kitaabuñy yañṭiq̣u bilḥaq̣q̣i wahum laa- yuz̤̣lamoon.
بىز ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان (ئىش) قىلا تەكلىپ قىلىمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقنى سۆزلەيدىغان كىتاب (يەنى بەندىلەرنىڭ ياخشى ـ يامان ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن نامە ـ ئەمال بار، ئۇلارغا (ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش ياكى ئازابنى ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن) قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
-
63
بَلْ قُلُوبُهُمْ فِى غَمْرَةٍ مِّنْ هَـٰذَا وَلَهُمْ أَعْمَـٰلٌ مِّن دُونِ ذَٰلِكَ هُمْ لَهَا عَـٰمِلُونَ
Bal q̣uloobuhum fee g̣amratim min haaẓaa wa-lahum ʹaʻmaalum miñ dooni ẓaalika hum lahaa ʻaamiloon,
ئۇلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) نىڭ دىللىرى بۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) غەپلەتتىدۇر، ئۇنىڭدىن (يەنى كۇفرىدىن) باشقا ئۇلار كېلەچەكتە نۇرغۇن (يامان) ئىشلارنى قىلىدۇ.
-
64
حَتَّىٰٓ إِذَآ أَخَذْنَا مُتْرَفِيهِم بِٱلْعَذَابِ إِذَا هُمْ يَجْـَٔرُونَ
Ḥattaaa ʹiẓaaa ʹakhaẓnaa mutrafeehim̃ bilʻAẓaabi ʹiẓaa hum yajʹaroon!
ئۇلارنىڭ بايلىرىنى ئازاب بىلەن جازالىغان ۋاقتىمىزدا ناگاھ ئۇلار پەرياد قىلىدۇ.
-
65
لَا تَجْـَٔرُوا۟ ٱلْيَوْمَ ۖ إِنَّكُم مِّنَّا لَا تُنصَرُونَ
Laaa tajʹarul yawm: ʹinnakum minnaa laa- tuñṣaroon.
(ئۇلارغا ئېيتىلىدۇ): «بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشەلمەيسىلەر».
-
66
قَدْ كَانَتْ ءَايَـٰتِى تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَكُنتُمْ عَلَىٰٓ أَعْقَـٰبِكُمْ تَنكِصُونَ
Q̣ad kaanat ʹAayaatee tutlaa ʻalaykum fakuñtum ʻalaaa ʹaʻq̣aabikum tañkiṣoon.
مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلەتتى، (ئۇنى ئاڭلاشتىن يۈز ئۆرۈپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىۋالاتتىڭلار.
-
67
مُسْتَكْبِرِينَ بِهِۦ سَـٰمِرًا تَهْجُرُونَ
Mustakbireena bihee saamirañ tahjuroon.
ئۇلار ھەرەم ئەھلى بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىپ ئىماندىن يۈز ئۆرۈيدۇ، كەچلىك پاراڭلىرىدا يامان سۆزلەرنى قىلىدۇ، (يەنى قۇرئانغا تەنە قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆكىدۇ).
-
68
أَفَلَمْ يَدَّبَّرُوا۟ ٱلْقَوْلَ أَمْ جَآءَهُم مَّا لَمْ يَأْتِ ءَابَآءَهُمُ ٱلْأَوَّلِينَ
ʹAfalam yaddabbarul Q̣awla ʹam jaaaʹahum maa lam yaʹti ʹaabaaaʹahumul ʹawwaleen?
ئۇلار (ھەق) كالام (يەنى ئۇلۇغ قۇرئان) ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئاتا ـ بوۋىلىرىغا كەلمىگەن (يېڭى) نەرسە كەلدىمۇ؟.
-
69
أَمْ لَمْ يَعْرِفُوا۟ رَسُولَهُمْ فَهُمْ لَهُۥ مُنكِرُونَ
ʹAm lam yaʻrifoo Rasoolahum fahum lahoo muñkiroon?
ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىنى تونۇماي ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟
-
70
أَمْ يَقُولُونَ بِهِۦ جِنَّةٌۢ ۚ بَلْ جَآءَهُم بِٱلْحَقِّ وَأَكْثَرُهُمْ لِلْحَقِّ كَـٰرِهُونَ
ʹAm yaq̣ooloona bihee jinnah? Bal jaaaʹahum̃ bil-Ḥaq̣q̣i wa-ʹaks̤aruhum lil-Ḥaq̣q̣i kaarihoon.
ياكى ئۇلار ئۇنى مەجنۇن دېيىشەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا ئۇ ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ.
-
71
وَلَوِ ٱتَّبَعَ ٱلْحَقُّ أَهْوَآءَهُمْ لَفَسَدَتِ ٱلسَّمَـٰوَٰتُ وَٱلْأَرْضُ وَمَن فِيهِنَّ ۚ بَلْ أَتَيْنَـٰهُم بِذِكْرِهِمْ فَهُمْ عَن ذِكْرِهِم مُّعْرِضُونَ
Wa-lawit tabaʻal Ḥaq̣q̣u ʹahwaaaʹahum lafasadatis samaawaatu wal-ʹarḍu wa-mañ feehinn! Bal ʹataynaahum̃ biẓikrihim fahum ʻañ ẓikrihim muʻriḍoon.
ئەگەر ھەقىقەت (يەنى قۇرئان) ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار خاراب بولغان بولاتتى، ئۇنداق بولغىنى يوق، ئۇلارغا (ۋەز ـ نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە (ۋەز ـ نەسىھەت بولغان) قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدۇ.
-
72
أَمْ تَسْـَٔلُهُمْ خَرْجًا فَخَرَاجُ رَبِّكَ خَيْرٌ ۖ وَهُوَ خَيْرُ ٱلرَّٰزِقِينَ
ʹAm tasʹaluhum kharjañ fakharaaju Rabbika khayr: wa-Huwa Khayrur raaziq̣een.
ياكى سەن ئۇلاردىن (ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە) ھەق تەلەپ قىلامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق گۇمان قىلامدۇ؟) پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) ئەجرى ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر.
-
73
وَإِنَّكَ لَتَدْعُوهُمْ إِلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
Wa-ʹinnaka latadʻoohum ʹilaa Ṣiraaṭim Mustaq̣eem.
سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىسەن.
-
74
وَإِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِٱلْـَٔاخِرَةِ عَنِ ٱلصِّرَٰطِ لَنَـٰكِبُونَ
Waʹinnal laẓeena laa- yuʹminoona bil-ʹAakhirati ʻaniṣ Ṣiraaṭi lanaakiboon.
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چەتنىگۈچىلەردۇر.
-
75
۞ وَلَوْ رَحِمْنَـٰهُمْ وَكَشَفْنَا مَا بِهِم مِّن ضُرٍّ لَّلَجُّوا۟ فِى طُغْيَـٰنِهِمْ يَعْمَهُونَ
Wa-law raḥimnaahum wakashafnaa maa- bihim miñ ḍurril lalajjoo fee ṭug̣yaanihim yaʻmahoon.
ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) غا رەھىم قىلساق، ئۇلارغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، چوقۇم گۇمراھلىقلىرىدا داۋاملىق تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى.
-
76
وَلَقَدْ أَخَذْنَـٰهُم بِٱلْعَذَابِ فَمَا ٱسْتَكَانُوا۟ لِرَبِّهِمْ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ
Wa-laq̣ad ʹakhaẓnaahum̃ bilʻAẓaabi famas takaanoo li-Rabbihim wa-maa yataḍarraʻoon,
ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن ئازاب (يەنى قەھەتچىلىك) بىلەن جازالىدۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بويسۇنمىدى، ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى.
-
77
حَتَّىٰٓ إِذَا فَتَحْنَا عَلَيْهِم بَابًا ذَا عَذَابٍ شَدِيدٍ إِذَا هُمْ فِيهِ مُبْلِسُونَ
Ḥattaaa ʹiẓaa fataḥnaa ʻalayhim baabañ ẓaa ʻaẓaabiñ shadeedin ʹiẓaa hum feehi mublisoon!
تاكى ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان چېغىمىزدا ناگاھان ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
-
78
وَهُوَ ٱلَّذِىٓ أَنشَأَ لَكُمُ ٱلسَّمْعَ وَٱلْأَبْصَـٰرَ وَٱلْأَفْـِٔدَةَ ۚ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُونَ
Wa-Huwal laẓeee ʹañshaʹa lakumus samʻa wal-ʹabṣaara wal-ʹafʹidah: q̣aleelam maa tashkuroon!
ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ياراتتى، سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.
-
79
وَهُوَ ٱلَّذِى ذَرَأَكُمْ فِى ٱلْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
Wa-Huwal laẓee ẓaraʹakum fil ʹarḍi wa-ʹilayhi tuḥsharoon.
ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا (نەسىللەندۈرۈش يولى بىلەن) ياراتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.
-
80
وَهُوَ ٱلَّذِى يُحْىِۦ وَيُمِيتُ وَلَهُ ٱخْتِلَـٰفُ ٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
Wa-Huwal laẓee yuḥyee wa-yumeetu wa-lahukh tilaaful layli wannahaar: ʹafalaa taʻq̣iloon?
ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالىدۇ، كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟.
-
81
بَلْ قَالُوا۟ مِثْلَ مَا قَالَ ٱلْأَوَّلُونَ
Bal q̣aaloo mis̤la maa- q̣aalal ʹAwwaloon.
(ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئويلاپ كۆرمىدى) بەلكى ئۇلار بۇرۇنقىلار نېمىدېگەن بولسا شۇنى دېدى.
-
82
قَالُوٓا۟ أَءِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَـٰمًا أَءِنَّا لَمَبْعُوثُونَ
Q̣aalooo ʹa-ʹiẓaa mitnaa wa-kunnaa turaabañw waʻiz̤̣aaman ʹa-ʹinnaa lamabʻoos̤oon?
ئۇلار ئېيتتى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە (ئۇۋۇلۇپ كەتكەن) سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن، چوقۇم قايتا تىرىلەمدۇق؟.
-
83
لَقَدْ وُعِدْنَا نَحْنُ وَءَابَآؤُنَا هَـٰذَا مِن قَبْلُ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّآ أَسَـٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ
Laq̣ad wuʻidnaa naḥnu wa-ʹaabaaaʹunaa haaẓaa miñ q̣ablu ʹin haaẓa illaaa ʹasaaṭeerul ʹawwaleen!
ھەقىقەتەن بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدۇق، بۇ پەقەت قەدىمكىلەردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر».
-
84
قُل لِّمَنِ ٱلْأَرْضُ وَمَن فِيهَآ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
Q̣ul limanil ʹarḍu wa-mañ feehaaa ʹiñ kuñtum taʻlamoon?
ئېيتقىنكى، «زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)».
-
85
سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
Sayaq̣ooloona lillaah! Q̣ul ʹafalaa taẓakkaroon?
ئۇلار: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. (بۇنىڭدىن) پەند ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟
-
86
قُلْ مَن رَّبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ ٱلسَّبْعِ وَرَبُّ ٱلْعَرْشِ ٱلْعَظِيمِ
Q̣ul mar Rabbus samaawaatis sabʻi wa-Rabbul ʻArshil ʻAz̤̣eem?
ئېيىتقىنكى، «يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟»
-
87
سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ
Sayaq̣ooloona lillaah. Q̣ul ʹafalaa tattaq̣oon?
ئۇلار «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»
-
88
قُلْ مَنۢ بِيَدِهِۦ مَلَكُوتُ كُلِّ شَىْءٍ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيْهِ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
Q̣ul mam biyadihee Malakootu kulli shayʹiñw wa-Huwa yujeeru wa-laa yujaaru ʻalayhi ʹiñ kuñtum taʻlamoon?
ئېيتقىنكى، «ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)».
-
89
سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ فَأَنَّىٰ تُسْحَرُونَ
Sayaq̣ooloona lillaah. Q̣ul faʹannaa tus-ḥaroon?
ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر قانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر؟».
-
90
بَلْ أَتَيْنَـٰهُم بِٱلْحَقِّ وَإِنَّهُمْ لَكَـٰذِبُونَ
Bal ʹataynaahum̃ bil-Ḥaq̣q̣i wa-ʹinnahum lakaaẓiboon!
ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا بىز ھەق سۆزنى ئېلىپ كەلدۇق، ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر.
-
91
مَا ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ مِن وَلَدٍ وَمَا كَانَ مَعَهُۥ مِنْ إِلَـٰهٍ ۚ إِذًا لَّذَهَبَ كُلُّ إِلَـٰهٍۭ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلَا بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ سُبْحَـٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
Mat takhaẓal laahu miñw waladiñw wamaa kaana maʻahoo min ʹilaahin ʹiẓal laẓahaba kullu ʹilaahim bimaa khalaq̣a wa-laʻalaa baʻḍuhum ʻalaa baʻḍ! Subḥaanal laahi ʻammaa yaṣifoon!
ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر.
-
92
عَـٰلِمِ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَـٰدَةِ فَتَعَـٰلَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
ʻAalimil g̣aybi washshahaadati fataʻaalaa ʻammaa yushrikoon!
ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر.
-
93
قُل رَّبِّ إِمَّا تُرِيَنِّى مَا يُوعَدُونَ
Q̣ur Rabbi ʹimmaa turiyannee maa- yooʻadoon,
ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ئەگەر ماڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى (دۇنيادا) كۆرسىتىدىغان بولساڭ،
-
94
رَبِّ فَلَا تَجْعَلْنِى فِى ٱلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ
Rabbi falaa tajʻalnee fil q̣awmiz̤̣ z̤̣aalimeen!
ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋملەر ئىچىدە قىلمىغىن».
-
95
وَإِنَّا عَلَىٰٓ أَن نُّرِيَكَ مَا نَعِدُهُمْ لَقَـٰدِرُونَ
Wa-ʹinnaa ʻalaaa ʹan nuriyaka maa- naʻiduhum la-Q̣aadiroon.
بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز.
-
96
ٱدْفَعْ بِٱلَّتِى هِىَ أَحْسَنُ ٱلسَّيِّئَةَ ۚ نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَصِفُونَ
ʹIdfaʻ billatee hiya ʹaḥsanus sayyiʹah: Naḥnu ʹaʻlamu bimaa yaṣifoon.
(ئۇلارنىڭ قىلغان) يامانلىقىغا (ئەپۇ قىلىش بىلەن) ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلارنىڭ (سېنى) سۈپەتلەشلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان مەسخىرىسىنى) بىز ئوبدان بىلىمىز.
-
97
وَقُل رَّبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَٰتِ ٱلشَّيَـٰطِينِ
Wa-q̣ur Rabbi ʹaʻooẓu bika min hamazaatish shayaaṭeen.
ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن.
-
98
وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَن يَحْضُرُونِ
Wa-ʹaʻooẓu bika Rabbi ʹañy yaḥḍuroon.
پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن».
-
99
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَحَدَهُمُ ٱلْمَوْتُ قَالَ رَبِّ ٱرْجِعُونِ
Ḥattaaa ʹiẓaa jaaaʹa ʹaḥadahumul mawtu q̣aala Rabbir jiʻoon,
ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى، «پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن.
-
100
لَعَلِّىٓ أَعْمَلُ صَـٰلِحًا فِيمَا تَرَكْتُ ۚ كَلَّآ ۚ إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَآئِلُهَا ۖ وَمِن وَرَآئِهِم بَرْزَخٌ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
Laʻalleee ʹaʻmalu ṣaaliḥañ feemaa taraktu kallaa! ʹInnahaa kalimatun huwa q̣aaaʹiluhaa. Wa-miñw waraaaʹihim Barzakhun ʹilaa Yawmi yubʻas̤oon.
مەن قويۇپ كەلگەن مال ـ مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن». (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ.
-
101
فَإِذَا نُفِخَ فِى ٱلصُّورِ فَلَآ أَنسَابَ بَيْنَهُمْ يَوْمَئِذٍ وَلَا يَتَسَآءَلُونَ
Faʹiẓaa nufikha fiṣ Ṣoori falaaa ʹañsaaba baynahum Yawmaʹiẓiñw Walaa yatasaaaʹaloon!
سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. بىر ـ بىرىنىڭ (ئەھۋالىنىمۇ) سوراشمايدۇ.
-
102
فَمَن ثَقُلَتْ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ
Famañ s̤aq̣ulat mawaazeenuhoo faʹulaaaʹika humul Mufliḥoon:
تارازىسى ئېغىر كەلگەنلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.
-
103
وَمَنْ خَفَّتْ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ فِى جَهَنَّمَ خَـٰلِدُونَ
Wa-man khaffat mawaazeenuhoo faʹulaaaʹikal laẓeena khasirooo ʹañfusahum fee Jahannama khaalidoon.
تارازىسى يېنىك كەلگەنلەر (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) زىيان تارتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
-
104
تَلْفَحُ وُجُوهَهُمُ ٱلنَّارُ وَهُمْ فِيهَا كَـٰلِحُونَ
Talfaḥu wujoohahumun Naaru wa-hum feehaa kaaliḥoon.
ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەت چىراي) بولۇپ قالىدۇ.
-
105
أَلَمْ تَكُنْ ءَايَـٰتِى تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَكُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ
ʹAlam takun ʹAayaatee tutlaa ʻalaykum fakuñtum̃ bihaa tukaẓẓiboon?
(ئۇلارغا) «سىلەرگە (دۇنيادا) مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلگەن، سىلەر ئۇنى (شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدىڭلار» دېيىلىدۇ.
-
106
قَالُوا۟ رَبَّنَا غَلَبَتْ عَلَيْنَا شِقْوَتُنَا وَكُنَّا قَوْمًا ضَآلِّينَ
Q̣aaloo Rabbanaa g̣alabat ʻalaynaa shiq̣watunaa wa-kunnaa q̣awmañ ḍaaalleen!
ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق.
-
107
رَبَّنَآ أَخْرِجْنَا مِنْهَا فَإِنْ عُدْنَا فَإِنَّا ظَـٰلِمُونَ
Rabbanaaa ʹakhrijnaa minhaa faʹin ʻudnaa faʹinnaa z̤̣aalimoon!
پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز».
-
108
قَالَ ٱخْسَـُٔوا۟ فِيهَا وَلَا تُكَلِّمُونِ
Q̣aalakh saʹoo feehaa wa-laa tukallimoon!
ئاللاھ ئېيتىدۇ: «جەھەننەمدە خار ھالدا قېلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار».
-
109
إِنَّهُۥ كَانَ فَرِيقٌ مِّنْ عِبَادِى يَقُولُونَ رَبَّنَآ ءَامَنَّا فَٱغْفِرْ لَنَا وَٱرْحَمْنَا وَأَنتَ خَيْرُ ٱلرَّٰحِمِينَ
ʹInnahoo kaana fareeq̣um min ʻibaadee yaq̣ooloona ˹Rabbanaaa ʹaamannaa fag̣fir lanaa warḥamnaa wa-ʹAñta Khayrur raaḥimeen˺!
شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىمدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بولساڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسەن» دەيتتى.
-
110
فَٱتَّخَذْتُمُوهُمْ سِخْرِيًّا حَتَّىٰٓ أَنسَوْكُمْ ذِكْرِى وَكُنتُم مِّنْهُمْ تَضْحَكُونَ
Fattakhaẓtumoohum sikhriyyan ḥattaaa ʹañsawkum Ẓikree wa-kuñtum minhum taḍḥakoon!
ئۇلارنى مەسخىرە قىلدىڭلار، ھەتتا ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇلدۇردى (يەنى ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ماڭا ئىتائەت قىلىشنى ئۇنتۇدۇڭلار)، سىلەر ئۇلاردىن كۈلەتتىڭلار.
-
111
إِنِّى جَزَيْتُهُمُ ٱلْيَوْمَ بِمَا صَبَرُوٓا۟ أَنَّهُمْ هُمُ ٱلْفَآئِزُونَ
ʹInnee jazaytuhumul yawma bimaa ṣabarooo ʹannahum humul Faaaʹizoon.
(سىلەردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى بۈگۈن مۇكاپاتلىدىم، ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.
-
112
قَـٰلَ كَمْ لَبِثْتُمْ فِى ٱلْأَرْضِ عَدَدَ سِنِينَ
Q̣aala kam labis̤tum fil ʹarḍi ʻadada sineen?
ئاللاھ (ئۇلارغا): «زېمىندا قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ.
-
113
قَالُوا۟ لَبِثْنَا يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ فَسْـَٔلِ ٱلْعَآدِّينَ
Q̣aaloo labis̤naa yawman ʹaw baʻḍa yawmiñ fasʹalil ʻaaaddeen.
ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق، (ئاي ـ كۈنلەرنى) ھېسابلىغۇچى (پەرىشتە) دىن سورىغىن» دەيدۇ (ئۇلار دوزاختا چېكىۋاتقان ئازاب تۈپەيلىدىن، زېمىندا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ).
-
114
قَـٰلَ إِن لَّبِثْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا ۖ لَّوْ أَنَّكُمْ كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
Q̣aala ʹil labis̤tum ʹillaa q̣aleelal law ʹannakum kuñtum taʻlamoon!
ئاللاھ: «ئەگەر سىلەر بىلسەڭلەر (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا تۇردۇڭلار» دەيدۇ.
-
115
أَفَحَسِبْتُمْ أَنَّمَا خَلَقْنَـٰكُمْ عَبَثًا وَأَنَّكُمْ إِلَيْنَا لَا تُرْجَعُونَ
ʹAfaḥasibtum ʹannamaa khalaq̣naakum ʻabas̤añw Waʹannakum ʹilaynaa laa- turjaʻoon?
ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى). ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟
-
116
فَتَعَـٰلَى ٱللَّهُ ٱلْمَلِكُ ٱلْحَقُّ ۖ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ ٱلْعَرْشِ ٱلْكَرِيمِ
Fataʻaalal laahul Malikul Ḥaq̣q̣: Laaa ʹilaaha ʹillaa Hoo: Rabbul ʻArshil Kareem!
ھەق پادىشاھ _ ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.
-
117
وَمَن يَدْعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَـٰهًا ءَاخَرَ لَا بُرْهَـٰنَ لَهُۥ بِهِۦ فَإِنَّمَا حِسَابُهُۥ عِندَ رَبِّهِۦٓ ۚ إِنَّهُۥ لَا يُفْلِحُ ٱلْكَـٰفِرُونَ
Wa-mañy yadʻu maʻal laahi ʹilaahan ʹaakhara laa- burhaana lahoo bihee faʹinnamaa ḥisaabuhoo ʻiñda Rabbih! ʹInnahoo laa- yufliḥul Kaafiroon!
كىمكى ھېچقانداق دەلىلى بولمىغان ھالدا ئاللاھقا قوشۇپ يەنە بىر مەبۇدقا ئىبادەت قىلىدىكەن، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ، كاپىرلار ھەقىقەتەن نىجات تاپمايدۇ.
-
118
وَقُل رَّبِّ ٱغْفِرْ وَٱرْحَمْ وَأَنتَ خَيْرُ ٱلرَّٰحِمِينَ
Wa-q̣ur Rabbig̣ fir warḥam wa-ʹAñta Khayrur raaḥimeen!
«پەرۋەردىگارىم ! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىسەن» دېگىن.