Surah Ta-Ha
Surah Ta-Ha (Ta-Ha) is Surah 20 of the Holy Quran, a Meccan Surah with 135 verses, available here in Uyghur.
Verse 20:1
طٰهٰ ۟ۚ
Ṭaa-Haa.
تاھا (يەنى ئى مۇھەممەد!).
Verse 20:2
مَاۤ اَنْزَلْنَا عَلَیْكَ الْقُرْاٰنَ لِتَشْقٰۤی ۟ۙ
Maaa ʹañzalnaa ʻalaykal Q̣ur-ʹaana litashq̣aa,
قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس،
Verse 20:3
اِلَّا تَذْكِرَةً لِّمَنْ یَّخْشٰی ۟ۙ
ʹIllaa taẓkiratal limañy yakhshaa,
پەقەت (ئاللاھتىن) قورقىدىغانلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق.
Verse 20:4
تَنْزِیْلًا مِّمَّنْ خَلَقَ الْاَرْضَ وَالسَّمٰوٰتِ الْعُلٰی ۟ؕ
Tañzeelam mimman khalaq̣al ʹarḍa was-samaawaatil ʻulaa.
ئۇ زېمىننى ۋە (كەڭ) ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان.
Verse 20:5
اَلرَّحْمٰنُ عَلَی الْعَرْشِ اسْتَوٰی ۟
ʹAr-Raḥmaanu ʻalal ʻArshis tawaa.
مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى.
Verse 20:6
لَهٗ مَا فِی السَّمٰوٰتِ وَمَا فِی الْاَرْضِ وَمَا بَیْنَهُمَا وَمَا تَحْتَ الثَّرٰی ۟
Lahoo maa- fis samaawaati wa-maa fil ʹarḍi wa-maa baynahumaa wa-maa taḥtas̤ s̤araa.
ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدۇر).
Verse 20:7
وَاِنْ تَجْهَرْ بِالْقَوْلِ فَاِنَّهٗ یَعْلَمُ السِّرَّ وَاَخْفٰی ۟
Wa-ʹiñ tajhar bilq̣awli faʹinnahoo yaʻlamus sirra wa-ʹakhfaa.
ئەگەر سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭ (ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭ، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئوخشاشتۇر)، چۈنكى ئۇ سىرنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مەخپىيرەك ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
Verse 20:8
اَللّٰهُ لَاۤ اِلٰهَ اِلَّا هُوَ ؕ لَهُ الْاَسْمَآءُ الْحُسْنٰی ۟
ʹAllaahu laaa ʹilaaha ʹillaa Hoo! Lahul ʹAsmaaaʹul Ḥusnaa.
ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار.
Verse 20:9
وَهَلْ اَتٰىكَ حَدِیْثُ مُوْسٰی ۟ۘ
Wa-hal ʹataaka ḥadees̤u Moosaa?
مۇسانىڭ قىسسەسىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟
Verse 20:10
اِذْ رَاٰ نَارًا فَقَالَ لِاَهْلِهِ امْكُثُوْۤا اِنِّیْۤ اٰنَسْتُ نَارًا لَّعَلِّیْۤ اٰتِیْكُمْ مِّنْهَا بِقَبَسٍ اَوْ اَجِدُ عَلَی النَّارِ هُدًی ۟
ʹIẓ raʹaa naarañ faq̣aala liʹahlihim kus̤ooo ʹinneee ʹaanastu naaral laʻalleee ʹaateekum minhaa biq̣abasin ʹaw ʹajidu ʻalan naari hudaa.
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا (بىر جايدا) ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: «تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم، مەن بېرىپ (ئۇنىڭدىن) بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېدى.
Verse 20:11
فَلَمَّاۤ اَتٰىهَا نُوْدِیَ یٰمُوْسٰی ۟ؕ
Falammaaa ʹataahaa noodiya yaa-Moosaa!
مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندىكى، ئى مۇسا!
Verse 20:12
اِنِّیْۤ اَنَا رَبُّكَ فَاخْلَعْ نَعْلَیْكَ ۚ اِنَّكَ بِالْوَادِ الْمُقَدَّسِ طُوًی ۟ؕ
ʹInneee ʹAna Rabbuka fakhlaʻ naʻlayk: ʹInnaka bilwaadil muq̣addasi Ṭuwaa.
مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى تۇۋادىسەن.
Verse 20:13
وَاَنَا اخْتَرْتُكَ فَاسْتَمِعْ لِمَا یُوْحٰی ۟
Wa- ʹanakhtartuka fastamiʻ limaa yooḥaa.
مەن سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدىم، سەن ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن.
Verse 20:14
اِنَّنِیْۤ اَنَا اللّٰهُ لَاۤ اِلٰهَ اِلَّاۤ اَنَا فَاعْبُدْنِیْ ۙ وَاَقِمِ الصَّلٰوةَ لِذِكْرِیْ ۟
ʹInnaneee ʹAnal laahu laaa ʹilaaha ʹillaaa ʹAna faʻbudnee wa-ʹaq̣imiṣ Ṣalaata liẓikree.
مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن.
Verse 20:15
اِنَّ السَّاعَةَ اٰتِیَةٌ اَكَادُ اُخْفِیْهَا لِتُجْزٰی كُلُّ نَفْسٍ بِمَا تَسْعٰی ۟
ʹInnas Saaʻata ʹaatiyatun ʹakaadu ʹukhfeehaa litujzaa kullu nafsim bimaa tasʻaa.
قىيامەتنىڭ بولۇشى مۇھەققەقتۇر، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قاچان بولۇشىنى) مەخپىي تۇتتۇم.
Verse 20:16
فَلَا یَصُدَّنَّكَ عَنْهَا مَنْ لَّا یُؤْمِنُ بِهَا وَاتَّبَعَ هَوٰىهُ فَتَرْدٰی ۟
Falaa yaṣuddannaka ʻanhaa mal laa yuʹminu bihaa wattabaʻa hawaahu fatardaa!
قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەم سېنى ئۇنىڭدىن (يەنى قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن ۋە ئۇنى تەستىق قىلىشتىن) توسمىسۇن، ئۇنداقتا ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن (چۈنكى ئاخىرەتتىن غاپىل بولۇش، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ ).
Verse 20:17
وَمَا تِلْكَ بِیَمِیْنِكَ یٰمُوْسٰی ۟
Wa-maa tilka biyameenika yaa-Moosaa?
ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟»
Verse 20:18
قَالَ هِیَ عَصَایَ ۚ اَتَوَكَّؤُا عَلَیْهَا وَاَهُشُّ بِهَا عَلٰی غَنَمِیْ وَلِیَ فِیْهَا مَاٰرِبُ اُخْرٰی ۟
Q̣aala hiya ʻaṣaaya ʹatawakkaʹu ʻalayhaa wa-ʹahushshu bihaa ʻalaa g̣anamee wa-liya feehaa maʹaaribu ʹukhraa.
مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنىڭدا مېنىڭ يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىممۇ بار».
Verse 20:19
قَالَ اَلْقِهَا یٰمُوْسٰی ۟
Q̣aala ʹalq̣ihaa yaa-Moosaa!
ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى (يەرگە) تاشلىغىن» دېدى.
Verse 20:20
فَاَلْقٰىهَا فَاِذَا هِیَ حَیَّةٌ تَسْعٰی ۟
Faʹalq̣aahaa faʹiẓaa hiya ḥayyatuñ tasʻaa.
مۇسا ئۇنى تاشلىۋىدى، ئۇ ناگاھان مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى.
Verse 20:21
قَالَ خُذْهَا وَلَا تَخَفْ ۥ سَنُعِیْدُهَا سِیْرَتَهَا الْاُوْلٰی ۟
Q̣aala khuẓhaa wa-laa takhaf, sanuʻeeduhaa seeratahal ʹoolaa.
ئاللاھ ئېيتتى: « ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، ئۇنى دەسلەپكى (يەنى ھاسىلىق) ھالىتىگە قايتۇرىمىز.
Verse 20:22
وَاضْمُمْ یَدَكَ اِلٰی جَنَاحِكَ تَخْرُجْ بَیْضَآءَ مِنْ غَیْرِ سُوْٓءٍ اٰیَةً اُخْرٰی ۟ۙ
Waḍmum yadaka ʹilaa janaaḥika takhruj bayḍaaaʹa min g̣ayri soooʹin ʹAayatan ʹukhraa,
قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا سالغىن (ئاندىن چىقارغىن)، ئۇ ھېچقانداق ئەيىب ـ نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق (نۇرلۇق بولۇپ) چىقىدۇ، (بۇ) ئىككىنچى مۆجىزىدۇر.
Verse 20:23
لِنُرِیَكَ مِنْ اٰیٰتِنَا الْكُبْرٰی ۟ۚ
Linuriyaka min ʹAayaatinal kubraa.
ساڭا چوڭ مۆجىزىلىرىمىزدىن بەزىسىنى كۆرسىتىمىز.
Verse 20:24
اِذْهَبْ اِلٰی فِرْعَوْنَ اِنَّهٗ طَغٰی ۟۠
ʹIẓhab ʹilaa firʻawna ʹinnahoo ṭag̣aa.
پىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى».
Verse 20:25
قَالَ رَبِّ اشْرَحْ لِیْ صَدْرِیْ ۟ۙ
Q̣aala Rabbish raḥ lee ṣadree;
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ كۆڭۈل-كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن.
Verse 20:26
وَیَسِّرْ لِیْۤ اَمْرِیْ ۟ۙ
Wa-yassir leee ʹamree;
مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن.
Verse 20:27
وَاحْلُلْ عُقْدَةً مِّنْ لِّسَانِیْ ۟ۙ
Waḥlul ʻuq̣datam milli saanee,
تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن.
Verse 20:28
یَفْقَهُوْا قَوْلِیْ ۪۟
Yafq̣ahoo q̣awlee:
ئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن.
Verse 20:29
وَاجْعَلْ لِّیْ وَزِیْرًا مِّنْ اَهْلِیْ ۟ۙ
Wajʻal lee Wazeeram min ʹahlee,
ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن[30 ـ 29].
Verse 20:30
هٰرُوْنَ اَخِی ۟ۙ
Haaroona ʹakhee;
ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن[30 ـ 29].
Verse 20:31
اشْدُدْ بِهٖۤ اَزْرِیْ ۟ۙ
ʹUshdud biheee ʹazree,
ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن.
Verse 20:32
وَاَشْرِكْهُ فِیْۤ اَمْرِیْ ۟ۙ
Wa-ʹashrik-hu feee ʹamree:
مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن.
Verse 20:33
كَیْ نُسَبِّحَكَ كَثِیْرًا ۟ۙ
Kay nusabbiḥaka kas̤eeraa.
بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز.
Verse 20:34
وَّنَذْكُرَكَ كَثِیْرًا ۟ؕ
Wa-naẓkuraka kas̤eeraa:
ساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز.
Verse 20:35
اِنَّكَ كُنْتَ بِنَا بَصِیْرًا ۟
ʹInnaka kuñta binaa baṣeeraa.
سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن».
Verse 20:36
قَالَ قَدْ اُوْتِیْتَ سُؤْلَكَ یٰمُوْسٰی ۟
Q̣aala q̣ad ʹooteeta suʹlaka yaa-Moosaa!
ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! سېنىڭ سورىغان نەرسىلىرىڭ ساڭا بېرىلدى .
Verse 20:37
وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَیْكَ مَرَّةً اُخْرٰۤی ۟ۙ
Wa-laq̣ad manannaa ʻalayka marratan ʹukhraa,
(بۇنىڭدىن باشقا) ساڭا يەنە بىر قېتىم ئىنئام قىلغان ئىدۇق.
Verse 20:38
اِذْ اَوْحَیْنَاۤ اِلٰۤی اُمِّكَ مَا یُوْحٰۤی ۟ۙ
ʹIẓ ʹawḥaynaaa ʹilaaa ʹummika maa- yooḥaa,
ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق بىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سالدۇق».
Verse 20:39
اَنِ اقْذِفِیْهِ فِی التَّابُوْتِ فَاقْذِفِیْهِ فِی الْیَمِّ فَلْیُلْقِهِ الْیَمُّ بِالسَّاحِلِ یَاْخُذْهُ عَدُوٌّ لِّیْ وَعَدُوٌّ لَّهٗ ؕ وَاَلْقَیْتُ عَلَیْكَ مَحَبَّةً مِّنِّیْ ۚ۬ وَلِتُصْنَعَ عَلٰی عَیْنِیْ ۟ۘ
ʹAni q̣ẓifeehi fit taabooti faq̣ẓifeehi fil yammi fal-yulq̣ihil yammu bis-saaḥili yaʹkhuẓhu ʻaduwwul lee wa-ʻaduwwul lah: wa-ʹalq̣aytu ʻalayka maḥabbatam minnee: wa-lituṣnaʻa ʻalaa ʻaynee.
(ئېيتتۇقكى) «ئۇنى (يەنى بالىنى) ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى (ساندۇق بىلەن) دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان (پىرئەۋن) ئېلىپ (باقسۇن)». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيەلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم.
Verse 20:40
اِذْ تَمْشِیْۤ اُخْتُكَ فَتَقُوْلُ هَلْ اَدُلُّكُمْ عَلٰی مَنْ یَّكْفُلُهٗ ؕ فَرَجَعْنٰكَ اِلٰۤی اُمِّكَ كَیْ تَقَرَّ عَیْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ ؕ۬ وَقَتَلْتَ نَفْسًا فَنَجَّیْنٰكَ مِنَ الْغَمِّ وَفَتَنّٰكَ فُتُوْنًا ۫۬ فَلَبِثْتَ سِنِیْنَ فِیْۤ اَهْلِ مَدْیَنَ ۙ۬ ثُمَّ جِئْتَ عَلٰی قَدَرٍ یّٰمُوْسٰی ۟
ʹIẓ tamsheee ʹukhtuka fataq̣oolu hal ʹadullukum ʻalaa mañy yakfuluh? Farajaʻnaaka ʹilaaa ʹummika kay taq̣arra ʻaynuhaa wa-laa taḥzan. Wa-q̣atalta nafsañ fanajjaynaaka minal g̣ammi wa-fatannaaka futoonaa. Falabis̤ta sineena feee ʹahli Madyan: S̤umma jiʹta ʻalaa- q̣adariñy Yaa-Moosaa!
ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ (پىرئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە) بېرىپ: «سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇردۇڭ، ئاندىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن (بۇ يەرگە) كەلدىڭ.
Verse 20:41
وَاصْطَنَعْتُكَ لِنَفْسِیْ ۟ۚ
Waṣṭanaʻtuka linafsee.
سېنى مېنىڭ مۇھەببىتىمگە (يەنى پەيغەمبەر قىلىپ ۋەھىي نازىل قىلىشىمغا) تاللىدىم.
Verse 20:42
اِذْهَبْ اَنْتَ وَاَخُوْكَ بِاٰیٰتِیْ وَلَا تَنِیَا فِیْ ذِكْرِیْ ۟ۚ
ʹIẓhab ʹañta wa-ʹakhooka biʹAayaatee wa-laa taniyaa fee ẓikree.
(ئى مۇسا!) سەن ۋە سېنىڭ قېرىندىشىڭ (ھارۇن) مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكرىمگە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار.
Verse 20:43
اِذْهَبَاۤ اِلٰی فِرْعَوْنَ اِنَّهٗ طَغٰی ۟ۚۖ
ʹIẓhabaaa ʹilaa Firʻawna ʹinnahoo ṭag̣aa;
پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى.
Verse 20:44
فَقُوْلَا لَهٗ قَوْلًا لَّیِّنًا لَّعَلَّهٗ یَتَذَكَّرُ اَوْ یَخْشٰی ۟
Faq̣oolaa lahoo q̣awlal layyinal laʻallahoo yataẓakkaru ʹaw yakhshaa.
ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن.
Verse 20:45
قَالَا رَبَّنَاۤ اِنَّنَا نَخَافُ اَنْ یَّفْرُطَ عَلَیْنَاۤ اَوْ اَنْ یَّطْغٰی ۟
Q̣aalaa Rabbanaaa ʹinnanaa nakhaafu ʹañy yafruṭa ʻalaynaaa ʹaw ʹañy yaṭg̣aa.
ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى.
Verse 20:46
قَالَ لَا تَخَافَاۤ اِنَّنِیْ مَعَكُمَاۤ اَسْمَعُ وَاَرٰی ۟
Q̣aala laa- takhaafaaa ʹinnanee maʻakumaaa ʹasmaʻu wa-ʹaraa.
ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر قورقماڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگەن جاۋابىنى) ئاڭلاپ تۇرىمەن، (ئۇنىڭ سىلەرگە قىلىدىغانلىرىنى) كۆرۈپ تۇرىمەن.
Verse 20:47
فَاْتِیٰهُ فَقُوْلَاۤ اِنَّا رَسُوْلَا رَبِّكَ فَاَرْسِلْ مَعَنَا بَنِیْۤ اِسْرَآءِیْلَ ۙ۬ وَلَا تُعَذِّبْهُمْ ؕ قَدْ جِئْنٰكَ بِاٰیَةٍ مِّنْ رَّبِّكَ ؕ وَالسَّلٰمُ عَلٰی مَنِ اتَّبَعَ الْهُدٰی ۟
Faʹtiyaahu faq̣oolaaa ʹinnaa Rasoolaa Rabbika faʹarsil maʻanaa Baneee ʹIsraaaʹeel: wa-laa tuʻaẓẓibhum: q̣ad jiʹnaaka biʹAayatim mir Rabbik! Was-Salaamu ʻalaa manit tabaʻal Hudaa!
سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، بىز ئىككىمىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. ساڭا بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەم (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئامان قالىدۇ.
Verse 20:48
اِنَّا قَدْ اُوْحِیَ اِلَیْنَاۤ اَنَّ الْعَذَابَ عَلٰی مَنْ كَذَّبَ وَتَوَلّٰی ۟
ʹInnaa q̣ad ʹooḥiya ʹilaynaaa ʹannal ʻAẓaaba ʻalaa mañ kaẓ-ẓaba wa-tawallaa.
بىزگە شەك ـ شۈبھىسىز ۋەھىي قىلىندىكى، (ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەم (قاتتىق) ئازابقا دۇچار بولىدۇ، دەڭلار».
Verse 20:49
قَالَ فَمَنْ رَّبُّكُمَا یٰمُوْسٰی ۟
Q̣aala famar Rabbukumaa yaa-Moosaa?
(ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان نەرسىلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن) پىرئەۋن: «ئى مۇسا، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كىم؟» دېدى.
Verse 20:50
قَالَ رَبُّنَا الَّذِیْۤ اَعْطٰی كُلَّ شَیْءٍ خَلْقَهٗ ثُمَّ هَدٰی ۟
Q̣aala Rabbunal laẓeee ʹaʻṭaa kulla shayʹin khalq̣ahoo s̤umma hadaa.
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى».
Verse 20:51
قَالَ فَمَا بَالُ الْقُرُوْنِ الْاُوْلٰی ۟
Q̣aala famaa baalul q̣uroonil ʹoolaa?
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئۆتۈپ كەتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ھالى قانداق؟ (يەنى قانداق بولغان؟) »
Verse 20:52
قَالَ عِلْمُهَا عِنْدَ رَبِّیْ فِیْ كِتٰبٍ ۚ لَا یَضِلُّ رَبِّیْ وَلَا یَنْسَی ۟ؗ
Q̣aala ʻilmuhaa ʻiñda Rabbee fee Kitaab: laa- yaḍillu Rabbee wa-laa yañsaa,
مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدا لەۋھۇلمەھپۇزدا (خاتىرىلەكلىكتۇر)، پەرۋەردىگارىم ھەم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇمايدۇ.
Verse 20:53
الَّذِیْ جَعَلَ لَكُمُ الْاَرْضَ مَهْدًا وَّسَلَكَ لَكُمْ فِیْهَا سُبُلًا وَّاَنْزَلَ مِنَ السَّمَآءِ مَآءً ؕ فَاَخْرَجْنَا بِهٖۤ اَزْوَاجًا مِّنْ نَّبَاتٍ شَتّٰی ۟
ʹAllaẓee jaʻala lakumul ʹarḍa mahdañw wa-salaka lakum feehaa subulañw waʹañzala minas samaaaʹi maaaʹaa. Faʹakhrajnaa biheee ʹazwaajam min nabaatiñ shattaa.
ئۇ زېمىننى سىلەرگە بىسات قىلىپ بەردى، سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ئېچىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى».
Verse 20:54
كُلُوْا وَارْعَوْا اَنْعَامَكُمْ ؕ اِنَّ فِیْ ذٰلِكَ لَاٰیٰتٍ لِّاُولِی النُّهٰی ۟۠
Kuloo warʻaw ʹanʻaamakum: ʹinna fee ẓaalika laʹAayaatil liʹulin nuhaa.
(ئۇلاردىن) يەڭلار ۋە مال - چارۋىلىرىڭلارنى بېقىڭلار، ئۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
Verse 20:55
مِنْهَا خَلَقْنٰكُمْ وَفِیْهَا نُعِیْدُكُمْ وَمِنْهَا نُخْرِجُكُمْ تَارَةً اُخْرٰی ۟
Minhaa khalaq̣naakum wa-feehaa nuʻeedukum wa-minhaa nukhrijukum taaratan ʹukhraa.
سىلەرنى زېمىندىن خەلق ئەتتۇق، (ئۆلگۈنۈڭلاردىن كېيىن) سىلەرنى يەنە زېمىنغا قايتۇرىمىز (توپىغا ئايلىنىسىلەر)، سىلەرنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يەنە بىر قېتىم زېمىندىن چىقىرىمىز.
Verse 20:56
وَلَقَدْ اَرَیْنٰهُ اٰیٰتِنَا كُلَّهَا فَكَذَّبَ وَاَبٰی ۟
Wa-laq̣ad ʹaraynaahu ʹAayaatinaa kullahaa fakaẓẓaba wa-ʹabaa.
شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ ھەممە مۆجىزىلىرىمىزنى كۆرسەتتۇق. ئۇ ئىنكار قىلدى ۋە (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتى.
Verse 20:57
قَالَ اَجِئْتَنَا لِتُخْرِجَنَا مِنْ اَرْضِنَا بِسِحْرِكَ یٰمُوْسٰی ۟
Q̣aala ʹajiʹtanaa litukhrijanaa min ʹarḍinaa bisiḥrika yaa-Moosaa?
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى مۇسا ! سېھرىڭ بىلەن بىزنى زېمىنىمىز (مىسىر) دىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟
Verse 20:58
فَلَنَاْتِیَنَّكَ بِسِحْرٍ مِّثْلِهٖ فَاجْعَلْ بَیْنَنَا وَبَیْنَكَ مَوْعِدًا لَّا نُخْلِفُهٗ نَحْنُ وَلَاۤ اَنْتَ مَكَانًا سُوًی ۟
Falanaʹtiyannaka bisiḥrim mis̤lihee fajʻal baynana wa-baynaka mawʻidal laa nukhlifuhoo naḥnu wa-laaa ʹañta makaanañ suwaa.
ساڭا بىز شۇنىڭغا ئوخشاش سېھىر بىلەن تاقابىل تۇرىمىز، سەن بىزگە ئۆز ئارا يىغىلىدىغان ۋاقىتنى ۋە مۇئەييەن جاينى بەلگىلەپ بەرگىن، سەنمۇ، بىزمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايلى».
Verse 20:59
قَالَ مَوْعِدُكُمْ یَوْمُ الزِّیْنَةِ وَاَنْ یُّحْشَرَ النَّاسُ ضُحًی ۟
Q̣aala mawʻidukum yawmuz zeenati wa-ʹañy yuḥsharan naasu ḍuḥaa.
مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن».
Verse 20:60
فَتَوَلّٰی فِرْعَوْنُ فَجَمَعَ كَیْدَهٗ ثُمَّ اَتٰی ۟
Fatawallaa firʻawnu fajamaʻa kaydahoo s̤umma ʹataa.
پىرئەۋن قايتىپ كېتىپ ھىيلە ـ مىكرنى (يەنى سېھىرگەرلەرنى) توپلىدى. ئاندىن ئۇ (سېھىرگەرلەرنى ۋە سېھرىدە ئىشلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا) كەلدى.
Verse 20:61
قَالَ لَهُمْ مُّوْسٰی وَیْلَكُمْ لَا تَفْتَرُوْا عَلَی اللّٰهِ كَذِبًا فَیُسْحِتَكُمْ بِعَذَابٍ ۚ وَقَدْ خَابَ مَنِ افْتَرٰی ۟
Q̣aala lahum Moosaa waylakum laa- taftaroo ʻalal laahi kaẓibañ fayusḥitakum̃ biʻaẓaab: wa-q̣ad khaaba manif taraa!
مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋاي! ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماڭلار (يەنى سېھرىڭلار ئارقىلىق مۆجىزىلىرىمگە تاقابىل تۇرۇشنى دەۋا قىلماڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەم مەغلۇب بولىدۇ».
Verse 20:62
فَتَنَازَعُوْۤا اَمْرَهُمْ بَیْنَهُمْ وَاَسَرُّوا النَّجْوٰی ۟
Fatanaazaʻooo ʹamrahum̃ baynahum wa-ʹasarrun najwaa.
ئۇلار ئۆز ئىشى (يەنى مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئىشى) ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، قىلغان دەتالىشىنى يوشۇرۇشتى.
Verse 20:63
قَالُوْۤا اِنْ هٰذٰىنِ لَسٰحِرٰنِ یُرِیْدٰنِ اَنْ یُّخْرِجٰكُمْ مِّنْ اَرْضِكُمْ بِسِحْرِهِمَا وَیَذْهَبَا بِطَرِیْقَتِكُمُ الْمُثْلٰی ۟
Q̣aalooo ʹin haaẓaani lasaaḥiraani yureedaani ʹañy yukhrijaakum min ʹarḍikum̃ bisiḥrihimaa wa-yaẓhabaa biṭareeq̣atikumul mus̤laa.
ئۇلار ئېيتتى: «بۇ ئىككىسى راستلا سېھىرگەر بولۇپ، سېھىر بىلەن سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە توغرا دىنىڭلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ.
Verse 20:64
فَاَجْمِعُوْا كَیْدَكُمْ ثُمَّ ائْتُوْا صَفًّا ۚ وَقَدْ اَفْلَحَ الْیَوْمَ مَنِ اسْتَعْلٰی ۟
Faʹajmiʻoo kaydakum s̤ummaʹ too ṣaffaa: wa-q̣ad ʹaflaḥal yawma manis taʻlaa.
ھىيلەڭلارنىڭ ھەممىسىنى جەملەڭلار (يەنى پۈتۈن چارە ـ تەدبىرلىرىڭلارنى بىر نۇقتىغا يىغىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىڭلار)، ئاندىن (قارىغۇچىلارغا ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ئۈچۈن مەيدانغا) سەپ تارتىپ كېلىڭلار، بۈگۈن ئۈستۈنلۈك قازانغان ئادەم راستلا مەقسىتىگە ئېرىشىدۇ».
Verse 20:65
قَالُوْا یٰمُوْسٰۤی اِمَّاۤ اَنْ تُلْقِیَ وَاِمَّاۤ اَنْ نَّكُوْنَ اَوَّلَ مَنْ اَلْقٰی ۟
Q̣aaloo yaa-Moosaaa ʹimmaaa ʹañ tulq̣iya wa-ʹimmaaa ʹan nakoona ʹawwala man ʹalq̣aa?
ئۇلار ئېيتتى: «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن؟ ياكى (ئارغامچا، ھاسىلىرىمىزنى) بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟»
Verse 20:66
قَالَ بَلْ اَلْقُوْا ۚ فَاِذَا حِبَالُهُمْ وَعِصِیُّهُمْ یُخَیَّلُ اِلَیْهِ مِنْ سِحْرِهِمْ اَنَّهَا تَسْعٰی ۟
Q̣aala bal ʹalq̣oo! Faʹiẓaa ḥibaaluhum wa-ʻiṣiyyuhum yukhayyalu ʹilayhi miñ siḥrihim ʹannahaa tasʻaa!
مۇسا: «ئۇنداقتا سىلەر ئالدىدا تاشلاڭلار!» دېدى. (ئۇلار تاشلىغان ئىدى) ناگاھان ئۇلارنىڭ ئاغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھىرىدىن (يەنى سېھىرنىڭ تەسىرىدىن) ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.
Verse 20:67
فَاَوْجَسَ فِیْ نَفْسِهٖ خِیْفَةً مُّوْسٰی ۟
Faʹawjasa fee nafsihee kheefatam Moosaa.
(بۇنىڭدىن) مۇسا ئۆزىدە قورقۇنچ ھېس قىلدى.
Verse 20:68
قُلْنَا لَا تَخَفْ اِنَّكَ اَنْتَ الْاَعْلٰی ۟
Q̣ulnaa laa- takhaf ʹinnaka ʹantal ʹaʻlaa:
بىز (ئۇنىڭغا) ئېيتتۇقكى، «قورقمىغىن، سەن چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن،
Verse 20:69
وَاَلْقِ مَا فِیْ یَمِیْنِكَ تَلْقَفْ مَا صَنَعُوْا ؕ اِنَّمَا صَنَعُوْا كَیْدُ سٰحِرٍ ؕ وَلَا یُفْلِحُ السَّاحِرُ حَیْثُ اَتٰی ۟
Waʹalq̣i maa- fee yameenika talq̣af maa- ṣanaʻoo. ʹInnamaa ṣanaʻoo kaydu saaḥir: wa-laa yufliḥus saaḥiru ḥays̤u ʹataa.
قولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ».
Verse 20:70
فَاُلْقِیَ السَّحَرَةُ سُجَّدًا قَالُوْۤا اٰمَنَّا بِرَبِّ هٰرُوْنَ وَمُوْسٰی ۟
Faʹulq̣iyas saharatu sujjadañ q̣aalooo ʹaamannaa bi-Rabbi Haaroona wa-Moosaa.
(مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى) شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر (سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ): «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى.
Verse 20:71
قَالَ اٰمَنْتُمْ لَهٗ قَبْلَ اَنْ اٰذَنَ لَكُمْ ؕ اِنَّهٗ لَكَبِیْرُكُمُ الَّذِیْ عَلَّمَكُمُ السِّحْرَ ۚ فَلَاُقَطِّعَنَّ اَیْدِیَكُمْ وَاَرْجُلَكُمْ مِّنْ خِلَافٍ وَّلَاُوصَلِّبَنَّكُمْ فِیْ جُذُوْعِ النَّخْلِ ؗ وَلَتَعْلَمُنَّ اَیُّنَاۤ اَشَدُّ عَذَابًا وَّاَبْقٰی ۟
Q̣aala ʹaamañtum lahoo q̣abla ʹan ʹaaẓana lakum? ʹInnahoo lakabeerukumul laẓee ʻallamakumus siḥr! Falaʹuq̣aṭṭiʻanna ʹaydiyakum wa-ʹarjulakum min khilaafiñw walaʹuṣallibannakum fee juẓooʻin nakhl: wa-lataʻlamunna ʹayyunaaa ʹashaddu ʻaẓaabañw Waʹabq̣aa!
پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قول بىلەن سول پۇتنى، ئوڭ پۇت بىلەن سول قولنى) كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ (يەنى مېنىڭ ياكى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ) ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىسىلەر».
Verse 20:72
قَالُوْا لَنْ نُّؤْثِرَكَ عَلٰی مَا جَآءَنَا مِنَ الْبَیِّنٰتِ وَالَّذِیْ فَطَرَنَا فَاقْضِ مَاۤ اَنْتَ قَاضٍ ؕ اِنَّمَا تَقْضِیْ هٰذِهِ الْحَیٰوةَ الدُّنْیَا ۟ؕ
Q̣aaloo lan nuʹs̤iraka ʻalaa maa- jaaaʹanaa minal Bayyinaati wallaẓee faṭaranaa faq̣ḍi maaa ʹañta q̣aaḍ. ʹInnamaa taq̣ḍee haaẓihil ḥayaatad dunyaa.
ئۇلار ئېيتتى: «سېنى (يەنى ساڭا ئەگىشىشنى) ئىختىيار قىلىپ، بىزگە كەلگەن (مۇسانىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە بىزنى خەلق ئەتكەن ئاللاھنى ھەرگىز تاشلىمايمىز. (بىزنىڭ ھەققىمىزدە) نېمىنى ھۆكۈم قىلساڭ، شۇنى ھۆكۈم قىلغىن، سېنىڭ ھۆكمىڭ پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئۆتىدۇ.
Verse 20:73
اِنَّاۤ اٰمَنَّا بِرَبِّنَا لِیَغْفِرَ لَنَا خَطٰیٰنَا وَمَاۤ اَكْرَهْتَنَا عَلَیْهِ مِنَ السِّحْرِ ؕ وَاللّٰهُ خَیْرٌ وَّاَبْقٰی ۟
ʹInnaaa ʹaamannaa bi-Rabbinaa liyag̣fira lanaa khaṭaayaanaa wa-maaa ʹakrahtanaa ʻalayhi minas siḥr: wallaahu Khayruñw WaʹAbq̣aa.
بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى، سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا بىزنىڭ سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەپ بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزغا ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھنىڭ (ساۋابى سېنىڭ مۇكاپاتىڭدىن) ئارتۇقتۇر؛ ئاللاھنىڭ (ئازابى سېنىڭ جازايىڭدىن) دائىمىيدۇر».
Verse 20:74
اِنَّهٗ مَنْ یَّاْتِ رَبَّهٗ مُجْرِمًا فَاِنَّ لَهٗ جَهَنَّمَ ؕ لَا یَمُوْتُ فِیْهَا وَلَا یَحْیٰی ۟
ʹInnahoo mañy yaʹti Rabbahoo mujrimañ faʹinna lahoo Jahannam: laa- yamootu feehaa wa-laa yaḥyaa.
كىمكى گۇناھكار ھالدا ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىكەن، ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاختا ئۇ ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ.
Verse 20:75
وَمَنْ یَّاْتِهٖ مُؤْمِنًا قَدْ عَمِلَ الصّٰلِحٰتِ فَاُولٰٓىِٕكَ لَهُمُ الدَّرَجٰتُ الْعُلٰی ۟ۙ
Wa-mañy yaʹtihee Muʹminañ q̣ad ʻamilaṣ ṣaaliḥaati faʹulaaaʹika lahumud darajaatul ʻulaa,
كىمكى مۆمىن بولۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىكەن، ئۇ (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشىدۇ.
Verse 20:76
جَنّٰتُ عَدْنٍ تَجْرِیْ مِنْ تَحْتِهَا الْاَنْهٰرُ خٰلِدِیْنَ فِیْهَا ؕ وَذٰلِكَ جَزٰٓؤُا مَنْ تَزَكّٰی ۟۠
Jannaatu ʻAdniñ tajree miñ taḥtihal ʹanhaaru khaalideena feehaa: waẓaalika jazaaaʹu mañ tazakkaa.
ئۇ (دەرىجىلەر) دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەرلەردە ئۇ مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولغان ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر.
Verse 20:77
وَلَقَدْ اَوْحَیْنَاۤ اِلٰی مُوْسٰۤی ۙ۬ اَنْ اَسْرِ بِعِبَادِیْ فَاضْرِبْ لَهُمْ طَرِیْقًا فِی الْبَحْرِ یَبَسًا ۙ لَّا تَخٰفُ دَرَكًا وَّلَا تَخْشٰی ۟
Wa-laq̣ad ʹawḥaynaaa ʹilaa Moosaaa ʹan ʹasri biʻibaadee faḍrib lahum ṭareeq̣añ fil baḥri yabasal laa takhaafu darakañw walaa takhshaa.
بىز شەك ـ شۈبھىسىز مۇساغا ۋەھىي قىلدۇقكى، «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كەت، سەن (ھاساڭنى) دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، (پىرئەۋننىڭ ئارقاڭدىن قوغلاپ) يېتىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، (دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ) قورقمىغىن».
Verse 20:78
فَاَتْبَعَهُمْ فِرْعَوْنُ بِجُنُوْدِهٖ فَغَشِیَهُمْ مِّنَ الْیَمِّ مَا غَشِیَهُمْ ۟ؕ
Faʹatbaʻahum Firʻawnu bijunoodihee fag̣ashiyahum minal yammi maa- g̣ashiyahum.
پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلىدى، ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ لەشكىرىنى) دېڭىزدا دەھشەتلىك ھالەت ئورىۋالدى (يەنى ئۇلار دېڭىزدا غەرق بولدى).
Verse 20:79
وَاَضَلَّ فِرْعَوْنُ قَوْمَهٗ وَمَا هَدٰی ۟
Wa-ʹaḍalla Firʻawnu q̣awmahoo wa-maa hadaa.
پىرئەۋن ئۆز قەۋمىنى ئازدۇردى، (ئۇلارنى) توغرا يولغا باشلىمىدى.
Verse 20:80
یٰبَنِیْۤ اِسْرَآءِیْلَ قَدْ اَنْجَیْنٰكُمْ مِّنْ عَدُوِّكُمْ وَوٰعَدْنٰكُمْ جَانِبَ الطُّوْرِ الْاَیْمَنَ وَنَزَّلْنَا عَلَیْكُمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوٰی ۟
Yaa-Baneee ʹIsraaaʹeela q̣ad ʹañjaynaakum min ʻaduwwikum wa-waaʻadnaakum jaanibaṭ Ṭooril ʹaymana wa-nazzalnaa ʻalaykumul Manna was-Salwaa:
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرنى ھەقىقەتەن دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، (مۇناجات ئۈچۈن ۋە مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن) سىلەرگە (تۇرسىنا) نىڭ ئوڭ تەرىپىنى ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق.
Verse 20:81
كُلُوْا مِنْ طَیِّبٰتِ مَا رَزَقْنٰكُمْ وَلَا تَطْغَوْا فِیْهِ فَیَحِلَّ عَلَیْكُمْ غَضَبِیْ ۚ وَمَنْ یَّحْلِلْ عَلَیْهِ غَضَبِیْ فَقَدْ هَوٰی ۟
Kuloo miñ ṭayyibaati maa- razaq̣naakum wa-laa taṭg̣aw feehi fayaḥilla ʻalaykum g̣aḍabee: wa-mañy yaḥlil ʻalayhi g̣aḍabee faq̣ad hawaa!
(ئېيتتۇقكى) «بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك ـ ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، بۇ ھەقتە چەكتىن ئاشماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) سىلەرگە غەزىپىم نازىل بولىدۇ، كىمگە مېنىڭ غەزىپىم نازىل بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ.
Verse 20:82
وَاِنِّیْ لَغَفَّارٌ لِّمَنْ تَابَ وَاٰمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا ثُمَّ اهْتَدٰی ۟
Wa-ʹinnee la-G̣affaarul limañ taaba wa-ʹaamana wa-ʻamila ṣaaliḥañ s̤ummah tadaa
تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن».
Verse 20:83
وَمَاۤ اَعْجَلَكَ عَنْ قَوْمِكَ یٰمُوْسٰی ۟
Wa-maaa ʹaʻjalaka ʻañ q̣awmika Yaa-Moosaa?
«ئى مۇسا! ئالدىراپ (تۇرسىناغا) قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدۇق.
Verse 20:84
قَالَ هُمْ اُولَآءِ عَلٰۤی اَثَرِیْ وَعَجِلْتُ اِلَیْكَ رَبِّ لِتَرْضٰی ۟
Q̣aala hum ʹulaaaʹi ʻalaaa ʹas̤aree wa-ʻajiltu ʹilayka Rabbi litarḍaa.
مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار ئىزىمنى قوغلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، پەرۋەردىگارىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم».
Verse 20:85
قَالَ فَاِنَّا قَدْ فَتَنَّا قَوْمَكَ مِنْ بَعْدِكَ وَاَضَلَّهُمُ السَّامِرِیُّ ۟
Q̣aala faʹinnaa q̣ad fatannaa q̣awmaka mim baʻdika waʹaḍallahumus Saamiriyy.
ئاللاھ ئېيتتى: «سەندىن (يەنى سەن كەتكەندىن) كېيىن قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئۇلارنى سامىرى ئازدۇردى».
Verse 20:86
فَرَجَعَ مُوْسٰۤی اِلٰی قَوْمِهٖ غَضْبَانَ اَسِفًا ۚ۬ قَالَ یٰقَوْمِ اَلَمْ یَعِدْكُمْ رَبُّكُمْ وَعْدًا حَسَنًا ؕ۬ اَفَطَالَ عَلَیْكُمُ الْعَهْدُ اَمْ اَرَدْتُّمْ اَنْ یَّحِلَّ عَلَیْكُمْ غَضَبٌ مِّنْ رَّبِّكُمْ فَاَخْلَفْتُمْ مَّوْعِدِیْ ۟
farajaʻa Moosaaa ʹilaa q̣awmihee g̣aḍbaana ʹasifaa. Q̣aala Yaa-q̣awmi ʹalam yaʻidkum Rabbukum waʻdan ḥasanaa? ʹAfaṭaala ʻalaykumul ʻahdu ʹam ʹarattum ʹañy yaḥilla ʻalaykum g̣aḍabum mir Rabbikum faʹakhlaftum mawʻidee?
مۇسا قەۋمىگە غەزەپلەنگەن ھالدا خاپا قايتتى، ئۇ ئېيتتى: «سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار چىرايلىق ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ (سىلەر ئەھدىنى ئۇنتۇغۇدەك) ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟».
Verse 20:87
قَالُوْا مَاۤ اَخْلَفْنَا مَوْعِدَكَ بِمَلْكِنَا وَلٰكِنَّا حُمِّلْنَاۤ اَوْزَارًا مِّنْ زِیْنَةِ الْقَوْمِ فَقَذَفْنٰهَا فَكَذٰلِكَ اَلْقَی السَّامِرِیُّ ۟ۙ
Q̣aaloo maaa ʹakhlafnaa mawʻidaka bimalkinaa wa-laakinnaa ḥummilnaaa ʹawzaaram miñ zeenatil q̣awmi faq̣aẓafnaahaa fakaẓaalika ʹalq̣as Saamiriyy.
ئۇلار ئېيتتى: «ساڭا بەرگەن ۋەدىگە ئۆزلۈكىمىزدىن خىلاپلىق قىلغىنىمىز يوق، لېكىن بىز (پىرئەۋن) قەۋمىنىڭ زىننەتلىرىدىن نۇرغۇن ئېلىپ چىققان ئىدۇق، (سامىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە) ئۇلارنى (ئوتقا) تاشلىدۇق، سامىرىمۇ (ئۆزى ئېلىپ چىققان زىبۇ- زىننەتلىرىنى) تاشلىدى».
Verse 20:88
فَاَخْرَجَ لَهُمْ عِجْلًا جَسَدًا لَّهٗ خُوَارٌ فَقَالُوْا هٰذَاۤ اِلٰهُكُمْ وَاِلٰهُ مُوْسٰی ۬ فَنَسِیَ ۟ؕ
Faʹakhraja lahum ʻijlañ jasadal lahoo khuwaaruñ faq̣aaloo haaẓaaa ʹilaahukum wa-ʹilaahu Moosaa, fanasee!
سامىرى (ئېرىتىلگەن زىبۇ - زىننەتلەردىن) ئۇلار ئۈچۈن بىر موزاي ھەيكەل ياسىدى، ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقاتتى، ئۇلار (يەنى سامىرى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) ئېيتتى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر ۋە مۇسانىڭ ئىلاھىدۇر، مۇسا (ئىلاھنى بۇ يەردە) ئۇنتۇپ قېلىپ (ئۇنى ئىزدەپ تۇرسىناغا كەتتى)».
Verse 20:89
اَفَلَا یَرَوْنَ اَلَّا یَرْجِعُ اِلَیْهِمْ قَوْلًا ۙ۬ وَّلَا یَمْلِكُ لَهُمْ ضَرًّا وَّلَا نَفْعًا ۟۠
ʹAfalaa yarawna ʹallaa yarjiʻu ʹilayhim q̣awlaa: walaa yamliku lahum ḍarrañw walaa nafʻaa.
ئۇ موزاينىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟.
Verse 20:90
وَلَقَدْ قَالَ لَهُمْ هٰرُوْنُ مِنْ قَبْلُ یٰقَوْمِ اِنَّمَا فُتِنْتُمْ بِهٖ ۚ وَاِنَّ رَبَّكُمُ الرَّحْمٰنُ فَاتَّبِعُوْنِیْ وَاَطِیْعُوْۤا اَمْرِیْ ۟
Wa-laq̣ad q̣aala lahum Haaroonu miñ q̣ablu yaa-q̣awmi ʹinnamaa futiñtum bih: wa-ʹinna Rabbakumur Raḥmaanu fattabiʻoonee wa-ʹaṭeeʻooo ʹamree.
شەك ـ شۈبھىسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا (مۇسا قايتىپ كېلىشتىن) بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاي بىلەن قايمۇقتۇرۇلدۇڭلار، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر، ماڭا بويسۇنۇڭلار، (موزايغا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىش بىلەن) بۇيرۇقىمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېدى.
Verse 20:91
قَالُوْا لَنْ نَّبْرَحَ عَلَیْهِ عٰكِفِیْنَ حَتّٰی یَرْجِعَ اِلَیْنَا مُوْسٰی ۟
Q̣aaloo lan nabraḥa ʻalayhi ʻaakifeena ḥattaa yarjiʻa ʹilaynaa Moosaa.
ئۇلار: «مۇسا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چوقۇنىۋېرىمىز» دېيىشتى.
Verse 20:92
قَالَ یٰهٰرُوْنُ مَا مَنَعَكَ اِذْ رَاَیْتَهُمْ ضَلُّوْۤا ۟ۙ
Q̣aala yaa-Haaroonu maa manaʻaka ʹiẓ raʹaytahum ḍalloo.
مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا (خۇدالىق ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە) ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟
Verse 20:93
اَلَّا تَتَّبِعَنِ ؕ اَفَعَصَیْتَ اَمْرِیْ ۟
ʹAllaa tattabiʻan? ʹAfaʻaṣayta ʹamree?
مېنىڭ بۇيرۇقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟.
Verse 20:94
قَالَ یَبْنَؤُمَّ لَا تَاْخُذْ بِلِحْیَتِیْ وَلَا بِرَاْسِیْ ۚ اِنِّیْ خَشِیْتُ اَنْ تَقُوْلَ فَرَّقْتَ بَیْنَ بَنِیْۤ اِسْرَآءِیْلَ وَلَمْ تَرْقُبْ قَوْلِیْ ۟
Q̣aala yabnaʹumma laa- taʹkhuẓ biliḥyatee wa-laa biraʹsee! ʹInnee khasheetu ʹañ taq̣oola farraq̣ta bayna Baneee ʹIsraaaʹeela wa-lam tarq̣ub q̣awlee!
ھارۇن ئېيتتى: « ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە دىققەت قىلماپسەن، دېيىشىڭدىن قورقتۇم».
Verse 20:95
قَالَ فَمَا خَطْبُكَ یٰسَامِرِیُّ ۟
Q̣aala famaa khaṭbuka Yaa-Saamiriyy?
مۇسا ئېيتتى: «ئى سامىرى! سەن نېمە بولدۇڭ؟ (يەنى مۇنداق يامان ئىشنى قىلىشىڭدىن غەرىزىڭ نېمە؟)».
Verse 20:96
قَالَ بَصُرْتُ بِمَا لَمْ یَبْصُرُوْا بِهٖ فَقَبَضْتُ قَبْضَةً مِّنْ اَثَرِ الرَّسُوْلِ فَنَبَذْتُهَا وَكَذٰلِكَ سَوَّلَتْ لِیْ نَفْسِیْ ۟
Q̣aala baṣurtu bimaa lam yabṣuroo bihee faq̣abaḍtu q̣abḍatam min ʹas̤arir Rasooli fanabaẓtuhaa wa-kaẓaalika sawwalat lee nafsee.
سامىرى ئېيتتى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئەلچى (يەنى جىبرىئىل) نىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپىنى ئالدىم ـ دە، ئۇنى (موزايغا) چاچتىم، (شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقتى)، شۇنىڭدەك (بۇنى) ماڭا نەپسىم چىرايلىق كۆرسەتتى».
Verse 20:97
قَالَ فَاذْهَبْ فَاِنَّ لَكَ فِی الْحَیٰوةِ اَنْ تَقُوْلَ لَا مِسَاسَ ۪ وَاِنَّ لَكَ مَوْعِدًا لَّنْ تُخْلَفَهٗ ۚ وَانْظُرْ اِلٰۤی اِلٰهِكَ الَّذِیْ ظَلْتَ عَلَیْهِ عَاكِفًا ؕ لَنُحَرِّقَنَّهٗ ثُمَّ لَنَنْسِفَنَّهٗ فِی الْیَمِّ نَسْفًا ۟
Q̣aala faẓhab faʹinna laka fil ḥayaati ʹañ taq̣oola Laa- Misaas˺: wa-ʹinna laka mawʻidal lañ tukhlafah: wañz̤̣ur ʹilaaa ʹilaahikal laẓee z̤̣alta ʻalayhi ʻaakifaa: lanuḥarriq̣annahoo s̤umma lanañsifannahoo fil yammi nasfaa!
مۇسا (سامىرىغا) ئېيتتى: «سەن بارغىن! سەن ئۆمۈرۋايەت (كۆرگەنلا كىشىگە) ماڭا يېقىنلاشماڭلار! دېگەيسەن (يەنى سېنىڭ كىشىگە يېقىنلاشماسلىقىڭ، كىشىنىڭ ساڭا يېقىنلاشماسلىقى بۇ دۇنيادا ساڭا بېرىلگەن جازادۇر)، شۈبھىسىزكى (ئاخىرەتتە جازالىنىدىغان) مۇئەييەن بىر ۋاقتىڭ بار، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، سەن ھامان چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم (ئوتتا) كۆيدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ (كۈلىنى) دېڭىزغا چېچىۋېتىمىز».
Verse 20:98
اِنَّمَاۤ اِلٰهُكُمُ اللّٰهُ الَّذِیْ لَاۤ اِلٰهَ اِلَّا هُوَ ؕ وَسِعَ كُلَّ شَیْءٍ عِلْمًا ۟
ʹInnamaaa ʹIlaahukumul laahul laẓee Laaa ʹilaaha ʹillaa Hoo: wasiʻa kulla shayʹin ʻilmaa.
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەر نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.
Verse 20:99
كَذٰلِكَ نَقُصُّ عَلَیْكَ مِنْ اَنْۢبَآءِ مَا قَدْ سَبَقَ ۚ وَقَدْ اٰتَیْنٰكَ مِنْ لَّدُنَّا ذِكْرًا ۟ۖۚ
Kaẓaalika naq̣uṣṣu ʻalayka min ʹambaaaʹi maa- q̣ad sabaq̣: wa-q̣ad ʹaataynaaka mil ladunnaa Ẓikraa.
(ئى مۇھەممەد!) شۇنىڭدەك، ساڭا ئۆتكەنكىلەرنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى بايان قىلىمىز، ساڭا ئۆز تەرىپىمىزدىن قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق.
Verse 20:100
مَنْ اَعْرَضَ عَنْهُ فَاِنَّهٗ یَحْمِلُ یَوْمَ الْقِیٰمَةِ وِزْرًا ۟ۙ
Man ʹaʻraḍa ʻanhu faʹinnahoo yaḥmilu Yawmal Q̣iyaamati wizraa;
كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى (چوڭ گۇناھتىن) ئېغىر يۈك يۈكلىنىدۇ.
Verse 20:101
خٰلِدِیْنَ فِیْهِ ؕ وَسَآءَ لَهُمْ یَوْمَ الْقِیٰمَةِ حِمْلًا ۟ۙ
Khaalideena feeh: wa-saaaʹa lahum Yawmal Q̣iyaamati ḥimlaa,
(ئۇ گۇناھى ئۈچۈن بېرىلگەن ئازابنى مەڭگۈ تارتىدۇ) قىيامەت كۈنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن بۇ يۈك نېمىدېگەن يامان!.
Verse 20:102
یَّوْمَ یُنْفَخُ فِی الصُّوْرِ وَنَحْشُرُ الْمُجْرِمِیْنَ یَوْمَىِٕذٍ زُرْقًا ۟ۚۖ
Yawma yuñfakhu fiṣ Ṣoori wa-naḥshurul mujrimeena Yawmaʹiẓiñ zurq̣aa.
بۇ سۇر چىلىنىدىغان كۈندۇر، بۇ كۈندە (شەكلى ئۆزگەرگەن) كۆك كۆزلۈك (قارا يۈزلۈك) گۇناھكارلارنى يىغىمىز.
Verse 20:103
یَّتَخَافَتُوْنَ بَیْنَهُمْ اِنْ لَّبِثْتُمْ اِلَّا عَشْرًا ۟
Yatakhaafatoona baynahum ʹil labis̤tum ʹillaa ʻashraa;
(قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ دۇنيادا تۇرغان ۋاقتى قىسقا بىلىنگەنلىكتىن) (ئۇلار) «(دۇنيادا) پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار» دېيىشىپ پىچىرلىشىدۇ.
Verse 20:104
نَحْنُ اَعْلَمُ بِمَا یَقُوْلُوْنَ اِذْ یَقُوْلُ اَمْثَلُهُمْ طَرِیْقَةً اِنْ لَّبِثْتُمْ اِلَّا یَوْمًا ۟۠
Naḥnu ʹAʻlamu bimaa yaq̣ooloona ʹiẓ yaq̣oolu ʹams̤aluhum Ṭareeq̣atan ʹil labis̤tum ʹillaa yawmaa!
ئۇلارنىڭ دەيدىغانلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئەينى زاماندا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا سۆزلەيدىغىنى: «سىلەر پەقەت بىر كۈن تۇردۇڭلار» دەيدۇ.
Verse 20:105
وَیَسْـَٔلُوْنَكَ عَنِ الْجِبَالِ فَقُلْ یَنْسِفُهَا رَبِّیْ نَسْفًا ۟ۙ
Wa-yasʹaloonaka ʻanil jibaali faq̣ul yañsifuhaa Rabbee nasfaa:
ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق (يەنى تاغنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق) سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى كۈكۈم - تالقان قىلىپ (ئاندىن شامالنى ئەۋەتىپ ئۇنى سورۇيدۇ).
Verse 20:106
فَیَذَرُهَا قَاعًا صَفْصَفًا ۟ۙ
Fayaẓaruhaa q̣aaʻañ ṣafṣafaa;
ئۇلارنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ.
Verse 20:107
لَّا تَرٰی فِیْهَا عِوَجًا وَّلَاۤ اَمْتًا ۟ؕ
Laa- taraa feehaa ʻiwajañw Walaaa ʹamtaa.
ئۇ يەرلەردە نە چوڭقۇرلۇقنى، نە ئېگىزلىكنى كۆرمەيسەن».
Verse 20:108
یَوْمَىِٕذٍ یَّتَّبِعُوْنَ الدَّاعِیَ لَا عِوَجَ لَهٗ ۚ وَخَشَعَتِ الْاَصْوَاتُ لِلرَّحْمٰنِ فَلَا تَسْمَعُ اِلَّا هَمْسًا ۟
Yawmaʹiẓiñy yattabiʻoonad Daaʻiya laa- ʻiwaja lah: wa-khashaʻatil ʹaṣwaatu lir-Raḥmaani falaa tasmaʻu ʹillaa hamsaa.
بۇ كۈندە (كىشىلەر ئاللاھنىڭ مەھشەرگاھقا) دەۋەت قىلغۇچىسىغا ئەگىشىدۇ، قىڭغىر كەتمەيدۇ، مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، پىچىرلاشقاندىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن.
Verse 20:109
یَوْمَىِٕذٍ لَّا تَنْفَعُ الشَّفَاعَةُ اِلَّا مَنْ اَذِنَ لَهُ الرَّحْمٰنُ وَرَضِیَ لَهٗ قَوْلًا ۟
Yawmaʹiẓil laa tañfaʻush Shafaaʻatu ʹillaa man ʹaẓina lahur Raḥmaanu wa-raḍiya lahoo q̣awlaa.
بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ.
Verse 20:110
یَعْلَمُ مَا بَیْنَ اَیْدِیْهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا یُحِیْطُوْنَ بِهٖ عِلْمًا ۟
Yaʻlamu maa- bayna ʹaydeehim wa-maa khalfahum wa-laa yuḥeeṭoona bihee ʻilmaa.
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار بولسا ئۇنى بىلمەيدۇ.
Verse 20:111
وَعَنَتِ الْوُجُوْهُ لِلْحَیِّ الْقَیُّوْمِ ؕ وَقَدْ خَابَ مَنْ حَمَلَ ظُلْمًا ۟
Wa-ʻanatil wujoohu lil-Ḥayyil Q̣ayyoom: wa-q̣ad khaaba man ḥamala z̤̣ulmaa.
گۇناھكارلار مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى(مەڭگۈ) ھايات ئاللاھقا ئېگىلىدۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ.
Verse 20:112
وَمَنْ یَّعْمَلْ مِنَ الصّٰلِحٰتِ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَا یَخٰفُ ظُلْمًا وَّلَا هَضْمًا ۟
Wa-mañy yaʻmal minaṣ ṣaaliḥaati wa-huwa Muʹminuñ falaa yakhaafu z̤̣ulmañw walaa haḍmaa.
مۆمىن تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار يامانلىقلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ۋە ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ.
Verse 20:113
وَكَذٰلِكَ اَنْزَلْنٰهُ قُرْاٰنًا عَرَبِیًّا وَّصَرَّفْنَا فِیْهِ مِنَ الْوَعِیْدِ لَعَلَّهُمْ یَتَّقُوْنَ اَوْ یُحْدِثُ لَهُمْ ذِكْرًا ۟
Wa-kaẓaalika ʹañzalnaahu Q̣ur-ʹaanan ʻArabiyyañw waṣarrafnaa fee-hi minal waʻeedi laʻallahum yattaq̣oona ʹaw yuḥdis̤u lahum ẓikraa.
ئۇلارنىڭ تەقۋادار بولۇشلىرى ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى ۋەز ـ نەسىھەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ساڭا ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بايان قىلدۇق.
Verse 20:114
فَتَعٰلَی اللّٰهُ الْمَلِكُ الْحَقُّ ۚ وَلَا تَعْجَلْ بِالْقُرْاٰنِ مِنْ قَبْلِ اَنْ یُّقْضٰۤی اِلَیْكَ وَحْیُهٗ ؗ وَقُلْ رَّبِّ زِدْنِیْ عِلْمًا ۟
Fataʻaalal laahul Malikul Ḥaq̣q̣! Wa-laa taʻjal bil-q̣urʹaani miñ q̣abli ʹañy yuq̣ḍaaa ʹilayka waḥyuh: wa-q̣ur Rabbi zidnee ʻilmaa.
ئاللاھ (زاتى، سۈپىتى جەھەتتە پۈتۈن مەخلۇقاتتىن) ئۈستۈندۇر، ھەق پادىشاھتۇر، (ئى مۇھەممەد!) ساڭا قۇرئاننىڭ ۋەھىيسى تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمىگىن، (يەنى جىبرىئىل ساڭا قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، بىللە ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئۇ تىلاۋىتىدىن فارىغ بولغىچە تىڭشاپ تۇرغىن). «ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن.
Verse 20:115
وَلَقَدْ عَهِدْنَاۤ اِلٰۤی اٰدَمَ مِنْ قَبْلُ فَنَسِیَ وَلَمْ نَجِدْ لَهٗ عَزْمًا ۟۠
Wa-laq̣ad ʻahidnaaa ʹilaaa ʹAadama miñ q̣ablu fanasiya wa-lam najid lahoo ʻazmaa.
بىز ئىلگىرى ئادەمگە (دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلدۇق، ئۇ (بۇ تەۋسىيەنى) يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق.
Verse 20:116
وَاِذْ قُلْنَا لِلْمَلٰٓىِٕكَةِ اسْجُدُوْا لِاٰدَمَ فَسَجَدُوْۤا اِلَّاۤ اِبْلِیْسَ ؕ اَبٰی ۟
Wa-ʹiẓ q̣ulnaa lilmalaaaʹikatis judoo liʹAadama fasajadooo ʹillaaa ʹIbleesa ʹabaa.
ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى.
Verse 20:117
فَقُلْنَا یٰۤاٰدَمُ اِنَّ هٰذَا عَدُوٌّ لَّكَ وَلِزَوْجِكَ فَلَا یُخْرِجَنَّكُمَا مِنَ الْجَنَّةِ فَتَشْقٰی ۟
Faq̣ulnaa YaaaʹAadamu ʹinna haaẓaa ʻaduwwul laka wa-lizawjika falaa yukhrijannakumaa minal Jannati fatashq̣aa.
بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر، ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، (ئۇ چاغدا) سىلەر جاپا - مۇشەققەتتە قالىسىلەر.
Verse 20:118
اِنَّ لَكَ اَلَّا تَجُوْعَ فِیْهَا وَلَا تَعْرٰی ۟ۙ
ʹInna laka ʹallaa tajooʻa feehaa wa-laa taʻraa,
جەننەتتە سەن ھەقىقەتەن ئاچ قالمايسەن ۋە يالىڭاچ قالمايسەن.
Verse 20:119
وَاَنَّكَ لَا تَظْمَؤُا فِیْهَا وَلَا تَضْحٰی ۟
Wa-ʹannaka laa- taz̤̣maʹu feehaa wa-laa taḍḥaa.
ھەمدە ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئۇسساپ كەتمەيسەن، ئىسسىپ كەتمەيسەن».
Verse 20:120
فَوَسْوَسَ اِلَیْهِ الشَّیْطٰنُ قَالَ یٰۤاٰدَمُ هَلْ اَدُلُّكَ عَلٰی شَجَرَةِ الْخُلْدِ وَمُلْكٍ لَّا یَبْلٰی ۟
Fawaswasa ʹilayhish Shayṭaanu q̣aala YaaaʹAadamu hal ʹadulluka ʻalaa Shajaratil khuldi wa-mulkil laa yablaa.
شەيتان ئۇنىڭغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «ئى ئادەم! ساڭا (مەن يېگەن ئادەم) ئۆلمەيدىغان دەرەخنى ۋە زاۋال تاپماس پادىشاھلىقنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى.
Verse 20:121
فَاَكَلَا مِنْهَا فَبَدَتْ لَهُمَا سَوْاٰتُهُمَا وَطَفِقَا یَخْصِفٰنِ عَلَیْهِمَا مِنْ وَّرَقِ الْجَنَّةِ ؗ وَعَصٰۤی اٰدَمُ رَبَّهٗ فَغَوٰی ۪۟ۖ
Faʹakalaa minhaa fabadat lahumaa saw-ʹaatuhumaa waṭafiq̣aa yakhṣifaani ʻalayhimaa miñw waraq̣il Jannah: wa-ʻaṣaaa ʹAadamu Rabbahoo fag̣awaa.
ئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت (دەرەخلىرىنىڭ) يوپۇرماقلىرى بىلەن سەترى ئەۋرەت قىلىشقا كىرىشتى، ئادەم پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىگە) خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى.
Verse 20:122
ثُمَّ اجْتَبٰهُ رَبُّهٗ فَتَابَ عَلَیْهِ وَهَدٰی ۟
S̤ummaj tabaahu Rabbuhoo fataaba ʻalayhi wa-hadaa.
ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى.
Verse 20:123
قَالَ اهْبِطَا مِنْهَا جَمِیْعًا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۚ فَاِمَّا یَاْتِیَنَّكُمْ مِّنِّیْ هُدًی ۙ۬ فَمَنِ اتَّبَعَ هُدَایَ فَلَا یَضِلُّ وَلَا یَشْقٰی ۟
Q̣aalah biṭaa minhaa jameeʻam baʻḍukum libaʻḍin ʻaduww: faʹimmaa yaʹtiyannakum minnee Hudañ famanit tabaʻa Hudaaya falaa yaḍillu wa-laa yashq̣aa.
ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ.
Verse 20:124
وَمَنْ اَعْرَضَ عَنْ ذِكْرِیْ فَاِنَّ لَهٗ مَعِیْشَةً ضَنْكًا وَّنَحْشُرُهٗ یَوْمَ الْقِیٰمَةِ اَعْمٰی ۟
Wa-man ʹaʻraḍa ʻañ Ẓikree faʹinna lahoo maʻeeshatañ ḍañkañw wanaḥshuruhoo Yawmal Q̣iyaamati ʹaʻmaa.
كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز».
Verse 20:125
قَالَ رَبِّ لِمَ حَشَرْتَنِیْۤ اَعْمٰی وَقَدْ كُنْتُ بَصِیْرًا ۟
Q̣aala Rabbi lima ḥashartaneee ʹaʻmaa- wa-q̣ad kuñtu baṣeeraa?
ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ.
Verse 20:126
قَالَ كَذٰلِكَ اَتَتْكَ اٰیٰتُنَا فَنَسِیْتَهَا ۚ وَكَذٰلِكَ الْیَوْمَ تُنْسٰی ۟
Q̣aala kaẓaalika ʹatatka ʹAayaatunaa fanaseetahaa: wa-kaẓaalikal yawma tuñsaa.
ئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا (روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن».
Verse 20:127
وَكَذٰلِكَ نَجْزِیْ مَنْ اَسْرَفَ وَلَمْ یُؤْمِنْ بِاٰیٰتِ رَبِّهٖ ؕ وَلَعَذَابُ الْاٰخِرَةِ اَشَدُّ وَاَبْقٰی ۟
Wa-kaẓaalika najzee man ʹasrafa wa-lam yuʹmim biʹAayaati Rabbih: wa-laʻaẓaabul ʹAakhirati ʹashaddu wa-ʹabq̣aa.
ھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر.
Verse 20:128
اَفَلَمْ یَهْدِ لَهُمْ كَمْ اَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِّنَ الْقُرُوْنِ یَمْشُوْنَ فِیْ مَسٰكِنِهِمْ ؕ اِنَّ فِیْ ذٰلِكَ لَاٰیٰتٍ لِّاُولِی النُّهٰی ۟۠
ʹAfalam yahdi lahum kam ʹahlaknaa q̣ablahum minal q̣urooni yamshoona fee masaakinihim? ʹInna fee ẓaalika laʹAayaatil liʹulin nuhaa.
ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ ئۇلار شۇ ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدا مېڭىپ يۈرىدۇ، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.
Verse 20:129
وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَّبِّكَ لَكَانَ لِزَامًا وَّاَجَلٌ مُّسَمًّی ۟ؕ
Wa-lawlaa Kalimatuñ sabaq̣at mir Rabbika lakaana lizaamañw waʹajalum musammaa.
ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئازابنى ئۇلاردىن كېچىكتۈرۈشكە) قىلىۋەتكەن ھۆكمى ۋە ئالدىنئالا بەلگىلەپ قويغان ۋاقتى بولمىسا ئىدى، ئۇ چاغدا (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى) چوقۇم ئىدى.
Verse 20:130
فَاصْبِرْ عَلٰی مَا یَقُوْلُوْنَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوْعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوْبِهَا ۚ وَمِنْ اٰنَآئِ الَّیْلِ فَسَبِّحْ وَاَطْرَافَ النَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضٰی ۟
Faṣbir ʻalaa maa- yaq̣ooloona wa-sabbiḥ bi-Ḥamdi Rabbika q̣abla ṭulooʻish shamsi wa-q̣abla g̣uroobihaa; wa-min ʹaanaaaʹil layli fasabbiḥ wa-ʹaṭraafan nahaari laʻallaka tarḍaa.
ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن.
Verse 20:131
وَلَا تَمُدَّنَّ عَیْنَیْكَ اِلٰی مَا مَتَّعْنَا بِهٖۤ اَزْوَاجًا مِّنْهُمْ زَهْرَةَ الْحَیٰوةِ الدُّنْیَا ۙ۬ لِنَفْتِنَهُمْ فِیْهِ ؕ وَرِزْقُ رَبِّكَ خَیْرٌ وَّاَبْقٰی ۟
Wa-laa tamuddanna ʹaynayka ʹilaa maa- mattaʻnaa biheee ʹazwaajam minhum zahratal ḥayaatid dunyaa, linaftinahum feeh: wa-rizq̣u Rabbika khayruñw waʹabq̣aa.
بىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇ - زىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ پانىي نېمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر.
Verse 20:132
وَاْمُرْ اَهْلَكَ بِالصَّلٰوةِ وَاصْطَبِرْ عَلَیْهَا ؕ لَا نَسْـَٔلُكَ رِزْقًا ؕ نَحْنُ نَرْزُقُكَ ؕ وَالْعَاقِبَةُ لِلتَّقْوٰی ۟
Waʹmur ʹahlaka biṣ-Ṣalaati waṣṭabir ʻalayhaa. Laa- nasʹaluka rizq̣aa: Naḥnu narzuq̣uk. Wal-ʻAaq̣ibatu lit-Taq̣waa.
(ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر.
Verse 20:133
وَقَالُوْا لَوْلَا یَاْتِیْنَا بِاٰیَةٍ مِّنْ رَّبِّهٖ ؕ اَوَلَمْ تَاْتِهِمْ بَیِّنَةُ مَا فِی الصُّحُفِ الْاُوْلٰی ۟
Wa-q̣aaloo Law-laa yaʹteenaa biʹAayatim mir Rabbih? ʹA-walam taʹtihim̃ Bayyinatu maa- fiṣ Ṣuḥufil ʹoolaa?
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «(مۇھەممەد) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسىچۇ!» دەيدۇ، ئۇلارغا بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟.
Verse 20:134
وَلَوْ اَنَّاۤ اَهْلَكْنٰهُمْ بِعَذَابٍ مِّنْ قَبْلِهٖ لَقَالُوْا رَبَّنَا لَوْلَاۤ اَرْسَلْتَ اِلَیْنَا رَسُوْلًا فَنَتَّبِعَ اٰیٰتِكَ مِنْ قَبْلِ اَنْ نَّذِلَّ وَنَخْزٰی ۟
Wa-law ʹannaaa ʹahlaknaahum̃ biʻaẓaabim miñ q̣ablihee laq̣aaloo Rabbanaa Law-laaa ʹarsalta ʹilaynaa Rasoolañ fanattabiʻa ʹAayaatika Miñ q̣abli ʹan naẓilla wa-nakhzaa.
ئەگەر بىز ئۇلارنى ئۇنىڭدىن (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىشتىن) ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار چوقۇم: «نېمىشقا بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىڭ؟ بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق» دەيتتى.
Verse 20:135
قُلْ كُلٌّ مُّتَرَبِّصٌ فَتَرَبَّصُوْا ۚ فَسَتَعْلَمُوْنَ مَنْ اَصْحٰبُ الصِّرَاطِ السَّوِیِّ وَمَنِ اهْتَدٰی ۟۠
Q̣ul kullum mutarabbiṣuñ fatarabbaṣoo: fasataʻlamoona man ʹAṣḥaabuṣ Ṣiraaṭis sawiyyi wa-manih tadaa.
ئېيتقىنكى، ھەممە (سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتمەكتە. سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، كىملەرنىڭ توغرا يول ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە كىملەرنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى (ئۇزاققا قالماي) بىلىسىلەر».