Surah An-Najm
Surah An-Najm (The Star) is Surah 53 of the Holy Quran, a Meccan Surah with 62 verses, available here in Uyghur.
Verse 53:1
وَالنَّجْمِ اِذَا هَوٰی ۟ۙ
Wan-NAJMI ʹiẓaa hawaa,―
ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى،
Verse 53:2
مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمْ وَمَا غَوٰی ۟ۚ
Maa- ḍalla Ṣaaḥibukum wa-maa g̣awaa,
سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى.
Verse 53:3
وَمَا یَنْطِقُ عَنِ الْهَوٰی ۟ؕ
Wa-maa yañṭiq̣u ʻanil hawaa.
(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ.
Verse 53:4
اِنْ هُوَ اِلَّا وَحْیٌ یُّوْحٰی ۟ۙ
ʹIn huwa ʹillaa Waḥyuñy yooḥaa:
پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ.
Verse 53:5
عَلَّمَهٗ شَدِیْدُ الْقُوٰی ۟ۙ
ʻAllamahoo Shadeedul Q̣uwaa,―
ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى.
Verse 53:6
ذُوْ مِرَّةٍ ؕ فَاسْتَوٰی ۟ۙ
Ẓoo Mirratiñ fastawaa,
ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى[6ـ7].
Verse 53:7
وَهُوَ بِالْاُفُقِ الْاَعْلٰی ۟ؕ
Wa-huwa bil-ʹufuq̣il ʹaʻlaa:
ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى[6ـ7].
Verse 53:8
ثُمَّ دَنَا فَتَدَلّٰی ۟ۙ
S̤umma danaa fatadallaa,
ئاندىن ئۇ ئاستا ـ ئاستا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) يېقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى.
Verse 53:9
فَكَانَ قَابَ قَوْسَیْنِ اَوْ اَدْنٰی ۟ۚ
Fakaana Q̣aaba q̣awsayni ʹaw ʹadnaa.
ئۇ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى.
Verse 53:10
فَاَوْحٰۤی اِلٰی عَبْدِهٖ مَاۤ اَوْحٰی ۟ؕ
Faʹawḥaaa ʹilaa ʻAbdihee maaa ʹawḥaa.
ئاللاھ بەندىسىگە (جىبرىئىل ئارقىلىق تېگىشلىك) ۋەھىيلەرنى ۋەھىي قىلدى.
Verse 53:11
مَا كَذَبَ الْفُؤَادُ مَا رَاٰی ۟
Maa- kaẓabal fuʹaadu maa- raʹaa.
ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى (يەنى راست كۆردى).
Verse 53:12
اَفَتُمٰرُوْنَهٗ عَلٰی مَا یَرٰی ۟
ʹAfatumaaroonahoo ʹalaa maa- yaraa?
(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر؟
Verse 53:13
وَلَقَدْ رَاٰهُ نَزْلَةً اُخْرٰی ۟ۙ
Wa-laq̣ad raʹaahu nazlatan ʹukhraa,
ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى[13ـ14].
Verse 53:14
عِنْدَ سِدْرَةِ الْمُنْتَهٰی ۟
ʻIñda Sidratil muñtahaa:
ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى[13ـ14].
Verse 53:15
عِنْدَهَا جَنَّةُ الْمَاْوٰی ۟ؕ
ʻIñdahaa Jannatul Maʹwaa.
جەننەتۇلمەئۋا بولسا سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدىدۇر.
Verse 53:16
اِذْ یَغْشَی السِّدْرَةَ مَا یَغْشٰی ۟ۙ
ʹIẓ yag̣shas Sidrata maa- yag̣shaa!
(ئۇ) سىدرەتۇلمۇنتەھانى (ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى) قاپلىغان چاغدا (كۆردى).
Verse 53:17
مَا زَاغَ الْبَصَرُ وَمَا طَغٰی ۟
Maa- zaag̣al baṣaru wa-maa ṭag̣aa!
(پەيغەمبەر) نىڭ كۆزى (ئوڭ ـ سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەن نەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى.
Verse 53:18
لَقَدْ رَاٰی مِنْ اٰیٰتِ رَبِّهِ الْكُبْرٰی ۟
Laq̣ad raʹaa min ʹAayaati Rabbihil Kubraa!
شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى) كۆردى.
Verse 53:19
اَفَرَءَیْتُمُ اللّٰتَ وَالْعُزّٰی ۟ۙ
ʹAfaraʹaytumul Laata wal-ʻUzzaa,
ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (ئاللاھتائالادەك كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)[19ـ20].
Verse 53:20
وَمَنٰوةَ الثَّالِثَةَ الْاُخْرٰی ۟
Wa-Manaatas̤ s̤aalis̤atal ʹukhraa?
ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (ئاللاھتائالادەك كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)[19ـ20].
Verse 53:21
اَلَكُمُ الذَّكَرُ وَلَهُ الْاُ ۟
ʹA-lakumuẓ ẓakaru wa-lahul ʹuñs̤aa?
(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) (سىلەرچە ياخشى ھېسابلانغان) ئوغۇل بالا سىلەرگە خاس بولۇپ، (سىلەرچە يامان ھېسابلانغان) قىز بالا ئاللاھقا خاسمۇ؟
Verse 53:22
تِلْكَ اِذًا قِسْمَةٌ ضِیْزٰی ۟
Tilka ʹiẓañ q̣ismatuñ ḍeezaa!
ئۇنداقتا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر.
Verse 53:23
اِنْ هِیَ اِلَّاۤ اَسْمَآءٌ سَمَّیْتُمُوْهَاۤ اَنْتُمْ وَاٰبَآؤُكُمْ مَّاۤ اَنْزَلَ اللّٰهُ بِهَا مِنْ سُلْطٰنٍ ؕ اِنْ یَّتَّبِعُوْنَ اِلَّا الظَّنَّ وَمَا تَهْوَی الْاَنْفُسُ ۚ وَلَقَدْ جَآءَهُمْ مِّنْ رَّبِّهِمُ الْهُدٰی ۟ؕ
ʹIn hiya ʹillaaa ʹasmaaaʹuñ sammaytumoohaaa ʹañtum wa-ʹaabaaaʹukum maaa ʹañzalal laahu bihaa miñ sulṭaan. ʹIñy yattabiʻoona ʹillaz̤̣ z̤̣anna wa-maa tahwal ʹañfus!- Walaq̣ad jaaaʹahum mir Rabbihimul Hudaa!
بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت، ئاللاھ بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر دەلىل ـ پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن شەك ـ شۈبھىسىز ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە قۇرئان) كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ.
Verse 53:24
اَمْ لِلْاِنْسَانِ مَا تَمَنّٰی ۟ؗۖ
ʹAm lil-ʹiñsaani maa- tamannaa?
ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ؟
Verse 53:25
فَلِلّٰهِ الْاٰخِرَةُ وَالْاُوْلٰی ۟۠
Falillahil ʹAakhiratu wal-ʹoolaa.
ئاخىرەت ۋە دۇنيا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ خاھىشى بويىچە بولىدۇ).
Verse 53:26
وَكَمْ مِّنْ مَّلَكٍ فِی السَّمٰوٰتِ لَا تُغْنِیْ شَفَاعَتُهُمْ شَیْـًٔا اِلَّا مِنْ بَعْدِ اَنْ یَّاْذَنَ اللّٰهُ لِمَنْ یَّشَآءُ وَیَرْضٰی ۟
Wa-kam mim malakiñ fis samaawaati laa- tug̣nee shafaaʻatuhum shayʹan ʹillaa mim baʻdi ʹañy yaʹẓanal laahu limañy yashaaaʹu wa-yarḍaa.
ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ.
Verse 53:27
اِنَّ الَّذِیْنَ لَا یُؤْمِنُوْنَ بِالْاٰخِرَةِ لَیُسَمُّوْنَ الْمَلٰٓىِٕكَةَ تَسْمِیَةَ الْاُ ۟
ʹInnal laẓeena laa- yuʹminoona bil-ʹAakhirati layusammoonal malaaaʹikata tasmiyatal ʹuñs̤aa.
شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلار پەرىشتىلەرنى (ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ) چىشى جىنس نامى بىلەن ئاتايدۇ.
Verse 53:28
وَمَا لَهُمْ بِهٖ مِنْ عِلْمٍ ؕ اِنْ یَّتَّبِعُوْنَ اِلَّا الظَّنَّ ۚ وَاِنَّ الظَّنَّ لَا یُغْنِیْ مِنَ الْحَقِّ شَیْـًٔا ۟ۚ
Wa-maa lahum̃ bihee min ʻilm. ʹIñy yattabiʻoona ʹillaz̤̣ z̤̣ann: wa-ʹinnaz̤̣ z̤̣anna laa- yug̣nee minal Ḥaq̣q̣i shayʹaa.
ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ.
Verse 53:29
فَاَعْرِضْ عَنْ مَّنْ تَوَلّٰی ۙ۬ عَنْ ذِكْرِنَا وَلَمْ یُرِدْ اِلَّا الْحَیٰوةَ الدُّنْیَا ۟ؕ
Faʹaʻriḍ ʻam mañ tawallaa ʻañ ẓikrinaa wa-lam yurid ʹillal ḥayaatad dunyaa.
بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئان) دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن.
Verse 53:30
ذٰلِكَ مَبْلَغُهُمْ مِّنَ الْعِلْمِ ؕ اِنَّ رَبَّكَ هُوَ اَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِیْلِهٖ ۙ وَهُوَ اَعْلَمُ بِمَنِ اهْتَدٰی ۟
Ẓaalika mablag̣uhum minal ʻilm. ʹInna Rabbaka Huwa ʹaʻlamu bimañ ḍalla ʻañ sabeelihee wa-Huwa ʹaʻlamu bimanih tadaa.
ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
Verse 53:31
وَلِلّٰهِ مَا فِی السَّمٰوٰتِ وَمَا فِی الْاَرْضِ ۙ لِیَجْزِیَ الَّذِیْنَ اَسَآءُوْا بِمَا عَمِلُوْا وَیَجْزِیَ الَّذِیْنَ اَحْسَنُوْا بِالْحُسْنٰی ۟ۚ
Walillaahi maa- fis samaawaati wa-maa fil ʹarḍi liyajziyal laẓeena ʹasaaaʹoo bimaa ʻamiloo wa-yajziyal laẓeena ʹaḥsanoo bilḥusnaa.
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلارغا چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ.
Verse 53:32
اَلَّذِیْنَ یَجْتَنِبُوْنَ كَبٰٓىِٕرَ الْاِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ اِلَّا اللَّمَمَ ؕ اِنَّ رَبَّكَ وَاسِعُ الْمَغْفِرَةِ ؕ هُوَ اَعْلَمُ بِكُمْ اِذْ اَنْشَاَكُمْ مِّنَ الْاَرْضِ وَاِذْ اَنْتُمْ اَجِنَّةٌ فِیْ بُطُوْنِ اُمَّهٰتِكُمْ ۚ فَلَا تُزَكُّوْۤا اَنْفُسَكُمْ ؕ هُوَ اَعْلَمُ بِمَنِ اتَّقٰی ۟۠
ʹAllaẓeena yajtaniboona kabaaaʹiral ʹis̤mi walfawaaḥisha ʹillal lamam,― ʹinna Rabbaka Waasiʻul Mag̣firah. Huwa ʹaʻlamu bikum ʹiz ʹañshaʹakum minal ʹarḍi wa-ʹiz ʹañtum ʹajinnatuñ fee buṭooni ʹummahaatikum. Falaa tuzakkooo ʹañfusakum: Huwa ʹaʻlamu bimanit taq̣aa.
ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى (ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ، ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالا) ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ.
Verse 53:33
اَفَرَءَیْتَ الَّذِیْ تَوَلّٰی ۟ۙ
ʹAfaraʹaytal laẓee tawallaa,
(ئى مۇھەممەد!) ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىن خەۋەر بەرگىن.
Verse 53:34
وَاَعْطٰی قَلِیْلًا وَّاَكْدٰی ۟
Wa-ʹaʻṭaa q̣aleelañw waʹakdaa?
ئۇ (شەرت قىلىنغان مالدىن) ئازغىنا بەردى، قالغىنىنى بەرمىدى.
Verse 53:35
اَعِنْدَهٗ عِلْمُ الْغَیْبِ فَهُوَ یَرٰی ۟
ʹAʻiñdahoo ʻilmul g̣aybi fahuwa yaraa?
ئۇنىڭ دەرگاھىدا ئىلمىي غەيب بولۇپ، ئۇ غەيبنى بىلەمدۇ؟
Verse 53:36
اَمْ لَمْ یُنَبَّاْ بِمَا فِیْ صُحُفِ مُوْسٰی ۟ۙ
ʹAm lam yunabbaʹ bimaa fee Ṣuḥufi Moosaa.
ئۇ مۇسانىڭ ۋە ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى سۆزدىن خەۋەردار بولمىدىمۇ؟
Verse 53:37
وَاِبْرٰهِیْمَ الَّذِیْ وَ ۟ۙ
Wa-ʹIbraaheemal laẓee waffaa?―
ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى،
Verse 53:38
اَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِّزْرَ اُخْرٰی ۟ۙ
ʹAllaa taziru waaziratuñw wizra ʹukhraa;
بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ)[ 38].
Verse 53:39
وَاَنْ لَّیْسَ لِلْاِنْسَانِ اِلَّا مَا سَعٰی ۟ۙ
Wa-ʹal laysa lil-ʹiñsaani ʹillaa maa- saʻaa;
ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.
Verse 53:40
وَاَنَّ سَعْیَهٗ سَوْفَ یُرٰی ۪۟
Wa-ʹanna saʻyahoo sawfa yuraa;
ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ).
Verse 53:41
ثُمَّ یُجْزٰىهُ الْجَزَآءَ الْاَوْفٰی ۟ۙ
S̤umma yujzaahul jazaaa ʹal-ʹawfaa;
ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ.
Verse 53:42
وَاَنَّ اِلٰی رَبِّكَ الْمُنْتَهٰی ۟ۙ
Wa-ʹanna ʹilaa Rabbikal Muñtahaa;
ھەممىنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر.
Verse 53:43
وَاَنَّهٗ هُوَ اَضْحَكَ وَاَبْكٰی ۟ۙ
Wa-ʹannahoo Huwa ʹaḍḥaka wa-ʹabkaa;
ئاللاھ ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ.
Verse 53:44
وَاَنَّهٗ هُوَ اَمَاتَ وَاَحْیَا ۟ۙ
Wa-ʹannahoo Huwa ʹamaata wa-ʹaḥyaa;
ئاللاھ ئۆلتۈرۈشكە ۋە تىرىلدۈرۈشكە قادىر.
Verse 53:45
وَاَنَّهٗ خَلَقَ الزَّوْجَیْنِ الذَّكَرَ وَالْاُ ۟ۙ
Wa-ʹannahoo khalaq̣az zawjayniẓ ẓakara wal-ʹuñs̤aa,
ئاللاھ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى.
Verse 53:46
مِنْ نُّطْفَةٍ اِذَا تُمْنٰی ۪۟
Min nuṭfatin ʹiẓaa tumnaa;
ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن (ياراتتى).
