Home  /  Quran  /  Surah
Loading...
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ

Surah Fatir

Surah Fatir (Originator) is Surah 35 of the Holy Quran, a Meccan Surah with 45 verses, available here in Uyghur.

Surah 35 Meccan 45 verses Uyghur

Verse 35:1

اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ فَاطِرِ السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضِ جَاعِلِ الْمَلٰٓىِٕكَةِ رُسُلًا اُولِیْۤ اَجْنِحَةٍ مَّثْنٰی وَثُلٰثَ وَرُبٰعَ ؕ یَزِیْدُ فِی الْخَلْقِ مَا یَشَآءُ ؕ اِنَّ اللّٰهَ عَلٰی كُلِّ شَیْءٍ قَدِیْرٌ ۟

ʹAl-Ḥamdu lillaahi Faaṭiris Samaawaati wal-ʹarḍi jaaʻilil malaaaʹikati rusulan ʹuleee ʹajniḥatim mas̤naa wa-s̤ulaas̤a wa-rubaaʻ: yazeedu fil khalq̣i maa- yashaaaʹ: ʹinnal laaha ʻalaa kulli shayʹiñ Q̣adeer.

جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

Verse 35:2

مَا یَفْتَحِ اللّٰهُ لِلنَّاسِ مِنْ رَّحْمَةٍ فَلَا مُمْسِكَ لَهَا ۚ وَمَا یُمْسِكْ ۙ فَلَا مُرْسِلَ لَهٗ مِنْ بَعْدِهٖ ؕ وَهُوَ الْعَزِیْزُ الْحَكِیْمُ ۟

Maa- yaftaḥil laahu linnaasi mir Raḥmatiñ falaa mumsika lahaa: wa-maa yumsik falaa mursila lahoo mim baʻdih: wa-Huwal ʻAzeezul Ḥakeem.

ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ رەھمىتىدىن توسقان نەرسىنى، ئاللاھ توسقاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچ قويۇپ بەرگۈچى بولمايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

Verse 35:3

یٰۤاَیُّهَا النَّاسُ اذْكُرُوْا نِعْمَتَ اللّٰهِ عَلَیْكُمْ ؕ هَلْ مِنْ خَالِقٍ غَیْرُ اللّٰهِ یَرْزُقُكُمْ مِّنَ السَّمَآءِ وَالْاَرْضِ ؕ لَاۤ اِلٰهَ اِلَّا هُوَ ۖؗ فَاَنّٰی تُؤْفَكُوْنَ ۟

Yaaaʹayyuhan naasuẓ kuroo niʻmatal laahi ʻalaykum! Hal min Khaaliq̣in g̣ayrul laahi yarzuq̣ukum minas samaaaʹi wal-ʹarḍ? Laaa ʹilaaha ʹillaa Hoo! Faʹannaa tuʹfakoon?

ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟.

Verse 35:4

وَاِنْ یُّكَذِّبُوْكَ فَقَدْ كُذِّبَتْ رُسُلٌ مِّنْ قَبْلِكَ ؕ وَاِلَی اللّٰهِ تُرْجَعُ الْاُمُوْرُ ۟

Wa-ʹiñy yukaẓẓibooka faq̣ad kuẓẓibat rusulum miñ q̣ablik: wa-ʹilal laahi turjaʻul ʹumoor.

(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا (قايغۇرۇپ كەتمە)، ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىنغان، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ.

Verse 35:5

یٰۤاَیُّهَا النَّاسُ اِنَّ وَعْدَ اللّٰهِ حَقٌّ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَیٰوةُ الدُّنْیَا ۥ وَلَا یَغُرَّنَّكُمْ بِاللّٰهِ الْغَرُوْرُ ۟

Yaaaʹayyuhan naasu ʹinna waʻdal laahi ḥaq̣q̣uñ falaa tag̣urrannakumul ḥayaatud dunyaa: wa-laa yag̣urrannakum̃ billaahil G̣aroor.

ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالداپ قويمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالدىشىغا يول قويماڭلار.

Verse 35:6

اِنَّ الشَّیْطٰنَ لَكُمْ عَدُوٌّ فَاتَّخِذُوْهُ عَدُوًّا ؕ اِنَّمَا یَدْعُوْا حِزْبَهٗ لِیَكُوْنُوْا مِنْ اَصْحٰبِ السَّعِیْرِ ۟ؕ

ʹInnash Shayṭaana lakum ʻaduwwuñ fattakhiẓoohu ʻaduwwaa. ʹInnamaa yadʻoo ḥizbahoo liyakoonoo min ʹAṣḥaabis Saʻeer.

شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ.

Verse 35:7

اَلَّذِیْنَ كَفَرُوْا لَهُمْ عَذَابٌ شَدِیْدٌ ؕ۬ وَالَّذِیْنَ اٰمَنُوْا وَعَمِلُوا الصّٰلِحٰتِ لَهُمْ مَّغْفِرَةٌ وَّاَجْرٌ كَبِیْرٌ ۟۠

ʹAllaẓeena kafaroo lahum ʻAẓaabuñ shadeed! Wallaẓeena ʹaamanoo wa-ʻamiluṣ ṣaaliḥaati lahum mag̣firatuñw waʹAjruñ kabeer.

كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

Verse 35:8

اَفَمَنْ زُیِّنَ لَهٗ سُوْٓءُ عَمَلِهٖ فَرَاٰهُ حَسَنًا ؕ فَاِنَّ اللّٰهَ یُضِلُّ مَنْ یَّشَآءُ وَیَهْدِیْ مَنْ یَّشَآءُ ۖؗ فَلَا تَذْهَبْ نَفْسُكَ عَلَیْهِمْ حَسَرٰتٍ ؕ اِنَّ اللّٰهَ عَلِیْمٌۢ بِمَا یَصْنَعُوْنَ ۟

ʹAfamañ zuyyina lahoo soooʹu ʻamalihee faraʹaahu ḥasanaa? Faʹinnal laaha yuḍillu mañy yashaaaʹu wa-yahdee mañy yashaaaʹ. Falaa taẓhab nafsuka ʻalayhim ḥasaraat. ʹInnal laaha ʻAleemum bimaa yaṣnaʻoon!

ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چىرايلىق ھېسابلىغان كىشى (ھىدايەت تاپقان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ (خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ). شۇڭا سەن ئۇلار ئۈچۈن (يەنى ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرى ئۈچۈن) قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋالمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

Verse 35:9

وَاللّٰهُ الَّذِیْۤ اَرْسَلَ الرِّیٰحَ فَتُثِیْرُ سَحَابًا فَسُقْنٰهُ اِلٰی بَلَدٍ مَّیِّتٍ فَاَحْیَیْنَا بِهِ الْاَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ؕ كَذٰلِكَ النُّشُوْرُ ۟

Wallaahul laẓeee ʹarsalar riyaaḥa fatus̤eeru saḥaabañ fasuq̣naahu ʹilaa baladim mayyitiñ faʹaḥyaynaa bihil ʹarda baʻda mawtihaa. Kaẓaalikan Nushoor!

ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ (ئۇنىڭ بىلەن) بۇلۇتنى قوزغايدۇ، بىز بۇلۇتلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراق) بىر يەرگە ھەيدەيمىز (بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىمىز)، شۇ يامغۇر بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئەنە شۇنداقتۇر.

Verse 35:10

مَنْ كَانَ یُرِیْدُ الْعِزَّةَ فَلِلّٰهِ الْعِزَّةُ جَمِیْعًا ؕ اِلَیْهِ یَصْعَدُ الْكَلِمُ الطَّیِّبُ وَالْعَمَلُ الصَّالِحُ یَرْفَعُهٗ ؕ وَالَّذِیْنَ یَمْكُرُوْنَ السَّیِّاٰتِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِیْدٌ ؕ وَمَكْرُ اُولٰٓىِٕكَ هُوَ یَبُوْرُ ۟

Mañ kaana yureedul ʻizzata falillahil ʻizzatu jameeʻaa. ʹIlayhi yaṣʻadul Kalimuṭ Ṭayyibu walʻAmaluṣ Ṣaaliḥu yarfaʻuh. Wallaẓeena yamkuroonas sayyiʹaati lahum ʻAẓaabuñ shadeed; wa-makru ʹulaaaʹika huwa yaboor.

كىمكى (دۇنيادا) شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپ (ئۇنى ئاللاھتىن تىلىسۇن). ياخشى سۆز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ، (پەيغەمبەرگە قارشى) ھىيلە ـ مىكىرلەرنى تۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ئىشقا ئاشمايدۇ.

Verse 35:11

وَاللّٰهُ خَلَقَكُمْ مِّنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُّطْفَةٍ ثُمَّ جَعَلَكُمْ اَزْوَاجًا ؕ وَمَا تَحْمِلُ مِنْ اُ وَلَا تَضَعُ اِلَّا بِعِلْمِهٖ ؕ وَمَا یُعَمَّرُ مِنْ مُّعَمَّرٍ وَّلَا یُنْقَصُ مِنْ عُمُرِهٖۤ اِلَّا فِیْ كِتٰبٍ ؕ اِنَّ ذٰلِكَ عَلَی اللّٰهِ یَسِیْرٌ ۟

Wallaahu khalaq̣akum miñ turaabiñ s̤umma min nuṭfatiñ s̤umma jaʻalakum ʹazwaajaa. Wa-maa taḥmilu min ʹuñs̤aa. wa-laa taḍaʻu ʹillaa biʻilmih. Wa-maa yuʻammaru mim muʻammariñw walaa yuñq̣aṣu min ʻumuriheee ʹillaa fee Kitaab. ʹInna ẓaalika ʻalal laahi yaseer.

ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئەسلىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن ياراتتى. ئاندىن ئابىمەنىيدىن پەيدا قىلدى. ئاندىن سىلەرنى (ئەر ـ ئايالدىن ئىبارەت) بىر جۈپ قىلدى، ھەر قانداق ئايالنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان.

Verse 35:12

وَمَا یَسْتَوِی الْبَحْرٰنِ ۖۗ هٰذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ سَآىِٕغٌ شَرَابُهٗ وَهٰذَا مِلْحٌ اُجَاجٌ ؕ وَمِنْ كُلٍّ تَاْكُلُوْنَ لَحْمًا طَرِیًّا وَّتَسْتَخْرِجُوْنَ حِلْیَةً تَلْبَسُوْنَهَا ۚ وَتَرَی الْفُلْكَ فِیْهِ مَوَاخِرَ لِتَبْتَغُوْا مِنْ فَضْلِهٖ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُوْنَ ۟

Wa-maa yastawil baḥraani haaẓaa ʻaẓbuñ furaatuñ saaaʹig̣uñ sharaabuhoo wa-haaẓaa milḥun ʹujaaj. Wa-miñ kulliñ taʹkuloona laḥmañ ṭariyyañw watastakhrijoona ḥilyatañ talbasoonahaa; wa-taral fulka feehi mawaakhira litabtag̣oo miñ Faḍlihee wa-laʻallakum tashkuroon.

ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ سۈيى تاتلىق، تەملىك بولۇپ (گالدىن) سىلىق ئۆتىدۇ، بۇ ناھايىتى ئاچچىق، تۇزلۇق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېڭى گۆشلەرنى (يەنى بېلىقلارنى) يەيسىلەر، سىلەر تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە ـ مارجانلار) نى چىقىرىسىلەر. (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن يۈك ـ تاق، يېمەك ـ ئىچمەكلەر قاچىلانغان) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. بۇ ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تەلەپ قىلىپ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.

Verse 35:13

یُوْلِجُ الَّیْلَ فِی النَّهَارِ وَیُوْلِجُ النَّهَارَ فِی الَّیْلِ ۙ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖؗ كُلٌّ یَّجْرِیْ لِاَجَلٍ مُّسَمًّی ؕ ذٰلِكُمُ اللّٰهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ؕ وَالَّذِیْنَ تَدْعُوْنَ مِنْ دُوْنِهٖ مَا یَمْلِكُوْنَ مِنْ قِطْمِیْرٍ ۟ؕ

Yoolijul layla fin nahaari wa-yoolijun nahaara fil layli wa-sakhkharash shamsa wal-q̣amar: Kulluñy yajree liʹajalim musammaa. Ẓaalikumul laahu Rabbukum lahul Mulk. Wallaẓeena tadʻoona miñ doonihee maa- yamlikoona miñ q̣iṭmeer.

ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقا بولۇشى جايلار، پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھەر ئىككىلىسى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس.

Verse 35:14

اِنْ تَدْعُوْهُمْ لَا یَسْمَعُوْا دُعَآءَكُمْ ۚ وَلَوْ سَمِعُوْا مَا اسْتَجَابُوْا لَكُمْ ؕ وَیَوْمَ الْقِیٰمَةِ یَكْفُرُوْنَ بِشِرْكِكُمْ ؕ وَلَا یُنَبِّئُكَ مِثْلُ خَبِیْرٍ ۟۠

ʹIñ tadʻoohum laa- yasmaʻoo duʻaaaʹakum. Wa-law samiʻoo mas tajaaboo lakum. Wa-Yawmal Q̣iyaamati yakfuroona bishirkikum. Wa-laa yunabbiʹuka mis̤lu khabeer.

ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار، سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار (ئاللاھقا ئۇلارنى) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ، (مۇشرىكلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى ھېچ ئەھەدى) ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زاتتەك (يەنى ئاللاھتەك) ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.

Verse 35:15

یٰۤاَیُّهَا النَّاسُ اَنْتُمُ الْفُقَرَآءُ اِلَی اللّٰهِ ۚ وَاللّٰهُ هُوَ الْغَنِیُّ الْحَمِیْدُ ۟

Yaaaʹayyuhan naasu ʹañtumul fuq̣araaaʹu ʹilal laah: wallaahu Huwal G̣aniyyul Ḥameed.

ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.

Verse 35:16

اِنْ یَّشَاْ یُذْهِبْكُمْ وَیَاْتِ بِخَلْقٍ جَدِیْدٍ ۟ۚ

ʹIñy yashaʹ yuẓhibkum wa-yaʹti bi-Khalq̣iñ Jadeed.

ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ (ئورنۇڭلارغا) يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ.

Verse 35:17

وَمَا ذٰلِكَ عَلَی اللّٰهِ بِعَزِیْزٍ ۟

Wa-maa ẓaalika ʻalal laahi biʻazeez.

بۇ ئاللاھقا قىيىن ئەمەس

Verse 35:18

وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِّزْرَ اُخْرٰی ؕ وَاِنْ تَدْعُ مُثْقَلَةٌ اِلٰی حِمْلِهَا لَا یُحْمَلْ مِنْهُ شَیْءٌ وَّلَوْ كَانَ ذَا قُرْبٰی ؕ اِنَّمَا تُنْذِرُ الَّذِیْنَ یَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَیْبِ وَاَقَامُوا الصَّلٰوةَ ؕ وَمَنْ تَزَكّٰی فَاِنَّمَا یَتَزَكّٰی لِنَفْسِهٖ ؕ وَاِلَی اللّٰهِ الْمَصِیْرُ ۟

Wa-laa taziru waaziratuñw wizra ʹukhraa. Wa-ʹiñ tadʻu mus̤q̣alatun ʹilaa ḥimlihaa laa- yuḥmal minhu shayʹuñw walaw kaana ẓaa q̣urbaa. ʹInnamaa tuñẓirul laẓeena yakhshawna Rabbahum̃ bilg̣aybi wa-ʹaq̣aamuṣ Ṣalaah. Wa-mañ tazakkaa faʹinnamaa yatazakkaa linafsih: wa-ʹilal laahil maṣeer.

ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم باشقا بىراۋنى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا چاقىرسا، ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئازراق نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ، سەن پەقەت پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى، نامازنى ئادا قىلىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىسەن، كىمكى (گۇناھلاردىن) پاكلىنىدىكەن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.

Verse 35:19

وَمَا یَسْتَوِی الْاَعْمٰی وَالْبَصِیْرُ ۟ۙ

Wa-maa yastawil ʹaʻmaa wal-baṣeer;

كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم (يەنى كاپىر بىلەن مۆمىن) باراۋەر بولمايدۇ.

Verse 35:20

وَلَا الظُّلُمٰتُ وَلَا النُّوْرُ ۟ۙ

Wa-laz̤̣ z̤̣ulumaatu wa-lan noor;

زۇلمەت بىلەن نۇر (يەنى باتىل بىلەن ھەق) باراۋەر بولمايدۇ.

Verse 35:21

وَلَا الظِّلُّ وَلَا الْحَرُوْرُ ۟ۚ

Wa-laz̤̣ z̤̣illu wa-lal ḥaroor:

سايە بىلەن ئىسسىق (يەنى جەننەت بىلەن دوزاخ) باراۋەر بولمايدۇ.

Verse 35:22

وَمَا یَسْتَوِی الْاَحْیَآءُ وَلَا الْاَمْوَاتُ ؕ اِنَّ اللّٰهَ یُسْمِعُ مَنْ یَّشَآءُ ۚ وَمَاۤ اَنْتَ بِمُسْمِعٍ مَّنْ فِی الْقُبُوْرِ ۟

Wa-maa yastawil ʹaḥyaaaʹu wa-lal ʹamwaat. ʹInnal laaha yusmiʻu mañy yashaaaʹ; wa-maaa ʹañta bimusmiʻim mañ fil q̣uboor.

تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلار) باراۋەر بولمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھەق دەۋەتنى) خالىغان كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبرىلەردىكىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن.

Verse 35:23

اِنْ اَنْتَ اِلَّا نَذِیْرٌ ۟

ʹIn ʹañta ʹillaa naẓeer.

سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن.

Verse 35:24

اِنَّاۤ اَرْسَلْنٰكَ بِالْحَقِّ بَشِیْرًا وَّنَذِیْرًا ؕ وَاِنْ مِّنْ اُمَّةٍ اِلَّا خَلَا فِیْهَا نَذِیْرٌ ۟

ʹInnaaa ʹarsalnaaka bil-ḥaq̣q̣i basheerañw wanaẓeeraa: wa-ʹim min ʹummatin ʹillaa khalaa feehaa naẓeer.

ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق (دىن) بىلەن (مۆمىنلەرگە) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارغا) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن.

Verse 35:25

وَاِنْ یُّكَذِّبُوْكَ فَقَدْ كَذَّبَ الَّذِیْنَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ جَآءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَیِّنٰتِ وَبِالزُّبُرِ وَبِالْكِتٰبِ الْمُنِیْرِ ۟

Wa-ʹiñy yukaẓẓibooka faq̣ad kaẓẓabal laẓeena miñ q̣ablihim: jaaaʹathum rusuluhum̃ bil-Bayyinaati wa-biz-Zuburi wa-bil-Kitaabil Muneer.

ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى، (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش) سەھىپىلەرنى، (تەۋرات، ئىنجىلدەك) نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلدى.

Verse 35:26

ثُمَّ اَخَذْتُ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا فَكَیْفَ كَانَ نَكِیْرِ ۟۠

S̤umma ʹakhaẓtul laẓeena kafaroo fakayfa kaana nakeer.

ئاندىن كاپىرلارنى جازالىدىم، (ئۇلارغا بەرگەن) ئازابىم قانداق ئىكەن؟ (يەنى ئۇلارغا قانداق قاتتىق ئازاب قىلدىم؟)

Verse 35:27

اَلَمْ تَرَ اَنَّ اللّٰهَ اَنْزَلَ مِنَ السَّمَآءِ مَآءً ۚ فَاَخْرَجْنَا بِهٖ ثَمَرٰتٍ مُّخْتَلِفًا اَلْوَانُهَا ؕ وَمِنَ الْجِبَالِ جُدَدٌ بِیْضٌ وَّحُمْرٌ مُّخْتَلِفٌ اَلْوَانُهَا وَغَرَابِیْبُ سُوْدٌ ۟

ʹAlam tara ʹannal laaha ʹañzala minas samaaaʹi maaaʹaa? Faʹakhrajnaa bihee s̤amaraatim mukhtalifan ʹalwaanuhaa. Wa-minal jibaali judadum beeḍuñw waḥumrum mukhtalifun ʹalwaanuhaa wa-g̣araabeebu sood.

كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى چىپارلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار.شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇ خىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ،ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىپتۇر، (بەندىلەر ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى)مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. [28]

Verse 35:28

وَمِنَ النَّاسِ وَالدَّوَآبِّ وَالْاَنْعَامِ مُخْتَلِفٌ اَلْوَانُهٗ كَذٰلِكَ ؕ اِنَّمَا یَخْشَی اللّٰهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمٰٓؤُا ؕ اِنَّ اللّٰهَ عَزِیْزٌ غَفُوْرٌ ۟

Wa-minan naasi waddawaaabbi wal-ʹanʻaami mukhtalifun ʹalwaanuhoo kaẓaalik. ʹInnamaa yakhshal laaha min ʻIbaadihil ʻulamaaaʹ: ʹinnal laaha ʻAzeezun G̣afoor.

شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ

Verse 35:29

اِنَّ الَّذِیْنَ یَتْلُوْنَ كِتٰبَ اللّٰهِ وَاَقَامُوا الصَّلٰوةَ وَاَنْفَقُوْا مِمَّا رَزَقْنٰهُمْ سِرًّا وَّعَلَانِیَةً یَّرْجُوْنَ تِجَارَةً لَّنْ تَبُوْرَ ۟ۙ

ʹInnal laẓeena yatloona Kitaabal laahi wa-ʹaq̣aamuṣ Ṣalaata wa-ʹañfaq̣oo mimmaa razaq̣naahum sirrañw waʻalaaniyatañy yarjoona Tijaaratal lañ taboor:

ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر. ساڭا بىز ۋەھىي قىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر. ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ (راستلىقىنى) ئىسپاتلىغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[31].

Verse 35:30

لِیُوَفِّیَهُمْ اُجُوْرَهُمْ وَیَزِیْدَهُمْ مِّنْ فَضْلِهٖ ؕ اِنَّهٗ غَفُوْرٌ شَكُوْرٌ ۟

Liyuwaffiyahum ʹujoorahum wa-yazeedahum miñ Faḍlih: ʹinnahoo G̣afooruñ Shakoor.

ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر.

Verse 35:31

وَالَّذِیْۤ اَوْحَیْنَاۤ اِلَیْكَ مِنَ الْكِتٰبِ هُوَ الْحَقُّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَیْنَ یَدَیْهِ ؕ اِنَّ اللّٰهَ بِعِبَادِهٖ لَخَبِیْرٌ بَصِیْرٌ ۟

Wallaẓeee ʹawḥaynaaa ʹilayka minal Kitaabi huwal Ḥaq̣q̣u muṣaddiq̣al limaa bayna yadayh: ʹinnal laaha biʻIbaadihee la-Khabeerum Baṣeer.

ساڭا بىز ۋەھىي قىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر. ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ (راستلىقىنى) ئىسپاتلىغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

Verse 35:32

ثُمَّ اَوْرَثْنَا الْكِتٰبَ الَّذِیْنَ اصْطَفَیْنَا مِنْ عِبَادِنَا ۚ فَمِنْهُمْ ظَالِمٌ لِّنَفْسِهٖ ۚ وَمِنْهُمْ مُّقْتَصِدٌ ۚ وَمِنْهُمْ سَابِقٌ بِالْخَیْرٰتِ بِاِذْنِ اللّٰهِ ؕ ذٰلِكَ هُوَ الْفَضْلُ الْكَبِیْرُ ۟ؕ

S̤umma ʹawras̤nal Kitaabal laẓeenaṣ ṭafaynaa min ʻibaadinaa: faminhum z̤̣aalimul linafsih; wa-minhum muq̣taṣid; wa-minhum saabiq̣um bilkhayraati biʹiẓnil laah; ẓaalika huwal Faḍlul Kabeer.

ئاندىن بىز كىتاب (يەنى قۇرئان) نى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر (يەنى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغان بىلەن بەك ئەمەل قىلىپ كەتمەيدۇ)، بەزىسى ئوتتۇراھالدۇر (يەنى كۆپ چاغلاردا قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ، قىسمەن چاغلاردا ئەمەل قىلمايدۇ) ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. ئەنە شۇ كاتتا مەرھەمەتتۇر.

Verse 35:33

جَنّٰتُ عَدْنٍ یَّدْخُلُوْنَهَا یُحَلَّوْنَ فِیْهَا مِنْ اَسَاوِرَ مِنْ ذَهَبٍ وَّلُؤْلُؤًا ۚ وَلِبَاسُهُمْ فِیْهَا حَرِیْرٌ ۟

Jannaatu ʻAdniñy yad-khuloonahaa yuḥallawna feehaa min ʹasaawira miñ ẓahabiñw waluʹluʹaa; wa-libaa-suhum feehaa ḥareer.

ئۇلار ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى، مەرۋايىتلارنى تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.

Verse 35:34

وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلّٰهِ الَّذِیْۤ اَذْهَبَ عَنَّا الْحَزَنَ ؕ اِنَّ رَبَّنَا لَغَفُوْرٌ شَكُوْرُ ۟ۙ

Wa-q̣aalul Ḥamdu lillaahil laẓeee ʹaẓhaba ʻannal ḥazan: ʹinna Rabbanaa la-G̣afooruñ Shakoor:

ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزدىن غەم ـ قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھقا مەنسۇپتۇر! بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر.

Verse 35:35

لَّذِیْۤ اَحَلَّنَا دَارَ الْمُقَامَةِ مِنْ فَضْلِهٖ ۚ لَا یَمَسُّنَا فِیْهَا نَصَبٌ وَّلَا یَمَسُّنَا فِیْهَا لُغُوْبٌ ۟

ʹAllaẓeee ʹaḥallanaa Daaral muq̣aamati miñ Faḍlih: laa- yamassunaa feehaa naṣabuñw walaa yamassunaa feehaa lug̣oob.

ئاللاھ مەرھەمىتىدىن بىزنى جەننەتتە تۇرغۇزدى. جەننەتتە بىز ھەرگىز جاپا تارتمايمىز، ھەرگىز چارچىمايمىز».

Verse 35:36

وَالَّذِیْنَ كَفَرُوْا لَهُمْ نَارُ جَهَنَّمَ ۚ لَا یُقْضٰی عَلَیْهِمْ فَیَمُوْتُوْا وَلَا یُخَفَّفُ عَنْهُمْ مِّنْ عَذَابِهَا ؕ كَذٰلِكَ نَجْزِیْ كُلَّ كَفُوْرٍ ۟ۚ

Wallaẓeena kafaroo lahum Naaru Jahannam; laa- yuq̣ḍaa ʻalayhim fayamootoo wa-laa yukhaffafu ʻanhum min ʻAẓaabihaa. Kaẓaalika najzee kulla kafoor!

كاپىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ (ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.

Verse 35:37

وَهُمْ یَصْطَرِخُوْنَ فِیْهَا ۚ رَبَّنَاۤ اَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَیْرَ الَّذِیْ كُنَّا نَعْمَلُ ؕ اَوَلَمْ نُعَمِّرْكُمْ مَّا یَتَذَكَّرُ فِیْهِ مَنْ تَذَكَّرَ وَجَآءَكُمُ النَّذِیْرُ ؕ فَذُوْقُوْا فَمَا لِلظّٰلِمِیْنَ مِنْ نَّصِیْرٍ ۟۠

Wa-hum yaṣṭarikhoona feehaa: Rabbanaaa ʹakhrijnaa naʻmal ṣaaliḥan g̣ayral laẓee kunnaa naʻmal! ʹA-walamnu ʻammirkum maa yataẓakkaru feehi mañ taẓakkara wa-jaaaʹakumun naẓeer. Faẓooq̣oo famaa liz̤̣z̤̣aalimeena min naṣeer.

ئۇلار دوزاختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق».

Verse 35:38

اِنَّ اللّٰهَ عٰلِمُ غَیْبِ السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضِ ؕ اِنَّهٗ عَلِیْمٌۢ بِذَاتِ الصُّدُوْرِ ۟

ʹInnal laaha ʻAalimu g̣aybis samaawaati wal-ʹard: ʹInnahoo ʻAleemum biẓaatiṣ ṣudoor.

ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر.

Verse 35:39

هُوَ الَّذِیْ جَعَلَكُمْ خَلٰٓىِٕفَ فِی الْاَرْضِ ؕ فَمَنْ كَفَرَ فَعَلَیْهِ كُفْرُهٗ ؕ وَلَا یَزِیْدُ الْكٰفِرِیْنَ كُفْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ اِلَّا مَقْتًا ۚ وَلَا یَزِیْدُ الْكٰفِرِیْنَ كُفْرُهُمْ اِلَّا خَسَارًا ۟

Huwal laẓee jaʻalakum khalaaaʹifa fil ʹarḍ: famañ kafara faʻalayhi kufruh: wa-laa yazeedul kaafireena kufruhum ʻiñda Rabbihim ʹillaa maq̣taa: wa-laa yazeedul kaafireena kufruhum ʹillaa khasaaraa.

ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسارلار قىلدى، كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت غەزەپنىلا زىيادە قىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كۇفرى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ)، كاپىرلارنىڭ كۇفرى ئۇلارغا پەقەت ھالاكەتنىلا زىيادە قىلىدۇ.

Verse 35:40

قُلْ اَرَءَیْتُمْ شُرَكَآءَكُمُ الَّذِیْنَ تَدْعُوْنَ مِنْ دُوْنِ اللّٰهِ ؕ اَرُوْنِیْ مَاذَا خَلَقُوْا مِنَ الْاَرْضِ اَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِی السَّمٰوٰتِ ۚ اَمْ اٰتَیْنٰهُمْ كِتٰبًا فَهُمْ عَلٰی بَیِّنَتٍ مِّنْهُ ۚ بَلْ اِنْ یَّعِدُ الظّٰلِمُوْنَ بَعْضُهُمْ بَعْضًا اِلَّا غُرُوْرًا ۟

Q̣ul ʹaraʹaytum shurakaaaʹakumul laẓeena tadʻoona miñ doonil laah? ʹAroonee maaẓaa khalaq̣oo minal ʹarḍi ʹam lahum shirkuñ fis samaawaat? ʹAm ʹaataynaahum Kitaabañ fahum ʻalaa Bayyinatim minh?― Bal ʹiñy yaʻiduz̤̣ z̤̣aalimoona baʻḍuhum̃ baʻḍan ʹillaa g̣urooraa.

ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار (نېمە سەۋەبتىن چوقۇنۇشقا لايىق بولدى؟) ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلاركى، ئۇلار زېمىندىن نېمىلەرنى ياراتتى؟ يا ئۇلار ئاسمانلارنى ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ياراتتىمۇ؟ يا ئۇلارغا بىز بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابتىكى روشەن دەلىللەرگە ئاساسلىنامدۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، زالىملار بىر ـ بىرىگە پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىشىدۇ.

Verse 35:41

اِنَّ اللّٰهَ یُمْسِكُ السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضَ اَنْ تَزُوْلَا ۚ۬ وَلَىِٕنْ زَالَتَاۤ اِنْ اَمْسَكَهُمَا مِنْ اَحَدٍ مِّنْ بَعْدِهٖ ؕ اِنَّهٗ كَانَ حَلِیْمًا غَفُوْرًا ۟

ʹInnal laaha yumsikus samaawaati wal-ʹarḍa ʹañ tazoolaa: wa-laʹiñ zaalataaa ʹin ʹamsakahumaa min ʹaḥadim mim baʻdih: ʹinnahoo kaana Ḥaleeman G̣afooraa!

ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى (قۇدرىتى ۋە گۈزەل ھېكمىتى بىلەن) چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر (يەنى كۇففارلار ئازابقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

Verse 35:42

وَاَقْسَمُوْا بِاللّٰهِ جَهْدَ اَیْمَانِهِمْ لَىِٕنْ جَآءَهُمْ نَذِیْرٌ لَّیَكُوْنُنَّ اَهْدٰی مِنْ اِحْدَی الْاُمَمِ ۚ فَلَمَّا جَآءَهُمْ نَذِیْرٌ مَّا زَادَهُمْ اِلَّا نُفُوْرَا ۟ۙ

Wa-ʹaq̣samoo billaahi jahda ʹaymaanihim laʹiñ jaaaʹahum naẓeerul layakoonunna ʹahdaa min ʹiḥdal ʹUmami falammaa jaaaʹahum naẓeerum maa zaadahum ʹillaa nufooraa,―

ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلسە، ھەر قانداق ئۈممەتكە قارىغاندا ئەڭ ھىدايەت تاپقۇچى بولىدىغانلىقلىرى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشتى. ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن چاغدا (ھىدايەتتىن) تېخىمۇ يىراق بولۇشتى.

Verse 35:43

سْتِكْبَارًا فِی الْاَرْضِ وَمَكْرَ السَّیِّىءِ ؕ وَلَا یَحِیْقُ الْمَكْرُ السَّیِّئُ اِلَّا بِاَهْلِهٖ ؕ فَهَلْ یَنْظُرُوْنَ اِلَّا سُنَّتَ الْاَوَّلِیْنَ ۚ فَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّتِ اللّٰهِ تَبْدِیْلًا ۚ۬ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّتِ اللّٰهِ تَحْوِیْلًا ۟

ʹIstikbaarañ fil ʹarḍi wa-makras Sayyiʹ. Wa-laa yaḥeeq̣ul makrus Sayyiʹu ʹillaa biʹahlih. Fahal yañz̤̣uroona ʹillaa sunnatal ʹawwaleen? Falañ tajida li-Sunnatil laahi tabdeelaa: wa-lañ tajida li-Sunnatil laahi taḥweelaa.

(بۇنداق بولۇشى) ئۇلارنىڭ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقلىرى ۋە ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەنلىكلىرىدىندۇر. ھىيلە ـ مىكىرنىڭ ۋابالى پەقەت ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئۇلار پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە قوللىنىلغان (ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت) يولىنىلا كۈتىدۇ، ئاللاھنىڭ (مەخلۇقاتلار ئۈستىدە قوللانغان) يولىدا ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى كۆرمەيسەن، ئاللاھ يولىدا ھەرگىز يۆتكىلىشنىمۇ (يەنى ئازابنىڭ ئازابقا تېگىشلىك بولغانلار ئۈستىدىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۆتكىلىشىنى) كۆرمەيسەن.

Verse 35:44

اَوَلَمْ یَسِیْرُوْا فِی الْاَرْضِ فَیَنْظُرُوْا كَیْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِیْنَ مِنْ قَبْلِهِمْ وَكَانُوْۤا اَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً ؕ وَمَا كَانَ اللّٰهُ لِیُعْجِزَهٗ مِنْ شَیْءٍ فِی السَّمٰوٰتِ وَلَا فِی الْاَرْضِ ؕ اِنَّهٗ كَانَ عَلِیْمًا قَدِیْرًا ۟

ʹAwalam yaseeroo fil ʹarḍi fayañz̤̣uroo kayfa kaana ʻAaq̣ibatul laẓeena miñ q̣ablihim wa-kaanooo ʹashadda minhum q̣uwwah? Wa-maa kaanal laahu liyuʻjizahoo miñ shayʹiñ fis samaawaati wa-laa fil ʹarḍ: ʹinnahoo kaana ʻAleemañ Q̣adeeraa.

ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەر (يەنى ھالاك بولغان ئۈممەتلەر) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) بۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھنى ئىلاجىسىز قالدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر.

Verse 35:45

وَلَوْ یُؤَاخِذُ اللّٰهُ النَّاسَ بِمَا كَسَبُوْا مَا تَرَكَ عَلٰی ظَهْرِهَا مِنْ دَآبَّةٍ وَّلٰكِنْ یُّؤَخِّرُهُمْ اِلٰۤی اَجَلٍ مُّسَمًّی ۚ فَاِذَا جَآءَ اَجَلُهُمْ فَاِنَّ اللّٰهَ كَانَ بِعِبَادِهٖ بَصِیْرًا ۟۠

Wa-law yuʹaakhiẓul laahun naasa bimaa kasaboo maa- taraka ʻalaa z̤̣ahrihaa miñ daaabbatiñw walaakiñy yuʹakhkhiruhum ʹilaaa ʹajalim musammaa: Faʹiẓaa jaaaʹa ʹAjaluhum faʹinnal laaha kaana biʻibaadihee Baṣeeraa.

ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى ۋەلېكىن ئاللاھ ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قاراپ جازا بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.