Home  /  Quran  /  Surah
Loading...
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ

Surah Al-Ahzab

Surah Al-Ahzab (The Confederates) is Surah 33 of the Holy Quran, a Medinan Surah with 73 verses, available here in Uyghur.

Surah 33 Medinan 73 verses Uyghur

Verse 33:1

یٰۤاَیُّهَا النَّبِیُّ اتَّقِ اللّٰهَ وَلَا تُطِعِ الْكٰفِرِیْنَ وَالْمُنٰفِقِیْنَ ؕ اِنَّ اللّٰهَ كَانَ عَلِیْمًا حَكِیْمًا ۟ۙ

Yaaa-ʹayyuhan Nabiyyut taq̣il laaha wa-laa tuṭiʻil kaafireena wal-Munaafiq̣een: ʹinnal laaha kaana ʻAleeman Ḥakeemaa.

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى (داۋاملاشتۇرغىن)، كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) ھېكمەت بىلەن باشقۇرغۇچىدۇر.

Verse 33:2

وَّاتَّبِعْ مَا یُوْحٰۤی اِلَیْكَ مِنْ رَّبِّكَ ؕ اِنَّ اللّٰهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُوْنَ خَبِیْرًا ۟ۙ

Wattabiʻ maa- yooḥaaa ʹilayka mir Rabbik: ʹinnal laaha kaana bimaa taʻmaloona khabeeraa.

ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگە (يەنى قۇرئانغا) ئەگەشكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.

Verse 33:3

وَّتَوَكَّلْ عَلَی اللّٰهِ ؕ وَكَفٰی بِاللّٰهِ وَكِیْلًا ۟

Wa-tawakkal ʻalal laah: wa-kafaa billaahi Wakeelaa.

(ھەممە ئىشىڭدا) ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئاللاھ (ساڭا) ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.

Verse 33:4

مَا جَعَلَ اللّٰهُ لِرَجُلٍ مِّنْ قَلْبَیْنِ فِیْ جَوْفِهٖ ۚ وَمَا جَعَلَ اَزْوَاجَكُمُ الّٰٓـِٔیْ تُظٰهِرُوْنَ مِنْهُنَّ اُمَّهٰتِكُمْ ۚ وَمَا جَعَلَ اَدْعِیَآءَكُمْ اَبْنَآءَكُمْ ؕ ذٰلِكُمْ قَوْلُكُمْ بِاَفْوَاهِكُمْ ؕ وَاللّٰهُ یَقُوْلُ الْحَقَّ وَهُوَ یَهْدِی السَّبِیْلَ ۟

Maa- jaʻalal laahu lirajulim miñ q̣albayni fee jawfih: wa-maa jaʻala ʹazwaajakumul laaaʹee tuz̤̣aahiroona minhunna ʹummahaatikum: wa-maa jaʻala ʹadʻiyaaaʹakum ʹabnaaaʹakum. Ẓaalikum q̣awlukum̃ biʹafwaahikum. Wallaahu yaq̣oolul Ḥaq̣q̣a wa-Huwa yahdis Sabeel.

ئاللاھ ھېچ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق، سىلەر زىھار قىلغان ئاياللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئانا قىلغىنى يوق، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ ئاللاھ (ھەممە ھۆكۈمدە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان) بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى، بۇ (يەنى ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولمىغانلارنى بالا دېيىش) پەقەت ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، ئاللاھ ھەق (سۆز) نى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ.

Verse 33:5

اُدْعُوْهُمْ لِاٰبَآىِٕهِمْ هُوَ اَقْسَطُ عِنْدَ اللّٰهِ ۚ فَاِنْ لَّمْ تَعْلَمُوْۤا اٰبَآءَهُمْ فَاِخْوَانُكُمْ فِی الدِّیْنِ وَمَوَالِیْكُمْ ؕ وَلَیْسَ عَلَیْكُمْ جُنَاحٌ فِیْمَاۤ اَخْطَاْتُمْ بِهٖ ۙ وَلٰكِنْ مَّا تَعَمَّدَتْ قُلُوْبُكُمْ ؕ وَكَانَ اللّٰهُ غَفُوْرًا رَّحِیْمًا ۟

ʹUdʻoohum liʹaabaaaʹihim huwa ʹaq̣saṭu ʻiñdal laah. Faʹil lam taʻlamooo ʹaabaaaʹahum faʹikhwaanukum fid deeni wa-mawaaleekum. Wa-laysa ʻalaykum junaaḥuñ feemaaa ʹakhṭaʹtum̃ bihee wa-laakim maa taʻammadat q̣uloobukum: wa-kaanal laahu G̣afoorar Raḥeemaa.

ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر، دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

Verse 33:6

اَلنَّبِیُّ اَوْلٰی بِالْمُؤْمِنِیْنَ مِنْ اَنْفُسِهِمْ وَاَزْوَاجُهٗۤ اُمَّهٰتُهُمْ ؕ وَاُولُوا الْاَرْحَامِ بَعْضُهُمْ اَوْلٰی بِبَعْضٍ فِیْ كِتٰبِ اللّٰهِ مِنَ الْمُؤْمِنِیْنَ وَالْمُهٰجِرِیْنَ اِلَّاۤ اَنْ تَفْعَلُوْۤا اِلٰۤی اَوْلِیٰٓىِٕكُمْ مَّعْرُوْفًا ؕ كَانَ ذٰلِكَ فِی الْكِتٰبِ مَسْطُوْرًا ۟

ʹAn-Nabiyyu ʹawlaa bil-Muʹmineena min ʹañfusihim wa-ʹazwaajuhooo ʹummahaatuhum. Wa-ʹulul ʹarḥaami baʻḍuhum ʹawlaa bibaʻḍiñ fee Kitaabil laahi minal Muʹmineena wal-Muhaajireena ʹillaaa ʹañ tafʻalooo ʹilaaa ʹawliyaaaʹikum maʻroofaa: kaana ẓaalika fil Kitaabi masṭooraa.

پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، كىتابۇللاھتا ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە (مىراس ئېلىشتا) مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر، لېكىن (مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن بولغان) دوستلىرىڭلارغا ۋەسىيەت قىلساڭلار دۇرۇس بولىدۇ، بۇ (يەنى تۇغقانلارنىڭ ئۆز ئارا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشى) كىتابتا (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىدا) يېزىلغاندۇر.

Verse 33:7

وَاِذْ اَخَذْنَا مِنَ النَّبِیّٖنَ مِیْثَاقَهُمْ وَمِنْكَ وَمِنْ نُّوْحٍ وَّاِبْرٰهِیْمَ وَمُوْسٰی وَعِیْسَی ابْنِ مَرْیَمَ ۪ وَاَخَذْنَا مِنْهُمْ مِّیْثَاقًا غَلِیْظًا ۟ۙ

Wa-ʹiẓ ʹakhaẓnaa minan Nabiyyeena Mees̤aaq̣ahum wa-miñka wa-min Nooḥiñw WaʹIbraaheema wa-Moosaa wa-ʻEesab ni Maryam: wa-ʹakhaẓnaa minhum Mees̤aaq̣an g̣aleez̤̣aa:

ئۆز ۋاقتىدا بىز پەيغەمبەرلەردىن ئەھدە ئالدۇق، سەندىن، نۇھتىن، ئىبراھىمدىن، مۇسادىن، مەريەم ئوغلى ئىيسادىن مەھكەم ئەھدە ئالدۇق.

Verse 33:8

لِّیَسْـَٔلَ الصّٰدِقِیْنَ عَنْ صِدْقِهِمْ ۚ وَاَعَدَّ لِلْكٰفِرِیْنَ عَذَابًا اَلِیْمًا ۟۠

Liyasʹalaṣ Ṣaadiq̣eena ʻañ Ṣidq̣ihim: wa-ʹaʻadda lilkaafireena ʻAẓaaban ʹaleemaa.

ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) راستچىللاردىن راستچىللىقى توغرۇلۇق سورايدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەردىن پەيغەمبەرلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى سورايدۇ)، ئاللاھ كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى.

Verse 33:9

یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوا اذْكُرُوْا نِعْمَةَ اللّٰهِ عَلَیْكُمْ اِذْ جَآءَتْكُمْ جُنُوْدٌ فَاَرْسَلْنَا عَلَیْهِمْ رِیْحًا وَّجُنُوْدًا لَّمْ تَرَوْهَا ؕ وَكَانَ اللّٰهُ بِمَا تَعْمَلُوْنَ بَصِیْرًا ۟ۚ

Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanuẓ kuroo Niʻmatal laahi ʻalaykum ʹiẓ jaaaʹatkum junooduñ faʹarsalnaa ʻalayhim reeḥañw wajunoodal lam tarawhaa: wa-kaanal laahu bimaa taʻmaloona Baṣeeraa.

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا (كۇففارلاردىن ئۇيۇشقان ئۇرۇشقۇچى) قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

Verse 33:10

اِذْ جَآءُوْكُمْ مِّنْ فَوْقِكُمْ وَمِنْ اَسْفَلَ مِنْكُمْ وَاِذْ زَاغَتِ الْاَبْصَارُ وَبَلَغَتِ الْقُلُوْبُ الْحَنَاجِرَ وَتَظُنُّوْنَ بِاللّٰهِ الظُّنُوْنَا ۟

ʹIẓ jaaaʹookum miñ fawq̣ikum wa-min ʹasfala miñkum wa-ʹiẓ zaag̣atil ʹabṣaaru wa-balag̣atil q̣uloobul ḥanaajira wa-taz̤̣unnoona billaahiz̤̣ z̤̣unoonaa!

ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار.

Verse 33:11

هُنَالِكَ ابْتُلِیَ الْمُؤْمِنُوْنَ وَزُلْزِلُوْا زِلْزَالًا شَدِیْدًا ۟

Hunaalikab tuliyal Muʹminoona wa-zulziloo zilzaalañ shadeedaa.

بۇ يەردە مۆمىنلەر سىنالغان ۋە (بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ قاتتىقلىقىدىن گويا ئۇلارنى يەر سىلكىگەندەك) قاتتىق تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان ئىدى.

Verse 33:12

وَاِذْ یَقُوْلُ الْمُنٰفِقُوْنَ وَالَّذِیْنَ فِیْ قُلُوْبِهِمْ مَّرَضٌ مَّا وَعَدَنَا اللّٰهُ وَرَسُوْلُهٗۤ اِلَّا غُرُوْرًا ۟

Wa-ʹiẓ yaq̣oolul Munaafiq̣oona wallaẓeena fee q̣uloobihim maraḍum maa waʻadanal laahu wa-Rasooluhooo ʹillaa g̣urooraa!

ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلار: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپتىكەن» دېيىشەتتى.

Verse 33:13

وَاِذْ قَالَتْ طَّآىِٕفَةٌ مِّنْهُمْ یٰۤاَهْلَ یَثْرِبَ لَا مُقَامَ لَكُمْ فَارْجِعُوْا ۚ وَیَسْتَاْذِنُ فَرِیْقٌ مِّنْهُمُ النَّبِیَّ یَقُوْلُوْنَ اِنَّ بُیُوْتَنَا عَوْرَةٌ ۛؕ وَمَا هِیَ بِعَوْرَةٍ ۛۚ اِنْ یُّرِیْدُوْنَ اِلَّا فِرَارًا ۟

Wa-ʹiẓ q̣aalaṭ ṭaaaʹifatum minhum yaaaʹAhla Yas̤riba laa- muq̣aama lakum farjiʻoo! Wa-yastaʹẓinu fareeq̣um minhumun Nabiyya yaq̣ooloona ʹinna buyootanaa ʻawrah. Wa-maa hiya biʻawratin ʹiñy yureedoona ʹillaa firaaraa.

ئەينى ۋاقىتتا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم: «ئى يەسرىبلىكلەر! بۇ يەردە تۇرماي قايتىڭلار!» دېيىشەتتى، ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم: «بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز ھەقىقەتەن ئوچۇقچىلىقتا» دېيىشىپ، پەيغەمبەردىن رۇخسەت سورىشاتتى، بۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئوچۇقچىلىقتا ئەمەس، ئۇلار پەقەت قېچىشنىلا ئويلايدۇ.

Verse 33:14

وَلَوْ دُخِلَتْ عَلَیْهِمْ مِّنْ اَقْطَارِهَا ثُمَّ سُىِٕلُوا الْفِتْنَةَ لَاٰتَوْهَا وَمَا تَلَبَّثُوْا بِهَاۤ اِلَّا یَسِیْرًا ۟

Wa-law dukhilat ʻalayhim min ʹaq̣ṭaarihaa s̤umma suʹilul fitnata laʹaatawhaa wa-maa talabbas̤oo bihaaa ʹillaa yaseeraa!

ئەگەر شەھەرگە تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىلسە، ئاندىن ئۇلاردىن ئىمانىدىن قايتىش، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇلار بۇ تەلەپنى ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا قوبۇل قىلاتتى.

Verse 33:15

وَلَقَدْ كَانُوْا عَاهَدُوا اللّٰهَ مِنْ قَبْلُ لَا یُوَلُّوْنَ الْاَدْبَارَ ؕ وَكَانَ عَهْدُ اللّٰهِ مَسْـُٔوْلًا ۟

Wa-laq̣ad kaanoo ʻaahadul laaha miñ q̣ablu laa- yuwal-loonal ʹadbaar: wa-kaana ʻahdul laahi masʹoolaa.

ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئىلگىرى ئاللاھقا (جەڭدە) چېكىنمەسلىككە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسى سورىلىدۇ.

Verse 33:16

قُلْ لَّنْ یَّنْفَعَكُمُ الْفِرَارُ اِنْ فَرَرْتُمْ مِّنَ الْمَوْتِ اَوِ الْقَتْلِ وَاِذًا لَّا تُمَتَّعُوْنَ اِلَّا قَلِیْلًا ۟

Q̣ul lañy yañfaʻakumul firaaru ʹiñ farartum minal mawti ʹawil q̣atli wa-ʹiẓal laa tumattaʻoona ʹillaa q̣aleelaa!

ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن يا ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار، قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، قاچقاندىمۇ سىلەر (دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولالايسىلەر».

Verse 33:17

قُلْ مَنْ ذَا الَّذِیْ یَعْصِمُكُمْ مِّنَ اللّٰهِ اِنْ اَرَادَ بِكُمْ سُوْٓءًا اَوْ اَرَادَ بِكُمْ رَحْمَةً ؕ وَلَا یَجِدُوْنَ لَهُمْ مِّنْ دُوْنِ اللّٰهِ وَلِیًّا وَّلَا نَصِیْرًا ۟

Q̣ul mañ ẓal laẓee yaʻṣimukum minal laahi ʹin ʹaraada bikum Soooʹan ʹaw ʹaraada bikum Raḥmah? Wa-laa yajidoona lahum miñ doonil laahi wa-liyyañw walaa naṣeeraa.

ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، كىم ئاللاھقا قارشى تۇرۇپ سىلەرنى قوغدىيالايدۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا (كىم ئۇنىڭغا ئارىلىشالايدۇ؟)» ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە ھېچ ياردەمچى تاپالمايدۇ.

Verse 33:18

قَدْ یَعْلَمُ اللّٰهُ الْمُعَوِّقِیْنَ مِنْكُمْ وَالْقَآىِٕلِیْنَ لِاِخْوَانِهِمْ هَلُمَّ اِلَیْنَا ۚ وَلَا یَاْتُوْنَ الْبَاْسَ اِلَّا قَلِیْلًا ۟ۙ

Q̣ad yaʻlamul laahul muʻawwiq̣eena miñkum walq̣aaaʹileena liʹikhwaanihim halumma ʹilaynaa, wa-laa yaʹtoonal baʹsa ʹillaa q̣aleelaa,

ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى باشقىلارنى (جىھادتىن) توسقۇچىلارنى ۋە قېرىنداشلىرىغا (مۇھەممەدنى ۋە ساھابىلىرىنى تەرك ئېتىپ) بىزنىڭ قېشىمىزغا كېلىڭلار دېگۈچىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇلار جەڭگە (رىيا قىلىپ) ئاندا ـ ساندا قاتنىشىدۇ.

Verse 33:19

اَشِحَّةً عَلَیْكُمْ ۖۚ فَاِذَا جَآءَ الْخَوْفُ رَاَیْتَهُمْ یَنْظُرُوْنَ اِلَیْكَ تَدُوْرُ اَعْیُنُهُمْ كَالَّذِیْ یُغْشٰی عَلَیْهِ مِنَ الْمَوْتِ ۚ فَاِذَا ذَهَبَ الْخَوْفُ سَلَقُوْكُمْ بِاَلْسِنَةٍ حِدَادٍ اَشِحَّةً عَلَی الْخَیْرِ ؕ اُولٰٓىِٕكَ لَمْ یُؤْمِنُوْا فَاَحْبَطَ اللّٰهُ اَعْمَالَهُمْ ؕ وَكَانَ ذٰلِكَ عَلَی اللّٰهِ یَسِیْرًا ۟

ʹAshiḥḥatan ʻalaykum. Faʹiẓaa jaaaʹal khawfu raʹaytahum yañz̤̣uroona ʹilayka tadooru ʹaʻyunuhum kallaẓee yug̣shaa ʻalayhi minal mawt: Faʹiẓaa ẓahabal khawfu salaq̣ookum̃ biʹalsinatin ḥidaadin ʹashiḥḥatan ʻalal khayr. ʹUlaaaʹika lam yuʹminoo faʹaḥbaṭal laahu ʹaʻmaalahum: wa-kaana ẓaalika ʻalal laahi yaseeraa.

ئۇلار سىلەرگە (ياردەمدە بولۇشقا) بېخىلدۇر، ئەگەر (ئۇلارغا دۈشمەن تەرەپتىن) خەۋپ كېلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ساڭا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك (قورقۇنچتىن) كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. قورقۇنچ كەتكەندە، ئۇلار پۇل ـ مالغا ئاچكۆز بولغان ھالدا سىلەرنى كەسكىن تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئۇلار (چىن دىللىرى بىلەن) ئىمان ئېيتقان ئەمەس. (ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلدى، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئاساندۇر.

Verse 33:20

یَحْسَبُوْنَ الْاَحْزَابَ لَمْ یَذْهَبُوْا ۚ وَاِنْ یَّاْتِ الْاَحْزَابُ یَوَدُّوْا لَوْ اَنَّهُمْ بَادُوْنَ فِی الْاَعْرَابِ یَسْاَلُوْنَ عَنْ اَنْۢبَآىِٕكُمْ ؕ وَلَوْ كَانُوْا فِیْكُمْ مَّا قٰتَلُوْۤا اِلَّا قَلِیْلًا ۟۠

Yaḥsaboonal ʹAḤZAABA lam yaẓhaboo; wa-ʹiñy yaʹtil ʹAḥzaabu yawaddoo law ʹannahum̃ baadoona fil ʹAʻraabi yasʹaloona ʻan ʹambaaaʹikum; wa-law kaanoo feekum maa q̣aatalooo ʹillaa q̣aleelaa.

ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (قاتتىق قورققانلىقتىن) ئىتتىپاقداش قوشۇننى چېكىنمىدى دەپ ئويلايدۇ، ئەگەر ئىتتىپاقداش قوشۇن قايتا كەلسە، ئۇلار (قىردا) ئەئرابىيلارنىڭ (يەنى قىر ئەرەبلىرىنىڭ) يېنىدا تۇرۇپ سىلەرنىڭ خەۋەرلىرىڭلارنى ئۇققاچ (تىنچ يېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار (ئۇرۇش ۋاقتىدا) ئاراڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، (قورققانلىقتىن) جەڭگە (رىيا قىلىپ) ئاندا ـ ساندا قاتناشقان بولاتتى.

Verse 33:21

لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِیْ رَسُوْلِ اللّٰهِ اُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَنْ كَانَ یَرْجُوا اللّٰهَ وَالْیَوْمَ الْاٰخِرَ وَذَكَرَ اللّٰهَ كَثِیْرًا ۟ؕ

Laq̣ad kaana lakum fee Rasoolil laahi ʹUswatun Ḥasanatul limañ kaana yarjul laaha wal-Yawmal ʹAakhira waẓakaral laaha kas̤eeraa.

سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.

Verse 33:22

وَلَمَّا رَاَ الْمُؤْمِنُوْنَ الْاَحْزَابَ ۙ قَالُوْا هٰذَا مَا وَعَدَنَا اللّٰهُ وَرَسُوْلُهٗ وَصَدَقَ اللّٰهُ وَرَسُوْلُهٗ ؗ وَمَا زَادَهُمْ اِلَّاۤ اِیْمَانًا وَّتَسْلِیْمًا ۟ؕ

Wa-lammaa ra ʹal-Muʹminoonal ʹAḥzaaba q̣aaloo haaẓaa maa- waʻadanal laahu wa-Rasooluhoo waṣadaq̣al laahu wa-Rasooluh. Wa-maa zaadahum ʹillaaa ʹeemaanañw Watasleemaa.

مۆمىنلەر ئىتتىپاقداش قوشۇننى كۆرگەن چاغدا: «بۇ (يەنى قېيىن ئەھۋالدا قالغاندا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان ئىشتۇر. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتتى» دېيىشتى. (بۇ ئىش) ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا بولغان) ئىمانىنى ۋە (ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بولغان) بويسۇنۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

Verse 33:23

مِنَ الْمُؤْمِنِیْنَ رِجَالٌ صَدَقُوْا مَا عَاهَدُوا اللّٰهَ عَلَیْهِ ۚ فَمِنْهُمْ مَّنْ قَضٰی نَحْبَهٗ وَمِنْهُمْ مَّنْ یَّنْتَظِرُ ۖؗ وَمَا بَدَّلُوْا تَبْدِیْلًا ۟ۙ

Minal Muʹmineena rijaaluñ ṣadaq̣oo maa- ʻaahadul laaha ʻalayh: faminhum mañ q̣aḍaa naḥbahoo wa-minhum mañy yañtaz̤̣ir: wa-maa baddaloo tabdeelaa:

مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتكمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق.

Verse 33:24

لِّیَجْزِیَ اللّٰهُ الصّٰدِقِیْنَ بِصِدْقِهِمْ وَیُعَذِّبَ الْمُنٰفِقِیْنَ اِنْ شَآءَ اَوْ یَتُوْبَ عَلَیْهِمْ ؕ اِنَّ اللّٰهَ كَانَ غَفُوْرًا رَّحِیْمًا ۟ۚ

Liyajziyal laahuṣ Ṣaadiq̣eena bi-Ṣidq̣ihim wa-yuʻaẓẓibal Munaafiq̣eena ʹiñ shaaaʹa ʹaw yatooba ʻalayhim: ʹinnal laaha kaana G̣afoorar Raḥeemaa.

ئاللاھ راستچىللارغا راستچىللىقى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە ئەڭ ياخشى) مۇكاپات بېرىدۇ، مۇناپىقلارنى ئەگەر خالىسا ئازابلايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

Verse 33:25

وَرَدَّ اللّٰهُ الَّذِیْنَ كَفَرُوْا بِغَیْظِهِمْ لَمْ یَنَالُوْا خَیْرًا ؕ وَكَفَی اللّٰهُ الْمُؤْمِنِیْنَ الْقِتَالَ ؕ وَكَانَ اللّٰهُ قَوِیًّا عَزِیْزًا ۟ۚ

Wa-raddal laahul laẓeena kafaroo big̣ayz̤̣ihim lam yanaaloo khayraa; wa-kafal laahul Muʹmineenal q̣itaal. Wa-kaanal laahu Q̣awiyyan ʻAzeezaa.

ئاللاھ كاپىرلار (يەنى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلغان ئىتتىپاقداش قوشۇن) نى خاپا قايتۇردى، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ (دۈشمەنگە بوران ۋە پەرىشتىلەرنى ئاپىرىدە قىلىپ) مۆمىنلەرنى ئۇرۇشسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈردى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.

Verse 33:26

وَاَنْزَلَ الَّذِیْنَ ظَاهَرُوْهُمْ مِّنْ اَهْلِ الْكِتٰبِ مِنْ صَیَاصِیْهِمْ وَقَذَفَ فِیْ قُلُوْبِهِمُ الرُّعْبَ فَرِیْقًا تَقْتُلُوْنَ وَتَاْسِرُوْنَ فَرِیْقًا ۟ۚ

Wa-ʹañzalal laẓeena z̤̣aaharoohum min ʹahlil Kitaabi miñ ṣayaaṣeehim wa-q̣aẓafa fee q̣uloobihi mur-ruʻba fareeq̣añ taq̣tuloona wa-taʹsiroona fareeq̣aa.

ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن مۇشرىكلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىنى بۇزغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنى) قورغانلىرىدىن چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. (ئۇلارنىڭ) بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردۇڭلار ۋە بىر بۆلۈكىنى ئەسىر ئالدىڭلار.

Verse 33:27

وَاَوْرَثَكُمْ اَرْضَهُمْ وَدِیَارَهُمْ وَاَمْوَالَهُمْ وَاَرْضًا لَّمْ تَطَـُٔوْهَا ؕ وَكَانَ اللّٰهُ عَلٰی كُلِّ شَیْءٍ قَدِیْرًا ۟۠

Wa-ʹawras̤akum ʹarḍahum wa-diyaarahum wa-ʹamwaalahum wa-ʹarḍal lam taṭaʹoohaa. Wa-kaanal laahu ʻalaa kulli shayiñ Q̣adeeraa.

ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى، قورو ـ جايلىرىنى، مال ـ مۈلۈكلىرىنى ۋە (تېخى) سىلەرنىڭ قەدىمىڭلار دەسسەپ باقمىغان زېمىننى مىراس قىلىپ بەردى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

Verse 33:28

یٰۤاَیُّهَا النَّبِیُّ قُلْ لِّاَزْوَاجِكَ اِنْ كُنْتُنَّ تُرِدْنَ الْحَیٰوةَ الدُّنْیَا وَزِیْنَتَهَا فَتَعَالَیْنَ اُمَتِّعْكُنَّ وَاُسَرِّحْكُنَّ سَرَاحًا جَمِیْلًا ۟

Yaaaʹayyuhan Nabiyyu q̣ul liʹazwaajika ʹiñ kuñtunna turidnal ḥayaatad dunyaa wa-zeenatahaa fataʻaalayna ʹumattiʻkunna wa-ʹusarriḥkunna saraahañ jameelaa.

. ئى پەيغەمبەر! (ئارتۇق خىراجەت سوراپ سېنى رەنجىتكەن) ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (يەنى پاراۋان تۇرمۇشنى) ۋە دۇنيانىڭ زىبۇ زىننىتىنى كۆزلىسەڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرەي، سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي.

Verse 33:29

وَاِنْ كُنْتُنَّ تُرِدْنَ اللّٰهَ وَرَسُوْلَهٗ وَالدَّارَ الْاٰخِرَةَ فَاِنَّ اللّٰهَ اَعَدَّ لِلْمُحْسِنٰتِ مِنْكُنَّ اَجْرًا عَظِیْمًا ۟

Wa-ʹiñ kuñtunna turidnal laaha wa-Rasoolahoo wad-Daaral ʹAakhirata faʹinnal laaha ʹaʻadda lil-Muḥsinaati miñ-kunna ʹajran ʻaz̤̣eemaa.

ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى (يەنى كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نازۇنېمەتلەر بار جەننەتنى) تەييار قىلدى».

Verse 33:30

یٰنِسَآءَ النَّبِیِّ مَنْ یَّاْتِ مِنْكُنَّ بِفَاحِشَةٍ مُّبَیِّنَةٍ یُّضٰعَفْ لَهَا الْعَذَابُ ضِعْفَیْنِ ؕ وَكَانَ ذٰلِكَ عَلَی اللّٰهِ یَسِیْرًا ۟

Yaa-Nisaaaʹan Nabiyyi mañy yaʹti miñkunna bifaaḥishatim mubayyinatiñy yuḍaaʻaf lahal ʻAẓaabu ḍiʻfayn: wa-kaana ẓaalika ʻalal laahi yaseeraa.

ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئىچىڭلاردىن كىمكى ئاشكارا قەبىھ ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.

Verse 33:31

وَمَنْ یَّقْنُتْ مِنْكُنَّ لِلّٰهِ وَرَسُوْلِهٖ وَتَعْمَلْ صَالِحًا نُّؤْتِهَاۤ اَجْرَهَا مَرَّتَیْنِ ۙ وَاَعْتَدْنَا لَهَا رِزْقًا كَرِیْمًا ۟

Wa-mañy yaq̣nut miñkunna lillaahi wa-Rasoolihee wa-taʻmal ṣaaliḥan nuʹtihaaa ʹajrahaa marratayni wa-ʹaʻtadnaa lahaa Rizq̣añ kareemaa.

سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ساۋابنى ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، ئۇنىڭغا (جەننەتتە) ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق.

Verse 33:32

یٰنِسَآءَ النَّبِیِّ لَسْتُنَّ كَاَحَدٍ مِّنَ النِّسَآءِ اِنِ اتَّقَیْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَیَطْمَعَ الَّذِیْ فِیْ قَلْبِهٖ مَرَضٌ وَّقُلْنَ قَوْلًا مَّعْرُوْفًا ۟ۚ

Yaa-Nisaaaʹan Nabiyyi lastunna kaʹaḥadim minan nisaaaʹi ʹinit taq̣aytunna falaa takhḍaʻna bilq̣awli fayaṭmaʻal laẓee fee q̣albihee maraḍuñw waq̣ulna q̣awlam maʻroofaa.

ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازلىنىپ سۆز قىلماڭلار، (نازلىنىپ سۆز قىلساڭلار) دىلىدا كېسەل بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالىي) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار.

Verse 33:33

وَقَرْنَ فِیْ بُیُوْتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِیَّةِ الْاُوْلٰی وَاَقِمْنَ الصَّلٰوةَ وَاٰتِیْنَ الزَّكٰوةَ وَاَطِعْنَ اللّٰهَ وَرَسُوْلَهٗ ؕ اِنَّمَا یُرِیْدُ اللّٰهُ لِیُذْهِبَ عَنْكُمُ الرِّجْسَ اَهْلَ الْبَیْتِ وَیُطَهِّرَكُمْ تَطْهِیْرًا ۟ۚ

Wa-q̣arna fee buyootikunna wa-laa tabarrajna tabarrujal Jaahiliyyatil ʹoolaa wa-ʹaq̣imnaṣ Ṣalaata wa-ʹaateenaz Zakaata wa-ʹaṭiʻnal laaha wa-Rasoolah. ʹInnamaa yureedul laahu liyuẓhiba ʻañkumur rijsa ʹAhlal Bayti wa-yuṭahhirakum taṭheeraa.

ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ.

Verse 33:34

وَاذْكُرْنَ مَا یُتْلٰی فِیْ بُیُوْتِكُنَّ مِنْ اٰیٰتِ اللّٰهِ وَالْحِكْمَةِ ؕ اِنَّ اللّٰهَ كَانَ لَطِیْفًا خَبِیْرًا ۟۠

Waẓkurna maa- yutlaa fee buyootikunna min ʹAayaatil laahi wal-Ḥikmah: ʹinnal laaha kaana Laṭeefan khabeeraa.

ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى) دىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىرلارنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.

Verse 33:35

اِنَّ الْمُسْلِمِیْنَ وَالْمُسْلِمٰتِ وَالْمُؤْمِنِیْنَ وَالْمُؤْمِنٰتِ وَالْقٰنِتِیْنَ وَالْقٰنِتٰتِ وَالصّٰدِقِیْنَ وَالصّٰدِقٰتِ وَالصّٰبِرِیْنَ وَالصّٰبِرٰتِ وَالْخٰشِعِیْنَ وَالْخٰشِعٰتِ وَالْمُتَصَدِّقِیْنَ وَالْمُتَصَدِّقٰتِ وَالصَّآىِٕمِیْنَ وَالصّٰٓىِٕمٰتِ وَالْحٰفِظِیْنَ فُرُوْجَهُمْ وَالْحٰفِظٰتِ وَالذّٰكِرِیْنَ اللّٰهَ كَثِیْرًا وَّالذّٰكِرٰتِ ۙ اَعَدَّ اللّٰهُ لَهُمْ مَّغْفِرَةً وَّاَجْرًا عَظِیْمًا ۟

ʹInnal Muslimeena wal-Muslimaati wal-muʹmineena wal-muʹminaati walq̣aaniteena walq̣aanitaati waṣṣaadiq̣eena waṣṣaadiq̣aati waṣṣaabireena waṣṣaabiraati walkhaashiʻeena walkhaashiʻaati walmutaṣaddiq̣eena walmutaṣaddiq̣aati waṣṣaaaʹimeena waṣṣaaaʹimaati walḥaafiz̤̣eena furoojahum walḥaafiz̤̣aati waẓ-ẓaakireenal laaha kas̤eerañw waẓ-ẓaakiraati ʹaʻaddal laahu lahum mag̣firatañw waʹajran ʻaz̤̣eemaa.

مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى.

Verse 33:36

وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَّلَا مُؤْمِنَةٍ اِذَا قَضَی اللّٰهُ وَرَسُوْلُهٗۤ اَمْرًا اَنْ یَّكُوْنَ لَهُمُ الْخِیَرَةُ مِنْ اَمْرِهِمْ ؕ وَمَنْ یَّعْصِ اللّٰهَ وَرَسُوْلَهٗ فَقَدْ ضَلَّ ضَلٰلًا مُّبِیْنًا ۟ؕ

Wa-maa kaana li-Muʹminiñw walaa Muʹminatin ʹiẓaa q̣aḍal laahu wa-Rasooluhooo ʹamran ʹañy yakoona lahumul khiyaratu min ʹamrihim: wa-mañy yaʻṣil laaha wa-Rasoolahoo faq̣ad ḍalla ḍalaalam mubeenaa.

ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.

Verse 33:37

وَاِذْ تَقُوْلُ لِلَّذِیْۤ اَنْعَمَ اللّٰهُ عَلَیْهِ وَاَنْعَمْتَ عَلَیْهِ اَمْسِكْ عَلَیْكَ زَوْجَكَ وَاتَّقِ اللّٰهَ وَتُخْفِیْ فِیْ نَفْسِكَ مَا اللّٰهُ مُبْدِیْهِ وَتَخْشَی النَّاسَ ۚ وَاللّٰهُ اَحَقُّ اَنْ تَخْشٰىهُ ؕ فَلَمَّا قَضٰی زَیْدٌ مِّنْهَا وَطَرًا زَوَّجْنٰكَهَا لِكَیْ لَا یَكُوْنَ عَلَی الْمُؤْمِنِیْنَ حَرَجٌ فِیْۤ اَزْوَاجِ اَدْعِیَآىِٕهِمْ اِذَا قَضَوْا مِنْهُنَّ وَطَرًا ؕ وَكَانَ اَمْرُ اللّٰهِ مَفْعُوْلًا ۟

Wa-ʹiẓ taq̣oolu lillaẓeee ʹanʻamal laahu ʻalayhi wa-ʹanʻamta ʻalayhi ʹamsik ʻalayka zawjaka wattaq̣il laaha wa-tukhfee fee nafsika mal laahu mubdeehi watakhshan naas. Wallaahu ʹaḥaq̣q̣u ʹañ takhshaah. Falammaa q̣aḍaa Zaydum minhaa wa-ṭarañ zawwajnaakahaa likay laa- yakoona ʻalal Muʹmineena ḥarajuñ feee ʹazwaaji ʹadʻiyaaaʹihim ʹiẓaa q̣aḍaw minhunna waṭaraa. Wa-kaana ʹamrul laahi mafʻoolaa.

ئۆز ۋاقتىدا سەن، ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھتىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەيد ئۇنى (يەنى زەينەبنى) قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللاھنىڭ (سېنىڭ زەينەبنى ئېلىشىڭ توغرىسىدىكى) ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ.

Verse 33:38

مَا كَانَ عَلَی النَّبِیِّ مِنْ حَرَجٍ فِیْمَا فَرَضَ اللّٰهُ لَهٗ ؕ سُنَّةَ اللّٰهِ فِی الَّذِیْنَ خَلَوْا مِنْ قَبْلُ ؕ وَكَانَ اَمْرُ اللّٰهِ قَدَرًا مَّقْدُوْرَا ۟ؗۙ

Maa- kaana ʻalan Nabiyyi min ḥarajiñ feemaa faraḍal laahu lah. Sunnatal laahi fil laẓeena khalaw miñ q̣abl. Wa-kaana ʹamrul laahi q̣adaram maq̣dooraa.

ئاللاھ پەيغەمبەرگە ھالال قىلغان ئىشقا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (بۇ) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى (پەيغەمبەرلەرگە) تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىتىلىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر.

Verse 33:39

لَّذِیْنَ یُبَلِّغُوْنَ رِسٰلٰتِ اللّٰهِ وَیَخْشَوْنَهٗ وَلَا یَخْشَوْنَ اَحَدًا اِلَّا اللّٰهَ ؕ وَكَفٰی بِاللّٰهِ حَسِیْبًا ۟

ʹAllaẓeena yuballig̣oona Risaalaatil laahi wa-yakhshaw-nahoo wa-laa yakhshawna ʹaḥadan ʹillal laah. Wa-kafaa billaahi Ḥaseebaa.

ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىدىن قورقمايدۇ (ئى مۇھەممەد! سەنمۇ ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقماسلىقتا شۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكىن)، ئاللاھ (ھەممە ئىشلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر.

Verse 33:40

مَا كَانَ مُحَمَّدٌ اَبَاۤ اَحَدٍ مِّنْ رِّجَالِكُمْ وَلٰكِنْ رَّسُوْلَ اللّٰهِ وَخَاتَمَ النَّبِیّٖنَ ؕ وَكَانَ اللّٰهُ بِكُلِّ شَیْءٍ عَلِیْمًا ۟۠

Maa- kaana Muḥammadun ʹabaaa ʹaḥadim mir rijaalikum wa-laakir Rasoolal laahi wa-Khaataman Nabiyyeen: wa-kaanal laahu bikulli shayʹin ʻAleemaa.

مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن (ئۇ) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر (ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر (سىلەرنىڭ سۆز ـ ھەرىكىتىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس).

Verse 33:41

یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوا اذْكُرُوا اللّٰهَ ذِكْرًا كَثِیْرًا ۟ۙ

Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanuẓ kurul laaha ẓikrañ kas̤eeraa;

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار.

Verse 33:42

وَّسَبِّحُوْهُ بُكْرَةً وَّاَصِیْلًا ۟

Wa-sabbiḥoohu bukratañw waʹaṣeelaa.

ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار (چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىتتا پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇ ۋاقىتلارنىڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ).

Verse 33:43

هُوَ الَّذِیْ یُصَلِّیْ عَلَیْكُمْ وَمَلٰٓىِٕكَتُهٗ لِیُخْرِجَكُمْ مِّنَ الظُّلُمٰتِ اِلَی النُّوْرِ ؕ وَكَانَ بِالْمُؤْمِنِیْنَ رَحِیْمًا ۟

Huwal laẓee yuṣallee ʻalaykum wa-malaaaʹikatuhoo liyukhrijakum minaz̤̣ Z̤̣ulumaati ʹilan Noor: wa-kaana bil-Muʹmineena Raḥeemaa.

ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا (يەنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە) چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۆمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.

Verse 33:44

تَحِیَّتُهُمْ یَوْمَ یَلْقَوْنَهٗ سَلٰمٌ ۚۖ وَاَعَدَّ لَهُمْ اَجْرًا كَرِیْمًا ۟

Taḥiyyatuhum Yawma yalq̣awnahoo Salaam; wa-ʹaʻadda lahum ʹAjrañ Kareemaa.

ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولغان كۈندە ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن يوللىنىدىغان سالام، (سىلەرگە) ئامانلىق بولسۇن (دېگەن سۆزدىن ئىبارەت)، ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى.

Verse 33:45

یٰۤاَیُّهَا النَّبِیُّ اِنَّاۤ اَرْسَلْنٰكَ شَاهِدًا وَّمُبَشِّرًا وَّنَذِیْرًا ۟ۙ

Yaaaʹayyuhan Nabiyyu ʹinnaaa ʹarsalnaaka Shaahidañw Wa-Mubashshirañw Wa-Naẓeeraa,

ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ (بىرلىكىگە، تائەت ـ ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق[45ـ46].

Verse 33:46

وَّدَاعِیًا اِلَی اللّٰهِ بِاِذْنِهٖ وَسِرَاجًا مُّنِیْرًا ۟

Wa-Daaʻiyan ʹilal laahi biʹiẓnihee wa-Siraajam Muneeraa.

ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ (بىرلىكىگە، تائەت ـ ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق[45ـ46].

Verse 33:47

وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِیْنَ بِاَنَّ لَهُمْ مِّنَ اللّٰهِ فَضْلًا كَبِیْرًا ۟

Wa-bashshiril Muʹmineena biʹanna lahum minal laahi Faḍlañ kabeeraa.

مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئېھسانىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن خۇشخەۋەر بەرگىن.

Verse 33:48

وَلَا تُطِعِ الْكٰفِرِیْنَ وَالْمُنٰفِقِیْنَ وَدَعْ اَذٰىهُمْ وَتَوَكَّلْ عَلَی اللّٰهِ ؕ وَكَفٰی بِاللّٰهِ وَكِیْلًا ۟

Wa-laa tuṭiʻil kaafireena wal-Munaafiq̣eena wa-daʻ ʹaẓaahum wa-tawakkal ʻalal laah. Wa-kafaa billaahi Wakeelaa.

كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارنىڭ (ساڭا قىلغان) ئازار ـ كۈلپەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن (ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن)، ئاللاھ (ئۇنىڭغا) تەۋەككۈل قىلغانلارغا يېتەرلىكتۇر.

Verse 33:49

یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوْۤا اِذَا نَكَحْتُمُ الْمُؤْمِنٰتِ ثُمَّ طَلَّقْتُمُوْهُنَّ مِنْ قَبْلِ اَنْ تَمَسُّوْهُنَّ فَمَا لَكُمْ عَلَیْهِنَّ مِنْ عِدَّةٍ تَعْتَدُّوْنَهَا ۚ فَمَتِّعُوْهُنَّ وَسَرِّحُوْهُنَّ سَرَاحًا جَمِیْلًا ۟

Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanooo ʹiẓaa nakaḥtumul Muʹminaati s̤umma ṭallaq̣tumoohunna miñ q̣abli ʹañt amassoohunna famaa lakum ʻalayhinna min ʻIddatiñ taʻtaddoonahaa famattiʻoohunna wa-sarriḥoo-hunna saraaḥañ jameelaa.

ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۆمىن ئاياللارنى ئالساڭلار، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، بۇ چاغدا ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ئىددەت تۈتماسلىقى كېرەك، ئۇلارغا ئاز ـ تولا نەرسە بېرىڭلار، ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرىڭلار.

Verse 33:50

یٰۤاَیُّهَا النَّبِیُّ اِنَّاۤ اَحْلَلْنَا لَكَ اَزْوَاجَكَ الّٰتِیْۤ اٰتَیْتَ اُجُوْرَهُنَّ وَمَا مَلَكَتْ یَمِیْنُكَ مِمَّاۤ اَفَآءَ اللّٰهُ عَلَیْكَ وَبَنٰتِ عَمِّكَ وَبَنٰتِ عَمّٰتِكَ وَبَنٰتِ خَالِكَ وَبَنٰتِ خٰلٰتِكَ الّٰتِیْ هَاجَرْنَ مَعَكَ ؗ وَامْرَاَةً مُّؤْمِنَةً اِنْ وَّهَبَتْ نَفْسَهَا لِلنَّبِیِّ اِنْ اَرَادَ النَّبِیُّ اَنْ یَّسْتَنْكِحَهَا ۗ خَالِصَةً لَّكَ مِنْ دُوْنِ الْمُؤْمِنِیْنَ ؕ قَدْ عَلِمْنَا مَا فَرَضْنَا عَلَیْهِمْ فِیْۤ اَزْوَاجِهِمْ وَمَا مَلَكَتْ اَیْمَانُهُمْ لِكَیْلَا یَكُوْنَ عَلَیْكَ حَرَجٌ ؕ وَكَانَ اللّٰهُ غَفُوْرًا رَّحِیْمًا ۟

Yaaaʹayyuhan Nabiyyu ʹinnaaa ʹaḥlalnaa laka ʹazwaajakal laateee ʹaatayta ʹujoorahunna wa-maa malakat yameenuka mimmaaa ʹafaaaʹal laahu ʻalayka wa-banaati ʻammika wa-banaati ʻammaatika wa-banaati khaalika wa-banaati khaalaatikal laatee haajarna maʻak: wamraʹatam Muʹminatan ʹiñw wahabat nafsahaa lin-Nabiyyi ʹin ʹaraadan Nabiyyu ʹañy yastañkiḥahaa;― khaaliṣatal laka miñ doonil Muʹmineen; q̣ad ʻalimnaa maa- faraḍnaa ʻalayhim feee ʹazwaajihim wa-maa malakat ʹaymaanuhum likaylaa yakoona ʻalayka ḥaraj. Wa-kaanal laahu G̣afoorar Raḥeemaa.

ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئىلكىڭگە ئۆتكەنلەرنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى (ساڭا ھالال قىلدۇق). بۇلار سەن بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلدى. ئەگەر بىر مۆمىن خوتۇن ئۆزىنى پەيغەمبەرگە بەخش قىلسا، پەيغەمبەر ئۇنى (مەھرىسىز) ئېلىشنى خالىسا، بۇنى مۆمىنلەرگە ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا (ھالال قىلدۇق)، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر، ساڭا ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن (سېنى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇق)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

Verse 33:51

تُرْجِیْ مَنْ تَشَآءُ مِنْهُنَّ وَتُـْٔوِیْۤ اِلَیْكَ مَنْ تَشَآءُ ؕ وَمَنِ ابْتَغَیْتَ مِمَّنْ عَزَلْتَ فَلَا جُنَاحَ عَلَیْكَ ؕ ذٰلِكَ اَدْنٰۤی اَنْ تَقَرَّ اَعْیُنُهُنَّ وَلَا یَحْزَنَّ وَیَرْضَیْنَ بِمَاۤ اٰتَیْتَهُنَّ كُلُّهُنَّ ؕ وَاللّٰهُ یَعْلَمُ مَا فِیْ قُلُوْبِكُمْ ؕ وَكَانَ اللّٰهُ عَلِیْمًا حَلِیْمًا ۟

Turjee mañ tashaaaʹu minhunna wa-tuʹweee ʹilayka mañ tashaaaʹ: wa-manib tag̣ayta mimman ʻazalta falaa junaaḥa ʻalayk. Ẓaalika ʹadnaaa ʹañ taq̣arra ʹaʻyunuhunna wa-laa yaḥzanna wa-yarḍayna bimaaa ʹaataytahunna kulluhunn: wal-laahu yaʻlamu maa- fee q̣uloobikum: wa-kaanal laahu ʻAleeman Ḥaleemaa.

ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭ، خالىغىنىڭ بىلەن (نۆۋىتىدىن باشقا ۋاقىتتا) بىر يەردە بولساڭ بولىۋېرىدۇ، (ۋاقىتلىق) ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، ساڭا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، (مانا) بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، بەرگەنلىرىڭگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ).

Verse 33:52

لَا یَحِلُّ لَكَ النِّسَآءُ مِنْ بَعْدُ وَلَاۤ اَنْ تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنْ اَزْوَاجٍ وَّلَوْ اَعْجَبَكَ حُسْنُهُنَّ اِلَّا مَا مَلَكَتْ یَمِیْنُكَ ؕ وَكَانَ اللّٰهُ عَلٰی كُلِّ شَیْءٍ رَّقِیْبًا ۟۠

Laa- yaḥillu lakan nisaaaʹu mim baʻdu wa-laaa ʹañ tabaddala bihinna min ʹazwaajiñw Walaw ʹaʻjabaka ḥusnuhunna ʹillaa maa- malakat yameenuk: wa-kaanal laahu ʻalaa kulli shayʹir Raq̣eebaa.

(ئى پەيغەمبەر! ئىلكىڭدىكى ئاياللىرىڭدىن باشقا) يەنە خوتۇن ئالساڭ، ساڭا ھالال بولمايدۇ، باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى جەلپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئاياللىرىڭنى قويۇۋېتىپ ئۇلارنى ئەمرىڭگە ئېلىش (ساڭا ھالال بولمايدۇ). پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.

Verse 33:53

یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا لَا تَدْخُلُوْا بُیُوْتَ النَّبِیِّ اِلَّاۤ اَنْ یُّؤْذَنَ لَكُمْ اِلٰی طَعَامٍ غَیْرَ نٰظِرِیْنَ اِنٰىهُ ۙ وَلٰكِنْ اِذَا دُعِیْتُمْ فَادْخُلُوْا فَاِذَا طَعِمْتُمْ فَانْتَشِرُوْا وَلَا مُسْتَاْنِسِیْنَ لِحَدِیْثٍ ؕ اِنَّ ذٰلِكُمْ كَانَ یُؤْذِی النَّبِیَّ فَیَسْتَحْیٖ مِنْكُمْ ؗ وَاللّٰهُ لَا یَسْتَحْیٖ مِنَ الْحَقِّ ؕ وَاِذَا سَاَلْتُمُوْهُنَّ مَتَاعًا فَسْـَٔلُوْهُنَّ مِنْ وَّرَآءِ حِجَابٍ ؕ ذٰلِكُمْ اَطْهَرُ لِقُلُوْبِكُمْ وَقُلُوْبِهِنَّ ؕ وَمَا كَانَ لَكُمْ اَنْ تُؤْذُوْا رَسُوْلَ اللّٰهِ وَلَاۤ اَنْ تَنْكِحُوْۤا اَزْوَاجَهٗ مِنْ بَعْدِهٖۤ اَبَدًا ؕ اِنَّ ذٰلِكُمْ كَانَ عِنْدَ اللّٰهِ عَظِیْمًا ۟

Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanoo laa- tadkhuloo buyootan Nabiyyi ʹillaaa ʹañy yuʹẓana lakum ʹilaa ṭaʻaamin g̣ayra naaz̤̣ireena ʹinaahu wa-laakin ʹiẓaa duʻeetum fadkhuloo faʹiẓaa ṭaʻimtum fañtashiroo wa-laa mustaʹniseena liḥadees̤. ʹInna ẓaalikum kaana yuʹẓin Nabiyya fayastaḥyee miñkum; wallaahu laa- yastaḥyee minal ḥaq̣q̣. Wa-ʹiẓaa saʹaltumoohunna mataaʻañ fasʹaloohunna miñw waraaaʹi ḥijaab: ẓaalikum ʹaṭharu liq̣uloobikum wa-q̣uloobihinn. Wa-maa kaana lakum ʹañ tuʹẓoo Rasoolal laahi wa-laaa ʹañ tañkiḥooo ʹazwaajahoo mim baʻdiheee ʹabadaa. ʹInna ẓaalikum kaana ʻiñdal laahi ʻaz̤̣eemaa.

ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، پەقەت تاماققا چاقىرىلغان ۋاقتىڭلاردىلا كىرىڭلار، (باشقا ۋاقىتتا رۇخسەت بىلەن كىرگەندە) تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تارقاپ كېتىڭلار، (تاماقتىن كېيىن) پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار، بۇ (يەنى تاماقتىن كېيىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇش) پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ، پەيغەمبەر (بۇنى ئېيتىشقا) سىلەردىن خىجىل بولىدۇ، ئاللاھ ھەق (نى ئېيتىش) تىن خىجىل بولمايدۇ. سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ. سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار دۇرۇس ئەمەس، رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلىش (يەنى رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىش ۋە ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ گۇناھتۇر.

Verse 33:54

اِنْ تُبْدُوْا شَیْـًٔا اَوْ تُخْفُوْهُ فَاِنَّ اللّٰهَ كَانَ بِكُلِّ شَیْءٍ عَلِیْمًا ۟

ʹIñ tubdoo shayʹan ʹaw tukhfoohu faʹinnal laaha kaana bikulli shayʹin ʻaleemaa.

بىرەر نەرسىنى ئاشكارىلىساڭلارمۇ، يا (دىلىڭلاردا) يوشۇرساڭلارمۇ (ئاللاھ ھامان بىلىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.

Verse 33:55

لَا جُنَاحَ عَلَیْهِنَّ فِیْۤ اٰبَآىِٕهِنَّ وَلَاۤ اَبْنَآىِٕهِنَّ وَلَاۤ اِخْوَانِهِنَّ وَلَاۤ اَبْنَآءِ اِخْوَانِهِنَّ وَلَاۤ اَبْنَآءِ اَخَوٰتِهِنَّ وَلَا نِسَآىِٕهِنَّ وَلَا مَا مَلَكَتْ اَیْمَانُهُنَّ ۚ وَاتَّقِیْنَ اللّٰهَ ؕ اِنَّ اللّٰهَ كَانَ عَلٰی كُلِّ شَیْءٍ شَهِیْدًا ۟

Laa- junaaḥa ʻalayhinna feee ʹaabaaaʹihinna wa-laaa ʹabnaaaʹihinna wa-laaa ʹikhwaanihinna wa-laaa ʹabnaaaʹi ʹikhwaanihinna wa-laaa ʹabnaaaʹi ʹakhawaatihinna wa-laa nisaaaʹihinna walaa maa- malakat ʹaymaanuhunn. Wattaq̣eenal laah; ʹinnal laaha kaana ʻalaa kulli shayʹiñ Shaheedaa.

ئۇلارغا (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا) ئاتىلىرى بىلەن، ئوغۇللىرى بىلەن، قېرىنداشلىرى بىلەن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، مۆمىن ئاياللار بىلەن، قۇل، چۆرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھېچ گۇناھ ئەمەس، (ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى!) ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.

Verse 33:56

اِنَّ اللّٰهَ وَمَلٰٓىِٕكَتَهٗ یُصَلُّوْنَ عَلَی النَّبِیِّ ؕ یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا صَلُّوْا عَلَیْهِ وَسَلِّمُوْا تَسْلِیْمًا ۟

ʹInnal laaha wa-Malaaaʹikatahoo yuṣalloona ʻalan Nabiyy: Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanoo ṣalloo ʻalayhi wa-sallimoo tasleemaa.

ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلىدۇ، شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ)، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرگە) مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار (چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر، ئۇ سىلەرنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغۇچىدۇر).

Verse 33:57

اِنَّ الَّذِیْنَ یُؤْذُوْنَ اللّٰهَ وَرَسُوْلَهٗ لَعَنَهُمُ اللّٰهُ فِی الدُّنْیَا وَالْاٰخِرَةِ وَاَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا مُّهِیْنًا ۟

ʹInnal laẓeena yuʹẓoonal laaha wa-Rasoolahoo laʻanahumul laahu fid dunyaa wal-ʹAakhirati wa-ʹaʻadda lahum ʻAẓaabam muheenaa.

ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ.

Verse 33:58

وَالَّذِیْنَ یُؤْذُوْنَ الْمُؤْمِنِیْنَ وَالْمُؤْمِنٰتِ بِغَیْرِ مَا اكْتَسَبُوْا فَقَدِ احْتَمَلُوْا بُهْتَانًا وَّاِثْمًا مُّبِیْنًا ۟۠

Wallaẓeena yuʹẓoonal Muʹmineena wal-Muʹminaati big̣ayri mak tasaboo faq̣adiḥ tamaloo buhtaanañw waʹis̤mam mubeenaa.

مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ.

Verse 33:59

یٰۤاَیُّهَا النَّبِیُّ قُلْ لِّاَزْوَاجِكَ وَبَنٰتِكَ وَنِسَآءِ الْمُؤْمِنِیْنَ یُدْنِیْنَ عَلَیْهِنَّ مِنْ جَلَابِیْبِهِنَّ ؕ ذٰلِكَ اَدْنٰۤی اَنْ یُّعْرَفْنَ فَلَا یُؤْذَیْنَ ؕ وَكَانَ اللّٰهُ غَفُوْرًا رَّحِیْمًا ۟

Yaaaʹayyuhan Nabiyyu q̣ul liʹazwaajika wa-banaatika wa-nisaaaʹil Muʹmineena yudneena ʻalayhinna miñ jalaabeebihinn: ẓaalika ʹadnaaa ʹañy yuʻrafna falaa yuʹẓayn. Wa-kaanal laahu G̣afoorar Raḥeemaa.

ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ ـ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

Verse 33:60

لَىِٕنْ لَّمْ یَنْتَهِ الْمُنٰفِقُوْنَ وَالَّذِیْنَ فِیْ قُلُوْبِهِمْ مَّرَضٌ وَّالْمُرْجِفُوْنَ فِی الْمَدِیْنَةِ لَنُغْرِیَنَّكَ بِهِمْ ثُمَّ لَا یُجَاوِرُوْنَكَ فِیْهَاۤ اِلَّا قَلِیْلًا ۟

Laʹil lam yañtahil Munaafiq̣oona wallaẓeena fee q̣uloobihim maraḍuñw walmurjifoona fil Madeenati lanug̣riyannaka bihim s̤umma laa- yujaawiroonaka feehaaa ʹillaa q̣aleelaa:

ئەگەر مۇناپىقلار، (نىفاقتىن) دىللىرىدا كېسەل بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، (ئى مۇھەممەد) ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ (يەنى ئۇلار مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، چىقىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن مەدىنىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ). ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ[60ـ61].

Verse 33:61

مَّلْعُوْنِیْنَ ۛۚ اَیْنَمَا ثُقِفُوْۤا اُخِذُوْا وَقُتِّلُوْا تَقْتِیْلًا ۟

Malʻooneena ʹaynamaa s̤uq̣ifooo ʹukhiẓoo wa-q̣uttiloo taq̣teelaa.

ئەگەر مۇناپىقلار، (نىفاقتىن) دىللىرىدا كېسەل بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، (ئى مۇھەممەد) ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ (يەنى ئۇلار مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، چىقىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن مەدىنىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ). ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ[60ـ61].

Verse 33:62

سُنَّةَ اللّٰهِ فِی الَّذِیْنَ خَلَوْا مِنْ قَبْلُ ۚ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّةِ اللّٰهِ تَبْدِیْلًا ۟

Sunnatal laahi fil laẓeena khalaw miñ q̣abl: wa-lañ tajida li-Sunnatil laahi tabdeelaa.

بۇ (يەنى مۇناپىقلارغا ئاللاھنىڭ تۇتقان يولى) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ تۇتقان يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن.

Verse 33:63

یَسْـَٔلُكَ النَّاسُ عَنِ السَّاعَةِ ؕ قُلْ اِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ اللّٰهِ ؕ وَمَا یُدْرِیْكَ لَعَلَّ السَّاعَةَ تَكُوْنُ قَرِیْبًا ۟

Yasʹalukan naasu ʻanis Saaʻah: q̣ul ʹinnamaa ʻilmuhaa ʻiñdal laah: wa-maa yudreeka laʻallas Saaʻata takoonu q̣areebaa!

كىشىلەر سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ. «ئۇنى (مەن بىلمەيمەن) پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ» دېگىن. سەن نېمە بىلىسەن، قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن.

Verse 33:64

اِنَّ اللّٰهَ لَعَنَ الْكٰفِرِیْنَ وَاَعَدَّ لَهُمْ سَعِیْرًا ۟ۙ

ʹInnal laaha laʻanal Kaafireena wa-ʹaʻadda lahum Saʻeeraa,―

ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى.

Verse 33:65

خٰلِدِیْنَ فِیْهَاۤ اَبَدًا ۚ لَا یَجِدُوْنَ وَلِیًّا وَّلَا نَصِیْرًا ۟ۚ

Khaalideena feehaaa ʹabadaa: laa- yajidoona waliyyañw walaa naṣeeraa.

ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ھېچقانداق (ئۇلارنى قوغدايدىغان) دوست ۋە (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ياردەمچى تاپالمايدۇ.

Verse 33:66

یَوْمَ تُقَلَّبُ وُجُوْهُهُمْ فِی النَّارِ یَقُوْلُوْنَ یٰلَیْتَنَاۤ اَطَعْنَا اللّٰهَ وَاَطَعْنَا الرَّسُوْلَا ۟

Yawma tuq̣allabu wujoohuhum fin Naari yaq̣ooloona yaa-laytanaaa ʹaṭaʻnal laaha wa-ʹaṭaʻnar Rasoolaa!

دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ.

Verse 33:67

وَقَالُوْا رَبَّنَاۤ اِنَّاۤ اَطَعْنَا سَادَتَنَا وَكُبَرَآءَنَا فَاَضَلُّوْنَا السَّبِیْلَا ۟

Wa-q̣aaloo Rabbanaaa ʹinnaaa ʹaṭaʻnaa saadatanaa wa-kubaraaaʹanaa faʹaḍalloonas sabeelaa.

ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ[67 ـ 68].

Verse 33:68

رَبَّنَاۤ اٰتِهِمْ ضِعْفَیْنِ مِنَ الْعَذَابِ وَالْعَنْهُمْ لَعْنًا كَبِیْرًا ۟۠

Rabbanaaa ʹaatihim ḍiʻfayni minal ʻAẓaabi walʻanhum Laʻnañ kabeeraa!

ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ[67 ـ 68].

Verse 33:69

یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوْا لَا تَكُوْنُوْا كَالَّذِیْنَ اٰذَوْا مُوْسٰی فَبَرَّاَهُ اللّٰهُ مِمَّا قَالُوْا ؕ وَكَانَ عِنْدَ اللّٰهِ وَجِیْهًا ۟ؕ

Yaaa-ʹayyuhal laẓeena aamanoo laa-ʹ takoonoo kallaẓeena ʹaaẓaw Moosaa fabarraʹahul laahu mimmaa q̣aaloo: wa-kaana ʻiñdal laahi wajeehaa.

ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى.

Verse 33:70

یٰۤاَیُّهَا الَّذِیْنَ اٰمَنُوا اتَّقُوا اللّٰهَ وَقُوْلُوْا قَوْلًا سَدِیْدًا ۟ۙ

Yaaaʹayyuhal laẓeena ʹaamanut taq̣ul laaha wa-q̣ooloo q̣awlañ sadeedaa:

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار.

Verse 33:71

یُّصْلِحْ لَكُمْ اَعْمَالَكُمْ وَیَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوْبَكُمْ ؕ وَمَنْ یُّطِعِ اللّٰهَ وَرَسُوْلَهٗ فَقَدْ فَازَ فَوْزًا عَظِیْمًا ۟

Yuṣliḥ lakum ʹaʻmaalakum wa-yag̣fir lakum ẓunoobakum: wa-mañy yuṭiʻil laaha wa-Rasoolahoo faq̣ad faaza fawzan ʻaz̤̣eemaa.

ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.

Verse 33:72

اِنَّا عَرَضْنَا الْاَمَانَةَ عَلَی السَّمٰوٰتِ وَالْاَرْضِ وَالْجِبَالِ فَاَبَیْنَ اَنْ یَّحْمِلْنَهَا وَاَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا الْاِنْسَانُ ؕ اِنَّهٗ كَانَ ظَلُوْمًا جَهُوْلًا ۟ۙ

ʹInnaa ʻaraḍnal ʹAmaanata ʻalas Samaawaati walʹArḍi wal-Jibaali faʻabayna ʹañy yaḥmilnahaa wa-ʹashfaq̣na minhaa waḥamalahal ʹIñsaan: ʹinnahoo kaana z̤̣aloomañ jahoolaa;―

شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى (يەنى پەرزلەرنى ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنى) ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭ (ئېغىرلىقى) دىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر.

Verse 33:73

لِّیُعَذِّبَ اللّٰهُ الْمُنٰفِقِیْنَ وَالْمُنٰفِقٰتِ وَالْمُشْرِكِیْنَ وَالْمُشْرِكٰتِ وَیَتُوْبَ اللّٰهُ عَلَی الْمُؤْمِنِیْنَ وَالْمُؤْمِنٰتِ ؕ وَكَانَ اللّٰهُ غَفُوْرًا رَّحِیْمًا ۟۠

Liyuʻaẓẓibal laahul Munafiq̣eena wal-Munaafiq̣aati wal-Mushrikeena wal-Mushrikaati wa-yatoobal laahu ʻalal Muʹmineena wal-Muʹminaat: wa-kaanal laahu G̣afoorar Raḥeemaa.

(مەزكۇر ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئاللاھ ئازابلايدۇ، (مەزكۇر ئامانەتكە رىئايە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، (ئاللاھ مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.