Verse 53:47
وَاَنَّ عَلَیْهِ النَّشْاَةَ الْاُخْرٰی ۟ۙ
Wa-ʹanna ʻalayhin Nashʹatal ʹUkhraa;
(ھېساب ئۈچۈن ئىنسانلارنى) ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى.
Verse 53:48
وَاَنَّهٗ هُوَ اَغْنٰی وَاَقْنٰی ۟ۙ
Wa-ʹannahoo Huwa ʹag̣naa wa-ʹaq̣naa;
ئاللاھ ئىنساننى باي قىلالايدۇ ۋە (ئاز بىلەنمۇ) مەمنۇن قىلالايدۇ.
Verse 53:49
وَاَنَّهٗ هُوَ رَبُّ الشِّعْرٰی ۟ۙ
Wa-ʹannahu Huwa Rabbush Shiʻraa;
ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.
Verse 53:50
وَاَنَّهٗۤ اَهْلَكَ عَادَا لْاُوْلٰی ۟ۙ
Wa-ʹannahooo ʹahlaka ʻAadanil ʹOolaa,
ئۇ (يەنى ئاللاھ) قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى.
Verse 53:51
وَثَمُوْدَاۡ فَمَاۤ اَبْقٰی ۟ۙ
Wa-S̤amooda famaaa ʹabq̣aa,
سەمۇدنىمۇ (ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى.
Verse 53:52
وَقَوْمَ نُوْحٍ مِّنْ قَبْلُ ؕ اِنَّهُمْ كَانُوْا هُمْ اَظْلَمَ وَاَطْغٰی ۟ؕ
Wa-q̣awma Nooḥim miñ q̣ablu ʹinnahum kaanoo hum ʹaz̤̣lama wa-ʹaṭg̣aa;
ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلغان ئىدى)، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى.
Verse 53:53
وَالْمُؤْتَفِكَةَ اَهْوٰی ۟ۙ
Wal-muʹtafikata ʹahwaa,
. لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى[53 ـ 54].
Verse 53:54
فَغَشّٰىهَا مَا غَشّٰی ۟ۚ
Fag̣ashshaahaa maa- g̣ashshaa.
. لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى[53 ـ 54].
Verse 53:55
فَبِاَیِّ اٰلَآءِ رَبِّكَ تَتَمَارٰی ۟
Fabiʹayyi ʹaalaaaʹi Rabbika tatamaaraa?
ئىنسان!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟
Verse 53:56
هٰذَا نَذِیْرٌ مِّنَ النُّذُرِ الْاُوْلٰی ۟
Haaẓaa Naẓeerum minan nuẓuril ʹoolaa!
بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.
Verse 53:57
اَزِفَتِ الْاٰزِفَةُ ۟ۚ
ʹAzifatil ʹAazifah:
قىيامەت يېقىنلاشتى.
Verse 53:58
لَیْسَ لَهَا مِنْ دُوْنِ اللّٰهِ كَاشِفَةٌ ۟ؕ
Laysa lahaa miñ doonil laahi kaashifah.
ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا كەشىپ قىلغۇچى (يەنى ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈچى ياكى ئۇنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلغۇچى) يوقتۇر.
Verse 53:59
اَفَمِنْ هٰذَا الْحَدِیْثِ تَعْجَبُوْنَ ۟ۙ
ʹAfamin haaẓal ḥadees̤i taʻjaboon?
(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) مەسخىرە قىلىپ بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟.
Verse 53:60
وَتَضْحَكُوْنَ وَلَا تَبْكُوْنَ ۟ۙ
Wa-taḍḥakoona wa-laa tabkoon,―
(ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟.
Verse 53:61
وَاَنْتُمْ سٰمِدُوْنَ ۟
Wa-ʹañtum saamidoon?
سىلەر غاپىلدۇرسىلەر.
Verse 53:62
فَاسْجُدُوْا لِلّٰهِ وَاعْبُدُوْا ۟
Fasjudoo lillaahi waʻbudoo!
ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار.