Home  /  Quran  /  Surah
Loading...
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ

Surah Al-Qalam

Surah Al-Qalam (The Pen) is Surah 68 of the Holy Quran, a Meccan Surah with 52 verses, available here in Uyghur.

Surah 68 Meccan 52 verses Uyghur

Verse 68:1

نٓ وَالْقَلَمِ وَمَا یَسْطُرُوْنَ ۟ۙ

NOOON. WALQ̣ALAMI wa-maa yasṭuroon,―

نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى

Verse 68:2

مَاۤ اَنْتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُوْنٍ ۟ۚ

Maaa ʹañta biniʻmati Rabbika bimajnoon.

مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن.

Verse 68:3

وَاِنَّ لَكَ لَاَجْرًا غَیْرَ مَمْنُوْنٍ ۟ۚ

Wa-ʹinna laka laʹAjran g̣ayra mamnoon:

مۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسۈمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن.

Verse 68:4

وَاِنَّكَ لَعَلٰی خُلُقٍ عَظِیْمٍ ۟

Wa-ʹinnaka laʻalaa khuluq̣in ʻaz̤̣eem.

(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن.

Verse 68:5

فَسَتُبْصِرُ وَیُبْصِرُوْنَ ۟ۙ

Fasatubṣiru wa-yubṣiroon,

كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ[5ـ6].

Verse 68:6

بِاَیِّىكُمُ الْمَفْتُوْنُ ۟

Biʹayyikumul maftoon.

كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ[5ـ6].

Verse 68:7

اِنَّ رَبَّكَ هُوَ اَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِیْلِهٖ ۪ وَهُوَ اَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِیْنَ ۟

ʹInna Rabbaka Huwa ʹaʻlamu bimañ ḍalla ʻañ Sabeelih: wa-Huwa ʹAʻlamu bil-Muhtadeen.

شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.

Verse 68:8

فَلَا تُطِعِ الْمُكَذِّبِیْنَ ۟

Falaa tuṭiʻil mukaẓẓibeen.

ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن.

Verse 68:9

وَدُّوْا لَوْ تُدْهِنُ فَیُدْهِنُوْنَ ۟

Waddoo law tudhinu fayudhinoon.

ئۇلار سېنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مادارا قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ (سەن بىلەن) مادارا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

Verse 68:10

وَلَا تُطِعْ كُلَّ حَلَّافٍ مَّهِیْنٍ ۟ۙ

Wa-laa tuṭiʻ kulla ḥallaafim maheen,

قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن[10ـ13].

Verse 68:11

هَمَّازٍ مَّشَّآءٍ بِنَمِیْمٍ ۟ۙ

Hammaazim mashshaaaʹim binameem,

قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن[10ـ13].

Verse 68:12

مَّنَّاعٍ لِّلْخَیْرِ مُعْتَدٍ اَثِیْمٍ ۟ۙ

Mannaaʻil lilkhayri muʻtadin ʹas̤eem,

قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن[10ـ13].

Verse 68:13

عُتُلٍّ بَعْدَ ذٰلِكَ زَنِیْمٍ ۟ۙ

ʻUtullim baʻda ẓaalika zaneem,―

قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن[10ـ13].

Verse 68:14

اَنْ كَانَ ذَا مَالٍ وَّبَنِیْنَ ۟ؕ

ʹAñ kaana ẓaa maaliñwwa baneen.

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ[14ـ15].

Verse 68:15

اِذَا تُتْلٰی عَلَیْهِ اٰیٰتُنَا قَالَ اَسَاطِیْرُ الْاَوَّلِیْنَ ۟

ʹIẓaa tutlaa ʻalayhi ʹAayaatunaa q̣aala ʹAsaaṭeerul ʹAwwaleen!

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ[14ـ15].

Verse 68:16

سَنَسِمُهٗ عَلَی الْخُرْطُوْمِ ۟

Sanasimuhoo ʻalal khurṭoom!

ئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز.

Verse 68:17

اِنَّا بَلَوْنٰهُمْ كَمَا بَلَوْنَاۤ اَصْحٰبَ الْجَنَّةِ ۚ اِذْ اَقْسَمُوْا لَیَصْرِمُنَّهَا مُصْبِحِیْنَ ۟ۙ

ʹInnaa balawnaahum kamaa balawnaaa ʹAṣḥaabal Jannah, ʹiẓ ʹaq̣samoo layaṣrimunnahaa muṣbiḥeen,

شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككە مۇشرىكلىرىگە ئوخشاش ۋەھىينى ئىنكار قىلغانلارنى) مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك (قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىش بىلەن) سىنىدۇق. ئۇلار (يەنى باغنىڭ ئىگىلىرى) ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى (كەمبەغەللەر ئۇقمىسۇن، ئۇلارغا ھېچ نەرسە بەرمەيلى دېيىشىپ) سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى.

Verse 68:18

وَلَا یَسْتَثْنُوْنَ ۟

Wa-laa yastas̤noon.

ئۇلار خۇدا خالىسا دېمىگەن ئىدى.

Verse 68:19

فَطَافَ عَلَیْهَا طَآىِٕفٌ مِّنْ رَّبِّكَ وَهُمْ نَآىِٕمُوْنَ ۟

Faṭaafa ʻalayhaa ṭaaaʹifum mir Rabbika wa-hum naaaʹimoon.

ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى[19ـ20].

Verse 68:20

فَاَصْبَحَتْ كَالصَّرِیْمِ ۟ۙ

Faʹaṣbaḥat kaṣṣareem.

ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى[19ـ20].

Verse 68:21

فَتَنَادَوْا مُصْبِحِیْنَ ۟ۙ

Fatanaadaw muṣbiḥeen,

ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى[21ـ22].

Verse 68:22

اَنِ اغْدُوْا عَلٰی حَرْثِكُمْ اِنْ كُنْتُمْ صٰرِمِیْنَ ۟

ʹAnig̣ doo ʻalaa ḥars̤ikum ʹiñ kuñtum ṣaarimeen.

ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى[21ـ22].

Verse 68:23

فَانْطَلَقُوْا وَهُمْ یَتَخَافَتُوْنَ ۟ۙ

Fañṭalaq̣oo wa-hum yatakhaafatoon―

ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى[23 ـ 24].

Verse 68:24

اَنْ لَّا یَدْخُلَنَّهَا الْیَوْمَ عَلَیْكُمْ مِّسْكِیْنٌ ۟ۙ

ʹAl laa yadkhulannahal yawma ʻalaykum miskeen.

ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى[23 ـ 24].

Verse 68:25

وَّغَدَوْا عَلٰی حَرْدٍ قٰدِرِیْنَ ۟

Wa-g̣adaw ʻalaa ḥardiñ q̣aadireen.

ئۇلار: «(مىسكىنلەرنى باغقا كىرىشتىن) توسىيالايمىز دېگەن ئوي بىلەن، ئەتىگەندە تۇرۇشتى.

Verse 68:26

فَلَمَّا رَاَوْهَا قَالُوْۤا اِنَّا لَضَآلُّوْنَ ۟ۙ

Falammaa raʹawhaa q̣aalooo ʹinnaa laḍaaalloon:

ئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى[26ـ27].

Verse 68:27

بَلْ نَحْنُ مَحْرُوْمُوْنَ ۟

Bal naḥnu maḥroomoon!

ئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى[26ـ27].

Verse 68:28

قَالَ اَوْسَطُهُمْ اَلَمْ اَقُلْ لَّكُمْ لَوْلَا تُسَبِّحُوْنَ ۟

Q̣aala ʹawsaṭuhum ʹalam ʹaq̣ul lakum law-laa tusabbiḥoon?

ئۇلارنىڭ ياخشىسى (يەنى ئەڭ ئەقىللىقى): «سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟» دېدى.

Verse 68:29

قَالُوْا سُبْحٰنَ رَبِّنَاۤ اِنَّا كُنَّا ظٰلِمِیْنَ ۟

Q̣aaloo Subḥaana Rabbinaaa ʹinnaa kunnaa z̤̣aalimeen!

ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىزكى، بىز (مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى مەنئى قىلىش بىلەن) ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق» دېدى.

Verse 68:30

فَاَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلٰی بَعْضٍ یَّتَلَاوَمُوْنَ ۟

Faʹaq̣bala baʻḍuhum ʻalaa baʻḍiñy yatalaawamoon.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ـ بىرگە قارىشىپ ئۆز ئارا مالامەت قىلىشتى.

Verse 68:31

قَالُوْا یٰوَیْلَنَاۤ اِنَّا كُنَّا طٰغِیْنَ ۟

Q̣aaloo yaa-waylanaaa ʹinnaa kunnaa ṭaag̣een!

ئۇلار دېيىشتى: «ۋاي ھالىمىزغا! بىز ھەقىقەتەن ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق.

Verse 68:32

عَسٰی رَبُّنَاۤ اَنْ یُّبْدِلَنَا خَیْرًا مِّنْهَاۤ اِنَّاۤ اِلٰی رَبِّنَا رٰغِبُوْنَ ۟

ʻAsaa Rabbunaaa ʹañy yubdilanaa khayram minhaaa ʹinnaaa ʹilaa Rabbinaa raag̣iboon!

ئۇمىدكى، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بۇنىڭدىن ياخشىراق باغنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزدىن ئۈمىد قىلغۇچىلارمىز».

Verse 68:33

كَذٰلِكَ الْعَذَابُ ؕ وَلَعَذَابُ الْاٰخِرَةِ اَكْبَرُ ۘ لَوْ كَانُوْا یَعْلَمُوْنَ ۟۠

Kaẓaalikal ʻAẓaab; wa-laʻAẓaabul ʹAakhirati ʹakbar. Law kaanoo yaʻlamoon!

ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر (يەنى قۇرەيشكىمۇ باغ ئىگىلىرىگە چۈشكەن ئازاب چۈشىدۇ). ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر.

Verse 68:34

اِنَّ لِلْمُتَّقِیْنَ عِنْدَ رَبِّهِمْ جَنّٰتِ النَّعِیْمِ ۟

ʹInna lil-Muttaq̣eena ʻiñda Rabbihim Jannatin Naʻeem.

. تەقۋادارلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقەتەن نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

Verse 68:35

اَفَنَجْعَلُ الْمُسْلِمِیْنَ كَالْمُجْرِمِیْنَ ۟ؕ

ʹAfanajʻalul Muslimeena kalmujrimeen?

بىز مۇسۇلمانلارنى كاپىرلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟

Verse 68:36

مَا لَكُمْ ۥ كَیْفَ تَحْكُمُوْنَ ۟ۚ

Maa- lakum? kayfa taḥkumoon?

سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر!

Verse 68:37

اَمْ لَكُمْ كِتٰبٌ فِیْهِ تَدْرُسُوْنَ ۟ۙ

ʹAm lakum Kitaabuñ feehi tadrusoon―

ياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟[37ـ38]

Verse 68:38

اِنَّ لَكُمْ فِیْهِ لَمَا تَخَیَّرُوْنَ ۟ۚ

ʹInna lakum feehi lamaa takhayyaroon?

ياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟[37ـ38]

Verse 68:39

اَمْ لَكُمْ اَیْمَانٌ عَلَیْنَا بَالِغَةٌ اِلٰی یَوْمِ الْقِیٰمَةِ ۙ اِنَّ لَكُمْ لَمَا تَحْكُمُوْنَ ۟ۚ

ʹAm lakum ʹAymaanun ʻalaynaa baalig̣atun ʹilaa Yawmil Q̣iyaamati ʹinna lakum lamaa taḥkumoon?

ياكى سىلەرنىڭ ھۆكۈم قىلغان نەرسەڭلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن بىز سىلەر بىلەن قىيامەت كۈنى ئاندىن ۋاقتى توشىدىغان مەھكەم بىر ئەھدى تۈزۈشكەنمۇ؟

Verse 68:40

سَلْهُمْ اَیُّهُمْ بِذٰلِكَ زَعِیْمٌ ۟ۚۛ

Salhum ʹayyuhum̃ biẓaalika zaʻeem!

ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىسى يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلالايدۇ؟

Verse 68:41

اَمْ لَهُمْ شُرَكَآءُ ۛۚ فَلْیَاْتُوْا بِشُرَكَآىِٕهِمْ اِنْ كَانُوْا صٰدِقِیْنَ ۟

ʹAm lahum shurakaaaʹu fal-yaʹtoo bishurakaaaʹihim ʹiñ kaanoo ṣaadiq̣een!

ياكى ئۇلارنىڭ (يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلىدىغان شېرىكلىرى) بارمۇ؟ ئەگەر ئۇلار (دەۋاسىدا) راستچىل بولسا، شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن.

Verse 68:42

یَوْمَ یُكْشَفُ عَنْ سَاقٍ وَّیُدْعَوْنَ اِلَی السُّجُوْدِ فَلَا یَسْتَطِیْعُوْنَ ۟ۙ

Yawma yukshafu ʻañ saaq̣iñw wayudʻawna ʹilas sujoodi falaa yastaṭeeʻoon,―

ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئىش قىيىنلىشىدۇ. ئۇلار (ئىمانىنى سىناش ئۈچۈن) سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ.

Verse 68:43

خَاشِعَةً اَبْصَارُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ؕ وَقَدْ كَانُوْا یُدْعَوْنَ اِلَی السُّجُوْدِ وَهُمْ سٰلِمُوْنَ ۟

Khaashiʻatan ʹabṣaaruhum tarhaq̣uhum ẓillah: wa-q̣ad kaanoo yudʻawna ʹilas sujoodi wa-hum saalimoon.

ئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ، ئۇلارغا خارلىق يۈزلىنىدۇ، ئۇلار (دۇنيادا) ساغلام چاغلىرىدا سەجدىگە دەۋەت قىلىنغان ئىدى (ئۇلار سەجدىدىن باش تارتاتتى).

Verse 68:44

فَذَرْنِیْ وَمَنْ یُّكَذِّبُ بِهٰذَا الْحَدِیْثِ ؕ سَنَسْتَدْرِجُهُمْ مِّنْ حَیْثُ لَا یَعْلَمُوْنَ ۟ۙ

Faẓarnee wa-mañy yukaẓẓibu bihaaẓal Ḥadees̤: sanastadrijuhum min ḥays̤u laa- yaʻlamoon.

بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز.

Verse 68:45

وَاُمْلِیْ لَهُمْ ؕ اِنَّ كَیْدِیْ مَتِیْنٌ ۟

Wa-ʹumlee lahum: ʹinna kaydee mateen.

ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر.

Verse 68:46

اَمْ تَسْـَٔلُهُمْ اَجْرًا فَهُمْ مِّنْ مَّغْرَمٍ مُّثْقَلُوْنَ ۟ۚ

ʹAm tasʹaluhum ʹajrañ fahum mim mag̣ramim mus̤q̣aloon?

ياكى ئۇلاردىن (دىنغا دەۋەت قىلغانلىقىڭغا) ھەق سوراپ، ئۇلارنىڭ (ئىقتىسادىي) يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتىڭمۇ؟

Verse 68:47

اَمْ عِنْدَهُمُ الْغَیْبُ فَهُمْ یَكْتُبُوْنَ ۟

ʹAm ʻiñdahumul G̣aybu fahum yaktuboon?

ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيب (يەنى غەيبنى ئىچىگە ئالغان لەۋھۇلمەھپۇز) بار بولۇپ، ئۇلار (ئېيتىدىغانلىرىنى شۇنىڭغا) يازامدۇ؟

Verse 68:48

فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُنْ كَصَاحِبِ الْحُوْتِ ۘ اِذْ نَادٰی وَهُوَ مَكْظُوْمٌ ۟ؕ

Faṣbir li-Ḥukmi Rabbika wa-laa takuñ ka-Ṣaaḥibil Ḥoot. ʹIẓ naadaa wa-huwa makz̤̣oom.

پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، (ئالدىراڭغۇلۇقتا، زېرىككەكلىكتە) بېلىقنىڭ ساھىبىغا (يەنى يۇنۇسقا) ئوخشاش بولمىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ) غەمكىن ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلدى.

Verse 68:49

لَوْلَاۤ اَنْ تَدٰرَكَهٗ نِعْمَةٌ مِّنْ رَّبِّهٖ لَنُبِذَ بِالْعَرَآءِ وَهُوَ مَذْمُوْمٌ ۟

Law-laaa ʹañ tadaarakahoo Niʻmatum mir Rabbihee lanubiẓa bilʻaraaaʹi wa-huwa maẓmoom.

ئەگەر ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نېمىتىگە ئېرىشمىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ (قىلمىشىغا) مالامەت قىلىنغان ھالدا (دەرەخمۇ يوق، تاغمۇ يوق) بىر دالىغا تاشلانغان بولاتتى.

Verse 68:50

فَاجْتَبٰىهُ رَبُّهٗ فَجَعَلَهٗ مِنَ الصّٰلِحِیْنَ ۟

Fajtabaahu Rabbuhoo fajaʻalahoo minaṣ Ṣaaliḥeen.

پەرۋەردىگارى ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى، ئۇنى ياخشىلاردىن قىلدى.

Verse 68:51

وَاِنْ یَّكَادُ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا لَیُزْلِقُوْنَكَ بِاَبْصَارِهِمْ لَمَّا سَمِعُوا الذِّكْرَ وَیَقُوْلُوْنَ اِنَّهٗ لَمَجْنُوْنٌ ۟ۘ

Wa-ʹiñy yakaadul laẓeena kafaroo layuzliq̣oonaka biʹabṣaarihim lammaa samiʻuẓ Ẓikra wa-yaq̣ooloona ʹinnahoo lamajnoon!

كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (ساڭا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ قاتتىقلىقىدىن يامان) كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ. سېنى: «شۈبھىسىز بىر مەجنۇن» دېيىشىدۇ.

Verse 68:52

وَمَا هُوَ اِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعٰلَمِیْنَ ۟۠

Wa-maa huwa ʹillaa Ẓikrul lilʻAalameen.

قۇرئان پەقەت تامام ئەھلى جاھان ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر.