Home  /  Quran  /  Surah
Loading...
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ

Surah At-Talaq

Surah At-Talaq (Divorce) is Surah 65 of the Holy Quran, a Medinan Surah with 12 verses, available here in Uyghur.

Surah 65 Medinan 12 verses Uyghur

Verse 65:1

یٰۤاَیُّهَا النَّبِیُّ اِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَآءَ فَطَلِّقُوْهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَاَحْصُوا الْعِدَّةَ ۚ وَاتَّقُوا اللّٰهَ رَبَّكُمْ ۚ لَا تُخْرِجُوْهُنَّ مِنْ بُیُوْتِهِنَّ وَلَا یَخْرُجْنَ اِلَّاۤ اَنْ یَّاْتِیْنَ بِفَاحِشَةٍ مُّبَیِّنَةٍ ؕ وَتِلْكَ حُدُوْدُ اللّٰهِ ؕ وَمَنْ یَّتَعَدَّ حُدُوْدَ اللّٰهِ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهٗ ؕ لَا تَدْرِیْ لَعَلَّ اللّٰهَ یُحْدِثُ بَعْدَ ذٰلِكَ اَمْرًا ۟

Yaaaʹayyuhan Nabiyyu ʹiẓaa ṭallaq̣tumun nisaaaʹa faṭalliq̣oohunna liʻiddatihinna wa-ʹaḥṣul ʻiddah; wattaq̣ul laaha Rabbakum: laa- tukhrijoohunna mim buyootihinna wa-laa yakhrujna ʹillaaa ʹañy yaʹteena bifaaḥishatim mubayyinah. Wa-tilka ḥudoodul laah: wa-mañy yataʻadda ḥudoodal laahi faq̣ad z̤̣alama nafsah: laa- tadree laʻallal laaha yuḥdis̤u baʻda ẓaalika ʹamraa.

ئى پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى) سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار. ئىددەتنى ساناڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، (ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغىچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ (ئۆيىدىن) چىقمىسۇن، ئۇلار پەقەت ئوچۇق پاھىشە قىلسىلا ئاندىن (ھەدنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن) چىقىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، ئاللاھ شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى تالاقتىن كېيىن) بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

Verse 65:2

فَاِذَا بَلَغْنَ اَجَلَهُنَّ فَاَمْسِكُوْهُنَّ بِمَعْرُوْفٍ اَوْ فَارِقُوْهُنَّ بِمَعْرُوْفٍ وَّاَشْهِدُوْا ذَوَیْ عَدْلٍ مِّنْكُمْ وَاَقِیْمُوا الشَّهَادَةَ لِلّٰهِ ؕ ذٰلِكُمْ یُوْعَظُ بِهٖ مَنْ كَانَ یُؤْمِنُ بِاللّٰهِ وَالْیَوْمِ الْاٰخِرِ ؕ۬ وَمَنْ یَّتَّقِ اللّٰهَ یَجْعَلْ لَّهٗ مَخْرَجًا ۟ۙ

Faʹiẓaa balag̣na ʹajalahunna faʹamsikoohunna bimaʻroofin ʹaw faariq̣oohunna bimaʻroofiñw waʹashhidoo ẓaway ʻadlim miñkum wa-ʹaq̣eemush shahaadata lillaah. Ẓaalikum yooʻaz̤̣u bihee mañ kaana yuʹminu billaahi wal-Yawmil ʹAakhir. Wa-mañy yattaq̣il laaha yajʻal lahoo makhrajaa,

ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يېنىشىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئۈزلىشىپ كېتىڭلار. (يېنىشقان، ئاجراشقان چېغىڭلاردا) ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىڭلار. خۇدالىق ئۈچۈن (توغرا) گۇۋاھ بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن (يەنى بۇ ھۆكۈم بىلەن) ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ.

Verse 65:3

وَّیَرْزُقْهُ مِنْ حَیْثُ لَا یَحْتَسِبُ ؕ وَمَنْ یَّتَوَكَّلْ عَلَی اللّٰهِ فَهُوَ حَسْبُهٗ ؕ اِنَّ اللّٰهَ بَالِغُ اَمْرِهٖ ؕ قَدْ جَعَلَ اللّٰهُ لِكُلِّ شَیْءٍ قَدْرًا ۟

Wa-yarzuq̣hu min hays̤u laa- yaḥtasib. Wa-mañy yatawakkal ʻalal laahi fa-Huwa ḥasbuh. ʹInnal laaha baalig̣u ʹamrih: q̣ad jaʻalal laahu likulli shayʹiñ q̣adraa.

ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى.

Verse 65:4

وَا یَىِٕسْنَ مِنَ الْمَحِیْضِ مِنْ نِّسَآىِٕكُمْ اِنِ ارْتَبْتُمْ فَعِدَّتُهُنَّ ثَلٰثَةُ اَشْهُرٍ ۙ وَّا لَمْ یَحِضْنَ ؕ وَاُولَاتُ الْاَحْمَالِ اَجَلُهُنَّ اَنْ یَّضَعْنَ حَمْلَهُنَّ ؕ وَمَنْ یَّتَّقِ اللّٰهَ یَجْعَلْ لَّهٗ مِنْ اَمْرِهٖ یُسْرًا ۟

Wallaaaʹee yaʹisna minal maḥeeḍi min nisaaaʹikum ʹinir tabtum faʻiddatuhunna s̤alaas̤atu ʹashhuriñw wallaaaʹee lam yaḥiḍn: wa-ʹulaatul ʹaḥmaali ʹajaluhunna ʹañy yaḍaʻna ḥamlahunn: wa-mañy yattaq̣il laaha yajʻal lahoo min ʹamrihee yusraa.

ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىكى ھەيزدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردىن (يەنى يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ھەيز كۆرمەيدىغانلارنىڭ ئىددىتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىدىن) شۈبھىدە بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. ھەيز كۆرمىگەنلەرنىڭ ئىددىتى ھەم ئۈچ ئايدۇر. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى (مەيلى ئايرىلىپ كەتكەن بولسۇن، مەيلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن) يەڭگىش بىلەنلا تۈگەيدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.

Verse 65:5

ذٰلِكَ اَمْرُ اللّٰهِ اَنْزَلَهٗۤ اِلَیْكُمْ ؕ وَمَنْ یَّتَّقِ اللّٰهَ یُكَفِّرْ عَنْهُ سَیِّاٰتِهٖ وَیُعْظِمْ لَهٗۤ اَجْرًا ۟

Ẓaalika ʹAmrul laahi ʹañzalahooo ʹilaykum: wa-mañy yattaq̣il laaha yukaffir ʻanhu sayyiʹaatihee wa-yuʻz̤̣im lahooo ʹajraa.

ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ھۆكمىدۇر. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ.

Verse 65:6

اَسْكِنُوْهُنَّ مِنْ حَیْثُ سَكَنْتُمْ مِّنْ وُّجْدِكُمْ وَلَا تُضَآرُّوْهُنَّ لِتُضَیِّقُوْا عَلَیْهِنَّ ؕ وَاِنْ كُنَّ اُولَاتِ حَمْلٍ فَاَنْفِقُوْا عَلَیْهِنَّ حَتّٰی یَضَعْنَ حَمْلَهُنَّ ۚ فَاِنْ اَرْضَعْنَ لَكُمْ فَاٰتُوْهُنَّ اُجُوْرَهُنَّ ۚ وَاْتَمِرُوْا بَیْنَكُمْ بِمَعْرُوْفٍ ۚ وَاِنْ تَعَاسَرْتُمْ فَسَتُرْضِعُ لَهٗۤ اُخْرٰی ۟ؕ

ʹAskinoohunna min ḥays̤u sakañtum miñw wujdikum wa-laa tuḍaaarroohunna lituḍayyiq̣oo ʻalayhinn. Wa-ʹiñ kunna ʹulaati ḥamliñ faʹañfiq̣oo ʻalayhinna ḥattaa yaḍaʻna ḥamlahunn. Faʹin ʹarḍaʻna lakum faʹaatoohunna ʹujoorahunn: waʹtamiroo baynakum̃ bimaʻroof. Wa-ʹiñ taʻaasartum fasaturḍiʻu lahooo ʹukhraa.

ئۇلارنى (يەنى قويۇۋېتىلگەن ئاياللىرىڭلارنى) قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار. ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار (يەنى ئۇلارنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن تۇرالغۇ جەھەتتىن، نەپىقە جەھەتتىن قىسماڭلار). ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، يەڭگىگەنگە قەدەر ئۇلارنى تەمىنلەڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ (ئېمىتىش) ھەققىنى بېرىڭلار. ھەققانىي ئاساستا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار. ئەگەر پىكىردە كېلىشەلمىسەڭلار، ئۇنى (يەنى بالىنى) باشقا بىر ئايال ئېمىتسۇن.

Verse 65:7

لِیُنْفِقْ ذُوْ سَعَةٍ مِّنْ سَعَتِهٖ ؕ وَمَنْ قُدِرَ عَلَیْهِ رِزْقُهٗ فَلْیُنْفِقْ مِمَّاۤ اٰتٰىهُ اللّٰهُ ؕ لَا یُكَلِّفُ اللّٰهُ نَفْسًا اِلَّا مَاۤ اٰتٰىهَا ؕ سَیَجْعَلُ اللّٰهُ بَعْدَ عُسْرٍ یُّسْرًا ۟۠

Liyuñfiq̣ ẓoo saʻatim miñ saʻatih, wa-mañ q̣udira ʻalayhi rizq̣uhoo falyuñfiq̣ mimmaaa ʹaataahul laah. Laa- yukalliful laahu nafsan ʹillaa maaa ʹaataahaa. Sayajʻalul laahu baʻda ʻusriñy yusraa.

باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ).

Verse 65:8

وَكَاَیِّنْ مِّنْ قَرْیَةٍ عَتَتْ عَنْ اَمْرِ رَبِّهَا وَرُسُلِهٖ فَحَاسَبْنٰهَا حِسَابًا شَدِیْدًا ۙ وَّعَذَّبْنٰهَا عَذَابًا نُّكْرًا ۟

Wa-kaʹayyim miñ q̣aryatin ʻatat ʻan ʹAmri Rabbihaa wa-rusulihee faḥaasabnaahaa ḥisaabañ shadeedañw waʻaẓẓabnaahaa ʻAẓaaban nukraa.

نۇرغۇن شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق.

Verse 65:9

فَذَاقَتْ وَبَالَ اَمْرِهَا وَكَانَ عَاقِبَةُ اَمْرِهَا خُسْرًا ۟

Faẓaaq̣at wa-baala ʹamrihaa wa-kaana ʻAaq̣ibatu ʹamrihaa khusraa.

ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىشتىن ئىبارەت بولدى.

Verse 65:10

اَعَدَّ اللّٰهُ لَهُمْ عَذَابًا شَدِیْدًا ۙ فَاتَّقُوا اللّٰهَ یٰۤاُولِی الْاَلْبَابِ الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا ۛ۫ؕ قَدْ اَنْزَلَ اللّٰهُ اِلَیْكُمْ ذِكْرًا ۟ۙ

ʹAʻaddal laahu lahum ʻAẓaabañ shadeedañ fattaq̣ul laaha yaaaʹulil ʹalbaabil laẓeena ʹaamanoo!― Q̣ad ʹanzalal laahu ʹilaykum Ẓikraa,―

ئاللاھ ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئى ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدى.

Verse 65:11

رَّسُوْلًا یَّتْلُوْا عَلَیْكُمْ اٰیٰتِ اللّٰهِ مُبَیِّنٰتٍ لِّیُخْرِجَ الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا وَعَمِلُوا الصّٰلِحٰتِ مِنَ الظُّلُمٰتِ اِلَی النُّوْرِ ؕ وَمَنْ یُّؤْمِنْ بِاللّٰهِ وَیَعْمَلْ صَالِحًا یُّدْخِلْهُ جَنّٰتٍ تَجْرِیْ مِنْ تَحْتِهَا الْاَنْهٰرُ خٰلِدِیْنَ فِیْهَاۤ اَبَدًا ؕ قَدْ اَحْسَنَ اللّٰهُ لَهٗ رِزْقًا ۟

Rasoolañy yatloo ʻalaykum ʹAayaatil laahi mubayyinaatil liyukhrijal laẓeena ʹaamanoo wa-ʻamiluṣ ṣaaliḥaati minaz̤̣ z̤̣ulumaati ʹilan Noor. Wa-mañy yuʹmim billaahi wa-yaʻmal ṣaliḥañy yudkhilhu Jannaatiñ tajree miñ taḥtihal ʹanhaaru khaalideena feehaaa ʹabadaa: q̣ad ʹaḥsanal laahu lahoo rizq̣aa.

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى زۇلمەتتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن سىلەرگە ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، (ئاللاھ) ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل رىزىق (يەنى جەننەتتىكى رىزىق ۋە نېمەتلەرنى) بېرىدۇ.

Verse 65:12

اَللّٰهُ الَّذِیْ خَلَقَ سَبْعَ سَمٰوٰتٍ وَّمِنَ الْاَرْضِ مِثْلَهُنَّ ؕ یَتَنَزَّلُ الْاَمْرُ بَیْنَهُنَّ لِتَعْلَمُوْۤا اَنَّ اللّٰهَ عَلٰی كُلِّ شَیْءٍ قَدِیْرٌ ۙ۬ وَّاَنَّ اللّٰهَ قَدْ اَحَاطَ بِكُلِّ شَیْءٍ عِلْمًا ۟۠

ʹAllaahul laẓee khalaq̣a sabʻa Samaawaatiñw Waminal ʹarḍi mis̤lahunn. Yatanazzalul ʹAmru baynahunna litaʻlamooo ʹannal laaha ʻalaa kulli shayʹiñ Q̣adeer: wa-ʹannal laaha q̣ad ʹaḥaaṭa bikulli shayʹin ʻilmaa.

ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم) ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.