Home  /  Quran  /  Surah
Loading...
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ

Surah Al-Insan

Surah Al-Insan (Man) is Surah 76 of the Holy Quran, a Medinan Surah with 31 verses, available here in Uyghur.

Surah 76 Medinan 31 verses Uyghur

Verse 76:1

هَلْ اَتٰی عَلَی الْاِنْسَانِ حِیْنٌ مِّنَ الدَّهْرِ لَمْ یَكُنْ شَیْـًٔا مَّذْكُوْرًا ۟

Hal ʹataa ʻalal ʹIÑSAANI ḥeenum minad DAHRI lam yakuñ shayʹam maẓkooraa?

ئىنسان (ئانىنىڭ قورسىقىدا) بىر مۇددەتنى ئۆتكۈزدى، ئۇ (ئەرزىمگەنلىكتىن) تىلغا ئېلىنىدىغان نەرسە ئەمەس ئىدى.

Verse 76:2

اِنَّا خَلَقْنَا الْاِنْسَانَ مِنْ نُّطْفَةٍ اَمْشَاجٍ ۖۗ نَّبْتَلِیْهِ فَجَعَلْنٰهُ سَمِیْعًا بَصِیْرًا ۟

ʹInnaa khalaq̣nal ʹiñsaana min nuṭfatin ʹamshaajin nabtaleehi fajaʻalnaahu sameeʻam baṣeeraa.

شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرۈدىغان قىلىپ ياراتتۇق.

Verse 76:3

اِنَّا هَدَیْنٰهُ السَّبِیْلَ اِمَّا شَاكِرًا وَّاِمَّا كَفُوْرًا ۟

ʹInnaa hadaynaahus sabeela ʹimmaa shakirañw waʹimmaa kafooraa.

شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى ـ يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى (فاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر.

Verse 76:4

اِنَّاۤ اَعْتَدْنَا لِلْكٰفِرِیْنَ سَلٰسِلَاۡ وَاَغْلٰلًا وَّسَعِیْرًا ۟

ʹInnaaa ʹaʻtadnaa lilkaafireena salaasila wa-ʹag̣laalañw wa-Saʻeeraa.

شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا (پۇتلىرىغا سېلىنىدىغان) زەنجىرلەرنى، (بويۇنلىرىغا سېلىنىدىغان) تاقاقلارنى ۋە يېنىپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق.

Verse 76:5

اِنَّ الْاَبْرَارَ یَشْرَبُوْنَ مِنْ كَاْسٍ كَانَ مِزَاجُهَا كَافُوْرًا ۟ۚ

ʹInnal ʹabraara yashraboona miñ kaʹsiñ kaana mizaajuhaa kaafooraa,―

ھەقىقەتەن ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان (مەي بىلەن تولدۇرۇلغان) جاملاردىن ئىچىدۇ.

Verse 76:6

عَیْنًا یَّشْرَبُ بِهَا عِبَادُ اللّٰهِ یُفَجِّرُوْنَهَا تَفْجِیْرًا ۟

ʻAynañy yashrabu bihaa ʻIbaadul laahi yufajjiroonahaa tafjeeraa.

(ئۇ كافۇر جەننەتتىكى بىر) بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ (ياخشى) بەندىلىرى ئىچىدۇ، ئۇ بۇلاقنى ئۇلار (خالىغان جايلىرىغا) ئېقىتىپ بارالايدۇ.

Verse 76:7

یُوْفُوْنَ بِالنَّذْرِ وَیَخَافُوْنَ یَوْمًا كَانَ شَرُّهٗ مُسْتَطِیْرًا ۟

Yoofoona binnaẓri wa-yakhaafoona yawmañ kaana sharruhoo mustaṭeeraa.

ئۇلار ئۆز ئۈستىگە قەسەم ئىچىپ ئالغان ئىشنى ئورۇنلايدۇ ۋە دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقىدۇ.

Verse 76:8

وَیُطْعِمُوْنَ الطَّعَامَ عَلٰی حُبِّهٖ مِسْكِیْنًا وَّیَتِیْمًا وَّاَسِیْرًا ۟

Wa-yuṭʻimoonaṭ ṭaʻaama ʻalaa ḥubbihee miskeenañw wayateemañw waʹaseeraa,―

ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ.

Verse 76:9

اِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ اللّٰهِ لَا نُرِیْدُ مِنْكُمْ جَزَآءً وَّلَا شُكُوْرًا ۟

ʹInnamaa nuṭʻimukum liwajhil laahi laa- nureedu miñkum jazaaaʹañw walaa shukooraa.

(ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز.

Verse 76:10

اِنَّا نَخَافُ مِنْ رَّبِّنَا یَوْمًا عَبُوْسًا قَمْطَرِیْرًا ۟

ʹInnaa nakhaafu mir Rabbinaa Yawman ʻaboosañ q̣amṭareeraa.

شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن ئېغىر، قاتتىق كۈندىن قورقىمىز».

Verse 76:11

فَوَقٰىهُمُ اللّٰهُ شَرَّ ذٰلِكَ الْیَوْمِ وَلَقّٰىهُمْ نَضْرَةً وَّسُرُوْرًا ۟ۚ

Fawaq̣aahumul laahu sharra ẓaalikal Yawmi wa-laq̣q̣aahum naḍratañw wasurooraa.

ئاللاھ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنىڭ (يۈزلىرىگە) نۇر، (دىللىرىغا) خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

Verse 76:12

وَجَزٰىهُمْ بِمَا صَبَرُوْا جَنَّةً وَّحَرِیْرًا ۟ۙ

Wa-jazaahum̃ bimaa ṣabaroo Jannatañw Waḥareeraa.

ئۇلارنىڭ سەۋر ـ تاقەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (ئۇ يەردىكى) يىپەك (لىباسلار) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.

Verse 76:13

مُّتَّكِـِٕیْنَ فِیْهَا عَلَی الْاَرَآىِٕكِ ۚ لَا یَرَوْنَ فِیْهَا شَمْسًا وَّلَا زَمْهَرِیْرًا ۟ۚ

Muttakiʹeena feehaa ʻalal ʹaraaaʹik, laa- yarawna feehaa shamsañw walaa zamhareeraa.

ئۇلار جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ.

Verse 76:14

وَدَانِیَةً عَلَیْهِمْ ظِلٰلُهَا وَذُلِّلَتْ قُطُوْفُهَا تَذْلِیْلًا ۟

Wa-daaniyatan ʻalayhim z̤̣ilaaluhaa wa-ẓullilat q̣uṭoofuhaa taẓleelaa.

جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ.

Verse 76:15

وَیُطَافُ عَلَیْهِمْ بِاٰنِیَةٍ مِّنْ فِضَّةٍ وَّاَكْوَابٍ كَانَتْ قَوَارِیْرَاۡؔ ۟ۙ

Wa-yuṭaafu ʻalayhim̃ biʹaaniyatim miñ fiḍḍatiñw waʹakwaabiñ kaanat q̣awaareeraa,―

ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىپمۇ قالمايدۇ)[15ـ16].

Verse 76:16

قَوَارِیْرَاۡؔ مِنْ فِضَّةٍ قَدَّرُوْهَا تَقْدِیْرًا ۟

Q̣awaareera miñ fiḍḍatiñ q̣addaroohaa taq̣deeraa.

ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىپمۇ قالمايدۇ)[15ـ16].

Verse 76:17

وَیُسْقَوْنَ فِیْهَا كَاْسًا كَانَ مِزَاجُهَا زَنْجَبِیْلًا ۟ۚ

Wa-yusq̣awna feehaa kaʹsañ kaana mizaajuhaa zañjabeelaa,―

ئۇلارغا يەنە جەننەتتە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جاملار (يەنى جامدىكى مەيلەر) سۇنۇلىدۇ.

Verse 76:18

عَیْنًا فِیْهَا تُسَمّٰی سَلْسَبِیْلًا ۟

ʻAynañ feehaa tusammaa Salsabeelaa.

جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار.

Verse 76:19

وَیَطُوْفُ عَلَیْهِمْ وِلْدَانٌ مُّخَلَّدُوْنَ ۚ اِذَا رَاَیْتَهُمْ حَسِبْتَهُمْ لُؤْلُؤًا مَّنْثُوْرًا ۟

Wa-yaṭoofu ʻalayhim wildaanum mukhalladoon: ʹiẓaa raʹaytahum ḥasibtahum luʹluʹam mañs̤ooraa.

قېرىماي ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غىلمانلار نۆۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا (ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، سۈزۈكلۈكى ۋە نۇرلۇقلۇقىغا قاراپ) ئۇلارنى تېرىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن.

Verse 76:20

وَاِذَا رَاَیْتَ ثَمَّ رَاَیْتَ نَعِیْمًا وَّمُلْكًا كَبِیْرًا ۟

Wa-ʹiẓaa raʹayta s̤amma raʹayta Naʻeemañw Wa-Mulkañ Kabeeraa.

قاچانكى سەن قارايدىغان بولساڭ، بۇ يەردە (تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان) نېمەتلەرنى ۋە كاتتا پادىشاھلىقنى كۆرۈسەن.

Verse 76:21

عٰلِیَهُمْ ثِیَابُ سُنْدُسٍ خُضْرٌ وَّاِسْتَبْرَقٌ ؗ وَّحُلُّوْۤا اَسَاوِرَ مِنْ فِضَّةٍ ۚ وَسَقٰىهُمْ رَبُّهُمْ شَرَابًا طَهُوْرًا ۟

ʻAaliyahum s̤iyaabu suñdusin khuḍruñw waʹistabraq̣, wa-ḥullooo ʹasaawira miñ fiḍḍah; wa-saq̣aahum Rabbuhum Sharaabañ Ṭahooraa.

ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا يىپەك ۋە قېلىن يىپەكتىن (تەييارلانغان) يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، (ئۇلار) كۈمۈش ئۈزۈكلەرنى تاقايدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارغا پاك شاراب سۇنىدۇ.

Verse 76:22

اِنَّ هٰذَا كَانَ لَكُمْ جَزَآءً وَّكَانَ سَعْیُكُمْ مَّشْكُوْرًا ۟۠

ʹInna haaẓaa kaana lakum jazaaaʹañw wakaana saʻyukum mashkooraa.

شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، سىلەرنىڭ مېھنىتىڭلار قوبۇل بولدى.

Verse 76:23

اِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَیْكَ الْقُرْاٰنَ تَنْزِیْلًا ۟ۚ

ʹInnaa Naḥnu nazzalnaa ʻalaykal Q̣urʹaana tañzeelaa.

(ئى مۇھەممەد!) ھەقىقەتەن بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق.

Verse 76:24

فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تُطِعْ مِنْهُمْ اٰثِمًا اَوْ كَفُوْرًا ۟ۚ

Faṣbir li-Ḥukmi Rabbika wa-laa tuṭiʻ minhum ʹaas̤iman ʹaw kafooraa.

سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن.

Verse 76:25

وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ بُكْرَةً وَّاَصِیْلًا ۟ۖۚ

Waẓkuris ma Rabbika bukratañw waʹaṣeelaa.

ئەتىگەن ـ ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭغا كۆپ تائەت ـ ئىبادەت قىلغىن).

Verse 76:26

وَمِنَ الَّیْلِ فَاسْجُدْ لَهٗ وَسَبِّحْهُ لَیْلًا طَوِیْلًا ۟

Wa-minal layli fasjud lahoo wa-sabbiḥhu laylañ ṭaweelaa.

كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت.

Verse 76:27

اِنَّ هٰۤؤُلَآءِ یُحِبُّوْنَ الْعَاجِلَةَ وَیَذَرُوْنَ وَرَآءَهُمْ یَوْمًا ثَقِیْلًا ۟

ʹInna haaaʹulaaaʹi yuḥibboonal ʻaajilata wa-yaẓaroona wa-raaaʹahum Yawmañ s̤aq̣eelaa.

شۈبھىسىزكى، بۇلار دۇنيانى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق بىلىدۇ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە (يەنى قىيامەتكە) سەل قارايدۇ.

Verse 76:28

نَحْنُ خَلَقْنٰهُمْ وَشَدَدْنَاۤ اَسْرَهُمْ ۚ وَاِذَا شِئْنَا بَدَّلْنَاۤ اَمْثَالَهُمْ تَبْدِیْلًا ۟

Naḥnu khalaq̣naahum wa-shadadnaaa ʹasrahum; wa-ʹiẓaa shiʹnaa baddalnaaa ʹams̤aalahum tabdeelaa.

بىز ئۇلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق، ئەگەر بىز خالىساق (ئۇلارنى ھالاك قىلىپ) ئورنىغا ئۇلارغا ئوخشاش باشقا ئادەمنى دەسسىتەتتۇق.

Verse 76:29

اِنَّ هٰذِهٖ تَذْكِرَةٌ ۚ فَمَنْ شَآءَ اتَّخَذَ اِلٰی رَبِّهٖ سَبِیْلًا ۟

ʹinna haaẓihee taẓkirah: famañ shaaaʹat takhaẓa ʹilaa Rabbihee sabeelaa.

شۈبھىسىزكى، بۇ (ئايەتلەر) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى) خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن.

Verse 76:30

وَمَا تَشَآءُوْنَ اِلَّاۤ اَنْ یَّشَآءَ اللّٰهُ ؕ اِنَّ اللّٰهَ كَانَ عَلِیْمًا حَكِیْمًا ۟ۗۖ

Wa-maa tashaaaʹoona ʹillaaa ʹañy yashaaaʹal laah; ʹinnal laaha kaana ʻAleeman Ḥakeemaa.

پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

Verse 76:31

یُّدْخِلُ مَنْ یَّشَآءُ فِیْ رَحْمَتِهٖ ؕ وَالظّٰلِمِیْنَ اَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا اَلِیْمًا ۟۠

Yudkhilu mañy yashaaaʹu fee Raḥmatih; waz̤̣z̤̣aalimeena ʹaʻadda lahum ʻAẓaaban ʹaleemaa.

ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ زالىملارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى.