Home  /  Quran  /  Surah
Loading...
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ

Surah Al-Muddaththir

Surah Al-Muddaththir (The Cloaked One) is Surah 74 of the Holy Quran, a Meccan Surah with 56 verses, available here in Uyghur.

Surah 74 Meccan 56 verses Uyghur

Verse 74:1

یٰۤاَیُّهَا الْمُدَّثِّرُ ۟ۙ

Yaaaʹayyuhal Muddas̤s̤ir!

ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)

Verse 74:2

قُمْ فَاَنْذِرْ ۟

Q̣um faʹañẓir!

تۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر.

Verse 74:3

وَرَبَّكَ فَكَبِّرْ ۟

Wa-Rabbaka fakabbir!

پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا.

Verse 74:4

وَثِیَابَكَ فَطَهِّرْ ۟

Wa-s̤iyaabaka faṭahhir!

كىيىمىڭنى پاك تۇت.

Verse 74:5

وَالرُّجْزَ فَاهْجُرْ ۟

Warrujza fahjur!

ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول.

Verse 74:6

وَلَا تَمْنُنْ تَسْتَكْثِرُ ۟

Wa-laa tamnuñ tastaks̤ir.

كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە (يەنى بىر كىشىگە بىرەر سوۋغا بەرسەڭ، ئۇنىڭدىن بەرگەن نەرسەڭدىن كۆپرەك نەرسە ئېلىشنى تەمە قىلما)،

Verse 74:7

وَلِرَبِّكَ فَاصْبِرْ ۟ؕ

Wa-li-Rabbika faṣbir!

پەرۋەردىگارىڭنىڭ (رازىلىقى) ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتكە) سەۋر قىل.

Verse 74:8

فَاِذَا نُقِرَ فِی النَّاقُوْرِ ۟ۙ

Faʹiẓaa nuq̣ira fin naaq̣oor.

سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر[8ـ9].

Verse 74:9

فَذٰلِكَ یَوْمَىِٕذٍ یَّوْمٌ عَسِیْرٌ ۟ۙ

Faẓaalika Yawmaʹiẓiñy Yawmun ʻAseer,―

سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر[8ـ9].

Verse 74:10

عَلَی الْكٰفِرِیْنَ غَیْرُ یَسِیْرٍ ۟

ʻAlal kaafireena g̣ayru yaseer.

كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر.

Verse 74:11

ذَرْنِیْ وَمَنْ خَلَقْتُ وَحِیْدًا ۟ۙ

Ẓarnee wa-man khalaq̣tu wa-ḥeedaa!―

(ئى مۇھەممەد!) مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرەنى) ماڭا قويۇۋەت.

Verse 74:12

وَّجَعَلْتُ لَهٗ مَالًا مَّمْدُوْدًا ۟ۙ

Wa-jaʻaltu lahoo maalam mamdoodaa,

ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم.

Verse 74:13

وَّبَنِیْنَ شُهُوْدًا ۟ۙ

Wa-baneena shuhoodaa!―

ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم.

Verse 74:14

وَّمَهَّدْتُّ لَهٗ تَمْهِیْدًا ۟ۙ

Wa-mahhattu lahoo tamheedaa!

ئۇنىڭ ئابرويىنى ئۆستۈردۈم.

Verse 74:15

ثُمَّ یَطْمَعُ اَنْ اَزِیْدَ ۟ۗۙ

S̤umma yaṭ-maʻu ʹan ʹazeed;―

ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ.

Verse 74:16

كَلَّا ؕ اِنَّهٗ كَانَ لِاٰیٰتِنَا عَنِیْدًا ۟ؕ

Kallaa! ʹinnahoo kaana liʹAayaatinaa ʻaneedaa!

ياق، (يەنى ئۇنىڭ خالىغىنى بولمايدۇ)، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى.

Verse 74:17

سَاُرْهِقُهٗ صَعُوْدًا ۟ؕ

Saʹurhiq̣uhoo ṣaʻoodaa!

ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن.

Verse 74:18

اِنَّهٗ فَكَّرَ وَقَدَّرَ ۟ۙ

ʹInnahoo fakkara wa-q̣addar;―

ئۇ (پەيغەمبەر ۋە قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى، (قۇرئان توغرۇلۇق نېمە دېيىشنى ۋە قانداق بوھتان قىلىشنى) پىلانلىدى.

Verse 74:19

فَقُتِلَ كَیْفَ قَدَّرَ ۟ۙ

Faq̣utila kayfa q̣addar!―

لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى؟

Verse 74:20

ثُمَّ قُتِلَ كَیْفَ قَدَّرَ ۟ۙ

S̤umma q̣utila kayfa q̣addar!―

يەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى.

Verse 74:21

ثُمَّ نَظَرَ ۟ۙ

S̤umma naz̤̣ar;

ئاندىن ئۇ قارىدى،

Verse 74:22

ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ ۟ۙ

S̤umma ʻabasa wa-basar;

ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى،

Verse 74:23

ثُمَّ اَدْبَرَ وَاسْتَكْبَرَ ۟ۙ

S̤umma ʹadbara wastakbar;

ئاندىن (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى (پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى،

Verse 74:24

فَقَالَ اِنْ هٰذَاۤ اِلَّا سِحْرٌ یُّؤْثَرُ ۟ۙ

Faq̣aala ʹin haaẓaaa ʹillaa siḥruñy yuʹs̤ar;

«بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى[24ـ25].

Verse 74:25

اِنْ هٰذَاۤ اِلَّا قَوْلُ الْبَشَرِ ۟ؕ

ʹIn haaẓaaa ʹillaa q̣awlul bashar!

«بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى[24ـ25].

Verse 74:26

سَاُصْلِیْهِ سَقَرَ ۟

Saʹuṣleehi Saq̣ar!

ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن.

Verse 74:27

وَمَاۤ اَدْرٰىكَ مَا سَقَرُ ۟ؕ

Wa-maaa ʹadraaka maa- saq̣ar?

سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

Verse 74:28

لَا تُبْقِیْ وَلَا تَذَرُ ۟ۚ

Laa- tubq̣ee wa-laa taẓar!―

ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ).

Verse 74:29

لَوَّاحَةٌ لِّلْبَشَرِ ۟ۚۖ

Lawwaaḥatul lilbashar!―

ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

Verse 74:30

عَلَیْهَا تِسْعَةَ عَشَرَ ۟ؕ

ʻAlayhaa tisʻata ʻashar.

ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر.

Verse 74:31

وَمَا جَعَلْنَاۤ اَصْحٰبَ النَّارِ اِلَّا مَلٰٓىِٕكَةً ۪ وَّمَا جَعَلْنَا عِدَّتَهُمْ اِلَّا فِتْنَةً لِّلَّذِیْنَ كَفَرُوْا ۙ لِیَسْتَیْقِنَ الَّذِیْنَ اُوْتُوا الْكِتٰبَ وَیَزْدَادَ الَّذِیْنَ اٰمَنُوْۤا اِیْمَانًا وَّلَا یَرْتَابَ الَّذِیْنَ اُوْتُوا الْكِتٰبَ وَالْمُؤْمِنُوْنَ ۙ وَلِیَقُوْلَ الَّذِیْنَ فِیْ قُلُوْبِهِمْ مَّرَضٌ وَّالْكٰفِرُوْنَ مَاذَاۤ اَرَادَ اللّٰهُ بِهٰذَا مَثَلًا ؕ كَذٰلِكَ یُضِلُّ اللّٰهُ مَنْ یَّشَآءُ وَیَهْدِیْ مَنْ یَّشَآءُ ؕ وَمَا یَعْلَمُ جُنُوْدَ رَبِّكَ اِلَّا هُوَ ؕ وَمَا هِیَ اِلَّا ذِكْرٰی لِلْبَشَرِ ۟۠

Wa-maa jaʻalnaaa ʹAṣḥaaban naari ʹillaa malaaaʹikatañw wa-maa jaʻalnaa ʻiddatahum ʹillaa fitnatal lillaẓeena kafaroo liyastayq̣inal laẓeena ʹootul Kitaaba wa-yazdaadal laẓeena ʹaamanooo ʹeemaanañw Walaa yartaabal laẓeena ʹootul Kitaaba wal-Muʹminoona wa-liyaq̣oolal laẓeena fee q̣uloobihim maraḍuñw walkaafiroona maaẓaaa ʹaraadal laahu bihaaẓaa mas̤alaa? Kaẓaalika yuḍillul laahu mañy yashaaaʹu wa-yahdee mañy yashaaaʹ. Wa-maa yaʻlamu junooda Rabbika ʹillaa Hoo. Wa-maa hiya ʹillaa ẓikraa lil-bashar.

بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب (ئۆزلىرىنىڭ ساماۋى كىتابلىرىدىكى بۇ ساننى كۆرۈپ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتماي، مۆمىنلەرنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئىشەنگەنلىكلىرىدىن ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرئان خەۋەرلىرىنىڭ تەۋرات، ئىنجىلدىكى خەۋەرلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن) ئىمانى كۈچەيگەي! ئەھلى كىتاب ۋە مۆمىنلەر (بۇنىڭدىن) شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار: «بۇ مىسالدىن ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ» دەيدۇ، ئاللاھ مۇشۇنداق خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭلۇقىنى) پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، (يەنى ئاللاھ بايان قىلغان دوزاخ) پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر.

Verse 74:32

كَلَّا وَالْقَمَرِ ۟ۙ

Kallaa wal-Q̣amar,

ياق (يەنى ئۇ مەسخىرە قىلغۇچىلار قەبىھ قىلمىشىدىن يانسۇن)، ئاي بىلەن قەسەمكى،

Verse 74:33

وَالَّیْلِ اِذْ اَدْبَرَ ۟ۙ

Wallayli ʹiẓ ʹadbar,

ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى،

Verse 74:34

وَالصُّبْحِ اِذَاۤ اَسْفَرَ ۟ۙ

Waṣ-Ṣubḥi ʹiẓaaa ʹasfar,―

يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەمكى،

Verse 74:35

اِنَّهَا لَاِحْدَی الْكُبَرِ ۟ۙ

ʹInnahaa laʹiḥdal kubar,

شۈبھىسىزكى، دوزاخ بالالاردىن بىرىدۇر (ئۇنى قانداقمۇ مەسخىرە قىلىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا چىنپۈتمەيسىلەر؟).

Verse 74:36

نَذِیْرًا لِّلْبَشَرِ ۟ۙ

Naẓeeral lilbashar,―

ئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.

Verse 74:37

لِمَنْ شَآءَ مِنْكُمْ اَنْ یَّتَقَدَّمَ اَوْ یَتَاَخَّرَ ۟ؕ

Limañ shaaaʹa miñkum ʹañy yataq̣addama ʹaw yataʹakhkhar;

سىلەردىن (جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى (دوزاختىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.

Verse 74:38

كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ رَهِیْنَةٌ ۟ۙ

Kullu nafsim bimaa kasabat raheenah,

ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر.

Verse 74:39

اِلَّاۤ اَصْحٰبَ الْیَمِیْنِ ۟ؕۛ

ʹIllaaa ʹAṣḥaabal yameen.

پەقەت ئەسھابى يەمىن (يەنى سائادەتمەن مۆمىنلەر) بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

Verse 74:40

فِیْ جَنّٰتٍ ۛ۫ یَتَسَآءَلُوْنَ ۟ۙ

Fee Jannaatiñy yatasaaaʹaloon

ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ[40ـ42].

Verse 74:41

عَنِ الْمُجْرِمِیْنَ ۟ۙ

ʻAnil mujrimeen:

ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ[40ـ42].

Verse 74:42

مَا سَلَكَكُمْ فِیْ سَقَرَ ۟

Maa- salakakum fee Saq̣ar?

ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ[40ـ42].

Verse 74:43

قَالُوْا لَمْ نَكُ مِنَ الْمُصَلِّیْنَ ۟ۙ

Q̣aaloo lam naku minal Muṣalleen;

ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق.

Verse 74:44

وَلَمْ نَكُ نُطْعِمُ الْمِسْكِیْنَ ۟ۙ

Wa-lam naku nuṭʻimul miskeen;

مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق.

Verse 74:45

وَكُنَّا نَخُوْضُ مَعَ الْخَآىِٕضِیْنَ ۟ۙ

Wa-kunnaa nakhooḍu maʻal khaaaʹiḍeen;

بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھۇدە سۆز قىلاتتۇق.

Verse 74:46

وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِیَوْمِ الدِّیْنِ ۟ۙ

Wa-kunnaa nukaẓẓibu bi-Yawmid Deen

قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق،

Verse 74:47

حَتّٰۤی اَتٰىنَا الْیَقِیْنُ ۟ؕ

Ḥattaaa ʹataanal yaq̣een.

تاكى بىز ئۆلگۈچە (شۇنداق قىلدۇق)».

Verse 74:48

فَمَا تَنْفَعُهُمْ شَفَاعَةُ الشّٰفِعِیْنَ ۟ؕ

Famaa tañfaʻuhum shafaaʻatush shaafiʻeen.

شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ).

Verse 74:49

فَمَا لَهُمْ عَنِ التَّذْكِرَةِ مُعْرِضِیْنَ ۟ۙ

Famaa lahum ʻanit taẓkirati muʻriḍeen,

ئۇلار نېمىشقا ۋەز (يەنى قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟

Verse 74:50

كَاَنَّهُمْ حُمُرٌ مُّسْتَنْفِرَةٌ ۟ۙ

Kaʹannahum ḥumurum mustañfirah,

گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ)[50ـ51].

Verse 74:51

فَرَّتْ مِنْ قَسْوَرَةٍ ۟ؕ

Farrat miñ q̣aswarah!

گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ)[50ـ51].

Verse 74:52

بَلْ یُرِیْدُ كُلُّ امْرِئٍ مِّنْهُمْ اَنْ یُّؤْتٰی صُحُفًا مُّنَشَّرَةً ۟ۙ

Bal yureedu kullum riʹim minhum ʹañy yuʹtaa ṣuḥufam munashsharah!

بەلكى ئۇلاردىن ھەر كىشى ئۆزىگە ئوچۇق سەھىپىلەر بېرىلىشىنى خالايدۇ (يەنى ئۇلار ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتابىدەك كىتاب نازىل قىلىنىشىنى تەمە قىلىدۇ).

Verse 74:53

كَلَّا ؕ بَلْ لَّا یَخَافُوْنَ الْاٰخِرَةَ ۟ؕ

Kaallaa! Bal laa- yakhaafoonal ʹAakhirah.

ياق (يەنى ئۇلار مۇنداق تەمەدىن يانسۇن). بەلكى ئۇلار (ئاخىرەتتىن) قورقمايدۇ.

Verse 74:54

كَلَّاۤ اِنَّهٗ تَذْكِرَةٌ ۟ۚ

Kallaaa ʹinnahoo taẓkirah:

ياق، مۇقەررەركى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر (ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەختىيار بولۇشىنى كۆزلەيدىغان بولسا، قۇرئان ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىغا يېتەرلىكتۇر).

Verse 74:55

فَمَنْ شَآءَ ذَكَرَهٗ ۟ؕ

Famañ shaaaʹa ẓakarah!

خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ.

Verse 74:56

وَمَا یَذْكُرُوْنَ اِلَّاۤ اَنْ یَّشَآءَ اللّٰهُ ؕ هُوَ اَهْلُ التَّقْوٰی وَاَهْلُ الْمَغْفِرَةِ ۟۠

Wa-maa yaẓkuroona ʹillaaa ʹañy yashaaaʹal laah: Huwa ʹAhlut taq̣waa wa-ʹAhlul Mag̣firah.

ئۇلار پەقەت خالىسا، ئاندىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرى) قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، (بەندىلىرىنى) مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر.