Back to Quran

سۈرىلەر 40

Ghafir

The Forgiver · Makki · 85 ayahs

تەرجىمە قىلغۇچى Muhammad Saleh

Listen to this Surah

Choose play when you are ready to listen. The Quran text remains readable if audio is unavailable.

  1. 1

    حمٓ

    Ḥaa-Meeem.

    ھامىم.

  2. 2

    تَنزِيلُ ٱلْكِتَـٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْعَلِيمِ

    Tañzeelul Kitaabi minal laahil ʻAzeezil ʻAleem,―

    (بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

  3. 3

    غَافِرِ ٱلذَّنۢبِ وَقَابِلِ ٱلتَّوْبِ شَدِيدِ ٱلْعِقَابِ ذِى ٱلطَّوْلِ ۖ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ إِلَيْهِ ٱلْمَصِيرُ

    G̣aafiriẓ Ẓambi wa-Q̣aabilit Tawbi Shadeedil ʻIq̣aabi Ẓiṭ Ṭawl. Laaa ʹilaaha ʹillaa Hoo: ʹilayhil Maṣeer.

    (ئاللاھ) گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر، (ئاللاھ) ئىنئام ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر.

  4. 4

    مَا يُجَـٰدِلُ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَلَا يَغْرُرْكَ تَقَلُّبُهُمْ فِى ٱلْبِلَـٰدِ

    Maa- yujaadilu feee ʹAayaatil laahi ʹillal laẓeena kafaroo falaa yag̣rurka taq̣allubuhum fil bilaad!

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى (يەنى قۇرئان) توغرىسىدا پەقەت كاپىرلار مۇجادىلە قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ شەھەرلەردە بېرىپ ـ كېلىپ يۈرۈشلىرىگە مەغرۇر بولۇپ كەتمىگىن.

  5. 5

    كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَٱلْأَحْزَابُ مِنۢ بَعْدِهِمْ ۖ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍۭ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ ۖ وَجَـٰدَلُوا۟ بِٱلْبَـٰطِلِ لِيُدْحِضُوا۟ بِهِ ٱلْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ

    Kaẓẓabat q̣ablahum Q̣awmu Nooḥiñw wal-ʹAḥzaabu mim baʻdihim; wa-hammat kullu ʹummatim birasoolihim liyaʹkhuẓoohu wa-jaadaloo bilbaaṭili liyudḥiḍoo bihil Ḥaq̣q̣a faʹakhaẓtuhum! Fakayfa kaana ʻIq̣aab!

    ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلار (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟

  6. 6

    وَكَذَٰلِكَ حَقَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَنَّهُمْ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ

    Wa-kaẓaalika ḥaq̣q̣at Kalimatu Rabbika ʻalal laẓeena kafarooo ʹannahum ʹAṣḥaabun Naar!

    شۇنىڭدەك (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە تېگىشلىك بولغاندەك) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر.

  7. 7

    ٱلَّذِينَ يَحْمِلُونَ ٱلْعَرْشَ وَمَنْ حَوْلَهُۥ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيُؤْمِنُونَ بِهِۦ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ رَبَّنَا وَسِعْتَ كُلَّ شَىْءٍ رَّحْمَةً وَعِلْمًا فَٱغْفِرْ لِلَّذِينَ تَابُوا۟ وَٱتَّبَعُوا۟ سَبِيلَكَ وَقِهِمْ عَذَابَ ٱلْجَحِيمِ

    ʹAllaẓeena yaḥmiloonal ʻArsha wa-man ḥawlahoo yusabbiḥoona bi-Ḥamdi Rabbihim wa-yuʹminoona bihee wa-yastag̣firoona lillaẓeena ʹaamanoo: Rabbanaa wasiʻta kulla shayʹir Raḥmatañw wa-ʻilmañ fag̣fir lillaẓeena taaboo wattabaʻoo Sabeelaka waq̣ihim ʻAẓaabal Jaḥeem!

    ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.

  8. 8

    رَبَّنَا وَأَدْخِلْهُمْ جَنَّـٰتِ عَدْنٍ ٱلَّتِى وَعَدتَّهُمْ وَمَن صَلَحَ مِنْ ءَابَآئِهِمْ وَأَزْوَٰجِهِمْ وَذُرِّيَّـٰتِهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ

    Rabbanaa wa-ʹadkhilhum Jannaati ʻAdninil latee waʻattahum wa-mañ ṣalaḥa min ʹaabaaaʹihim wa-ʹazwaajihim wa-ẓurriyyaatihim! ʹInnaka ʹAñtal ʻAzeezul Ḥakeem.

    پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن.

  9. 9

    وَقِهِمُ ٱلسَّيِّـَٔاتِ ۚ وَمَن تَقِ ٱلسَّيِّـَٔاتِ يَوْمَئِذٍ فَقَدْ رَحِمْتَهُۥ ۚ وَذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ

    Waq̣ihimus sayyiʹaat; wa-mañ taq̣is sayyiʹaati Yawmaʹiẓiñ faq̣ad raḥimtah: wa-zaalika huwal Fawzul ʻaz̤̣eem.

    پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر».

  10. 10

    إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يُنَادَوْنَ لَمَقْتُ ٱللَّهِ أَكْبَرُ مِن مَّقْتِكُمْ أَنفُسَكُمْ إِذْ تُدْعَوْنَ إِلَى ٱلْإِيمَـٰنِ فَتَكْفُرُونَ

    ʹInnal laẓeena kafaroo yunaadawna lamaq̣tul laahi ʹakbaru mim maq̣tikum ʹañfusakum ʹiẓ tudʻawna ʹilal ʹeemaani fatakfuroon.

    شۈبھىسىزكى، كاپىرلارغا: «ئاللاھنىڭ (دۇنيادا) سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ (ئاخىرەتتە) بىر ـ بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ، چۈنكى سىلەر ئىمانغا دەۋەت قىلىناتتىڭلار، لېكىن ئىمان ئېيتمايتتىڭلار» دەپ نىدا قىلىنىدۇ.

  11. 11

    قَالُوا۟ رَبَّنَآ أَمَتَّنَا ٱثْنَتَيْنِ وَأَحْيَيْتَنَا ٱثْنَتَيْنِ فَٱعْتَرَفْنَا بِذُنُوبِنَا فَهَلْ إِلَىٰ خُرُوجٍ مِّن سَبِيلٍ

    Q̣aaloo Rabbanaaa ʹamat tanas̤natayni wa-ʹaḥyaytanas̤ natayni faʻtarafnaa biẓunoobinaa fahal ʹilaa khuroojim miñ sabeel?

    ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى تېپىلارمۇ؟» دەيدۇ.

  12. 12

    ذَٰلِكُم بِأَنَّهُۥٓ إِذَا دُعِىَ ٱللَّهُ وَحْدَهُۥ كَفَرْتُمْ ۖ وَإِن يُشْرَكْ بِهِۦ تُؤْمِنُوا۟ ۚ فَٱلْحُكْمُ لِلَّهِ ٱلْعَلِىِّ ٱلْكَبِيرِ

    Ẓaalikum̃ biʹannahooo ʹiẓaa duʻiyal laahu waḥdahoo kafartum, wa-ʹiñy yushrak bihee tuʹminoo! Fal-Ḥukmu lillaahil ʻAliyyil Kabeer!

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىرىلغاندا (بۇنى) ئىنكار قىلدىڭلار، ئەگەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلسە (يەنى لات، ئۇززا قاتارلىق بۇتلارغا چوقۇنۇشقا چاقىرىلساڭلار) ئۇنى تەستىق قىلىسىلەر (يەنى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلىسىلەر)، ھۆكۈم يۈكسەك، بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر.

  13. 13

    هُوَ ٱلَّذِى يُرِيكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ وَيُنَزِّلُ لَكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ رِزْقًا ۚ وَمَا يَتَذَكَّرُ إِلَّا مَن يُنِيبُ

    Huwal laẓee yureekum ʹAayaatihee wa-yunazzilu lakum minas samaaaʹi Rizq̣aa: wa-maa yataẓakkaru ʹillaa mañy yuneeb.

    ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەرگە كۆكتىن يامغۇر بىلەن رىزىق چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتقان كىشىلەرلا (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن) ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ.

  14. 14

    فَٱدْعُوا۟ ٱللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ ٱلْكَـٰفِرُونَ

    Fadʻul laaha mukhliṣeena lahud deena wa-law karihal kaafiroon.

    دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ.

  15. 15

    رَفِيعُ ٱلدَّرَجَـٰتِ ذُو ٱلْعَرْشِ يُلْقِى ٱلرُّوحَ مِنْ أَمْرِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ لِيُنذِرَ يَوْمَ ٱلتَّلَاقِ

    Rafeeʻud darajaati Ẓul ʻArsh: yulq̣ir rooḥa min ʹAmrihee ʻalaa mañy yashaaaʹu min ʻibaadihee liyuñẓira Yawmat Talaaq̣,―

    ئاللاھنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر، (ئاللاھ) ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، (خالايىق) مۇلاقات بولۇشىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆز ھۆكمى بويىچە بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە ۋەھىي چۈشۈرىدۇ.

  16. 16

    يَوْمَ هُم بَـٰرِزُونَ ۖ لَا يَخْفَىٰ عَلَى ٱللَّهِ مِنْهُمْ شَىْءٌ ۚ لِّمَنِ ٱلْمُلْكُ ٱلْيَوْمَ ۖ لِلَّهِ ٱلْوَٰحِدِ ٱلْقَهَّارِ

    Yawma hum̃ baarizoon: laa- yakhfaa ʻalal laahi minhum shayʹ. Limanil Mulkul Yawm? Lillaahil Waaḥidil Q̣ahhaar!

    ئۇلار قەبرىلەردىن چىققان كۈندە ئاللاھقا ئۇلاردىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن، ئەمەللىرىدىن، سىرلىرىدىن) ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر.

  17. 17

    ٱلْيَوْمَ تُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍۭ بِمَا كَسَبَتْ ۚ لَا ظُلْمَ ٱلْيَوْمَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ

    ʹAl-Yawma tujzaa kullu nafsim bimaa Kasabat laa z̤̣ulmal Yawm. ʹInnal laaha Sareeʻul Ḥisaab.

    بۈگۈن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ، بۈگۈن زۇلۇم يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.

  18. 18

    وَأَنذِرْهُمْ يَوْمَ ٱلْـَٔازِفَةِ إِذِ ٱلْقُلُوبُ لَدَى ٱلْحَنَاجِرِ كَـٰظِمِينَ ۚ مَا لِلظَّـٰلِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ

    Wa-ʹañẓirhum Yawmal ʹAazifati ʹiẓil q̣uloobu ladal ḥanaajiri kaaz̤̣imeen; maa- liz̤̣z̤̣aalimeena min ḥameemiñw walaa shafeeʻiñy yuṭaaʻ.

    ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ.

  19. 19

    يَعْلَمُ خَآئِنَةَ ٱلْأَعْيُنِ وَمَا تُخْفِى ٱلصُّدُورُ

    Yaʻlamu khaaaʹinatal ʹaʻyuni wa-maa tukhfiṣ ṣudoor.

    ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ.

  20. 20

    وَٱللَّهُ يَقْضِى بِٱلْحَقِّ ۖ وَٱلَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَقْضُونَ بِشَىْءٍ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْبَصِيرُ

    Wallaahu yaq̣ḍee bil-Ḥaq̣q̣: wallaẓeena yadʻoona miñ doonihee laa- yaq̣ḍoona bishayʹ ʹInnal laaha Huwas Sameeʻul Baṣeer.

    ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار ھېچ نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرىشقا قادىر ئەمەس، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

  21. 21

    ۞ أَوَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ كَانُوا۟ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا۟ هُمْ أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَءَاثَارًا فِى ٱلْأَرْضِ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ وَمَا كَانَ لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن وَاقٍ

    ʹAwalam yaseeroo fil ʹarḍi fayañz̤̣uroo kayfa kaana ʻAaq̣ibatul laẓeena kaanoo miñ q̣ablihim? Kaanoo hum ʹashadda minhum q̣uwwatañw waʹaas̤aarañ fil ʹarḍi faʹakhaẓahumul laahu biẓunoobihim: wa-maa kaana lahum minal laahi miñw waaq̣.

    ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت قۇرۇش) جەھەتتە بۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرى) دىن ئۈستۈن ئىدى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى.

  22. 22

    ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانَت تَّأْتِيهِمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَكَفَرُوا۟ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ ۚ إِنَّهُۥ قَوِىٌّ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ

    Ẓaalika biʹannahum kaanat taʹteehim rusuluhum̃ bilbayyinaati fakafaroo faʹakhaẓahumul laah: ʹinnahoo Q̣awiyyuñ Shadeedul ʻiq̣aab.

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر.

  23. 23

    وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَـٰتِنَا وَسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ

    Wa-laq̣ad ʹarsalnaa Moosaa biʹAayaatinaa wa-Ṣultaanim mubeen,

    بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى[23ـ24].

  24. 24

    إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَهَـٰمَـٰنَ وَقَـٰرُونَ فَقَالُوا۟ سَـٰحِرٌ كَذَّابٌ

    ʹIlaa Firʻawna wa-Haamaana wa-Q̣aaroona faq̣aaloo saaḥiruñ kaẓẓaab!

    بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى[23ـ24].

  25. 25

    فَلَمَّا جَآءَهُم بِٱلْحَقِّ مِنْ عِندِنَا قَالُوا۟ ٱقْتُلُوٓا۟ أَبْنَآءَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ وَٱسْتَحْيُوا۟ نِسَآءَهُمْ ۚ وَمَا كَيْدُ ٱلْكَـٰفِرِينَ إِلَّا فِى ضَلَـٰلٍ

    Falammaa jaaʹahum̃ bil-Ḥaq̣q̣i min ʻiñdinaa q̣aaluq̣ tulooo ʹabnaaaʹal laẓeena ʹaamanoo maʻahoo wastaḥyoo nisaaaʹahum. Wa-maa kaydul kaafireena ʹillaa fee ḍalaal!...

    مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق (يەنى پەيغەمبەرلىك) بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى (نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن) ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ.

  26. 26

    وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِىٓ أَقْتُلْ مُوسَىٰ وَلْيَدْعُ رَبَّهُۥٓ ۖ إِنِّىٓ أَخَافُ أَن يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَن يُظْهِرَ فِى ٱلْأَرْضِ ٱلْفَسَادَ

    Wa-q̣aala Firʻawnu ẓarooneee ʹaq̣tul Moosaa walyadʻu Rabbah! ʹInneee ʹakhaafu ʹañy yubaddila deenakum ʹaw ʹañy yuz̤̣hira fil ʹarḍil fasaad!

    پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن».

  27. 27

    وَقَالَ مُوسَىٰٓ إِنِّى عُذْتُ بِرَبِّى وَرَبِّكُم مِّن كُلِّ مُتَكَبِّرٍ لَّا يُؤْمِنُ بِيَوْمِ ٱلْحِسَابِ

    Wa-q̣aala Moosaaa ʹinnee ʻuẓtu bi-Rabbee wa-Rabbikum miñ kulli mutakabbiril laa yuʹminu bi-Yawmil Ḥisaab.

    مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار (بولغان ئاللاھ) قا سىغىنىپ، ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) گە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىر (نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى) دىن پاناھ تىلەيمەن».

  28. 28

    وَقَالَ رَجُلٌ مُّؤْمِنٌ مِّنْ ءَالِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَـٰنَهُۥٓ أَتَقْتُلُونَ رَجُلًا أَن يَقُولَ رَبِّىَ ٱللَّهُ وَقَدْ جَآءَكُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ مِن رَّبِّكُمْ ۖ وَإِن يَكُ كَـٰذِبًا فَعَلَيْهِ كَذِبُهُۥ ۖ وَإِن يَكُ صَادِقًا يُصِبْكُم بَعْضُ ٱلَّذِى يَعِدُكُمْ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ

    Wa-q̣aala rajulum Muʹminum min ʹAali Firʻawna yaktumu ʹeemaanahooo ʹataq̣tuloona rajulan ʹañy yaq̣oola Rabbiyal laahu wa-q̣ad jaaaʹakum bil-Bayyinaati mir Rabbikum? Wa-ʹiñy yaku kaaẓibañ faʻalayhi kaẓibuh; wa-ʹiñy yaku ṣaadiq̣añy yuṣibkum̃ baʻḍul laẓee yaʻidukum: ʹinnal laaha laa- yahdee man huwa musrifuñ kaẓẓaab!

    پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر "پەرۋەردىگارىم ئاللاھ" دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ (پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا) يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

  29. 29

    يَـٰقَوْمِ لَكُمُ ٱلْمُلْكُ ٱلْيَوْمَ ظَـٰهِرِينَ فِى ٱلْأَرْضِ فَمَن يَنصُرُنَا مِنۢ بَأْسِ ٱللَّهِ إِن جَآءَنَا ۚ قَالَ فِرْعَوْنُ مَآ أُرِيكُمْ إِلَّا مَآ أَرَىٰ وَمَآ أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ

    Yaa-Q̣awmi lakumul mulkul yawma z̤̣aahireena fil ʹarḍ: famañy yañṣurunaa mim baʹsil laahi ʹiñ jaaaʹanaa? Q̣aala Firʻawnu maaa ʹureekum ʹillaa maaa ʹaraa wa-maaa ʹahdeekum ʹillaa Sabeelar Rashaad!

    ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىدۇر، (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن».

  30. 30

    وَقَالَ ٱلَّذِىٓ ءَامَنَ يَـٰقَوْمِ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُم مِّثْلَ يَوْمِ ٱلْأَحْزَابِ

    Wa-q̣aalal laẓeee ʹaamana yaa-Q̣awmi ʹinneee ʹakhaafu ʻalaykum mis̤la Yawmil ʹAḥzaab;

    مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[30ـ31].

  31. 31

    مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَٱلَّذِينَ مِنۢ بَعْدِهِمْ ۚ وَمَا ٱللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِّلْعِبَادِ

    Mis̤la daʹbi Q̣awmi Nooḥiñw WaʻAadiñw Wa-Samooda wallaẓeena mim baʻdihim: wa-mal laahu yureedu z̤̣ulmal lilʻIbaad.

    مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[30ـ31].

  32. 32

    وَيَـٰقَوْمِ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ يَوْمَ ٱلتَّنَادِ

    Wa-yaa-Q̣awmi ʹinneee ʹakhaafu ʻalaykum Yawmat Tanaad,―

    ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن.

  33. 33

    يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۗ وَمَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنْ هَادٍ

    Yawma tuwalloona mud-bireen: maa- lakum minal laahi min ʻaaṣim: wa-mañy yuḍlilil laahu famaa lahoo min haad.

    ئۇ كۈندە (دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ.

  34. 34

    وَلَقَدْ جَآءَكُمْ يُوسُفُ مِن قَبْلُ بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَمَا زِلْتُمْ فِى شَكٍّ مِّمَّا جَآءَكُم بِهِۦ ۖ حَتَّىٰٓ إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَن يَبْعَثَ ٱللَّهُ مِنۢ بَعْدِهِۦ رَسُولًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُّرْتَابٌ

    Wa-laq̣ad jaaaʹakum Yoosufu miñ q̣ablu bil-Bayyinaati famaa ziltum fee shakkim mimmaa jaaaʹakum̃ bih: ḥattaaa ʹiẓaa halaka q̣ultum lañy yab-ʻas̤al laahu mim baʻdihee rasoolaa. Kaẓaalika yuḍillul laahu man huwa musrifum murtaab,―

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۇسۇف (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، (دەلىل ـ پاكىتسىز) ھالدا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ دېدىڭلار، ئاللاھ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ».

  35. 35

    ٱلَّذِينَ يُجَـٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَـٰنٍ أَتَىٰهُمْ ۖ كَبُرَ مَقْتًا عِندَ ٱللَّهِ وَعِندَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ

    ʹAllaẓeena yujaadiloona feee ʹAayaatil laahi big̣ayri sulṭaanin ʹataahum. Kabura maq̣tan ʻiñdal laahi wa-ʻiñdal laẓeena ʹaamanoo. Kaẓaalika yaṭbaʻul laahu ʻalaa kulli q̣albi mutakabbiriñ jabbaar.

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ (ئىماندىن باش تارتقان)، (بەندىلەرگە) زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.

  36. 36

    وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَـٰهَـٰمَـٰنُ ٱبْنِ لِى صَرْحًا لَّعَلِّىٓ أَبْلُغُ ٱلْأَسْبَـٰبَ

    Wa-q̣aala Firʻawnu yaa-Haamaanub ni lee ṣarḥal laʻalleee ʹablug̣ul ʹasbaab―

    پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].

  37. 37

    أَسْبَـٰبَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰٓ إِلَـٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّى لَأَظُنُّهُۥ كَـٰذِبًا ۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوٓءُ عَمَلِهِۦ وَصُدَّ عَنِ ٱلسَّبِيلِ ۚ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِى تَبَابٍ

    ʹAsbaabas samaawaati faʹaṭṭaliʻa ʹilaaa ʹilaahi Moosaa wa-ʹinnee laʹaz̤̣unnuhoo kaaẓibaa! Wa-kaẓaalika zuyyina li-Firʻawna soooʹu ʻamalihee waṣudda ʻanis Sabeel: wa-maa kaydu Firʻawna ʹillaa fee tabaab.

    پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].

  38. 38

    وَقَالَ ٱلَّذِىٓ ءَامَنَ يَـٰقَوْمِ ٱتَّبِعُونِ أَهْدِكُمْ سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ

    Wa-q̣aalal laẓeee ʹaamana yaa-Q̣awmit tabiʻooni ʹahdikum Sabeelar Rashaad.

    (پىرئەۋن خانىدانىدىن) ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن.

  39. 39

    يَـٰقَوْمِ إِنَّمَا هَـٰذِهِ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا مَتَـٰعٌ وَإِنَّ ٱلْـَٔاخِرَةَ هِىَ دَارُ ٱلْقَرَارِ

    Yaa-Q̣awmi ʹinnamaa haaẓihil ḥayaatud dunyaa mataaʻ; wa-ʹinnal ʹAakhirata hiya Daarul Q̣araar.

    ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (ۋاقىتلىق) پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن (مەڭگۈلۈك) قارارگاھتۇر.

  40. 40

    مَنْ عَمِلَ سَيِّئَةً فَلَا يُجْزَىٰٓ إِلَّا مِثْلَهَا ۖ وَمَنْ عَمِلَ صَـٰلِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ يَدْخُلُونَ ٱلْجَنَّةَ يُرْزَقُونَ فِيهَا بِغَيْرِ حِسَابٍ

    Man ʻamila sayyiʹatañ falaa yujzaaa ʹillaa mis̤lahaa: wa-man ʻamila ṣaaliḥam miñ ẓakarin ʹaw ʹuñs̤aa wa-huwa Muʹminuñ faʹulaaaʹika yadkhuloonal Jannata yurzaq̣oona feehaa big̣ayri ḥisaab.

    كىمكى (بۇ دۇنيادا) بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىلىدۇ، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، كىمكى ئۆزى مۆمىن تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ.

  41. 41

    ۞ وَيَـٰقَوْمِ مَا لِىٓ أَدْعُوكُمْ إِلَى ٱلنَّجَوٰةِ وَتَدْعُونَنِىٓ إِلَى ٱلنَّارِ

    Wayaa-Q̣awmi maa- leee ʹadʻookum ʹilan Najaati wa-tadʻoonaneee ʹilan Naar!

    ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىكى، سىلەرنى مەن (دوزاختىن) قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتسام، سىلەر مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەرغۇ!

  42. 42

    تَدْعُونَنِى لِأَكْفُرَ بِٱللَّهِ وَأُشْرِكَ بِهِۦ مَا لَيْسَ لِى بِهِۦ عِلْمٌ وَأَنَا۠ أَدْعُوكُمْ إِلَى ٱلْعَزِيزِ ٱلْغَفَّـٰرِ

    Tadʻoonanee liʹakfura billaahi wa-ʹushrika bihee maa- laysa lee bihee ʻilm: wa-ʹana ʹadʻookum ʹilal ʻAzeezil G̣affaar.

    سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، (بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى (ئاللاھ) قا دەۋەت قىلىمەن.

  43. 43

    لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدْعُونَنِىٓ إِلَيْهِ لَيْسَ لَهُۥ دَعْوَةٌ فِى ٱلدُّنْيَا وَلَا فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَآ إِلَى ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱلْمُسْرِفِينَ هُمْ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ

    Laa- jarama ʹannamaa tadʻoonaneee ʹilayhi laysa lahoo daʻwatuñ fid dunyaa wa-laa fil ʹAakhirati wa-ʹanna maraddanaaa ʹilal laahi wa-ʹannal musrifeena hum ʹAṣḥaabun Naar!

    ھەقىقەتەن سىلەر مېنى ئۇنىڭغا (يەنى بۇتقا) ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىسىلەر، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە (ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا) چاقىرغىنى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر.

  44. 44

    فَسَتَذْكُرُونَ مَآ أَقُولُ لَكُمْ ۚ وَأُفَوِّضُ أَمْرِىٓ إِلَى ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ بَصِيرٌۢ بِٱلْعِبَادِ

    Fasataẓkuroona maaa ʹaq̣oolu lakum. Wa-ʹufawwiḍu ʹamreee ʹilal laah: ʹinnal laaha Baṣeerum bilʻibaad.

    (سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».

  45. 45

    فَوَقَىٰهُ ٱللَّهُ سَيِّـَٔاتِ مَا مَكَرُوا۟ ۖ وَحَاقَ بِـَٔالِ فِرْعَوْنَ سُوٓءُ ٱلْعَذَابِ

    Fawaq̣aahul laahu sayyiʹaati maa- makaroo waḥaaq̣a biʹAali Firʻawna soooʹul ʻAẓaab.

    ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب چۈشتى.

  46. 46

    ٱلنَّارُ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا غُدُوًّا وَعَشِيًّا ۖ وَيَوْمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ أَدْخِلُوٓا۟ ءَالَ فِرْعَوْنَ أَشَدَّ ٱلْعَذَابِ

    ʹAn-Naaru yuʻraḍoona ʻalayhaa g̣uduwwañw waʻashiyyaa: wa-Yawma taq̣oomus Saaʻah: ʹadkhilooo ʹAala Firʻawna ʹashaddal ʻaẓaab!

    ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ).

  47. 47

    وَإِذْ يَتَحَآجُّونَ فِى ٱلنَّارِ فَيَقُولُ ٱلضُّعَفَـٰٓؤُا۟ لِلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوٓا۟ إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنتُم مُّغْنُونَ عَنَّا نَصِيبًا مِّنَ ٱلنَّارِ

    Wa-ʹiẓ yataḥaaajjoona fin Naari fayaq̣ooluḍ ḍuʻafaaaʹu lillaẓeenas takbarooo ʹinnaa kunnaa lakum tabaʻañ fahal ʹañtum mug̣noona ʻannaa naṣeebam minan Naar?

    ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىز (ئەگەشكۈچىلەر) ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىدىن بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ.

  48. 48

    قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوٓا۟ إِنَّا كُلٌّ فِيهَآ إِنَّ ٱللَّهَ قَدْ حَكَمَ بَيْنَ ٱلْعِبَادِ

    Q̣aalal laẓeenas takbarooo ʹinnaa kulluñ feehaaa ʹinnal laaha q̣ad ḥakama baynal ʻibaad!

    ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرى): «شۈبھىسىزكى، بىز ھەممىمىز دوزاختادۇرمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقاردى» دەيدۇ.

  49. 49

    وَقَالَ ٱلَّذِينَ فِى ٱلنَّارِ لِخَزَنَةِ جَهَنَّمَ ٱدْعُوا۟ رَبَّكُمْ يُخَفِّفْ عَنَّا يَوْمًا مِّنَ ٱلْعَذَابِ

    Wa-q̣aalal laẓeena fin Naari likhazanati Jahannamad ʻoo Rabbakum yukhaffif ʻannaa yawmam minal ʻaẓaab!

    دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ.

  50. 50

    قَالُوٓا۟ أَوَلَمْ تَكُ تَأْتِيكُمْ رُسُلُكُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ ۖ قَالُوا۟ بَلَىٰ ۚ قَالُوا۟ فَٱدْعُوا۟ ۗ وَمَا دُعَـٰٓؤُا۟ ٱلْكَـٰفِرِينَ إِلَّا فِى ضَلَـٰلٍ

    Q̣aalooo ʹawalam taku taʹteekum rusulukum̃ bil-Bayyinaat? Q̣aaloo balaa. Q̣aaloo fadʻoo! Wa-maa duʻaaaʹul kaafireena ʹillaa fee ḍalaal!

    ئۇلار (يەنى دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر): «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار): «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، (لېكىن) كاپىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ.

  51. 51

    إِنَّا لَنَنصُرُ رُسُلَنَا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ ٱلْأَشْهَـٰدُ

    ʹInnaa lanañṣuru rusulanaa wallaẓeena ʹaamanoo fil ḥayaatid dunyaa wa-Yawma yaq̣oomul ʹAshhaad,―

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز.

  52. 52

    يَوْمَ لَا يَنفَعُ ٱلظَّـٰلِمِينَ مَعْذِرَتُهُمْ ۖ وَلَهُمُ ٱللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوٓءُ ٱلدَّارِ

    Yawma laa- yañfaʻuz̤̣z̤̣ aalimeena maʻẓiratuhum wa-lahumul Laʻnatu wa-lahum Soooʹud Daar.

    ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.

  53. 53

    وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْهُدَىٰ وَأَوْرَثْنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱلْكِتَـٰبَ

    Wa-laq̣ad ʹaataynaa Moosal Hudaa wa-ʹawras̤naa Baneee ʹIsraaaʹeelal Kitaab―

    شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى مىراس قىلىپ بەردۇق.

  54. 54

    هُدًى وَذِكْرَىٰ لِأُو۟لِى ٱلْأَلْبَـٰبِ

    Hudañw Wa-Ẓikraa liʹulil ʹalbaab.

    (ئۇ) ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە نەسىھەتتۇر.

  55. 55

    فَٱصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ وَٱسْتَغْفِرْ لِذَنۢبِكَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ بِٱلْعَشِىِّ وَٱلْإِبْكَـٰرِ

    Faṣbir ʹinna Waʻdal laahi ḥaq̣q̣uñw wastag̣fir liẓambika wa-sabbiḥ bi-Ḥamdi Rabbika bilʻashiyyi wal-ʹibkaar.

    (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا ۋە سېنىڭ تەۋەلىرىڭگە ياردەم بېرىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.

  56. 56

    إِنَّ ٱلَّذِينَ يُجَـٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَـٰنٍ أَتَىٰهُمْ ۙ إِن فِى صُدُورِهِمْ إِلَّا كِبْرٌ مَّا هُم بِبَـٰلِغِيهِ ۚ فَٱسْتَعِذْ بِٱللَّهِ ۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْبَصِيرُ

    ʹInnal laẓeena yujaadiloona feee ʹAayaatil laahi big̣ayri sulṭaanin ʹataahum ʹiñ fee ṣudoorihim ʹillaa kibrum maa hum̃ bibaalig̣eeh: fastaʻiẓ billaah: ʹinnahoo Huwas Sameeʻul Baṣeer.

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار (ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت) مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئاللاھقا سىغىنىپ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن)، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

  57. 57

    لَخَلْقُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ أَكْبَرُ مِنْ خَلْقِ ٱلنَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ

    Lakhalq̣us samaawaati wal-ʹarḍi ʹakbaru min khalq̣in naasi wa-laakinna ʹaks̤aran naasi laa- yaʻlamoon.

    ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (بۇنى) ئۇقمايدۇ.

  58. 58

    وَمَا يَسْتَوِى ٱلْأَعْمَىٰ وَٱلْبَصِيرُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَلَا ٱلْمُسِىٓءُ ۚ قَلِيلًا مَّا تَتَذَكَّرُونَ

    Wa-maa yastawil ʹaʻmaa walbaṣeer: wallaẓeena ʹaamanoo wa-ʻamiluṣ ṣaaliḥaati wa-lal museeeʹ. Q̣aleelam maa tataẓakkaroon!

    ئەما بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن بىلەن كاپىر) باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ئاز ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر.

  59. 59

    إِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَـَٔاتِيَةٌ لَّا رَيْبَ فِيهَا وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ

    ʹInnas Saaʻata laʹaatiyatul laa rayba feehaa wa-laakinna ʹaks̤aran naasi laa- yuʹminoon.

    قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى، قىيامەت كۈنى بېرىلىدىغان مۇكاپات بىلەن جازانى ئىنكار قىلىدۇ).

  60. 60

    وَقَالَ رَبُّكُمُ ٱدْعُونِىٓ أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِى سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ

    Wa-q̣aala Rabbukumud ʻooneee ʹastajib lakum. ʹInnal laẓeena yastakbiroona ʻan ʻibaadatee sayadkhuloona Jahannama daakhireen!

    پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ».

  61. 61

    ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيْلَ لِتَسْكُنُوا۟ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ

    ʹAllaahul laẓee jaʻala lakumul layla litaskunoo feehi wannahaara mubṣiraa. ʹInnal laaha la-Ẓoo Faḍlin ʻalan naasi wa-laakinna ʹaks̤aran naasi laa- yashkuroon.

    (كۈندۈزى ئىشلەپ يەتكەن ھارغىنلىقتىن) ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ قىلىپ) ياراتتى، (تىرىكچىلىك يولىدا ھەرىكەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق ياراتتى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ئېھسانىغا شۈكۈر قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە نېمەتلىرىگە نانكورلۇق قىلىدۇ).

  62. 62

    ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ خَـٰلِقُ كُلِّ شَىْءٍ لَّآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ

    Ẓaalikumul laahu Rabbukum khaaliq̣u kulli shayʹ. Laaa ʹilaaha ʹillaa Hoo: Faʹannaa tuʹfakoon!

    ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟

  63. 63

    كَذَٰلِكَ يُؤْفَكُ ٱلَّذِينَ كَانُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ يَجْحَدُونَ

    Kaẓaalika yuʹfakul laẓeena kaanoo biʹAayaatil laahi yajḥadoon.

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھىدايەتتىن ۋە ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ شۇنداق قىلغان).

  64. 64

    ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ قَرَارًا وَٱلسَّمَآءَ بِنَآءً وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَـٰتِ ۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ فَتَبَارَكَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلْعَـٰلَمِينَ

    ʹAllaahul laẓee jaʻala lakumul ʹarḍa q̣araarañw wassamaaaʹa binaaaʹañw waṣawwarakum faʹaḥsana ṣuwarakum wa-razaq̣akum minaṭ ṭayyibaat;― ẓaalikumul laahu Rabbukum. Fatabaarakal laahu Rabbul ʻAalameen!

    ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە (تۈرلۈك) پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر.

  65. 65

    هُوَ ٱلْحَىُّ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ فَٱدْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ ۗ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ

    Huwal Ḥayyu Laaa ʹilaaha ʹillaa Huwa fadʻoohu mukhliṣeena lahud deen. ʹAl-Ḥamdu lillaahi Rabbil ʻAalameen!

    ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!

  66. 66

    ۞ قُلْ إِنِّى نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ ٱلَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَمَّا جَآءَنِىَ ٱلْبَيِّنَـٰتُ مِن رَّبِّى وَأُمِرْتُ أَنْ أُسْلِمَ لِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ

    Q̣ul ʹinnee nuheetu ʹan ʹaʻbudal laẓeena tadʻoona miñ doonil laahi lammaa jaaʹaniyal Bayyinaatu mir Rabbee, wa-ʹumirtu ʹan ʹuslima li-Rabbil ʻAalameen.

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم».

  67. 67

    هُوَ ٱلَّذِى خَلَقَكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ يُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوٓا۟ أَشُدَّكُمْ ثُمَّ لِتَكُونُوا۟ شُيُوخًا ۚ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ مِن قَبْلُ ۖ وَلِتَبْلُغُوٓا۟ أَجَلًا مُّسَمًّى وَلَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ

    Huwal laẓee khalaq̣akum miñ turaabiñ s̤umma min nuṭfatiñ s̤umma min ʻalaq̣atiñ s̤umma yukhrijukum ṭiflañ s̤umma litablug̣ooo ʹashuddakum s̤umma litakoonoo shuyookhaa,― Wa-miñkum mañy yutawaffaa miñ q̣ablu wa-litablug̣ooo ʹajalam musammañw walaʻallakum taʻq̣iloon.

    ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، (ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتتى، ئاندىن ئۇ سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن (كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە ئەقىلدە كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر- بەزىڭلار بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر- ئاندىن سىلەر مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ياشايسىلەر، سىلەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) چۈشەنگەيسىلەر.

  68. 68

    هُوَ ٱلَّذِى يُحْىِۦ وَيُمِيتُ ۖ فَإِذَا قَضَىٰٓ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ

    Huwal laẓee yuḥyee wa-yumeet; faʹiẓaa q̣aḍaaa ʹamañ faʹinnamaa yaq̣oolu lahoo ʻʻKUÑʹʹ fayakoon.

    ئاللاھ تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر، ئۇ بىرەر ئىشنى (قىلىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

  69. 69

    أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يُجَـٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ أَنَّىٰ يُصْرَفُونَ

    ʹAlam tara ʹilal laẓeena yujaadiloona feee ʹAayaatil laah? ʹAnnaa yuṣrafoon?

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟

  70. 70

    ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِٱلْكِتَـٰبِ وَبِمَآ أَرْسَلْنَا بِهِۦ رُسُلَنَا ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ

    ʹAllaẓeena kaẓẓaboo bil-Kitaabi wa-bimaaa ʹarsalnaa bihee rusulanaa fasawfa yaʻlamoon,

    ئۇلار كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز نازىل قىلغان مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ

  71. 71

    إِذِ ٱلْأَغْلَـٰلُ فِىٓ أَعْنَـٰقِهِمْ وَٱلسَّلَـٰسِلُ يُسْحَبُونَ

    ʹIẓil ʹag̣laalu feee ʹaʻnaaq̣ihim wassalaasilu yusḥaboon.

    ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ[71ـ72].

  72. 72

    فِى ٱلْحَمِيمِ ثُمَّ فِى ٱلنَّارِ يُسْجَرُونَ

    Fil ḥameemi, s̤umma fin Naari yusjaroon.

    ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ[71ـ72].

  73. 73

    ثُمَّ قِيلَ لَهُمْ أَيْنَ مَا كُنتُمْ تُشْرِكُونَ

    S̤umma q̣eela lahum ʹayna maa- kuñtum tushrikoon

    ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ مەبۇدلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ[73ـ74].

  74. 74

    مِن دُونِ ٱللَّهِ ۖ قَالُوا۟ ضَلُّوا۟ عَنَّا بَل لَّمْ نَكُن نَّدْعُوا۟ مِن قَبْلُ شَيْـًٔا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلْكَـٰفِرِينَ

    Miñ doonil laah? Q̣aaloo ḍalloo ʻannaa bal lam nakun nadʻoo miñ q̣ablu shayʹaa. Kaẓaalika yuḍillul laahul kaafireen.

    ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ مەبۇدلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ[73ـ74].

  75. 75

    ذَٰلِكُم بِمَا كُنتُمْ تَفْرَحُونَ فِى ٱلْأَرْضِ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ وَبِمَا كُنتُمْ تَمْرَحُونَ

    Ẓaalikum̃ bimaa kuñtum tafraḥoona fil ʹarḍi big̣ayril Ḥaq̣q̣i wa-bimaa kuñtum tamraḥoon.

    بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە (گۇناھ قىلىپ پۇل ـ مالنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن) خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.

  76. 76

    ٱدْخُلُوٓا۟ أَبْوَٰبَ جَهَنَّمَ خَـٰلِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى ٱلْمُتَكَبِّرِينَ

    ʹUdkhulooo ʹabwaaba Jahannama khaalideena feehaa: fabiʹsa mas̤wal mutakabbireen!

    سىلەر دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببۇرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!

  77. 77

    فَٱصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ ۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ ٱلَّذِى نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ

    Faṣbir ʹinna Waʹdal laahi Ḥaq̣q̣; faʹimmaa nuriyannaka baʻḍal laẓee naʻiduhum ʹaw natawaffayannaka faʹilaynaa yurjaʹoon.

    (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ساڭا بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك (بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىدۇر) ياكى سېنى (ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساق، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ، (قىيامەتتە ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ).

  78. 78

    وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِّن قَبْلِكَ مِنْهُم مَّن قَصَصْنَا عَلَيْكَ وَمِنْهُم مَّن لَّمْ نَقْصُصْ عَلَيْكَ ۗ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَن يَأْتِىَ بِـَٔايَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۚ فَإِذَا جَآءَ أَمْرُ ٱللَّهِ قُضِىَ بِٱلْحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلْمُبْطِلُونَ

    Wa-laq̣ad ʹarsalnaa rusulam miñ q̣ablika minhum mañ q̣aṣaṣnaa ʻalayka wa-minhum mal lam naq̣ṣuṣ ʻalayk. Wa-maa kaana lirasoolin ʹañy yaʹtiya biʹAayatin ʹillaa biʹiẓnil laah: faʹiẓaa jaaaʹa ʹamrul laahi q̣uḍiya bilḥaq̣q̣i wa-khasira hunaalikal mubṭiloon.

    سەندىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا) ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۇ چاغدا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ.

  79. 79

    ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَنْعَـٰمَ لِتَرْكَبُوا۟ مِنْهَا وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ

    ʹAllaahul laẓee jaʻala lakumul ʹanʻaama litarkaboo minhaa wa-minhaa taʹkuloon;

    مىنىشىڭلار ۋە گۆشلىرىنى يېيىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە ھايۋانلارنى ياراتتى.

  80. 80

    وَلَكُمْ فِيهَا مَنَـٰفِعُ وَلِتَبْلُغُوا۟ عَلَيْهَا حَاجَةً فِى صُدُورِكُمْ وَعَلَيْهَا وَعَلَى ٱلْفُلْكِ تُحْمَلُونَ

    Wa-lakum feehaa manaafiʻu wa-litablug̣oo ʻalayhaa ḥaajatañ fee ṣudoorikum wa-ʻalayhaa wa-ʻalal fulki tuḥmaloon.

    ئۇلار سىلەرگە نۇرغۇن پايدا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر، (قۇرۇقلۇقتا يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى) ئۇلارغا ئارتىسىلەر، (دېڭىزدا) كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر.

  81. 81

    وَيُرِيكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ فَأَىَّ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ تُنكِرُونَ

    Wa-yureekum ʹAayaatihee faʹayya ʹAayaatil laahi tuñkiroon.

    ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) قايسى ئالامەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

  82. 82

    أَفَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوٓا۟ أَكْثَرَ مِنْهُمْ وَأَشَدَّ قُوَّةً وَءَاثَارًا فِى ٱلْأَرْضِ فَمَآ أَغْنَىٰ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ

    ʹAfalam yaseeroo fil ʹarḍi fayañz̤̣uroo kayfa kaana ʻAaq̣ibatul laẓeena miñ q̣ablihim? Kaanooo ʹaks̤ara minhum wa-ʹashadda q̣uwwatañw waʹaas̤aarañ fil ʹarḍi famaaa ʹag̣naa ʻanhum maa kaanoo yaksiboon.

    ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ بۇلاردىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت) جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى.

  83. 83

    فَلَمَّا جَآءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَرِحُوا۟ بِمَا عِندَهُم مِّنَ ٱلْعِلْمِ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ

    Falammaa jaaaʹathum rusuluhum̃ bil-Bayyinaati fariḥoo bimaa ʻiñdahum minal ʻilmi wa-ḥaaq̣a bihim maa kaanoo bihee yastahziʹoon.

    ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە، ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلىنىپ (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە مەسخىرە قىلدى)، ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان (ۋە كەلسە دەپ ئالدىرىغان) ئازاب نازىل بولدى.

  84. 84

    فَلَمَّا رَأَوْا۟ بَأْسَنَا قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَحْدَهُۥ وَكَفَرْنَا بِمَا كُنَّا بِهِۦ مُشْرِكِينَ

    Falammaa raʹaw Baʹsanaa q̣aalooo ʹaamannaa billaahi Waḥdahoo wa-kafarnaa bimaa kunnaa bihee mushrikeen.

    ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا: «بىز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىز بۇرۇن (ئاللاھقا) شېرىك قىلغانلىرىمىزنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى.

  85. 85

    فَلَمْ يَكُ يَنفَعُهُمْ إِيمَـٰنُهُمْ لَمَّا رَأَوْا۟ بَأْسَنَا ۖ سُنَّتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِى قَدْ خَلَتْ فِى عِبَادِهِۦ ۖ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلْكَـٰفِرُونَ

    Falam yaku yañfaʻuhum ʹeemaanuhum lammaa raʹaw Baʹsanaa. Sunnatal laahil latee q̣ad khalat fee ʻibaadih. Wa-khasira hunaalikal kaafiroon!

    بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ (يەنى ئازابنى كۆرگەندە ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىلىق بولماسلىقى) ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر، بۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى.