Back to Quran

جۈز

Juz 9

7:88 ... 8:40 · 159 ayahs

تەرجىمە قىلغۇچى Muhammad Saleh

  1. Surah Al-A'rafBegins here at 7:88

  2. 7:88

    ۞ قَالَ ٱلْمَلَأُ ٱلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوا۟ مِن قَوْمِهِۦ لَنُخْرِجَنَّكَ يَـٰشُعَيْبُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَكَ مِن قَرْيَتِنَآ أَوْ لَتَعُودُنَّ فِى مِلَّتِنَا ۚ قَالَ أَوَلَوْ كُنَّا كَـٰرِهِينَ

    Q̣aalal malaʹul laẓeenas takbaroo miñ q̣awmihee lanukhrijannaka yaa-Shuʻaybu wallaẓeena ʹaamanoo maʻaka miñ q̣aryatinaaa ʹaw lataʻoodunna fee millatinaa. Q̣aala ʹa-wa law kunnaa kaariheen?

    شۇئەيب قەۋمىنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) تەكەببۇر چوڭلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ئەگەشكۈچىلىرىڭ (يەنى ساڭا ئىمان ئېيتقانلار) بىلەن قوشۇپ شەھىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز (بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى) يامان كۆرىدىغان تۇرساق (بىزنى يەنىلا شۇنىڭغا مەجبۇر قىلامسىلەر؟)» دېدى.

  3. 7:89

    قَدِ ٱفْتَرَيْنَا عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا إِنْ عُدْنَا فِى مِلَّتِكُم بَعْدَ إِذْ نَجَّىٰنَا ٱللَّهُ مِنْهَا ۚ وَمَا يَكُونُ لَنَآ أَن نَّعُودَ فِيهَآ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّنَا ۚ وَسِعَ رَبُّنَا كُلَّ شَىْءٍ عِلْمًا ۚ عَلَى ٱللَّهِ تَوَكَّلْنَا ۚ رَبَّنَا ٱفْتَحْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ قَوْمِنَا بِٱلْحَقِّ وَأَنتَ خَيْرُ ٱلْفَـٰتِحِينَ

    Q̣adif taraynaa ʻalal laahi kaẓiban ʹin ʻudnaa fee millatikum̃ baʻda ʹiẓ najjaanal laahu minhaa. Wa-maa yakoonu lanaaa ʹan naʻooda feehaaa ʹillaaa ʹañy yashaaaʹal laahu Rabbunaa. Wasiʻa Rabbunaa kulla shayʹin ʻilmaa. ʻAlal laahi tawakkalnaa. Rabbanaf taḥ baynanaa wa-bayna q̣awminaa bilḥaq̣q̣i wa-ʹAñta Khayrul Faatiḥeen.

    (شۇئەيب يەنە ئېيتتى) «ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھقا تەۋۋەككۈل قىلدۇق (يەنى ھەممە ئىشىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇرىمىز). پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن».

  4. 7:90

    وَقَالَ ٱلْمَلَأُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِن قَوْمِهِۦ لَئِنِ ٱتَّبَعْتُمْ شُعَيْبًا إِنَّكُمْ إِذًا لَّخَـٰسِرُونَ

    Wa-q̣aalal malaʹul laẓeena kafaroo miñ q̣awmihee laʹinit tabaʻtum Shuʻayban ʹinnakum ʹiẓal lakhaasiroon!

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمانسىز چوڭلىرى: «ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، شۈبھىسىزكى، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دېدى.

  5. 7:91

    فَأَخَذَتْهُمُ ٱلرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا۟ فِى دَارِهِمْ جَـٰثِمِينَ

    Faʹakhaẓathumur rajfatu faʹaṣbaḥoo fee daarihim jaas̤imeen.

    ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى.

  6. 7:92

    ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ شُعَيْبًا كَأَن لَّمْ يَغْنَوْا۟ فِيهَا ۚ ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ شُعَيْبًا كَانُوا۟ هُمُ ٱلْخَـٰسِرِينَ

    ʹAllaẓeena kaẓẓaboo Shuʻaybañ kaʹal lam yag̣naw feehal laẓeena kaẓẓaboo Shuʻaybañ kaanoo humul khaasireen!

    شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار (ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى بىلەن) گويا بۇ يەردە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى.

  7. 7:93

    فَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَـٰقَوْمِ لَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ رِسَـٰلَـٰتِ رَبِّى وَنَصَحْتُ لَكُمْ ۖ فَكَيْفَ ءَاسَىٰ عَلَىٰ قَوْمٍ كَـٰفِرِينَ

    Fatawallaa ʹanhum wa-q̣aala yaa-q̣awmi laq̣ad ʹablag̣tukum risaalaati Rabbee wa-naṣaḥtu lakum; fakayfa ʹaasaa ʻalaa q̣awmiñ kaafireen.

    شۇئەيب ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلىپ: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن پەرۋەدىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، مەن قانداقمۇ كاپىر قەۋمگە قايغۇراي!» دېدى.

  8. 7:94

    وَمَآ أَرْسَلْنَا فِى قَرْيَةٍ مِّن نَّبِىٍّ إِلَّآ أَخَذْنَآ أَهْلَهَا بِٱلْبَأْسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ لَعَلَّهُمْ يَضَّرَّعُونَ

    Wa-maaa ʹarsalnaa fee q̣aryatim min nabiyyin ʹillaaa ʹakhaẓnaaa ʹahlahaa bil-baʹsaaaʹi waḍḍarraaaʹi laʻallahum yaḍḍarraʻoon.

    بىز مەيلى قايسى شەھەرگە بولسۇن، بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق (شەھەر ئەھلى ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا)، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يالۋۇرۇشلىرى (تەۋبە قىلىشلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق.

  9. 7:95

    ثُمَّ بَدَّلْنَا مَكَانَ ٱلسَّيِّئَةِ ٱلْحَسَنَةَ حَتَّىٰ عَفَوا۟ وَّقَالُوا۟ قَدْ مَسَّ ءَابَآءَنَا ٱلضَّرَّآءُ وَٱلسَّرَّآءُ فَأَخَذْنَـٰهُم بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ

    S̤umma baddalnaa makaanas sayyiʹatil ḥasanata ḥattaa ʻafaw Waq̣aaloo q̣ad massa ʹaabaaaʹanaḍ ḍarraaaʹu wassarraaaʹu faʹakhaẓnaahum̃ bag̣tatañw wahum laa- yashʻuroon.

    ئاندىن (ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن) كۈلپەتنى نېمەتكە ئايلاندۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپەيدى. ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى (بۇ ـ زاماننىڭ ئادىتى؛ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئوقۇبەت ئەمەس)» دېدى. ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق.

  10. 7:96

    وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ ٱلْقُرَىٰٓ ءَامَنُوا۟ وَٱتَّقَوْا۟ لَفَتَحْنَا عَلَيْهِم بَرَكَـٰتٍ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ وَلَـٰكِن كَذَّبُوا۟ فَأَخَذْنَـٰهُم بِمَا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ

    Wa-law ʹanna ʹahlal q̣uraaa ʹaamanoo wattaq̣aw lafataḥnaa ʻalayhim barakaatim minas samaaaʹi wal-ʹarḍi wa-laakiñ kaẓẓaboo faʹakhaẓnaahum̃ bimaa kaanoo yaksiboon.

    (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاسمان ـ زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق. لېكىن ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق.

  11. 7:97

    أَفَأَمِنَ أَهْلُ ٱلْقُرَىٰٓ أَن يَأْتِيَهُم بَأْسُنَا بَيَـٰتًا وَهُمْ نَآئِمُونَ

    ʹA-faʹamina ahlul q̣uraaa ʹañy yaʹtiyahum baʹsunaa bayaatañw wahum naaaʹimoon?

    (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىدىغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى (غەپلەتتە) ئۇخلاۋاتقانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟

  12. 7:98

    أَوَأَمِنَ أَهْلُ ٱلْقُرَىٰٓ أَن يَأْتِيَهُم بَأْسُنَا ضُحًى وَهُمْ يَلْعَبُونَ

    ʹA-waʹamina ʹahlul q̣uraaa ʹañy yaʹtiyahum baʹsunaa ḍuḥañw wahum yalʻaboon?

    شەھەرلەر ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ چۈش ۋاقتىدا ـ ئۇلار ئويناپ تۇرغانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ.

  13. 7:99

    أَفَأَمِنُوا۟ مَكْرَ ٱللَّهِ ۚ فَلَا يَأْمَنُ مَكْرَ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلْقَوْمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ

    ʹA-faʹaminoo makral laaḥ? Falaa yaʹmanu makral laahi ʹillal q̣awmul khaasiroon!

    ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئاللاھنىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ.

  14. 7:100

    أَوَلَمْ يَهْدِ لِلَّذِينَ يَرِثُونَ ٱلْأَرْضَ مِنۢ بَعْدِ أَهْلِهَآ أَن لَّوْ نَشَآءُ أَصَبْنَـٰهُم بِذُنُوبِهِمْ ۚ وَنَطْبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ

    ʹA-walam yahdi lillaẓeena yaris̤oonal ʹarḍa mim baʻdi ʹahlihaaa ʹal law nashaaaʹu ʹaṣabnaahum̃ biẓunoobihim, wa-naṭbaʻu ʻalaa q̣uloobihim fahum laa- yasmaʻoon?

    زېمىننىڭ ئىلگىرىكى ئىگىلىرى (ھالاك بولغان) دىن كېيىن، (زېمىنغا) ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا (يەنى زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا) ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدۇ.

  15. 7:101

    تِلْكَ ٱلْقُرَىٰ نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنۢبَآئِهَا ۚ وَلَقَدْ جَآءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَمَا كَانُوا۟ لِيُؤْمِنُوا۟ بِمَا كَذَّبُوا۟ مِن قَبْلُ ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ ٱلْكَـٰفِرِينَ

    Tilkal q̣uraa naq̣uṣṣu ʻalayka min ʹambaaaʹihaa. Wa-laq̣ad jaaaʹathum rusuluhum̃ bil-Bayyinaat: famaa kaanoo liyuʹminoo bimaa kaẓẓaboo miñ q̣abl. Kaẓaalika yaṭbaʻul laahu ʻalaa q̣uloobil kaafireen.

    ئاشۇ شەھەرلەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھېكايە قىلىپ بېرىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىلگىرى (ھەقنى) ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇ مۆجىزىلەرگە) ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ.

  16. 7:102

    وَمَا وَجَدْنَا لِأَكْثَرِهِم مِّنْ عَهْدٍ ۖ وَإِن وَجَدْنَآ أَكْثَرَهُمْ لَفَـٰسِقِينَ

    Wa-maa wajadnaa liʹaks̤arihim min ʻahd. Wa-ʹiñw wajadnaaa ʹaks̤arahum lafaasiq̣een.

    ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغانلىقىنى بايقىمىدۇق. ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ شەكسىز پاسىقلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانىدىن باش تارتقۇچىلار) ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق.

  17. 7:103

    ثُمَّ بَعَثْنَا مِنۢ بَعْدِهِم مُّوسَىٰ بِـَٔايَـٰتِنَآ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَإِي۟هِۦ فَظَلَمُوا۟ بِهَا ۖ فَٱنظُرْ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلْمُفْسِدِينَ

    S̤umma baʻas̤naa mim baʻdihim Moosaa biʹAayaatinaaa ʹilaa Firʻawna wa-malaʹihee faz̤̣alamoo bihaa: fañz̤̣ur kayfa kaana ʻaaq̣ibatul mufsideen.

    مەزكۇز پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، (مىسىرنىڭ مۇسا زامانىدىكى پادىشاھى) پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق. ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن.

  18. 7:104

    وَقَالَ مُوسَىٰ يَـٰفِرْعَوْنُ إِنِّى رَسُولٌ مِّن رَّبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ

    Wa-q̣aala Moosaa Yaa- -Firʻawnu ʹinnee Rasoolum mir Rabbil ʻAalameen.

    مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن.

  19. 7:105

    حَقِيقٌ عَلَىٰٓ أَن لَّآ أَقُولَ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلْحَقَّ ۚ قَدْ جِئْتُكُم بِبَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ فَأَرْسِلْ مَعِىَ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ

    Ḥaq̣eeq̣un ʻalaaa ʹal laaa ʹaq̣oola ʻalal laahi ʹillal ḥaq̣q̣. Q̣ad jiʹtukum̃ bi-Bayyinatim mir Rabbikum faʹarsil maʻiya Baneee ʹIsraaaʹeel.

    ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن. راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن قويۇپ بەرگىن (مەن بىلەن بىللە ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنى مۇقەددەس زېمىنغا بارسۇن)».

  20. 7:106

    قَالَ إِن كُنتَ جِئْتَ بِـَٔايَةٍ فَأْتِ بِهَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ

    Q̣aala ʹiñ kuñta jiʹta biʹAayatiñ faʹti bihaaa ʹiñ kuñta minaṣ ṣaadiq̣een.

    پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن (پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، (بۇ دەۋايىڭدا) راستچىللاردىن بولساڭ، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى.

  21. 7:107

    فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِىَ ثُعْبَانٌ مُّبِينٌ

    Faʹalq̣aa ʻAṣaahu faʹiẓaa hiya s̤uʻbaanum mubeen!

    مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ ناگاھان ئاشكارا بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى.

  22. 7:108

    وَنَزَعَ يَدَهُۥ فَإِذَا هِىَ بَيْضَآءُ لِلنَّـٰظِرِينَ

    Wa-nazaʻa yadahoo faʹiẓaa hiya bayḍaaaʹu linnaaz̤̣ireen!

    قولىنى (قولتۇقىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ ناگاھان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى.

  23. 7:109

    قَالَ ٱلْمَلَأُ مِن قَوْمِ فِرْعَوْنَ إِنَّ هَـٰذَا لَسَـٰحِرٌ عَلِيمٌ

    Q̣aalal malaʹu miñ q̣awmi Firʻawna ʹinna haaẓaa lasaaḥirun ʻaleem.

    پىرئەۋن قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن.

  24. 7:110

    يُرِيدُ أَن يُخْرِجَكُم مِّنْ أَرْضِكُمْ ۖ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ

    Yureedu ʹañy yukhrijakum min ʹarḍikum: famaaẓaa taʹmuroon?

    ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلار (يەنى مىسىر زېمىنى) دىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»

  25. 7:111

    قَالُوٓا۟ أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَأَرْسِلْ فِى ٱلْمَدَآئِنِ حَـٰشِرِينَ

    Q̣aalooo ʹarjih wa-ʹakhaahu wa-arsil fil Madaaaʹini ḥaashireena.

    ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ بىر پىكىرگە كەلگۈچە) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغقۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن.

  26. 7:112

    يَأْتُوكَ بِكُلِّ سَـٰحِرٍ عَلِيمٍ

    Yaʹtooka bikulli saaḥirin ʻaleem.

    ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن».

  27. 7:113

    وَجَآءَ ٱلسَّحَرَةُ فِرْعَوْنَ قَالُوٓا۟ إِنَّ لَنَا لَأَجْرًا إِن كُنَّا نَحْنُ ٱلْغَـٰلِبِينَ

    Wa-jaaaʹas saḥaratu Firʻawna q̣aalooo ʹinna lanaa laʹajran ʹiñ kunnaa naḥnul g̣aalibeen.

    (پىرئەۋن سېھىرگەرلىرىنى يىغىشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى) سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى.

  28. 7:114

    قَالَ نَعَمْ وَإِنَّكُمْ لَمِنَ ٱلْمُقَرَّبِينَ

    Q̣aala naʻam wa-ʹinnakum laminal muq̣arrabeen.

    پىرئەۋن: «ھەئە، (مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى.

  29. 7:115

    قَالُوا۟ يَـٰمُوسَىٰٓ إِمَّآ أَن تُلْقِىَ وَإِمَّآ أَن نَّكُونَ نَحْنُ ٱلْمُلْقِينَ

    Q̣aaloo yaa-Moosaaa ʹimmaaa ʹañ tulq̣iya wa-ʹimmaaa ʹan nakoona naḥnul mulq̣een?

    ئۇلار (يەنى سېھىرگەرلەر): «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز (ئۆزىمىزنىڭكىنى) ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى.

  30. 7:116

    قَالَ أَلْقُوا۟ ۖ فَلَمَّآ أَلْقَوْا۟ سَحَرُوٓا۟ أَعْيُنَ ٱلنَّاسِ وَٱسْتَرْهَبُوهُمْ وَجَآءُو بِسِحْرٍ عَظِيمٍ

    Q̣aala ʹalq̣oo. Falammaaa ʹalq̣aw saḥarooo ʹaʻyunan naasi wastarhaboohum wa-jaaaʹoo bisiḥrin ʻaz̤̣eem.

    مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى (يەنى كىشىلەرنى) قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى، ئۇلار (كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە) چوڭ (كۆرۈنىدىغان) سېھىرنى كۆرسەتتى.

  31. 7:117

    ۞ وَأَوْحَيْنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنْ أَلْقِ عَصَاكَ ۖ فَإِذَا هِىَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ

    Wa-ʹawḥaynaaa ʹilaa Moosaaa ʹan ʹalq̣i ʻAṣaak: faʹiẓaa hiya talq̣afu maa- yaʹfikoon!

    مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن » دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى.

  32. 7:118

    فَوَقَعَ ٱلْحَقُّ وَبَطَلَ مَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

    Fawaq̣aʻal ḥaq̣q̣u wabaṭala maa- kaanoo yaʻmaloon.

    ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى.

  33. 7:119

    فَغُلِبُوا۟ هُنَالِكَ وَٱنقَلَبُوا۟ صَـٰغِرِينَ

    Fag̣uliboo hunaalika wañq̣alaboo ṣaag̣ireen.

    بۇ يەردە ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمى) مەغلۇپ بولدى، خار بولغان ھالدا (شەھەرگە قايتتى).

  34. 7:120

    وَأُلْقِىَ ٱلسَّحَرَةُ سَـٰجِدِينَ

    Wa-ʹulq̣iyas saḥaratu saajideen,

    سېھىرگەرلەر سەجدىگە باردى.

  35. 7:121

    قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ

    Q̣aalooo ʹaamannaa bi-Rabbil ʻAalameen.

    ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق.

  36. 7:122

    رَبِّ مُوسَىٰ وَهَـٰرُونَ

    Rabbi Moosaa wa-Haaroon.

    مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا (ئىمان ئېيتتۇق)».

  37. 7:123

    قَالَ فِرْعَوْنُ ءَامَنتُم بِهِۦ قَبْلَ أَنْ ءَاذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّ هَـٰذَا لَمَكْرٌ مَّكَرْتُمُوهُ فِى ٱلْمَدِينَةِ لِتُخْرِجُوا۟ مِنْهَآ أَهْلَهَا ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ

    Q̣aala Firʻawnu ʹaamañtum̃ bihee q̣abla ʹan ʹaaẓana lakum? ʹInna haaẓaa lamakrum makartumoohu fil Madeenati litukhrijoo minhaaa ʹahlahaa: fasawfa taʻlamoon.

    پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەر (يەنى مىسىر) دىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر. (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر.

  38. 7:124

    لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُم مِّنْ خِلَـٰفٍ ثُمَّ لَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ

    Laʹuq̣aṭṭiʻanna ʹaydiyakum wa-ʹarjulakum min khilaafiñ s̤umma laʹuṣallibannakum ʹajmaʻeen.

    سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول پۇتۇڭلار بىلەن ئوڭ قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمەن».

  39. 7:125

    قَالُوٓا۟ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا مُنقَلِبُونَ

    Q̣aalooo ʹinnaaa ʹilaa Rabbinaa muñq̣aliboon:

    دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز.

  40. 7:126

    وَمَا تَنقِمُ مِنَّآ إِلَّآ أَنْ ءَامَنَّا بِـَٔايَـٰتِ رَبِّنَا لَمَّا جَآءَتْنَا ۚ رَبَّنَآ أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَتَوَفَّنَا مُسْلِمِينَ

    Wa-maa tañq̣imu minnaaa ʹillaaa ʹan ʹaamannaa biʹAayaati Rabbinaa lammaa jaaaʹatnaa! Rabbanaaa ʹafrig̣ ʻalaynaa ṣabrañw watawaffanaa Muslimeen!

    سەن بىزنى پەقەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن».

  41. 7:127

    وَقَالَ ٱلْمَلَأُ مِن قَوْمِ فِرْعَوْنَ أَتَذَرُ مُوسَىٰ وَقَوْمَهُۥ لِيُفْسِدُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ وَيَذَرَكَ وَءَالِهَتَكَ ۚ قَالَ سَنُقَتِّلُ أَبْنَآءَهُمْ وَنَسْتَحْىِۦ نِسَآءَهُمْ وَإِنَّا فَوْقَهُمْ قَـٰهِرُونَ

    Wa-q̣aalal malaʹu miñ q̣awmi Firʻawna ʹataẓaru Moosaa wa-q̣awmahoo liyufsidoo fil ʹarḍi wa-yaẓaraka wa-ʹaalihatak? Q̣aala sanuq̣attilu ʹabnaaaʹahum wa-nastaḥyee nisaaaʹahum; wa-ʹinnaa fawq̣ahum q̣aahiroon.

    پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمنىدا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشقا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلاشقا قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمىز، ئاياللىرىنى بولسا (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى.

  42. 7:128

    قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ ٱسْتَعِينُوا۟ بِٱللَّهِ وَٱصْبِرُوٓا۟ ۖ إِنَّ ٱلْأَرْضَ لِلَّهِ يُورِثُهَا مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ ۖ وَٱلْعَـٰقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ

    Q̣aala Moosaa liq̣awmihis taʻeenoo billaahi waṣbiroo. ʹInnal ʹarḍa lillaahi yooris̤uhaa mañy yashaaaʹu min ʻibaadih; wal-ʻaaq̣ibatu lil-Muttaq̣een.

    مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى.

  43. 7:129

    قَالُوٓا۟ أُوذِينَا مِن قَبْلِ أَن تَأْتِيَنَا وَمِنۢ بَعْدِ مَا جِئْتَنَا ۚ قَالَ عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَن يُهْلِكَ عَدُوَّكُمْ وَيَسْتَخْلِفَكُمْ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرَ كَيْفَ تَعْمَلُونَ

    Q̣aalooo ʹooẓeenaa miñ q̣abli ʹañ taʹtiyanaa wa-mim baʻdi maa- jiʹtanaa. Q̣aala ʻasaa Rabbukum ʹañy yuhlika ʻaduwwakum wa-yastakhlifakum fil ʹarḍi fayañz̤̣ura kayfa taʻmaloon.

    ئۇلار: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قېلىشى، (مىسىر) زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇھەققەقتۇر» دېدى.

  44. 7:130

    وَلَقَدْ أَخَذْنَآ ءَالَ فِرْعَوْنَ بِٱلسِّنِينَ وَنَقْصٍ مِّنَ ٱلثَّمَرَٰتِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ

    Wa-laq̣ad ʹakhaẓnaaa ʹaala Firʻawna bis-sineena wa-naq̣ṣim minas̤ s̤amaraati laʻallahum yaẓẓakkaroon.

    ئاللاھقا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق.

  45. 7:131

    فَإِذَا جَآءَتْهُمُ ٱلْحَسَنَةُ قَالُوا۟ لَنَا هَـٰذِهِۦ ۖ وَإِن تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَطَّيَّرُوا۟ بِمُوسَىٰ وَمَن مَّعَهُۥٓ ۗ أَلَآ إِنَّمَا طَـٰٓئِرُهُمْ عِندَ ٱللَّهِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

    Faʹiẓaa jaaaʹathumul ḥasanatu q̣aaloo lanaa ḥaazih: wa-ʹiñ tuṣibhum sayyiʹatuñy yaṭṭayyaroo bi-Moosaa wa-mam maʻah. ʹAlaaa ʹinnamaa ṭaaaʹiruhum ʻiñdal laahi wa-laakinna ʹaks̤arahum laa- yaʻlamoon!

    ئۇلار ئەگەر (پاراۋانلىق ـ مولچىلىقتەك) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى»، دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق (مۇسانىڭ شۇملۇقىدىن ئەمەس) ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى (يەنى ئۇلارغا كەلگەن بالا ـ قازانىڭ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى) ئۇقمايدۇ.

  46. 7:132

    وَقَالُوا۟ مَهْمَا تَأْتِنَا بِهِۦ مِنْ ءَايَةٍ لِّتَسْحَرَنَا بِهَا فَمَا نَحْنُ لَكَ بِمُؤْمِنِينَ

    Wa-q̣aaloo mahmaa taʹtinaa bihee min ʹAayatil litasḥaranaa bihaa famaa naḥnu laka bi-Muʹmineen.

    ئۇلار (يەنى پىرئەۋن قەۋمى): «كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى.

  47. 7:133

    فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ ٱلطُّوفَانَ وَٱلْجَرَادَ وَٱلْقُمَّلَ وَٱلضَّفَادِعَ وَٱلدَّمَ ءَايَـٰتٍ مُّفَصَّلَـٰتٍ فَٱسْتَكْبَرُوا۟ وَكَانُوا۟ قَوْمًا مُّجْرِمِينَ

    Faʹarsalnaa ʻalayhimuṭ Ṭoofaana wal-Jaraada wal-Q̣ummala waḍ-Ḍafaadiʻa wad-Dama ʹaayaatim mufaṣṣalaat. Fastakbaroo wa-kaanoo q̣awmam mujrimeen.

    ئۇلارغا سۇ ئاپىتىنى، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان (بالالىرىنى) روشەن مۆجىزىلەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا) ئۇلارنىڭ گەدەنكەشلىكى يول قويمىدى، ئۇلار گۇناھكار قەۋم بولدى.

  48. 7:134

    وَلَمَّا وَقَعَ عَلَيْهِمُ ٱلرِّجْزُ قَالُوا۟ يَـٰمُوسَى ٱدْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِندَكَ ۖ لَئِن كَشَفْتَ عَنَّا ٱلرِّجْزَ لَنُؤْمِنَنَّ لَكَ وَلَنُرْسِلَنَّ مَعَكَ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ

    Wa-lammaa waq̣aʻa ʻalayhimur rijzu q̣aaloo yaa-Moosad ʻu lanaa Rabbaka bimaa ʻahida ʻiñdaka laʹiñ kashafta ʻannar rijza lanuʹminanna laka wa-lanursilanna maʻaka Baneee ʹIsraaaʹeel.

    ئۇلارغا بالا نازىل بولغاندا، ئۇلار: «ئى مۇسا! پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدى بىلەن (يەنى ساڭا بەرگەن پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى بىلەن بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكە) دۇئا قىلساڭ، ئاللاھقا قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى.

  49. 7:135

    فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ ٱلرِّجْزَ إِلَىٰٓ أَجَلٍ هُم بَـٰلِغُوهُ إِذَا هُمْ يَنكُثُونَ

    Falammaa kashafnaa ʻanhumur rijza ʹilaaa ʹajalin hum̃ baalig̣oohu ʹiẓaa hum yañkus̤oon!

    ئۇلاردىن بالانى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن ئەھدىلىرىنى بۇزدى.

  50. 7:136

    فَٱنتَقَمْنَا مِنْهُمْ فَأَغْرَقْنَـٰهُمْ فِى ٱلْيَمِّ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا وَكَانُوا۟ عَنْهَا غَـٰفِلِينَ

    Fañtaq̣amnaa minhum faʹag̣raq̣naahum fil yammi biʹannahum kaẓẓaboo biʹAayaatinaa wa-kaanoo ʻanhaa g̣aafileen.

    ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق.

  51. 7:137

    وَأَوْرَثْنَا ٱلْقَوْمَ ٱلَّذِينَ كَانُوا۟ يُسْتَضْعَفُونَ مَشَـٰرِقَ ٱلْأَرْضِ وَمَغَـٰرِبَهَا ٱلَّتِى بَـٰرَكْنَا فِيهَا ۖ وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ ٱلْحُسْنَىٰ عَلَىٰ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ بِمَا صَبَرُوا۟ ۖ وَدَمَّرْنَا مَا كَانَ يَصْنَعُ فِرْعَوْنُ وَقَوْمُهُۥ وَمَا كَانُوا۟ يَعْرِشُونَ

    Wa-ʹawras̤nal q̣awmal laẓeena kaanoo yustaḍʻafoona mashaariq̣al ʹarḍi wa-mag̣aari-bahal latee baaraknaa feehaa. Watammat Kalimatu Rabbikal ḥusnaa ʻalaa Baneee ʹIsraaaʹeela bimaa ṣabaroo; wadammarnaa maa- kaana yaṣnaʻu Firʻawnu wa-q̣awmuhoo wa-maa kaanoo yaʻrishoon.

    بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان (شام) زېمىننىڭ شەرق تەرەپلىرىگە ۋە غەرب تەرەپلىرىگە (يەنى ھەممە تەرەپكە) ۋارىس قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغانلىرى (يەنى ئىمارەتلىرى) نى ۋە ياسىغانلىرى (يەنى باغلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلىرى) نى ۋەيران قىلدۇق.

  52. 7:138

    وَجَـٰوَزْنَا بِبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱلْبَحْرَ فَأَتَوْا۟ عَلَىٰ قَوْمٍ يَعْكُفُونَ عَلَىٰٓ أَصْنَامٍ لَّهُمْ ۚ قَالُوا۟ يَـٰمُوسَى ٱجْعَل لَّنَآ إِلَـٰهًا كَمَا لَهُمْ ءَالِهَةٌ ۚ قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ

    Wa-jaawaznaa bi-Baneee ʹIsraaaʹeelal baḥra faʹataw ʻalaa q̣awmiñy yaʻkufoona ʻalaaa ʹaṣnaamil lahum. Q̣aaloo yaa-Moosaj ʻal lanaaa ʹilaahañ kamaa lahum ʹaalihah. Q̣aala ʹinnakum q̣awmuñ tajhaloon.

    ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز (قۇلزۇم) دېڭىزىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى.

  53. 7:139

    إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ مُتَبَّرٌ مَّا هُمْ فِيهِ وَبَـٰطِلٌ مَّا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

    ʹInna haaaʹulaaaʹi mutabbarum maa hum feehi wa-baaṭilum maa kaanoo yaʻmaloon.

    شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باتىل دىنلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر.

  54. 7:140

    قَالَ أَغَيْرَ ٱللَّهِ أَبْغِيكُمْ إِلَـٰهًا وَهُوَ فَضَّلَكُمْ عَلَى ٱلْعَـٰلَمِينَ

    Q̣aala ʹa-g̣ayral laahi ʹabg̣eekum ʹilaahañw Wa-Huwa faḍḍalakum ʻalal ʻaalameen?

    مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟» دېدى.

  55. 7:141

    وَإِذْ أَنجَيْنَـٰكُم مِّنْ ءَالِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوٓءَ ٱلْعَذَابِ ۖ يُقَتِّلُونَ أَبْنَآءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَآءَكُمْ ۚ وَفِى ذَٰلِكُم بَلَآءٌ مِّن رَّبِّكُمْ عَظِيمٌ

    Wa-ʹiẓ ʹañjaynaakum min ʹAali Firʻawna yasoomoonakum soooʹal ʻaẓaabi, yuq̣attiloona ʹabnaaaʹakum wa-yastaḥyoona nisaaaʹakum: wa-fee ẓaalikum balaaaʹum mir Rabbikum ʻaz̤̣eem.

    ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، ئاياللىرىڭلارنى (خورلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى، بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى.

  56. 7:142

    ۞ وَوَٰعَدْنَا مُوسَىٰ ثَلَـٰثِينَ لَيْلَةً وَأَتْمَمْنَـٰهَا بِعَشْرٍ فَتَمَّ مِيقَـٰتُ رَبِّهِۦٓ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ۚ وَقَالَ مُوسَىٰ لِأَخِيهِ هَـٰرُونَ ٱخْلُفْنِى فِى قَوْمِى وَأَصْلِحْ وَلَا تَتَّبِعْ سَبِيلَ ٱلْمُفْسِدِينَ

    Wa-waaʻadnaa Moosaa s̤alaas̤eena laylatañw waʹatmamnaahaa biʻashriñ fatamma meeq̣aatu Rabbiheee ʹarbaʻeena laylah. Wa-q̣aala Moosaa liʹakheehi Haaroonakh lufnee fee q̣awmee wa-ʹaṣliḥ wa-laa tattabiʻ sabeelal mufsideen.

    مۇساغا (بىزگە مۇناجات قىلىشقا) ئوتتۇز كېچىنى ۋەدە قىلدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى 40 كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى.

  57. 7:143

    وَلَمَّا جَآءَ مُوسَىٰ لِمِيقَـٰتِنَا وَكَلَّمَهُۥ رَبُّهُۥ قَالَ رَبِّ أَرِنِىٓ أَنظُرْ إِلَيْكَ ۚ قَالَ لَن تَرَىٰنِى وَلَـٰكِنِ ٱنظُرْ إِلَى ٱلْجَبَلِ فَإِنِ ٱسْتَقَرَّ مَكَانَهُۥ فَسَوْفَ تَرَىٰنِى ۚ فَلَمَّا تَجَلَّىٰ رَبُّهُۥ لِلْجَبَلِ جَعَلَهُۥ دَكًّا وَخَرَّ مُوسَىٰ صَعِقًا ۚ فَلَمَّآ أَفَاقَ قَالَ سُبْحَـٰنَكَ تُبْتُ إِلَيْكَ وَأَنَا۠ أَوَّلُ ٱلْمُؤْمِنِينَ

    Wa-lammaa jaaaʹa Moosaa limeeq̣aatinaa wa-kallamahoo Rabbuhoo q̣aala Rabbi ʹarineee ʹañz̤̣ur ʹilayk. Q̣aala lañ taraanee wa-laakiniñ z̤̣ur ʹilal jabali faʹinis taq̣arra makaanahoo fasawfa taraanee. Falammaa tajallaa Rabbuhoo lil-Jabali jaʻalahoo dakkañw wakharra Moosaa ṣaʻiq̣aa. Falammaaa ʹafaaq̣a q̣aala Subḥaanaka tubtu ʹilayka wa-ʹana ʹawwalul Muʹmineen.

    مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈپ ئالاي» دېدى. ئاللاھ: «مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ). لېكىن تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا تەجەللى قىلىش بىلەن، تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: « (پەرۋەرىگارىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەۋۋىلىمەن» دېدى.

  58. 7:144

    قَالَ يَـٰمُوسَىٰٓ إِنِّى ٱصْطَفَيْتُكَ عَلَى ٱلنَّاسِ بِرِسَـٰلَـٰتِى وَبِكَلَـٰمِى فَخُذْ مَآ ءَاتَيْتُكَ وَكُن مِّنَ ٱلشَّـٰكِرِينَ

    Q̣aala yaa-Moosaaa ʹinniṣ ṭafaytuka ʻalan naasi bi-Risaalaatee wa-bi-Kalaamee fakhuẓ maaa ʹaataytuka wa-kum minash shaakireen.

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم. ساڭا مەن ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن».

  59. 7:145

    وَكَتَبْنَا لَهُۥ فِى ٱلْأَلْوَاحِ مِن كُلِّ شَىْءٍ مَّوْعِظَةً وَتَفْصِيلًا لِّكُلِّ شَىْءٍ فَخُذْهَا بِقُوَّةٍ وَأْمُرْ قَوْمَكَ يَأْخُذُوا۟ بِأَحْسَنِهَا ۚ سَأُو۟رِيكُمْ دَارَ ٱلْفَـٰسِقِينَ

    Wa-katabnaa lahoo fil ʹAlwaaḥi miñ kulli shayʹim mawʻiz̤̣a watafṣeelal likulli shayʹ: fakhuzhaa biq̣uwwatiñw waʹmur q̣awmaka yaʹkhuẓoo biʹaḥsanihaa: saʹureekum, daaral faasiq̣een.

    بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا (ئىسرائىل ئەۋلادى دىنىدا موھتاج بولغان) ۋەز ـ نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن.

  60. 7:146

    سَأَصْرِفُ عَنْ ءَايَـٰتِىَ ٱلَّذِينَ يَتَكَبَّرُونَ فِى ٱلْأَرْضِ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ وَإِن يَرَوْا۟ كُلَّ ءَايَةٍ لَّا يُؤْمِنُوا۟ بِهَا وَإِن يَرَوْا۟ سَبِيلَ ٱلرُّشْدِ لَا يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا وَإِن يَرَوْا۟ سَبِيلَ ٱلْغَىِّ يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا وَكَانُوا۟ عَنْهَا غَـٰفِلِينَ

    Saʹaṣrifu ʻan ʹAayaatiyal laẓeena yatakabbaroona fil ʹarḍi big̣ayril ḥaq̣q̣: wa-ʹiñy yaraw kulla ʹAayatil laa yuʹminoo bihaa; wa-ʹiñy yaraw sabeelar rushdi laa- yattakhiẓoohu Sabeelaa: wa-ʹiñy yaraw sabeelal g̣ayyi yattakhiẓoohu Sabeelaa. Ẓaalika biʹannahum kaẓẓaboo biʹAayaatinaa wa-kaanoo ʻanhaa g̣aafileen.

    يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى ئايەتلىرىمنى چۈشىنىشتىن يىراقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى.

  61. 7:147

    وَٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا وَلِقَآءِ ٱلْـَٔاخِرَةِ حَبِطَتْ أَعْمَـٰلُهُمْ ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

    Wallaẓeena kaẓẓaboo biʹAayaatinaa wa-Liq̣aaaʹil ʹAakhirati ḥabiṭat ʹaʻmaaluhum. Hal yujzawna ʹillaa maa- kaanoo yaʻmaloon?

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى (ئىمانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارغا پەقەت قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ.

  62. 7:148

    وَٱتَّخَذَ قَوْمُ مُوسَىٰ مِنۢ بَعْدِهِۦ مِنْ حُلِيِّهِمْ عِجْلًا جَسَدًا لَّهُۥ خُوَارٌ ۚ أَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّهُۥ لَا يُكَلِّمُهُمْ وَلَا يَهْدِيهِمْ سَبِيلًا ۘ ٱتَّخَذُوهُ وَكَانُوا۟ ظَـٰلِمِينَ

    Wattakhaẓa q̣awmu Moosaa mim baʻdihee min ḥuliyyihim ʻijlañ jasadal lahoo khuwaar. ʹAlam yaraw ʹannahoo laa- yukallimuhum wa-laa yahdeehim Sabeelaa? ʹItta-Khaẓoohu wa-kaanoo z̤̣aalimeen.

    مۇسانىڭ قەۋمى مۇسادىن كېيىن (يەنى مۇسا پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەندىن كېيىن)، زىننەت بۇيۇملىرىدىن موزايدەك ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر جانسىز موزاي ياسىدى. ئۇلار موزاينىڭ ئۆزلىرىگە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋالدى، ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچى بولدى.

  63. 7:149

    وَلَمَّا سُقِطَ فِىٓ أَيْدِيهِمْ وَرَأَوْا۟ أَنَّهُمْ قَدْ ضَلُّوا۟ قَالُوا۟ لَئِن لَّمْ يَرْحَمْنَا رَبُّنَا وَيَغْفِرْ لَنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلْخَـٰسِرِينَ

    Wa-lammaa suq̣iṭa feee ʹaydeehim wa-ra ʹawʹannahum q̣ad ḍalloo q̣aaloo laʹil lam yarḥamnaa Rabbunaa wa-yag̣fir lanaa lanakoonanna minal khaasireen.

    ئۇلار (موزايغا چوقۇنغانلىقلىرىغا) پۇشايمان قىلغان ۋە راست ئازغانلىقلىرىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى.

  64. 7:150

    وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰٓ إِلَىٰ قَوْمِهِۦ غَضْبَـٰنَ أَسِفًا قَالَ بِئْسَمَا خَلَفْتُمُونِى مِنۢ بَعْدِىٓ ۖ أَعَجِلْتُمْ أَمْرَ رَبِّكُمْ ۖ وَأَلْقَى ٱلْأَلْوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأْسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُۥٓ إِلَيْهِ ۚ قَالَ ٱبْنَ أُمَّ إِنَّ ٱلْقَوْمَ ٱسْتَضْعَفُونِى وَكَادُوا۟ يَقْتُلُونَنِى فَلَا تُشْمِتْ بِىَ ٱلْأَعْدَآءَ وَلَا تَجْعَلْنِى مَعَ ٱلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ

    Wa-lammaa rajaʻa Moosaaa ʹilaa q̣awmihee g̣aḍbaana ʹasifañ q̣aala biʹsamaa khalaftumoonee mim baʻdee. ʹA-ʻajiltum ʹamra rabbikum? Wa-ʹalq̣al ʹAlwaaḥa wa-ʹakhaẓa biraʹsi akheehi yajurruhooo ʹilayh. Q̣aalab na umma ʹinnal q̣awmas taḍʻafoonee wa-kaadoo yaq̣tuloonanee. Falaa tushmit biyal ʹaʻdaaaʹa wa-laa tajʻalnee maʻal q̣awmiz̤̣ z̤̣aalimeen.

    مۇسا غەزەپلەنگەن، ئېچىنغان ھالدا قەۋمىگە قايتىپ كېلىپ: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار ـ ھە! (كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەر ئالدىدا كۈلكىگە قويمىغىن. مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن».

  65. 7:151

    قَالَ رَبِّ ٱغْفِرْ لِى وَلِأَخِى وَأَدْخِلْنَا فِى رَحْمَتِكَ ۖ وَأَنتَ أَرْحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ

    Q̣aala Rabbig̣ fir lee wa-liʹakhee wa-ʹadkhilnaa fee Raḥmatika wa-ʹAñta ʹArḥamur raaḥimeen!

    مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن».

  66. 7:152

    إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُوا۟ ٱلْعِجْلَ سَيَنَالُهُمْ غَضَبٌ مِّن رَّبِّهِمْ وَذِلَّةٌ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُفْتَرِينَ

    ʹInnal laẓeenat takhaẓul ʻijlasa yanaaluhum g̣aḍabum mir Rabbihim waẓillatuñ fil ḥayaatid dunyaa: wa-kaẓaalika najzil muftareen.

    شۈبھىسىزكى، موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، (ئاللاھقا) بوھتان قىلغۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز.

  67. 7:153

    وَٱلَّذِينَ عَمِلُوا۟ ٱلسَّيِّـَٔاتِ ثُمَّ تَابُوا۟ مِنۢ بَعْدِهَا وَءَامَنُوٓا۟ إِنَّ رَبَّكَ مِنۢ بَعْدِهَا لَغَفُورٌ رَّحِيمٌ

    Wallaẓeena ʻamilus sayyiʹaati s̤umma taaboo mim baʻdihaa wa-ʹaamanooo ʹinna Rabbaka mim baʻdihaa la-G̣afoorur Raḥeem.

    يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىمانىدا سەمىمىي بولغانلارنى تەۋبىسىدىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ، (ئۇلارغا) رەھىم قىلىدۇ.

  68. 7:154

    وَلَمَّا سَكَتَ عَن مُّوسَى ٱلْغَضَبُ أَخَذَ ٱلْأَلْوَاحَ ۖ وَفِى نُسْخَتِهَا هُدًى وَرَحْمَةٌ لِّلَّذِينَ هُمْ لِرَبِّهِمْ يَرْهَبُونَ

    Wa-lammaa sakata ʻam Moosal g̣aḍabu ʹakhaẓal ʹAlwaaḥa wa-fee nuskhatihaa Hudañw Wa-Raḥmatul lil-laẓeena hum li-Rabbihim yarhaboon.

    مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردە ياتقان تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا ‹پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ› دەپ يېزىلغان ئىدى.

  69. 7:155

    وَٱخْتَارَ مُوسَىٰ قَوْمَهُۥ سَبْعِينَ رَجُلًا لِّمِيقَـٰتِنَا ۖ فَلَمَّآ أَخَذَتْهُمُ ٱلرَّجْفَةُ قَالَ رَبِّ لَوْ شِئْتَ أَهْلَكْتَهُم مِّن قَبْلُ وَإِيَّـٰىَ ۖ أَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ ٱلسُّفَهَآءُ مِنَّآ ۖ إِنْ هِىَ إِلَّا فِتْنَتُكَ تُضِلُّ بِهَا مَن تَشَآءُ وَتَهْدِى مَن تَشَآءُ ۖ أَنتَ وَلِيُّنَا فَٱغْفِرْ لَنَا وَٱرْحَمْنَا ۖ وَأَنتَ خَيْرُ ٱلْغَـٰفِرِينَ

    Wakhtaara Moosaa q̣awmahoo sabʻeena rajulal li-Meeq̣aatinaa: falammaaa ʹakhaẓathumur rajfatu q̣aala Rabbi law shiʹta ʹahlaktahum miñ q̣ablu wa-ʹiyyaay. ʹA-tuhlikunaa bimaa faʻalas sufahaaaʹu minnaa? ʹIn hiya ʹillaa fitnatuk. Tuḍillu bihaa mañ tashaaaʹu wa-tahdee mañ tashaaaʹ. ʹAñta Waliyyunaa fag̣fir lanaa warḥamnaa wa-ʹAñta Khayrul g̣aafireen.

    مۇسا، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىدىن 70 كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلارغا زىلزىلە يۈزلەنگەندە، مۇسا: «پەرۋەردىگارىم! خالىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر، شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى ئازدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن.

  70. 7:156

    ۞ وَٱكْتُبْ لَنَا فِى هَـٰذِهِ ٱلدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِى ٱلْـَٔاخِرَةِ إِنَّا هُدْنَآ إِلَيْكَ ۚ قَالَ عَذَابِىٓ أُصِيبُ بِهِۦ مَنْ أَشَآءُ ۖ وَرَحْمَتِى وَسِعَتْ كُلَّ شَىْءٍ ۚ فَسَأَكْتُبُهَا لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ وَيُؤْتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلَّذِينَ هُم بِـَٔايَـٰتِنَا يُؤْمِنُونَ

    Waktub lanaa fee haaẓihid dunyaa ḥasanatañw wafil ʹAakhirati ʹinnaa hudnaaa ʹilayk. Q̣aala ʻaẓaabeee ʹuṣeebu bihee man ʹashaaaʹ. Wa-Raḥmatee wasiʻat kulla shayʹ. Fasaʹaktubuhaa lil-laẓeena yattaq̣oona wa-yuʹtoonaz Zakaata wal-laẓeena hum̃ biʹAayaatinaa yuʹminoon;―

    بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئازابىم بىلەن (بەندىلىرىمدىن) خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، (ماللىرىنىڭ) زاكىتىنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن».

  71. 7:157

    ٱلَّذِينَ يَتَّبِعُونَ ٱلرَّسُولَ ٱلنَّبِىَّ ٱلْأُمِّىَّ ٱلَّذِى يَجِدُونَهُۥ مَكْتُوبًا عِندَهُمْ فِى ٱلتَّوْرَىٰةِ وَٱلْإِنجِيلِ يَأْمُرُهُم بِٱلْمَعْرُوفِ وَيَنْهَىٰهُمْ عَنِ ٱلْمُنكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ ٱلطَّيِّبَـٰتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ ٱلْخَبَـٰٓئِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَٱلْأَغْلَـٰلَ ٱلَّتِى كَانَتْ عَلَيْهِمْ ۚ فَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِهِۦ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَٱتَّبَعُوا۟ ٱلنُّورَ ٱلَّذِىٓ أُنزِلَ مَعَهُۥٓ ۙ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ

    ʹAllaẓeena yattabiʻoonar Rasoolan Nabiyyal ʹUmmiyyal laẓee yajidoonahoo maktooban ʻiñdahum fit Tawraati wal-ʹIñjeel. Yaʹmuruhum̃ bilmaʻroofi wa-yanhaahum ʻanil muñkari wa-yuḥillu lahumuṭ ṭayyibaati wa-yuḥarrimu ʻalayhimul khabaaaʹis̤a wa-yaḍaʻu ʻanhum ʹiṣrahum wal-ʹag̣laalal latee kanat ʻalayhim. Fallaẓeena ʹaamanoo bihee wa-ʻazzaroohu wa-naṣaroohu wattabaʻun Nooral laẓeee ʹuñzila maʻahooo ʹulaaaʹika humul Mufliḥoon.

    ئۇلار ئەلچىگە ـ ئۇممىي پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.

  72. 7:158

    قُلْ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنِّى رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيْكُمْ جَمِيعًا ٱلَّذِى لَهُۥ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْىِۦ وَيُمِيتُ ۖ فَـَٔامِنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِ ٱلنَّبِىِّ ٱلْأُمِّىِّ ٱلَّذِى يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ وَكَلِمَـٰتِهِۦ وَٱتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ

    Q̣ul yaaaʹayyuhan naasu ʹinnee Rasoolul laahi ʹilaykum jameeʻanil laẓee lahoo mulkus samaawaati wal-ʹarḍ. Laaa ʹillaa ʹilaaha Huwa yuḥyee wa-yumeet. Faʹaaminoo billaahi wa-Rasoolihin Nabiyyil ʹUmmiyyil laẓee yuʹminu billaahi wa-Kalimaatihee wattabiʻoohu laʻallakum tahtadoon.

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھقا، ئۇنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۇممىي پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار».

  73. 7:159

    وَمِن قَوْمِ مُوسَىٰٓ أُمَّةٌ يَهْدُونَ بِٱلْحَقِّ وَبِهِۦ يَعْدِلُونَ

    Wa-miñ q̣awmi Moosaaa ʹummatuñy yahdoona bilḥaq̣q̣i wa-bihee yaʻdiloon.

    مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ) ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار.

  74. 7:160

    وَقَطَّعْنَـٰهُمُ ٱثْنَتَىْ عَشْرَةَ أَسْبَاطًا أُمَمًا ۚ وَأَوْحَيْنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ إِذِ ٱسْتَسْقَىٰهُ قَوْمُهُۥٓ أَنِ ٱضْرِب بِّعَصَاكَ ٱلْحَجَرَ ۖ فَٱنۢبَجَسَتْ مِنْهُ ٱثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَّشْرَبَهُمْ ۚ وَظَلَّلْنَا عَلَيْهِمُ ٱلْغَمَـٰمَ وَأَنزَلْنَا عَلَيْهِمُ ٱلْمَنَّ وَٱلسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا۟ مِن طَيِّبَـٰتِ مَا رَزَقْنَـٰكُمْ ۚ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَـٰكِن كَانُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ

    Wa-q̣aṭṭaʻnaahumus̤ natay ʹasbaaṭan ʻashrata ʹumamaa. Wa-ʹawḥaynaaa ʹilaa Moosaaa ʹiẓis tasq̣aahu q̣awmuhooo ʹaniḍ rib biʻaṣaakal ḥajar. Fambajasat minhus̤ nataa ʻashrata ʻaynaa q̣ad ʻalima kullu ʹunaasim mashrabahum. Waz̤̣allalnaa ʻalayhimul g̣amaama wa-ʹañzalnaa ʻalayhimul Manna was-Salwaa: kuloo miñ ṭayyibaati maa- razaq̣naakum. Wa-maa z̤̣alamoonaa wa-laakiñ kaanooo ʹañfusahum yaz̤̣limoon.

    ۇلار (بەنى ئىسرائىل) نى 12 تارماققا (يەنى قەبىلىگە) جامائەلەر قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن (قەبىلىلەرنىڭ سانى بويىچە) 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار». (ئۇلار بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە زىيان سالغىنى يوق، (ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم سالدى.

  75. 7:161

    وَإِذْ قِيلَ لَهُمُ ٱسْكُنُوا۟ هَـٰذِهِ ٱلْقَرْيَةَ وَكُلُوا۟ مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ وَقُولُوا۟ حِطَّةٌ وَٱدْخُلُوا۟ ٱلْبَابَ سُجَّدًا نَّغْفِرْ لَكُمْ خَطِيٓـَٔـٰتِكُمْ ۚ سَنَزِيدُ ٱلْمُحْسِنِينَ

    Wa-ʹiẓ q̣eela lahumus kunoo haaẓihil q̣aryata wa-kuloo minhaa ḥays̤u shiʹtum wa-q̣ooloo Ḥiṭṭatuñw wadkhulul baaba sujjadan nag̣fir lakum khaṭeeeʹaatikum: sanazeedul Muḥsineen.

    ئۆز ۋاقتىدا (بىز ئۇلارغا) (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دە تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دەڭلار، جىمى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) زىيادە بېرىمىز» دېدۇق.

  76. 7:162

    فَبَدَّلَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مِنْهُمْ قَوْلًا غَيْرَ ٱلَّذِى قِيلَ لَهُمْ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِجْزًا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُوا۟ يَظْلِمُونَ

    Fabaddalal laẓeena z̤̣alamoo minhum q̣awlan g̣ayral laẓee q̣eela lahum faʹarsalnaa ʻalayhim rijzam minas samaaaʹi bimaa kaanoo yaz̤̣limoon.

    ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۇلارغا ئېيتىلغان سۆز (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق.

  77. 7:163

    وَسْـَٔلْهُمْ عَنِ ٱلْقَرْيَةِ ٱلَّتِى كَانَتْ حَاضِرَةَ ٱلْبَحْرِ إِذْ يَعْدُونَ فِى ٱلسَّبْتِ إِذْ تَأْتِيهِمْ حِيتَانُهُمْ يَوْمَ سَبْتِهِمْ شُرَّعًا وَيَوْمَ لَا يَسْبِتُونَ ۙ لَا تَأْتِيهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَبْلُوهُم بِمَا كَانُوا۟ يَفْسُقُونَ

    Wasʹalhum ʻanil q̣aryatil latee kaanat ḥaaḍiratal baḥr. ʹIẓ yaʻdoona fis Sabti ʹiẓ taʹteehim ḥeetaanuhum yawma Sabtihim shurraʻañw wayawma laa- yasbitoona laa- taʹteehim. Kaẓaalika nabloohum̃ bimaa kaanoo yafsuq̣oon.

    ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن دېڭىز (يەنى قۇلزۇم دېڭىزى) بويىدىكى (ئەيلە) شەھىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. (ئۇنىڭ ئاھالىسى بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن كۈن) شەنبىدە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقاتتى. چۈنكى شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. شەنبىدىن باشقا كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى. پاسىق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز.

  78. 7:164

    وَإِذْ قَالَتْ أُمَّةٌ مِّنْهُمْ لِمَ تَعِظُونَ قَوْمًا ۙ ٱللَّهُ مُهْلِكُهُمْ أَوْ مُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا ۖ قَالُوا۟ مَعْذِرَةً إِلَىٰ رَبِّكُمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ

    wa-ʹiẓ q̣aalat ʹummatum minhum lima taʻiz̤̣oona q̣aw-manil laahu muhlikuhum ʹaw muʻaẓẓibuhum ʻazaabañ shadeedaa? Q̣aaloo maʻẓiratan ʹilaa Rabbikum wa-laʻallahum yattaq̣oon.

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جامائە: «ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېدى. ئۇلار (يەنى ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىلار): «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئالدىدا (گۇناھقا سۈكۈت قىلىپ تۇردۇق دەپ) ئۆزرە ئېيتماسلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇپ (گۇناھتىن چەكلىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق)» دېدى.

  79. 7:165

    فَلَمَّا نَسُوا۟ مَا ذُكِّرُوا۟ بِهِۦٓ أَنجَيْنَا ٱلَّذِينَ يَنْهَوْنَ عَنِ ٱلسُّوٓءِ وَأَخَذْنَا ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ بِعَذَابٍۭ بَـِٔيسٍۭ بِمَا كَانُوا۟ يَفْسُقُونَ

    Falammaa nasoo maa- ẓukkiroo biheee ʹañjaynal laẓeena yanhawna ʻanis soooʹi wa-ʹakhaẓnal laẓeena z̤̣alamoo biʻaẓaabim baʹeesim bimaa kaanoo yafsuq̣oon.

    ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن مەنئى قىلغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق.

  80. 7:166

    فَلَمَّا عَتَوْا۟ عَن مَّا نُهُوا۟ عَنْهُ قُلْنَا لَهُمْ كُونُوا۟ قِرَدَةً خَـٰسِـِٔينَ

    Falammaa ʻataw ʻam maa nuhoo ʻanhu q̣ulnaa lahum koonoo q̣iradatan khaasiʹeen.

    ئۇلار نەھيى قىلىنغان نەرسىنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق.

  81. 7:167

    وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكَ لَيَبْعَثَنَّ عَلَيْهِمْ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ مَن يَسُومُهُمْ سُوٓءَ ٱلْعَذَابِ ۗ إِنَّ رَبَّكَ لَسَرِيعُ ٱلْعِقَابِ ۖ وَإِنَّهُۥ لَغَفُورٌ رَّحِيمٌ

    Wa-ʹiẓ taʹaẓẓana Rabbuka layabʻas̤anna ʻalayhim ʹilaa yawmil Q̣iyaamati mañy yasoomuhum soooʹal ʻaẓaab. ʹInna rabbaka la-Sareeʻul ʻiq̣aabi wa-ʹinnahoo la-G̣afoorur Raḥeem.

    (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا (يەنى يەھۇدىيلارغا) قىيامەتكىچە چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.

  82. 7:168

    وَقَطَّعْنَـٰهُمْ فِى ٱلْأَرْضِ أُمَمًا ۖ مِّنْهُمُ ٱلصَّـٰلِحُونَ وَمِنْهُمْ دُونَ ذَٰلِكَ ۖ وَبَلَوْنَـٰهُم بِٱلْحَسَنَـٰتِ وَٱلسَّيِّـَٔاتِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ

    Wa-q̣aṭṭaʻnaahum fil ʹarḍi ʹumamaa. Min-humuṣ ṣaaliḥoona wa-minhum doona ẓaalik. Wa-balawnaahum̃ bil-ḥasanaati was-sayyiʹaati laʻallahum yarjiʻoon.

    ئۇلارنى (يەنى يەھۇدىيلارنى) يەر يۈزىدە تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ بار، ياخشىلىرىدىن تۆۋەنلىرىمۇ بار، ئۇلارنىڭ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) قايتىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قاتتىقچىلىق ۋە كەڭچىلىك بىلەن سىنىدۇق.

  83. 7:169

    فَخَلَفَ مِنۢ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ وَرِثُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ يَأْخُذُونَ عَرَضَ هَـٰذَا ٱلْأَدْنَىٰ وَيَقُولُونَ سَيُغْفَرُ لَنَا وَإِن يَأْتِهِمْ عَرَضٌ مِّثْلُهُۥ يَأْخُذُوهُ ۚ أَلَمْ يُؤْخَذْ عَلَيْهِم مِّيثَـٰقُ ٱلْكِتَـٰبِ أَن لَّا يَقُولُوا۟ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلْحَقَّ وَدَرَسُوا۟ مَا فِيهِ ۗ وَٱلدَّارُ ٱلْـَٔاخِرَةُ خَيْرٌ لِّلَّذِينَ يَتَّقُونَ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ

    Fakhalafa mim baʻdihim khalfuñw waris̤ul Kitaaba yaʹkhuẓoona ʻaraḍa haaẓal ʹadnaa wa-yaq̣ooloona sayug̣faru lanaa. Wa-ʹiñy yaʹtihim ʻaraḍum mis̤luhoo yaʹkhuẓooh. ʹAlam Yuʹkhaẓ ʻalayhim Mees̤aaq̣ul Kitaabi ʹal laa yaq̣ooloo ʻalal laahi ʹillal ḥaq̣q̣a wadarasoo maa- feeh? Wad-Daarul ʹAakhiratu khayrul lil-laẓeena yattaq̣oon. ʹAfalaa taʻq̣iloon?

    ئۇلاردىن كېيىن، (يامان) ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل ـ مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي، قارىقويۇق) ئالىدۇ، ۋە بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، دەيدۇ. شۇنداق پۇل ـ مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) ئاللاھقا (يالغان چاپلىماي) پەقەت ھەقنىلا ئېيتىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىن ۋەدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇغان ئىدى، ھارامنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھتىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟

  84. 7:170

    وَٱلَّذِينَ يُمَسِّكُونَ بِٱلْكِتَـٰبِ وَأَقَامُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجْرَ ٱلْمُصْلِحِينَ

    Wallaẓeena yumassikoona bil-Kitaabi wa-ʹaq̣aamuṣ Ṣalaata ʹinnaa laa- nuḍeeʻu ʹajral Muṣliḥeen.

    كىتابنى مەھكەم تۇتىدىغانلار، ناماز ئوقۇيدىغانلار (ساۋابقا ئېرىشىدۇ)، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن زايا قىلىۋەتمەيمىز.

  85. 7:171

    ۞ وَإِذْ نَتَقْنَا ٱلْجَبَلَ فَوْقَهُمْ كَأَنَّهُۥ ظُلَّةٌ وَظَنُّوٓا۟ أَنَّهُۥ وَاقِعٌۢ بِهِمْ خُذُوا۟ مَآ ءَاتَيْنَـٰكُم بِقُوَّةٍ وَٱذْكُرُوا۟ مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ

    Wa-ʹiẓ nataq̣nal Jabala fawq̣ahum kaʹannahoo z̤̣ullatuñw waz̤̣annooo ʹannahoo waaq̣iʻum bihim: khuẓoo maaa ʹaataynaakum̃ biq̣uwwatiñw waẓkuroo maa- feehi laʻallakum tattaq̣oon.

    ئۆز ۋاقتىدا (تۇر) تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق، ئۇلار تاغنى ئۈستىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «تەقۋادارلار قاتارىدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار».

  86. 7:172

    وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِنۢ بَنِىٓ ءَادَمَ مِن ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمْ أَلَسْتُ بِرَبِّكُمْ ۖ قَالُوا۟ بَلَىٰ ۛ شَهِدْنَآ ۛ أَن تَقُولُوا۟ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَـٰذَا غَـٰفِلِينَ

    Wa-ʹiẓ akhaẓa Rabbuka mim Baneee ʹaadama miñ z̤̣uhoorihim ẓurriyyatahum wa-ʹashhadahum ʻalaaa ʹañfusihim: ʹAlastu bi-Rabbikum? Q̣aaloo Balaa shahidnaa! ʹAñ taq̣ooloo Yawmal Q̣iyaamati ʹinnaa kunnaa ʻan haaẓaa g̣aafileen:

    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر[172ـ173].

  87. 7:173

    أَوْ تَقُولُوٓا۟ إِنَّمَآ أَشْرَكَ ءَابَآؤُنَا مِن قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِّنۢ بَعْدِهِمْ ۖ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ ٱلْمُبْطِلُونَ

    ʹAw taq̣oolooo ʹinnamaaa ʹashraka ʹaabaaaʹunaa miñ q̣ablu wa-kunnaa ẓurriyyatam mim baʻdihim: ʹa-fa-tuhlikunaa bimaa faʻalal mubṭiloon.

    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر[172ـ173].

  88. 7:174

    وَكَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلْـَٔايَـٰتِ وَلَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ

    Wa-kaẓaalika nufaṣṣilul ʹAayaati wa-laʻallahum yarjiʻoon.

    ئۇلارنىڭ (گۇمراھلىقتىن، ئاتا ـ بوۋىلىرىغا ئەگىشىشتىن) قايتىشلىرى ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.

  89. 7:175

    وَٱتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ ٱلَّذِىٓ ءَاتَيْنَـٰهُ ءَايَـٰتِنَا فَٱنسَلَخَ مِنْهَا فَأَتْبَعَهُ ٱلشَّيْطَـٰنُ فَكَانَ مِنَ ٱلْغَاوِينَ

    Watlu ʻalayhim naba ʹallaẓeee ʹaataynaahu ʹaayaatinaa fañsalakha minhaa faʹatba ʻahush-Shayṭaanu fakaana minal g̣aaween.

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىنكى، ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق (يەنى كىتابۇللاھنىڭ بەزى ئىلىملىرىنى ئۆگەتتۇق). ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتتى، ئۇنىڭغا شەيتان ئاپىرىدە بولۇشى بىلەنلا گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى.

  90. 7:176

    وَلَوْ شِئْنَا لَرَفَعْنَـٰهُ بِهَا وَلَـٰكِنَّهُۥٓ أَخْلَدَ إِلَى ٱلْأَرْضِ وَٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ ۚ فَمَثَلُهُۥ كَمَثَلِ ٱلْكَلْبِ إِن تَحْمِلْ عَلَيْهِ يَلْهَثْ أَوْ تَتْرُكْهُ يَلْهَث ۚ ذَّٰلِكَ مَثَلُ ٱلْقَوْمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا ۚ فَٱقْصُصِ ٱلْقَصَصَ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ

    Wa-law shiʹnaa larafaʻnaahu bihaa walaakinnahooo ʹakhlada ʹilal ʹarḍi wattabaʻa hawaah. Famas̤aluhoo kamas̤alil kalb: ʹiñ taḥmil ʻalayhi yalhas̤ ʹaw tatrukhu yalhas̤. Ẓaalika mas̤alul q̣awmil laẓeena kaẓẓaboo biʹAayaatinaa. Faq̣ṣuṣil q̣aṣaṣa laʻallahum yatafakkaroon.

    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇنى (تەقۋادار ئۆلىمالار دەرىجىسىگە) كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى - خاھىشىغا بويسۇندى. ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، قوغلىۋەتمىسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر، ئويلاپ بېقىشلىرى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى (قەۋمىڭگە) سۆزلەپ بەرگىن.

  91. 7:177

    سَآءَ مَثَلًا ٱلْقَوْمُ ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا وَأَنفُسَهُمْ كَانُوا۟ يَظْلِمُونَ

    Saaaʹa mas̤alanil q̣awmul laẓeena kaẓẓaboo biʹAayaatinaa wa-ʹañfusahum kaanoo yaz̤̣limoon.

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىگە زىيان سالغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان!

  92. 7:178

    مَن يَهْدِ ٱللَّهُ فَهُوَ ٱلْمُهْتَدِى ۖ وَمَن يُضْلِلْ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ

    Mañy yahdil laahu fahuwal muhtadee: wa-mañy yuḍlil faʹulaaaʹika humul khaasiroon.

    ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر.

  93. 7:179

    وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِّنَ ٱلْجِنِّ وَٱلْإِنسِ ۖ لَهُمْ قُلُوبٌ لَّا يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لَّا يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ ءَاذَانٌ لَّا يَسْمَعُونَ بِهَآ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ كَٱلْأَنْعَـٰمِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْغَـٰفِلُونَ

    Wa-laq̣ad ẓaraʹnaa lijahannama kas̤eeram minal jinni wal-ʹiñs: lahum q̣uloobul laa yafq̣ahoona bihaa, wa-lahum ʹaʻyunul laa yubṣiroona bihaa, wa-lahum ʹaaẓaanul laa yasmaʻoona bihaa. ʹUlaaaʹika kal-ʹanʻaami bal hum ʹaḍall: ʹulaaaʹika humul g̣aafiloon.

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق. ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر.

  94. 7:180

    وَلِلَّهِ ٱلْأَسْمَآءُ ٱلْحُسْنَىٰ فَٱدْعُوهُ بِهَا ۖ وَذَرُوا۟ ٱلَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِىٓ أَسْمَـٰٓئِهِۦ ۚ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

    Wa-lillaahil ʹAsmaaaʹul Ḥusnaa fadʻoohu bihaa. Waẓarul laẓeena yulḥidoona feee ʹAsmaaaʹih: sayujzawna maa- kaanoo yaʻmaloon.

    ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە ـ كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.

  95. 7:181

    وَمِمَّنْ خَلَقْنَآ أُمَّةٌ يَهْدُونَ بِٱلْحَقِّ وَبِهِۦ يَعْدِلُونَ

    Wa-mimman khalaq̣naaa ʹummatuñy yahdoona bilḥaq̣q̣i wa-bihee yaʻdiloon.

    بىز ياراتقان ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ھەقتە چىڭ تۇرىدىغان بىر ئۈممەت بار.

  96. 7:182

    وَٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا سَنَسْتَدْرِجُهُم مِّنْ حَيْثُ لَا يَعْلَمُونَ

    Wallaẓeena kaẓẓaboo biʹAayaatinaa sanastadrijuhum min ḥays̤u laa- yaʻlamoon.

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىمىز.

  97. 7:183

    وَأُمْلِى لَهُمْ ۚ إِنَّ كَيْدِى مَتِينٌ

    Wa-ʹumlee lahum: ʹinna kaydee mateen.

    ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.

  98. 7:184

    أَوَلَمْ يَتَفَكَّرُوا۟ ۗ مَا بِصَاحِبِهِم مِّن جِنَّةٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا نَذِيرٌ مُّبِينٌ

    ʹAwalam yatafakkaroo, Maa- bi-Ṣaaḥibihim miñ jinnah; ʹin huwa ʹillaa naẓeerum mubeen.

    ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.

  99. 7:185

    أَوَلَمْ يَنظُرُوا۟ فِى مَلَكُوتِ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا خَلَقَ ٱللَّهُ مِن شَىْءٍ وَأَنْ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ قَدِ ٱقْتَرَبَ أَجَلُهُمْ ۖ فَبِأَىِّ حَدِيثٍۭ بَعْدَهُۥ يُؤْمِنُونَ

    ʹAwalam yañz̤̣uroo fee Malakootis samaawaati wal-ʹarḍi wa-maa khalaq̣al laahu miñ shayʹiñw waʹan ʻasaaa ʹañy yakoona q̣adiq̣ taraba ʹajaluhum? fabiʹayyi Ḥadees̤im baʻdahoo yuʹminoon?

    ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ سەلتەنىتى ئۈستىدە، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار (كالامۇللاھ ئىكەنلىكى شۇنچە روشەن بولغان) قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟

  100. 7:186

    مَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَلَا هَادِىَ لَهُۥ ۚ وَيَذَرُهُمْ فِى طُغْيَـٰنِهِمْ يَعْمَهُونَ

    Mañy yuḍlilil laahu falaa haadiya lah: wa-yaẓaruhum fee ṭug̣yaanihim yaʻmahoon.

    ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرىدۇ.

  101. 7:187

    يَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلسَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَىٰهَا ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِندَ رَبِّى ۖ لَا يُجَلِّيهَا لِوَقْتِهَآ إِلَّا هُوَ ۚ ثَقُلَتْ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ لَا تَأْتِيكُمْ إِلَّا بَغْتَةً ۗ يَسْـَٔلُونَكَ كَأَنَّكَ حَفِىٌّ عَنْهَا ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِندَ ٱللَّهِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ

    Yasʹaloonaka ʻanis Saaʻati ʹayyaana mursaahaa? Q̣ul ʹinnamaa ʻilmuhaa ʻiñda Rabbee. Laa- yujalleehaa liwaq̣tihaaa ʹillaa Hoo. S̤aq̣ulat fis samaawaati wal-ʹarḍ. Laa- taʹteekum ʹillaa bag̣tah. Yasʹaloonaka kaʹannaka ḥafiyyun ʻanhaa. Q̣ul ʹinnamaa ʻilmuhaa ʻiñdal laahi wa-laakinna ʹaks̤aran naasi laa- yaʻlamoon.

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم (ئاللاھ) بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ». گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ مەخپىي بولۇشىدىكى سەۋەبنى) بىلمەيدۇ.

  102. 7:188

    قُل لَّآ أَمْلِكُ لِنَفْسِى نَفْعًا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُ ۚ وَلَوْ كُنتُ أَعْلَمُ ٱلْغَيْبَ لَٱسْتَكْثَرْتُ مِنَ ٱلْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِىَ ٱلسُّوٓءُ ۚ إِنْ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ

    Q̣ul laaa ʹamliku linafsee nafʻañw walaa ḍarran ʹillaa maa- shaaaʹal laah. Wa-law kuñtu ʹaʻlamul g̣ayba lastaks̤artu minal khayri wa-maa massaniyas soooʹ. ʹIn ʹana ʹillaa naẓeeruñw wabasheerul liq̣awmiñy yuʹminoon.

    ئاللاھ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى توسۇپ قېلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. (قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟) ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام، نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان ـ زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن، شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى ـ يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ). مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇشخەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن».

  103. 7:189

    ۞ هُوَ ٱلَّذِى خَلَقَكُم مِّن نَّفْسٍ وَٰحِدَةٍ وَجَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا لِيَسْكُنَ إِلَيْهَا ۖ فَلَمَّا تَغَشَّىٰهَا حَمَلَتْ حَمْلًا خَفِيفًا فَمَرَّتْ بِهِۦ ۖ فَلَمَّآ أَثْقَلَت دَّعَوَا ٱللَّهَ رَبَّهُمَا لَئِنْ ءَاتَيْتَنَا صَـٰلِحًا لَّنَكُونَنَّ مِنَ ٱلشَّـٰكِرِينَ

    Huwal laẓee khalaq̣akum min nafsiñw waaḥidatiñw wajaʻala minhaa zawjahaa liyaskuna ʹilayhaa. Falammaa tag̣ashshaahaa ḥamalat ḥamlan khafeefañ famarrat bih. Falammaaa ʹas̤q̣alad daʻawal laaha Rabbahumaa laʹin ʹaataytanaa ṣaaliḥal lanakoonanna minash Shaakireen.

    ئۇ سىلەرنى بىر جاندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، (ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۇنسى ـ ئۈلپەت ئېلىشى ئۈچۈن، خوتۇنىنى (يەنى ھەۋۋانى) ئۇنىڭ ئۆز جىنسىدىن ياراتتى، خوتۇنى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، خوتۇنى يېنىككىنە قورساق كۆتۈرۈپ ئېغىر بوي يۈردى، ئۇ (بالىنىڭ قورساقتا ئۆسۈپ چوڭىيىشى بىلەن) ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، (ئەر ـ خوتۇن) ئىككىيلەن پەرۋەردىگارى ئاللاھقا: «ئەگەر بىزگە (ئەزالىرى) بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، نېمىتىڭگە ئەلۋەتتە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ دۇئا قىلدى.

  104. 7:190

    فَلَمَّآ ءَاتَىٰهُمَا صَـٰلِحًا جَعَلَا لَهُۥ شُرَكَآءَ فِيمَآ ءَاتَىٰهُمَا ۚ فَتَعَـٰلَى ٱللَّهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ

    Falammaaa ʹaataahumaa ṣaaliḥañ jaʻalaa lahoo shurakaaaʹa feemaaa ʹaataahumaa. Fataʻaalal laahu ʻammaa yushrikoon.

    ئاللاھ ئۇلارغا بېجىرىم ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ (بۇتلارغا چوقۇندى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىدىن پاكتۇر.

  105. 7:191

    أَيُشْرِكُونَ مَا لَا يَخْلُقُ شَيْـًٔا وَهُمْ يُخْلَقُونَ

    ʹA-yushrikoona Maa laa- yakhluq̣u shayʹañw wahum yukhlaq̣oon?

    ئۆزلىرى يارىتىلغان، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەمدۇ؟

  106. 7:192

    وَلَا يَسْتَطِيعُونَ لَهُمْ نَصْرًا وَلَآ أَنفُسَهُمْ يَنصُرُونَ

    Wa-laa yastaṭeeʻoona lahum naṣrañw walaaa ʹañfusahum yañṣuroon.

    ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ.

  107. 7:193

    وَإِن تَدْعُوهُمْ إِلَى ٱلْهُدَىٰ لَا يَتَّبِعُوكُمْ ۚ سَوَآءٌ عَلَيْكُمْ أَدَعَوْتُمُوهُمْ أَمْ أَنتُمْ صَـٰمِتُونَ

    Wa-ʹiñ tadʻoohum ʹilal hudaa laa- yattabiʻookum. Sawaaaʹun ʻalaykum ʹa-daʻawtumoohum ʹam ʹañtum ṣaamitoon.

    ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار، ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش (يەنى سىلەر قايسى ھالەتتە بولماڭلار، ئۇلار سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەستۇر).

  108. 7:194

    إِنَّ ٱلَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ عِبَادٌ أَمْثَالُكُمْ ۖ فَٱدْعُوهُمْ فَلْيَسْتَجِيبُوا۟ لَكُمْ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ

    ʹInnal laẓeena tadʻoona miñ doonil laahi ʻibaadun ʹams̤aalukum fadʻoohum fal-yastajeeboo lakum ʹiñ kuñtum ṣaadiq̣een!

    سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلار سىلەرگە ئوخشاش مەخلۇقلاردۇر، (ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار، چاقىرىقىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن.

  109. 7:195

    أَلَهُمْ أَرْجُلٌ يَمْشُونَ بِهَآ ۖ أَمْ لَهُمْ أَيْدٍ يَبْطِشُونَ بِهَآ ۖ أَمْ لَهُمْ أَعْيُنٌ يُبْصِرُونَ بِهَآ ۖ أَمْ لَهُمْ ءَاذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا ۗ قُلِ ٱدْعُوا۟ شُرَكَآءَكُمْ ثُمَّ كِيدُونِ فَلَا تُنظِرُونِ

    ʹAlahum ʹarjuluñy yamshoona bihaaa ʹam lahum ʹaydiñy yabṭishoona bihaaa ʹam lahum ʹaʻyunuñy yubṣiroona bihaaa ʹam lahum ʹaaẓaanuñy yasmaʻoona bihaa? Q̣ulid ʻoo shurakaaaʹakum s̤umma keedooni falaa tuñz̤̣iroon.

    ئۇلار (يەنى بۇتلار) نىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ ياكى تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ ياكى كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ ۋە ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «شېرىكلىرىڭلارنى (يەنى بۇتلىرىڭلارنى ماڭا قارشى) چاقىرىڭلار، ئاندىن (قولۇڭلاردىن كېلىشىچە) ماڭا زىيانكەشلىك قىلىڭلار، ئازراقمۇ مۆھلەت بەرمەڭلار (مەن ئاللاھقا يۆلەنگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن).

  110. 7:196

    إِنَّ وَلِـِّۧىَ ٱللَّهُ ٱلَّذِى نَزَّلَ ٱلْكِتَـٰبَ ۖ وَهُوَ يَتَوَلَّى ٱلصَّـٰلِحِينَ

    ʹInna Waliyyal laahul laẓee nazzalal Kitaaba wa-Huwa yatawallaṣ Ṣaaliḥeen.

    ھەقىقەتەن كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلغان ئاللاھ مېنىڭ ئىگەمدۇر، ئۇ ياخشىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.

  111. 7:197

    وَٱلَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَكُمْ وَلَآ أَنفُسَهُمْ يَنصُرُونَ

    Wallaẓeena tadʻoona miñ doonihee laa- yastaṭeeʻoona naṣrakum wa-laaa ʹañfusahum yañṣuroon.

    سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىڭلار سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ».

  112. 7:198

    وَإِن تَدْعُوهُمْ إِلَى ٱلْهُدَىٰ لَا يَسْمَعُوا۟ ۖ وَتَرَىٰهُمْ يَنظُرُونَ إِلَيْكَ وَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ

    Wa-ʹiñ tadʻoohum ʹilal hudaa laa- yasmaʻoo. Wa-taraahum yañz̤̣uroona ʹilayka Wahum laa- yubṣiroon.

    ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭلار، ئۇلار (ھىدايەت تاپماق تۈگۈل دەۋىتىڭلارنى) ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار سىلەرگە قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ.

  113. 7:199

    خُذِ ٱلْعَفْوَ وَأْمُرْ بِٱلْعُرْفِ وَأَعْرِضْ عَنِ ٱلْجَـٰهِلِينَ

    Khuẓil ʻafwa waʹmur bilʻurfi wa-ʹaʻriḍ ʻanil jaahileen.

    ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن).

  114. 7:200

    وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ ٱلشَّيْطَـٰنِ نَزْغٌ فَٱسْتَعِذْ بِٱللَّهِ ۚ إِنَّهُۥ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

    Wa-ʹimmaa yañzag̣annaka minash Shayṭaani nazg̣uñ fastaʻiẓ billaah; ʹinnahoo Sameeʻun ʻAleem.

    ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشىڭنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  115. 7:201

    إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوْا۟ إِذَا مَسَّهُمْ طَـٰٓئِفٌ مِّنَ ٱلشَّيْطَـٰنِ تَذَكَّرُوا۟ فَإِذَا هُم مُّبْصِرُونَ

    ʹInnal laẓeenat taq̣aw ʹiẓaa massahum ṭaaaʹifum minash Shayṭaani taẓakkaroo faʹiẓaa hum mubṣiroon!

    تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ ـ دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ.

  116. 7:202

    وَإِخْوَٰنُهُمْ يَمُدُّونَهُمْ فِى ٱلْغَىِّ ثُمَّ لَا يُقْصِرُونَ

    Wa-ʹikhwaanuhum yamuddoonahum fil g̣ayyi s̤umma laa- yuq̣ṣiroon.

    شەيتانلار (كۇففار) بۇرادەرلىرىنى بولۇشىچە ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن بوشىشىپ قالمايدۇ.

  117. 7:203

    وَإِذَا لَمْ تَأْتِهِم بِـَٔايَةٍ قَالُوا۟ لَوْلَا ٱجْتَبَيْتَهَا ۚ قُلْ إِنَّمَآ أَتَّبِعُ مَا يُوحَىٰٓ إِلَىَّ مِن رَّبِّى ۚ هَـٰذَا بَصَآئِرُ مِن رَّبِّكُمْ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ

    Wa-ʹiẓaa lam taʹtihim̃ biʹAayatiñ q̣aaloo law-laj tabaytahaa? Q̣ul ʹinnamaaa ʹattabiʻu maa- yooḥaaa ʹilayya mir Rabbee. Haaẓaa Baṣaaaʹiru mir Rabbikum wa-Hudañw wa-Raḥmatul liq̣awmiñy yuʹminoon.

    (ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىرەر مۆجىزىنى كەلتۈرمىسەڭ، ئۇنى نېمىشقا (ئۆزۈڭ) ئىجاد قىلمىدىڭ؟ دېيىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «(ئىش مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) مەن پەقەت پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ماڭا ۋەھىي قىلىنغانغىلا ئەمەل قىلىمەن (ئۆزلۈكىمدىن مۆجىزە يارىتالمايمەن)، بۇ (قۇرئاندا سىلەرگە) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن دەلىللەردۇر (قۇرئان باشقا مۆجىزىلەرگە ئېھتىياج قالدۇرمايدۇ)، ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر».

  118. 7:204

    وَإِذَا قُرِئَ ٱلْقُرْءَانُ فَٱسْتَمِعُوا۟ لَهُۥ وَأَنصِتُوا۟ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ

    Wa-ʹiẓaa q̣uriʹal Q̣urʹaanu fastamiʻoo lahoo wa-añṣitoo laʻallakum turḥamoon.

    ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار (يەنى سۆز قىلماڭلار).

  119. 7:205

    وَٱذْكُر رَّبَّكَ فِى نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ ٱلْجَهْرِ مِنَ ٱلْقَوْلِ بِٱلْغُدُوِّ وَٱلْـَٔاصَالِ وَلَا تَكُن مِّنَ ٱلْغَـٰفِلِينَ

    Waẓkur Rabbaka fee nafsika taḍarruʻañw wakheefatañw wadoonal jahri minal q̣awli bilg̣uduwwi wal-ʹaaṣaali wa-laa takum minal g̣aafileen.

    پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ـ ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن.

  120. 7:206

    إِنَّ ٱلَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِۦ وَيُسَبِّحُونَهُۥ وَلَهُۥ يَسْجُدُونَ ۩

    ʹInnal laẓeena ʻiñda Rabbika laa- yastakbiroona ʻan ʻibaadatihee wa-yusabbiḥoonahoo wa-lahoo yasjudoon,

    پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.

  121. Surah Al-AnfalBegins here at 8:1

  122. 8:1

    يَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلْأَنفَالِ ۖ قُلِ ٱلْأَنفَالُ لِلَّهِ وَٱلرَّسُولِ ۖ فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَصْلِحُوا۟ ذَاتَ بَيْنِكُمْ ۖ وَأَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

    Yasʹaloonaka ʻanil ʹAÑ-FAAL. Q̣ulil ʹAñfaalu lillaahi war-Rasool: Fattaq̣ul laaha wa-ʹaṣliḥoo ẓaata baynikum: wa-ʹaṭeeʻul laaha wa-Rasoolahooo ʹiñ kuñtum Muʹmineen.

    (ئى مۇھەممەد! ساھابىلىرىڭ) غەنىيمەتلەر (نى قانداق تەقسىم قىلىشىڭ) توغرۇلۇق سەندىن سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «غەنىيمەتلەر (توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئىختىلاپ قىلىشماي ئىتتىپاق بولۇپ) ئاراڭلارنى تۈزەڭلار. ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار».

  123. 8:2

    إِنَّمَا ٱلْمُؤْمِنُونَ ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتُهُۥ زَادَتْهُمْ إِيمَـٰنًا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ

    ʹInnamal Muʹminoonal laẓeena ʹizaa ẓukiral laahu wajilat q̣uloobuhum wa-ʹiẓaa tuliyat ʻalayhim ʹAayaatuhoo zaadathum ʹeemaanañw Waʻalaa Rabbihim yatawakkaloon;

    پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر.

  124. 8:3

    ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَمِمَّا رَزَقْنَـٰهُمْ يُنفِقُونَ

    ʹAllaẓeena yuq̣eemoonaṣ Ṣalaata wa-mimmaa razaq̣naahum yuñfiq̣oon:

    ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ.

  125. 8:4

    أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُؤْمِنُونَ حَقًّا ۚ لَّهُمْ دَرَجَـٰتٌ عِندَ رَبِّهِمْ وَمَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ

    ʹUlaaaʹika humul Muʹminoona ḥaq̣q̣aa; lahum darajaatun ʻiñda Rabbihim wa-mag̣firatuñw warizq̣uñ kareem.

    ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ.

  126. 8:5

    كَمَآ أَخْرَجَكَ رَبُّكَ مِنۢ بَيْتِكَ بِٱلْحَقِّ وَإِنَّ فَرِيقًا مِّنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ لَكَـٰرِهُونَ

    Kamaaa ʹakhrajaka Rabbuka mim baytika bilḥaq̣q̣i wa-ʹinna fareeq̣am minal Muʹmineena lakaarihoon,

    (غەنىيمەت تەقسىماتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاس قىلىنغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى ھەقلىق رەۋىشتە ئۆيۈڭدىن (يەنى ئۆيۈڭ جايلاشقان مەدىنىدىن ئۇرۇشقا) چىقارغانلىقىنى (ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقىغا) ئوخشايدۇ، مۆمىنلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشنى) ئەلۋەتتە يامان كۆرىدۇ.

  127. 8:6

    يُجَـٰدِلُونَكَ فِى ٱلْحَقِّ بَعْدَ مَا تَبَيَّنَ كَأَنَّمَا يُسَاقُونَ إِلَى ٱلْمَوْتِ وَهُمْ يَنظُرُونَ

    Yujaadiloonaka fil Ḥaq̣q̣i baʻdamaa- tabayyana kaʹannamaa yusaaq̣oona ʹilal mawti wa-hum yañz̤̣uroon.

    ئۇلار گويا (ئالامەتلىرى) كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك، ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ھەقىقەت (يەنى ئۇرۇشقا چىقىش مەسىلىسى) ئۈستىدە سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ.

  128. 8:7

    وَإِذْ يَعِدُكُمُ ٱللَّهُ إِحْدَى ٱلطَّآئِفَتَيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ ٱلشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُحِقَّ ٱلْحَقَّ بِكَلِمَـٰتِهِۦ وَيَقْطَعَ دَابِرَ ٱلْكَـٰفِرِينَ

    Wa-ʹiẓ yaʻidukumul laahu ʹiḥdaṭ ṭaaaʹifatayni ʹannahaa lakum wa-tawaddoona ʹanna g̣ayra ẓaatish shawkati takoonu lakum wa-yureedul laahu ʹañy yuḥiq̣q̣al Ḥaq̣q̣a bi-Kalimaatihee wa-yaq̣ṭaʻa daabiral kaafireen;―

    ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىككى گۇرۇھ (بىرى مۇشرىكلار كارۋىنى، يەنى بىرى مۇشرىكلار قوشۇنى) دىن بىرىنىڭ قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ۋەدە قىلدى، سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ (يەنى كارۋاننىڭ) قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ياقتۇردۇڭلار. ئاللاھ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىشنى (يەنى ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىشنى)، كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايدۇ.

  129. 8:8

    لِيُحِقَّ ٱلْحَقَّ وَيُبْطِلَ ٱلْبَـٰطِلَ وَلَوْ كَرِهَ ٱلْمُجْرِمُونَ

    Liyuḥiq̣q̣al Ḥaq̣q̣a wa-yubṭilal Baaṭila wa-law karihal mujrimoon.

    ئاللاھ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، ھەقنى ھەق (يەنى ئىسلامنى ئاشكارا) قىلىدۇ، باتىل (يەنى كۇفرى) نى بەربات قىلىدۇ.

  130. 8:9

    إِذْ تَسْتَغِيثُونَ رَبَّكُمْ فَٱسْتَجَابَ لَكُمْ أَنِّى مُمِدُّكُم بِأَلْفٍ مِّنَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ مُرْدِفِينَ

    ʹIẓ tastag̣ees̤oona Rabbakum fastajaaba lakum ʹannee mumiddukum̃ biʹalfim minal malaaaʹikati murdifeen.

    ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ :«سىلەرگە ئارقىمۇ ـ ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى.

  131. 8:10

    وَمَا جَعَلَهُ ٱللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ وَلِتَطْمَئِنَّ بِهِۦ قُلُوبُكُمْ ۚ وَمَا ٱلنَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِندِ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

    Wa-maa jaʻalahul laahu ʹillaa bushraa wa-litaṭmaʹinna bihee q̣uloobukum. Wa-man naṣru ʹillaa min ʻiñdil laah: ʹinnal laaha ʻAzeezun Ḥakeem.

    ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭلارغا) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

  132. 8:11

    إِذْ يُغَشِّيكُمُ ٱلنُّعَاسَ أَمَنَةً مِّنْهُ وَيُنَزِّلُ عَلَيْكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً لِّيُطَهِّرَكُم بِهِۦ وَيُذْهِبَ عَنكُمْ رِجْزَ ٱلشَّيْطَـٰنِ وَلِيَرْبِطَ عَلَىٰ قُلُوبِكُمْ وَيُثَبِّتَ بِهِ ٱلْأَقْدَامَ

    ʹIẓ yug̣ashsheekumun nuʻaasa ʹamanatam minhu wa-yunazzilu ʻalaykum minas samaaaʹi maaaʹal liyuṭahhirakum̃ bihee wa-yuẓhiba ʻañkum rijzash Shayṭaani wa-liyarbiṭa ʻalaa q̣uloobikum wa-yus̤abbita bihil ʹaq̣daam.

    ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تىنچلاندۇرۇش يۈزىسىدىن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىدى؛ (تاھارەت ئېلىپ، غۇسلى قىلىپ) پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىپ) كۆڭلۈڭلارنىڭ توق تۇرۇشى ئۈچۈن، قەدىمىڭلارنىڭ (قۇمغا پېتىپ كەتمەي) مەزمۇت تۇرۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى.

  133. 8:12

    إِذْ يُوحِى رَبُّكَ إِلَى ٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ أَنِّى مَعَكُمْ فَثَبِّتُوا۟ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ۚ سَأُلْقِى فِى قُلُوبِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ٱلرُّعْبَ فَٱضْرِبُوا۟ فَوْقَ ٱلْأَعْنَاقِ وَٱضْرِبُوا۟ مِنْهُمْ كُلَّ بَنَانٍ

    ʹIẓ yooḥee Rabbuka ʹilal malaaaʹikati ʹannee maʻakum fas̤abbitul laẓeena ʹaamanoo. Saʹulq̣ee fee q̣uloobil laẓeena kafarur ruʻba faḍriboo fawq̣al ʹaʻnaaq̣i waḍriboo minhum kulla banaan.

    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، مۆمىنلەرنىڭ قەدەملىرىنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلىڭلار، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن» دەپ ۋەھىي قىلدى. (قىلىچ بىلەن كاپىرلارنىڭ) گەدەنلىرىگە چېپىڭلار (يەنى باشلىرىنى كېسىڭلار)، ئۇلارنىڭ بارماقلىرىغا (ھەممە ئەزاسىغا) چېپىڭلار.

  134. 8:13

    ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ شَآقُّوا۟ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ ۚ وَمَن يُشَاقِقِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَإِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ

    Ẓaalika biʹannahum shaaaq̣q̣ul laaha wa-Rasoolah: wa-mañy yushaaq̣iq̣il laaha wa-Rasoolahoo faʹinnal laaha shadeedul ʻiq̣aab.

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلدى. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ.

  135. 8:14

    ذَٰلِكُمْ فَذُوقُوهُ وَأَنَّ لِلْكَـٰفِرِينَ عَذَابَ ٱلنَّارِ

    Ẓaalikum faẓooq̣oohu wa-ʹanna lilkaafireena ʻaẓaaban Naar.

    (ئى كاپىرلار جامائەسى! بۇ دۇنيادا) مۇشۇنداق جازانى تېتىڭلار. كاپىرلار (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.

  136. 8:15

    يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِذَا لَقِيتُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ زَحْفًا فَلَا تُوَلُّوهُمُ ٱلْأَدْبَارَ

    Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanooo ʹiẓaa laq̣eetumul laẓeena kafaroo zaḥfañ falaa tuwalloohumul ʹadbaar.

    ئى مۆمىنلەر! كاپىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار (يەنى قاچماڭلار).

  137. 8:16

    وَمَن يُوَلِّهِمْ يَوْمَئِذٍ دُبُرَهُۥٓ إِلَّا مُتَحَرِّفًا لِّقِتَالٍ أَوْ مُتَحَيِّزًا إِلَىٰ فِئَةٍ فَقَدْ بَآءَ بِغَضَبٍ مِّنَ ٱللَّهِ وَمَأْوَىٰهُ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ

    Wa-mañy yuwallihim yawmaʹiẓiñ duburahooo ʹillaa mutaḥarrifal liq̣itaalin ʹaw mutaḥayyizan ʹilaa fiʹatiñ faq̣ad baaaʹa big̣aḍabim minal laahi wa-maʹwaahu Jahannam,― wa-biʹsal maṣeer!

    كىمكى قايتا ئۇرۇشۇش ياكى (ياردەم تىلەش) ئۈچۈن مۇسۇلمانلار جامائەسىگە قوشۇلۇش مەقسىتىدە بىر تەرەپكە يۆتكىلىش قىلماستىن، بەلكى دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىدىكەن (يەنى قاچىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!

  138. 8:17

    فَلَمْ تَقْتُلُوهُمْ وَلَـٰكِنَّ ٱللَّهَ قَتَلَهُمْ ۚ وَمَا رَمَيْتَ إِذْ رَمَيْتَ وَلَـٰكِنَّ ٱللَّهَ رَمَىٰ ۚ وَلِيُبْلِىَ ٱلْمُؤْمِنِينَ مِنْهُ بَلَآءً حَسَنًا ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

    Falam taq̣tuloohum wa-laakinnal laaha q̣atalahum. Wa-maa ramayta ʹiẓ ramayta wa-laakinnal laaha ramaa: wa-liyubliyal Muʹmineena minhu balaaaʹan ḥasanaa: ʹinnal laaha Sameeʻun ʻAleem.

    (ئى مۇسۇلمانلار! بەدرىدە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى (سىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن) ئاللاھ ئۆلتۈردى. (ئى مۇھەممەد! بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرگە (ساۋاب، غەلىبە، غەنىيمەتلەردىن ئىبارەت) چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى، ئەھۋاللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

  139. 8:18

    ذَٰلِكُمْ وَأَنَّ ٱللَّهَ مُوهِنُ كَيْدِ ٱلْكَـٰفِرِينَ

    Ẓaalikum wa-ʹannal laaha moohinu kaydil kaafireen.

    بۇ (ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر). ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ھىيلىسىنى چوقۇم مەغلۇپ قىلغۇچىدۇر.

  140. 8:19

    إِن تَسْتَفْتِحُوا۟ فَقَدْ جَآءَكُمُ ٱلْفَتْحُ ۖ وَإِن تَنتَهُوا۟ فَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ وَإِن تَعُودُوا۟ نَعُدْ وَلَن تُغْنِىَ عَنكُمْ فِئَتُكُمْ شَيْـًٔا وَلَوْ كَثُرَتْ وَأَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلْمُؤْمِنِينَ

    ʹIñ tastaftiḥoo faq̣ad jaaaʹakumul fatḥ. Wa-ʹiñ tañtahoo fahuwa khayrul lakum. Wa-ʹiñ taʻoodoo naʻud. Wa-lañ tug̣niya ʻañkum fiʹatukum shayʹañw walaw kas̤urat wa-ʹannal laaha maʻal Muʹmineen!

    (ئى كۇففارلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە كەلدى (يەنى ئۇ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا كەلدى). ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلىپ بېرەلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر.

  141. 8:20

    يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَا تَوَلَّوْا۟ عَنْهُ وَأَنتُمْ تَسْمَعُونَ

    Yaaaʹayyuhaal laẓeena ʹaamanooo ʹaṭeeʻul laaha wa-Rasoolahoo wa-laa tawallaw ʻanhu wa-ʹañtum tasmaʻoon.

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار.

  142. 8:21

    وَلَا تَكُونُوا۟ كَٱلَّذِينَ قَالُوا۟ سَمِعْنَا وَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ

    Wa-laa takoonoo kallaẓeena q̣aaloo samiʻnaa wahum laa- yasmaʻoon:

    ئاڭلىماي تۇرۇپ ئاڭلىدۇق دېگەن كىشىلەرنى (يەنى كاپىرلارنى) دورىماڭلار.

  143. 8:22

    ۞ إِنَّ شَرَّ ٱلدَّوَآبِّ عِندَ ٱللَّهِ ٱلصُّمُّ ٱلْبُكْمُ ٱلَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ

    ʹInna sharrad dawaaabbi ʻiñdal laahiṣ ṣummul bukmul laẓeena laa- yaʻq̣iloon.

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى (ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بولۇۋالغان، (ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بولۇۋالغان، (ياخشى ـ ياماننى پەرق ئەتمەي) ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەردۇر.

  144. 8:23

    وَلَوْ عَلِمَ ٱللَّهُ فِيهِمْ خَيْرًا لَّأَسْمَعَهُمْ ۖ وَلَوْ أَسْمَعَهُمْ لَتَوَلَّوا۟ وَّهُم مُّعْرِضُونَ

    Wa-law ʻalimal laahu feehim khayral laʹasmaʻahum: wa-law ʹasmaʻahum latawallaw wahum muʻriḍoon.

    ئەگەر ئاللاھ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقنى) ئاڭلىتاتتى؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەقتىن ئەلۋەتتە يۈز ئۆرۈگەن ھالدا باش تارتاتتى.

  145. 8:24

    يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱسْتَجِيبُوا۟ لِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ إِذَا دَعَاكُمْ لِمَا يُحْيِيكُمْ ۖ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ يَحُولُ بَيْنَ ٱلْمَرْءِ وَقَلْبِهِۦ وَأَنَّهُۥٓ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ

    Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanus tajeeboo lillaahi wa-lir-Rasooli ʹiẓaa daʻaakum limaa yuḥyeekum: waʻlamooo ʹannal laaha yaḥoolu baynal marʹi wa-q̣albihee wa-ʹannahooo ʹilayhi tuḥsharoon.

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.

  146. 8:25

    وَٱتَّقُوا۟ فِتْنَةً لَّا تُصِيبَنَّ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مِنكُمْ خَآصَّةً ۖ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ

    Wattaq̣oo fitnatal laa tuṣeebannal laẓeena z̤̣alamoo miñkum khaaaṣṣah: waʻlamooo ʹannal laaha shadeedul ʻiq̣aab.

    سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا ـ قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.

  147. 8:26

    وَٱذْكُرُوٓا۟ إِذْ أَنتُمْ قَلِيلٌ مُّسْتَضْعَفُونَ فِى ٱلْأَرْضِ تَخَافُونَ أَن يَتَخَطَّفَكُمُ ٱلنَّاسُ فَـَٔاوَىٰكُمْ وَأَيَّدَكُم بِنَصْرِهِۦ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَـٰتِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ

    Waẓkurooo ʹiẓ ʹañtum q̣aleelum mustaḍʻafoona fil ʹarḍi takhaafoona ʹañy yatakhaṭṭafakumun naasu faʹaawaakum wa-ʹayyadakum̃ binaṣrihee wa-razaq̣akum minaṭ ṭayyibaati laʻallakum tashkuroon.

    ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تالان ـ تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار ، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى (مەدىنىدە) يەرلەشتۈردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى غەنىيمەتلەر) نى رىزىق قىلىپ بەردى.

  148. 8:27

    يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَخُونُوا۟ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ وَتَخُونُوٓا۟ أَمَـٰنَـٰتِكُمْ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ

    Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanoo laa- takhoonul laaha war-Rasoola wa-takhoonooo ʹamaanaatikum wa-ʹañtum taʻlamoon.

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار.

  149. 8:28

    وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّمَآ أَمْوَٰلُكُمْ وَأَوْلَـٰدُكُمْ فِتْنَةٌ وَأَنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥٓ أَجْرٌ عَظِيمٌ

    Waʻlamooo ʹannamaaa ʹamwaalukum wa-ʹawlaadukum fitnatuñw waʹannal laaha ʻiñdahooo ʹajrun ʻaz̤̣eem.

    بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب بار.

  150. 8:29

    يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِن تَتَّقُوا۟ ٱللَّهَ يَجْعَل لَّكُمْ فُرْقَانًا وَيُكَفِّرْ عَنكُمْ سَيِّـَٔاتِكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۗ وَٱللَّهُ ذُو ٱلْفَضْلِ ٱلْعَظِيمِ

    Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanooo ʹiñ tattaq̣ul laaha yajʻal lakum Furq̣aanañw Wayukaffir ʻañkum sayyiʹaatikum wa-yag̣fir lakum. Wallaahu Ẓul Faḍlil ʻaz̤̣eem.

    ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر.

  151. 8:30

    وَإِذْ يَمْكُرُ بِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِيُثْبِتُوكَ أَوْ يَقْتُلُوكَ أَوْ يُخْرِجُوكَ ۚ وَيَمْكُرُونَ وَيَمْكُرُ ٱللَّهُ ۖ وَٱللَّهُ خَيْرُ ٱلْمَـٰكِرِينَ

    Wa-ʹiẓ yamkuru bikal laẓeena kafaroo liyus̤bitooka ʹaw yaq̣tulooka ʹaw yukhrijook. Wa-yamkuroona wa-yamkurul laah: wallaahu Khayrul maakireen.

    (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مىكىر ئىشلەتتى، ئۇلار مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر.

  152. 8:31

    وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتُنَا قَالُوا۟ قَدْ سَمِعْنَا لَوْ نَشَآءُ لَقُلْنَا مِثْلَ هَـٰذَآ ۙ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّآ أَسَـٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ

    Wa-ʹiẓaa tutlaa ʻalayhim ʹAayaatunaa q̣aaloo q̣ad samiʻnaa law nashaaaʹu laq̣ulnaa mis̤la haaẓaaa ʹin haaẓaaa ʹillaaa ʹasaaṭeerul ʹawwaleen.

    ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇلار: «بىز (بۇ سۆزلەرنى) ئاللىقاچان ئاڭلىغان ئىدۇق، ئەگەر خالىساق ئۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى بىزمۇ ئەلۋەتتە قىلالايتتۇق، بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دېدى.

  153. 8:32

    وَإِذْ قَالُوا۟ ٱللَّهُمَّ إِن كَانَ هَـٰذَا هُوَ ٱلْحَقَّ مِنْ عِندِكَ فَأَمْطِرْ عَلَيْنَا حِجَارَةً مِّنَ ٱلسَّمَآءِ أَوِ ٱئْتِنَا بِعَذَابٍ أَلِيمٍ

    Wa-ʹiẓ q̣aalul laahumma ʹiñ kaana haaẓaa huwal Ḥaq̣q̣a min ʻiñdika faʹamṭir ʻalaynaa ḥijaaratam minas samaaaʹi ʹawiʹ tinaa biʻaẓaabin ʹaleem.

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ (يەنى قۇرئان) سېنىڭ تەرىپىڭدىن نازىل بولغان ھەقىقەت بولىدىغان بولسا، ئاسماندىن ئۈستىمىزگە تاش ياغدۇرغىن ياكى بىزنى قاتتىق ئازاب بىلەن جازالىغىن!» دېدى.

  154. 8:33

    وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُعَذِّبَهُمْ وَأَنتَ فِيهِمْ ۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ مُعَذِّبَهُمْ وَهُمْ يَسْتَغْفِرُونَ

    Wa-maa kaanal laahu liyuʻaẓẓibahum wa-ʹañta feehim; wa-maa kaanal laahu muʻaẓẓibahum wa-hum yastag̣firoon.

    سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ.

  155. 8:34

    وَمَا لَهُمْ أَلَّا يُعَذِّبَهُمُ ٱللَّهُ وَهُمْ يَصُدُّونَ عَنِ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ وَمَا كَانُوٓا۟ أَوْلِيَآءَهُۥٓ ۚ إِنْ أَوْلِيَآؤُهُۥٓ إِلَّا ٱلْمُتَّقُونَ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

    Wa-maa lahum ʹallaa yuʻaẓẓibahumul laahu wa-hum yaṣuddoona ʻanil Masjidil Ḥaraami wa-maa kaanooo ʹawliyaaaʹah? ʹIn ʹawliyaaaʹuhooo ʹillal Muttaq̣oona walaakinna ʹaks̤arahum laa- yaʻlamoon.

    ئۇلار (باشقىلارنىڭ) مەسجىدى ھەرەمگە كىرىشىنى توسۇۋاتسا، ئاللاھ ئۇلارغا نېمىشقا ئازاب قىلمىسۇن؟ ئۇلار مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس، مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىگىلىرى تەقۋادارلاردىن باشقىلار ئەمەستۇر، لېكىن (بۇنى) ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.

  156. 8:35

    وَمَا كَانَ صَلَاتُهُمْ عِندَ ٱلْبَيْتِ إِلَّا مُكَآءً وَتَصْدِيَةً ۚ فَذُوقُوا۟ ٱلْعَذَابَ بِمَا كُنتُمْ تَكْفُرُونَ

    Wa-maa kaana ṣalaatuhum ʻiñdal Bayti ʹillaa mukaaaʹañw wataṣdiyah: faẓooq̣ul ʻaẓaaba bimaa kuñtum takfuroon.

    ئۇلارنىڭ مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدىكى ئىبادىتى پەقەت ئىسقىرتماق، چاۋاك چالماقتىنلا ئىبارەت بولدى. (ئى كاپىرلار!) كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار.

  157. 8:36

    إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يُنفِقُونَ أَمْوَٰلَهُمْ لِيَصُدُّوا۟ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ۚ فَسَيُنفِقُونَهَا ثُمَّ تَكُونُ عَلَيْهِمْ حَسْرَةً ثُمَّ يُغْلَبُونَ ۗ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِلَىٰ جَهَنَّمَ يُحْشَرُونَ

    ʹInnal laẓeena kafaroo yuñfiq̣oona ʹamwaalahum liyaṣuddoo ʻañ Sabeelil laah. Fasayuñfiq̣oonahaa s̤umma takoonu ʻalayhim ḥasratañ s̤umma yug̣laboon. Wal-laẓeena kafarooo ʹilaa Jahannama yuḥsharoon.

    شۈبھىسىزكى، كاپىرلار مال ـ مۈلۈكلىرىنى (باشقىلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كاپىرلار جەھەننەمگىلا ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدۇ.

  158. 8:37

    لِيَمِيزَ ٱللَّهُ ٱلْخَبِيثَ مِنَ ٱلطَّيِّبِ وَيَجْعَلَ ٱلْخَبِيثَ بَعْضَهُۥ عَلَىٰ بَعْضٍ فَيَرْكُمَهُۥ جَمِيعًا فَيَجْعَلَهُۥ فِى جَهَنَّمَ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ

    Liyameezal laahul khabees̤a minaṭ ṭayyibi wa-yajʻalal khabees̤a baʻḍahoo ʻalaa baʻḍiñ fayarkumahoo jameeʻañ fayajʻalahoo fee jahannam. ʹUlaaaʹika humul khaasiroon.

    ئاللاھنىڭ (ئۇلارنى دۇنيادا مەغلۇپ قىلىشى، ئاخىرەتتە جەھەننەمگە ھەيدىشى) كاپىرنى مۆمىندىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھەممە كاپىرلارنى ئۈستى ـ ئۈستىگە دۆۋىلەپ توپلىغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلايدۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

  159. 8:38

    قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِن يَنتَهُوا۟ يُغْفَرْ لَهُم مَّا قَدْ سَلَفَ وَإِن يَعُودُوا۟ فَقَدْ مَضَتْ سُنَّتُ ٱلْأَوَّلِينَ

    Q̣ul lillaẓeena kafarooo ʹiñy yañtahoo yug̣far lahum maa q̣ad salaf; wa-ʹiñy yaʻoodoo faq̣ad maḍat Sunnatul ʹawwaleen.

    (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر بىلەن قايتا دۈشمەنلەشسە، ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىش مېنىڭ تۇتقان يولۇم بولۇپ كەلدى (ئۇلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن).

  160. 8:39

    وَقَـٰتِلُوهُمْ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتْنَةٌ وَيَكُونَ ٱلدِّينُ كُلُّهُۥ لِلَّهِ ۚ فَإِنِ ٱنتَهَوْا۟ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

    Wa-q̣aatiloohum ḥattaa laa- takoona fitnatuñw wayakoonad Deenu kulluhoo lillaah; faʹiniñ tahaw faʹinnal laaha bimaa yaʻmaloona Baṣeer.

    پىتنە تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار (يەنى ئىسلامغا داۋاملىق دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلار قىلمىشىدىن) يانسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرىدۇ.

  161. 8:40

    وَإِن تَوَلَّوْا۟ فَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ مَوْلَىٰكُمْ ۚ نِعْمَ ٱلْمَوْلَىٰ وَنِعْمَ ٱلنَّصِيرُ

    Wa-ʹin tawallaw faʻlamooo ʹannal laaha Mawlaakum― Niʻmal Mawlaa wa-Niʻman Naṣeer.

    ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار، نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچى!.