Home  /  Quran  /  Surah
Loading...
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ

Surah Az-Zukhruf

Surah Az-Zukhruf (The Gold Adornments) is Surah 43 of the Holy Quran, a Meccan Surah with 89 verses, available here in Uyghur.

Surah 43 Meccan 89 verses Uyghur

Verse 43:1

حٰمٓ ۟ۚۛ

Ḥaa-Meeem.

ھا، مىم.

Verse 43:2

وَالْكِتٰبِ الْمُبِیْنِ ۟ۙۛ

Wal-Kitaabil Mubeen,―

روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى

Verse 43:3

اِنَّا جَعَلْنٰهُ قُرْءٰنًا عَرَبِیًّا لَّعَلَّكُمْ تَعْقِلُوْنَ ۟ۚ

ʹInnaa jaʻalnaahu Q̣urʹaanan ʻArabiyyal laʻallakum taʻq̣iloon.

سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق.

Verse 43:4

وَاِنَّهٗ فِیْۤ اُمِّ الْكِتٰبِ لَدَیْنَا لَعَلِیٌّ حَكِیْمٌ ۟ؕ

Wa-ʹinnahoo feee ʹUmmil Kitaabi ladaynaa laʻaliyyun Ḥakeem.

ھەقىقەتەن ئۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (مۇقىملاشقان) يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھېكمەتلىك (كىتاب) دۇر.

Verse 43:5

اَفَنَضْرِبُ عَنْكُمُ الذِّكْرَ صَفْحًا اَنْ كُنْتُمْ قَوْمًا مُّسْرِفِیْنَ ۟

ʹA-fanaḍribu ʻañkumuẓ Ẓikra ṣafḥan ʹañ kuñtum q̣awmam musrifeen?

سىلەر (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋم بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشنى (يەنى قۇرئاننى نازى قىلىشنى) تەرك قىلامدۇق؟

Verse 43:6

وَكَمْ اَرْسَلْنَا مِنْ نَّبِیٍّ فِی الْاَوَّلِیْنَ ۟

Wa-kam ʹarsalnaa min nabiyyiñ fil ʹawwaleen?

ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق.

Verse 43:7

وَمَا یَاْتِیْهِمْ مِّنْ نَّبِیٍّ اِلَّا كَانُوْا بِهٖ یَسْتَهْزِءُوْنَ ۟

Wa-maa yaʹteehim min nabiyyin ʹillaa kaanoo bihee yastahziʹoon.

ئۇلارغا قانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىسۇن، ئۇلار ئۇنى (قەۋمىڭ سېنى مەسخىرە قىلغاندەك) مەسخىرە قىلدى.

Verse 43:8

فَاَهْلَكْنَاۤ اَشَدَّ مِنْهُمْ بَطْشًا وَّمَضٰی مَثَلُ الْاَوَّلِیْنَ ۟

Faʹahlaknaaa ʹashadda minhum̃ baṭshañw wamaḍaa Mas̤alul ʹawwaleen.

ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۈستۈن بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىسسەلىرى قۇرئاندا ئۆتتى.

Verse 43:9

وَلَىِٕنْ سَاَلْتَهُمْ مَّنْ خَلَقَ السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضَ لَیَقُوْلُنَّ خَلَقَهُنَّ الْعَزِیْزُ الْعَلِیْمُ ۟ۙ

Wa-laʹiñ saʹaltahum man khalaq̣as samaawaati wal-ʹarḍa layaq̣oolunna khalaq̣ahunnal ʻAzeezul ʻAleem;―

ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلار ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) ياراتتى» دەيدۇ.

Verse 43:10

الَّذِیْ جَعَلَ لَكُمُ الْاَرْضَ مَهْدًا وَّجَعَلَ لَكُمْ فِیْهَا سُبُلًا لَّعَلَّكُمْ تَهْتَدُوْنَ ۟ۚ

ʹAllaẓee jaʻala lakumul ʹarḍa mahdañw wajaʻala lakum feehaa subulal laʻallakum tahtadoon;

ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى، (سەپەردە كۆزلىگەن يېرىڭلارغا) بېرىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە زېمىندا نۇرغۇن يوللارنى ياراتتى.

Verse 43:11

وَالَّذِیْ نَزَّلَ مِنَ السَّمَآءِ مَآءً بِقَدَرٍ ۚ فَاَنْشَرْنَا بِهٖ بَلْدَةً مَّیْتًا ۚ كَذٰلِكَ تُخْرَجُوْنَ ۟

Wallaẓee nazzala minas samaaaʹi maaaʹam biq̣adar;― faʹañsharnaa bihee baldatam maytaa; kaẓaalika tukhrajoon;―

ئاللاھ بۇلۇتتىن (سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەي، پايدا يەتكۈزىدىغان) ئۆلچەمدە يامغۇر ياغدۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىز (گىيا ئۈنمەس قاقاس) ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، سىلەر مۇشۇنداق (يەنى ئۆلۈك يەردىن ئۆسۈملۈك چىقىرىلغاندەك) (قەبرەڭلاردىن) چىقىرىلىسىلەر.

Verse 43:12

وَالَّذِیْ خَلَقَ الْاَزْوَاجَ كُلَّهَا وَجَعَلَ لَكُمْ مِّنَ الْفُلْكِ وَالْاَنْعَامِ مَا تَرْكَبُوْنَ ۟ۙ

Wallaẓee khalaq̣al ʹazwaaja kullahaa wa-jaʻala lakum minal fulki wal-ʹanʻaami maa- tarkaboon.

ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر[12ـ14].

Verse 43:13

لِتَسْتَوٗا عَلٰی ظُهُوْرِهٖ ثُمَّ تَذْكُرُوْا نِعْمَةَ رَبِّكُمْ اِذَا اسْتَوَیْتُمْ عَلَیْهِ وَتَقُوْلُوْا سُبْحٰنَ الَّذِیْ سَخَّرَ لَنَا هٰذَا وَمَا كُنَّا لَهٗ مُقْرِنِیْنَ ۟ۙ

Litastawoo ʻalaa z̤̣uhoorihee s̤umma taẓkuroo niʻmata Rabbikum ʹiẓas tawaytum ʻalayhi wa-taq̣ooloo ʻʻSubḥaanal laẓee sakhkhara lanaa haaẓaa wa-maa kunnaa lahoo muq̣rineen.

ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر[12ـ14].

Verse 43:14

وَاِنَّاۤ اِلٰی رَبِّنَا لَمُنْقَلِبُوْنَ ۟

Wa-ʹinnaaa ʹilaa Rabbinaa lamuñq̣aliboon!ʹʹ

ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر[12ـ14].

Verse 43:15

وَجَعَلُوْا لَهٗ مِنْ عِبَادِهٖ جُزْءًا ؕ اِنَّ الْاِنْسَانَ لَكَفُوْرٌ مُّبِیْنٌ ۟ؕ۠

Wa-jaʻaloo lahoo min ʻibaadihee juzʹaa! ʹInnal ʹiñsaana lakafoorum mubeen!

ئۇلار (پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دېيىش بىلەن) ئاللاھنىڭ بىر قىسىم بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىر جۈزئى قىلىۋالدى. (مۇنداق دېگۈچى) ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاشكارا ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر.

Verse 43:16

اَمِ اتَّخَذَ مِمَّا یَخْلُقُ بَنٰتٍ وَّاَصْفٰىكُمْ بِالْبَنِیْنَ ۟

ʹAmit takhaẓa mimmaa yakhluq̣u banaatiñw waʹaṣfaakum bilbaneen?

ئاللاھ مەخلۇقاتتىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى (بالا) تۇتۇپ، سىلەرنى ئوغۇللارغا خاس قىلدىمۇ؟

Verse 43:17

وَاِذَا بُشِّرَ اَحَدُهُمْ بِمَا ضَرَبَ لِلرَّحْمٰنِ مَثَلًا ظَلَّ وَجْهُهٗ مُسْوَدًّا وَّهُوَ كَظِیْمٌ ۟

Wa-ʹiẓaa bushshira ʹaḥaduhum̃ bimaa ḍaraba lir-Raḥmaani mas̤alañ z̤̣alla wajhuhoo muswaddañw wahuwa kaz̤̣eem!

ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا مەسەل قىلغان نەرسە (يەنى قىز بالا) بىلەن بېشارەت بېرىلسە (يەنى خوتۇنىنىڭ قىز تۇغقانلىقى خەۋەر قىلىنسا)، قايغۇغا چۆمگەن ھالدا ئۇنىڭ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ.

Verse 43:18

اَوَمَنْ یُّنَشَّؤُا فِی الْحِلْیَةِ وَهُوَ فِی الْخِصَامِ غَیْرُ مُبِیْنٍ ۟

ʹA-wamañy yunashshaʹu fil ḥilyati wa-huwa fil khiṣaami g̣ayru mubeen?

(ئۇلار ئاللاھقا) زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان (قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ؟).

Verse 43:19

وَجَعَلُوا الْمَلٰٓىِٕكَةَ الَّذِیْنَ هُمْ عِبٰدُ الرَّحْمٰنِ اِنَاثًا ؕ اَشَهِدُوْا خَلْقَهُمْ ؕ سَتُكْتَبُ شَهَادَتُهُمْ وَیُسْـَٔلُوْنَ ۟

Wa-jaʻalul malaaaʹikatal laẓeena hum ʻibaadur Raḥmaani ʹinaas̤aa. ʹA-shahidoo khalq̣ahum? Satuktabu shahaadatuhum wa-yusʹaloon!

ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرگە قىز دەپ ئېتىقاد قىلدى، ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ياراتقاندا، ئۇلار ئۈستىدە بارمىدى؟ (يەنى ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى قەيەردىن بىلىدۇ؟) ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى (ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالىغا) يېزىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ.

Verse 43:20

وَقَالُوْا لَوْ شَآءَ الرَّحْمٰنُ مَا عَبَدْنٰهُمْ ؕ مَا لَهُمْ بِذٰلِكَ مِنْ عِلْمٍ ۗ اِنْ هُمْ اِلَّا یَخْرُصُوْنَ ۟ؕ

Wa-q̣aaloo law shaaaʹar Raḥmaanu Maa- ʻabadnaahum! maa- lahum̃ biẓaalika min ʻilm! ʹIn hum ʹillaa yakhruṣoon!

ئۇلار: «مەرھەمەتلىك ئاللاھ خالىسا، بىز ئۇلارغا (يەنى پەرىشتىلەرگە) چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى (يەنى ئاساسى) يوق، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ.

Verse 43:21

اَمْ اٰتَیْنٰهُمْ كِتٰبًا مِّنْ قَبْلِهٖ فَهُمْ بِهٖ مُسْتَمْسِكُوْنَ ۟

ʹAm ʹaataynaahum Kitaabam miñ q̣ablihee fahum̃ bihee mustamsikoon?

ئۇلارغا بىز قۇرئاندىن ئىلگىرى (قانداقتۇر) بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابقا مەھكەم ئىسىلامدۇ؟

Verse 43:22

بَلْ قَالُوْۤا اِنَّا وَجَدْنَاۤ اٰبَآءَنَا عَلٰۤی اُمَّةٍ وَّاِنَّا عَلٰۤی اٰثٰرِهِمْ مُّهْتَدُوْنَ ۟

Bal q̣aalooo ʹinnaa wajadnaaa ʹaabaaaʹanaa ʻalaaa ʹummatiñw Waʹinnaa ʻalaaa ʹaas̤aarihim muhtadoon.

ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار: «ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچىدۇرمىز» دەيدۇ.

Verse 43:23

وَكَذٰلِكَ مَاۤ اَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ فِیْ قَرْیَةٍ مِّنْ نَّذِیْرٍ اِلَّا قَالَ مُتْرَفُوْهَاۤ ۙ اِنَّا وَجَدْنَاۤ اٰبَآءَنَا عَلٰۤی اُمَّةٍ وَّاِنَّا عَلٰۤی اٰثٰرِهِمْ مُّقْتَدُوْنَ ۟

Wa-kaẓaalika maaa ʹarsalnaa miñ q̣ablika fee q̣aryatim min Naẓeerin ʹillaa q̣aala mutrafoohaaa ʹinnaa wajadnaaa ʹaabaaaʹanaa ʻalaaa ʹummatiñw waʹinnaa ʻalaaa ʹaas̤aarihim muq̣tadoon.

شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەر قاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا، ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز» دېيىشتى.

Verse 43:24

قٰلَ اَوَلَوْ جِئْتُكُمْ بِاَهْدٰی مِمَّا وَجَدْتُّمْ عَلَیْهِ اٰبَآءَكُمْ ؕ قَالُوْۤا اِنَّا بِمَاۤ اُرْسِلْتُمْ بِهٖ كٰفِرُوْنَ ۟

Q̣aala ʹa-wa law jiʹtukum̃ biʹahdaa mimmaa wajattum ʻalayhi ʹaabaaaʹakum? Q̣aalooo ʹinnaa bimaaa ʹursiltum̃ bihee kaafiroon.

(ھەر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە) «ئاتا ـ بوۋاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنغا قارىغاندا ئەڭ توغرا بىر دىننى كەلتۈرسەم يەنىلا ئاتا ـ بوۋاڭلارغا ئەگىشەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «سىلەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەيمىز» دېيىشتى.

Verse 43:25

فَانْتَقَمْنَا مِنْهُمْ فَانْظُرْ كَیْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِیْنَ ۟۠

Fañtaq̣amnaa minhum fañz̤̣ur kayfa kaana ʻaaq̣ibatul mukaẓẓibeen!

بىز ئۇلارنى جازالىدۇق، (توغرا يولنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن.

Verse 43:26

وَاِذْ قَالَ اِبْرٰهِیْمُ لِاَبِیْهِ وَقَوْمِهٖۤ اِنَّنِیْ بَرَآءٌ مِّمَّا تَعْبُدُوْنَ ۟ۙ

Wa-ʹiẓ q̣aala ʹIbraaheemu liʹabeehi wa-q̣awmiheee ʹinnanee baraaaʹum mimmaa taʻbudoon:

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلاردىن مەن راستلا ئادا ـ جۇدامەن.

Verse 43:27

اِلَّا الَّذِیْ فَطَرَنِیْ فَاِنَّهٗ سَیَهْدِیْنِ ۟

ʹIllal laẓee faṭaranee faʹinnahoo sayahdeen.

پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ مېنى (توغرا يولغا) باشلايدۇ».

Verse 43:28

وَجَعَلَهَا كَلِمَةً بَاقِیَةً فِیْ عَقِبِهٖ لَعَلَّهُمْ یَرْجِعُوْنَ ۟

Wa-jaʻalahaa Kalimatam baaq̣iyatañ fee ʻaq̣ibihee laʻallahum yarjiʻoon.

ئىبراھىم كەلىمە تەۋھىدنى ئەۋلادىدىن (شېرىك كەلتۈرگەنلەر) ئىمانغا قايتسۇن دەپ ئەۋلادى ئىچىدە قالدۇرۇپ كەتتى.

Verse 43:29

بَلْ مَتَّعْتُ هٰۤؤُلَآءِ وَاٰبَآءَهُمْ حَتّٰی جَآءَهُمُ الْحَقُّ وَرَسُوْلٌ مُّبِیْنٌ ۟

Bal mattaʻtu haaaʹulaaaʹi wa-ʹaabaaaʹahum ḥattaa jaaaʹahumul Ḥaq̣q̣u wa-Rasoolum mubeen.

بەلكى مەن بۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) نى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىنى (ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە نېمەتتىن) بەھرىمەن قىلدىم، تاكى ئۇلارغا ھەق (يەنى قۇرئان) ۋە روشەن پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلگۈچە.

Verse 43:30

وَلَمَّا جَآءَهُمُ الْحَقُّ قَالُوْا هٰذَا سِحْرٌ وَّاِنَّا بِهٖ كٰفِرُوْنَ ۟

Wa-lammaa jaaaʹahumul Ḥaq̣q̣u q̣aaloo haaẓaa siḥruñw waʹinnaa bihee kaafiroon.

ئۇلارغا ھەق (يەنى قۇرئان) كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ سېھىردۇر، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېيىشتى.

Verse 43:31

وَقَالُوْا لَوْلَا نُزِّلَ هٰذَا الْقُرْاٰنُ عَلٰی رَجُلٍ مِّنَ الْقَرْیَتَیْنِ عَظِیْمٍ ۟

Waq̣aaloo Law-laa nuzzila haaẓal Q̣urʹaanu ʻalaa rajulim minal q̣aryatayni ʻaz̤̣eem?

ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر (يەنى مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن) بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟ » دېيىشتى.

Verse 43:32

اَهُمْ یَقْسِمُوْنَ رَحْمَتَ رَبِّكَ ؕ نَحْنُ قَسَمْنَا بَیْنَهُمْ مَّعِیْشَتَهُمْ فِی الْحَیٰوةِ الدُّنْیَا وَرَفَعْنَا بَعْضَهُمْ فَوْقَ بَعْضٍ دَرَجٰتٍ لِّیَتَّخِذَ بَعْضُهُمْ بَعْضًا سُخْرِیًّا ؕ وَرَحْمَتُ رَبِّكَ خَیْرٌ مِّمَّا یَجْمَعُوْنَ ۟

ʹAhum yaq̣simoona Raḥmata Rabbik? Naḥnu q̣asamnaa baynahum maʻeeshatahum fil ḥayaatid dunyaa wa-rafaʻnaa baʻḍahum fawq̣a baʻḍiñ darajaatil liyattakhiẓa baʻḍuhum̃ baʻḍañ sukhriyyaa. Wa-Raḥmatu Rabbika khayrum mimmaa yajmaʻoon.

پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى (ھەق بېرىپ) ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرى (يەنى پۇل ـ ماللىرى) دىن ياخشىدۇر.

Verse 43:33

وَلَوْلَاۤ اَنْ یَّكُوْنَ النَّاسُ اُمَّةً وَّاحِدَةً لَّجَعَلْنَا لِمَنْ یَّكْفُرُ بِالرَّحْمٰنِ لِبُیُوْتِهِمْ سُقُفًا مِّنْ فِضَّةٍ وَّمَعَارِجَ عَلَیْهَا یَظْهَرُوْنَ ۟ۙ

Wa-lawlaaa ʹañy yakoonan naasu ʹummatañw waaḥidatal lajaʻalnaa limañy yakfuru bir-Raḥmaani libuyootihim suq̣ufam miñ fiḍḍatiñw wamaʻaarija ʻalayhaa yaz̤̣haroon,

ئىنسانلار (كۇففارلارنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى كۆرۈپ كۇفرىغا قىزىقىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ) ھەممىسى (كۇفرىدا) بىر ئۈممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق.

Verse 43:34

وَلِبُیُوْتِهِمْ اَبْوَابًا وَّسُرُرًا عَلَیْهَا یَتَّكِـُٔوْنَ ۟ۙ

Wa-li-buyootihim ʹabwaabañw Wasururan ʻalayhaa yattakiʹoon,

ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە تەختلىرىنىمۇ كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلار تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى.

Verse 43:35

وَزُخْرُفًا ؕ وَاِنْ كُلُّ ذٰلِكَ لَمَّا مَتَاعُ الْحَیٰوةِ الدُّنْیَا ؕ وَالْاٰخِرَةُ عِنْدَ رَبِّكَ لِلْمُتَّقِیْنَ ۟۠

Wa-ZUKHRUFAA. Wa-ʹiñ kullu ẓaalika lammaa mataaʻul ḥayaatid dunyaa: wal-ʹAakhiratu ʻiñda Rabbika lil-Muttaq̣een.

(يۇقىرىقىلارنىڭ بەزىسىنى) ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. پەرەۋردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇنېمەتلەر) تەقۋادارلارغا خاستۇر.

Verse 43:36

وَمَنْ یَّعْشُ عَنْ ذِكْرِ الرَّحْمٰنِ نُقَیِّضْ لَهٗ شَیْطٰنًا فَهُوَ لَهٗ قَرِیْنٌ ۟

Wa-mañy yaʻshu ʻañ ẓikrir Raḥmaani nuq̣ayyiḍ lahoo shayṭaanañ fahuwa lahoo q̣areen.

كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن (يەنى قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى ھۆكۈمران قىلىمىز (شەيتان ئۇنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ)، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ.

Verse 43:37

وَاِنَّهُمْ لَیَصُدُّوْنَهُمْ عَنِ السَّبِیْلِ وَیَحْسَبُوْنَ اَنَّهُمْ مُّهْتَدُوْنَ ۟

Wa-ʹinnahum layaṣuddoonahum ʻanis sabeeli wa-yaḥsaboona ʹannahum muhtadoon!

شەك ـ شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۇلارنى (يەنى ئازغۇن كۇففارلارنى) توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ.

Verse 43:38

حَتّٰۤی اِذَا جَآءَنَا قَالَ یٰلَیْتَ بَیْنِیْ وَبَیْنَكَ بُعْدَ الْمَشْرِقَیْنِ فَبِئْسَ الْقَرِیْنُ ۟

Ḥattaaa ʹiẓaa jaaaʹanaa q̣aala yaa-layta baynee wa-baynaka buʻdal Mashriq̣ayni fabiʹsal q̣areen!

كاپىر ئادەم (ھەمراھى بىلەن قىيامەت كۈنى) دەرگاھىمىزغا كەلگەن چاغدا (ھەمراھىغا): «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك ئارىلىق بولسا ئىكەن. (سەن) نېمىدېگەن يامان ھەمراھ! (چۈنكى سەن مېنىڭ بەختسىزلىكىمگە سەۋەبچى بولدۇڭ)» دەيدۇ.

Verse 43:39

وَلَنْ یَّنْفَعَكُمُ الْیَوْمَ اِذْ ظَّلَمْتُمْ اَنَّكُمْ فِی الْعَذَابِ مُشْتَرِكُوْنَ ۟

Wa-lañy yañfaʻakumul yawma ʹiz̤̣ z̤̣alamtum ʹannakum fil ʻaẓaabi mushtarikoon!

(ئۇلارغا) «(دۇنيادىكى چاغدا) زۇلۇم قىلغانلىقىڭلار (يەنى شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار) ئۈچۈن بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ» دېيىلىدۇ.

Verse 43:40

اَفَاَنْتَ تُسْمِعُ الصُّمَّ اَوْ تَهْدِی الْعُمْیَ وَمَنْ كَانَ فِیْ ضَلٰلٍ مُّبِیْنٍ ۟

ʹA-faʹañta tusmiʻuṣ ṣumma ʹaw tahdil ʻumya wa-mañ kaana fee ḍalaalim mubeen?

(ئى مۇھەممەد!) سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ يا كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ (يەنى كۇففارلار گاسلارغا، كورلارغا ئوخشايدۇ) ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن؟

Verse 43:41

فَاِمَّا نَذْهَبَنَّ بِكَ فَاِنَّا مِنْهُمْ مُّنْتَقِمُوْنَ ۟ۙ

Faʹimmaa naẓhabanna bika faʹinnaa minhum muñtaq̣imoon,

(ئۇلارنى جازالاشتىن ئىلگىرى) سېنى ئېلىپ كەتسەك (يەنى ۋاپات قىلدۇرساق ۋاپاتىڭدىن كېيىن) ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز.

Verse 43:42

اَوْ نُرِیَنَّكَ الَّذِیْ وَعَدْنٰهُمْ فَاِنَّا عَلَیْهِمْ مُّقْتَدِرُوْنَ ۟

ʹAw nuriyannakal laẓee waʻadnaahum faʹinnaa ʻalayhim muq̣tadiroon.

ياكى بىز ساڭا (ھاياتىڭدا) ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىمىز، بىز، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا (يەنى ئۇلارغا ئازاب قىلىشقا) قادىرمىز.

Verse 43:43

فَاسْتَمْسِكْ بِالَّذِیْۤ اُوْحِیَ اِلَیْكَ ۚ اِنَّكَ عَلٰی صِرَاطٍ مُّسْتَقِیْمٍ ۟

Fastamsik billaẓeee ʹooḥiya ʹilayk: ʹinnaka ʻalaa Ṣiraaṭim Mustaq̣eem.

(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇرسەن.

Verse 43:44

وَاِنَّهٗ لَذِكْرٌ لَّكَ وَلِقَوْمِكَ ۚ وَسَوْفَ تُسْـَٔلُوْنَ ۟

Wa-ʹinnahoo la-Ẓikrul laka wa-liq̣awmik; wa-sawfa tusʹaloon.

قۇرئان ساڭا ۋە سېنىڭ قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە (ئۇلۇغ) شەرەپتۇر، سىلەر كەلگۈسىدە (بۇ نېمەت ئۈستىدە) سورىلىسىلەر.

Verse 43:45

وَسْـَٔلْ مَنْ اَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رُّسُلِنَاۤ اَجَعَلْنَا مِنْ دُوْنِ الرَّحْمٰنِ اٰلِهَةً یُّعْبَدُوْنَ ۟۠

Wasʹal man ʹarsalnaa miñ q̣ablika mir rusulinaaa ʹajaʻalnaa miñ doonir Raḥmaani ʹaalihatañy yuʻbadoon?

سەندىن بۇرۇن بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزدىن سوراپ باققىنكى، مېھرىبان ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلىدۇقمۇ؟ (پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغىنى بارمۇ؟)

Verse 43:46

وَلَقَدْ اَرْسَلْنَا مُوْسٰی بِاٰیٰتِنَاۤ اِلٰی فِرْعَوْنَ وَمَلَاۡىِٕهٖ فَقَالَ اِنِّیْ رَسُوْلُ رَبِّ الْعٰلَمِیْنَ ۟

Wa-laq̣ad ʹarsalnaa Moosaa biʹAayaatinaaa ʹilaa Firʻawna wa-malaʹihee faq̣aala ʹinnee Rasoolu Rabbil ʻAalameen.

بىز ھەقىقەتەن مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان شانلىق) مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق، مۇسا (پىرئەۋنگە): «مەن ھەقىقەتەن جىمى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ (سېنى ۋە قەۋمىڭنى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) ئەلچىسىمەن» دېدى.

Verse 43:47

فَلَمَّا جَآءَهُمْ بِاٰیٰتِنَاۤ اِذَا هُمْ مِّنْهَا یَضْحَكُوْنَ ۟

Falammaa jaaaʹahum̃ biʹAayaatinaaa ʹiẓaa hum minhaa yaḍḥakoon.

مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار ناگاھان مۆجىزىلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلدى.

Verse 43:48

وَمَا نُرِیْهِمْ مِّنْ اٰیَةٍ اِلَّا هِیَ اَكْبَرُ مِنْ اُخْتِهَا ؗ وَاَخَذْنٰهُمْ بِالْعَذَابِ لَعَلَّهُمْ یَرْجِعُوْنَ ۟

Wa-maa nureehim min ʹaayatin ʹillaa hiya ʹakbaru min ʹukhtihaa, wa-ʹakhaẓnaahum̃ bilʻaẓaabi laʻallahum yarjiʻoon.

ئۇلارغا بىر ـ بىرىدىن كاتتا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى (كۇفرىدىن) قايتسۇن دەپ (تۈرلۈك) ئازابلار بىلەن جازالىدۇق.

Verse 43:49

وَقَالُوْا یٰۤاَیُّهَ السّٰحِرُ ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ ۚ اِنَّنَا لَمُهْتَدُوْنَ ۟

Wa-q̣aaloo yaaaʹayyuhas saaḥirud ʹu lanaa Rabbaka bimaa ʻahida ʻiñdak; ʹinnanaa lamuhtadoon.

(ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە) «ئى سېھىرگەر! پەرەۋردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن (دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشتىن ئىبارەت) ئەھدى بويىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ (ئەگەر ئۇ دۇئايىڭ بىلەن بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە)، بىز چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز» دېدى.

Verse 43:50

فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ الْعَذَابَ اِذَا هُمْ یَنْكُثُوْنَ ۟

Falammaa kashafnaa ʻanhumul ʻaẓaaba ʹiẓaa hum yañkus̤oon.

(مۇسانىڭ دۇئاسى بىلەن) ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىنىمىزدە، ناگاھان ئۇلار (ئەھدىنى) بۇزۇپ (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى.

Verse 43:51

وَنَادٰی فِرْعَوْنُ فِیْ قَوْمِهٖ قَالَ یٰقَوْمِ اَلَیْسَ لِیْ مُلْكُ مِصْرَ وَهٰذِهِ الْاَنْهٰرُ تَجْرِیْ مِنْ تَحْتِیْ ۚ اَفَلَا تُبْصِرُوْنَ ۟ؕ

Wa-naadaa Firʻawnu fee q̣awmihee q̣aala yaa-q̣awmi ʹalaysa lee mulku Miṣra wa-haaẓihil ʹanhaaru tajree miñ taḥtee? ʹAfalaa tubṣiroon?

پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر؟ بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن»[51ـ52].

Verse 43:52

اَمْ اَنَا خَیْرٌ مِّنْ هٰذَا الَّذِیْ هُوَ مَهِیْنٌ ۙ۬ وَّلَا یَكَادُ یُبِیْنُ ۟

ʹAm ʹana khayrum min haaẓal laẓee huwa maheenuñw walaa yakaadu yubeen?

پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر؟ بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن»[51ـ52].

Verse 43:53

فَلَوْلَاۤ اُلْقِیَ عَلَیْهِ اَسْوِرَةٌ مِّنْ ذَهَبٍ اَوْ جَآءَ مَعَهُ الْمَلٰٓىِٕكَةُ مُقْتَرِنِیْنَ ۟

Falawlaaa ʹulq̣iya ʻalayhi ʹaswiratum miñ ẓahabin ʹaw jaaaʹa maʻahul malaaaʹikatu muq̣tarineen?

نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا (ئاسماندىن) ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلانمىدى؟ ياكى نېمىشقا (ئۇنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟»

Verse 43:54

فَاسْتَخَفَّ قَوْمَهٗ فَاَطَاعُوْهُ ؕ اِنَّهُمْ كَانُوْا قَوْمًا فٰسِقِیْنَ ۟

Fastakhaffa q̣awmahoo faʹaṭaaʻooh: ʹinnahum kaanoo q̣awmañ faasiq̣een.

پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى.

Verse 43:55

فَلَمَّاۤ اٰسَفُوْنَا انْتَقَمْنَا مِنْهُمْ فَاَغْرَقْنٰهُمْ اَجْمَعِیْنَ ۟ۙ

Falammaaa ʹaasafoonañ taq̣amnaa minhum faʹag̣raq̣naahum ʹajmaʻeen.

ئۇلار بىزنى دەرغەزەپ قىلغاندا، ئۇلارنى بىز (ئەڭ قاتتىق جازالار بىلەن) جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (دېڭىزدا) غەرق قىلدۇق.

Verse 43:56

فَجَعَلْنٰهُمْ سَلَفًا وَّمَثَلًا لِّلْاٰخِرِیْنَ ۟۠

Fajaʻalnaahum Salafañw Wa-Mas̤alal lil-ʹaakhireen.

ئۇلارنى بىز (كۇففارلارنىڭ ئازابقا تېگىشلىك بولۇشىدا) كېيىنكىلەرگە نەمۇنە ۋە ئىبرەت قىلدۇق.

Verse 43:57

وَلَمَّا ضُرِبَ ابْنُ مَرْیَمَ مَثَلًا اِذَا قَوْمُكَ مِنْهُ یَصِدُّوْنَ ۟

Wa-lammaa ḍuribab nu Maryama mas̤alan ʹiẓaa q̣awmuka minhu yaṣiddoon!

(قۇرئاندا) مەريەمنىڭ ئوغلى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام) مىسال كەلتۈرۈلسە، ناگاھان سېنىڭ قەۋمىڭ (خۇشاللىقتىن) سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ.

Verse 43:58

وَقَالُوْۤا ءَاٰلِهَتُنَا خَیْرٌ اَمْ هُوَ ؕ مَا ضَرَبُوْهُ لَكَ اِلَّا جَدَلًا ؕ بَلْ هُمْ قَوْمٌ خَصِمُوْنَ ۟

Wa-q̣aalooo ʹa-ʹaalihatunaa khayrun ʹam hoo? Maa- ḍaraboohu laka ʹillaa jadalaa: bal hum q̣awmun khaṣimoon.

ئۇلار: «بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز ياخشىمۇ ياكى ئىيسامۇ؟» دېدى. ئۇلار بۇ مىسالنى پەقەت خۇسۇمەت قىلىش ئۈچۈنلا كەلتۈردى، بەلكى ئۇلار جېدەلخور قەۋمدۇر.

Verse 43:59

اِنْ هُوَ اِلَّا عَبْدٌ اَنْعَمْنَا عَلَیْهِ وَجَعَلْنٰهُ مَثَلًا لِّبَنِیْۤ اِسْرَآءِیْلَ ۟ؕ

ʹIn huwa ʹillaa ʻabdun ʹanʻamnaa ʻalayhi wa-jaʻalnaahu mas̤alal li-Baneee ʹIsraaaʹeel.

ئۇ (يەنى ئىيسا) (ناسارالار گۇمان قىلغاندەك ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەس) پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق.

Verse 43:60

وَلَوْ نَشَآءُ لَجَعَلْنَا مِنْكُمْ مَّلٰٓىِٕكَةً فِی الْاَرْضِ یَخْلُفُوْنَ ۟

Wa-law nashaaaʹu lajaʻalnaa miñkum malaaaʹikatañ fil ʹarḍi yakhlufoon.

ئەگەر بىز خالىساق، ئەلۋەتتە سىلەرگە زېمىندا ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەتتۇق.

Verse 43:61

وَاِنَّهٗ لَعِلْمٌ لِّلسَّاعَةِ فَلَا تَمْتَرُنَّ بِهَا وَاتَّبِعُوْنِ ؕ هٰذَا صِرَاطٌ مُّسْتَقِیْمٌ ۟

Wa-ʹinnahoo laʻilmul lis-Saaʻati falaa tamtarunna bihaa wattabiʻoon: haaẓaa Ṣiraṭum Mustaq̣eem.

ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە قىيامەتنىڭ ئالامىتىدۇر، ئۇنىڭغا (يەنى قىيامەتكە) شەك كەلتۈرمەڭلار. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ (مېنىڭ دەۋەت قىلغىنىم) توغرا يولدۇر.

Verse 43:62

وَلَا یَصُدَّنَّكُمُ الشَّیْطٰنُ ۚ اِنَّهٗ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِیْنٌ ۟

Wa-laa yaṣuddannakumush Shayṭaan: ʹinnahoo lakum ʻaduwwum mubeen.

سىلەرنى شەيتان (توغرا يولدا) مېڭىشتىن توسمىسۇن (يەنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئالدانماڭلار)، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر».

Verse 43:63

وَلَمَّا جَآءَ عِیْسٰی بِالْبَیِّنٰتِ قَالَ قَدْ جِئْتُكُمْ بِالْحِكْمَةِ وَلِاُبَیِّنَ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِیْ تَخْتَلِفُوْنَ فِیْهِ ۚ فَاتَّقُوا اللّٰهَ وَاَطِیْعُوْنِ ۟

Wa-lammaa jaaaʹa ʻEesaa bil-Bayyinaati q̣aala q̣ad jiʹtukum̃ bil-Ḥikmati wa-liʹubayyina lakum baʻḍal laẓee takhtalifoona feeh: fattaq̣ul laaha wa-ʹaṭeeʻoon.

ئىيسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ (يەنى دىنىي ئىشلارنىڭ) بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.

Verse 43:64

اِنَّ اللّٰهَ هُوَ رَبِّیْ وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوْهُ ؕ هٰذَا صِرَاطٌ مُّسْتَقِیْمٌ ۟

ʹInnal laaha Huwa Rabbee wa-Rabbukum faʻbudooh: haaẓaa Ṣiraaṭum Mustaq̣eem.

ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر ۋە سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر».

Verse 43:65

فَاخْتَلَفَ الْاَحْزَابُ مِنْ بَیْنِهِمْ ۚ فَوَیْلٌ لِّلَّذِیْنَ ظَلَمُوْا مِنْ عَذَابِ یَوْمٍ اَلِیْمٍ ۟

Fakhtalafal ʹaḥzaabu mim baynihim: fawaylul lil-laẓeena z̤̣alamoo min ʻaẓaabi Yawmin ʹAleem!

(ناسارالار) نىڭ پىرقىلىرى (ئىيسا توغرىسىدا) ئۆز ـ ئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، زالىملارغا قاتتىق كۈن (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن ۋاي!

Verse 43:66

هَلْ یَنْظُرُوْنَ اِلَّا السَّاعَةَ اَنْ تَاْتِیَهُمْ بَغْتَةً وَّهُمْ لَا یَشْعُرُوْنَ ۟

Hal yañz̤̣uroona ʹillas Saaʻata ʹañ taʹtiyahum̃ bag̣tatañw wahum laa- yashʻuroon?

ئۇلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا كۈتىدۇ.

Verse 43:67

اَلْاَخِلَّآءُ یَوْمَىِٕذٍ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ اِلَّا الْمُتَّقِیْنَ ۟ؕ۠

ʹAlʹakhillaaaʹu Yawmaʹizim baʻḍuhum libaʻḍin ʻaduwwun ʹillal Muttaq̣een.

بۇ كۈندە دوستلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا (ئۇنداق ئەمەستۇر).

Verse 43:68

یٰعِبَادِ لَا خَوْفٌ عَلَیْكُمُ الْیَوْمَ وَلَاۤ اَنْتُمْ تَحْزَنُوْنَ ۟ۚ

Yaa-ʻibaadi laa- khawfun ʻalaykumul Yawma wa-laaa ʹañtum taḥzanoon,―

(ئۇلارغا) «بەندىلىرىم! بۈگۈن سىلەرگە قورقۇنچ يوق، سىلەر غەم ـ ئەندىشە قىلمايسىلەر » (دېيىلىدۇ).

Verse 43:69

اَلَّذِیْنَ اٰمَنُوْا بِاٰیٰتِنَا وَكَانُوْا مُسْلِمِیْنَ ۟ۚ

ʹAllaẓeena ʹaamanoo biʹAayaatinaa wa-kaanoo Muslimeen.

ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقان ۋە مۇسۇلمان بولغانلار ئىدى.

Verse 43:70

اُدْخُلُوا الْجَنَّةَ اَنْتُمْ وَاَزْوَاجُكُمْ تُحْبَرُوْنَ ۟

ʹUdkhulul Jannata ʹañtum wa-ʹazwaajukum tuḥbaroon.

(ئۇلارغا) «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىللە خۇشال ـ خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» (دېيىلىدۇ).

Verse 43:71

یُطَافُ عَلَیْهِمْ بِصِحَافٍ مِّنْ ذَهَبٍ وَّاَكْوَابٍ ۚ وَفِیْهَا مَا تَشْتَهِیْهِ الْاَنْفُسُ وَتَلَذُّ الْاَعْیُنُ ۚ وَاَنْتُمْ فِیْهَا خٰلِدُوْنَ ۟ۚ

Yuṭaafu ʻalayhim̃ biṣiḥaafim miñ ẓahabiñw waʹakwaab: wafeehaa maa- tashtaheehil ʹañfusu wa-talaẓẓul ʹaʻyun: wa-ʹañtum feehaa khaalidoon.

ئۇلارغا ئالتۇن لېگەنلەردە (تائام)، ئالتۇن جاملاردا (شاراب) تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر.

Verse 43:72

وَتِلْكَ الْجَنَّةُ الَّتِیْۤ اُوْرِثْتُمُوْهَا بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُوْنَ ۟

Wa-tilkal Jannatul lateee ʹooris̤tumoohaa bimaa kuñtum taʻmaloon.

سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.

Verse 43:73

لَكُمْ فِیْهَا فَاكِهَةٌ كَثِیْرَةٌ مِّنْهَا تَاْكُلُوْنَ ۟

Lakum feeha faakihatuñ kas̤eeratum minhaa taʹkuloon.

جەننەتتە نۇرغۇن (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇنىڭدىن يەيسىلەر.

Verse 43:74

اِنَّ الْمُجْرِمِیْنَ فِیْ عَذَابِ جَهَنَّمَ خٰلِدُوْنَ ۟ۚۖ

ʹInnal mujrimeena fee ʻaẓaabi Jahannama khaalidoon.

گۇناھكارلار (يەنى كۇففارلار) ھەقىقەتەن دوزاخ ئازابىدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.

Verse 43:75

لَا یُفَتَّرُ عَنْهُمْ وَهُمْ فِیْهِ مُبْلِسُوْنَ ۟ۚ

Laa- yufattaru ʻanhum wa-hum feehi mublisoon.

ئۇلاردىن ئازاب (بىردەممۇ) يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلار دوزاختا (ھەر قانداق ياخشىلىقتىن) ئۈمىدسىزلەردۇر.

Verse 43:76

وَمَا ظَلَمْنٰهُمْ وَلٰكِنْ كَانُوْا هُمُ الظّٰلِمِیْنَ ۟

Wa-maa z̤̣alamnaahum wa-laakiñ kaanoo humuz̤̣ z̤̣aalimeen.

ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق ۋەلېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.

Verse 43:77

وَنَادَوْا یٰمٰلِكُ لِیَقْضِ عَلَیْنَا رَبُّكَ ؕ قَالَ اِنَّكُمْ مّٰكِثُوْنَ ۟

Wa-naadaw yaa-Maaliku liyaq̣ḍi ʻalaynaa Rabbuk! Q̣aala ʹinnakum maakis̤oon.

ئۇلار (يەنى كۇففارلار) (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە): «ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» دەيدۇ.

Verse 43:78

لَقَدْ جِئْنٰكُمْ بِالْحَقِّ وَلٰكِنَّ اَكْثَرَكُمْ لِلْحَقِّ كٰرِهُوْنَ ۟

Laq̣ad jiʹnaakum̃ bil-Ḥaq̣q̣i wa-laakinna ʹaks̤arakum lil-Ḥaq̣q̣i kaarihoon.

بىز سىلەرگە ھەقىقەتەن ھەق (دىن) نى كەلتۈردۇق ۋەلېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەق (دىن) نى يامان كۆرگۈچىلەردۇر.

Verse 43:79

اَمْ اَبْرَمُوْۤا اَمْرًا فَاِنَّا مُبْرِمُوْنَ ۟ۚ

ʹAm ʹabramooo ʹamrañ faʹinnaa mubrimoon.

ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۇيىقەست قىلىشتا) بىر ئىشنى قارار قىلغان بولسا، بىز (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ياردەم بېرىشتە بىر ئىشنى قارار قىلىمىز.

Verse 43:80

اَمْ یَحْسَبُوْنَ اَنَّا لَا نَسْمَعُ سِرَّهُمْ وَنَجْوٰىهُمْ ؕ بَلٰی وَرُسُلُنَا لَدَیْهِمْ یَكْتُبُوْنَ ۟

ʹAm yaḥsaboona ʹannaa laa- nasmaʻu sirrahum wa-najwaahum? Balaa wa-Rusulunaa ladayhim yaktuboon.

ئۇلار گۇمان قىلامدۇكى، بىز ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ۋە پىچىرلاشقانلىقلىرىنى ئاڭلىمايمىز، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (ئۇنى ئاڭلاپ تۇرىمىز)، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلىرىمىز) ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى) يېزىپ تۇرىدۇ.

Verse 43:81

قُلْ اِنْ كَانَ لِلرَّحْمٰنِ وَلَدٌ ۖۗ فَاَنَا اَوَّلُ الْعٰبِدِیْنَ ۟

Q̣ul ʹiñ kaana lir-Raḥmaani waladuñ faʹana ʹawwalul ʻaabideen.

«ئەگەر مېھرىبان ئاللاھنىڭ بالىسى بولىدىغان بولسا، مەن (ئۇ بالىغا) ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولاتتىم» دېگىن.

Verse 43:82

سُبْحٰنَ رَبِّ السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضِ رَبِّ الْعَرْشِ عَمَّا یَصِفُوْنَ ۟

Subḥaana Rabbis samaawaati wal-ʹarḍi Rabbil ʻArshi ʻammaa yaṣifoon!

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن پاكتۇر.

Verse 43:83

فَذَرْهُمْ یَخُوْضُوْا وَیَلْعَبُوْا حَتّٰی یُلٰقُوْا یَوْمَهُمُ الَّذِیْ یُوْعَدُوْنَ ۟

Faẓarhum yakhooḍoo wa-yalʻaboo ḥattaa yulaaq̣oo Yawmahumul laẓee yooʻadoon.

ئۇلارنى (يەنى مەككە كۇففارلىرىنى) (گۇمراھلىقلىرىدا ۋە نادانلىقلىرىدا) قويۇپ بەرگىن، ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (باتىللىرىغا) چۆمسۇن ۋە (دۇنياسى بىلەن) ئوينىسۇن.

Verse 43:84

وَهُوَ الَّذِیْ فِی السَّمَآءِ اِلٰهٌ وَّفِی الْاَرْضِ اِلٰهٌ ؕ وَهُوَ الْحَكِیْمُ الْعَلِیْمُ ۟

Wa-Huwal laẓee fis samaaaʹi ʹIlaahuñw Wafil ʹarḍi ʹIlaah; wa-Huwal Ḥakeemul ʻAleem.

ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

Verse 43:85

وَتَبٰرَكَ الَّذِیْ لَهٗ مُلْكُ السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضِ وَمَا بَیْنَهُمَا ۚ وَعِنْدَهٗ عِلْمُ السَّاعَةِ ۚ وَاِلَیْهِ تُرْجَعُوْنَ ۟

Wa-tabaarakal laẓee lahoo mulkus samaawaati wal-ʹarḍi wa-maa baynahumaa: wa-ʻiñdahoo ʻilmus Saaʻah: wa-ʹilayhi turjaʻoon.

ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان زات كاتتىدۇر، قىيامەتنىڭ (بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن (يالغۇر) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.

Verse 43:86

وَلَا یَمْلِكُ الَّذِیْنَ یَدْعُوْنَ مِنْ دُوْنِهِ الشَّفَاعَةَ اِلَّا مَنْ شَهِدَ بِالْحَقِّ وَهُمْ یَعْلَمُوْنَ ۟

Wa-laa yamlikul laẓeena yadʻoona miñ doonihish Shafaaʻata ʹillaa mañ shahida bil-Ḥaq̣q̣i wa-hum yaʻlamoon.

ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن (يەنى لائىلاھە ئىللەللاھ دېگەن، تىلى بىلەن ئېيتقاننى دىلى بىلەن) ھەقىقىي بىلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

Verse 43:87

وَلَىِٕنْ سَاَلْتَهُمْ مَّنْ خَلَقَهُمْ لَیَقُوْلُنَّ اللّٰهُ فَاَنّٰی یُؤْفَكُوْنَ ۟ۙ

Wa-laʹiñ saʹaltahum man khalaq̣ahum layaq̣oolun nallaahu faʹannaa yuʹfakoon?

ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئۇلارنى كىم خەلق ئەتكەنلىكلىرىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەيدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ.

Verse 43:88

وَقِیْلِهٖ یٰرَبِّ اِنَّ هٰۤؤُلَآءِ قَوْمٌ لَّا یُؤْمِنُوْنَ ۟ۘ

Wa-q̣eelihee yaa-Rabbi ʹinna haaaʹulaaaʹi q̣awmul laa yuʹminoon!

(ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) «ئى پەرۋەردىگارىم! بۇلار ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر» دېگەن سۆزىنى (بىلىدۇ).

Verse 43:89

فَاصْفَحْ عَنْهُمْ وَقُلْ سَلٰمٌ ؕ فَسَوْفَ یَعْلَمُوْنَ ۟۠

Faṣfaḥ ʻanhum wa-q̣ul salaam! Fasawfa yaʻlamoon!

سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سالام دېگىن (يەنى ئۇلارغا بەتدۇئامۇ قىلمىغىن، دىنغا دەۋەتمۇ قىلمىغىن)، ئۇلار كەلگۈسىدە (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ.