Surah Ali Imran
Surah Ali Imran (Family of Imran) is Surah 3 of the Holy Quran, a Medinan Surah with 200 verses, available here in Uyghur.
Verse 3:1
الٓمَّٓ ۟ۙ
ʹA-lif-Laaam-Meeem.
ئەلىف، لام، مىم.
Verse 3:2
اللّٰهُ لَاۤ اِلٰهَ اِلَّا هُوَۙ الْحَیُّ الْقَیُّوْمُ ۟ؕ
ʹAllaahu laaa ʹilaaha ʹilla Huwal Ḥayyul Q̣ayyoom.
ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ (ھەمىشە) تىرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 3:3
نَزَّلَ عَلَیْكَ الْكِتٰبَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَیْنَ یَدَیْهِ وَاَنْزَلَ التَّوْرٰىةَ وَالْاِنْجِیْلَ ۟ۙ
Nazzala ʻalaykal Kitaaba bil-Ḥaq̣q̣i muṣaddiq̣al limaa bayna yadayhi wa-ʹañzalat Tawraata wal-ʹIñjeel.
(ئى مۇھەممەد!) (ئاللاھ) ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچى كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەق بىلەن نازىل قىلدى. ئىلگىرى، كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى.
Verse 3:4
مِنْ قَبْلُ هُدًی لِّلنَّاسِ وَاَنْزَلَ الْفُرْقَانَ ؕ۬ اِنَّ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا بِاٰیٰتِ اللّٰهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِیْدٌ ؕ وَاللّٰهُ عَزِیْزٌ ذُو انْتِقَامٍ
Miñ q̣ablu Hudal linnaasi wa-ʹañzalal Furq̣aan. ʹInnal laẓeena kafaroo biʹaayaatil laahi lahum ʻaẓaabuñ shadeed: wallaahu ʻAzeezuñ Ẓuñ tiq̣aam.
ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى كىتابنى (يەنى بارلىق ساماۋى كىتابلارنى) نازىل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، (يامانلارنى) جازالىغۇچىدۇر.
Verse 3:5
اِنَّ اللّٰهَ لَا یَخْفٰی عَلَیْهِ شَیْءٌ فِی الْاَرْضِ وَلَا فِی السَّمَآءِ ۟ؕ
ʹInnal laaha laa- yakhfaa ʻalayhi shayʹuñ fil ʹarḍi wa-laa fis samaaa;
شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس.
Verse 3:6
هُوَ الَّذِیْ یُصَوِّرُكُمْ فِی الْاَرْحَامِ كَیْفَ یَشَآءُ ؕ لَاۤ اِلٰهَ اِلَّا هُوَ الْعَزِیْزُ الْحَكِیْمُ ۟
Huwal laẓeee yuṣawwirukum fil ʹarḥaami kayfa yashaaaʹ. Laaa ʹilaaha ʹillaa Huwal ʻAzeezul Ḥakeem.
ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا) ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
Verse 3:7
هُوَ الَّذِیْۤ اَنْزَلَ عَلَیْكَ الْكِتٰبَ مِنْهُ اٰیٰتٌ مُّحْكَمٰتٌ هُنَّ اُمُّ الْكِتٰبِ وَاُخَرُ مُتَشٰبِهٰتٌ ؕ فَاَمَّا الَّذِیْنَ فِیْ قُلُوْبِهِمْ زَیْغٌ فَیَتَّبِعُوْنَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَآءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَآءَ تَاْوِیْلِهٖ ؔۚ وَمَا یَعْلَمُ تَاْوِیْلَهٗۤ اِلَّا اللّٰهُ ؔۘ وَالرّٰسِخُوْنَ فِی الْعِلْمِ یَقُوْلُوْنَ اٰمَنَّا بِهٖ ۙ كُلٌّ مِّنْ عِنْدِ رَبِّنَا ۚ وَمَا یَذَّكَّرُ اِلَّاۤ اُولُوا الْاَلْبَابِ ۟
Huwal laẓeeeʹ añzala ʻalaykal Kitaaba minhu ʹaayaatum Muḥ-kamaatun hunna ʹUmmul Kitaabi wa-ʹukharu Mutashaabihaat. Faʹammal laẓeena fee q̣uloobihim zayg̣uñ fayattabiʻoona maa- tashaabaha minhub tig̣aaa ʹalfitnati wabtig̣aaaʹa taʹweelih. Wa-maa yaʻlamu taʹweelahooo ʹillal lah. War-Raasi-khoona fil ʻilmi yaq̣ooloona ʹaamannaa bihee kullum min ʻiñdi Rabbinaa: wa-maa yaẓẓakkaru ʹillaaa ʹulul ʹalbaab.
(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ.
Verse 3:8
رَبَّنَا لَا تُزِغْ قُلُوْبَنَا بَعْدَ اِذْ هَدَیْتَنَا وَهَبْ لَنَا مِنْ لَّدُنْكَ رَحْمَةً ۚ اِنَّكَ اَنْتَ الْوَهَّابُ ۟
Rabbanaa laa- tuzig̣ q̣uloobabana baʻda ʹiẓ hadaytanaa wa-hab lanaa milla duñka raḥmah: ʹinnaka ʹAñtal Wahhaab.
پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن.
Verse 3:9
رَبَّنَاۤ اِنَّكَ جَامِعُ النَّاسِ لِیَوْمٍ لَّا رَیْبَ فِیْهِ ؕ اِنَّ اللّٰهَ لَا یُخْلِفُ الْمِیْعَادَ ۟۠
Rabbanaaa ʹinnaka jaamiʻun naasi li-Yawmil laa rayba feeh: ʹinnal Laaha laa- yukhliful meeʻaad.
پەرۋەردىگارىمىز! شۈبھىسىزكى، كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى ھېساب ئېلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە) كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ».
Verse 3:10
اِنَّ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا لَنْ تُغْنِیَ عَنْهُمْ اَمْوَالُهُمْ وَلَاۤ اَوْلَادُهُمْ مِّنَ اللّٰهِ شَیْـًٔا ؕ وَاُولٰٓىِٕكَ هُمْ وَقُوْدُ النَّارِ ۟ۙ
ʹInnal laẓeena kafaroo lañ tug̣niya ʻanhum ʹamwaaluhum wa-laaa ʹawlaaduhum minal laahi shayʹaa: wa-ʹulaaaʹika hum waq̣oodun Naar.
كاپىرلارنىڭ ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار) دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر.
Verse 3:11
كَدَاْبِ اٰلِ فِرْعَوْنَ ۙ وَالَّذِیْنَ مِنْ قَبْلِهِمْ ؕ كَذَّبُوْا بِاٰیٰتِنَا ۚ فَاَخَذَهُمُ اللّٰهُ بِذُنُوْبِهِمْ ؕ وَاللّٰهُ شَدِیْدُ الْعِقَابِ ۟
Kadaʹabi ʹaali Firʻawna wallaẓeena miñ q̣ablihim. Kaẓẓaboo biʹaayaatinaa, faʹakhaẓahumul lahu biẓunoobihim: wallaahu Shadeedul ʻiq̣aab.
(بۇ كۇففارلارنىڭ ھالى) پىرئەۋن تەۋەلىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.
Verse 3:12
قُلْ لِّلَّذِیْنَ كَفَرُوْا سَتُغْلَبُوْنَ وَتُحْشَرُوْنَ اِلٰی جَهَنَّمَ ؕ وَبِئْسَ الْمِهَادُ ۟
Q̣ul lillaẓeena kafaroo satug̣laboona wa-tuḥsharoona ʹilaa Jahannam: wa-biʹsal mihaad!
(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر (دۇنيادا) مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلىنىسىلەر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان تۆشەك».
Verse 3:13
قَدْ كَانَ لَكُمْ اٰیَةٌ فِیْ فِئَتَیْنِ الْتَقَتَا ؕ فِئَةٌ تُقَاتِلُ فِیْ سَبِیْلِ اللّٰهِ وَاُخْرٰی كَافِرَةٌ یَّرَوْنَهُمْ مِّثْلَیْهِمْ رَاْیَ الْعَیْنِ ؕ وَاللّٰهُ یُؤَیِّدُ بِنَصْرِهٖ مَنْ یَّشَآءُ ؕ اِنَّ فِیْ ذٰلِكَ لَعِبْرَةً لِّاُولِی الْاَبْصَارِ ۟
Q̣ad kaana lakum ʹAyatuñ fee fiʹataynil taq̣ataa: fiʹatuñ tuq̣aatilu fee Sabeelil laahi wa-ʹukhraa kaafiratuñy yarawnahum mis̤layhim raʹyal ʻayn. Wallaahu yuʹayyidu binaṣrihee mañy yashaaaʹ. ʹInna fee ẓaalika laʻibratal liʹulil ʹabṣaar.
(ئى يەھۇدىيلار جامائەسى! بەدرىدە جەڭ ئۈچۈن) ئۇچراشقان ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇھتۇر، يەنە بىرى مۇسۇلمانلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ سانىنى) ئۆزلىرىدەك ئىككى باراۋەر ئوپئوچۇق كۆرگەن كاپىرلار گۇرۇھىدۇر (يەنى ئاللاھ كاپىرلارغا قورقۇنچ سېلىش بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇشتىن قول يىغدۇرۇش ئۈچۈن، كاپىرلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى جىق كۆرسەتتى). ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىپ قوللايدۇ. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار.
Verse 3:14
زُیِّنَ لِلنَّاسِ حُبُّ الشَّهَوٰتِ مِنَ النِّسَآءِ وَالْبَنِیْنَ وَالْقَنَاطِیْرِ الْمُقَنْطَرَةِ مِنَ الذَّهَبِ وَالْفِضَّةِ وَالْخَیْلِ الْمُسَوَّمَةِ وَالْاَنْعَامِ وَالْحَرْثِ ؕ ذٰلِكَ مَتَاعُ الْحَیٰوةِ الدُّنْیَا ۚ وَاللّٰهُ عِنْدَهٗ حُسْنُ الْمَاٰبِ ۟
Zuyyina linnaasi ḥubbush shahawaati minan nisaaʹi wal-baneena wal-q̣anaa-ṭeeril muq̣añṭarati minaẓ ẓahabi wal-fiḍḍati wal-khaylil musawwamati wal-ʹanʻaami walḥars̤. Ẓaalika mataaʻul ḥayaatid dunyaa; wallaahu ʻiñdahoo ḥusnul maʹaab.
ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن ـ كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (باقاسى يوق) شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك).
Verse 3:15
قُلْ اَؤُنَبِّئُكُمْ بِخَیْرٍ مِّنْ ذٰلِكُمْ ؕ لِلَّذِیْنَ اتَّقَوْا عِنْدَ رَبِّهِمْ جَنّٰتٌ تَجْرِیْ مِنْ تَحْتِهَا الْاَنْهٰرُ خٰلِدِیْنَ فِیْهَا وَاَزْوَاجٌ مُّطَهَّرَةٌ وَّرِضْوَانٌ مِّنَ اللّٰهِ ؕ وَاللّٰهُ بَصِیْرٌ بِالْعِبَادِ ۟ۚ
Q̣ul ʹaʹunabbiʹukum̃ bikhayrim miñ ẓaalikum? Lil-laẓeenat taq̣aw ʻiñda Rabbihim Jannaatuñ tajree miñ tah-tihal ʹanhaaru khaalideena feehaa wa-ʹazwaajum muṭahharatuñw wariḍwaanum minal laah. Wallaahu Baṣeerum bilʻibaad,
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئۇلاردىنمۇ (يەنى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ۋە نېمەتلىرىدىنمۇ) ياخشى بولغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، (ئۇلار) جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، (جەننەتلەردە) پاك جۈپتىلەر بار، (تەقۋادارلار ئۈچۈن) يەنە ئاللاھنىڭ رىزاسى بار». ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 3:16
اَلَّذِیْنَ یَقُوْلُوْنَ رَبَّنَاۤ اِنَّنَاۤ اٰمَنَّا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوْبَنَا وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ ۟ۚ
ʹAllaẓeena yaq̣ooloona Rabbanaaa ʹinnanaaa ʹaamannaa fag̣hfir lanaa ẓunoobanaa waq̣inaa ʻaẓaaban Naar;
ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ.
Verse 3:17
اَلصّٰبِرِیْنَ وَالصّٰدِقِیْنَ وَالْقٰنِتِیْنَ وَالْمُنْفِقِیْنَ وَالْمُسْتَغْفِرِیْنَ بِالْاَسْحَارِ ۟
ʹAṣ-Ṣaabireena waṣ-Ṣaadiq̣eena wal-Q̣aaniteena wal-Muñfiq̣eena wal-Mustag̣fireena bil-ʹas-ḥaar.
ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار) سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر.
Verse 3:18
شَهِدَ اللّٰهُ اَنَّهٗ لَاۤ اِلٰهَ اِلَّا هُوَ ۙ وَالْمَلٰٓىِٕكَةُ وَاُولُوا الْعِلْمِ قَآىِٕمًا بِالْقِسْطِ ؕ لَاۤ اِلٰهَ اِلَّا هُوَ الْعَزِیْزُ الْحَكِیْمُ ۟ؕ
Shahidal laahu ʹanna-Hoo laaa ʹilaaha ʹillaa Huwa wal-malaaaʹikatu wa-ʹulul ʻilmi q̣aaaʹimam bilq̣isṭ. Laaa ʹilaaha ʹillaa Huwal ʻAzeezul Ḥakeem.
ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
Verse 3:19
اِنَّ الدِّیْنَ عِنْدَ اللّٰهِ الْاِسْلَامُ ۫ وَمَا اخْتَلَفَ الَّذِیْنَ اُوْتُوا الْكِتٰبَ اِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَآءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْیًا بَیْنَهُمْ ؕ وَمَنْ یَّكْفُرْ بِاٰیٰتِ اللّٰهِ فَاِنَّ اللّٰهَ سَرِیْعُ الْحِسَابِ ۟
ʹInnad Deena ʻiñdal laahil ʹIslaam. Wa-makh talafal laẓeena ʹootul Kitaaba ʹillaa mim baʻdi maa- jaaaʹahumul ʻilmu bag̣hyam baynahum. Wa-mañy yakfur biʹAayaatil lahi faʹinnal laaha Sareeʻul ḥisaab.
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى). كىمكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (ئاللاھ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
Verse 3:20
فَاِنْ حَآجُّوْكَ فَقُلْ اَسْلَمْتُ وَجْهِیَ لِلّٰهِ وَمَنِ اتَّبَعَنِ ؕ وَقُلْ لِّلَّذِیْنَ اُوْتُوا الْكِتٰبَ وَالْاُمِّیّٖنَ ءَاَسْلَمْتُمْ ؕ فَاِنْ اَسْلَمُوْا فَقَدِ اهْتَدَوْا ۚ وَاِنْ تَوَلَّوْا فَاِنَّمَا عَلَیْكَ الْبَلٰغُ ؕ وَاللّٰهُ بَصِیْرٌ بِالْعِبَادِ ۟۠
Faʹin ḥaajjooka faq̣ul ʹaslamtu wajhiya lillaahi wa-manit tabaʻan. Wa-q̣ul lillaẓeena ʹootul Kitaaba wal-ʹummiyyeena ʹaʹaslamtum? Faʹin ʹaslamoo faq̣adih tadaw. Wa-ʹiñ tawallaw faʹinnamaa ʻalaykal balaag̣: wallaahu Baṣeerum bil-ʻibaad.
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن (دىن بارىسىدا) مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىگە بويسۇنغۇچىمىز)» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە ئۇممىيلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا) : «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭ بار، ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ھەممە ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 3:21
اِنَّ الَّذِیْنَ یَكْفُرُوْنَ بِاٰیٰتِ اللّٰهِ وَیَقْتُلُوْنَ النَّبِیّٖنَ بِغَیْرِ حَقٍّ ۙ وَّیَقْتُلُوْنَ الَّذِیْنَ یَاْمُرُوْنَ بِالْقِسْطِ مِنَ النَّاسِ ۙ فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ اَلِیْمٍ ۟
ʹInnal laẓeena yakfuroona biʹAayaaatil laahi wa-yaq̣tuloonan nabiyyeena big̣ayri ḥaq̣q̣iñw wayaq̣tuloonal laẓeena yaʹmuroona bilq̣isṭi minan naasi fabashshirhum̃ biʻaẓaabin ʹaleem.
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلار، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغانلار، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلار (يەنى ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىلار) نى ئۆلتۈرىدىغانلارغا چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
Verse 3:22
اُولٰٓىِٕكَ الَّذِیْنَ حَبِطَتْ اَعْمَالُهُمْ فِی الدُّنْیَا وَالْاٰخِرَةِ ؗ وَمَا لَهُمْ مِّنْ نّٰصِرِیْنَ ۟
ʹUlaaaʹikal laẓeena ḥabiṭat ʹaʻmaaluhum fid dunyaa wal-ʹaakhirati wa-maa lahum min naṣireen.
ئەنە شۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلغۇچى يوقتۇر.
Verse 3:23
اَلَمْ تَرَ اِلَی الَّذِیْنَ اُوْتُوْا نَصِیْبًا مِّنَ الْكِتٰبِ یُدْعَوْنَ اِلٰی كِتٰبِ اللّٰهِ لِیَحْكُمَ بَیْنَهُمْ ثُمَّ یَتَوَلّٰی فَرِیْقٌ مِّنْهُمْ وَهُمْ مُّعْرِضُوْنَ ۟
ʹAlam tara ʹilal laẓeena ʹootoo naṣeeban minal Kitaabi yudʻawna ʹilaa Kitaabil laahi liyaḥkuma bay-nahum s̤umma yatawallaa fareeq̣um minhum wahum muʻriḍoon.
كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا (دەتالاش قىلىشقان ئىشلار توغرىسىدا) ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار ھەقتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر (يەنى ھەقتىن يۈز ئۆرۈش ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن).
Verse 3:24
ذٰلِكَ بِاَنَّهُمْ قَالُوْا لَنْ تَمَسَّنَا النَّارُ اِلَّاۤ اَیَّامًا مَّعْدُوْدٰتٍ ۪ وَغَرَّهُمْ فِیْ دِیْنِهِمْ مَّا كَانُوْا یَفْتَرُوْنَ ۟
Ẓaalika biʹannahum q̣aaloo lañ tamassanan Naaru ʹillaaa ʹayyaaman maʻdoodaat: wa-g̣arrahum fee deenihim maa kaanoo yaftaroon.
بۇ ئۇلارنىڭ «دوزاخ ئوتى بىزنى ساناقلىق كۈنلەرلا (يەنى موزايغا چوقۇنغان 40 كۈنلۈك ۋاقىتلا) كۆيدۈرىدۇ» دېگەنلىكلىرى ۋە دىنىي جەھەتتە ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
Verse 3:25
فَكَیْفَ اِذَا جَمَعْنٰهُمْ لِیَوْمٍ لَّا رَیْبَ فِیْهِ ۫ وَوُفِّیَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَّا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا یُظْلَمُوْنَ ۟
Fakayfa ʹiẓaa jamaʻnaahum liyawmil laa rayba feeh, wa-wuffiyat kullu nafsim maa kasabat wahum laa- yuz̤̣lamoon?
كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنى توپلايمىز، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا (ئازابنى زىيادە قىلىۋېتىش ياكى ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن) زۇلۇم قىلىنمايدىغان شۇ چاغدا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟.
Verse 3:26
قُلِ اللّٰهُمَّ مٰلِكَ الْمُلْكِ تُؤْتِی الْمُلْكَ مَنْ تَشَآءُ وَتَنْزِعُ الْمُلْكَ مِمَّنْ تَشَآءُ ؗ وَتُعِزُّ مَنْ تَشَآءُ وَتُذِلُّ مَنْ تَشَآءُ ؕ بِیَدِكَ الْخَیْرُ ؕ اِنَّكَ عَلٰی كُلِّ شَیْءٍ قَدِیْرٌ ۟
Q̣ulil laahumma Maalikal Mulki tuʹtil Mulka mañ tashaaʹu wa-tañẓiʻul Mulka mimmañ tashaaaʹ. Wa-tuʻizzu mañ tashaaaʹu wa-tuẓillu mañ tashaaaʹ: biyadikal Khayr. ʹInnaka ʻalaa kulli shayʹiñ Q̣adeer.
ئېيتقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق (نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن.
Verse 3:27
تُوْلِجُ الَّیْلَ فِی النَّهَارِ وَتُوْلِجُ النَّهَارَ فِی الَّیْلِ ؗ وَتُخْرِجُ الْحَیَّ مِنَ الْمَیِّتِ وَتُخْرِجُ الْمَیِّتَ مِنَ الْحَیِّ ؗ وَتَرْزُقُ مَنْ تَشَآءُ بِغَیْرِ حِسَابٍ ۟
Toolijul layla fin nahaari wa-toolijun nahaara fil layl: wa-tukhrijul ḥayya minal mayyiti wa-tukhrijul mayyita minal ḥayyi wa-tarzuq̣u mañ tashaaʹu big̣ayri ḥisaab.
كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن، (شۇنىڭ بىلەن كېچە-كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)؛ جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن؛ ئۆزەڭ خالىغان كىشىگە ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن».
Verse 3:28
لَا یَتَّخِذِ الْمُؤْمِنُوْنَ الْكٰفِرِیْنَ اَوْلِیَآءَ مِنْ دُوْنِ الْمُؤْمِنِیْنَ ۚ وَمَنْ یَّفْعَلْ ذٰلِكَ فَلَیْسَ مِنَ اللّٰهِ فِیْ شَیْءٍ اِلَّاۤ اَنْ تَتَّقُوْا مِنْهُمْ تُقٰىةً ؕ وَیُحَذِّرُكُمُ اللّٰهُ نَفْسَهٗ ؕ وَاِلَی اللّٰهِ الْمَصِیْرُ ۟
Laa- yattakhiẓil Muʹminoonal kaafireena ʹawliyaaaʹa miñ doonil Muʹmineen. Wa-mañy yafʻal ẓaalika falaysa minal laahi fee shayʹin ʹillaaa ʹañ tat-taq̣oo minhum tuq̣aah. Wa-yuḥaẓẓi-rukumul laahu Nafsah; wa-ʹilal laahil maṣeer.
مۆمىنلەر مۆمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى ۋەلى قىلىۋالمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھتىن ياخشىلىق كۈتمىسۇن. ئۇلاردىن قورقۇپ دوستلۇق ئىزھار قىلىشىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.
Verse 3:29
قُلْ اِنْ تُخْفُوْا مَا فِیْ صُدُوْرِكُمْ اَوْ تُبْدُوْهُ یَعْلَمْهُ اللّٰهُ ؕ وَیَعْلَمُ مَا فِی السَّمٰوٰتِ وَمَا فِی الْاَرْضِ ؕ وَاللّٰهُ عَلٰی كُلِّ شَیْءٍ قَدِیْرٌ ۟
Q̣ul ʹiñ tukhfoo maa- fee ṣudoorikum ʹaw tubdoohu yaʻlamhul laah. Wayaʻlamu maa- fis samaawaati wa-maa fil ʹarḍ. Wallaahu ʻalaa kulli shayʹiñ Q̣adeer.
ئېيتقىنكى، «دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».
Verse 3:30
یَوْمَ تَجِدُ كُلُّ نَفْسٍ مَّا عَمِلَتْ مِنْ خَیْرٍ مُّحْضَرًا ۛۖۚ وَّمَا عَمِلَتْ مِنْ سُوْٓءٍ ۛۚ تَوَدُّ لَوْ اَنَّ بَیْنَهَا وَبَیْنَهٗۤ اَمَدًاۢ بَعِیْدًا ؕ وَیُحَذِّرُكُمُ اللّٰهُ نَفْسَهٗ ؕ وَاللّٰهُ رَءُوْفٌۢ بِالْعِبَادِ ۟۠
Yawma tajidu kullu nafsim maa ʻamilat min khayrim muḥ-ḍarañw wamaa ʻamilat miñ soooʹ. Tawaddu law ʹanna baynahaa wa-baynahooo ʹamadam baʻeedaa. Wa-yuhaẓẓi-rukumul lahu Nafsah. Wallaahu Raʹoofum bilʻibaad.
ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، (ئۇلار يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا (مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر.
Verse 3:31
قُلْ اِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّوْنَ اللّٰهَ فَاتَّبِعُوْنِیْ یُحْبِبْكُمُ اللّٰهُ وَیَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوْبَكُمْ ؕ وَاللّٰهُ غَفُوْرٌ رَّحِیْمٌ ۟
Q̣ul ʹiñ kuñtum tuḥibboonal laaha fattabiʻoonee yuḥbibkumul laahu wa-yag̣fir lakum ẓunoobakum: wallaahu G̣afoorur Raḥeem.
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر».
Verse 3:32
قُلْ اَطِیْعُوا اللّٰهَ وَالرَّسُوْلَ ۚ فَاِنْ تَوَلَّوْا فَاِنَّ اللّٰهَ لَا یُحِبُّ الْكٰفِرِیْنَ ۟
Q̣ul ʹaṭeeʻul laaha war-Rasool: faʹiñ tawallaw faʹinnal laaha laa- yuḥibbul Kaafireen.
ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ.
Verse 3:33
اِنَّ اللّٰهَ اصْطَفٰۤی اٰدَمَ وَنُوْحًا وَّاٰلَ اِبْرٰهِیْمَ وَاٰلَ عِمْرٰنَ عَلَی الْعٰلَمِیْنَ ۟ۙ
ʹInnal laahaṣ ṭafaaa ʹAadama wa-Nooḥañw waʹAala ʹIbraaheema wa-ʹAala ʻImraana ʻalal ʻaalameen,
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللاپ، (ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدى.
Verse 3:34
ذُرِّیَّةً بَعْضُهَا مِنْ بَعْضٍ ؕ وَاللّٰهُ سَمِیْعٌ عَلِیْمٌ ۟ۚ
Ẓurreeyyatam baʻḍuhaa mim baʻḍ: wallaahu Sameeʻun ʻAleem.
ئۇ ئەۋلادلار بىر ـ بىرى بىلەن قانداشتۇر، ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلەرنىڭ نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 3:35
اِذْ قَالَتِ امْرَاَتُ عِمْرٰنَ رَبِّ اِنِّیْ نَذَرْتُ لَكَ مَا فِیْ بَطْنِیْ مُحَرَّرًا فَتَقَبَّلْ مِنِّیْ ۚ اِنَّكَ اَنْتَ السَّمِیْعُ الْعَلِیْمُ ۟
ʹIẓ q̣aalat imraʹatu ʻImraana Rabbi ʹinnee naẓartu laka maa- fee baṭnee muḥarrarañ fataq̣abbal minnee: ʹinnaka ʹAñtas Sameeʻul ʻAleem.
ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن) ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم، (بۇ نەزرەمنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن».
Verse 3:36
فَلَمَّا وَضَعَتْهَا قَالَتْ رَبِّ اِنِّیْ وَضَعْتُهَاۤ اُ ؕ وَاللّٰهُ اَعْلَمُ بِمَا وَضَعَتْ ؕ وَلَیْسَ الذَّكَرُ كَالْاُ ۚ وَاِنِّیْ سَمَّیْتُهَا مَرْیَمَ وَاِنِّیْۤ اُعِیْذُهَا بِكَ وَذُرِّیَّتَهَا مِنَ الشَّیْطٰنِ الرَّجِیْمِ ۟
Falammaa waḍaʻathaa q̣aalat Rabbi ʹinnee waḍaʻtuhaaa ʹuñs̤aa! Wallaahu ʹAʻlamu bimaa waḍaʻat wa-laysaẓ ẓakaru kalʹuñs̤aa. Waʹinnee sammaytuhaa Maryama waʹinneee ʹuʻeeẓuhaa bika waẓurriyatahaa minash Shayṭaanir Rajeem.
ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: «ئى پەرۋەردىگارىم! قىز تۇغدۇم» دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. (ئۇ تەلەپ قىلغان) ئوغۇل، (ئاتا قىلىنغان) قىزغا ئوخشاش ئەمەس، (بەلكى بۇ قىز ئارتۇقتۇر). (ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى) «مەن ئۇنى مەريەم دەپ ئاتىدىم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سىغىنىپ، قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن».
Verse 3:37
فَتَقَبَّلَهَا رَبُّهَا بِقَبُوْلٍ حَسَنٍ وَّاَنْۢبَتَهَا نَبَاتًا حَسَنًا ۙ وَّكَفَّلَهَا زَكَرِیَّا ؕۚ كُلَّمَا دَخَلَ عَلَیْهَا زَكَرِیَّا الْمِحْرَابَ ۙ وَجَدَ عِنْدَهَا رِزْقًا ۚ قَالَ یٰمَرْیَمُ اَنّٰی لَكِ هٰذَا ؕ قَالَتْ هُوَ مِنْ عِنْدِ اللّٰهِ ؕ اِنَّ اللّٰهَ یَرْزُقُ مَنْ یَّشَآءُ بِغَیْرِ حِسَابٍ ۟
Fataq̣abbalahaa Rabbuhaa biq̣aboolin ḥasaniñw waʹambatahaa nabaatan ḥasanañw wakaffalahaa Zakariyyaa. Kullamaa dakhala ʻalayhaa Zakariyyal Miḥraaba wajada ʻiñdahaa rizq̣aa. Q̣aala yaa-Maryamuʹ annaa laki haaẓaa? Q̣aalat huwa min ʻiñdil laah: ʹinnal laha yarzuq̣u mañy yashaaaʹu big̣ayri ḥisaab.
ئۇنى پەرۋەردىگارى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنىڭغا زەكەرىيانى كېپىل قىلدى (يەنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا زەكەرىيانى قويدى). زەكەرىيا ھەر قېتىم (ئۇنىڭ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «ئۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى» دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا ـ مۇشەققەتسىزلا) ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.
Verse 3:38
هُنَالِكَ دَعَا زَكَرِیَّا رَبَّهٗ ۚ قَالَ رَبِّ هَبْ لِیْ مِنْ لَّدُنْكَ ذُرِّیَّةً طَیِّبَةً ۚ اِنَّكَ سَمِیْعُ الدُّعَآءِ ۟
Hunaalika daʻaa Zakariyyaa Rabbah: q̣aala Rabbi hab lee mil laduñka ẓurriyyatañ ṭayyibah: ʹinnaka Sameeʻud duʻaaaʹ.
شۇ ۋاقىتتا (ئاللاھنىڭ مەريەمگە قىلغان ئىنئامىنى كۆرگەن چاغدا) زەكەرىيا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن دۇئانى ئىشىتكۈچىسەن» دېدى.
Verse 3:39
فَنَادَتْهُ الْمَلٰٓىِٕكَةُ وَهُوَ قَآىِٕمٌ یُّصَلِّیْ فِی الْمِحْرَابِ ۙ اَنَّ اللّٰهَ یُبَشِّرُكَ بِیَحْیٰی مُصَدِّقًا بِكَلِمَةٍ مِّنَ اللّٰهِ وَسَیِّدًا وَّحَصُوْرًا وَّنَبِیًّا مِّنَ الصّٰلِحِیْنَ ۟
Fannaadathul malaaʹikatu wa-huwa q̣aaʹimuñy yuṣallee fil Miḥraabi ʹannal laaha yubashshiruka bi-Yaḥyaa muṣaddiq̣am bi-Kalimatim minal laahi wa-sayyidañw waḥaṣurañw wa-Nabiyyam minaṣ ṣaaliḥeen.
ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: «ساڭا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى (يەنى ئىيسا) نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بولغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى.
Verse 3:40
قَالَ رَبِّ اَنّٰی یَكُوْنُ لِیْ غُلٰمٌ وَّقَدْ بَلَغَنِیَ الْكِبَرُ وَامْرَاَتِیْ عَاقِرٌ ؕ قَالَ كَذٰلِكَ اللّٰهُ یَفْعَلُ مَا یَشَآءُ ۟
Q̣aala Rabbi ʹannaa yakoonu lee g̣ulaamuñw waq̣ad balag̣aniyal kibaru wam-raʹatee ʻaaq̣ir? Q̣aala kaẓaalikal laahu yafʻalu maa- yashaaʹ.
ئۇ: «پەرۋەردىگارىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغۇتتىن قالغان تۇرسا قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. پەرىشتىلەر: «ئاللاھ شۇنىڭدەك خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى قۇدرىتى ئىلاھىييە ھېچ نەرسىدىن ئاجىز ئەمەس)» دېدى.
Verse 3:41
قَالَ رَبِّ اجْعَلْ لِّیْۤ اٰیَةً ؕ قَالَ اٰیَتُكَ اَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلٰثَةَ اَیَّامٍ اِلَّا رَمْزًا ؕ وَاذْكُرْ رَّبَّكَ كَثِیْرًا وَّسَبِّحْ بِالْعَشِیِّ وَالْاِبْكَارِ ۟۠
Q̣aala Rabbij ʻal Leee ʹAayah! Q̣aala ʹAayatuka ʹallaa tukalliman naasa s̤alaas̤ata ʹayyaamin ʹillaa ramzaa. Waẓkur Rabbaka kas̤eerañw wasabbiḥ bilʻashiyyi wal-ʹib-kaar.
ئۇ: ‹‹پەرۋەردىگارىم! ماڭا (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر نىشانە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: ‹‹ساڭا بولىدىغان نىشانە شۇكى، ئۈچ كۈنگۈچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن (يەنى زىكرى - تەسبىھ ئېيتىشتىن باشقا سۆزگە تىلىڭ كەلمەيدۇ). پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن، (نېمىتىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت» دېدى.
Verse 3:42
وَاِذْ قَالَتِ الْمَلٰٓىِٕكَةُ یٰمَرْیَمُ اِنَّ اللّٰهَ اصْطَفٰىكِ وَطَهَّرَكِ وَاصْطَفٰىكِ عَلٰی نِسَآءِ الْعٰلَمِیْنَ ۟
Wa-ʹiẓ q̣aa-latil malaaaʹikatu yaa-Maryamu ʹinnal laahaṣ ṭafaaki waṭahharaki waṣṭafaaki ʻalaa nisaaʹil ʻaalameen.
پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى (پۈتۈن ئاياللار ئىچىدىن) تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى.
Verse 3:43
یٰمَرْیَمُ اقْنُتِیْ لِرَبِّكِ وَاسْجُدِیْ وَارْكَعِیْ مَعَ الرّٰكِعِیْنَ ۟
Yaa-Maryamu uq̣nutee li-Rabbiki wasjudee warkaʻee maʻar raakiʻeen.
ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل».
Verse 3:44
ذٰلِكَ مِنْ اَنْۢبَآءِ الْغَیْبِ نُوْحِیْهِ اِلَیْكَ ؕ وَمَا كُنْتَ لَدَیْهِمْ اِذْ یُلْقُوْنَ اَقْلَامَهُمْ اَیُّهُمْ یَكْفُلُ مَرْیَمَ ۪ وَمَا كُنْتَ لَدَیْهِمْ اِذْ یَخْتَصِمُوْنَ ۟
Ẓaalika min ʹambaaaʹil g̣aybi noo-ḥeehi ʹilayk. Wa-maa kuñta ladayhim ʹiẓ yulq̣oona ʹaq̣laamahum ʹayyuhum yak-fulu Maryam: wa-maa kuñta ladayhim ʹiẓ yakhtaṣimoon.
(ئى مۇھەممەد!) بۇ ـ ساڭا ۋەھىي قىلىۋاتقىنىمىز ـ غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. مەريەمنى ئۇلارنىڭ قايسىسى تەربىيەسىگە ئېلىش مەسىلىسىدە (چەك تاشلاش يۈزىسىدىن) قەلەملىرىنى (سۇغا) تاشلىغان چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، (مەريەمنىڭ كىمنىڭ تەربىيەسىدە بولۇشىنى) ئۆزئارا جاڭجال قىلىشقانلىرىدا سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ.
Verse 3:45
اِذْ قَالَتِ الْمَلٰٓىِٕكَةُ یٰمَرْیَمُ اِنَّ اللّٰهَ یُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٍ مِّنْهُ ۖۗ اسْمُهُ الْمَسِیْحُ عِیْسَی ابْنُ مَرْیَمَ وَجِیْهًا فِی الدُّنْیَا وَالْاٰخِرَةِ وَمِنَ الْمُقَرَّبِیْنَ ۟ۙ
ʹIẓ q̣aa-latil malaaaʹikatu yaa-Maryamu ʹinnal laaha yubashshiruki bi-Kalimatim minhus muhul Maseeḥu ʻEesab nu Maryama wajeehañ fid dunyaa wal-ʹAakhirati wa-minal Muq̣arrabeen.
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز) ئاللاھنىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى، مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ.
Verse 3:46
وَیُكَلِّمُ النَّاسَ فِی الْمَهْدِ وَكَهْلًا وَّمِنَ الصّٰلِحِیْنَ ۟
Wa-yukallimun naasa fil mahdi wa-kahlañw waminaṣ ṣaaliheen.
ئۇ بۆشۈكتىمۇ (يەنى بوۋاقلىق چېغىدىمۇ)، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى) سۆزلەيدۇ ۋە (تەقۋادارلىقتا كامىل) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ».
Verse 3:47
قَالَتْ رَبِّ اَنّٰی یَكُوْنُ لِیْ وَلَدٌ وَّلَمْ یَمْسَسْنِیْ بَشَرٌ ؕ قَالَ كَذٰلِكِ اللّٰهُ یَخْلُقُ مَا یَشَآءُ ؕ اِذَا قَضٰۤی اَمْرًا فَاِنَّمَا یَقُوْلُ لَهٗ كُنْ فَیَكُوْنُ ۟
Q̣aalat Rabbi ʹannaa yakoonu lee waladuñw wa-lam yamsasnee bashar. Q̣aala kaẓaalikil laahu yakhlaq̣u maa- yashaaaʹ: ʹiẓaa q̣aẓaaa ʹamrañ faʹinnamaa yaq̣oolu lahoo ʻKUÑʹ fayakoon!
مەريەم: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ (يەنى ئاتا ـ ئانا ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ‹ۋۇجۇدقا كەل› دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى.
Verse 3:48
وَیُعَلِّمُهُ الْكِتٰبَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرٰىةَ وَالْاِنْجِیْلَ ۟ۚ
Wa-yuʻallimuhul Kitaaba wal-Ḥikmata wat-Tawraata wal-ʹIñjeel,
ئاللاھ ئۇنىڭغا خەتنى، ھېكمەتنى (يەنى سۆز - ھەرىكەتتە توغرا بولۇشنى)، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ.
Verse 3:49
وَرَسُوْلًا اِلٰی بَنِیْۤ اِسْرَآءِیْلَ ۙ۬ اَنِّیْ قَدْ جِئْتُكُمْ بِاٰیَةٍ مِّنْ رَّبِّكُمْ ۙۚ اَنِّیْۤ اَخْلُقُ لَكُمْ مِّنَ الطِّیْنِ كَهَیْـَٔةِ الطَّیْرِ فَاَنْفُخُ فِیْهِ فَیَكُوْنُ طَیْرًا بِاِذْنِ اللّٰهِ ۚ وَاُبْرِئُ الْاَكْمَهَ وَالْاَبْرَصَ وَاُحْیِ الْمَوْتٰی بِاِذْنِ اللّٰهِ ۚ وَاُنَبِّئُكُمْ بِمَا تَاْكُلُوْنَ وَمَا تَدَّخِرُوْنَ ۙ فِیْ بُیُوْتِكُمْ ؕ اِنَّ فِیْ ذٰلِكَ لَاٰیَةً لَّكُمْ اِنْ كُنْتُمْ مُّؤْمِنِیْنَ ۟ۚ
Wa-Rasoolanʹ ilaa Baneee ʹIsraaaʹeel: ʹannee q̣ad jiʹtukum̃ biʹaayatim mir Rabbikum ʹanneee ʹakhulq̣u lakum minaṭ ṭeeni kahayʹatiṭ ṭayri faʹanñfukhu feehi fayakoonu ṭayram biʹiẓnil laaḥ. Waʹubriʹul ʹakmaha wal-ʹabraṣa waʹuḥyil mawtaa biʹiẓnil laah. Waʹunabbiʹukum̃ bimaa taʹkuloona wamaa taddakhi fee bayootikum. ʹInna fee ẓaalika laʹaayatal lakum ʹiñ kuñtum Muʹmineen;
ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ:) «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان (پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن ـ دە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن (يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن). شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى مەن كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە) سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ راستلىقىمنى كۆرسىتىدىغان روشەن) ئالامەت بار.
Verse 3:50
وَمُصَدِّقًا لِّمَا بَیْنَ یَدَیَّ مِنَ التَّوْرٰىةِ وَلِاُحِلَّ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِیْ حُرِّمَ عَلَیْكُمْ وَجِئْتُكُمْ بِاٰیَةٍ مِّنْ رَّبِّكُمْ ۫ فَاتَّقُوا اللّٰهَ وَاَطِیْعُوْنِ ۟
Wa-Muṣaddiq̣al limaa bayna yadayya minat Tawraati wa-liʹuḥilla lakum̃ baʻḍal laẓee ḥurrima ʻalaykum wa-jiʹtukum̃ biʹAayatim mir Rabbikum, fattaq̣ul laaha waʹaṭeeʻoon.
مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم). سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار.
Verse 3:51
اِنَّ اللّٰهَ رَبِّیْ وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوْهُ ؕ هٰذَا صِرَاطٌ مُّسْتَقِیْمٌ ۟
ʹInnal laaha Rabbee wa-Rabbukum faʻbudooh. Haaẓaa Ṣiraṭum mustaq̣eem.
ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر».
Verse 3:52
فَلَمَّاۤ اَحَسَّ عِیْسٰی مِنْهُمُ الْكُفْرَ قَالَ مَنْ اَنْصَارِیْۤ اِلَی اللّٰهِ ؕ قَالَ الْحَوَارِیُّوْنَ نَحْنُ اَنْصَارُ اللّٰهِ ۚ اٰمَنَّا بِاللّٰهِ ۚ وَاشْهَدْ بِاَنَّا مُسْلِمُوْنَ ۟
Fa-lammaaa ʹaḥassa ʻEesaa min-humul Kufra q̣aala man ʹAñṣaareee ʹilal laah? Q̣aalal Ḥawaariyyoona naḥnu ʹAñṣaarul laah: ʹaamannaa billaahi washhad biʹannaa Muslimoon.
ئىيسا ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى. ھەۋارىيلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز بويسۇنغۇچىلارمىز.
Verse 3:53
رَبَّنَاۤ اٰمَنَّا بِمَاۤ اَنْزَلْتَ وَاتَّبَعْنَا الرَّسُوْلَ فَاكْتُبْنَا مَعَ الشّٰهِدِیْنَ ۟
Rabbanaaa ʹaamannaa bimaaa ʹañzalta wattabaʻnar Rasoola faktubnaa maʻash Shaahideen.
پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن».
Verse 3:54
وَمَكَرُوْا وَمَكَرَ اللّٰهُ ؕ وَاللّٰهُ خَیْرُ الْمٰكِرِیْنَ ۟۠
Wa-makroo wa-makral laah: wallaahu Khayrul maakireen.
ئۇلار مىكىر ئىشلەتتى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى قۇتقۇزۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر.
Verse 3:55
اِذْ قَالَ اللّٰهُ یٰعِیْسٰۤی اِنِّیْ مُتَوَفِّیْكَ وَرَافِعُكَ اِلَیَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا وَجَاعِلُ الَّذِیْنَ اتَّبَعُوْكَ فَوْقَ الَّذِیْنَ كَفَرُوْۤا اِلٰی یَوْمِ الْقِیٰمَةِ ۚ ثُمَّ اِلَیَّ مَرْجِعُكُمْ فَاَحْكُمُ بَیْنَكُمْ فِیْمَا كُنْتُمْ فِیْهِ تَخْتَلِفُوْنَ ۟
ʹIẓ q̣aalal laahu yaa-ʻEesaaa ʹinnee mutawaffika wa-raafiʻuka ʹilayya wa-muṭah-hiruka minal laẓeena kafaroo wa-jaaʻilul laẓeenat taabaʻooka fawq̣al laẓeena kafarooo ʹila Yawmil Q̣iyaamah. S̤umma ʹilayya marjiʻukum faʹaḥkumu baynakum feemaa kuñtum feehi takhtalifoon.
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن.
Verse 3:56
فَاَمَّا الَّذِیْنَ كَفَرُوْا فَاُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا شَدِیْدًا فِی الدُّنْیَا وَالْاٰخِرَةِ ؗ وَمَا لَهُمْ مِّنْ نّٰصِرِیْنَ ۟
Faʹammal aẓeena kafaroo faʹuʻaẓẓibuhum ʻaẓaabañ shadeedañ fid dunyaa wal-ʹAa wa-maa lahum min naaṣireen.
كاپىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب قىلىمەن، ئۇلارغا (ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسىدىغان) ھېچ مەدەتكار بولمايدۇ».
Verse 3:57
وَاَمَّا الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا وَعَمِلُوا الصّٰلِحٰتِ فَیُوَفِّیْهِمْ اُجُوْرَهُمْ ؕ وَاللّٰهُ لَا یُحِبُّ الظّٰلِمِیْنَ ۟
Waʹammal laẓeena ʹaamanoo waʻamiluṣ ṣaaliḥaati fayu ʹujoorahum: wallaahu laa- yuḥibbuz̤̣ z̤̣aalimeen.
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ (زالىملارنى دوست تۇتمايدىغان زات قانداقمۇ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلسۇن؟).
Verse 3:58
ذٰلِكَ نَتْلُوْهُ عَلَیْكَ مِنَ الْاٰیٰتِ وَالذِّكْرِ الْحَكِیْمِ ۟
Ẓaalika natloohu ʻalayka minal ʹAayaati waẓ-Ẓikril Ḥakeem.
(ئى مۇھەممەد!) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر.
Verse 3:59
اِنَّ مَثَلَ عِیْسٰی عِنْدَ اللّٰهِ كَمَثَلِ اٰدَمَ ؕ خَلَقَهٗ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ قَالَ لَهٗ كُنْ فَیَكُوْنُ ۟
ʹInna mas̤ala ʻEesaa ʻiñdal laahi kamas̤ali ʹAadam; khalaq̣ahoo miñ turaabiñ s̤umma q̣aala lahoo ʻKUÑʹ fayakoon.
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىيسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا ـ ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىيسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس).
Verse 3:60
اَلْحَقُّ مِنْ رَّبِّكَ فَلَا تَكُنْ مِّنَ الْمُمْتَرِیْنَ ۟
ʹAl-Ḥaq̣q̣u mir Rabbika falaa takun minal mumtareen.
(ئىيسا ھەققىدىكى بۇ سۆز) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، سەن شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن.
Verse 3:61
فَمَنْ حَآجَّكَ فِیْهِ مِنْ بَعْدِ مَا جَآءَكَ مِنَ الْعِلْمِ فَقُلْ تَعَالَوْا نَدْعُ اَبْنَآءَنَا وَاَبْنَآءَكُمْ وَنِسَآءَنَا وَنِسَآءَكُمْ وَاَنْفُسَنَا وَاَنْفُسَكُمْ ۫ ثُمَّ نَبْتَهِلْ فَنَجْعَلْ لَّعْنَتَ اللّٰهِ عَلَی الْكٰذِبِیْنَ ۟
Faman ḥaajjaka feehi mim baʻdi maa- jaaaʹaka minal ʻilmi faq̣ul taʻaalaw nadʻu ʹabnaaaʹanaa Waabnaaaʹakum Wanisaaaʹanaa wa-nisaaaʹakum waʹañfusanaa waʹañfusakum s̤umma nabtahil fanajʻal laʻnatal laahi ʻalal kaaẓibeen.
سەن ئىيسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا:«كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن.
Verse 3:62
اِنَّ هٰذَا لَهُوَ الْقَصَصُ الْحَقُّ ۚ وَمَا مِنْ اِلٰهٍ اِلَّا اللّٰهُ ؕ وَاِنَّ اللّٰهَ لَهُوَ الْعَزِیْزُ الْحَكِیْمُ ۟
ʹInna haaẓaa lahuwal q̣aṣaṣul ḥaq̣q̣: wa-maa min ʹilaahin ʹillal laah: waʹinnal laaha la-Huwal ʻAzeezul Ḥakim.
شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسەسىدۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
Verse 3:63
فَاِنْ تَوَلَّوْا فَاِنَّ اللّٰهَ عَلِیْمٌۢ بِالْمُفْسِدِیْنَ ۟۠
Faʹiñ tawallaw faʹinnal laaha ʻAleemum bil-mufsideen.
ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (ئۇلار بۇزغۇنچىلاردۇر)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
Verse 3:64
قُلْ یٰۤاَهْلَ الْكِتٰبِ تَعَالَوْا اِلٰی كَلِمَةٍ سَوَآءٍۭ بَیْنَنَا وَبَیْنَكُمْ اَلَّا نَعْبُدَ اِلَّا اللّٰهَ وَلَا نُشْرِكَ بِهٖ شَیْـًٔا وَّلَا یَتَّخِذَ بَعْضُنَا بَعْضًا اَرْبَابًا مِّنْ دُوْنِ اللّٰهِ ؕ فَاِنْ تَوَلَّوْا فَقُوْلُوا اشْهَدُوْا بِاَنَّا مُسْلِمُوْنَ ۟
Q̣ul yaaa-ʹahlal Kitaabi taʻaalaw ʹilaa Kalimatiñ sawaaaʹim baynanaa wa-baynakum ʹallaa naʻbuda ʹilal laaha wa-laa nushrika bihee shayʹañw walaa yat-takhiẓa baʻḍunaa baʻḍan ʹarbaabam miñ doonil laah. Faʹiñ tawallaw faq̣oolush hadoo biʹannaa Muslimoon.
«ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر ـ بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى تەۋھىدئەقىدىسىگە) كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار.
Verse 3:65
یٰۤاَهْلَ الْكِتٰبِ لِمَ تُحَآجُّوْنَ فِیْۤ اِبْرٰهِیْمَ وَمَاۤ اُنْزِلَتِ التَّوْرٰىةُ وَالْاِنْجِیْلُ اِلَّا مِنْ بَعْدِهٖ ؕ اَفَلَا تَعْقِلُوْنَ ۟
YaaʹAhlal Kitaabi lima tuḥaajjoona feee ʹIbraaheema wa-maaa ʹunẓilatit Tawraatu wal-ʹIñjeelu ʹillaa mim baʻdih? Afalaa taʻq̣iloon.
ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولدى. (سۆزۈڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى) چۈشەنمەمسىلەر؟.
Verse 3:66
هٰۤاَنْتُمْ هٰۤؤُلَآءِ حَاجَجْتُمْ فِیْمَا لَكُمْ بِهٖ عِلْمٌ فَلِمَ تُحَآجُّوْنَ فِیْمَا لَیْسَ لَكُمْ بِهٖ عِلْمٌ ؕ وَاللّٰهُ یَعْلَمُ وَاَنْتُمْ لَا تَعْلَمُوْنَ ۟
Haaaʹañtum haaaʹulaaaʹi ḥaa-jajtum feemaa lakum̃ bihee ʻilmuñ falima tuḥaajjoona feemaa laysa lakum̃ bihee ʻilm? Wal-laahu yaʻlamu waʹañtum laa- taʻlamoon!
(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) سىلەر شۇنداق كىشىلەرسىلەركى، بىلىدىغان نەرسەڭلار (ئىيسا) ئۈستىدە مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى سىلەر بىلمەيدىغان نەرسەڭلار (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ دىنى) ئۈستىدە نېمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنىڭ ئىشىدىكى ھەقىقەتنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر» دېگىن.
Verse 3:67
مَا كَانَ اِبْرٰهِیْمُ یَهُوْدِیًّا وَّلَا نَصْرَانِیًّا وَّلٰكِنْ كَانَ حَنِیْفًا مُّسْلِمًا ؕ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِیْنَ ۟
Maa- kaana ʹIbraaheemu Yahududiyaañw walaa Naṣraaniyyañw Wa laakiñ kaana Ḥaneefam Muslimaa: wa-maa kaana minal Mushrikeen.
ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋەلېكىن توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، ئاللاھقا بويسۇنغۇچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى.
Verse 3:68
اِنَّ اَوْلَی النَّاسِ بِاِبْرٰهِیْمَ لَلَّذِیْنَ اتَّبَعُوْهُ وَهٰذَا النَّبِیُّ وَالَّذِیْنَ اٰمَنُوْا ؕ وَاللّٰهُ وَلِیُّ الْمُؤْمِنِیْنَ ۟
ʹInna ʹawlan naasi biʹIb lallaẓeenat tabaʻoohu wa-haaẓan Nabiyyu wallaẓeena ʹaamanoo: wallaahu Waliyyul Muʹmineen.
ئىبراھىمغا ئەڭ يېقىن بولغانلار، شۈبھىسىزكى، (ئىبراھىمنىڭ زامانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنىڭغا (يەنى ئۇنىڭ يولىغا) ئەگەشكەنلەردۇر، بۇ پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) دۇر، (بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولغان) مۆمىنلەردۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر.
Verse 3:69
وَدَّتْ طَّآىِٕفَةٌ مِّنْ اَهْلِ الْكِتٰبِ لَوْ یُضِلُّوْنَكُمْ ؕ وَمَا یُضِلُّوْنَ اِلَّاۤ اَنْفُسَهُمْ وَمَا یَشْعُرُوْنَ ۟
Waddaṭ ṭaaaʹifatum min ʹAhlil Kitaabi law yuḍilloonakum. Wa-maa yuḍilloona ʹillaaa ʹañfusahum wa-maa yashʻuroon.
ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ (بۇنىڭ ۋابالى ئۇلارغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىش بىلەن ئۆزلىرىگىلا قايتىدۇ). (لېكىن) ئۇلار (بۇنى) تۇيمايدۇ.
Verse 3:70
یٰۤاَهْلَ الْكِتٰبِ لِمَ تَكْفُرُوْنَ بِاٰیٰتِ اللّٰهِ وَاَنْتُمْ تَشْهَدُوْنَ ۟
YaaaʹAhlal Kitaabi lima takfuroona biʹAayaatil laahi waʹantum tashhadoon.
ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى) بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئىنكار قىلىسىلەر؟.
Verse 3:71
یٰۤاَهْلَ الْكِتٰبِ لِمَ تَلْبِسُوْنَ الْحَقَّ بِالْبَاطِلِ وَتَكْتُمُوْنَ الْحَقَّ وَاَنْتُمْ تَعْلَمُوْنَ ۟۠
YaaaʹAhlal Kitaabi lima talbisoonal ḥaq̣q̣a bilbaaṭili wa-taktumoonal ḥaq̣q̣a waʹañtum taʻlamoon?
ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرىسىلەر ۋە بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابلىرىڭلاردىكى سۈپىتىنى) يوشۇرىسىلەر؟.
Verse 3:72
وَقَالَتْ طَّآىِٕفَةٌ مِّنْ اَهْلِ الْكِتٰبِ اٰمِنُوْا بِالَّذِیْۤ اُنْزِلَ عَلَی الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا وَجْهَ النَّهَارِ وَاكْفُرُوْۤا اٰخِرَهٗ لَعَلَّهُمْ یَرْجِعُوْنَ ۟ۚۖ
Wa-q̣aalaṭ ṭaaaʹifatum min ʹAhlil Kitaabi ʹaaminoo billaẓeee ʹaamanoo ʻalal laẓeena ʹaamanoo waj-han nahaari wak-furooo ʹaakhirahoo laʻallahum yarjiʻoon;
ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن.
Verse 3:73
وَلَا تُؤْمِنُوْۤا اِلَّا لِمَنْ تَبِعَ دِیْنَكُمْ ؕ قُلْ اِنَّ الْهُدٰی هُدَی اللّٰهِ ۙ اَنْ یُّؤْتٰۤی اَحَدٌ مِّثْلَ مَاۤ اُوْتِیْتُمْ اَوْ یُحَآجُّوْكُمْ عِنْدَ رَبِّكُمْ ؕ قُلْ اِنَّ الْفَضْلَ بِیَدِ اللّٰهِ ۚ یُؤْتِیْهِ مَنْ یَّشَآءُ ؕ وَاللّٰهُ وَاسِعٌ عَلِیْمٌ ۟ۚۙ
Wa-laa tuʹminooo ʹillaa limañ tabiʻa Deenakum. Q̣ul ʹinnal hudaa hudal laahi ʹañy yuʹtaaa ʹaḥadum mis̤la maaa ʹooteetum ʹaw yuḥaaaj ʻiñda Rabbikum. Q̣ul ʹinnal faḍla biyadil lah: yuʹteehi mañy yashaaaʹ: wal-laahu Waasiʻun ʻAleem.
پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار بىر ـ بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىدىن قورقساڭلار پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل ـ كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
Verse 3:74
یَّخْتَصُّ بِرَحْمَتِهٖ مَنْ یَّشَآءُ ؕ وَاللّٰهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِیْمِ ۟
Yakhtaṣṣu biraḥmatihee mañy yashaaaʹ. Wal-laahu Ẓul faḍlil ʻAz̤̣eem.
ئاللاھ رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر.
Verse 3:75
وَمِنْ اَهْلِ الْكِتٰبِ مَنْ اِنْ تَاْمَنْهُ بِقِنْطَارٍ یُّؤَدِّهٖۤ اِلَیْكَ ۚ وَمِنْهُمْ مَّنْ اِنْ تَاْمَنْهُ بِدِیْنَارٍ لَّا یُؤَدِّهٖۤ اِلَیْكَ اِلَّا مَا دُمْتَ عَلَیْهِ قَآىِٕمًا ؕ ذٰلِكَ بِاَنَّهُمْ قَالُوْا لَیْسَ عَلَیْنَا فِی الْاُمِّیّٖنَ سَبِیْلٌ ۚ وَیَقُوْلُوْنَ عَلَی اللّٰهِ الْكَذِبَ وَهُمْ یَعْلَمُوْنَ ۟
Wa-min ʹAhlil Kitaabi man ʹiñ taʹmanhu biq̣iñṭaariñy yuʹaddiheee ʹilayk. Wa-minhum man ʹiñ taʹmanhu bideenaril laa yuʹaddiheee ʹilayka illaa maa- dumta ʻalayhi q̣aaaʹimaa. Ẓaalika biʹannahum q̣aaloo laysa ʻalaynaa fil ʹummiyyeena sabeel. Wa-yaq̣ooloona ʻalal laahil Kaẓiba wa-hum yaʻlamoon.
ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە (يەنى قايتا ـ قايتا سۈيلىمىگۈچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ئۇممىيلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)» دەيدۇ، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ.
Verse 3:76
بَلٰی مَنْ اَوْفٰی بِعَهْدِهٖ وَاتَّقٰی فَاِنَّ اللّٰهَ یُحِبُّ الْمُتَّقِیْنَ ۟
Balaa man ʹawfaa biʻahdihee wattaq̣aa faʹinnal laaha yuḥibbul Muttaq̣een.
ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار باشقا دىندىكىلەرگە زۇلۇم قىلسا گۇناھ بولىدۇ). ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ۋە گۇناھتىن ساقلانغانلار (ئاللاھ دوست تۇتقان كىشىلەردۇر)، چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ.
Verse 3:77
اِنَّ الَّذِیْنَ یَشْتَرُوْنَ بِعَهْدِ اللّٰهِ وَاَیْمَانِهِمْ ثَمَنًا قَلِیْلًا اُولٰٓىِٕكَ لَا خَلَاقَ لَهُمْ فِی الْاٰخِرَةِ وَلَا یُكَلِّمُهُمُ اللّٰهُ وَلَا یَنْظُرُ اِلَیْهِمْ یَوْمَ الْقِیٰمَةِ وَلَا یُزَكِّیْهِمْ ۪ وَلَهُمْ عَذَابٌ اَلِیْمٌ ۟
ʹInnal laẓeena yashtaroona biʻahdil laahi waʹaymaanihim s̤amanañ q̣aleelan ʹulaaaʹika laa- khalaaq̣a lahum fil ʹAakhirati wa-laa yukalimuhumul laahu wa-laa yañz̤̣ura ʹilayhim Yawmal Q̣iyaamati wa-laa yuzakkeehim: wa-lahum ʻaẓaabun ʹaleem.
ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا (رەھمەت كۆزى بىلەن) قارىمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ.
Verse 3:78
وَاِنَّ مِنْهُمْ لَفَرِیْقًا یَّلْوٗنَ اَلْسِنَتَهُمْ بِالْكِتٰبِ لِتَحْسَبُوْهُ مِنَ الْكِتٰبِ وَمَا هُوَ مِنَ الْكِتٰبِ ۚ وَیَقُوْلُوْنَ هُوَ مِنْ عِنْدِ اللّٰهِ وَمَا هُوَ مِنْ عِنْدِ اللّٰهِ ۚ وَیَقُوْلُوْنَ عَلَی اللّٰهِ الْكَذِبَ وَهُمْ یَعْلَمُوْنَ ۟
Waʹinna minhum lafareeq̣añy yalwoona ʹalsinatahum̃ bil-Kitaabi litaḥsaboohu minal Kitaabi wa-maa huwa minal Kitaab. Wa-yaq̣ooloona huwa miñ ʻiñdil laahi wa-maa huwa min ʻiñdil laah: wa-yaq̣ooloona ʻalal laaheel kaẓiba wa-hum yaʻlamoon.
ئۇلاردىن (يەنى يەھۇدىيلاردىن) بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى، سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن تىللىرىنى ئەگرى ـ بۈگرى قىلىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ.
Verse 3:79
مَا كَانَ لِبَشَرٍ اَنْ یُّؤْتِیَهُ اللّٰهُ الْكِتٰبَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ ثُمَّ یَقُوْلَ لِلنَّاسِ كُوْنُوْا عِبَادًا لِّیْ مِنْ دُوْنِ اللّٰهِ وَلٰكِنْ كُوْنُوْا رَبّٰنِیّٖنَ بِمَا كُنْتُمْ تُعَلِّمُوْنَ الْكِتٰبَ وَبِمَا كُنْتُمْ تَدْرُسُوْنَ ۟ۙ
Maa- kaana libasharin ʹañy yuʹtiyahul laahul Kitaaba wal-Ḥukma wan-Nubuwwata s̤umma yaq̣oola linnaasi koonoo ʻibaadal lee miñ doonil laahi wa-laakiñ koonoo Rabbaaniyyeena bimaa kuñtum tuʻallimoonal Kitaaba wa-bimaa kuñtum tadrusoon.
بىرەر ئىنسانغا ئاللاھ كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى لايىق بولمايدۇ (يەنى پەيغەمبەردىن مۇنداق گەپنىڭ سادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ) ۋەلېكىن (ئۇ): «كىتابنى ئۆگەتكەنلىكىڭلار ۋە ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەببانى بولۇڭلار» (دەيدۇ).
Verse 3:80
وَلَا یَاْمُرَكُمْ اَنْ تَتَّخِذُوا الْمَلٰٓىِٕكَةَ وَالنَّبِیّٖنَ اَرْبَابًا ؕ اَیَاْمُرُكُمْ بِالْكُفْرِ بَعْدَ اِذْ اَنْتُمْ مُّسْلِمُوْنَ ۟۠
Wa-laa yaʹmurakum ʻañ tat-takhiẓul malaaaʹikata wan-nabiyyeena ʹarbaabaa. ʹAyaʹmurukum̃ bilkufri baʻda ʹiẓ ʹañtum Muslimoon?
شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پەرىشتىلەرنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى رەب قىلىۋېلىشىڭلارغا بۇيرۇشى لايىق بولمايدۇ. مۇسۇلمان بولغىنىڭلاردىن كېيىن پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى كۇفرىغا بۇيرۇمدۇ؟.
Verse 3:81
وَاِذْ اَخَذَ اللّٰهُ مِیْثَاقَ النَّبِیّٖنَ لَمَاۤ اٰتَیْتُكُمْ مِّنْ كِتٰبٍ وَّحِكْمَةٍ ثُمَّ جَآءَكُمْ رَسُوْلٌ مُّصَدِّقٌ لِّمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهٖ وَلَتَنْصُرُنَّهٗ ؕ قَالَ ءَاَقْرَرْتُمْ وَاَخَذْتُمْ عَلٰی ذٰلِكُمْ اِصْرِیْ ؕ قَالُوْۤا اَقْرَرْنَا ؕ قَالَ فَاشْهَدُوْا وَاَنَا مَعَكُمْ مِّنَ الشّٰهِدِیْنَ ۟
Waʹiẓ ʹakhaẓal laahu Mees̤aaq̣an Nabiyyeena lamaaa ʹaataytukum miñ Kitaabiñw wa-Ḥikmatiñ s̤umma jaaaʹakum Rasoolum Muṣaddiq̣ul limaa maʻakum latuʹminunna bihee wala-tañ-ṣuroonah. Q̣aala ʹaʹaq̣rartum waʹakhaẓtum ʹalaa ẓaalikum ʹIṣree? Q̣aalooo ʹaq̣rarnaa. Q̣aala fashhadoo waʹana maʻkum minash Shaahideen.
ئۆز ۋاقتىدىلا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: «سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى (يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» (دېدى). ئاللاھ: «(بۇ ئەھدىنى) ئىقرار (يەنى ئېتىراپ) قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ (يەنى بۇ ئىش) ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىندۇرمەن» دېدى.
Verse 3:82
فَمَنْ تَوَلّٰی بَعْدَ ذٰلِكَ فَاُولٰٓىِٕكَ هُمُ الْفٰسِقُوْنَ ۟
Famañ tawallaa baʻda ẓaalika faʹulaaaʹika humul faasiq̣oon.
كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈسە (يەنى ئەھدىنى بۇزسا)، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
Verse 3:83
اَفَغَیْرَ دِیْنِ اللّٰهِ یَبْغُوْنَ وَلَهٗۤ اَسْلَمَ مَنْ فِی السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضِ طَوْعًا وَّكَرْهًا وَّاِلَیْهِ یُرْجَعُوْنَ ۟
ʹAfag̣ayra Deenil laahi yab-g̣oona wa-lahooo ʹaslama mañ fis samaawaati wal-ʹarḍi ṭawʻañw wa karhañw waʹilayhi yurjaʻoon?
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئاللاھنىڭ دىنىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) باشقا دىننى تىلەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئاللاھقا بويسۇنغان تۇرسا، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ تەرىپىگە قايتۇرۇلىدۇ.
Verse 3:84
قُلْ اٰمَنَّا بِاللّٰهِ وَمَاۤ اُنْزِلَ عَلَیْنَا وَمَاۤ اُنْزِلَ عَلٰۤی اِبْرٰهِیْمَ وَاِسْمٰعِیْلَ وَاِسْحٰقَ وَیَعْقُوْبَ وَالْاَسْبَاطِ وَمَاۤ اُوْتِیَ مُوْسٰی وَعِیْسٰی وَالنَّبِیُّوْنَ مِنْ رَّبِّهِمْ ۪ لَا نُفَرِّقُ بَیْنَ اَحَدٍ مِّنْهُمْ ؗ وَنَحْنُ لَهٗ مُسْلِمُوْنَ ۟
Q̣ul ʹaamannaa billaahi wa-maa ʹuñzila ʻalaynaa wa-maaa ʹuñẓila ʻalaaa ʹIbraaheema waʹIsmaaʻeela waʹIsḥaaq̣a wa-Yaʻq̣ooba wal-ʹAsbaaṭi wa-maaa ʹootiya Moosaaa waʻEesaa wan-nabiyyoona mir Rabbihim. Laa- nufarriq̣u bayna ʹaḥadim minhum, wa-naḥnu lahoo Muslimoon.
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا)، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەنگە (يەنى تەۋراتقا)،ئىيساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز».
Verse 3:85
وَمَنْ یَّبْتَغِ غَیْرَ الْاِسْلَامِ دِیْنًا فَلَنْ یُّقْبَلَ مِنْهُ ۚ وَهُوَ فِی الْاٰخِرَةِ مِنَ الْخٰسِرِیْنَ ۟
Wa-mañy yabtag̣i g̣ayral ʹIslaami Deenañ falañy yuq̣bala minh; wa-huwa fil ʹAakhirati minal khaasireen.
كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر.
Verse 3:86
كَیْفَ یَهْدِی اللّٰهُ قَوْمًا كَفَرُوْا بَعْدَ اِیْمَانِهِمْ وَشَهِدُوْۤا اَنَّ الرَّسُوْلَ حَقٌّ وَّجَآءَهُمُ الْبَیِّنٰتُ ؕ وَاللّٰهُ لَا یَهْدِی الْقَوْمَ الظّٰلِمِیْنَ ۟
Kayfa yahdil laahu q̣awmañ kafaroo baʻda ʹeemaanihim wa-shahidooo ʹannar Rasoola ḥaq̣q̣uñw wajaaaʹahumul Bayyinaat? Wal-laahu laa- yahdil q̣awmaz̤̣ z̤̣aalimeen.
ئىمان ئېيتقاندىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
Verse 3:87
اُولٰٓىِٕكَ جَزَآؤُهُمْ اَنَّ عَلَیْهِمْ لَعْنَةَ اللّٰهِ وَالْمَلٰٓىِٕكَةِ وَالنَّاسِ اَجْمَعِیْنَ ۟ۙ
ʹUlaaʹika jazaaaʹuhum ʹanna ʻalayhim laʻnatal laahi walmalaaaʹikati wannaasi ʹajmaʻeen;
ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر.
Verse 3:88
خٰلِدِیْنَ فِیْهَا ۚ لَا یُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ یُنْظَرُوْنَ ۟ۙ
Khaalideena feehaa; laa- yukhaffafu ʻanhumul ʻaẓaabu wa-laa hum yuñz̤̣aroon;
ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
Verse 3:89
اِلَّا الَّذِیْنَ تَابُوْا مِنْ بَعْدِ ذٰلِكَ وَاَصْلَحُوْا ۫ فَاِنَّ اللّٰهَ غَفُوْرٌ رَّحِیْمٌ ۟
ʹIllal laẓeena taaboo mim baʻdi ẓaalika wa-ʹaṣlaḥoo; faʹinnal laaha G̣afoorur Raḥeem.
پەقەت تەۋبە قىلغانلار ۋە (بۇزۇق ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر.
Verse 3:90
اِنَّ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا بَعْدَ اِیْمَانِهِمْ ثُمَّ ازْدَادُوْا كُفْرًا لَّنْ تُقْبَلَ تَوْبَتُهُمْ ۚ وَاُولٰٓىِٕكَ هُمُ الضَّآلُّوْنَ ۟
ʹInnal laẓeena kafaroo baʻda ʹeemaanihim s̤ummaz daadoo kufral lañ tuq̣bala tawbatuhum; wa-ʹulaaaʹika humuḍ ḍaaalloon.
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر.
Verse 3:91
اِنَّ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا وَمَاتُوْا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَنْ یُّقْبَلَ مِنْ اَحَدِهِمْ مِّلْءُ الْاَرْضِ ذَهَبًا وَّلَوِ افْتَدٰی بِهٖ ؕ اُولٰٓىِٕكَ لَهُمْ عَذَابٌ اَلِیْمٌ وَّمَا لَهُمْ مِّنْ نّٰصِرِیْنَ ۟۠
ʹInnal laẓeena kafaroo wa-maatoo wa-hum kuffaaruñ falañy yuq̣bala min ʹaḥadihim milʹul ʹarḍi ẓahabañw walawif tadaa bih. ʹUlaaaʹika lahum ʻaẓaabun ʹaleemuñw Wamaa lahum min naaṣireen.
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ كۇفرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن يەر يۈزىگە بىر كېلىدىغان ئالتۇن فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ.
Verse 3:92
لَنْ تَنَالُوا الْبِرَّ حَتّٰی تُنْفِقُوْا مِمَّا تُحِبُّوْنَ ؕ۬ وَمَا تُنْفِقُوْا مِنْ شَیْءٍ فَاِنَّ اللّٰهَ بِهٖ عَلِیْمٌ ۟
Lañ tanaalul birra ḥattaa tuñfiq̣oo mimmaa tuḥibboon. Wa-maa tuñfiq̣oo miñ shayʹiñ faʹinnal laaha bihee ʻAleem.
ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە غىچەھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 3:93
كُلُّ الطَّعَامِ كَانَ حِلًّا لِّبَنِیْۤ اِسْرَآءِیْلَ اِلَّا مَا حَرَّمَ اِسْرَآءِیْلُ عَلٰی نَفْسِهٖ مِنْ قَبْلِ اَنْ تُنَزَّلَ التَّوْرٰىةُ ؕ قُلْ فَاْتُوْا بِالتَّوْرٰىةِ فَاتْلُوْهَاۤ اِنْ كُنْتُمْ صٰدِقِیْنَ ۟
Kulluṭ ṭaʻaami kaana ḥillal li-Baneee ʹIsraaaʹeela ʹillaa maa- ḥarrama ʹIsraaaʹeelu ʻalaa nafsihee miñ q̣abli ʹañ tunazzalat Tawraah. Q̣ul faʹtoo bit-Tawraati fatloohaaa ʹiñ kuñtum ṣaadiq̣een.
تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ گۆشى ۋە سۈتى) دىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار».
Verse 3:94
فَمَنِ افْتَرٰی عَلَی اللّٰهِ الْكَذِبَ مِنْ بَعْدِ ذٰلِكَ فَاُولٰٓىِٕكَ هُمُ الظّٰلِمُوْنَ ۟ؔ
Famanif taraa ʻalal laahil kaẓiba mim baʻdi ẓaalika faʹulaaaʹika humuz̤̣ z̤̣aalimoon.
شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىل مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن)، كىمكى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر.
Verse 3:95
قُلْ صَدَقَ اللّٰهُ ۫ فَاتَّبِعُوْا مِلَّةَ اِبْرٰهِیْمَ حَنِیْفًا ؕ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِیْنَ ۟
Q̣ul ṣadaq̣al laah: fattabiʻoo Millata ʹIbraaheema ḥaneefaa; wa-maa kaana minal mushrikeen.
ئېيتقىنكى، «ئاللاھ راست ئېيتتى، (ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت) ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئۇ (يەنى ئىبراھىم) مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى».
Verse 3:96
اِنَّ اَوَّلَ بَیْتٍ وُّضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِیْ بِبَكَّةَ مُبٰرَكًا وَّهُدًی لِّلْعٰلَمِیْنَ ۟ۚ
ʹInna ʹAwwala Baytiñw wuḍiʻa linnaasi lallaḍee bi-Bakkata mubaarakañw wahudal lil-ʻaalameen:
ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى سېلىنغان ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) مەككىدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر.
Verse 3:97
فِیْهِ اٰیٰتٌۢ بَیِّنٰتٌ مَّقَامُ اِبْرٰهِیْمَ ۚ۬ وَمَنْ دَخَلَهٗ كَانَ اٰمِنًا ؕ وَلِلّٰهِ عَلَی النَّاسِ حِجُّ الْبَیْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ اِلَیْهِ سَبِیْلًا ؕ وَمَنْ كَفَرَ فَاِنَّ اللّٰهَ غَنِیٌّ عَنِ الْعٰلَمِیْنَ ۟
Feehi ʹAayaatum Bayyinaatum Maq̣aamu ʹIbraaheema; wa-mañ dakhalahoo kaana ʹaaminaa. Wa-lillaahi ʻalan naasi Ḥijjul Bayti manis taṭaaʻa ʹilayhi sabeelaa. Wa-mañ kafara faʹinnal laaha G̣aniyyun ʻanil ʻaalameen.
ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم (شۇلارنىڭ بىرى)، بەيتۇللاھقا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر.
Verse 3:98
قُلْ یٰۤاَهْلَ الْكِتٰبِ لِمَ تَكْفُرُوْنَ بِاٰیٰتِ اللّٰهِ ۖۗ وَاللّٰهُ شَهِیْدٌ عَلٰی مَا تَعْمَلُوْنَ ۟
Q̣ul yaaaʹAhlal Kitaabi lima takfuroona biʹAayaatil laahi wallaahu Shaheedun ʻalaa maa- taʻmaloon?
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ۋەھالەنكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارغا شاھىتتۇر».
Verse 3:99
قُلْ یٰۤاَهْلَ الْكِتٰبِ لِمَ تَصُدُّوْنَ عَنْ سَبِیْلِ اللّٰهِ مَنْ اٰمَنَ تَبْغُوْنَهَا عِوَجًا وَّاَنْتُمْ شُهَدَآءُ ؕ وَمَا اللّٰهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُوْنَ ۟
Q̣ul yaaaʹAhlal Kitaabi lima taṣuddoona ʻañ Sabeelil laahi man ʹaamana tab-g̣oo-nahaa ʻiwajañw waʹañtum shuhadaaaʹ? Wa-mal laahu big̣aafilin ʻammaa taʻmaloon.
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) (ئىسلام دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) شاھىت بولۇپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يولىنى ئەگرى كۆرسىتىشنى قەستلەپ، مۆمىنلەرنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر».
Verse 3:100
یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوْۤا اِنْ تُطِیْعُوْا فَرِیْقًا مِّنَ الَّذِیْنَ اُوْتُوا الْكِتٰبَ یَرُدُّوْكُمْ بَعْدَ اِیْمَانِكُمْ كٰفِرِیْنَ ۟
Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanooo ʹiñ tuṭeeʻoo fareeq̣am minal laẓeena ʹootul Kitaaba yaruddookum̃ baʻda ʹeemaanikum kaafireen.
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىغە ئىتائەت قىلساڭلار، مۆمىن بولغىنىڭلاردىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى كاپىر قىلىپ قويىدۇ.
Verse 3:101
وَكَیْفَ تَكْفُرُوْنَ وَاَنْتُمْ تُتْلٰی عَلَیْكُمْ اٰیٰتُ اللّٰهِ وَفِیْكُمْ رَسُوْلُهٗ ؕ وَمَنْ یَّعْتَصِمْ بِاللّٰهِ فَقَدْ هُدِیَ اِلٰی صِرَاطٍ مُّسْتَقِیْمٍ ۟۠
Wa-kayfa takfuroona wa-ʹañtum tutlaa ʻalaykum ʹAayaatul laahi wa-feekum Rasooluh? Wa-mañy yaʻtaṣim̃ bil-laahi faq̣ad hudiya ʹilaa Ṣiraaṭim Mustaq̣eem.
سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلۇۋاتقان (يەنى ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالماي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل بولۇۋاتقان) ۋە ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (ھايات) تۇرغان تۇرسا، قانداقمۇ كاپىر بولۇسىلەر؟ كىمكى ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىدىكەن، ئۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن بولىدۇ.
Verse 3:102
یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوا اتَّقُوا اللّٰهَ حَقَّ تُقٰتِهٖ وَلَا تَمُوْتُنَّ اِلَّا وَاَنْتُمْ مُّسْلِمُوْنَ ۟
Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanut taq̣ul laaha ḥaq̣q̣a tuq̣aatihee wa-laa tamootunna ʹillaa wa-ʹañtum Muslimoon.
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار.
Verse 3:103
وَاعْتَصِمُوْا بِحَبْلِ اللّٰهِ جَمِیْعًا وَّلَا تَفَرَّقُوْا ۪ وَاذْكُرُوْا نِعْمَتَ اللّٰهِ عَلَیْكُمْ اِذْ كُنْتُمْ اَعْدَآءً فَاَلَّفَ بَیْنَ قُلُوْبِكُمْ فَاَصْبَحْتُمْ بِنِعْمَتِهٖۤ اِخْوَانًا ۚ وَكُنْتُمْ عَلٰی شَفَا حُفْرَةٍ مِّنَ النَّارِ فَاَنْقَذَكُمْ مِّنْهَا ؕ كَذٰلِكَ یُبَیِّنُ اللّٰهُ لَكُمْ اٰیٰتِهٖ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُوْنَ ۟
Waʻtaṣimoo bi-Ḥablil laahi jameeʻañw walaa tafarraq̣oo. Waẓkuroo niʻmatal laahi ʻalaykum ʹiẓ kuñtum ʹaʻdaaaʹañ faʹallafa bayna q̣uloobikum faʹaṣbaḥtum̃ biniʻmatiheee ʹikhwaanaa; wa-kuñtum ʻalaa shafaa ḥufratim minan naari faʹañq̣aẓakum minhaa. Kaẓaalika yubayyinul laahu lakum ʹAayaatihee laʻallakum tahtadoon.
ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ.
Verse 3:104
وَلْتَكُنْ مِّنْكُمْ اُمَّةٌ یَّدْعُوْنَ اِلَی الْخَیْرِ وَیَاْمُرُوْنَ بِالْمَعْرُوْفِ وَیَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ ؕ وَاُولٰٓىِٕكَ هُمُ الْمُفْلِحُوْنَ ۟
Waltakum miñkum ʹUmmatuñy yadʻoona ʹilal khayri wa-yaʹmuroona bil-maʻroofi wa-yan-hawna ʻanil muñkar: wa-ʹulaaaʹika humul mufliḥoon.
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر.
Verse 3:105
وَلَا تَكُوْنُوْا كَالَّذِیْنَ تَفَرَّقُوْا وَاخْتَلَفُوْا مِنْ بَعْدِ مَا جَآءَهُمُ الْبَیِّنٰتُ ؕ وَاُولٰٓىِٕكَ لَهُمْ عَذَابٌ عَظِیْمٌ ۟ۙ
Wa-laa takoonoo kallaẓeena tafarraq̣oo wakhtalafoo mim baʻdi maa- jaaaʹahumul Bayyinaat: wa-ʹulaaʹika lahum ʻa-Z̤̣aabun ʻaz̤̣eem.
روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
Verse 3:106
یَّوْمَ تَبْیَضُّ وُجُوْهٌ وَّتَسْوَدُّ وُجُوْهٌ ۚ فَاَمَّا الَّذِیْنَ اسْوَدَّتْ وُجُوْهُهُمْ ۫ اَكَفَرْتُمْ بَعْدَ اِیْمَانِكُمْ فَذُوْقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُوْنَ ۟
Yawma tabyaḍḍu wujoohuñw wataswaddu wujooh: faʹammal laẓeenas waddat wujoohum: ʹakafartum̃ baʻda ʹeemaanikum faẓooq̣ul ʻaẓaaba bimaa kuñtum takfuroon?
شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بەزى يۈزلەر ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى): «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار».
Verse 3:107
وَاَمَّا الَّذِیْنَ ابْیَضَّتْ وُجُوْهُهُمْ فَفِیْ رَحْمَةِ اللّٰهِ ؕ هُمْ فِیْهَا خٰلِدُوْنَ ۟
Wa-ʹammal laẓeenab biyaḍḍat wujoohuhum fafee raḥmatil laah: hum feehaa khaalidoon.
يۈزى ئاقارغانلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا (يەنى جەننەتتە) مەڭگۈ قالىدۇ.
Verse 3:108
تِلْكَ اٰیٰتُ اللّٰهِ نَتْلُوْهَا عَلَیْكَ بِالْحَقِّ ؕ وَمَا اللّٰهُ یُرِیْدُ ظُلْمًا لِّلْعٰلَمِیْنَ ۟
Tilka ʹAayaatul laahi natloohaa ʻalayka bil-Ḥaq̣q̣. Wa-mal laahu yureedu z̤̣ulmal lilʻaalameen.
بۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر، ئۇلارنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقىتى بىلەن ئوقۇپ بېرىمىز، ئاللاھ جاھان ئەھلىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ.
Verse 3:109
وَلِلّٰهِ مَا فِی السَّمٰوٰتِ وَمَا فِی الْاَرْضِ ؕ وَاِلَی اللّٰهِ تُرْجَعُ الْاُمُوْرُ ۟۠
Walillaahi maa- fis samaawaati wa-maa fil ʹarḍ: wa-ʹilal laahi turjaʻul ʹumoor.
ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ (مۈلكى، مەخلۇقاتى ۋە بەندىلىرى) دۇر، ھەممە ئىشلار ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.
Verse 3:110
كُنْتُمْ خَیْرَ اُمَّةٍ اُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَاْمُرُوْنَ بِالْمَعْرُوْفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَتُؤْمِنُوْنَ بِاللّٰهِ ؕ وَلَوْ اٰمَنَ اَهْلُ الْكِتٰبِ لَكَانَ خَیْرًا لَّهُمْ ؕ مِنْهُمُ الْمُؤْمِنُوْنَ وَاَكْثَرُهُمُ الْفٰسِقُوْنَ ۟
Kuñtum khayra ʹummatin ʹukhrijat linnaasi taʹmuroona bilmaʻroofi wa-tanhawna ʻanil muñkari wa-tuʹminoona billaah. Wa-law ʹaamana ʹAhlul Kitaabi lakaana khayral lahum: minhumul muʹminoona wa-ʹaks̤aru-humul faasiq̣oon.
(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) ئىمان ئېيتسا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئىشەنسە)، ئۇلار ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۆمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر.
Verse 3:111
لَنْ یَّضُرُّوْكُمْ اِلَّاۤ اَذًی ؕ وَاِنْ یُّقَاتِلُوْكُمْ یُوَلُّوْكُمُ الْاَدْبَارَ ۫ ثُمَّ لَا یُنْصَرُوْنَ ۟
Lañy yaḍurrookum ʹillaaa ʹaẓaaa; wa-ʹiñy yuq̣aatilookum yuwal-lookumul ʹadbaar. S̤umma laa- yuñṣaroon.
ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ.
Verse 3:112
ضُرِبَتْ عَلَیْهِمُ الذِّلَّةُ اَیْنَ مَا ثُقِفُوْۤا اِلَّا بِحَبْلٍ مِّنَ اللّٰهِ وَحَبْلٍ مِّنَ النَّاسِ وَبَآءُوْ بِغَضَبٍ مِّنَ اللّٰهِ وَضُرِبَتْ عَلَیْهِمُ الْمَسْكَنَةُ ؕ ذٰلِكَ بِاَنَّهُمْ كَانُوْا یَكْفُرُوْنَ بِاٰیٰتِ اللّٰهِ وَیَقْتُلُوْنَ الْاَنْۢبِیَآءَ بِغَیْرِ حَقٍّ ؕ ذٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَّكَانُوْا یَعْتَدُوْنَ ۟ۗ
Ḍuribat ʻalayhimuẓ ẓillatu ʹayna maa- s̤uq̣ifooo ʹillaa bi-Ḥablim minal laahi wa-Ḥablim minan naasi wa-baaaʹoo big̣aḍabim minal laahi wa-ḍuribat ʻalayhimul maskanah. Ẓaalika biʹannahum kaanoo yakfuroona biʹAayaatil laahi wa-yaq̣tuloonal ʹambiyaaaʹa big̣ayri ḥaq̣q̣; ẓaalika bimaa ʻaṣaw Wakaanoo yaʻtadoon.
ئۇلارنىڭ قەيەردە بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. موھتاجلىققا چۆمدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر.
Verse 3:113
لَیْسُوْا سَوَآءً ؕ مِنْ اَهْلِ الْكِتٰبِ اُمَّةٌ قَآىِٕمَةٌ یَّتْلُوْنَ اٰیٰتِ اللّٰهِ اٰنَآءَ الَّیْلِ وَهُمْ یَسْجُدُوْنَ ۟
Laysoo sawaaaʹaa. Min ʹAhlil Kitaabi ʹummatuñ q̣aaaʹimatuñy yatloona ʹAayaatil laahi ʹaanaaaʹal layli wa-hum yasjudoon.
ئۇلار بىرخىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە بار.
Verse 3:114
یُؤْمِنُوْنَ بِاللّٰهِ وَالْیَوْمِ الْاٰخِرِ وَیَاْمُرُوْنَ بِالْمَعْرُوْفِ وَیَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَیُسَارِعُوْنَ فِی الْخَیْرٰتِ ؕ وَاُولٰٓىِٕكَ مِنَ الصّٰلِحِیْنَ ۟
Yuʹminoona billaahi wal-Yawmil ʹAakhiri wa-yaʹmuroona bilmaʻroofi wa-yanhawna ʻanil muñkari wa-yusaariʻoona fil khayrat: wa-ʹulaaaʹika minañ Ṣaaliḥeen.
ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ؛ ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر.
Verse 3:115
وَمَا یَفْعَلُوْا مِنْ خَیْرٍ فَلَنْ یُّكْفَرُوْهُ ؕ وَاللّٰهُ عَلِیْمٌۢ بِالْمُتَّقِیْنَ ۟
Wa-maa yafʻaloo miñ khayriñ falañy yukfarooh: wal-laahu ʻAleemum bil-Muttaq̣een.
ئۇلار ھەر قانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ بىكار كەتمەيدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
Verse 3:116
اِنَّ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا لَنْ تُغْنِیَ عَنْهُمْ اَمْوَالُهُمْ وَلَاۤ اَوْلَادُهُمْ مِّنَ اللّٰهِ شَیْـًٔا ؕ وَاُولٰٓىِٕكَ اَصْحٰبُ النَّارِ ۚ هُمْ فِیْهَا خٰلِدُوْنَ ۟
ʹInnal laẓeena kafaroo lañ tug̣niya ʻanhum ʹamwaaluhum wa-laaa ʹawlaaduhum minal laahi shayʹaa: waʹulaaaʹika ʹAṣḥaabun Naari hum feehaa khaalidoon.
شۈبھىسىزكى، كاپىرلارنىڭ ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھەرگىز ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ؛ ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
Verse 3:117
مَثَلُ مَا یُنْفِقُوْنَ فِیْ هٰذِهِ الْحَیٰوةِ الدُّنْیَا كَمَثَلِ رِیْحٍ فِیْهَا صِرٌّ اَصَابَتْ حَرْثَ قَوْمٍ ظَلَمُوْۤا اَنْفُسَهُمْ فَاَهْلَكَتْهُ ؕ وَمَا ظَلَمَهُمُ اللّٰهُ وَلٰكِنْ اَنْفُسَهُمْ یَظْلِمُوْنَ ۟
Mas̤alu maa- yuñfiq̣oona fee haaẓihil ḥayaatid dunyaa kamas̤ali reeḥiñ feeha ṣirrun ʹaṣaabat ḥarsa q̣awmiñ z̤̣alamooo ʹañfusahum faʹahlakath. Wa-maa z̤̣alamahumul laahu wa-laakin ʹañfusahum yaz̤̣limoon.
ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا (رىيا قىلىپ) بەرگەن سەدىقىلىرى، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بىر قەۋمنىڭ زىرائىتىگە تېگىپ ئۇنى نابۇت قىلىۋەتكەن سوغۇق شامالغا ئوخشايدۇ (ئىگىلىرىنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن نابۇت قىلىنغان بۇ زىرائەتكە ئوخشاش، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى بەربات قىلىدۇ). ئۇلارغا ئاللاھ زۇلۇم قىلمىدى ۋەلېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.
Verse 3:118
یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا لَا تَتَّخِذُوْا بِطَانَةً مِّنْ دُوْنِكُمْ لَا یَاْلُوْنَكُمْ خَبَالًا ؕ وَدُّوْا مَا عَنِتُّمْ ۚ قَدْ بَدَتِ الْبَغْضَآءُ مِنْ اَفْوَاهِهِمْ ۖۚ وَمَا تُخْفِیْ صُدُوْرُهُمْ اَكْبَرُ ؕ قَدْ بَیَّنَّا لَكُمُ الْاٰیٰتِ اِنْ كُنْتُمْ تَعْقِلُوْنَ ۟
Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanoo laa- tat-takhiẓoo biṭaanatam miñ doonikum laa- yaʹloonakum khabaalaa. Waddu maa- ʻanittum. Q̣ad badatil bag̣ḍaaaʹu min ʹafwaahihim wa-maa tukhfee ṣudooruhum ʹakbar. Q̣ad bayyanna lakumul ʹAayaati ʹiñ kuñtum taʻq̣iloon.
ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلاردىن بولمىغانلارنى سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قالمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق.
Verse 3:119
هٰۤاَنْتُمْ اُولَآءِ تُحِبُّوْنَهُمْ وَلَا یُحِبُّوْنَكُمْ وَتُؤْمِنُوْنَ بِالْكِتٰبِ كُلِّهٖ ۚ وَاِذَا لَقُوْكُمْ قَالُوْۤا اٰمَنَّا ۖۗۚ وَاِذَا خَلَوْا عَضُّوْا عَلَیْكُمُ الْاَنَامِلَ مِنَ الْغَیْظِ ؕ قُلْ مُوْتُوْا بِغَیْظِكُمْ ؕ اِنَّ اللّٰهَ عَلِیْمٌۢ بِذَاتِ الصُّدُوْرِ ۟
Haaaʹañtum ʹulaaaʹi tuḥibboonahum wa-laa yuḥibboonakum wa-tuʹminoona bil-Kitaabi kullih. Waʹiẓaa laq̣ookum q̣aalooo ʹaamannaa: waʹiẓa khalaw ʻaḍḍoo ʻalaykumul ʹanaamila minal g̣ayz̤̣. Q̣ul mootoo big̣ayz̤̣ikum: ʹinnal laaha ʻAleemum biẓaatiṣ ṣudoor.
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر ئۇلارنى دوست تۇتىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى دوست تۇتمايدۇ (سىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ)، سىلەر(ھەممە ساماۋى) كىتابقا ئىشىنىسىلەر (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار سىلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ)، ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ئۆزلىرى يالغۇز قالغاندا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاچچىقىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار! (يەنى ئاللاھ ئۆلگىنىڭلارغا قەدەر ئاچچىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرسۇن!)» ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
Verse 3:120
اِنْ تَمْسَسْكُمْ حَسَنَةٌ تَسُؤْهُمْ ؗ وَاِنْ تُصِبْكُمْ سَیِّئَةٌ یَّفْرَحُوْا بِهَا ؕ وَاِنْ تَصْبِرُوْا وَتَتَّقُوْا لَا یَضُرُّكُمْ كَیْدُهُمْ شَیْـًٔا ؕ اِنَّ اللّٰهَ بِمَا یَعْمَلُوْنَ مُحِیْطٌ ۟۠
ʹIñ tamsaskum ḥasanatuñ tasuʹhum waʹiñ tuṣibkum sayyiʹatuñy yafraḥoo bihaa. Waʹiñ taṣbiroo watattaq̣oo laa- yaḍurrukum kayduhum shayʹaa: ʹinnal laah bimaa yaʻmaloona Muḥeeṭ.
ئەگەر سىلەرگە (كەڭچىلىك، مولچىلىق، نۇسرەت، غەنىيمەت قاتارلىق) بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە (ئېغىرچىلىق، قەھەتچىلىك ۋە مەغلۇبىيەت قاتارلىق) بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر (ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە) سەۋر قىلساڭلار ۋە (سۆزۈڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر.
Verse 3:121
وَاِذْ غَدَوْتَ مِنْ اَهْلِكَ تُبَوِّئُ الْمُؤْمِنِیْنَ مَقَاعِدَ لِلْقِتَالِ ؕ وَاللّٰهُ سَمِیْعٌ عَلِیْمٌ ۟ۙ
Waʹiẓ g̣adawta min ʹahlika tubawwiʹul Muʹmineena maq̣aaʻida lilq̣itaal: wal-laahu Sameeʻun ʻAleem:
(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئەتىگەندە ئۆيۈڭدىن (ئۇھۇدقا) چىقىپ مۆمىنلەرنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇردۇڭ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 3:122
اِذْ هَمَّتْ طَّآىِٕفَتٰنِ مِنْكُمْ اَنْ تَفْشَلَا ۙ وَاللّٰهُ وَلِیُّهُمَا ؕ وَعَلَی اللّٰهِ فَلْیَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُوْنَ ۟
ʹIẓ hammaṭ ṭaaaʹifataani miñkum ʹañ taf-shalaa wal-laahu Waliyyuhuma, waʻalal laahi fal-yatawak-kalil Muʹminoon.
ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئىككى گۇرۇھ (يەنى سەلەمە ئايمىقى بىلەن بەنى ھارىسە ئايمىقى) ئاجىزلىق كۆرسەتمەكچى (يەنى قورقۇپ ئۇرۇش مەيدانىدىن قايتماقچى) بولدى؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەدەتكارى ئىدى. (مۆمىنلەر جىمى ئەھۋالى ۋە جىمى ئىشلىرىدا) ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!.
Verse 3:123
وَلَقَدْ نَصَرَكُمُ اللّٰهُ بِبَدْرٍ وَّاَنْتُمْ اَذِلَّةٌ ۚ فَاتَّقُوا اللّٰهَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُوْنَ ۟
Wa-laq̣ad naṣarakumul laahu bi-Badriñw waʹañtum ʹaẓillah: fattaq̣ul laaha laʻallakum tashkuroon.
ئاللاھ سىلەرگە بەدرىدە نۇسرەت ئاتا قىلدى، ھالبۇكى، سىلەر كۈچسىز ئىدىڭلار (سانىڭلار ۋە قورالىڭلار ئاز ئىدى). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نۇسرىتىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
Verse 3:124
اِذْ تَقُوْلُ لِلْمُؤْمِنِیْنَ اَلَنْ یَّكْفِیَكُمْ اَنْ یُّمِدَّكُمْ رَبُّكُمْ بِثَلٰثَةِ اٰلٰفٍ مِّنَ الْمَلٰٓىِٕكَةِ مُنْزَلِیْنَ ۟ؕ
ʹIẓ taq̣oolu lil-Muʹmineena ʹalañy yakfiyakum ʹañy yumiddaku Rabbukum̃ bis̤alaas̤ati ʹaalaafim minal malaaaʹikati muñzaleen?
(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۆمىنلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسە يەنە يەتمەمدۇ؟» دەيتتىڭ.
Verse 3:125
بَلٰۤی ۙ اِنْ تَصْبِرُوْا وَتَتَّقُوْا وَیَاْتُوْكُمْ مِّنْ فَوْرِهِمْ هٰذَا یُمْدِدْكُمْ رَبُّكُمْ بِخَمْسَةِ اٰلٰفٍ مِّنَ الْمَلٰٓىِٕكَةِ مُسَوِّمِیْنَ ۟
Balaaa ʹiñ taṣbiroo wa-tattaq̣oo wa-yaʹtookum miñ fawrihim haaẓaa yumdidkum Rabbukum̃ bikhamsati ʹaalaafim minal malaaaʹikati musawwimeen.
شۇنداق، ئۇ يېتىدۇ. ئەگەر (جەڭدە) سەۋر قىلساڭلار، (ئاللاھتىن) قورقۇپ (ئەمرىگە ئىتائەت قىلساڭلار)، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە بەش مىڭ نىشانلىق پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ.
Verse 3:126
وَمَا جَعَلَهُ اللّٰهُ اِلَّا بُشْرٰی لَكُمْ وَلِتَطْمَىِٕنَّ قُلُوْبُكُمْ بِهٖ ؕ وَمَا النَّصْرُ اِلَّا مِنْ عِنْدِ اللّٰهِ الْعَزِیْزِ الْحَكِیْمِ ۟ۙ
Wa-maa jaʻalahul laahu ʹillaa bushraa lakum wa-litaṭmaʹinna q̣uloobukum̃ bih: wa-man naṣru ʹillaa min ʻiñdi laahil ʻAzeezil Ḥakeem:
ئاللاھ ئۇنى (يەنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى) پەقەت سىلەرگە خۇشخەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن (شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن قورقمىسۇن) دەپ قىلدى. ياردەم پەقەت غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر.
Verse 3:127
لِیَقْطَعَ طَرَفًا مِّنَ الَّذِیْنَ كَفَرُوْۤا اَوْ یَكْبِتَهُمْ فَیَنْقَلِبُوْا خَآىِٕبِیْنَ ۟
Liyaq̣ṭaʻa ṭarafam minal laẓeena kafarooo ʹaw yakbitahum fayañq̣aliboo khaaaʹibeen.
(ئاللاھنىڭ ياردىمى) كاپىرلارنىڭ بىر تۈركۈمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىز ھالدا مەغلۇپ بولۇشلىرى ئۈچۈندۇر.
Verse 3:128
لَیْسَ لَكَ مِنَ الْاَمْرِ شَیْءٌ اَوْ یَتُوْبَ عَلَیْهِمْ اَوْ یُعَذِّبَهُمْ فَاِنَّهُمْ ظٰلِمُوْنَ ۟
Laysa laka minal ʹamri shayʹun ʹaw yatooba ʻalayhim ʹaw yuʻaẓẓibahum faʹinnahum Z̤̣aalimoon.
(ئى مۇھەممەد!) ھېچ ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەدبىرى) سېنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس، ئاللاھ يا ئۇلارنىڭ (مۇسۇلمان بولسا) تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ياكى ئۇلار زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن (كۇفرىدا چىڭ تۇرسا) ئۇلارنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.
Verse 3:129
وَلِلّٰهِ مَا فِی السَّمٰوٰتِ وَمَا فِی الْاَرْضِ ؕ یَغْفِرُ لِمَنْ یَّشَآءُ وَیُعَذِّبُ مَنْ یَّشَآءُ ؕ وَاللّٰهُ غَفُوْرٌ رَّحِیْمٌ ۟۠
Walillaahi maa- fis samaawaati wa-maa fil ʹarḍ. Yag̣firu limañy yashaaaʹu wa-yuʻaẓẓibu mañy yashaaaʹ: wallaahu G̣afoorur Raheem.
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
Verse 3:130
یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا لَا تَاْكُلُوا الرِّبٰۤوا اَضْعَافًا مُّضٰعَفَةً ۪ وَاتَّقُوا اللّٰهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُوْنَ ۟ۚ
Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanoo laa- taʹkulur Ribaaa ʹaḍʻaafam muḍaaʻafah ; wattaq̣ul laaha laʻallakum tufliḥoon.
ئى مۆمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، مەقسىدىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھتىن (نەھيى قىلغان ئىشلارنى تەرك ئېتىپ) قورقۇڭلار.
Verse 3:131
وَاتَّقُوا النَّارَ الَّتِیْۤ اُعِدَّتْ لِلْكٰفِرِیْنَ ۟ۚ
Wattaq̣un Naaral lateee ʹuʻiddat lilkaafireen.
كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاختىن (يەنى دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان يامان ئىشلاردىن) ساقلىنىڭلار.
Verse 3:132
وَاَطِیْعُوا اللّٰهَ وَالرَّسُوْلَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُوْنَ ۟ۚ
Wa-ʹaṭeeʻul laaha war-Rasoola laʻallakum turḥamoon.
سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار.
Verse 3:133
وَسَارِعُوْۤا اِلٰی مَغْفِرَةٍ مِّنْ رَّبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمٰوٰتُ وَالْاَرْضُ ۙ اُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِیْنَ ۟ۙ
Wa-saariʻooo ʹilaa mag̣firatim mir Rabbikum wa-Jannatin ʻarḍuhas samaawaatu wal-ʹarḍu ʹuʻiddat lil-Muttaq̣een
پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار.
Verse 3:134
الَّذِیْنَ یُنْفِقُوْنَ فِی السَّرَّآءِ وَالضَّرَّآءِ وَالْكٰظِمِیْنَ الْغَیْظَ وَالْعَافِیْنَ عَنِ النَّاسِ ؕ وَاللّٰهُ یُحِبُّ الْمُحْسِنِیْنَ ۟ۚ
ʹAllaẓeena yunfiq̣oona fis sarraaaʹi waḍ-ḍarraaaʹi wal-kaa-Z̤̣imeenal g̣ayz̤̣a wal-ʻaafeena ʻanin naas: wal-laahu yuḥibbul Muḥsineen;
تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.
Verse 3:135
وَالَّذِیْنَ اِذَا فَعَلُوْا فَاحِشَةً اَوْ ظَلَمُوْۤا اَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللّٰهَ فَاسْتَغْفَرُوْا لِذُنُوْبِهِمْ ۪ وَمَنْ یَّغْفِرُ الذُّنُوْبَ اِلَّا اللّٰهُ ۪۫ وَلَمْ یُصِرُّوْا عَلٰی مَا فَعَلُوْا وَهُمْ یَعْلَمُوْنَ ۟
Wal-laẓeena ʹiẓaa faʻaloo faa-ḥishatan ʹaw z̤̣alamooo ʹañfusahum ẓakarul laaha fastag̣faroo liẓunoobihim, Wa-mañy yag̣firuẓ ẓunooba ʹillal laah? wa-lam yuṣirroo ʻalaa maa- faʻaloo wa-hum yaʻlamoon.
تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ.
Verse 3:136
اُولٰٓىِٕكَ جَزَآؤُهُمْ مَّغْفِرَةٌ مِّنْ رَّبِّهِمْ وَجَنّٰتٌ تَجْرِیْ مِنْ تَحْتِهَا الْاَنْهٰرُ خٰلِدِیْنَ فِیْهَا ؕ وَنِعْمَ اَجْرُ الْعٰمِلِیْنَ ۟ؕ
ʹUlaaaʹika Jazaaʹuhum mag̣firatum mir Rabbihim wa-jannaatuñ tajree miñ tah-tihal ʹanhaaru khaalideena feehaa: wa-niʻma ʹajrul ʻaamileen!
ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى!.
Verse 3:137
قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِكُمْ سُنَنٌ ۙ فَسِیْرُوْا فِی الْاَرْضِ فَانْظُرُوْا كَیْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِیْنَ ۟
Q̣ad khalat miñ q̣ablikum Sunanuñ faseeroo fil ʹarḍi fañz̤̣uroo kayfa kaana ʻaaq̣ibatul mukaẓẓibeen.
سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ كەتتى؛ يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، (ھەقنى) يالغانغا چىقارغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار.
Verse 3:138
هٰذَا بَیَانٌ لِّلنَّاسِ وَهُدًی وَّمَوْعِظَةٌ لِّلْمُتَّقِیْنَ ۟
Haaẓaa bayaanul linnasi wa-hudañw wamawʻiz̤̣atul lil-muttaq̣een.
بۇ (قۇرئان) (پۈتكۈل) ئىنسانلارغا باياندۇر (يەنى ھالال بىلەن ھارامنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ)، تەقۋادارلارغا توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ۋەز ـ نەسىھەتتۇر.
Verse 3:139
وَلَا تَهِنُوْا وَلَا تَحْزَنُوْا وَاَنْتُمُ الْاَعْلَوْنَ اِنْ كُنْتُمْ مُّؤْمِنِیْنَ ۟
Wa-laa tahinoo wa-laa tahẓanoo wa-ʹañtumul ʹaʻlawna ʹiñ kuñtum Muʹmineen!
(جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر.
Verse 3:140
اِنْ یَّمْسَسْكُمْ قَرْحٌ فَقَدْ مَسَّ الْقَوْمَ قَرْحٌ مِّثْلُهٗ ؕ وَتِلْكَ الْاَیَّامُ نُدَاوِلُهَا بَیْنَ النَّاسِ ۚ وَلِیَعْلَمَ اللّٰهُ الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا وَیَتَّخِذَ مِنْكُمْ شُهَدَآءَ ؕ وَاللّٰهُ لَا یُحِبُّ الظّٰلِمِیْنَ ۟ۙ
ʹIñy yamsaskum q̣arḥuñ faq̣ad massal q̣awma q̣arḥum mis̤luh. Wa-tilkal ʹayyaamu nudaawiluhaa baynan naas: wa-liyaʻlamal laahul laẓeena ʹaamanoo wa-yattakhiẓa miñkum shuhadaaaʹ. Wal-laahu laa- yu-ḥibbuz̤̣ Z̤̣aalimeen.
ئەگەر سىلەرگە شىكەستىلىك يەتكەن بولسا (يەنى بۇ جەڭدە سىلەر يارىلانغان ۋە شەھىد بولغان بولساڭلار)، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا شىكەستىلىك يەتتى (يەنى ئۇلار يارىلاندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى). بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز (يەنى غەلىبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىركۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)، (بۇ) ئاللاھنىڭ (ھەقىقىي) مۆمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن) ئايرىشى ئۈچۈندۇر، سىلەرنى شەھىدلەردىن قىلىشى (يەنى سىلەردىن بەزىلەرنى شەھىدلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ قىلىشى) ئۈچۈندۇر، ـ ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ.
Verse 3:141
وَلِیُمَحِّصَ اللّٰهُ الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا وَیَمْحَقَ الْكٰفِرِیْنَ ۟
Wa-liyumaḥ-ḥiṣal laahul laẓeena ʹaamanoo wa-yamḥaq̣al kaafireen.
مۆمىنلەرنى (ئۇلارغا يەتكەن مۇسىبەت ئارقىلىق) پاكلىشى ئۈچۈندۇر، كاپىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر.
Verse 3:142
اَمْ حَسِبْتُمْ اَنْ تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا یَعْلَمِ اللّٰهُ الَّذِیْنَ جٰهَدُوْا مِنْكُمْ وَیَعْلَمَ الصّٰبِرِیْنَ ۟
ʹAm ḥasibtum ʹañ tadkhulul Jannata wa-lamma yaʻlamil laahul laẓeena jaahadoo miñkum wa-yaʻlamaṣ Ṣaabireen?
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) ئاللاھ سىلەردىن (ھەقىقىي) جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغۇچىلارنى بىلمەي (يەنى ئايرىماي) تۇرۇپ، (پەقەت ئاغزىڭلاردا ئىمان ئېيتتۇق دېيىش بىلەنلا) جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟.
Verse 3:143
وَلَقَدْ كُنْتُمْ تَمَنَّوْنَ الْمَوْتَ مِنْ قَبْلِ اَنْ تَلْقَوْهُ ۪ فَقَدْ رَاَیْتُمُوْهُ وَاَنْتُمْ تَنْظُرُوْنَ ۟۠
Wa-laq̣ad kuñtum tamannawnal mawta miñ q̣abli ʻañ tal-q̣awh: faq̣ad raʹaytumoohu wa-ʹañtum tañz̤̣uroon.
سىلەر ئۆلۈم (يەنى دۈشمەن) بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار .
Verse 3:144
وَمَا مُحَمَّدٌ اِلَّا رَسُوْلٌ ۚ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِ الرُّسُلُ ؕ اَفَاۡىِٕنْ مَّاتَ اَوْ قُتِلَ انْقَلَبْتُمْ عَلٰۤی اَعْقَابِكُمْ ؕ وَمَنْ یَّنْقَلِبْ عَلٰی عَقِبَیْهِ فَلَنْ یَّضُرَّ اللّٰهَ شَیْـًٔا ؕ وَسَیَجْزِی اللّٰهُ الشّٰكِرِیْنَ ۟
Wa-maa Muḥammadun ʹillaa Rasool: q̣ad khalat miñ q̣ablihir rusul. ʹAfaʹim maata ʹaw q̣utilañ q̣alabtum ʻalaaa ʹaʻq̣aabikum? Wa-many yañq̣alib ʻalaa ʻaq̣ibayhi falañy yaḍurral laaha shayʹaa; wa-sayajzil laahush Shaakireen.
مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ (يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر؟) كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.
Verse 3:145
وَمَا كَانَ لِنَفْسٍ اَنْ تَمُوْتَ اِلَّا بِاِذْنِ اللّٰهِ كِتٰبًا مُّؤَجَّلًا ؕ وَمَنْ یُّرِدْ ثَوَابَ الدُّنْیَا نُؤْتِهٖ مِنْهَا ۚ وَمَنْ یُّرِدْ ثَوَابَ الْاٰخِرَةِ نُؤْتِهٖ مِنْهَا ؕ وَسَنَجْزِی الشّٰكِرِیْنَ ۟
Wa-maa kaana linafsin ʹañ tamoota illaa biʹiẓnil laahi kitaabam muʹajjalaa. Wa-mañy yurid s̤awaabad dunyaa nuʹtihee minhaa; wa-mañy yurid s̤awaabal ʹAakhirati nuʹtihee minhaa Wa-sanaj-zish Shaakireen.
ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن (يەنى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ). كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى بېرىمىز (ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ)؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز.
Verse 3:146
وَكَاَیِّنْ مِّنْ نَّبِیٍّ قٰتَلَ ۙ مَعَهٗ رِبِّیُّوْنَ كَثِیْرٌ ۚ فَمَا وَهَنُوْا لِمَاۤ اَصَابَهُمْ فِیْ سَبِیْلِ اللّٰهِ وَمَا ضَعُفُوْا وَمَا اسْتَكَانُوْا ؕ وَاللّٰهُ یُحِبُّ الصّٰبِرِیْنَ ۟
Wakaʹayyim min nabyyiñ q̣aatala maʻahoo Ribbiyyoona kaseer? Famaa wahanoo limaaa ʹaṣaabahum fee Sabeelil laahi wa-maa ḍaʻufoo wa-mas takaanoo. Wallaahu yuḥibbuṣ Ṣaabireen.
نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ.
Verse 3:147
وَمَا كَانَ قَوْلَهُمْ اِلَّاۤ اَنْ قَالُوْا رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا ذُنُوْبَنَا وَاِسْرَافَنَا فِیْۤ اَمْرِنَا وَثَبِّتْ اَقْدَامَنَا وَانْصُرْنَا عَلَی الْقَوْمِ الْكٰفِرِیْنَ ۟
Wa-maa kaana q̣awlahum ʹillaaa ʹañ q̣aaloo Rabbanag̣ fir lanaa ẓunoobanaa wa-ʹisraafanaa feee ʹamrinaa was̤abbit ʹaq̣daamanaa wañṣurnaa ʻalal q̣awmil kaafireen.
ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: «پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا بولمىدى.
Verse 3:148
فَاٰتٰىهُمُ اللّٰهُ ثَوَابَ الدُّنْیَا وَحُسْنَ ثَوَابِ الْاٰخِرَةِ ؕ وَاللّٰهُ یُحِبُّ الْمُحْسِنِیْنَ ۟۠
Faʹaataahumul laahu s̤awaabad dunyaa waḥusna s̤awaabil ʹAakhirah: Wal-laahu yuḥibbul Muhsineen.
ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى (يەنى دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى) ۋە ئاخىرەتنىڭ ئەڭ ياخشى مۇكاپاتىنى (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلدى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.
Verse 3:149
یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوْۤا اِنْ تُطِیْعُوا الَّذِیْنَ كَفَرُوْا یَرُدُّوْكُمْ عَلٰۤی اَعْقَابِكُمْ فَتَنْقَلِبُوْا خٰسِرِیْنَ ۟
Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanoo ʹiñ tuṭeeʻul laẓeena kafaroo yaruddookum ʻalaaa ʹaʻq̣aaabikum fatañq̣aliboo khaasireen.
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر كاپىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئارقاڭلارغا (يەنى كۇفرىغا) ياندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتىپ قالىسىلەر.
Verse 3:150
بَلِ اللّٰهُ مَوْلٰىكُمْ ۚ وَهُوَ خَیْرُ النّٰصِرِیْنَ ۟
Balil laahu maw-laakum, wa-Huwa Khayrun naaṣireen.
ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىدىغان مەدەتكارىڭلار ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار)، ئۇ ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
Verse 3:151
سَنُلْقِیْ فِیْ قُلُوْبِ الَّذِیْنَ كَفَرُوا الرُّعْبَ بِمَاۤ اَشْرَكُوْا بِاللّٰهِ مَا لَمْ یُنَزِّلْ بِهٖ سُلْطٰنًا ۚ وَمَاْوٰىهُمُ النَّارُ ؕ وَبِئْسَ مَثْوَی الظّٰلِمِیْنَ ۟
Sanulq̣ee fee q̣uloobil laẓeena kafarur ruʻba bimaaa ʹashrakoo bil-laahi maa- lam yunazzil bihee sulṭaanaa: wa-maʹwaa-humun Naar: wa-biʹsa mas̤waz̤̣ z̤̣aalimeen!
ئاللاھ (ئىلاھلىقى) ھەققىدە ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، زالىملارنىڭ جايى (يەنى دوزاخ) ھەقىقەتەن يامان جايدۇر.
Verse 3:152
وَلَقَدْ صَدَقَكُمُ اللّٰهُ وَعْدَهٗۤ اِذْ تَحُسُّوْنَهُمْ بِاِذْنِهٖ ۚ حَتّٰۤی اِذَا فَشِلْتُمْ وَتَنَازَعْتُمْ فِی الْاَمْرِ وَعَصَیْتُمْ مِّنْ بَعْدِ مَاۤ اَرٰىكُمْ مَّا تُحِبُّوْنَ ؕ مِنْكُمْ مَّنْ یُّرِیْدُ الدُّنْیَا وَمِنْكُمْ مَّنْ یُّرِیْدُ الْاٰخِرَةَ ۚ ثُمَّ صَرَفَكُمْ عَنْهُمْ لِیَبْتَلِیَكُمْ ۚ وَلَقَدْ عَفَا عَنْكُمْ ؕ وَاللّٰهُ ذُوْ فَضْلٍ عَلَی الْمُؤْمِنِیْنَ ۟
Wa-laq̣ad ṣadaq̣akumul laahu waʻdahooo ʹiẓ taḥussoonahum̃ biʹiẓnih, ḥattaaa ʹizaa fashiltum wa-tanaazaʻtum fil ʹamri wa-ʻaṣaytum mim baʻdi maaa ʹaraakum maa tuḥibboon. Miñkum mañy yureedud dunyaa wa-miñkum mañy yureedul ʹAakhirah. S̤umma ṣarafakum ʻanhum liyabtaliyakum. Wa-laq̣ad ʻafaa ʻañkum: wal-laahu Ẓoo faḍlin ʻalal Muʹmineen
ئاللاھ سىلەرگە قىلغان (دۈشمىنىڭلارغا قارشى نۇسرەت ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت) ۋەدىسىدە تۇردى؛ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، ئاللاھ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا جاڭجاللاشتىڭلار، (پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى دۈشمەندىن قايتۇردى (يەنى سىلەرنى غەلىبىدىن مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.
Verse 3:153
اِذْ تُصْعِدُوْنَ وَلَا تَلْوٗنَ عَلٰۤی اَحَدٍ وَّالرَّسُوْلُ یَدْعُوْكُمْ فِیْۤ اُخْرٰىكُمْ فَاَثَابَكُمْ غَمًّا بِغَمٍّ لِّكَیْلَا تَحْزَنُوْا عَلٰی مَا فَاتَكُمْ وَلَا مَاۤ اَصَابَكُمْ ؕ وَاللّٰهُ خَبِیْرٌ بِمَا تَعْمَلُوْنَ ۟
ʹIẓ tuṣʻidoona wa-laa talwoona ʻalaaa ʹaḥadiñw war-Rasoolu yadʻookum feee ʹukhraakum faʹaṣaabakum g̣ammam big̣ammil likaylaa ṭaḥzanoo ʻalaa maa- faatakum wa-laa maaa ʹaṣaabakum. Wal-laahu Khabeerum bimaa taʻmaloon.
ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر (ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كېلىڭلار، مەن رەسۇلۇللاھتۇرمەن، كىمكى جىھاد مەيدانىغا قايتسا، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ) ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىرىپ تۇراتتى، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچاتتىڭلار، (بۇنىڭدىن كېيىن) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە (يەنى غەنىيمەتكە)، بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە (يەنى مەغلۇبىيەتكە) قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە غەم ئۈستىگە غەم بەردى (يەنى سىلەرنى غەنىيمەتتىن مەھرۇم قىلغاننىڭ ئۈستىگە مەغلۇبىيەت بىلەن جازالىدى). ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
Verse 3:154
ثُمَّ اَنْزَلَ عَلَیْكُمْ مِّنْ بَعْدِ الْغَمِّ اَمَنَةً نُّعَاسًا یَّغْشٰی طَآىِٕفَةً مِّنْكُمْ ۙ وَطَآىِٕفَةٌ قَدْ اَهَمَّتْهُمْ اَنْفُسُهُمْ یَظُنُّوْنَ بِاللّٰهِ غَیْرَ الْحَقِّ ظَنَّ الْجَاهِلِیَّةِ ؕ یَقُوْلُوْنَ هَلْ لَّنَا مِنَ الْاَمْرِ مِنْ شَیْءٍ ؕ قُلْ اِنَّ الْاَمْرَ كُلَّهٗ لِلّٰهِ ؕ یُخْفُوْنَ فِیْۤ اَنْفُسِهِمْ مَّا لَا یُبْدُوْنَ لَكَ ؕ یَقُوْلُوْنَ لَوْ كَانَ لَنَا مِنَ الْاَمْرِ شَیْءٌ مَّا قُتِلْنَا هٰهُنَا ؕ قُلْ لَّوْ كُنْتُمْ فِیْ بُیُوْتِكُمْ لَبَرَزَ الَّذِیْنَ كُتِبَ عَلَیْهِمُ الْقَتْلُ اِلٰی مَضَاجِعِهِمْ ۚ وَلِیَبْتَلِیَ اللّٰهُ مَا فِیْ صُدُوْرِكُمْ وَلِیُمَحِّصَ مَا فِیْ قُلُوْبِكُمْ ؕ وَاللّٰهُ عَلِیْمٌۢ بِذَاتِ الصُّدُوْرِ ۟
S̤umma ʹañzala ʻalaykum min baʻdil g̣ammi ʹamanatan nuʻaasañy yag̣shaa ṭaaaʹifatam miñkum waṭaaaʹifatuñ q̣ad ʹahammathum ʹañfusuhum ya-Z̤̣unnoona bil-laahi g̣ayral ḥaq̣q̣i z̤̣annal jaahiliyyah. Yaq̣ooloona hal lanaa minal ʹamri miñ shayʹ. Q̣ul ʹinnal ʹamra kullahoo lillaah. Yukhfoona feee ʹañfusihim Maa laa- yubdoona lak. Yaq̣ooloona law kaana lanaa minal ʹamri shayʹum maa q̣utilna haahunaa. Q̣ul law kuñtum fee buyootikum labarazal laẓeena kutiba ʻalayhimul q̣atlu ʹilaa maḍaajiʻihim; walliyabtaliyal laahu maa- fee ṣudoorikum waliyumaḥḥiṣa maa- fee q̣uloobikum. Wallaahu ʻAleemum biẓaatiṣ ṣudoor.
غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە ئەمىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەرنى) مۈگدەك باستى، يەنە بىر قىسمىڭلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى (يەنى كۇففارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ، دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى). بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھقا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدە». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ قازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ). (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى پاكلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كۆڭۈللەردىكىنى (ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) بىلگۈچىدۇر».
Verse 3:155
اِنَّ الَّذِیْنَ تَوَلَّوْا مِنْكُمْ یَوْمَ الْتَقَی الْجَمْعٰنِ ۙ اِنَّمَا اسْتَزَلَّهُمُ الشَّیْطٰنُ بِبَعْضِ مَا كَسَبُوْا ۚ وَلَقَدْ عَفَا اللّٰهُ عَنْهُمْ ؕ اِنَّ اللّٰهَ غَفُوْرٌ حَلِیْمٌ ۟۠
ʹInnal laẓeena tawallaw miñkum Yawmal taq̣al jamʻaani ʹinnamas tazal-lahumush Shayṭaanu bibaʻḍi maa- kasaboo. Wa-laq̣ad ʻafal laahu ʻanhum: ʹinnal laaha G̣afoorun Haleem.
ئىككى قوشۇن (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار) بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ئىچىڭلاردىكى (جەڭدىن) ھەقىقەتەن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى، بەزى قىلمىشلىرى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلىقى) تۈپەيلىدىن، شەيتان تېيىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ).
Verse 3:156
یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا لَا تَكُوْنُوْا كَالَّذِیْنَ كَفَرُوْا وَقَالُوْا لِاِخْوَانِهِمْ اِذَا ضَرَبُوْا فِی الْاَرْضِ اَوْ كَانُوْا غُزًّی لَّوْ كَانُوْا عِنْدَنَا مَا مَاتُوْا وَمَا قُتِلُوْا ۚ لِیَجْعَلَ اللّٰهُ ذٰلِكَ حَسْرَةً فِیْ قُلُوْبِهِمْ ؕ وَاللّٰهُ یُحْیٖ وَیُمِیْتُ ؕ وَاللّٰهُ بِمَا تَعْمَلُوْنَ بَصِیْرٌ ۟
Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanoo laa- takoonoo kallaẓeena kafaroo wa-q̣aalooo liʹikhwaanihim ʹiẓaa ḍaraboo fil ʹarḍi ʹaw kaanoo g̣uzzal law kaanoo ʻiñdanaa maa- maatoo wa-maa q̣utiloo; liyajʻalal laahu ẓaalika ḥasratañ fee q̣uloobihim. Wal-laahu yuḥee wa-yumeet, wallaahu bimaa taʻmaloona Baṣeer.
ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يېنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، دېگەن كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، ئاللاھ بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ). ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 3:157
وَلَىِٕنْ قُتِلْتُمْ فِیْ سَبِیْلِ اللّٰهِ اَوْ مُتُّمْ لَمَغْفِرَةٌ مِّنَ اللّٰهِ وَرَحْمَةٌ خَیْرٌ مِّمَّا یَجْمَعُوْنَ ۟
Wa-laʹiñ q̣utiltum fee Sabeelil laahi ʹaw muttum lamag̣firatum minal laahi wa-raḥmatun khayrum mimmaa yajmaʻoon.
شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ يولىدا (يەنى غازاتتا) ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى (غازاتقا كېتىپ بېرىپ ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ توپلايدىغان دۇنياسىدىن ئارتۇقتۇر.
Verse 3:158
وَلَىِٕنْ مُّتُّمْ اَوْ قُتِلْتُمْ لَاۡاِلَی اللّٰهِ تُحْشَرُوْنَ ۟
Wa-laʹim muttum ʹaw q̣utiltum laʹilal laahi tuḥsharoon.
ئەگەر سىلەر (ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار ياكى (جەڭ مەيدانىدا) ئۆلتۈرۈلسەڭلار، (ئاخىرەتتە) چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر (ئاللاھ سىلەرنى ئەمەلىڭلارغا قاراپ مۇكاپاتلايدۇ).
Verse 3:159
فَبِمَا رَحْمَةٍ مِّنَ اللّٰهِ لِنْتَ لَهُمْ ۚ وَلَوْ كُنْتَ فَظًّا غَلِیْظَ الْقَلْبِ لَانْفَضُّوْا مِنْ حَوْلِكَ ۪ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَشَاوِرْهُمْ فِی الْاَمْرِ ۚ فَاِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَی اللّٰهِ ؕ اِنَّ اللّٰهَ یُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِیْنَ ۟
Fabimaa Raḥmatim minal laahi liñta lahum. Wa-law kuñta faz̤̣z̤̣an g̣aleez̤̣al q̣albi lañ-faḍḍoo min ḥawlik: faʻfu ʻanhum wastag̣fir lahum wa-shaawir-hum fil ʹamr. Faʹiẓaa ʻazamta fatawakkal ʻalal laah. ʹInnal laaha yuḥibbul Mutawakkileen.
ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.
Verse 3:160
اِنْ یَّنْصُرْكُمُ اللّٰهُ فَلَا غَالِبَ لَكُمْ ۚ وَاِنْ یَّخْذُلْكُمْ فَمَنْ ذَا الَّذِیْ یَنْصُرُكُمْ مِّنْ بَعْدِهٖ ؕ وَعَلَی اللّٰهِ فَلْیَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُوْنَ ۟
ʹIñy yañṣurkumul laahu falaa g̣aaliba lakum: wa-ʹiñy yakhẓulkum famañ ẓal laẓee yañ-ṣurukum mim baʻdih? Wa-ʻalal laahi fal-yatawak-kalil Muʹminoon.
ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردىمىنى تەرك ئەتسە، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر يالغۇز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن).
Verse 3:161
وَمَا كَانَ لِنَبِیٍّ اَنْ یَّغُلَّ ؕ وَمَنْ یَّغْلُلْ یَاْتِ بِمَا غَلَّ یَوْمَ الْقِیٰمَةِ ۚ ثُمَّ تُوَفّٰی كُلُّ نَفْسٍ مَّا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا یُظْلَمُوْنَ ۟
Wa-maa kaana linabiyyin ʹañy yag̣ull. Wa-mañy yag̣lul yaʹti bimaa g̣alla Yawmal Q̣iyaamah; s̤umma tuwaffaa kullu nafsim maa kasabat wahum laa- yuz̤̣lamoon.
ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر غەنىيمەتكە خىيانەت قىلمايدۇ (يەنى بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ). كىمكى غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن (يەنى خىيانەت قىلغان نەرسىسى گەجگىسىگە ئارتىلغان ھالدا) كېلىدۇ. ئاندىن ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات، (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا (ياخشىلارنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىپ، ئاسىيلارنىڭ جازاسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ) زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
Verse 3:162
اَفَمَنِ اتَّبَعَ رِضْوَانَ اللّٰهِ كَمَنْ بَآءَ بِسَخَطٍ مِّنَ اللّٰهِ وَمَاْوٰىهُ جَهَنَّمُ ؕ وَبِئْسَ الْمَصِیْرُ ۟
ʹAfamanit tabaʻa Riḍwaanal laahi kamam baaaʹa bisakhaṭim minal laahi wa-maʹwaahu Jahannam, wa-biʹsal maṣeer?
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىگە ئوخشامدۇ؟ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!.
Verse 3:163
هُمْ دَرَجٰتٌ عِنْدَ اللّٰهِ ؕ وَاللّٰهُ بَصِیْرٌ بِمَا یَعْمَلُوْنَ ۟
Hum darajaatun ʻiñdal laah: wallaahu Baṣeerum bimaa yaʻmaloon.
ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ دەرىجىسى تۈرلۈك بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 3:164
لَقَدْ مَنَّ اللّٰهُ عَلَی الْمُؤْمِنِیْنَ اِذْ بَعَثَ فِیْهِمْ رَسُوْلًا مِّنْ اَنْفُسِهِمْ یَتْلُوْا عَلَیْهِمْ اٰیٰتِهٖ وَیُزَكِّیْهِمْ وَیُعَلِّمُهُمُ الْكِتٰبَ وَالْحِكْمَةَ ۚ وَاِنْ كَانُوْا مِنْ قَبْلُ لَفِیْ ضَلٰلٍ مُّبِیْنٍ ۟
Laq̣ad mannal laahu ʻalal Muʹmineena ʹiẓ baʻas̤a feehim Rasoolam min ʹañfusihim yatloo ʻalayhim ʹAayaatihee wa-yuzak-keehim wa-yuʻallimu-humul Kitaaba wal-Ḥikmata wa-ʹiñ kaanoo miñ q̣ablu lafee ḍalaalim mubeen.
ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى.
Verse 3:165
اَوَلَمَّاۤ اَصَابَتْكُمْ مُّصِیْبَةٌ قَدْ اَصَبْتُمْ مِّثْلَیْهَا ۙ قُلْتُمْ اَنّٰی هٰذَا ؕ قُلْ هُوَ مِنْ عِنْدِ اَنْفُسِكُمْ ؕ اِنَّ اللّٰهَ عَلٰی كُلِّ شَیْءٍ قَدِیْرٌ ۟
ʹA-walammaaa ʹaṣaabatkum muṣeebatuñ q̣ad ʹaṣabtum mis̤layhaa q̣ultum ʹannaa haaẓaa? Q̣ul huwa min ʻiñdi ʹañfusikum: ʹinnal laaha ʻalaa kulli shayʹiñ Q̣adeer.
سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا (يەنى ئۇھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 70 كىشىنى ئەسىر ئالغان تۇرساڭلار)، سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنىيمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى». ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
Verse 3:166
وَمَاۤ اَصَابَكُمْ یَوْمَ الْتَقَی الْجَمْعٰنِ فَبِاِذْنِ اللّٰهِ وَلِیَعْلَمَ الْمُؤْمِنِیْنَ ۟ۙ
Wa-maaa ʹaṣaabakum yawmal taq̣al jamʻaani fabiʹiẓnil laahi wa-liyaʻlamal Muʹmineen;
ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار توقۇنۇشقان ئۇھۇد جېڭىدە) سىلەرگە كەلگەن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەندۇر، بۇ ھەقىقىي مۆمىنلەرنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇر.
Verse 3:167
وَلِیَعْلَمَ الَّذِیْنَ نَافَقُوْا ۖۚ وَقِیْلَ لَهُمْ تَعَالَوْا قَاتِلُوْا فِیْ سَبِیْلِ اللّٰهِ اَوِ ادْفَعُوْا ؕ قَالُوْا لَوْ نَعْلَمُ قِتَالًا لَّاتَّبَعْنٰكُمْ ؕ هُمْ لِلْكُفْرِ یَوْمَىِٕذٍ اَقْرَبُ مِنْهُمْ لِلْاِیْمَانِ ۚ یَقُوْلُوْنَ بِاَفْوَاهِهِمْ مَّا لَیْسَ فِیْ قُلُوْبِهِمْ ؕ وَاللّٰهُ اَعْلَمُ بِمَا یَكْتُمُوْنَ ۟ۚ
Wa-liyaʻlamal laẓeena naafaq̣oo wa-q̣eela lahum taʻaalaw q̣aatiloo fee Sabeelil laahi ʹawid faʻoo. Q̣aaloo law naʻlamu q̣itaalal-lat tabaʻnaakum. Hum lilkufri yawmaʹiẓin ʹaq̣rabu minhum lil-ʹeemaan, Yaq̣ooloona biʹafwaahihim maa laysa fee q̣uloobihim. Wal-laahu ʹAʻlamu bimaa yaktumoon.
ۋە مۇناپىقلارنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا: «كېلىڭلار، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى (ئۆزۈڭلارنى) قوغداڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۇرۇشتىن خەۋەر تاپقان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەرگە ئەگىشەتتۇق (يەنى سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلاتتۇق)» دېدى. ئۇ كۈندە ئۇلار ئىمانغا قارىغاندا كۇفرىغا يېقىن ئىدى. ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوق نەرسىلەرنى ئېغىزلىرىدا دېدى، ئۇلار يوشۇرغاننى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن مۇشرىكلىكنى) ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ.
Verse 3:168
اَلَّذِیْنَ قَالُوْا لِاِخْوَانِهِمْ وَقَعَدُوْا لَوْ اَطَاعُوْنَا مَا قُتِلُوْا ؕ قُلْ فَادْرَءُوْا عَنْ اَنْفُسِكُمُ الْمَوْتَ اِنْ كُنْتُمْ صٰدِقِیْنَ ۟
ʹAllaẓeena q̣aaloo liʹikhwaanihim wa-q̣aʻadoo law ʹaṭaaʻoonaa maa q̣utiloo Q̣ul fadraʹoo ʻan ʹañfusikumul mawta ʹiñ kuñtum ṣaadiq̣een.
(بۇ يەنە ئاللاھنىڭ) ئۇرۇشقا چىقىشنى خالىمىغان (مۇناپىقلارنى ئايرىشى ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئۆيلىرىدە) ئولتۇرۇپ قېرىنداشلىرىغا: «ئەگەر ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) بىزگە بويسۇنغان بولسا (يەنى نەسىھىتىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشتىن قايتقان بولسا)، ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر ئۇرۇشقا چىقماسلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بولسا) ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار».
Verse 3:169
وَلَا تَحْسَبَنَّ الَّذِیْنَ قُتِلُوْا فِیْ سَبِیْلِ اللّٰهِ اَمْوَاتًا ؕ بَلْ اَحْیَآءٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ یُرْزَقُوْنَ ۟ۙ
Wa-laa taḥsabannal laẓeena q̣utiloo fee Sabilil laahi ʹamwaataa. Bal ʹaḥyaaaʹun ʻiñda Rabbihim yurzaq̣oon;
ئاللاھنىڭ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇلۇپ تۇرىدۇ).
Verse 3:170
فَرِحِیْنَ بِمَاۤ اٰتٰىهُمُ اللّٰهُ مِنْ فَضْلِهٖ ۙ وَیَسْتَبْشِرُوْنَ بِالَّذِیْنَ لَمْ یَلْحَقُوْا بِهِمْ مِّنْ خَلْفِهِمْ ۙ اَلَّا خَوْفٌ عَلَیْهِمْ وَلَا هُمْ یَحْزَنُوْنَ ۟ۘ
Fariḥeena bimaaa ʹaataahumul laahu miñ faḍlihee wa-yas-tabshiroona billaẓeena lam yalḥaq̣oo bihim min khalfihim ʹallaa khawfun ʻalayhim wa-laa hum yaḥzanoon.
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن (يەنى شېھىت بولماي تىرىك قالغان) قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە) نە قورقۇنچ، (دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىغا) نە قايغۇ يوق ئىكەنلىكى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ.
Verse 3:171
یَسْتَبْشِرُوْنَ بِنِعْمَةٍ مِّنَ اللّٰهِ وَفَضْلٍ ۙ وَّاَنَّ اللّٰهَ لَا یُضِیْعُ اَجْرَ الْمُؤْمِنِیْنَ ۟
Yastabshiroona biniʻmatim minal laahi wa-faḍliñw wa-ʹannal laaha laa yuḍeeʻu ʹajral Muʹmineen.
ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېمەت ۋە پەزلنى، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ.
Verse 3:172
اَلَّذِیْنَ اسْتَجَابُوْا لِلّٰهِ وَالرَّسُوْلِ مِنْ بَعْدِ مَاۤ اَصَابَهُمُ الْقَرْحُ ۛؕ لِلَّذِیْنَ اَحْسَنُوْا مِنْهُمْ وَاتَّقَوْا اَجْرٌ عَظِیْمٌ ۟ۚ
ʹAl-laẓeenas tajaaboo lil-laahi war-Rasooli mim baʻdi maaa ʹaṣaabahumul q̣arḥu lil-laẓeena ʹaḥsanoo minhum wattaq̣aw ʹajrun ʻaz̤̣eem.
(ئۇھۇد غازىتىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار، ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) دىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ.
Verse 3:173
اَلَّذِیْنَ قَالَ لَهُمُ النَّاسُ اِنَّ النَّاسَ قَدْ جَمَعُوْا لَكُمْ فَاخْشَوْهُمْ فَزَادَهُمْ اِیْمَانًا ۖۗ وَّقَالُوْا حَسْبُنَا اللّٰهُ وَنِعْمَ الْوَكِیْلُ ۟
ʹAllaẓeena q̣aala lahumun naasu ʹinnan naasa q̣ad jamaʻoo lakum fakhshawhum fazaadahum ʹeemaana: wa-q̣aaloo ḥasbunal laahu wa-Niʻmal Wakeel.
(مۇشرىكلار تەرەپدارى بولغان) ئادەملەر ئۇلارغا: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!» دېدى.
Verse 3:174
فَانْقَلَبُوْا بِنِعْمَةٍ مِّنَ اللّٰهِ وَفَضْلٍ لَّمْ یَمْسَسْهُمْ سُوْٓءٌ ۙ وَّاتَّبَعُوْا رِضْوَانَ اللّٰهِ ؕ وَاللّٰهُ ذُوْ فَضْلٍ عَظِیْمٍ ۟
Fañ-q̣alaboo biniʻmatim minal laahi wa-faḍlil lam yam-sashum soooʹuñw wattabaʻoo Riḍ-waanal laah: wal-laahu Ẓu faḍlin ʻAz̤̣eem.
ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى، ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر.
Verse 3:175
اِنَّمَا ذٰلِكُمُ الشَّیْطٰنُ یُخَوِّفُ اَوْلِیَآءَهٗ ۪ فَلَا تَخَافُوْهُمْ وَخَافُوْنِ اِنْ كُنْتُمْ مُّؤْمِنِیْنَ ۟
ʹInnamaa ẓaalikumush Shayṭaanu yukhawwifu ʹawliyaaaʹah. Falaa takhaafoohum wa-khaafooni ʹiñ kuñtum Muʹmineen.
ئەنە شۇ شەيتان ئۆز دوستلىرىنى (يەنى كۇففارلارنى) قورقىتىدۇ. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار.
Verse 3:176
وَلَا یَحْزُنْكَ الَّذِیْنَ یُسَارِعُوْنَ فِی الْكُفْرِ ۚ اِنَّهُمْ لَنْ یَّضُرُّوا اللّٰهَ شَیْـًٔا ؕ یُرِیْدُ اللّٰهُ اَلَّا یَجْعَلَ لَهُمْ حَظًّا فِی الْاٰخِرَةِ ۚ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِیْمٌ ۟
Wa-laa yaḥzuñkal laẓeena yusaariʻoona fil kufr: ʹinnahum lañy yaḍurrul laaha shayʹaa. Yureedul laahu ʹallaa yajʻala lahum ḥaz̤̣z̤̣añ fil ʹAakhirati wa-lahum ʻaẓaabum ʻaz̤̣eem.
(ئى مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا (ساۋابتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
Verse 3:177
اِنَّ الَّذِیْنَ اشْتَرَوُا الْكُفْرَ بِالْاِیْمَانِ لَنْ یَّضُرُّوا اللّٰهَ شَیْـًٔا ۚ وَلَهُمْ عَذَابٌ اَلِیْمٌ ۟
ʹInnal laẓeenash tarawul kufra bil-ʹeemaani lañy yaḍurrul laaha shayʹaa; wa-lahum ʻaẓaabun ʹaleem.
ئىماننى كۇفرىغا تېگىشكەنلەر (يەنى مەزكۇر مۇناپىقلار) (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
Verse 3:178
وَلَا یَحْسَبَنَّ الَّذِیْنَ كَفَرُوْۤا اَنَّمَا نُمْلِیْ لَهُمْ خَیْرٌ لِّاَنْفُسِهِمْ ؕ اِنَّمَا نُمْلِیْ لَهُمْ لِیَزْدَادُوْۤا اِثْمًا ۚ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُّهِیْنٌ ۟
Wa-laa yaḥ-sabannal laẓeena kafarooo ʹannamaa numlee lahum khayrulli ʹañfusihim: ʹinnamaa numlee lahum liyazdaadooo ʹis̤maa: wa-lahum ʻaẓaabum muheen.
كاپىرلار ئۆزلىرىگە (جازا بەرمەستىن) مۆھلەت بېرىشىمىزنى (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى) ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز (ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز) پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار (ئاخىرەتتە) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
Verse 3:179
مَا كَانَ اللّٰهُ لِیَذَرَ الْمُؤْمِنِیْنَ عَلٰی مَاۤ اَنْتُمْ عَلَیْهِ حَتّٰی یَمِیْزَ الْخَبِیْثَ مِنَ الطَّیِّبِ ؕ وَمَا كَانَ اللّٰهُ لِیُطْلِعَكُمْ عَلَی الْغَیْبِ وَلٰكِنَّ اللّٰهَ یَجْتَبِیْ مِنْ رُّسُلِهٖ مَنْ یَّشَآءُ ۪ فَاٰمِنُوْا بِاللّٰهِ وَرُسُلِهٖ ۚ وَاِنْ تُؤْمِنُوْا وَتَتَّقُوْا فَلَكُمْ اَجْرٌ عَظِیْمٌ ۟
Maa- kaanal lahu liyaẓaral Muʹmineena ʻalaa maaa ʹañtum ʻalayhi ḥattaa yameeẓal khabees̤a minaṭ ṭayyib. Wa-maa kaanal laahu liyuṭliʻakum ʻalal g̣aybi wa-laakinnal laaha yajtabee mir rusulihee mañy yashaaaʹ. Faʹaaminoo billaahi wa-rusulih. Wa-ʹiñ tuʹminoo wa-tattaq̣oo falakum ʹajrun ʻaz̤̣eem.
ئاللاھ ياماننى (يەنى مۇناپىقنى) ياخشىدىن (يەنى مۆمىندىن) ئايرىمىغىچە مۆمىنلەرنى (يەنى سىلەرنى) ھازىرقى پېتىڭلارچە قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى غەيبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ ۋەلېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇناپىقلارنىڭ ھالىنى بىلدۈرگەندەك) غەيبنى بىلدۈرىدۇ؛ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە (پەرۋەردىگارىڭلاردىن) قورقساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر.
Verse 3:180
وَلَا یَحْسَبَنَّ الَّذِیْنَ یَبْخَلُوْنَ بِمَاۤ اٰتٰىهُمُ اللّٰهُ مِنْ فَضْلِهٖ هُوَ خَیْرًا لَّهُمْ ؕ بَلْ هُوَ شَرٌّ لَّهُمْ ؕ سَیُطَوَّقُوْنَ مَا بَخِلُوْا بِهٖ یَوْمَ الْقِیٰمَةِ ؕ وَلِلّٰهِ مِیْرَاثُ السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضِ ؕ وَاللّٰهُ بِمَا تَعْمَلُوْنَ خَبِیْرٌ ۟۠
Wa-laa yaḥ-sabanaal laẓeena yab-khaloona bimaaa ʹaataahumul laahu miñ faḍlihee huwa khayral lahum: bal huwa sharrul lahum: sayuṭawwaq̣oona maa- bakhiloo bihee Yawmal Q̣iyaamah Wa-lillaahi meeraas̤us samaawaati wal-ʹarḍ: wal-laahu bimaa taʻmaloona Khabeer.
ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل ـ مالغا) بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلار پانىي بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). ئاللاھ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
Verse 3:181
لَقَدْ سَمِعَ اللّٰهُ قَوْلَ الَّذِیْنَ قَالُوْۤا اِنَّ اللّٰهَ فَقِیْرٌ وَّنَحْنُ اَغْنِیَآءُ ۘ سَنَكْتُبُ مَا قَالُوْا وَقَتْلَهُمُ الْاَنْۢبِیَآءَ بِغَیْرِ حَقٍّ ۙ وَّنَقُوْلُ ذُوْقُوْا عَذَابَ الْحَرِیْقِ ۟
Laq̣ad samiʻal laahu q̣awlal laẓeena q̣aaloo ʹinnal laaha faq̣eeruñw wanaḥnu ʹag̣niyaaaʹ Sanaktubu maa- q̣aaloo wa-q̣at-lahumul ʹAmbiyaaʹa big̣ayri ḥaq̣q̣iñw wanaq̣oolu ẓooq̣oo ʻaẓaabal ḥareeq̣!
«ئاللاھ ھەقىقەتەن پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز (يەنى نامە ـ ئەمالىغا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە بۇنى ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالىغا يېزىشنى بۇيرۇيمىز) ھەمدە ئاخىرەتتە پەرىشتىلەر تىلى ئارقىلىق، كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار، دەيمىز.
Verse 3:182
ذٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ اَیْدِیْكُمْ وَاَنَّ اللّٰهَ لَیْسَ بِظَلَّامٍ لِّلْعَبِیْدِ ۟ۚ
Ẓaalika bimaa q̣addamat ʹaydeekum wa-ʹannal laaha laysa bi-Z̤̣allaamil lilʻabeed.
بۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر.
Verse 3:183
اَلَّذِیْنَ قَالُوْۤا اِنَّ اللّٰهَ عَهِدَ اِلَیْنَاۤ اَلَّا نُؤْمِنَ لِرَسُوْلٍ حَتّٰی یَاْتِیَنَا بِقُرْبَانٍ تَاْكُلُهُ النَّارُ ؕ قُلْ قَدْ جَآءَكُمْ رُسُلٌ مِّنْ قَبْلِیْ بِالْبَیِّنٰتِ وَبِالَّذِیْ قُلْتُمْ فَلِمَ قَتَلْتُمُوْهُمْ اِنْ كُنْتُمْ صٰدِقِیْنَ ۟
ʹAllaẓeena q̣aalooo ʹinnal laaha ʻahida ʹilaynaa ʹallaa nuʹmina li-Rasoolin ḥattaa yaʹtiyanaa biq̣urbaaniñ taʹkuluhun Naar. Q̣ul q̣ad jaaaʹakum rusulum miñ q̣ablee bil-Bayyinaati wa-billaẓee q̣ultum falima q̣atal-tumoohum ʹiñ kuñtum ṣaadiq̣een?
ئۇلار: «(تەۋراتتا) ئاللاھ بىزنى (ئاسماندىن چۈشكەن) ئاتەش يەپ كېتىدىغان بىر قۇربانلىق كەلتۈرمىگۈچە ھەقىقەتەن ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇدى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە مۆجىزىلەر كەلدى ۋە سىلەر ئېيتقان مۆجىزە بىلەن ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەر كەلدى؛ ئەگەر سىلەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟».
Verse 3:184
فَاِنْ كَذَّبُوْكَ فَقَدْ كُذِّبَ رُسُلٌ مِّنْ قَبْلِكَ جَآءُوْ بِالْبَیِّنٰتِ وَالزُّبُرِ وَالْكِتٰبِ الْمُنِیْرِ ۟
Faʹiñ kaẓ-ẓabooka faq̣ad kuẓ-ẓiba rusulum miñ q̣ablika jaaaʹoo bil-Bayyinaati waz-Zuburi wal-Kitaabil Muneer.
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن، مۆجىزىلەرنى، كىتابلارنى (يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش ساماۋى كىتابلارنى) ۋە نۇرلۇق كىتابنى (يەنى تەۋرات، ئىنجىلغا ئوخشاشلارنى) ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانغا چىقىرىلغان ئىدى.
Verse 3:185
كُلُّ نَفْسٍ ذَآىِٕقَةُ الْمَوْتِ ؕ وَاِنَّمَا تُوَفَّوْنَ اُجُوْرَكُمْ یَوْمَ الْقِیٰمَةِ ؕ فَمَنْ زُحْزِحَ عَنِ النَّارِ وَاُدْخِلَ الْجَنَّةَ فَقَدْ فَازَ ؕ وَمَا الْحَیٰوةُ الدُّنْیَاۤ اِلَّا مَتَاعُ الْغُرُوْرِ ۟
Kullu nafsiñ ẓaaaʹiq̣atul mawt. Wa-ʹinnamaa tuwaffawna ʹujoorakum Yawmal Q̣iyaamah. Famañ zuḥziḥa ʻanin naari wa-ʹudkhilal Jannata faq̣ad faaz. Wa-mal ḥayaatud dunyaaa ʹillaa mataaʻul g̣uroor.
ھەر بىرجان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى جەزمەن تولۇق بېرىلىدۇ. كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان نەرسىدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ).
Verse 3:186
لَتُبْلَوُنَّ فِیْۤ اَمْوَالِكُمْ وَاَنْفُسِكُمْ ۫ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِیْنَ اُوْتُوا الْكِتٰبَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَمِنَ الَّذِیْنَ اَشْرَكُوْۤا اَذًی كَثِیْرًا ؕ وَاِنْ تَصْبِرُوْا وَتَتَّقُوْا فَاِنَّ ذٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْاُمُوْرِ ۟
Latublawunna feee ʹamwaalikum wa-ʹañfusikum; wa-latasmaʻunna minal laẓeena ʹootul Kitaaba miñ q̣ablikum wa-minal laẓeena ʹashrakooo ʹaẓañ kas̤eeraa. Wa-ʹiñ taṣbiroo wa-tattaq̣oo faʹinna ẓaalika min ʻazmil ʹumoor.
سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىغە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىر ئېلىنىش، كېسەل بولۇش بىلەن) چوقۇم سىنىلىسىلەر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن ۋە مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.
Verse 3:187
وَاِذْ اَخَذَ اللّٰهُ مِیْثَاقَ الَّذِیْنَ اُوْتُوا الْكِتٰبَ لَتُبَیِّنُنَّهٗ لِلنَّاسِ وَلَا تَكْتُمُوْنَهٗ ؗ فَنَبَذُوْهُ وَرَآءَ ظُهُوْرِهِمْ وَاشْتَرَوْا بِهٖ ثَمَنًا قَلِیْلًا ؕ فَبِئْسَ مَا یَشْتَرُوْنَ ۟
Wa-ʹiẓ ʹakhaẓal laahu Mees̤aaq̣al laẓeena ʹootul Kitaaba latubayyinunnahoo lin-naasi wa-laa taktumoonah; fanabaẓoohu waraaaʹa z̤̣uhoorihim washtaraw bihee s̤amanañ q̣aleelaa. Fabiʹsa maa- yashtaroon.
ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كىتابنى (يەنى كىتابتىكى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى) كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى، لېكىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئۇلار ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇنى ئازغىنا بەدەلگە (يەنى دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىسىگە) تېگىشتى. ئۇلارنىڭ تېگىشىپ ئالغىنى نېمىدېگەن يامان!.
Verse 3:188
لَا تَحْسَبَنَّ الَّذِیْنَ یَفْرَحُوْنَ بِمَاۤ اَتَوْا وَّیُحِبُّوْنَ اَنْ یُّحْمَدُوْا بِمَا لَمْ یَفْعَلُوْا فَلَا تَحْسَبَنَّهُمْ بِمَفَازَةٍ مِّنَ الْعَذَابِ ۚ وَلَهُمْ عَذَابٌ اَلِیْمٌ ۟
Laa- taḥ-sabannal laẓeena yaf-raḥoona bimaaa ʹataw Wa yuḥibboona ʹañy yuḥmadoo bimaa lam yafʻaloo falaa taḥ-sa-bannahum̃ bimafaazatim minal ʻaẓaab. Walahum ‘azaabun Aleem
(ئى مۇھەممەد!) قىلغان ئىشلىرىدىن (يەنى ھەقنى ياپقانلىقىدىن) خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن مەدھىيەلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
Verse 3:189
وَلِلّٰهِ مُلْكُ السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضِ ؕ وَاللّٰهُ عَلٰی كُلِّ شَیْءٍ قَدِیْرٌ ۟۠
Wa-lillaahi mulkus samaawaati wal-ʹarḍi: wal-laahu ʻalaa kulli shayʹiñ Q̣adeer.
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
Verse 3:190
اِنَّ فِیْ خَلْقِ السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضِ وَاخْتِلَافِ الَّیْلِ وَالنَّهَارِ لَاٰیٰتٍ لِّاُولِی الْاَلْبَابِ ۟ۚۙ
ʹInna fee khalq̣is samaawaati wal-ʹarḍi wakhtilaafil layli wan-nahaari laʹAayaatil liʹulil ʹalbaab.
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار.
Verse 3:191
الَّذِیْنَ یَذْكُرُوْنَ اللّٰهَ قِیٰمًا وَّقُعُوْدًا وَّعَلٰی جُنُوْبِهِمْ وَیَتَفَكَّرُوْنَ فِیْ خَلْقِ السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضِ ۚ رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ هٰذَا بَاطِلًا ۚ سُبْحٰنَكَ فَقِنَا عَذَابَ النَّارِ ۟
ʹAl-laẓeena yaẓ-kuroonal laaha q̣iyaamanw waq̣uʻoodañw waʻalaa junoobihim wa-yata-fakkaroona fee khalq̣is samaawaati wal-ʹarḍ: Rabbanaa maa- khalaq̣ta haaẓaa baaṭilaa! Subḥaanaka faq̣inaa ʻaẓaaban Naar!
ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
Verse 3:192
رَبَّنَاۤ اِنَّكَ مَنْ تُدْخِلِ النَّارَ فَقَدْ اَخْزَیْتَهٗ ؕ وَمَا لِلظّٰلِمِیْنَ مِنْ اَنْصَارٍ ۟
Rabbanaaa ʹinnaka mañ tud-khilin Naara faq̣ad ʹakhzaytah: wa-maa liz̤̣z̤̣aalimeena min ʹañṣaar!
پەرۋەردىگارىمىز! سەن كىمنىكى دوزاخقا كىرگۈزىدىكەنسەن، ئۇنى ئەلۋەتتە خار قىلغان بولىسەن. زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ.
Verse 3:193
رَبَّنَاۤ اِنَّنَا سَمِعْنَا مُنَادِیًا یُّنَادِیْ لِلْاِیْمَانِ اَنْ اٰمِنُوْا بِرَبِّكُمْ فَاٰمَنَّا ۖۗ رَبَّنَا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوْبَنَا وَكَفِّرْ عَنَّا سَیِّاٰتِنَا وَتَوَفَّنَا مَعَ الْاَبْرَارِ ۟ۚ
Rabbanaaa ʹinnanaa samiʻnaa Munaadiyañay yaunaadee lil-eemaani ʹan ʹaaminoo bi-Rabbikum faʹaamannaa. Rabbanaa fag̣fir lanaa ẓunoobanaa wa-kaffir ʻannaa sayyiʹaatinaa wa-tawaffanaa maʻal ʹAbraar.
پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ”رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار“ دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىمان ئېيتتۇق. پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن.
Verse 3:194
رَبَّنَا وَاٰتِنَا مَا وَعَدْتَّنَا عَلٰی رُسُلِكَ وَلَا تُخْزِنَا یَوْمَ الْقِیٰمَةِ ؕ اِنَّكَ لَا تُخْلِفُ الْمِیْعَادَ ۟
Rabbanaa wa-ʹaatinaa ma wa-ʻattanaa ʻalaa rusulika wa-laa tukhzinaa Yawmal Q̣iyaamah: ʹinnaka laa- tukhliful meeʻaad.
پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى (يەنى ئىتائەت قىلغانلارغا خاس بولغان جەننەتنى) بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن».
Verse 3:195
فَاسْتَجَابَ لَهُمْ رَبُّهُمْ اَنِّیْ لَاۤ اُضِیْعُ عَمَلَ عَامِلٍ مِّنْكُمْ مِّنْ ذَكَرٍ اَوْ اُ ۚ بَعْضُكُمْ مِّنْ بَعْضٍ ۚ فَالَّذِیْنَ هَاجَرُوْا وَاُخْرِجُوْا مِنْ دِیَارِهِمْ وَاُوْذُوْا فِیْ سَبِیْلِیْ وَقٰتَلُوْا وَقُتِلُوْا لَاُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَیِّاٰتِهِمْ وَلَاُدْخِلَنَّهُمْ جَنّٰتٍ تَجْرِیْ مِنْ تَحْتِهَا الْاَنْهٰرُ ۚ ثَوَابًا مِّنْ عِنْدِ اللّٰهِ ؕ وَاللّٰهُ عِنْدَهٗ حُسْنُ الثَّوَابِ ۟
Fas-tajaaba lahum Rabbuhum ʹannee laaa ʹuḍeeʻu ʻamala ʻaamilim miñkum miñ ẓakarin ʹaw ʹuñs̤aa. Baʻḍukum mim baʻḍ. Fal-laẓeena haajaroo wa-ʹukhrijoo miñ diyaarihim wa-ʹooẓoo fee Sabeelee wa-q̣aataloo wa-q̣utiloo laʹukaffiranna ʻanhum sayyiʹaatihim wa-laʹudkhilanna-hum Jannaatiñ tajree miñ taḥ-tihal ʹanhaar s̤awaabam min ʻiñdil laah: wal-laahu ʻiñdahoo ḥusnus̤ s̤awaab.
ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلىپ: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر ـ بىرىڭلاردىن (تۆرەلگەن)» دېدى. ئاندىن ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار، (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن) ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار.
Verse 3:196
لَا یَغُرَّنَّكَ تَقَلُّبُ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا فِی الْبِلَادِ ۟ؕ
Laa- yag̣urrannaka taq̣al-lubul laẓeena kafaroo fil bilaad.
كاپىرلارنىڭ (پۇل ـ مال، ئابرۇي، مەرتىۋە ئىزدەش يۈزىسىدىن) شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالدىمىسۇن.
Verse 3:197
مَتَاعٌ قَلِیْلٌ ۫ ثُمَّ مَاْوٰىهُمْ جَهَنَّمُ ؕ وَبِئْسَ الْمِهَادُ ۟
Mataaʻuñ q̣aleel: s̤umma maʹwaahum Jahannam: wa-biʹsal mihaad!
بۇ ئازغىنا بەھرىمەن بولۇشتۇر، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان تۆشەك!.
Verse 3:198
لٰكِنِ الَّذِیْنَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ لَهُمْ جَنّٰتٌ تَجْرِیْ مِنْ تَحْتِهَا الْاَنْهٰرُ خٰلِدِیْنَ فِیْهَا نُزُلًا مِّنْ عِنْدِ اللّٰهِ ؕ وَمَا عِنْدَ اللّٰهِ خَیْرٌ لِّلْاَبْرَارِ ۟
Laakinil laẓeenat taq̣aw Rabbahum lahum Jannatuñ tajree miñ taḥ-tihal ʹanhaaru khaalideena feehaa nuzulam min ʻiñdil laah: wa-maa ʻiñdal laahi khayrul lil-ʹAbraar.
پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان كۈتۈۋېلىشتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر (يەنى مۇكاپات ۋە ھۆرمەت) ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن (كۇففارلار بەھرىمەن بولغان باقاسى يوق ئازغىنا راھەتتىن) ئارتۇقتۇر
Verse 3:199
وَاِنَّ مِنْ اَهْلِ الْكِتٰبِ لَمَنْ یُّؤْمِنُ بِاللّٰهِ وَمَاۤ اُنْزِلَ اِلَیْكُمْ وَمَاۤ اُنْزِلَ اِلَیْهِمْ خٰشِعِیْنَ لِلّٰهِ ۙ لَا یَشْتَرُوْنَ بِاٰیٰتِ اللّٰهِ ثَمَنًا قَلِیْلًا ؕ اُولٰٓىِٕكَ لَهُمْ اَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ ؕ اِنَّ اللّٰهَ سَرِیْعُ الْحِسَابِ ۟
Wa-ʹinna min ʹAhlil Kitaabi lamañy yuʹminu billaahi wa-maaa ʹuñzila ʹilaykum wa-maaa ʹuñzila ʹilayhim khaashiʻeena lillaahi laa- yashtaroona biʹAayaatil laahi s̤amanañ q̣aleelaa. ʹUlaaaʹika lahum ʹajruhum ʻiñda Rabbihim: ʹinnal laaha Sareeʻul ḥisaab.
ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، راھىبلارغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىنى دەپ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ)، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
Verse 3:200
یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوا اصْبِرُوْا وَصَابِرُوْا وَرَابِطُوْا ۫ وَاتَّقُوا اللّٰهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُوْنَ ۟۠
Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanuṣ biroo waṣaabiroo wa-raabiṭoo: wattaq̣ul laaha laʻallakum tufliḥoon.
ئى مۆمىنلەر! تائەت ـ ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە قارشى زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار).